ئىككى پارچە رەسىمدىكى ئورتاقلىقلىقلارۋە دەۋرى ئالەم
قاسىم سىدىق
نۇۋەتتە ئالەمنىڭ تىزلىنىشچان سۆرئەتتە كېڭىيىشىنى ئانتى تارتىش كۈچىنىڭ سەۋەپكارى بولمىش قاراڭغۇ ئىنىرگىيەگە باغلاپ چۈشەندۆرۆش مۇدىغا ئايلانغىلى تۇردى.ھالبۇكى، بۇنداق چۈشەندۆرۆش بىر مۇنچە زىدىيەتلەرگە يول قويغان بولۇپ،ئاقىۋەتتە مەسىلىنى ئۆزۆل - كېسىل چۈشەندۆرۆپ بېرەلمەيدۇ.بۇ زىدىيەتلەر:
1.مۇبادا غۇۋا ئىنىرگىيەنىڭ ئانتى تارتىش كۈچى رولىنى ئۆتەيدىغانلىغى قەتئى مۇئەييەنلەشتۆرۆلسە،بۇ ھالدا«غەيرى نۇقتا»ۋە «قارا ئۆڭكۆر»قاتارلىقلار ئەسلا شەكىللەنمەسلىگى كېرەك.چۈنكى ،بۇنداق ئىنىرگىيە، ساقلىنىش قانونلىرىغائاساسەن كائىنات تارىخنىڭ ھەرقانداق پەيتىدە مەۋجۈت ۋە ئۇز رولىنى جارى قىلىدۇ، دەپ قارىلىشى شەرىت.
2.ئوخشاشلا بۇ ھالدا يەنە ،ئاسمان جىسىملىرى ،ھاياتلىق شەكىللەنمەسلىگى كېرەك.چۈنكى ،ئىزچىل «ئالەم»نى كېڭەيتىش رولىنى ئوينايدىغان ئانتى تارتىش كۈچىنىڭ ۋاستىچىسى ۋە سەۋەپكارى بولمىش «قاراڭغۇ ئىنىرگىيە» ھەرقانداق جىسىمنى پارچىلاپ تاشلىشى،«جىسىم»نىڭ شەكىللىنىشىگە يول قويماسلىغى كېرەك.
3.«غەيرى نۇقتا»ۋە«قارا ئۆڭكۆر»نى شەكىللەندۆرگەن تارتىش كۈچى بىلەن بۇنداق ئانتى تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ئەسلا سىغىشمايدۇ.بۇ ئىككىسى قەتئى كېلىشتۆرگىلى بولمايدىغان زىدىيەتلىك ئۇقۇم.قىلىچ -قالقان ئەپسانىسىنىڭ نەزەريىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقتىكى كۆلكىلىك ۋارىيانتى.
شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، «قاراڭغۇ ئىنىرگىيە» تېخى بىر نەزەريىۋى رىياللىق بولۇپ،ئەسلا تەجىربىدە مەۋجۆتلىگى ئىسپاتلانغىنى يوق.تەجىربىدە ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ يۇقۇرقى زىدىيەتلەرنى ھەل قىلالمايدۇ.
بۇ زىدىيەتنى ھەل قىلىشتا شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى بار.يەنى،شەكىل نەزەريىسى ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى شەكىل نۇقتىسىدىن نۇقتۇلۇق تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.بۇنداق تەشەببۇسنىڭ ئاساسى شۇكى،ھەر قانداق فىزىكىلىق ھەركەت ھەرقانداق پەيىتتە كونكىرىت ۋە مۇئەييەن شەكىلگە ئېگە بولغان بولىدۇ.ئالەمنىڭ كېڭىيىش -تارىيىشىدىن تارتىپ ،بىر دانە زەررىچىنىڭ ھەركىتىگىچە دەل ئەشۇنداق.
ئەھۋال شۇنداق ئېكەن،بىز نىمە ئۈچۈن ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى شەكىل ۋە بۇنداق شەكىلنىڭ سەۋەپلىرى نۇقتىسىدىن بېۋاستە تەتقىق قىلىپ كۆرمەيمىز؟!.
