قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: makit

بىز پەلسەپەدىن قانچىلىك يىراقلىقتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

6

دوست

3965

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1162
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 00:28:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
gulamay يوللىغان ۋاقتى  2013-9-18 12:00
بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى؟بۇيەردىكى ‹‹ئەخمەتجان قاسىمى ...

   مەنمۇ تىخى  ئەخمەتجان قاسىمى دىسە    . شۇ ئەخمەتجان قاسىمى دەپ قاپتىمەن....كەچۈرۈڭ ھە.....   

0

تېما

0

دوست

165

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22033
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 11:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umud2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-19 11:44  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئەسەرنىڭ ئاپتورى ۋە ھايات ئەخمەتجان قاسىم بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئۈۈزم چۈشەنچە بەرمىسەم بولمىدى.  ئىسمىمنىڭ مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىم بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى بىر قىسىم تورداشلاردا قىزىقىش ۋە خاتا چۈشىنىش پەيدا قىلىپ قويدى. مەن مارالبېشى ناھىيەسىدىن، 2005 - يىلى شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئونىۋېرسىتېنىڭ تارىخ فاكولتېتىنى پۈتكۈزۈپ، مەكىت ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشكەن. ھازىر مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا (ئەسلىدىكى 1- ئوتتۇرا) مەكتەپتە ئىشلەۋاتىمەن. كىتاب ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىق مېنىڭ ئىشتىن سىرتقى كەسپىم بولۇپ قالدى. بۇ ئەسەرنى مەن ئۈزۈم يېڭىدىن قۇرۇلغان، ئەممە مەزمۇنى ساز، كىشىلەر تەرىپىدىن تېخى بايقالمىغان، تەرەققىيات ئىستىقبالى بار بولغان شاھتۇر تورىغا يوللىغان ئىدىم. بىر ياخىشى نىيەتلىك قېرىندىشىم تورداشلارنىڭ بەھرى ئېلىشى ئۈچۈن بۇنى باغداشقا يوللاپتۇ. ئۈزۈم دەسلەپكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۆلۈپ كەتتىم. بەزى تورداشلار مېنى مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىم دەپ قالدىمۇ، ياكى چاقچاق قىلدىمۇ ياتقان يېرىمنىڭ جەننەتتە بولۇشىنى تىلەپتۇ. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن رەنجىمىدىم. ھەقىقەتەن بىر ئادەم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، جامائەتنىڭ خەيىرلىك دۇئاسىغا ئېرىشەلىسە، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ھاياتىمۇ ياخشى بولغۇسى. مەن بۇ ئەسەرنى پەلسەپە ھەققىدىكى مۇكەممەل يازما دېيەلمەيمەن. مەنمۇ ئۈزۈم ئويلىغاننى دەپ باقتىم. دەرسخانىدا يۇنان پەلسەپىسىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەيمەن. قوللۇق جەمئىيەت مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن ئافىنا دېمۇكراتىيەسىنى قىزغىن كۆيلەيمەن. شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەلسەپە ۋە دېمۇكراتىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرسەم دەيمەن. خەلقمىزنىڭ ئومۇمىي ھالىتىدىن ئېلىپ ېيىتقاندا پەلسەپە ھەقىقەتەن ئاجىز پەن سۆپىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاۋامنى يېتەكلەيدىغان گۈلەن، ئەركىن سىدىق، ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىن كەبى ئۇستازلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىنى تىلەيمەن. مەن تارىخ دەرسلىكىدە ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى، سانائەت ئىنقىلابىي ۋە ياۋرۇپا ئاقارتىش ھەرىكىتىنى سۆزلىگەندە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولارنىڭ ناھايىتى ئاز بولغانلىقى، ھەتتا پەقەتلا بولمىغانلىغىندىن ئەپسۇسلىنىمەن. شۇڭا، تارىختا بارلىققا كەلگەن ئىلىملەرنى قايتا قېزىش، تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ بۆگۈنكى تەرەققىياتىغا ئول سالغان بارلىق قەدەملەرنى ئىزلاپ بېسىش دەۋرنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۇيغۇر قوۋمىنىڭ مۇقەررەر يولى دەپ قارايمەن. شۇ ۋەجىدىن زىيالىلار ۋە ئاۋامنىڭ پەلسەپىۋى ئىزدىنىشىگە ئىلھام بولسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن نىيەتتە ئۇشبۇ يازمىنى يازغان. بۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشى پەيلاسۇپ بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەمما، پەلسەپە ھەققىدە ئىزدىنىدىغان، بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرىدىغان، بىر بۆلۈك زىيالىلار ئۇيغۇر قوۋمىدىن چىقىشى كېرەك، دەپ قارايمەن. ھەممە كىشى رومان يازسا، شئېر يازسا، پەلسەپە يەنىلا ئاجىز ھالەتتە تۇرغىنى تۇرغان، ئۇيغۇرلار تەپەككۇردا بىر ئىزىدا تۇرغىنى تۇرغان بولىدۇ.
بۇ ماقالىنىڭ شاھتۇردىكى مەنبەسى:http://www.xahtur.com/bbs/forum.php
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

6

دوست

3965

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1162
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 20:14:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umud2 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-19 11:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئەسەرنىڭ ئاپتورى ۋە ھاي ...

سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن... پىقىر  سىزنىڭ ئۆلىمىڭىزنى تىلىمدىم..  ھەققەتەنمۇ    ئەسەر ئاپتۇرىنى  مەرھۇم  رەھبىرمىز ئەخمەتجان قاسىمى ئوخشايدۇ  . دەپ قاپتىمەن.....

  ئۆمۈرىڭىزنى ئۇزۇن قىلغاي...

1

تېما

2

دوست

1829

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9483
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 128
تۆھپە : 450
توردىكى ۋاقتى: 316
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 22:36:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umud2 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-19 11:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئەسەرنىڭ ئاپتورى ۋە ھاي ...

مۇشۇ تېمىدىكى ئىنكاسلار سىزنىڭ بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولىشىڭىزغا سەۋەپچى بوپتۇدە ؟ قارشى ئالىمىز ، مەرھابا .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )