جۇڭگو نېمە ئۈچۈن ئورۇش قىلمايدۇ؟
لاۋجى
دولان تەرجىمىسى
جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ چوڭ دۆلەت جەنۇبى دېڭىزدا رەقىبلىرىدىن نەچچى يۈز ھەسسە كۈچلۈك ھەربى كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئارال تالاش-تارتىشىدا،دېڭىز تەۋەلىكىنى بۆلۈشۈپ، بايلىقنى تاران-تاراج قىلىشتەك بۇلاڭچىلىق ھەركەتكەتىزپۈكۈپ، قاراپ تۈرۈشى ھەقىقەتەن قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. جەنۇبى دېڭىزدىن سىرت يەنە شەرقىي دېڭىز، سېرىق دېڭىز ( 黄海)، جەنۇبى تىبەت قاتارلىق زېمىن مەسىلىسىدە مۇرەسسەنى ئاساس قىلغاچقا،تاجاۋۇزچىلار جۇڭگونى ئاجىز، توخۇ يۈرەك، كىم زېمىننى بېسىۋالسا شۇنىڭغا پۇل تۆلەپ سۈلھى تەلەپ قىلىپ، ۋەقەنى تىنجىتىدىغان يارىماسلار دەپ قاراپ كەلدى، 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل شۇنداق بولغاچقا، كىچىك دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتنى ئانىي تېپىشى ۋە ئاجىزدۆلەتنىڭ كۈچلۈك دۆلەتنى ئانىي تېپىشىدا جۇڭگو دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.ئەسلىدە زېمىن تالاش-تارتىشى ئەزەلدىن قوراللىق كۈچنى ئارقا تىرەك قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئارمىيەنىڭ مەجبۇرىيىتى دۆلەت زېمىننى قوغداش بولسىمۇ، مۇرەسسەچىلىك ھەممىنى بەربات قىلىپ، تاجاۋۇزچىلار خالىغىنىنى قىلىدىغان ھالەت پەيدا بولدى، 30يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىزچىل تالان-تاراج قىلىنسىمۇ، ئىزچىل ئورۇش قىلىشقاپېتىنالمىدى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ كەمىنە قەلەم ئىگىسى تۆتخىل سەۋەب بار دەپ قارايمەن.
1، ئورۇش قىلىشقا پېتىنالماسلىق
بىرىنچى دۆلەت ئىچىنىڭ مۇقۇم بولماسلىقىدىن قورقۇش. كونىلار « تاشقى دۈشمەنگە زەربە بىرىش ئۈچۈن ئالدىبىلەن ئىچكى ئامانلىق بولۇش لازىم » دېگەن، سىرىتقا قارىتا ئورۇش قىلىش ئەمەلىيەتتە ئەل رايى بىلەن ئەسكەرنىڭ جاسارىتىگە باغلىق بولۇپ، بۇجەھەتتىكى ئەھۋال كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى بىربۆلۈك ئالدىن بېيىغان ئاقسۆڭەكلەرتەبىقىسىنى ئاپىرىدە قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاۋۋال باي بولۇشى ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىش ۋە خەلقنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن بولغاچقا،ئۇلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە زورىيىشى، پۈتۈن جەمئىيەتنى پارچىلاپ، ئېغىر بولغان ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنىشنى پەيدا قىلدى، جەمئىيەتتە 0.4-%0.5 ئىگىللەيدىغان بايلار، جەمئىيەت بايلىقىنىڭ %70 نى ئىگەللىۋالغان ئىدى، ئۇلار بېيىغاندىن كېيىن باشقىلارنى يېتەكلىمەي، ئەكسىچە بايلىقىنى چەتئەلگە يۆتكىۋەتتى، ئېغىر بۇزۇلغان ئېكىلوگىيەلىك مۇھىت ۋە قەرىزگە بۇغۇلغان دۆلەت مالىيەسىنى %90 ئارتۇق ئەمگەكچى ئاممىسىغا تاشلاپ قويغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت ھەريىلى مالىيەدىن نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداشقا مەجبۇر بولدى، بۇ پۇل ھەربىي راسخۇتتىن نەچچى ھەسسە ئېشىپ كەتكەن ئىدى. بۇخىل ئەھۋالدا سىرت بىلەن ئورۇشۇپ ناۋادا غەلبە قىلالمىسا، ئىچكى زىددىيەت تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ، دۇشمەننىڭ تاجاۋۇز قىلىشىنى توسۇيالماي، ئارقىمۇ-ئارقا ئىچكى قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇشى تەبىئى.
ئىككىنچى ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشىدىن قورقۇش. جۇڭگونى چەكلەش ۋە پارچىلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا جۇڭگونى قورشاش ئىستىراتېگىيىسىنى قوللاندى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر جۇڭگوغا ئۇرۇش قوزغاشتا ئامېرىكىغا تايىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى، جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورۇشسا ئامېرىكىنىڭ ئارلىشىش ئېھتىماللىقى چوڭايدى. ئامېرىكىنىڭ ئارلىشىشىغا نىسبەتەن جۇڭگۇنىڭ تەييارلىقى بولسىمۇ بىراق غەلبە قىلىش ئىشەنچىسى يوق ئىدى، بۇنى ئىككى تەرەپتىكى سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان دىيىشكە بولىدۇ، بىرىنچى سەۋەب ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغانداجۇڭگونىڭ قورال-ياراقلىرى قالاق، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان ئىقتىسادى قورۇلۇشنى مەركەز قىلىپ « ئارمىيە ئۈزىنى تۇتۇۋېلىش » نى ئوتتۇرىغا قويغاچقا،جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراقتىكى پەرقى زورايدى، بولۇپمۇ ئايروپىلان ۋەئاۋىئاماتكا تەرەققىياتىنى كىچىكتۈرگەچكە، ئارمىيىمىزنىڭ سىرتقى دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتتى. ئىككىنچى سەۋەب ئىسراتېگىيىلىك ئىدىيەنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا پەرەس سەرخىللارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ رايىغا بېقىپ، « 3-دۇنيا نەزىرىيىسى » دىن ۋازكېچىپ، ئىتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، دوستلاردىن ئايرىلىپ قېلىپ، تەنھا-يىتىم ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
ئۈچىنچى شەخسىلەرنىڭ چەتئەلدىكى مەبلىغىنى توڭلىتىشتىن قورقۇش. جۇڭگودا كۆپلىگەن چىرىك ئەمەلدارلار بار بولۇپ،ئۇلار مال-مۈلكىنى چەتئەلگە يۆتكىۋەتكەن، ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوباما ئامېرىكىدىكى 1مىليون 800 مىڭ جۇڭگولۇق ئەمەلدارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە مال-مۇلكىنى ئاشكارىلايمەن دەپ تەھدىت سالغان ئىدى، ھەقىقەتەن مۇشۇ ئەمەلدارلار مال-مۈلكنى ئاشكارىلاشقا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرغان بولۇپ، بۇلار ئەمەلىيەتتە چۈشكۈنلىشىپ ۋەتەن خائىنىغا ئايلانغان ئىدى. جۇڭگونىڭ رەھبەرلىرى پۇلنى چەتئەلگە ئامانەت قويدىمۇ-يوق؟ خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەش توغرىسىدىكى بىرپارچە ماقالە بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدۇ، ماقالىدە دېيىشىچە 1986-يىلنىڭ ئاخىردىكى بىرقېتىملىق سىياسىي بىيرۇنىڭ تۇرمۇش يېغىنىدا باش شۇجى خۇ ياۋباڭنىڭ بۇرژۇئازىيىچە ئەركىنلەشتۈرۈشنى تەنقىدقىلغان بولۇپ، خۇ ياۋباڭ قايىل بولماي، يوقىرى ئاۋازدا « ھەممىڭلار مېنى ئۇنىمىسىمۇ بولمايدۇ، بۇ نىمىسىمۇ بولمايدۇ دەيسىلەر، مۇشۇ جايدا ئولتۇرغانلاردىن شۇنى سوراپ باقسام، مۇشۇ سورۇندىكى دىڭ ھەدە ( دىڭ يىڭ چاۋ ) نىڭ چەتئەلدە ئامانەت قويغان پۇلى يوق، ئۇندىن باشقا كىم چەتئەلدە پۇل ئامانەت قويمىدىم دېيەلەيدۇ؟مەنمۇ چەتئەلدە پۇل ئامانەت قويمىغاچقا سىلەردىن كۈچلۈك » دېگەن، بۇنىڭدىن يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بورۇنلا چەتئەلگە مال-مۈلكىنى ئامانەت قويغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا ۋە غەرپ دۆلەتلىرى باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ئارقىلىق جازالاشقا ماھىر بولغاچقا، جۇڭگونىڭ ئورۇش قىلماسلىقى مال-مۈلكىنىڭ توڭلىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېگىلى بولمايدۇ، جۇڭگوبىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا داۋيۈ ئارىلى تالاش-تارتىشى ئەۋجىگە چىققاندا،گوۋۇيۇەندىكى يوقىرى دەرىجىلىك مەلۇمبىر ئەمەلدار « داۋيۈ ئارىلىدىكى ھەربىر گىيا،ھەربىرتامچە سۇ جۇڭگونىڭ » دەپ قاتتىق سۆزلىگەننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئامېرىكا « نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى » مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ چەتئەلدىكى 2 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق مال-مۈلكىنى ئاشكارىلىۋەتكەن ئىدى، گەرچە بۇ ئەمەلدار بۇنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاپ خەلقنىڭ گۇماننى تۈگەتمىگەن ئىدى.
تۆتىنچى ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان زايومنىڭ قىممىتى چۈشۈشتىن قورقۇش. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ زايوم پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بولۇپ،تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ 20 تىرليۇن يۈەندىن كۆپرەكى دوللار بولۇپ، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى بىلەن قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتتى، ناۋادا ئامېرىكا بىلەن ئورۇش يۈزبەرسە، بىزنىڭ 15 تىرليۇن دوللارلىق ئامېرىكا زايومى ۋە شىركەتلەرنىڭ پايچېكى بىر كىچىدىلا قورۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالاتتى.
2، ئورۇش قىلالماسلىق
ئورۇش قىلىشتا ئارمىيىگە تايىنىدۇ،ئارمىيە جەڭگىۋارلىققا تايىنىدۇ، جەڭگىۋارلىق دېگەن ساغلام روھ دېگەنلىك، ئىلگرى ئارمىيە ماۋزېدوڭ ئىددىيىسىنىڭ چوڭ مەكتىپى ئىدى، ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى بىلەن قوراللانغان خەلق ئارمىيىسى جەڭگىۋار روھقا ئىگە بولۇپ، ئورۇش قىلىشتا يېڭىلمەس قوشۇن ئىدى، شۇڭا ئامېرىكا « ئازادلىق ئارمىيىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىن قورقمايمىز،بەلكى ئازادلىق ئارمىيىدىكى ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىدىن قورقىمىز » دېگەن ئىدى. بۈگۈنكى ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋارلىقى قانداق؟ كىشىلەر ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ ئىدارە قىلىش ئىددىيىسىدە ماۋزېدوڭ ئىددىيىسىنىڭ يوقالغانلىقىنى، قىسىم بىلەن يەرلىكنىڭ ئوخشاشلا چىرىكلەشكەنلىكىنى، ئەمەلدارلىقنىمۇ ۋە ئەسكەرلىكنىمۇ پۇلغا سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى، ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبىي دېڭىزداتالاش-تارتىش بولغان ۋاقىتتا، دېڭىز ئارمىيىمىزنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى بىرتوپ ئاشنىلىرى بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ يۇرگەن، ناتوغرا كەيپىيات پۈتۈن ئارمىيىنى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، نېمە ئۈچۈن ئورۇش قىلىش ۋە كىم ئۈچۈن ئورۇش قىلىش مۇھىم مەسىلە بوپ قالغان ئىدى، مۇشۇنداق بىر قوشۇن ئورۇش قىلالامدۇ؟ جاۋابى كىشىنى بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەندۈرىدۇ.
3، ئورۇش قىلىشنى بىلمەسلىك
جۇڭگو 30 يىلدىن بۇيان ئورۇش قىلىپ باقمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقۇرىدىن-تۆۋەنگىچە ئۇرۇش تەجرىبىسى كەمچىل، قۇرۇق ھەيۋەقىلىش، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش، ئۇرۇشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇش كەيپىياتى ئومۇمىيۈزلىك مەۋجۇت، بۇلۇپمۇ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ھەربى ئىشلارنى چۈشەنمەسلىك مەسىلىسى ساقلانماقتا. ئىلگىركى پىشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن، ھازىرقى ئامېرىكا، روسىيە ۋە غەرپتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتەش تارىخى بار، ئەنگلىيە شاھزادىسىمۇ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەپ بىۋاستە ئالدىنقى سەپكە بارغان بولغاچقا، ئۇرۇشتىن قورقمايدۇ، مەملىكىتىمىز12-نۆۋەتلىك سىياسىي بىيرۇ دائىمى كومتىتى يېغىندىن باشلاپ ئارمىيىنىڭ سىياسىي بىيرۇدىكى ئورنىنى بىكار قىلىۋىتىپ، مۇلكىي ئەمەلدارلار ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى،مۇشۇنداق بولغاچقا سىياسىي بىيرۇ يېغىندا ئارمىيىنىڭ ساداسى چىقمىدى. بۇ ئىشلارسوڭ سۇلالىسىنى ئىختىيارسىز ئەسكە سالىدۇ، سوڭ سۇلالىسى سانغۇنلارنى « ھاراق زىياپىتىدە ھەربى ھوقۇقتىن بوشاتقاندىن » كېيىن، ئارمىيە مۈلكى ئەمەلدارلارنىڭ قولىغا قالغان بولۇپ، ئورنى ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كەتكەن، بۇخىل تۈزۈلمىدە سوڭ ئارمىيىسى ئورۇشتا كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، لاۋ، جىن ۋە موڭغۇل قۇشۇننى يېڭەلمەي،دۆلەت مۇنقەرز بولغان ئىدى.
4، ئۇرۇش قىلىشنى خالىماسلىق
بەزىلەر تىنچلىق خام خىيالىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ كەتتى، ئەسلا ئورۇش قىلىشنى خالىمايدۇ، « تۆت ئۇرۇشماسلىق »سىياسىتى، جۇڭگونىڭ ئۇرۇش قىلماسلىقتىكى ئاساسى سەۋەب، بىراق ئۇرۇش قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئۇرۇش قىلماسلىققا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسىتىش بىھاجەت، شۇنداقلامەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتنىڭمۇ قىلىقى ئەمەس.
كۆرسىتىپ ئۈتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى،جۇڭگونىڭ ئۇرۇش قىلماسلىقىدىكى تۈپكى سەۋەب چىرىكلىكنىڭ ئاپەتكە ئايلانغانلىقىدىن ئىبارەت، « ئىستراتېگىيە » دېگەن نېمە؟، « ئۆز ئىقتىدارىنى يۇشۇرۇش » دېگەن نېمە؟مۇشۇنداق ئەقەللىي قائىدىنى بىلمەسلىكنىڭ ئۆزى ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىكتۇر.تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئوقتۇرۇدۇكى، بىرھاكىمىيەت پەقەت چىرىكلىشىپلا كىتىدىكەن مۇققەرەرھالاك بولىدۇ؛ بىر دۆلەت چىرىكلىشىدىكەن موققەرەر مۇنقەرز بۇلىدۇ، مانىبۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان ھەقىقەت.
http://www.21ccom.net/articles/gsbh/article_2013090691403.html
|