تۆۋەندىكى 1-رەسىمدىكىسى سۇقۇشتۇرۇش مەركىزىدە چوڭ پارتىلاشقا تەقلىت قىلىپ ئۆز ئارا سۇقۇشتۆرۆلغان ۋاقىتتا يىمىرىلگەن زەررىچىلەرنىڭ تىرايىكتۇرىيىسى.رەسىمدە زەررىچىلەرنىڭ گۇيا نۇر ئۇينىغان مەزگىلدىكى نۇرنىڭ تىرايىكتورىيىسىگە ئوخشاش سىفرال ئىزلارنى قالدۇرۇدىغانلىغىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
مەيدانغا كەلگۆسى«ھەركەت شەكىلشۇناسلىغى»نۇقتىسىدىن چىقىپ،ھەركەت شەكىللىرى ۋەئۇلارنىڭ سەۋەپلىرى ئۆستىدە بېۋاستە توختۇلۇش،بىزنى چىگىش ۋە قاتمال نەزەريەۋى ئېزىتقۇ سارايلادىن قۇتۇلدۇرۇشى،زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا ئاددى ۋە تىجەشلىك يول بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.29-41-تىئورمىلارنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكى ئىككى پارچە سۆرەتتە ئوبرازلىق ئەكىس ئەتكەن.1-رەسىمنىڭ چوڭ پارتىلاشنىڭ تەقلىدى سۈرىتى ئىكەنلىگىنى كۇزدە تۇتقاندىمۇ،29-41-تىئورمىلارنىڭ كېڭيىپ-تارىيىدىغان دەۋرى ئالەمگە نىسبەتەن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
بۇ ئىككى پارچە رەسىمدىكى ھەركەت شەكىللىرى ئەسلا ئېينىشتېيىن «ماكان ئەگرىلىگى»نىڭ مەھسۇلى ئەمەسلىكى،بۇ سىفرال شەكىللەر ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خاراكتىرى ئىكەنلىگى مۇنازىرە تەلەپ قىلمىسا كېرەك.
ھەقىقى مەنىدىكى ئىچكى تۆزۆلۆشكە ئىگە بولمىغان ئىلىمىنتار زەررىچە بولمىش «ئېن»لارنى 1-رەسىمدىكىدەك مۇشۇنداق سىفرال تىرايىكتورىيەنى بويلاپ«پارتىلاپ» ھەقىقى بوشلۇققا تارقىلىپ «ئالەم»نى كېڭەيتىدۇ ۋە دەسلەپكى ھاسىلى زەررىچىلەرنى ئاندىن جىسىملارنى ۋۇجۇتقا كەلتۆرىدۇ.ئاندىن يەنە بۇ جانابى«ئېن»لار 2-رەسىمدىكىدەك قايتا يىغىلىپ «غەيرى نۇقتا»،«قارا ئۆڭكۆر»قاتارلىقلارنى شەكىللەندۆرىدۇ،«فىزىكىلىق ئالەم»شۇ تۆستە دەۋرى قىلىدۇ،دەپ چۈشەندۆرۆشكە بولىدۇ.شەكىل نەزەريىسى ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى پەقەت چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيىسىنىڭ مەھسولى دەپ قاراشقىلا يول قويۇدۇ.بۇ،ئادەمنىڭ ئىشەنگۆسى كەلمىگىدەك دەرىجىدىكى تولىمۇ ئاددى لايىھە.مەن بۇنىڭ ماتىماتىكىلىق كەلتۆرۆپ چىقىرىش جەريانىنىڭمۇ شۇنداق ئاددى بىرۋارىيانتى بولىشى مۆمكىن دىگەن ئۆمىتتىمەن.
مەن بۇ ئىككى پارچە رەسىمدىكى ھەركەت شەكىللىرىنىڭ پىرىنسىپال پەرقى يۇق،ماكرۇ دۇنيا بىلەن مىكرۇ دۇنيادىكى،يۇقۇرى تىزلىك شارائىتى بىلەن تۆۋەن تىزلىك شارائىتىدىكى ھەركەت شەكىللىرىدە پىرىنسىپال،كەسكىن پەرىق مەۋجۆت ئەمەس،دەپ قارايمەن.تورداشلار ئوخشاشمىغان قاراشلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا.
ئىلىمگەرلەرزەررىچە سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلاش مەنزىرىسىنى قايتا زاھىر قىلدى
تۆۋەندىكى ئۇيغۇن ئەپەندى سىزغان سۆرەتكە قاراڭ،بۇ مۇز ئۆستىدە قامچا بىلەن ئۇرۇپ ئاخىرى ئۇيۇتۇلغان نۇرنىڭ تەخمىنى تىرايىكتۇرىيىسى.نۇر بىر نۇقتىدا ئۇيغىچە (قاتقىچە) بۇلغان جەرياندا ئۆزئۇقىدا ئايلىنىش تەرىپىگە ئېغىپ سىفرال تىرايىكتۇرىيە شەكىللەندۇرۇپ ،ئاخىرى ئۇيۇپ قالىدۇ.بۇ ئۇيۇش نۇقتىسىغا يېتىپ بارغىچە بولغان ئېغىش جەريانىمۇ 29-41-تىئورمىچە ئېغىش. بۇنى ئالەمگە كېڭەيىتسەك «غەيرى نۇقتا»ۋە قارا ئۆڭكۆرنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى، سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى چۈشەندۆرۆپ بىرەلەيدۇ.
پايدىلانمىلار:
مىنىڭچە،«فىزىكىلىق ئالەم»نىڭ ئىزچىل كىڭىيىشى ۋەتارىيىشى( دەۋرىلىگى)نىڭ جەريانى ۋەسەۋەبىنى بۇ فىلىمدىكى نۇرلارنىڭ ھەركىتىدىن قىياس قىلغىلى بولىدۇ.
2013.8.12
|