قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 689|ئىنكاس: 4

باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىرىڭىزنى سۆكمەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

476

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21637
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 18:03:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىرىڭىزنى سۆكمەڭ
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ساۋاقداشلار بەكمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچىمىز بولىدىغان. ئۇ مېتودىنىڭ ياخشىلىقى، ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان قىزغىن مۇئامىلىسى بىلەن بىزنى تولىمۇ قايىل قىلاتتى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئاشۇ ئوقۇتقۇچىمنىڭ خوتۇنى قاتناشقان سورۇنغا داخىل بولۇپ قالدىم. ئاياللار جەم بولغان سورۇندا تەبىئىيلا ئەرلەر توغرىسىدا گەپ بولاتتى. پاراڭ ئارىسىدا ئوقۇتقۇچىمنىڭ خوتۇنى ئېغىز ئېچىپ، ئېرىنىڭ ئىشتىن كەلگەندە نەرسىلىرىنى قالايمىقان تاشلايدىغانلىقى، ئۆي ئىشىغا قاراشمايدىغانلىقىدەك «بولۇمسىزلىق»لىرىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ھەممە قالايمىقانچىلىقنى يىغۇشتۇرىدىغان «چېۋەر»لىكىدىن ماختاندى. بۇلارنى ئاڭلاپ، ئوقۇتقۇچۇمنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىغا قارا سۈرتۈۋاتقان بۇ ئايالغا باشقىچە قاراشتا بولغانىدىم.
ئەمەلىيەتتە، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ ھەممە ئىشتا مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن. دۇنيادىكى مەشھۇر ئەرلەرنىڭمۇ شەخسىي تۇرمۇشىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق كەمچىلىكلەر بولىدۇ. بۇنداق مەسىلىدە ئاياللار ھەدېسىلا ئېرىنى سۆكمەي، «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن»دېگەن ھېكمەتنى ئەستىن چىقارماي، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە ھەمدەم بولۇشى كېرەك.
ئېرىڭىزنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاقە سورۇنى بولىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا ئېرىڭىزنى قوللايدىغانلارمۇ، قايىل بولىدىغانلارمۇ، ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغانلارمۇ بولۇشى مۇقەررەر. شۇڭا، ئېرىڭىز توغرىسىدا جايىدا قاملاشتۇرۇپ قىلغان بىر ئېغىز سۆزىڭىز ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئالدىدىكى ئوبرازىنى نۇرلاندۇرسا، قۇسۇر ئىزدەيدىغانلارغا دەككە بولۇشى مۇمكىن. ئەرلەر ھەر دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشنى ئويلايدۇ. سىز ئاياللار يىغىلغانلىكى يەردە ئېرىڭىزدىن خالىغانچە زارلانسىڭىز، «تامنىڭمۇ قۇلىقى بار»دېگەندەك، باشقىلارمۇ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەگەر ئېرىڭىز رەھبەر بولسا تېخىمۇ دىققەت قىلىشىڭىز زۆرۈر. ئەگەر ئۇنىڭ بەزى كەمچىلىكلىرى قول ئاستىدىكىلەرگە يېتىپ قالسا، ئۇنىڭ بەزى ئىشلاردا تىلى قىسقا بولۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغانلار ئالدىدىمۇ ئېرىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى داستان قىلىپ يۈرمەڭ. چۈنكى ئۇنىڭ نۇقسانلىرىنى قانچە كۈچەپ سۆزلىسىڭىزمۇ ئۇلار ئۇنى تۈزىتىۋېلىشقا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلاردا ئېرىڭىزگە نىسبەتەن كۆزگە ئىلماسلىق قارىشى پەيدا بولغاننى ئاز دەپ، شۇنداق ۋايساشلىرىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىغىمۇ داغ تەگكۈزىدۇ.
ئەر – خوتۇنلۇق مۇھەببەت بىر – بىرىنى ئۆزگەرتىپ، ماسلىشىپ ياشاشتىن كامال تاپىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ۋايساش ئورنىغا سەۋرچانلىق بىلەن قىلغان ئەسكەرتىشلىرىڭىز ئۇنىڭدا چوقۇم ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقىرىڭكى، ھەرگىزمۇ بار كۈچىڭىز بىلەن ئۇنى سۆكۈش بەدىلىگە ئاچچىقىڭىزنى چىقارماڭ، ئاستا – ئاستا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزىڭىزنى ئويلايدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرۇڭ. باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ئېرىڭىزنى ئەرزىمەس ئادەم قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى، ئېرىنىڭ ئابرۇيىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىغان ئايال ئېرىنىڭ قەلبىدە ئۇلۇغ ۋە سۆيۈملۈكتۇر.




                                               تۇرمۇش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.



4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8985
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2293
تۆھپە : 1789
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 23:58:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىللىق خوتۇن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆز ئېرىنىڭ يامان گېپىنى يوشۇرۇپ، ياخشى گېپىنى ئاشۇرۇپ قىلىدۇ... ئەقىلسىز خوتۇن باشقىلار ئالدىدا ئۆز ئېرىنىڭ ياخشى تەرىپىنى يوشۇرۇپ، يامان گېپىنى ئاشۇرۇپ قىلىدۇ....
خۇددى، جەھەننەمدە ئاياللارنىڭ كۆپ بولىشىغا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەرلىرىدىن ياخشىلىق كۆرسە، ئۇلار ماڭا ياخشىلىق قىلمىدى... دەپ تېنىۋالىدىغانلىقى سەۋەب بولغىنىدەك... ھەقىقەتەن، نۇرغۇن ئاياللار ئۆز ئېرىدىن رازى بولمايدۇ. بىر ئەر كىشى %99 ياخشى بولۇپ، كىچىككىنە %1 كەمچىلىكى بولسا، شۇ %1 كەمچىلىكىنى كەچۈرەلمەيدۇ. ھەتتا، شۇ %1 كەمچىلىك سەۋەبلىك ئېرىنىڭ %99 ياخشى تەرىپىنى ئىنكار قىلىدۇ...  
ئىھ ئاياللار، دۇنيادا %100 نەرسە مەۋجۇد ئەمەس، پەقەت اللە لا كەم كۈتىسىز ۋە مۇكەممەلدۇر. ئىنسان ھەرگىزمۇ ئۇنداق شەرەپكە نائىل ئەمەس! بۇ تەرپىنى پەيغەمبەرلىرىمىنىڭ قىسسەلىرىدىنمۇ ۋە ھاياتىدىكى ئىش- ئىزلىرىدىنمۇ كۆرۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ ئېزىپ قالغان، خاتا ئىش قىلىپ قالغان تەرەپلىرى بولغان... بىز ھازىرقى دەۋىرنىڭ ئەرلىرى قانچىلىك ئىدۇق؟ شۇكرى قىلىڭلار ۋە اللە دىن ئۆز ئېرىڭلارغا ئىنساپ، ھىدايەت تىلەڭلار....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1020

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20990
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 14:27:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

pakat rabimizla bizga hidayat

12

تېما

13

دوست

5954

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   19.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9586
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1066
تۆھپە : 1092
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 17:28:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋال غىنىمىز  ياخشى  بولدى

for ark

36

تېما

16

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4221
تۆھپە : 3700
توردىكى ۋاقتى: 919
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 20:58:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش ئۆز خاسلىقى بىلەن ماڭسا ياخشى بولاتتى
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )