قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 283|ئىنكاس: 1

يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى قانداق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

3

دوست

2727

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 838
توردىكى ۋاقتى: 217
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-17 16:26:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى قانداق
تەربىيىلەش كېرەك؟
        يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە مانا 60 نەچچە يىل ئۆتتى، ھازىر يىلىغا نەچچە مىليون، نەچچە ئون مىليون ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدۇ، ئادەم سانى مىنگو دەۋرىدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا نەچچە يۈز ھەسسە ئارتۇق. لېكىن دۆلىتىمىزدە ئەڭ ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى ھەر يىلى بىر قېتىملا تارقىتىلىدۇ، مۇكاپاتقا 80، 90 ياشقا كىرىپ قالغان پېشقەدەم ئالىملار ئېرىشىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە شۇنداق ئېنىق بىر سىگنالكى، ئۇ بىزگە نەچچە ئون يىلدا مائارىپىمىزدا چاتاق چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مائارىپىمىزنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، لېكىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار چىقمىدى، دۆلەتنىڭ ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ نوپوزلۇق باھالاش بولۇپ، مەقسەت پەن-تېخنىكىدا يېڭلىق يارىتىشچان ئالدىقى قاتاردا سانىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتۇر. لېكىن ھازىرغىچە، يەنى يېقىنقى ئون يىلدا ئىختىساسلىقلار تەربىيىلەپ چىقىلمىدى. جەنۇب پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تالاش-تارتىش ئىچىدە ئۈچ يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، لېكىن كۆپچىلىك بۇ مەكتەپنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى نەرسىگە كەمدىن-كەم نەزەر سالدى. جەنۇب پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى نەرسە شۇكى، ئەمەلىيەت ئارقىلىق چيەن شۆسېن مەسىلىسىگە تىرىشىپ جاۋاب تېپىش ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش. «چيەن شۆسېن سۇئالى» ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولىۋاتقانغا ئۇزاق يىل بولغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ھەر كىم ئۆزىنىڭ پىكىرىنى بايان قىلىپ، ئېغىزدىكى تالاش-تارتىش بىلەنلا چەكلەندى، ھەقىقىي جاۋاپ بىراۋنىڭ قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىيەت ئۆتكۈزۈشىدىن كېلىدۇ، بۇ سان-ساناقسىز گەپ-سۆزدىن ئەلا.
      ھازىر چاتاق دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى بىلەن مائارىپ ئىدىيىسىدىن چىقتى. بۇ مەسىلىلەرنى ھازىر كۆپچىلىك ئانچە بەس-مۇنازىرە قىلىشمايۋاتىدۇ، ماڭا ئوخشاش مائارىپ ساھەسىدە كۆپ يىل تۇرمىغاچقا، تەسىراتى ئۇنچىۋالا چوڭقۇر ئەمەس. بۇ مەسىلە شۇكى، ھازىرقى مائارىپىمىز يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ چىقالمايدۇ.
بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار دېگەن نىمە؟
     خەلقئارا پەن-تېخنىكا سەھەسىدە كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار توغرىسىدا بەزى تەبىرلەرنى بەردى، ئەگەر ئۇنى تىل بىلەن شەرھىيلىسەك بەكمۇ زېرىكىشلىك بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرەيلى.
    باشتا، يېقىنقى زاماندىكى بىر ھېكايىنى سۆزلەپ ئۆتەي: بۇ 20-ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللىرىدىكى ئىشلار بۇلۇپ، ئەينى چاغدىكى فىزىكىدا بارلىق ماددىنىڭ ئاتوم، مولېكولادىن تۈزۈلىدىغانلىقى، ئاتومنىڭ ئاتوم يادروسى بىلەن ئېلېكتروندىن تۈزۈلىدىغانلىقى، ئاتوم يادروسىنىڭ پېروتون، نيتوروندىن ئىبارەت ئاساسلىق زەرىچىلەردىن تۈزۈلىدىغانلىقى، ئاساسلىق زەرىچىلەر بولسا ماددىي دۇنيانىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانىدى، لېكىن بارلىق ئاساسىي زەرىچىلەرنىڭ مەھەممىسى ھۆكۈم چىقىرىش داۋامىدا بايقالغانىدى. ئەينى چاغدا، فىزىكا ساھەسى ئەڭ چوڭ بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدى، ئۇ بولسىمۇ ئاساسىي زەرىچىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى بىۋاسىتە كۆزىتىدىغان چارە بارمۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت. شۇ چاغدا ئالىملار بارلىق ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى، چۈنكى ئاساسىي زەرىچىلەر بەكمۇ كىچىك بولۇپ، كۆزىتىدىغان ئۈسكۈنە ئاساسىي زەرىچىلەردىن چوڭ ئىدى، بىز يەككە فوتون بىلەن كۆزەتسەكمۇ، فوتون بىلەن زەرىچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇپ، بىر بىرى بىلەن ئۈسۈشكەندە، زەرىچە يوقاپ كېتەتتى. شۇڭا، ئاساسىي زەرىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۈزەتمەك ناھايىتى قېيىن بىر ئىش بولۇپ قالدى.
