سىتالىن ماۋزىدۇڭغا بەرگەن بەرگەن‹‹مەخپىي ھۆججەت ››
لىيۇ جىيېچىڭ
شىرئەلى تەرجىمىسى
1950-يىلى 2-يانۋار ،ماۋزىدوڭ موسكىۋادا زىيارەتتە بولىۋاتقان مەزگىلدە سىتالىن ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە:
-ئىلگىرى بىز جوڭگو ئىنقىلابىغا قارىتا بەزى نامۇۋاپىق پىكىرلەرنى بەرگەنلىكىمىزدىن ئۆكۈنىمىز،_دىگىنىچە بىر پارچە ‹‹مەخپىي دوكلات ››نى ماۋزىدۇڭغا بىرىدۇ.
شى جې سىتالىن بەرگەن ‹‹قەتئېي مەخپىي ھۆججەت ››نى تەرجىمە قىلىپ ،ماۋزىدوڭغا بىرىدۇ -دە :
-بۇ ئۈستىمىزدىن يوشۇرۇن ئەرىز قىلغان كىچىك دوكلات ئىكەن،_دەيدۇ .
ماۋزىدۇڭ ھۆججەتنى بىرقۇر كۈرۈپ چىققاندىن كىيىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :_ بۇئارىغا بۇلگۈنچىلىك سالغانلىق ! بىراق ،سىتالىننىڭ ماتىريالنى بىزگە بەرگەنلىكى ئۇنىڭ ئومۇمىيەتنى تونۇپ چوڭ ۋەزىيەتكە ئىتىبار بەرگەنلىكىنى ، ھوشيارلىقنىڭ ئىنتايىن يوقۇرلىقىنى ،باشقىلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك سىلىش دامىسىغا ئاسان چۈشمەيدىغانلىقىنى ،گەرچە بىزگە قارىتا بەزى گۇمانلاردا بولغان بۇلسىمۇ ، لىكىن ئومۇمەن قىلىپ ئىيتقاندا بىزگە ئىشىنىدىغانلىقى ،سەمىمىي ئىكەنلىكىنى ،بىز بىلەن دوستانە ھەكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
ماۋزىدۇڭ سىتالىننى ھۆرمەت قىلاتتى ،سىتالىننىڭ ئەسەرلىرىگە ۋە پىكىرلىرىگە ئەھمىيەت بېرەتتى .سىتالىن ئۇنىڭغا ‹‹مەخپىي ھۆججەت ››نى بىرىپ كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە ماۋزىدۇڭ شى جېغا مۇنداق دەيدۇ :سىتالىننىڭ بىرمۇنچە پىكىرلىرى توغرا بولغاچقا ،ئەينى ۋاقىتتا مۇھىم رول ئوينىىدى .ئالايلى 1928-ئىيولدا موسكىۋادائېچىلغان جوڭگو كومىنىستىك پارتىيەسىنڭ 6-قىتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا پارتىيىمىزدىكى بەزى رەھپەرلەر جوڭگو ئىنقىلابىنىڭ خاراكتىرى ،ۋەزىپىسى ،ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى قاتارلىق ئاساسىي نەزەريىلىرنى ،ئايدىڭلاشتۇرالماي تالاش -تارتىش قىلغان ئىدى .سىتالىن ئەينى ۋاقىتتىكى جوڭگونىڭ ئىجدىمائېي خارەكتىرى يەنىلا يىرىم مۇستەملىككە ،يىرىم فىئوداللىق جەمىيەت ؛‹‹جوڭگوئىنقىلابىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى خاراكتىرى بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلاب ››؛ ھازىر سىياسىي ۋەزىيەت ئىككى ئىنقىلابنىڭ يوقۇرى دولقۇنىدا تۇرغاچقا ،پارتىيەنىڭ باش ۋەزىپىسى ھۇجۇم قىلىش ئەمەس بەلكى ئاممىنى قولغا كەلتۈرۈپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت ، دەپ كۆرسەتكەنىدى.
بۇلار ئەينى ۋاقىتتا جوڭگونىڭ ئىنقىلابىغا يىتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان .
1953-يىلى يازدا چاقىرىلغان مەملىكەتلىك مالىيە خىزمىتى يىغىنىدا گاۋگاڭ ،راۋسۇشىلار تولىمۇ پائالىيەتچان بۇلۇپ كىتىدۇ ،ئۇلار ‹‹بويىبونى تەنقىت قىلغان بۇلۇپ لىيۇ شياۋچىغا دارىتمىلاپ ››،ھۇجۇمنىڭ تىغ ئۇچىنى يولداش لىيۇ شياۋچىغا قارىتىدۇ .يىغىن ناھايىتى جىددىي كەيپىيات ئىچىدە بىرنەچچە كۈن ئىچىلىدۇ
شى جې ماۋجۇشىدىن :-ئۇلارنىمە قىلماقچى ؟ نىمە ئۈچۈن بويىبوغا ھۇجۇم قىلىۋېرىدۇ ؟_دەپ سورايدۇ.
ماۋزېدۇڭ سۇسقىنا كۈلۈپ قويۇپ :_بويىبوغا ئەمەس يولداش ليۇ شىياۋچى بىلەن يولدان جۇئېنلەيگە ھۇجۇم قىلۋاتىدۇ !دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ھەمدە شى جىغا سىتالىن بەرگەن ھۆججەتنى ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇيدۇ . بۇ چاغدا سىتالىنىنڭ كۈرۈپ بىقىڭلار ،ئىھتىمال بۇ نەرسىنىڭ لازىمى بۇلۇپ قالار !دىگەن سەمىىمي ئاۋازى شى جېغا ئاڭلانغاندەك بۇلىدۇ.
ماۋزىدۇڭ سىتالىن بەرگەن ماتىريالىنى يەنە بىرقىتىم كۈرۈپ چىقىدۇ . بۇ ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي شىمالىي تۆمۈريول سېستىمىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان سوۋىت ئىتپاقىلىق كۇۋالىيۇۋ سىتالىنغا يازغان دوكلات ئىدى دوكلاتىتا ،جوڭگو كومپارتىيەسى ئىچىدىكى ليۇ شياۋچى ۋەكىللىكىدىكى بىر ‹‹ئامىرىكا پەرەس گۇرۇھ ››بار ،گاۋگاڭغا كەلسەك ، ئۇ سوۋىت ئىتپاقىنى زىيارەت قىلىپ جوڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن كىشىلەر ئارىسىدا سىتالىننىنڭ ليۇ شىياۋچىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ،جۇئىنلەيەە ئەۋمىيەت بەرمەيدىغانلىقىن بەلكى گاۋگاڭنىڭ ئۆزىنىلا ياقتۇردىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرگەن دىيىلگەن شۇڭلاشقا ماۋزىدوڭ گاگاڭغا بىرقەدەر دىققەت قىلدىغان بولۇپ قالىدۇ .
1953-يىلى دىكابىرنىڭ ئاخىرىدا سوۋىت ئىتپاقلىقى مىنىستىرلار سوۋىتنىڭ مۇۋىن رەئىسى قوشۇمچە مېتالچىلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى تېۋورىسئان جوڭگوغا ئەنشەن پولات -تۈمۈر زاۋۇتىنىڭ كىڭەيتىلىپ قورۇلغانلىقنىڭ پۈتكەنلىكى مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كىلىدۇ .
ئەدەبىي تەرجىمىلەردىن ئېلىندى ، باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ .
داۋامى بار ..................
|