28-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەتتاتچىلىقى مۇھاكىمە يىغىنى قومۇلدا ئۆتكۈزۈلدى
قومۇل ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتچىلار جەمئىيتى 28-قېتىملىق ئۇيغۇر خەتتاتچىلىقى مۇھاكىمە يىغىنىنى2013-يىلى9-ئاينىڭ15-كۈنى قومۇلدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. قومۇل ۋىلايىتى ۋە شەھەر رەھبەرلىرى بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا باشتىن-ئاخىرى كۆڭۈل بۆلۈپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم، تەشۋىقات بۆلۈمى، ياسىنجان ۋالى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋۇخۇامىن، غۇنچەم، قومۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت، تەشۋىقات بۆلۈمى ۋەشەھەر باشلىقى، مۇھەممەت نامان ، ياقۇپ پەتتۇللا، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى گۈلجەننەت ۋە مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇنۇن سايىت، شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۆسۈيۈن سالى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئەتىراپىلق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىدىن كەلگەن 40 دىن ئارتۇق خەتتات ، قومۇلدىكى خەتتاتلارنىڭ 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى قومۇل موزىيخانىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەتتاتچىلىقىڭ، جۈملىدىن قومۇل ئۇيغۇرخەتتاتچىلىقىنىڭ ئالامشۇمۇل تەرەققىياتى نامايەن قىلىنىپ يىراق-يېقىندىن كەلگەن ئىشتىراكچىلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتتى. يۇرتىمىزدىن يېتىشىپ چىققان كاتتا خەتتاتلىرىمىزدىن قۇربان زۇنۇن، ئەسەت مۇھەممەت، مەردان ئايۇپ، ئابلاجان،تۇرسۇنجان ئىساق، يۈسۈپ نەمەنشاھ، ...قاتارلىقلار يىغىننىڭ ئالدى-كەينى تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يغىننىڭ غەلبىلىك ئۆتكۈزىلىشىگە بىر كىشىلىك ھەسسىنى قوشتى. بۇ يىغىنغا ئاپتونوم رايونىمىزدا داڭق چىقارغان خەتتاتلاردىن نىياز كېرىم شەرقى، ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك،قاينام جاپپار، كىرەم خوجا، قوربانجان روزى شەيدائى...قاتارلىق قىرىقتىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان قاتناشقان بولۇپ،بەش كۈندەك داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى چوقۇم ئىنتايىن زور بولىدۇ...
پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر
رەھبەرلەر سۆزدە...
يىغىن ئەھلى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ كۆڭلى...
كۆرگەزمە قىلغان، نەتىجە قازانغان، تىرىشچان خەتتاتلار تەقدىرلەندى...
خاتىرە قالسۇن...
مېھمانلار شەھەرئىچى يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىدا
خەتتاتلار نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسەتتى...
نىياز كېرەم شەرقى، ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك ئەپەندىلەر ماھارەت كۆرسەتمەكتە...
قۇربانجان روزى شەيدائى...
قازاق خەتتات جارقىنبېك
قومۇللۇق دېھقان رەسساملار...
خوتەنلىك پىشقەدەم مەتتۇرسۇن ئابدۇرېشىت خەتتاتنىڭ 28 مېتىرلىق ئەسىرى، 28-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەتتاتلىقى يىغىنىغا ئاتاپ يازغان. ئاپتور بۇ خەتنىڭ قومۇل شەھىرىگە تەقدىم ئەتتى.
ئەڭ مۇھىمى سەبىيلەر
قومۇل خەلقىنىڭ پىشقەدەم رەھبىرى، جامائەت ئەربابى ئابدۇل ئەزىز قومۇلى، قومۇل خەلقىگە ۋاكالىتەن، ئەلنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ھۆرمەتلىك خەتتات نىياز كېرەم شەرقىگە تون ۋە دوپپا تەقدىم ئەتتى...
مېھمانلار قومۇل مۇقام سارىيىدا...
نەچچە كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا خەتتاتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ نەق مەيداندا يازغان خەتلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، رەھبەر ۋە شەخىسلەرگە تەقدىم قىلىدى...
خەتتاتلار قومۇل شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە
نەق مەيدان ماھارىتى...
ئاخىرىدا خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلانغايسىزلەر...
...
...
...
...
...
...
...
...
...
...
...
...
...
...
...
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يوللىيالدىم، ئوقۇرمەن، كۆرۈرمەن، تورمەن دوستلارنىڭ كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن...ھەمدە مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلىشىگە تېلەكداشمەن!
2013-يىلى 9-ئاينىڭ18-كۈنى قومۇل كەچ سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:40
|