     ئەينى چاغدا، فىزىكا ساھەسىدىكى ئاڭ قابىل ئالىملارمۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە باش قاتتۇرىۋاتاتتى، شۇ چاغدىكى ئامېرىكا فىزىكا جەمئىيىتى ھەر يىلى بىر قېتىم يىللىق يىغىن ئاچاتتى. غەربلىكلەرنىڭ مەدەنىيەتىدە، يىغىنغا قاتناشقانلار ئامال بار ناتونۇش ۋەكىللەر بىلەن بىللە تاماق يەيىتتى، پېشقەدەم پروفېسسورلار ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشاتتى، چۈنكى ياش ئوقۇغۇچىلار ئەكىن پىكىر يۈرگۈزەتتى، ئۇلارنىڭ بۇ چوڭلارغا ھەر خىل ئىلھام بېرەتتى. يىللىق يىغىننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنى، چۈشلۈك تاماق مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق فىزىكا ئالىمى ئالفېرىتىز چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياش دوكتور ئاشتىسى گراساي بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئىككىسىنىڭ مەرتىۋىسى، سالاھىيىتىدە زور پەرق بولسىمۇ، گراساي ئالفېرىتىزغا ئاساسىي زەرىچىنى كۆزىتىشنىڭ ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بەردى. گراساي: ھەر قېتىم پىۋا ئىچكەندە، پوتۇلكىنى چايقىساق، نۇرغۇن كۆپۈكچىلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ، پىۋا پوتۇلكىسى ئىچىدە يۇقىرى بېسىم نۇرغۇن كۆپۈكچە ئاجرىلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنى چايقىساق، بۇ چاغدا تېرمودىنامىكا شارائىتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گاز چىقىپ كۆپۈكچىلەرگە ئايلىنىدۇ، دەيدۇ. ئۇ يەنە: ئەگەر مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن، يۇقىرى بېسىملىق شارائىتتا ئۇچۇچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك سۇيۇقلۇق بار بىر كۈزىتىشخانىسى بەرپا قىلىپ، ئاساسلىق زەررىچىلەرنى بۇنىڭغا كىرگۈزسەك، ئۇ ناھايىتى كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ سۇيۇقلۇق ئېقىپ ئۆتكەن يەردە ئېلېكتىر كۈچى ياكى دولقۇننىڭ تەسىرىدە، ئاساسلىق زەررىچە بار يەرنىڭ ئىسسىقلىق تەڭپۇڭلىقى قىسمەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ-دە، ئاساسلىق زەررىچىلەر تۇرغان جايدا كۆپۈكچە پەيدا بولىدۇ، دەيدۇ. گراساي بەش مىنۇت سۆزلەيدۇ، ئالفېرىتىز ئۇنىڭ سۆزىنى ئورۇنلۇق كۆرۈپ، قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، تەجىربەخانىسىدىكى نەچچە ئون كىشىنى يىغىپ ئۇنى مۇھاكىمە قىلىپ، بۇ چارىنىڭ ئاقىدىغان چارە ئىكەنلىكىنى بېكىتىدۇ. ئالفېرىتىز ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا گراساينىڭ ئەينى چاغدىكى ئويى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.
گراساي قانداقلا بولمىسۇن ياش، بىلىمى كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ خىيالىغا كەلگىنى ئېفىرنى يۇقىرى بېسىمغا ئايلاندۇرۇش بولۇپ، ئېفىر بولسا ئۇچۇچانلىقى كۈچلۈك ماددا ئىدى، ئۇ چاغدا ئاساسلىق زەررىچىلەر ئۇ ئارقىلىق كۆپۈكچىلەرگە ئايلىناتتى. ئېفىرنى كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى بېسىمغا ئايلاندۇرۇپ تەجرىبىدە ئىشلىتىشتە قېيىنچىلىق كۆپ ئىدى، ئالفېرىتىز بولسا دەل مۇشۇنداق ئىشقا ئېپى بار ئالىم بولۇپ، ئۇ ئەڭ ياخشىسى سۇيۇق ھېدروگېن ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلەتتى، ھازىر راكىتا ماتورىغىمۇ سۇيۇق ھېدروگېن ئىشلىتىلەتتى. گراساي بىر ئەسۋاپ، كىچىك بىر ساندۇق ياساشنى ئويلىغان بولسا، ئالفېرىتىز تەجىربەخانىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن بىر ئېغىز ئۆينى ھېملاپ، ئۇنىڭغا سۇيۇق ھېدروگېن قاچىلىدى ھەم ئۇنى «كۆپۈكلەشتۈرۈش ئۆيى» دەپ ئاتىدى. ئۇ ئاخىرى 1967-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇنى پۈتكۈزدى ھەم ئاساسلىق زەرچىلەرنى كۆزىتەلىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ فىزىكا ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈردى، بۇ 50-، 60-يىللاردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانىيەت ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زور تۆھپە قوشقانىدى. 1968-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى «كۆپۈكلەشتۈرۈش ئۆيى» نىڭ كەشپكارىغا بېرلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئالفېرىتىزنىڭ ئويلىمىغىنى شۇ بولدىكى، نوبېل مۇكاپاتى گراسايغا بېرىلدى. نوبېل مۇكاپاتى ئىلىم-پەننىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىدا ئەڭ مۇھىمى تەجىربە بىلەن «سىزنىڭ بىلىمىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى» بولماستىن، بەلكى «سىزنىڭ يېڭى ئىدىيىڭىز بار» دېگەندىن ئىبارەت، مۇكاپاتلىنىدىغىنى يېڭى ئىدىيىنىڭ كەشپ قىلغۇچىسىدۇر.
       ئالفېرىتىز كېيىن يازغان تەرجىمىھالىدا، ئۇ ئەڭ بەك ئازابلانغان بىر كۈن بولغانلىقىنى يازغان. ئالفېرىتىز ناھايىتى ئەخلاق-پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ، گراساينىڭ سۆزىنى بىر قانچە مىنۇت تىڭشىغان بولسىمۇ، ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، نەقىل كەلتۈرگەن بىرىنچى ماقالە دەل گراساينىڭ دوكلاتى ئىدى، ئەمەلىيەتتە بۇ دوكلاتنى ئۇ ئاڭلاپ باقمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئالىيجاناپ ئىلىم ئەخلاقى بار، ئۇ بۇ ئىدىيىنى ئۇنىڭغا گراساينىڭ دەپ بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئەگەر ئۇ بەش مىنۇتلۇق سۆزنى ئېتىراپ قىلمىسا، يەنە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ھېكايە توقۇپ، پىۋا ئىچكەندە كۆپۈكلەرنى كۆرۈپ مۇشۇنداق خىيالغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ھېچكىم بۇ ئوينى كىمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمايىتتى. ئالفېرىتىز پەزىلەتلىك، ئىلىم ئەخلاقى دۇرۇس كىشى بولۇپ، بۇ ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى، ئۇنىڭدا شۇنداق ئەخلاق بولمىغان بولسا، ھېلىقى ياش يىگىت بۇ پېشقەدەم نوپوزلۇق ئەربابقا ئۆزىنىڭ ئوي-خىيالىنى ئېيتمىغان بولاتتى. ئالفېرىتىز كېيىن «كۆپۈكلەشتۈرۈش ئۆيى» دىن پايدىلىنىپ باشقا ئاساسلىق زەررىچىنى بايقىدى ھەم ئۇ ئالتە يىلدىن كېيىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
       ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-، 80-يىللىرىدا، ئىلىم-پەن ساھەسى بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ تۇردى، كۆپچىللىك بۇنداق قىممەت قارىشىنى ئالقىشلايىتتى. بۇنداق قىممەت قارىشىنىڭ كەينىدە زادى نىمە بار؟ دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسى مۇنداق قارايدۇ: يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بىلىمنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئەمەس. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يادروسى، ئەڭ مۇھىمى  يېڭى ئىدىيە، بىر كىشى يېڭى ئىدىيە ھاسىل قىلىشقا ماھىرمۇ-ماھىر ئەمەس.
ئىككىنچى، يېڭلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلاردىكى تۆت چوڭ ساپا
        يېڭى ئىدىيە ھاسىل قىلالايدىغان كىشىنىڭ ساپاسى بىلەن بىلىم مول كىشىنىڭ ساپاسى ئوخشاش ئەمەس، بەلكى بەزى چاغلاردا ئەكسىچە بولىدۇ. يېڭى ئىدىيە پەيدا بولىدىغان كىشىنىڭ، گراسايغا ئوخشاش ياشنىڭ ساپاسى قانداق بولىشى كېرەك؟
      پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەسلى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى-ھەۋەس
       ھەۋەس بولسا ئادەم ئىلىم-پەندىكى مەسىلىلەرگە بەكمۇ قىزىقىدىغان بولىدۇ، ئۆزىنى %120 ئاتىۋەتسىمۇ قەتئىي ئاغرىنمايدۇ، ھەۋەس دېمەك بىرىنچى ساپا دېمەك.
      ھەممىگە ئايانكى، كيۇرى خانىم رېئاكتىۋنى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانلىقتا ئوقىۋاتقان چاغدا بايقىغان بولۇپ، ئۇ ئىشلەۋاتقان تەجرىبەخانىدا بىر پېشقەدەم پىروفېسسور بار ئىدى، بۇ كىشى مىنېرالوگىيەنى تەتقىق قىلاتتى، مىنېرالوگىيەنىڭ مەخسۇس ھەر بىر خىل مىنېرال ماددا چىققارغان نۇرنى تەتقىق قىلىدىغان ساھە بار. ئۇلارنىڭ تەجىربىسى ناھايىتى ئاددى، يىغىۋېلىنغان تۈرلۈك مىنېراللارنى قاراڭغۇ ئۆيدە يۇرۇقلۇققا سەزگۈر قەغەز بىلەن ئوراپ، بىر تۆمۈر ساندۇقتا ساقلايدۇ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن ئېلىپ چىقىپ، يۇرۇقلۇققا سەزگۈر قەغەزنىڭ نۇر سېزىش دەرىجىسىنى كۆزىتىدۇ، مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا رۇدىلارنىڭ رېئاكتىۋلىقىنى ھېسابلايدۇ.
     كيۇرى خانىم بىر قېتىم تەجرىبە ئىشلەۋاتقاندا، ئېلىپ چىققان رۇدىنىڭ قەغەزنى قاپقارا قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ، ئۇ قانداق رۇدا؟ جەنۇبىي ئافرىقىدا چىقىدىغان ئاسفالىتلىق ئۇران ئىدى. ئۇ بۇنى بايقىغاندىن كېيىن، تەجرىبىخانىدىكى كىشىلەر ناھايىتى قىزىقسىمۇ، كيۇرى خانىملا، ئەينى چاغدا تېخى كىيۇرى خانىم ئەمەس، بىر قىزچاق ئىدى، شۇلا بۇنى ئېنىقلاپ چىقماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇنى ئىلمىي ماقالە تېمىسى قىلىپ تاللىدى، بۇ ئىشنى ئوبدان قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاسفالىتلىق ئۇران تاپماقچى بولدى. ئاسفالىت دېگەن يول ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسفالىتلىق ئۇران شىركىتى ئارقىلىق 10 توننا ئاسفالىتلىق ئۇران رۇدىسى تېپىپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدى. ئاندىن كيۇرى خانىم ئۇلاردىن نۇر چىقىرىدىغان مەلۇم ئېلېمېنتنى ئاجرىتىپ ئالدى. ئۇ يول ياساش ئىشچىلىرىدەك كۈنبويى ئاسفالىتلىق ئۇران بىلەن ھەپىلىشىپ، توپتوغرا تۆت يىل سەرپ قىلىپ، نۆل پۈتۈن نەچچە گرام كېلىدىغان رېئاكتىۋ ماددا ئاجرىتىپ چىقاردى، بۇ ئىشتا ئىلىم-پەن تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ھەۋەس ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، دېيىشكە بولىدۇ.
يەنە ئېينىشتېيىن بار، ئۇ كىچىك چېغىدىلا ئالەم بوشلىقى قانداق نەرسە، ۋاقىت دېگەن نىمە دېگەندەكلەرگە بەكمۇ قىزىقاتتى، ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى باشقا كىچىك بالىلار ئۇنى ساراڭ بولۇپتۇ، دەيىتتى، ۋاقىت، باشلۇق دېگەننىڭ ئويلىغىدەك نىمىسى بار، دېيىشەتتى، لېكىن ئېينىشتىيىن بۇ سۇئاللارغا ھېچكىم ئېنىق جاۋاپ بېرەلمىدى، دەپ قاراپ، بۇ ئىشقا جاۋاپ تېپىشقا ئۆمۈربويى تىرىشتى، مانا بۇ ئۇنىڭدىكى ھەۋەس. ئېينىشتىيىن 70 ياشقا كىرگەندە، داڭلىق فىزىكا ئالىمى رابې تۇغۇلغان كۈن نۇتقى سۆزلىگەندە: ئېينىشتىيىندىن بۇرۇن ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ۋاقىت، بوشلۇق ئۇقۇمىنى                ئۇنىڭدەك تەتقىق قىلىپ باقمىغانىدى، دېگەنىدى. ئېينىشتىيىننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدىكى بىر تۈپ ئامىلى ئۇنىڭدىكى ھەۋەس، ئۇ ئۆمۈر بويى ھەۋەس قوغلۇشۇپ ياشىدى، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدەندى، ئۇ بولسىمۇ بوشلۇق، ۋاقىت دېگەن نىمەن؟
ئىلىم-پەن تارىخىدا ئەڭ چوڭ ئەسلى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى 20، 30 ياشلاردا ئۇتۇق قازانغان. بىرىنچىسى، نيوتون بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەتى مەيدانغا كەلگەن، كېيىن پروفېسسور بولغان، ئاخىرىدا كىمىياگەرلىكنى تەتقىق قىلغان، چۈنكى ئۇنىڭ بىلىمى ناھايىتى كۆپىيىپ كەتتى. ياش چاغدا، نيوتوننىڭ بىلىمى كۆپ ئەمەستى، تەجىربىسىمۇ مول ئەمەستى، لېكىن ئۇنىڭ يېڭى ئىدىيەسى ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى، بىرەر ئىشقا يۇلۇقسىلا يېڭى ئىدىيە پەيدا بولاتتى. ئالمىنىڭ يەرگە چۈشكۈنىنى كۆرۈپ، يەر شارىدا بىرى خىل كۈچ مەۋجۇدىيەتنى تارتىپ تۇرىدۇ، دەپ قاراپ، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنى بايقىدى. ئەسلى ئىجادىيەت كۈچىگە باي يەنە بىر كىشى ئېينىشتىيىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇۋۋەپپەقىيىتىمۇ 20، 30 ياشلاردا مەيدانغا كەلگەنىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەت تاپالمىدى، بىر دوستى ئۇنى پاتېنىت ئىدارىسىدا ئىشلەشكە تونۇشتۇردى، شۇ چاغدا ئۇ ناھايىتى نامرات، تەجىربىسى ئاز، بىلىمى ئاز ئىدى، نۇرغۇن كىشى ئۇنى ياراتمايىتتى، لېكىن ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كەشپىياتنى ياراتتى، ئۇ قېرىغان چاغدا ياش چاغدىكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدى.
         بۇ مىساللاردىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى ئىقتىدار ياكى ئالدىنقىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى بىلەن بېكىتىلگەن ھەرقانداق پىكىر يۈرگۈزۈش  ئۇسۇلىنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت. بۇ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدىكى ئەڭ مۇھىم  ئامىل بولۇپ، گۇمانلىنىش روھى بولىشى ياكى تەنقىدلەش روھى بولىشى كېرەك. بۇ بارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بار كىشى چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشكە روھتۇر.
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى دەسمايە-تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى
        دۇنيادىكى پىۋا ئىچىدىغان سان-ساناقسىز كىشى پىۋانى سىلكىسە كۆپۈك چىقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن گراسايغا ئوخشاش كاللىسىنى ئىشلىتىپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان كىشىدىن نەچچىسى بولىدۇ، گراساي كۆپۈكنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلىشكە ئىنتىلىپلا قالماي، يەنە بۇ كۆپۈكلەرنى ئاساسلىق زەررىچىلەرگە ئايلاندۇرۇشنىڭ قورالى قىلىش خىيالىدا بولدى.
نۇرغۇن كىشى تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى. ئىنسانىيەت ئادەم بىلەن شىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ ئادەم باشلىق شىرنى ئاپىرىدە قىلدى، مانا بۇ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. بىز ھايۋانلارنىڭ تۈرلۈك ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلالايمىز، ئاندىن مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىدا، مېڭىمىزدە ئۇلارنى پىششىقلاپ، ھەر تۈرلۈك ھايۋان باشلىق، ئادەم تەنلىك مەخلۇقاتلارنى ھاسىل قىلالايمىز، مانا بۇ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى. توغرىسىنى ئېيىتقاندا، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى دېگىنىمىز ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئۆتكەنكى ھېسسىي بىلىش ئاساسىدا ھېس قىلغان ئوبرازنى پىششىقلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ، يېڭىچە ئوبرازغا ئىگە ئالاھىدىلىكنى ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارىدۇر.
        تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەسمايىسى، يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى تۇرمۇشتا مەۋجۇت بولمىغان شەيئىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن باشلىنىدۇ. كۆپچىللىككە ئايان، يالغۇز بىر كىشى يولۋاسقا تەڭ كېلەلمەيدۇ، لېكىن ئىنسانلار ئوقيانى كەشپ قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىش ئاسانلاشتى، ئىنسانلار بىر قانچە خىل ئوخشاش بولمىغان نەرسىدىن يېڭىچە ئوبراز ۋە شەكىلنى ئىجاد قىلىپ چىقالايدۇ، ئوقيانى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن ئىنسانىيەت ئاخىرىدا مىلتىق، زەمبىرەكلەرنى كەشىپ قىلدى. ئېينىشتېيىن تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىز «بىلىم كۈچ» دېگەن سۆزنى قاتىلسىز توغرا ئېيتىلغان دەيمىز. لېكىن ئېينىشتېيىن تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بىلىمدىنمۇ مۇھىم دەپ قارايدۇ. چۈنكى بىلىم چەكلىك بولىدۇ، تەسسەۋۋۇر ئىقتىدارى دۇنيادىكى ھەممىنى مۇجەسسەملىيەلەيدۇ. پەيلاسوپ كانت مۇنداق دەيدۇ: تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ئىجادىي بىر خىل بىلىش ئىقتىدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇدرەتلىك بىلىش ئىقتىدارى بولۇپ، رېئال تەبىئەت تەمىنلىگەن شارائىتتا ئىككىنچى تەبىئەتنى يارىتىدۇ.
      تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل شۇكى، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى مول بولسا، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى ئاسانلا قوزغىيالايدۇ، ئوقۇتقۇچى ئەگەر كىتابتا نىمە يېزىلغان بولسا شۇنى ئوقۇپ بېرىپ، تەسەۋۋۇرغا باي بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ھەرگىزمۇ يېتىلمەيدۇ.
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نىشانىنى بېكىتىدىغىنى كۆزىتىش-بايقاش ئىقدارىدۇر.
      كۆزىتىش-بايقاش ئىقتىدارى دېيىلسە ئادەتتە كىشىلەر ناتونۇش ھېس قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىر كىشى مۇرەككەپ ئەھۋالغا يولۇققاندا، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچىنى تېز ئىگىلەپ، چىقىش يولى تېپىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ياخشى بىر رەھبەر ئەقىل-ئىدىرىكى ۋە كۆزىتىش-بايقاش ئىقتىدارى ئارقىلىق مەسىلىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىگىلىيەلەيدۇ. خەلقئارا پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەر بۇ ياش ئالىملارنىڭ ئىقتىدارىغا باھا بەرگەندە، ئۇلار ئادەتتە ئۇلارنىڭ بىلىمى مولكەن ياكى ئۇنىڭ تەجرىبىسى كۆپكەن دېمەيدۇ، بەلكى بۇ ياش ئالىم ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان مەسىلىگە نىسبەتەن سەزگۈرمۇ، سەزگۈر بولسا بۇ كىشىنىڭ مەسىلىنى كۆزىتىش-بايقاش ئىقتىدارىغا بولغان سېزىمى ياخشى بولىدۇ، دەپ باھا بېرىدۇ. بۇ ھازىرقى ۋاسكىتبولچىلارنى باھالاشقا ئوخشاپ كېتىدۇ، باھالىغۇچى ئۇنىڭ سېزىمى ياخشىكەن، دەيدۇ، سېزىمنىڭ ياخشى-يامان بولىشىدەك ئىشلارنىمۇ باھالاشقا بولىدۇ. شۇڭا، بىر كىشىنىڭ بىرەر ئىشقا بولغان سېزىمىنىڭ ياخشى-يامان بولىشى ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىنىڭ بۇ ئىشقا نىسبەتەن بىلىشىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى، كۆزىتىش-بايقاش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
       يەنە بىر مىسال ئالايلى، ئېينىشتېيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقاندا، مەكتەپتە دۇنياۋى ماتېماتىكتىن بىر قانچىسى بولسىمۇ، ئۇ ماتېماتىكا فاكولتېتىنى تاللىماي، فىزىكا فاكولتېتىنى تاللىدى. ئېينىشتېيىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ماتېماتىكا فاكولتېتىغا بېرىپ ئەھۋالنى كۆزەتكەن، ئەمما فاكولتېتقا بېرىپ، نۇرغۇن تارماق پەن بارلىقىنى ئۇقۇپ، بۇ پەنلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆمرىنى خورىتىۋېتىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ چىقىش يولى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. فىزىكا فاكولتېتىدا داڭلىق پىروفېسسورلار بولمىسىمۇ، ئەينى چاغدا فاكولتېتنىڭ نامى بولمىسىمۇ، فىزىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەسىنىڭ بىر بىرىگە ئوخشاشمايدىغانلىقىنى، ئۇ شۇ ھامان قايسىسىنىڭ جانغا ئەسقاتىدىغانلىقى، قايسى بىلىمنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلىگەن. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ سىتۇدېنىتلىرىنىڭ كەسپ تاللىشىنىڭ ئەكسى بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ سېزىمى بىلەن قىزىقىشى بويىچە كەسپ تاللىمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىغا كەسپنى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىسى تاللاپ بېرىدۇ، قايسى فاكولتېت ئەڭ ياخشى بولسا، داڭلىقلار كۆپ بولسا، شۇ فاكولتېتنى تاللايدۇ.
       شۇڭا، كۆزىتىش-بايقاش ئىقتىدارى ھەۋەس، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىغا ئوخشاش يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ساپا. قانداق قىلغاندا كۆزىتىش-بايقاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ ياڭ جېننىڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ مىسالىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: كۆزىتىش-بايقاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە چۈشۈنىشكە تايىنىش، كۆزىتىش-بايقاش ئىقتىدارى  ياخشى كىشىلەر بىلەن ئارلىشىش، ئۇلارنىڭ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلغانلىقىنى چۈشۈنۈش كېرەك. ياڭ جېننىڭنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ كۋانىت مېخانىكىسىنى جۇڭگوچە بىلىم بېرىش ئۇسۇلىدا ئۆگەنگەن. ئۇ چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارغاندا، ئوقۇتقۇچىسى ئامېرىكىنىڭ ۋودورود بومبىسى ئاتىسىكەن، ئۇ تالانلىق پىروفېسسور بولۇپ، دەرس تەييارلىمايلا دەرس ئۆتىدىكەن، بەكمۇ چوڭقۇر، تەپسىلىي ئانالىز قىلىپ كەتمەيدىكەن. ئۇ سىنىپقا كىرىپلا ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆتكەن دەرس سۆزلەپ نەگە كەلگەنتىم دەپ سورايدىكەن، ئوقۇغۇچىلار ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن كەلگەن يەردىن باشلاپ دەرس سۆزلەيدىكەن. دۆلىتىمىزدە ئوقۇغۇچىلار كىتابتا نىمە بولسا شۇنى ئوقۇپ بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىغا يولۇقۇپ قالسا، قانچە كۆپ ئىگىلىسىمۇ، قېلىپلىشىپ قالغان بىلىم ئېلىش يولىنى بويلاپ ماڭىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا يارىتىلغان يېڭىلىقمۇ ناھايىتى ئاددى بولىدۇ، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.
      پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇردىغىنى دىققەت كۈچى
      يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ساپاسى دىققەت كۈچىدۇر. بىر كىشىنىڭ ئىپتىدائىي مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ چوڭقۇرلىقىغا باغلىق، تەسەۋۋۇرى قانچە چوڭقۇر بولسا، يۈكسەكلىك شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، تەسەۋۋۇرنىڭ چوڭقۇرلىقى ئۇنىڭ دىققىتىنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىگە باغلىق بولىدۇ. ئەگەر بىر كىشى دىققەت كۈچىنى يېرىم سائەت مەركەزلەشتۈرەلىسە قالتىس ئىش بولىدۇ. ئېينىشتېيىننىڭ خىزمەتدىشى ئەسلەپ: ئېينىشتېيىن مەن كۆرگەن دىققىتىنى ئەڭ بەك مەركەزلەشتۈرەلەيدىغان كىشى، دەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سىر. بىز ئادەتتىكى كىشىلەر دىققىتىمىزنى بىر قانچە سېكۇنتلا مەركەزلەشتۈرەلەيمىز. ئېينىشتېيىن بولسا بىر قانچە سائەت مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. ئۇ مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى: مەن ئېينىشتېيىن بىلەن ئاپتوبۇس بېكىتىدە كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويدۇم، ئۇ چاغدا يانفونغا ئوخشاش خەۋەرلىشىش قورالى يوق، شۇڭا مۇشۇنداق كېلىشكەنتۇق، مەن يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا جىددىي ئىشىم چىقىپ قېلىپ، ئېينىشتېيىنگە خەۋەر قىلالمىغانلىقىمدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم، ئارىدىن ئۈچ سائەت ئۆتۈپ كەتتى، ئىشىمنى تۈگىتىپ، ئېينىشتېيىننى چوقۇم ئاشۇ بېكەتتە ساقلاۋاتىدۇ، دەپ پەرەز قىلدىم-دە، ئۇ بېكەتكە باردىم، دەرۋەقە ئۇ ساقلاپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن قايتا-قايتا كەچۈرۈم سورۇدىم، لېكىن ئۇ ھېچقىسى يوق، ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمىدى، دېدى، ئەسلىدە ئۇ شۇ ئولتۇرغانچە ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى مەسىلە بىلەن بولۇپ كېتىپ، بىر قانچە سائەت ئۆتكەنلىكىنى سەزمەي قالغان. بۇنداق ئىختىساس ئىگىسى مەسىلىنى يېتەرلىك چوڭقۇرلۇقتا ئويلىيالىغانكەن، چوقۇم ئىپتىدائىي مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
      دىققەت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈش نۇرغۇن ئامىلغا باغلىق بولۇپ، ئادەمنىڭ تەربىيىلىنىشى بىلەن ئىدىيە جەھەتتىكى ئامىل بار، ئەگەر سىز ھېچقانداق ئىشقا بولدى دېۋىتەلمىسىڭىز، بولمىغۇر خىياللار كۆپ بولسا، دىققەت كۈچىنىڭ مەركەزلەشتۈرەلمەيسىز. ھەرقانداق ئىشقا توغرا قارىيالايدىغان كىشى، ئارتۇقچە غەم قىلىدىغان ئىشلىرى كىشىنىڭ دىققەت كۈچى چوقۇم مەركەزلىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا بولمىغۇر خىيال بولمايدۇ، بۇ بىر كىشىنىڭ تەربىيىلىنىشىدىكى ئەڭ تۈپكى نەرسە. بۇنداق كىشى بۇ ھاياتلىقتىكى نام-ئاتاق، پايدا-زىيان دېگەندەك ئىشلارغا بەكمۇ ئېسىلىۋالماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىغاندا، سىزنىڭ دىققەت كۈچىڭىز چېچىلىپ تۇرىدۇ.
      چوڭ مېڭە ئادەم ئېنېرگىيىنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلىدىغان جاي بولۇپ، ھەر كۈنى بىزنىڭ ئېنېرگىيەمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چوڭ مېڭە خورىتىۋېتىدۇ. بىرەر مەسىلە ئۈستىدە سىز دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرمەكچى بولسىڭىز، ئەڭ ئاۋۋال مېڭىزدە قاننىڭ ئايلىنىشى يېتەرلىكمۇ ئەمەسمۇ، ئەگەر يېتەرلىك بولمىسا، سىز دىققىتىڭىزنى چوقۇم مەركەزلەشتۈرەلمەيسىز. ناھايىتى تېزلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، چوڭ مېڭىگىمۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەي قالىدۇ. قان ئايلىنىشىنىڭ يېتەرلىك بولۇش-بولماسلىقى تەن سالامەتلىكىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭمۇ تەسىرى بولىدۇ. ئەمگەك بىلەن ئارام ئېلىش مۇۋاپىق بولسا، ئادەم ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ، قاننىڭ ئايلىنىشىمۇ نورمال بولىدۇ. ماڭا ئوخشاش ياشتىكىلەر ئوبدان ئۇخلىيالمايدۇ، ئاساسلىقى كېچىسى مېڭىگە قان يېتىشمەيدۇ، بۇنداق چاغدا مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىپ، مېڭىدە قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلىغاندا، ئوبدان ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى قانداق تەربىيىلەش كېرەك؟
       ھەۋەس، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى، كۆزىتىش-بايقاش ئىقتىدارى بىلەن دىققەت ئىقتىدارى بىر كىشىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللار، ۋەھالەنكى دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەۋىسى، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى، كۆزىتىش-بايقاش ئىقتىدارى بوغۇپ قويىلىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئالىي مەكتەپكىچە، يەنە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغىچە، ھەممە باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىگە بىلىملا قۇيۇلىدۇ، ھالبۇكى تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت بۇ ئامىللارنىڭ بىلىمدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. ھازىر ئەمدى ئەسلىسەك، 50-يىللاردىن كېيىن، ئالىي مەكتەپنى  تۈزۈملەشتۈرۈشنى باشلىدۇق، مائارىپنى بىر قاتار قانۇن-نىزامغا، قائىدە-تۈزۈمگە ئايلاندۇردۇق، كۆپچىللىك بىرخىللا ئەندىزىدە ھەرىكەت قىلدى، بۇ ئەندىزە شۇكى بىلىم ئۆگىتىش تىپىدىكى، يەنى ئوقۇغۇچىلار قانچىلىك بىلىم ئۆگەندى، قانچىلىك بىلىم ئىگىلىدى، مەسىلىنى بىلىمى ئارقىلىق يېشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش دېگەنلەردىن ئىبارەت.
تەنقىد روھى بىزنىڭ مەكتەپلەردە ئىلھام بېرىلمەي، ئەكسىچە بېسىلدى، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىد قىلىش ئىقتىدارى بولۇشىنى خالاپ كەتمەيدۇ، تەنقىد ئىقتىدارىدىن باشقا، يەنە بىر قانچە ئىقتىدار بىزنىڭ مائارىپ سىستېمىمىزدا يوقىتىۋېتىلگەن، ئاسپرانتلىقنى پۈتكۈزگەندە يېڭىلىق يارىتىشنى تەلەپ قىلىمىز، لېكىن يېڭىلىق يارىتىشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىر قانچە ساپا ئاللىقاچان يوقىتىۋېتىلگەن. 2004-يىلى خەلقئارا ماتىماتېكا ساھەسىنىڭ ئالىي مۇكاپاتى ئابېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئاتىيا: ئەگەر سىز مەلۇم ساھەدە ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەن بولسىڭىز، سىزمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش پىكىر يۈرگۈزۈدىغان بولۇپ قالىسىز، سىز ئەگەر يېڭى كەلداخۇن بولسىڭىز، ئەتىراپىڭىزدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايسىز، قانچە ياش بولسىڭىز ھەقىقىي ئەسلىي ئىجادىيەتكە ياتىدىغان نەرسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئېھتىمالىڭىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئەنە شۇنداق، بۇ ئالىملارنىڭ تەجىربىسى خېلى مول، بىلىمىمۇ كۆپ، بىر كىشى بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرسا، پىكىر يۈرگۈزۈشى بىر قېلىپقا چۈشۈپ قالىدۇ، سەكرەپ چىقالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەرقانچە قىلسىمۇ ياماق سالىدىغان ئىشتىن باشقىنى قىلالمايدۇ. ھەقىقىي ئەسلىي ئىجادىيەتكە ياتىدىغان نەرسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بارلار ياشلاردۇر، چۈنكى ئۇلار ئىدىيەنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۇلاردا يېڭى ئىدىيە ئاساسانلا پەيدا بولىدۇ. بۇنداق پىكىر يۈرگۈزۈش ئەندىزىسىدىن سەكرەپ چىقىپ، ئەنئەنىۋى پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندا تەنقىد ئىقتىدارى بولىدۇ.
        تۆت جەھەتتىكى ساپا مائارىپىمىزدا ئاۋۋال يېتىلدۈرىدىغان نەرسە، ھالبۇكى ھازىر مائارىپىمىزدا بۇلارغا سەل قارالدى، ئۇلارنى يوقاتتى. بىر گېزىتتە مۇنداق بىر پارچە ماقالە بېرىلدى: بىر جۈپ ياش ئەر-خوتۇن پەرزەنتىنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ھەر ئامال-چارە بىلەن تىرىشىپتۇ، ئۇلارنىڭ بالىسى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ناھايىتى مولكەن، بەكمۇ جانلىق ھەم شوخكەن، لېكىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن زىددىيەت تۇغۇلۇپتۇ، چۈنكى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلىرىنى تېكىست يادلاتقۇزۇپتۇ، كەلسە-كەلمەس ئويلاشقا يول قويماپتۇ، مەسىلەن: «ئۆينىڭ ئالدىدا ياپيېشىل چىملىق بار» دېگەننى شۇ پېتى يادلاشقا بۇيرۇپتۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ساقلاپ قېلىپ باشقىچە ئىپادىلەپ بېرىپتىكەن، شۇ ھامان لاياقەتسىز بولۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئاتا-ئانىسى غەمگە پېتىپ، بالىسىغا ھەرگىز قالايمىقان ئويلىما، تېكىستە قانداق بولسا شۇ پېتى يادقا ئېلىۋالغان، قانداق دېيىلگەن بولسا شۇنداق يازغىن دەپ تەربىيە قىلىپتۇ. ئوقۇتقۇچى بىلەن ئاتا-ئانىلار بىرلىشىپ بالىنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى بىلەن ھەۋىسىنى مانا مۇشۇنداق بوغۇپ تاشلىغان، ئالىي مەكتەپكە بارغاندا، ئاسپىرانتلىقتا ئوقىغاندا قانداق بولار؟ ئەسلەپ باقساق بولىدۇ، ئەينى چاغدا مەكتەپتە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى، ئوقۇتقۇچىسى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بۇ ئوقۇغۇچىلار شۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتتە ھېچقانچە ئىش قىلالمايدۇ. مەكتەپتە نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىغان، قائىدىگە بوي سۇنمايدىغان، ئوقۇتقۇچىلىرى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار نى-نى ئىشلارنى قىلالايدۇ، بۇ مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم.
       بىز ھەمىشە ياۋروپا-ئامېرىكا ئەللىرىدە كەشىپ قىلىنغان يېڭى نەرسىلەرگە تەلپۈنۈپ، ئۇلار كەشىپ قىلغان يېڭى نەرسىلەر ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ كېتىمىز، لېكىن بۇ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەڭگۈ مۇشۇنداق قىلىشىمىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەسىلىنىڭ تېگىدىن سۈرۈشتۈرگىنىمىزدە، ئەۋلاتمۇ ئەۋلات تەربىيىلىنىپ چىقىۋاتقانلار، يېتىلدۈرۈلىۋاتقان بۇ ئىقتىدارلار پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا باب كەلمەيدۇ. ھازىر بىز مائارىپىمىزدا چاتاق بارلىقىنى ئوقتۇق، تەربىيىلەپ چىققان ئاتالمىش ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس، شۇڭا، ياۋروپا-ئامېرىكا ئەللىرىنىڭ كەشىپ قىلغان يېڭى نەرسىلىرىگە ئىنتىلمەي، ھەۋەس قىلماي ئامالىمىز يوق. جەنۇب پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇشۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئاباي ئېيىتقىنىمدەك نۇرغۇن ئالىي مەكتەپمۇ ئۆزگىرىش ياساشنى ئويلاۋاتىدۇ، ئۆزگىرىش تەدرىجىي بولىدۇ، ئۆزگىرىش ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسىلا، بىر نەچچە ئەۋلات يېڭى كىشىلەر تەربىيىلىنىپ چىقىدۇ، دۆلىتىمىزمۇ دۇنيادىكى ھەقىقىي كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، بولمىسا دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان تەقدىردىمۇ ئېتى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇق بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى بىز تەربىيەلەپ چىققان ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمايدۇ.
يېڭىلىق يارىتىشتا ئاساسلىقى كونا قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاش شۇنىڭدەك ھازىرقى ئىدىيە ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پەن-تېخنىكىدا تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك، بۇ ئەڭ مۇھىم ئېنىقلىما. يېڭىلىق يارىتىشتا بىز نەزەرىمىزنى تېخىمۇ يىراققا تاشلىشىمىز، ھەقىقىي ئەسلىي ئىجادىيەتكە ياتىدىغان يېڭىلىق يارىتىشقا كۆز تىكىشىمىز كېرەك. مۇشۇ ئاساستا، بىز پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز، لېكىن بۇنداق نەپ تار دائىرلىق بولۇپ قالسا بولمايدۇ، نەزەر دائىرىمىز تار بولۇپ قالسا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە يۈكسەكلىكى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
      بىر دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى بىر ھەربىي قوشۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا كۆپ قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار بولىشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ئەسكەر پەيجاڭ بولالىسۇن، بۇ ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئىش، ئۇلارنىڭ ساپاسى ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەتنىڭ سەۋىيەسىنى بەلگىلەيدۇ. كەسپ مەكتەپلىرى تەربىيەلەيدىغانلار دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاددىي ئەمگەكچىلىرى بولۇپ، بۇ ئاددىي ئەمگەكچىلەرنىڭ ھازىر ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ، شۇنداق بولسا دۆلىتىمىز ھەقىقىي قۇدىرەت تاپىدۇ. ئاددىي ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنىڭ دۆلەت ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ ئالىملار بىلەن تەتقىقات تىپىدىكى ئىختىساسلىقلاردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.
(بۇ ماقالە مۇدىر جۇ چىڭشىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئېلان قىلىندى)

0

تېما

0

دوست

2066

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 520
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 13:03:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىكەن،رەھمەت. يېڭىلىق يارىتىش بىز ئۇيغۇرلاردا تېخىمۇ كەم ئۇچرايدىغىن ئەھۋال،ئەلۋەتتە،يېڭىلىق يارىتىشىمىزغا مۇنبەت تۇپراقنىڭ يوقلىغى بىر سەۋەپ بولسىمۇ،ئەمما ھازىرقى ئىدىيە ئېقىمىمىزنىڭ ئۇنى ئاسانلا يىتىم قويىدىغانلىغىدەك ئىچكى ئامىلنىمۇ دىققىتىمىزدىن ساقىت قىلساق بولمايدۇ،بىزدىمۇ  يېڭىلىق ياراتماق بولۇپ يەڭ تۈرۈپ ماڭغان ئوغلانلىرىمىز ئاز ئەمەس،بولسا شۇلارنىڭ سېپى زورايسۇن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )