- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35303
- نادىر
- 19
- يازما
- 1761
ئۆسۈش
63.26%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-22 12:53
خەلىقنىڭ قۇدىرىتى چەكسىزدۇر. خەلق بېشىنى ئالچىسىغا تىقىۋالسا خۇدايىممۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. شۇڭا مائارىپ ئىدارىلىرىگە خەلق ئاممىسى ياكى مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بولسىمۇ قوش تىلدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى توختىماي ئىنكاس قىلىش كېرەك. قوش تىل ئىسمىدىنلا بىزگە مەلۇم، ئۇ ھەرگىزمۇ خەنزۇچىنى تەرغىپ قىلىدىغان، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى يەكلەيدىغان مائارىپ ئەندىزىسىگە ئايلانسا بولمايدۇ! ئەگەر ئۇنداق بولغاندا، يەككە تىلنى ئىجرا قىلىشنى مەجبورىيەت قىلىۋالغان ئورۇن ۋە شەخىسلەر دۆلەتنىڭ قوش تىل سىياسىتىگە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولىدۇ. ئۇنداقلار دۆلەت سىياسىتىگە قارشى جىنايەت بىلەن قاتتىق جازالىنىشى كېرەك!!!
بۇ يىل 9-ئايدا قومۇل شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە 80 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئانا تىل سىنىپىغا تىزىملاتقانلىقى ئۈچۈن ئىككى ئانا تىل سىنىپى ئېچىلدى! شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى قانۇن، نىزاملىرىدىمۇ ئانا تىلنى يەكلەش توغرىسىدا ماددا يوق! شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ پۇقرالىق ھەق، ھوقۇقىنى قوغداشنى بىلىشمۇ بىزنىڭ ئادىمىيلىك بۇرچىمىزدۇر! |
|