قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1559|ئىنكاس: 16

ئۇمۇ ئۆز قىزىڭغا ئوخشاش ئەمەسمۇ؟(مازارغوجام)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

hasalharisi

8

تېما

1

دوست

2268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13190
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 570
توردىكى ۋاقتى: 129
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 12:54:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mazargojam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-16 13:05  

ئۇمۇ ئۆز قىزىڭغا ئوخشاش ئەمەسمۇ؟
    بۇ يىل 26-مارت سائەت 4:30لار بىلەن شايار ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى12ياشلىق تاجىگۈل مەكتەپتىن تارقاپ،بىر قانچە ساۋاقداشلىرى بىلەن كەنت قاراماي يولىدا، مەكتەپتىن ئىككى كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۆيىگە پىيادە خۇشال خورام كېتىۋاتاتتى.بىر كەمدە ئۇلارنىڭ كەينىدىن موتسىكىلىتلىق بىر ئادەم يانداپ ئۆتۈپ كېتىپ،ئايلىنىپ قايتىپ كېلىپ تاجىگۈلنىڭ يېنىدا توختىدى. بۇ كىشى تاجىگۈلنىڭ ئاتىسىنىڭ ئاكىسى 39ياشلىق باسىت ئىدى.باسىت تاجىگۈلگە؛«موتوسىكىلىتقا مىن»دەيدۇ.تاجىگۈل تاغىسىنىڭ ھاراق پۇراۋاتقانلىقىنى،سەل مەست ئىكەنلىكىنى سېزىپ؛«نەگە بارىمىز؟»دەپ سورىغاندا باسىت:«ئاچامنىڭ ئۆيىگە»دەيدۇ.تاجىگۈل :«مەن بارمايمەن»دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.باسىت تەرىنى تۈرۈپ؛«مايزىگە ماڭ دەيمەن!»دەپ ۋارقىرايدۇ.تاجىگۈل؛«بارمايمەن»دەپ يول بويىدىكى ئۆستەڭنى بويلاپ ئۆيى تەرەپكە قاچىدۇ.باسىت تاجىگۈلنى قوغلاپ تۇتىۋېلىپ،«موتوسىكىلىتقا مىن»دەيدۇ.تاجىگۈل قورققان ھالدا:«نەگە بارىمىز؟»دېگەندە،باسىت؛«ئۆيگە كېتىمىز»دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن تاجىگۈل تاغىسىنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ موتوسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا مىنىدۇ.باسىت موتوسىكىلىتنى مىنگىنىچە يېقىن ئەتىراپتىكى دەريابۇيىغا بارىدۇ ۋە ياندىكى توپا يولغا كىرىپ موتوسىكىلىتنى توختىتىدۇ.تاجىگۈل ئەنسىز ھالدا موتوسىكىلىتتىن چۈشمەي ئولتۇرغىنىدا،باسىت؛«موتوسىكىلىتتىن چۈشۈپ مىنىڭ ئارقامدىن ماڭ» دەيدۇ،تاجىگۈل؛« نىمىشقا ماڭىمەن؟ دىسە ، باسىت؛«ئوينىغىلى بارىمىز،بىردەم ئوينۇتۇپ ئاپىرىپ قويىمەن» دەيدۇ.تاجىگۈل؛« نىمە ئوينايمىز؟» دەپ سورىسا،باسىت؛«تولا گەپ قىلماي ماڭ،بارغاندا بىلىسەن!» دەيدۇ،تاجىگۈل؛« مەن بارمايمەن ،ئاپام ئۇقۇپ قالسا تىللاپ كېتىدۇ» دەپ تۇرۇۋالسا،باسىت غەزەپلىنىپ؛« ماڭمىساڭ بەك ئۇرۇۋېتىمەن» دەپ قورقىتىدۇ. تاجىگۈل تاغىسىغا بىر ئىشىنىپ،بىر ئىشەنمەي، ئامالسىز ئۇنىڭ ئارقسىدىن ماڭىدۇ.باسىتتاجىگۈلنى دەريا بۇيىدىكى توغراقلىق ئارىسىغا ئېلىپ كېلىپ،تاجىگۈلنى تاتلىق گەپلەر بىلەن گوللاش ۋە تىلاپ تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تاجىگۈلگە باسقۇنچىلىق قىلىدۇ.ئىش تۈگىگەندىن كېيىن باسىت تاجىگۈلگە؛«سەن ئاۋال ئېتىزلىق بىلەن مېڭىپ قاراماي يولغا چىقىپ تۇر، مەن موتوسىكىلىتنى ئېلىپچىقاي» دەيدۇ. تاجىگۈل 300مىتىر يىراقلىقتىكى قاراماي يولغا چىقىپ، يولدىن موتوسىكىلىتلىق ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تۇنۇمايدىغان بىر ئادەمنى تۇسۇپ ، ئارقىسىغا مىنگىشىپ ئۈيىگە كېلىدۇ. بۇ، كەچ سائەت 5:30لار بولغان چاغ ئىدى.قىزىنىڭ كەچ قالغانلىقىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرغان تاجىگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى تاجىگۈلدىن نىمىشقا بالدۇر كەلمىگەنلىكىنى سورىغاندا،تاجىگۈل بولغان ئىشلارنى تولۇق دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسى يېزىلىق ساقچىخانىغا دىلو مەلۈم قىلىدۇ. 2013-يىلى27-مارت شايار ناھىيىلىك ج .خ ئىدارىسىدىلونى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ،  زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، ئالاقىدار ماددىي پاكىتلار ھەم جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرارىغا ئاساسەن باسىتنى ئەمەلگە ئاشمىغان باسقۇنچۇلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ توختۇتۇپ قويدى.6-ماي شايار ناھىيەلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىندى. 9-ئاۋغۇست شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار باسىتنىڭ باسقۇنچىلىق جىنايىتى دېلوسىنى يېپىق سوت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك سەككىز يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. باسىت ئۆزىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايىتى ئۈچۈن تېگىشلىك بولغان بۇ ھەققانىي ھۆكۈمگە نارازىلىق ئەرز قىلمىدى، يېقىندا ئۇ جىنايى جازا ئۆتەش ئۈچۈن مەلۇم تۈرمىگە يۆتكەپ كېتىلدى.
ئىگىلىنىشچە ،شۇ كۈنى كۈندۈزى جىنايەت گۇماندارى باسىت قوشنا كەنتتىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا ھاراق ئىچكەن. ئۆيىگە قايتىپ مېڭىشىدا ئوقۇغۇچى قىزلارنى،بولۇپمۇ ئۆز قىزىغا ئوخشاش ئىنىسىنىڭ قىزىنى كۆرۈپ، ھاراقنىڭ كەيىپىدە ھايۋانى ھەۋىسى قوزغۇلۇپ بۇ پەسكەش ئىشنى سادىر قىلىپ،ئۇرۇق-تۇغقان،يۇرت جامائىتىنىڭ ئارىسىدا رەسۋا بولغاندىن باشقا،ھازىرتۈرمىدە مەھبۇس بولۇپ ياشىماقتا.
ئەسكەرتىش؛دىلودىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى
مەنبە:ئۆزۈم


0

تېما

0

دوست

2243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 15:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىشىمچە،بۇنداق جىنايەت بىلەن تۈرمىگە كىرگەنلەر كۆزگە ئىلىنماي ھالى ناچار بولارمىش،بوزەك قىلىنىدۇ دەيدۇ،بولسا ئامال قىلىپ تۈرمىداشلىرىغا بۇنىڭ ‹شەرەپلىك› ئىشىنى بىلگۈزۈپ قويسا.  بۇنىڭسىزمۇ بۇ بىچارىنىڭ بۇ ئۆمرى تۈگۈشۈپتۇ،قالغان ئۆمرىدە تۆۋۋە ئستىغفار ئېيتىپ ئۆتسە قانداققىن تاڭ. ئەئۇزۇبىللەھىمىنەششەيتانىررەجىم!
يېزىلىش ئۇسلۇبىدىكى گەپمۇ،ئىشقىلىپ مەن بۇ ۋەقەلىكتىكى پىرسۇناژلاردىن گۇماننى يىراقلاشتۇرالمىدىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

19

تېما

4

دوست

7423

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2736
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1138
تۆھپە : 1495
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 15:53:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ھايۋاننى تۈرمىدا چىرىتىۋەتسە بۇلىدۇ...

0

تېما

2

دوست

3487

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13559
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 843
توردىكى ۋاقتى: 157
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 16:50:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا بەندىلىرىڭگە ئىنساپ بەرگەيسەن ئامىن...!

OWQENEG OKYASE BOLSA KEYEKNEG

0

تېما

0

دوست

810

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13927
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 17:32:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاجسىنى يەپتۇ ئۇ مەلئۇن

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4406
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 18:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىنىك باسقۇنچىلىققا 10 يىل، ئىغىرىغا قاراپ ئاشۇرسا، مانىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھىجايغانلارغا 30 يىلدىن كەم بولمىسا بۇلاتتى. ئاۋۇ خەقنىڭ بەزىلېرى 18گە تۇشقاندا   تۇنجىسىغا ئۆز ئاتىسىنى رازى قىلىش قايدىسى بۇيىچە باسقۇنچىلىق جىنايەت ھىسابلانماي، بەزى ئۇقۇتقۇچى ھاڭگىلارغا ئىككى يىلمۇ ھۈكۈم قىلىنىۋاتىدۇ...

0

تېما

0

دوست

2894

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16643
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 942
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 18:56:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئىنساپ بەرسۇن.

ئەزىز-ئەزىزلىنى

1

تېما

0

دوست

1049

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10383
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 161
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 19:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا كۆڭلىگە ئىنساب بەرمىسە بىكار-دە.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )