قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1081|ئىنكاس: 0

كەشپىياتى ئۆز جېنىغا زامىن بولغان ئالىملار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

0

دوست

2459

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 557
تۆھپە : 283
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 13:54:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كيۇرى خانىم. كيۇرى خانىم فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى پولشالىق ئالىم بولۇپ، ئۇ رادىيوئاكتىپ ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، رادىي، پولونىيدىن ئىبارەت بىر قاتار يېڭى ئېلېمېنلارنى بايقىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ رادىيوئاكتىپ پرىنسىپلىرى ۋە رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپنى ئايرىش ئۇسۇلىنىڭمۇ خېلى نامى بار. 1903- يىلى ئۇ يولدىشى پىئېر بىلەن بىرلىكتە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ۋاقىتلاردا رادىيوئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى تېخى بايقالمىغاچقا، كيۇرى خانىم تەجرىبە قىلغاندا ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانىدى. ئۇ بەزىدە رادىيۇئاكتىپلىق ئېلېمېنتلار قاچىلانغان پروبىركىلارنى يانچۇقىغا، بەزىدە تارتمىغا سېلىپ قوياتتى. كيۇرى خانىم ئۇزۇن مۇددەتكىچە رادىيۇئاكتىپلىق ئېلېمېنتلار بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن، يامان سۈپەتلىك قان ئازلىق كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. 

*توماس مىكىر. توماس مىكىر ئامېرىكىلىق خىمىك بولۇپ، قوغۇشۇنلۇق بېنزېن ۋە خلور، فتور، ھىدروكاربوناتلارنى كەشىپ قىلغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا نۇرغۇن مەدھىيلەشلەرگە مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كەشپىياتى بىلەن "يەر شارى تارىخىدا ئاتموسفېراغا ئەڭ زور زىيان يەتكۈزگەن ۋە جانلىقلارنىڭ جېنىغا ئەڭ كۆپ زامىن بولغان ئالىم" دىگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئۇ كېيىن يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن پارالىچ بولۇپ قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، چاقلىق ئارغامچا سېرىلگۈچنى كەشىپ قىلغان. كېيىن، ئۇ 55 ياشلارغا كىرگەن مەزگىلدە، ئارغامچىغا چىرمىشىپ قېلىپ ئۆلگەن. 


*پاررى توماس. پاررى توماس ئاپتوموبىل ماھىرى ۋە ئىنژىنېرى بولۇپ، چۈشىدىمۇ مالكولم كامبېلنىڭ ياراتقان مۇسابىقە رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ، ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، بىر ئۆزگىچە مۇسابىقە ئاپتومۇبىلىنى ياساپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا بابۇس دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئۇ بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، چاق بىلەن ماتورىنى تۇتاشتۇرىدىغان زەنجىرنى ئاپتوموبىلنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 1926- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى مۇسابىقىدە پاررى توماس ئاخىرى يېڭى رېكورت يارىتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى سائىتىگە 170 كىلومېتر ماڭىدىغان قىلىپ تەڭشەيدۇ. ئەمما، ئۇ ياراتقان يېڭى رېكورتنى ئىككىنچى يىلى مالكولم كامبېل يەنە بۇزۇپ تاشلايدۇ. پاررى توماس سۈرئەتنى يەنە تېزلىتىپ، بۇ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ زەنجىرى توساتتىن ئۈزۈلۈپ ئۆزىگە تېگىپ كېتىپ نەق مەيداندىلا ئۆلىدۇ. 

*ۋىليام برۇك. ۋىليام برۇك ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى بولۇپ، ئۇ 1863- يىلى تېز ئايلىنىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك چاقلىق باسما ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى باسمىچىلىق ئىشلىرىغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. بىر قېتىم ئۇ باسما ماشىنىسىنى رېمونت قىلىۋېتىپ، ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەن بىر چاقنى پۇتى بىلەن تېپىپ جايىغا كەلتۈرۈپ قويماقچى بولغاندا، پۇتى ئېغىر زەخمىلىنىدۇ ۋە ئوپېراتسىيە ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. 


رىللېينتار. رېللېينتار گېرمانىيەلىك ئىنژىنېر ۋە شۇڭغۇپ ئۇچۇش ماھىرى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان پلانېرنى لايىھىلەپ ياساپ چىققان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا "پلانېر ئاتىسى" دەپ نام بەرگەن. نۇرغۇن ئەللەرنىڭ گېزىت- ژورناللىرى ئۇنىڭ پلانېردا پەرۋاز قىلغان سۆرەتلىرىنى باسقان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى كۆكتە پەرۋاز قىلىش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما 1896- يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۈنى ئۇ پلانېردا پەرۋاز قىلىۋاتقاندا قاتتىق بوران چىقىپ كەتكەنلىكتىن، پلانېر يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. شۇ ۋەجىدىن رېللېينتارمۇ ئېغىر يارىلىنىپ، ئۇمۇرتقىسى سۇنۇپ، ۋاپات بولغان. ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا ئىنىسى گۋستافقا "ھەر قانداق بىر كەشپىياتتا ئادەملەر ھامان قۇربان بولۇپ تۇرىدۇ" دىگەن. 

*كاررېل سۇزاك. كاررېل سۇزاك كانادالىق سېرىك ئارتىسى ئىدى. ئۇ ھەممە يېرى پىچەتلەنگەن بىر كېمە كەشىپ قىلىپ، ئاندىن بۇ كېمىگە ئولتۇرۇپ، نېئاگارا شارقىراتمىسىدىن چۈشۈپ ئۇتۇق قازانغان. سۇزاك بۇ جەرياندا گەرچە ئازراق زەخمىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن. 1985- يىلى ئۇ بىر شىركەتنى ئۆزىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشقا قايىل قىلىپ يەنە بىر قېتىم خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماقچى بولغان. ئۇ تەۋەككۈل قىلماقچى بولغان جاي ھيۇستوندىكى ئۈستى دۈگىلەك شەكىللىك سۈزۈك ئەينەكلىك كالتەك توپ مەيدانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىزلىكى 54 مېتىر ئىدى. بىنا ئۈستىدە سۈنئىي شاقىراتما ياسالغان ئىدى. ئەمما، سۇزاكنىڭ بۇ قېتىم تەلىيى كەلمىدى. ئۇنىڭ كېمىسى شاقىراتمىدىن پەسكە چۈشكەندە، شارقىراتما كۆلچىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشمەي قالغانلىقتىن كېمە پارە- پارە بولۇپ كەتتى. سۇزاكمۇ ئېغىر يارىلىنىپ، ئەتىسى ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سۇزاككا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدىغان سېرىك ئارتىسى دىگەن نام بېرىلدى. ئۇنىڭ پارە- پارە بولۇپ كەتكەن كېمىسى تا ھازىرغىچە نيۇيوركتىكى موزىيخانىدا ساقلانماقتا

ئالىكساندىر بودانوف. ئالىكساندىر بودانوف روسىيەلىك فىزىك ۋە ئىقتىسادشوناس، شۇنداقلا يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن فانتازىيە رومان يازغۇچىسى ۋە بىر ئىنقىلاپچى. ئۇ ئىلگىرى قان سېلىش ئارقىلىق ئادەملەرنى ياشارتىش مەقسىتىدە بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئىشلىگەن ئىدى. ئۇ نۇرغۇن مەشھۇر زاتلارغا جۈملىدىن لېنىننىڭ سىڭلىسىغىمۇ قان سالغان ئىدى. كېيىن ئۇ ئۆزىگىمۇ قان سېلىپ بېقىش قارارىغا كېلىپ، بەزگەك ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ قېنىنى ئۆزىگە سالىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇنىڭدىن يۇقۇملىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ.  

ھېنرىي ۋىنتانلېي. ھېنرىي ۋىنتانلېي ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر ماياك لايىھىلىگۈچى ۋە ئىنژىنېر ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياساپ چىققان ماياكنىڭ مۇستەھكەملىكىگە ناھايىتىمۇ ئىشەنچ باغلايتتى. ئۇ، قاتتىق بوران چىققاندا ئۆزى ياسىغان ماياكتا تۇرۇپ بېقىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. 1753- يىلى 11- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنىدە ئۇ بەش ئادەم بىلەن بىرلىكتە ماياكنىڭ بەزى يەرلىرىنى رېمونت قىلىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت قاتتىق بوران چىقىپ، مۇنارنى ئۆرىۋېتىدۇ. بەخىتكە قارشى ھەممىسى نەق مەيداندا ۋاپات بولىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )