- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18599
- نادىر
- 1
- يازما
- 850
ئۆسۈش
21.5%
|
يەركەن بۇ قەدىمى شەھەر خۇددى موزىيغىلا ئوخشادىكەن ، ئۇنۇڭ باغرىدا ساقلىنىپ ياتقان تارىخىمىزغا ، مەدىنىيىتىمىزگە دائىر ئىزنالار بەك كۆپكەن ، لېكىن شەھەر قىياپىتىنىڭ تەرەققىياتقا ماسلىشىش ئۈچۈن رەتلەشلىرى داۋامىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقۇتۇپتۇ .
بۇ يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئوردىسىمىش .
رەتلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئۆيلەر ...
يەركەندىكى مۇقام مەركىزى
قول ھۇنەرۋەنچىلىك
كاۋا بەك تەملىك پىشىپتۇ
بېلىق كاۋىپىمۇ بەك مەززىلىككەن
ئىسسىقتا مۇزدەك ساراڭ دۇغاپ ئىچسە ئۇسسىغان يەرگە بارىدىكەن .
بازار ئايلىنىۋاتقانلار
نامازدىن يانغان كىشىلەر
ئازنا مەسچىت
ئازنا مەسچىت يەكەن شەھىرىنىڭ كونا شەھەر تەۋەسىدىكى چاھارسۇ دىگەن جايىغا جايلاشقان بولۇپ ، 1466 - يىلى ياسالغان ، كۆلىمى 1590 كۇۋادىرات مېتىر ، ھىچقانداق ياغاچ تېرەك ياكى چازا ئىشلەتمەي 52 گۈمبەزلىك قىلىپ ياسالغان . ئازنا مەسچىت نوقۇل مەسچىت سۇپىتىدىلا ئەمەس ، يەنە تالىپلار ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان مەدىرىسە قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىغان ھالەتتە لاھىيەلەنگەن ..
ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا داڭلىق بۇ مەسچىتتىن ئەينى چاغدىكى خانلىقنىڭ سەلتەنىتىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن ، لېكىن ئاپتۇنوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدىنىيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ مۇشۇنداق ئاسىرالماي تاشلىۋېتىلىشى ئادەمنىڭ ئىچىنى سېرىدۇ .
مەسچىت ئىچىدىكى قۇدۇق
ئالتۇنلۇقۇم مازىرىغا يېقىن جايلاشقان چىلتەنلىرىم مازىرى ، بۇ مازاردا يەتتە چىلتەننىڭ قەبرىسى باركەن .
جامە مەسچىت ، بۇ مەسچىتنىڭمۇ تارىخى ئۇزۇن مەسچىتلەرنىڭ بىرى .
ئالتۇنلۇقۇم مازىرى
يەكەندىكى ئەڭ مۇھىم تارىخى ئورۇن ئالتۇنلۇقۇم مازىرى ، بۇ مازارلىق ئەينى چاغدا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ چاھار بېغى بولۇپ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تۇنجى سۇلتانى سەئىدىخاننىڭ ئالتۇن تېنى دەپنە قىلىنغان ، شۇندىن كېيىن خاننىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرى ۋە كېيىنكى خانلار مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنغان . بۇ مازارلىقتا ئايال زاتىدىن پەقەت ئاماننىساخننىڭلا قەبرىسى بار ................
بۇ مازارلىقنىڭ رەسىملىرىنى ياخشى ئاپىراتتا تارتقان ئىدىم شۇڭا ھەممىسى يوق بولۇپتۇ . ئىچىم بەك ئېچىشتى ...... خەپ كارتا ...
خەيىر - خوش يەركەن ، ئامان بول !
ئەمدى سەپەر ئەزىزانە قەشقەر .... |
|