باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىرىڭىزنى سۆكمەڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ساۋاقداشلار بەكمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچىمىز بولىدىغان. ئۇ مېتودىنىڭ ياخشىلىقى، ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان قىزغىن مۇئامىلىسى بىلەن بىزنى تولىمۇ قايىل قىلاتتى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئاشۇ ئوقۇتقۇچىمنىڭ خوتۇنى قاتناشقان سورۇنغا داخىل بولۇپ قالدىم. ئاياللار جەم بولغان سورۇندا تەبىئىيلا ئەرلەر توغرىسىدا گەپ بولاتتى. پاراڭ ئارىسىدا ئوقۇتقۇچىمنىڭ خوتۇنى ئېغىز ئېچىپ، ئېرىنىڭ ئىشتىن كەلگەندە نەرسىلىرىنى قالايمىقان تاشلايدىغانلىقى، ئۆي ئىشىغا قاراشمايدىغانلىقىدەك «بولۇمسىزلىق»لىرىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ھەممە قالايمىقانچىلىقنى يىغۇشتۇرىدىغان «چېۋەر»لىكىدىن ماختاندى. بۇلارنى ئاڭلاپ، ئوقۇتقۇچۇمنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىغا قارا سۈرتۈۋاتقان بۇ ئايالغا باشقىچە قاراشتا بولغانىدىم. ئەمەلىيەتتە، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ ھەممە ئىشتا مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن. دۇنيادىكى مەشھۇر ئەرلەرنىڭمۇ شەخسىي تۇرمۇشىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق كەمچىلىكلەر بولىدۇ. بۇنداق مەسىلىدە ئاياللار ھەدېسىلا ئېرىنى سۆكمەي، «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن»دېگەن ھېكمەتنى ئەستىن چىقارماي، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە ھەمدەم بولۇشى كېرەك. ئېرىڭىزنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاقە سورۇنى بولىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا ئېرىڭىزنى قوللايدىغانلارمۇ، قايىل بولىدىغانلارمۇ، ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغانلارمۇ بولۇشى مۇقەررەر. شۇڭا، ئېرىڭىز توغرىسىدا جايىدا قاملاشتۇرۇپ قىلغان بىر ئېغىز سۆزىڭىز ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئالدىدىكى ئوبرازىنى نۇرلاندۇرسا، قۇسۇر ئىزدەيدىغانلارغا دەككە بولۇشى مۇمكىن. ئەرلەر ھەر دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشنى ئويلايدۇ. سىز ئاياللار يىغىلغانلىكى يەردە ئېرىڭىزدىن خالىغانچە زارلانسىڭىز، «تامنىڭمۇ قۇلىقى بار»دېگەندەك، باشقىلارمۇ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەگەر ئېرىڭىز رەھبەر بولسا تېخىمۇ دىققەت قىلىشىڭىز زۆرۈر. ئەگەر ئۇنىڭ بەزى كەمچىلىكلىرى قول ئاستىدىكىلەرگە يېتىپ قالسا، ئۇنىڭ بەزى ئىشلاردا تىلى قىسقا بولۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغانلار ئالدىدىمۇ ئېرىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى داستان قىلىپ يۈرمەڭ. چۈنكى ئۇنىڭ نۇقسانلىرىنى قانچە كۈچەپ سۆزلىسىڭىزمۇ ئۇلار ئۇنى تۈزىتىۋېلىشقا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلاردا ئېرىڭىزگە نىسبەتەن كۆزگە ئىلماسلىق قارىشى پەيدا بولغاننى ئاز دەپ، شۇنداق ۋايساشلىرىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىغىمۇ داغ تەگكۈزىدۇ. ئەر – خوتۇنلۇق مۇھەببەت بىر – بىرىنى ئۆزگەرتىپ، ماسلىشىپ ياشاشتىن كامال تاپىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ۋايساش ئورنىغا سەۋرچانلىق بىلەن قىلغان ئەسكەرتىشلىرىڭىز ئۇنىڭدا چوقۇم ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقىرىڭكى، ھەرگىزمۇ بار كۈچىڭىز بىلەن ئۇنى سۆكۈش بەدىلىگە ئاچچىقىڭىزنى چىقارماڭ، ئاستا – ئاستا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزىڭىزنى ئويلايدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرۇڭ. باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ئېرىڭىزنى ئەرزىمەس ئادەم قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى، ئېرىنىڭ ئابرۇيىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىغان ئايال ئېرىنىڭ قەلبىدە ئۇلۇغ ۋە سۆيۈملۈكتۇر.
تۇرمۇش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
|