جۇڭگونىڭ چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقىرشىدىكى مەخپى ئىشلار :
سىتالىننىڭ كۆز يىشى
1950-يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چاۋشيەن ئۇرۇشى شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. كېرىمىل سارىينىڭ ئېگىز تېمى ئىچىدىكى كىچىك بىر بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى كەڭ ھەم يورۇق ئىشخانىدا سىتالىن بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىشنىسكىي جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى،قوشۇمچە تاشقى ئشلار مىنستىرى جۇئېنلەينى كۈتۈپ تۇراتتى.
بۇ<< گەپچە جۇئېنلەي بۇقېتىم موسكىۋاغا كېلىشتە بىز بىلەن ھاۋا ئارمىيمىزنىڭ ياردەم بېرىش مەسلىسنى سۆزلەشمەكچىمىكەن؟ ئۇنداقتا پىدائىي قىسىملىرىنىڭ چاۋشىيەنگە كىرىش مەسلىسدە ئۆزگۈرۈش بولماسمۇ؟ يولداش ۋىشنىسكىي>>
<< مىنىڭچە ئۆزگۈرۈش بولماسلىقى مۇمكىن، يولداش سىتالىن.>> سىتالىن خىزمەت شىرەمسىدىكى غاڭزىسىنى ئېلىپ، خۇددى يېنىدا ئادەم يوقتەك ئۇيان-بۇيانغا مېڭىشقا باشلىدى. سىتالىنغا ناھايتى ئېنىق ئىدىكى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئامىرىكا، ئەنگىلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى ئۇرۇشىنىڭ تۈگىشىگە ئەگىشىپ پارچىلانغان، دۇنيا كاپىتالىزىم لاگىرى بىلەن سوتسىيالىزىم لاگىرىنىڭ قارمۇ -قارشىلىقى شەكىللەندى. ھازىر ئامېرىكا چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىدا سوتسىيالىزىم لاگىرىغا ھوجۇم قوزغىدى. رىنچۈەندە قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكنىڭ تېخىمۇ خورىكى ئۆسۈپ كەتكەنىدى.
تاجاۋۇزچىلىقنى چەكلەش، تېنىچلىقنى قوغداش لازىم ئىدى.بىراق، سوۋېت ئىتتپاقى ئەسكەر چىقارسا دۇنيا ئۇرۇشىغا ئېلىپ بىرىش ئېھتىمالى بار ئىدى. بولۇپمۇ،سوۋېت ئىتتپاقى،ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ئىككىسدە يادرو قورالى بار ئىدى. بەختكە يارىشا، ماۋزېدۇڭ ئۇلارغا بۇ قىيىن مەسلىسنى ھەل قىلپ بەردى. جۇڭگو پىدائىي قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشنى قارا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن تاجاۋۇزچى قوشۇنلارنىڭ ھەيۋىسى سۇندۇرۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا بىلەن سوۋېىتنىڭ بىۋاستە قارشىلشىپ قېلشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى.
سىتالىن ئۆينىڭ ئۇ چېتىگىچە باردى ۋە يەنە ئاستىغا بۇرۇلۇپ ئاغزىدىكى غاڭزىسىنى قولغا ئالدى،ئاندىن ۋېشنىسكىيغا مۇنداق دېدى: << شۇنداق،ماۋزېدۇڭ ناھايىتى توغرا پەرەز قىلغان.گەرچە پىدائىي قوشۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇرۇشسا،ئامېرىكنىڭ جۇڭگو بىلەن ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشغا تەييارلىق قىلىش كېرەك. شۇنداق،ئەگەر ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ چوڭ شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلسا،دېڭىز ئارمىيسى جۇڭگونىڭ ئۇزۇن دېڭىز قىرغاقلىرىغا ھوجۇم قىلسا سوۋېىت ئىتتىپاقى قانداق قىلىش كىرەك؟ جۇڭگو سوۋېت دوستلۇق،ئۆزئارا ياردەم بىرىش شەرتنامىسى ئىمزالىغان.شەرتنامىدە: بىر تەرەپ بىر تەرەپ باشقا دۆلەتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچىرسا،يەنە بىر تەرەپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرشى كىرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.شۇڭلاشقا بىز ئەلۋەتتە كۈچىمىزنىڭ بارىچە توقۇنۇشنى چاۋشىيەن چېگىرسى ئىچىدە چەكلىشمىز كىرەك.ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا ئامېرىكا جۇڭگو قۇرۇقلىقىنىبومباردىمان قىلسا،سوۋىت ئارمىيسى جۇڭگوغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن ئەسكەر چىقىرىپ ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدىكى ھەربىي بازىلىرىنى بومباردىمان قىلىشى لازىم. ئۇنداقتا ئۇرۇشنىڭ چىگىرسى بولمايدۇ- دە ! ئۇرۇش ياۋرۇپا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭيىپ كىتشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ھاۋا ئارمىيىسى مەسلىسىدە، ئېھتىياتچان بولۇشىمىز لازىم.....>>
<< لېكىن،دۈشمەن ئارمىيسىگە ماس كىلىدىغان ھاۋا ئارمىيسى بولمىسا،جۇڭگو ئارمىيسى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيسى ئۇرۇش قىلسا، نەتىجە ئېھتىمال..... - دېدى ۋىشنىكىي ئەندىشە بىلەن،- ئەگەر جۇڭگو ئارمىيسى تاقابىل تۇرالمسا، ئامېرىكا ئارمېسى شەرقى شىمالغا ھۇجۇم قىلپ كىرسە.....>> بۇ چاغدا كېرىمىل سارىينىڭ سىتالىنىڭ ئىشخانسغا باردىغان كارىدوردىكى قىپ- قىزىل گىلەم ئۈستىدە جۇئىېنلەي قاتارلىق بىر قانچە جۇڭگولۇق زىيارەتچىلەر كېتىپ باراتتى. جۇئىنلەي ئەڭ ئالدىدا ئىدى. ئۇ ئۈستىگە كۈلرەڭ يۇڭ رەختىن جۇڭگو پاسۇندا كىيم كەيگەن، قەدەملىرى يەڭگىل ئىدى. لېكىن،ئۇنىڭ كۆڭلى ئۇنچە ئازادە،خاتىرجەم ئەمەس ئىدى.10-ئاينىڭ 8- كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يولداش پىڭ دېخۇەينى پىدائىي قىسىملارنىڭ چاۋشىيەنگە جىددىي كىرىشگە بۇيرۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە كىم ئېرسىنغا ئۇقتۇرۇش قىلىندى. سوۋېىت ئىتتىپاقىىغمۇ خەۋەر بىېرىلدى. لېكىن ئىككى كۈن ئۆتمەي، سوۋېىت تەرەپ جۇڭگودىكى ئەلچىسى ئارقىلىق جۇئىېنلەيگە: ئەسلىدىكى كىېڭىشپ بېكىتىلگەن سوۋېت تەرەپ ھاۋا ئارمىيسگە ماسلىشپ چاۋشيەنگە كىرىپ ئۇرۇش قىلش ئىشىدا سوۋېىت تەرەپنىڭ تەييارلىقى پۈتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ھاۋا ئارمىيسنى چىقىرالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەدەبىي تەرجىمىلەردىن باغداش تورى تور يۈزىگە يوللىدى، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ .
داۋامى بار ..................
|