ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيە سۈرىيەگە 34 كۈن ھۇجۇم قىلغان
گېرمانىيە <دۇنيا گېزىتى> توربېكىتىدە 27 ئاۋغۇست <تۇنجى قېتىملىق سۈرىيەگەتاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى34 كۈن داۋاملاشقان> سەرلەۋھەلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە:ھەرقانداق بىر قوماندانلىق باش شىتاب ئۆز قىسىمىنىڭ قورشاۋدا قېلىشىنى خالىمايدۇ، دېيىلگەن.1941 - يىلى مايدا ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇراشەرق قوماندانلىق شىتابىدىكى ھەربىي ئەمەلدارلار مىسىر ۋە پەلەستىندىن ئىبارەت مۇھىمئىستراتېگىيەلىك بازىلارنىڭ تەھدىتكە يېقىنلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقان ھەم بۇ خىلۋەزىيەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىنىڭ ۋاكالەتچىلىرىگە نىسبەتەنبۇ ناھايىتىمۇ جاپالىق مەزگىل، يەنى ناتسىست گېرمانىيەسى ئۇلارنىڭ ئارمىيەسىنى ياۋروپاقىتئەسىدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغان. 1941- يىلى ئاپرېلدا گرېتسىيەدىن، مايدا كرېت ئارىلىدىن قوغلاپ چىقارغان. 1941 - يىلى مايدا ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى باش قوماندانى ئاچىبوردۋىفولبوج قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، يەنى ئۇ ئەنگلىيە فېدىراتسىيە قىسىمىنىڭ ئوتتۇراشەرقتە ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىشىدىكىئاساسلىق مەسئۇلىيەتچى دەپ قارالغان. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئەينى چاغدىكىباش ۋەزىرۋىنىستون چېرچىل ئامالسىز ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ھۇجۇم قىلىپكېلىۋاتقان كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسلىھەلىرى قالاق، ئۇنىڭ ئۈستىگەمىسىرنىڭ غەربى ۋە ئىراقنىڭ شەرقىدىكى چېگرا رايونلارغا تارقالغان چەكلىك قىسىمغا نىسبەتەنئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشىدا ئۈمىد يوق دېيەرلىك. شۇنداقتىمۇ ئۇ زىياننى ئەڭزور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
غەربى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ سۈرىيەگە تۇنجى قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى دەل بۇ قېتىملىق ئىستراتېگىيە ۋە شەخسىي نۇقتىدىن چىققانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ رايون 1920 -يىلىدىن باشلاپفىرانسىيەنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن. ئەنئەنىۋى ئۇرۇش تېخنىكىسى پىرىنسىپىدىن قارىغاندا،ئەنگلىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرا شەرق قوماندانلىق شىتابىنىڭ1941 - يىلى ئىيۇندا سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىشى كىشىنى ھەيرانقالدۇرىدۇ، چۈنكى بۇ قىسىمنى سۈرىيەدىكى ۋېسسى ھاكىمىيىتى قىسىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا،ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۇلارغا يەتمەيدۇ. گەرچە ئەنگلىيە ئاۋىستىرالىيە 1 ئارمىيەسى، ئەنگلىيە 6 پىيادە دىۋىزىيەسى ۋە ھىندىستان ئارمىيەسى قاتارلىقبىر قاتار قوشۇنلارغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئەسكەر سانى ۋە قۇرال جەھەتتىن يەنىلا چەكلىك.ئەكسچە سۈرىيە بىلەن لىۋاننىڭ فىرانسىيە ھاۋالىلىك باشقۇرۇشىدىكى ئەسكىرى كۈچى خېلىلاكۆپ.
1941- يىلى مايدىن ئىيۇنغىچە پارتىلىغان كىچىك كۆلەمدىكى ئۇرۇشلاردىن كېيىن، ۋىفولبوجتەيىنلىگەن قوماندان ھېنرى مىتلان ۋېرسۇن شۇيىلى 8 ئىيۇن ھۇجۇم قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغاقويغان ھەمدە تېزلىك بىلەن ئىلگىرىلەپ، ۋېسسى ھۆكۈمىتىگە مايىل فىرانسىيە ئارمىيەسىگەكۈچلۈك زەربە بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان،لېكىن ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشنى ئەنگلىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسىمى بىلەن ئەرەب ياردەمچى قىسىمىتاماملىغان. ئۇلار سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن كىرىپ سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغىچەئىلگىرىلىگەن. ئىيۇننىڭ ئاخىرى ھىندىستان ئارمىيەسىسۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن، بىراق ۋېسسى ھۆكۈمىتى قوشۇنىمۇ كۈچلۈكقارشى تۇرغان. 21 ئىيۇن ئەنگلىيە ئارمىيەسىدەمەشىقنى ئىشغال قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش توختىغان.
بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئۇدا بەش ھەپتە داۋاملاشقان،ئىككى تەرەپتىن 2000 ئادەم قازا قىلىپ، 8000 دىن ئون مىڭغىچە ئادەم يارىلانغان ۋە يوقاپكەتكەن. يېڭى »ئەركىن فىرانسىيە« باش نازارەتچىسى جورجى كاتلۇ شۇ يىلى 26 نويابىر سۈرىيەنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان.شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ دۆلەت تىنجىپ باقمىغان. سۈرىيە بىلەن پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىداكۆپ قېتىم ئۇرۇش يۈزبەرگەن، مىسىر بىلەنمۇ قىسقا مۇددەت بىرلەشكەن. 1970 يىلىدىن بۇيان ئەسەد جەمەتى بۇ دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلمەكتە.
قانۇنچىلىق گېزىتىدىن باغداش تورى تور يۈزىگە يوللىدى
|