قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1607|ئىنكاس: 14

قاسىم سىدىق:چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيسى، ھەركەت شەكلى ۋە دەۋرى ئالەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 13:18:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيسى ھەركەت شەكلى ۋە دەۋرى ئالەم
قاسىم سىدىق


         نۇۋەتتىكى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق ئالەمدىكى بارلىق ماسسا - ئىنىرگىيە ئەسلى «غەيرى نۇقتا»دىيىلىدىغان ئىنتايىن كىچىك بىر نۇقتىغا غايەت زور زىچلىقتا يىغىلغان بولۇپ،بۇنىڭدىن ئالاھىزەل 13مىليارىت700مىليۇن يىل ئىلگىرى بۇ «غەيرى نۇقتا» ئۆشتۈمتۆت پارتىلاپ كېڭىيىپ ھازىرقى ئالەم ۋۇجۇتقا كەلگەن دەپ قارايدۇ.
«غەيرى نۇقتا»ۋە ئۇنىڭ چامىسى ئۈستىدە ھەرخىل تالاش - تارتىشلار بولسىمۇ،«چوڭ پارتىلاش» نۇۋەتتە ئورتاق كۇز قاراشقا ئايلاندى دپ قاراشقا بولىدۇ.
بۇ تېمىدىمۇ چوڭ پارتىلاش ئوبىكتىپ رىياللىق دىگەن مەۋقەدىن چىقىپ«چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيىسى»نىڭ مەۋجۈتلىگى ھەققىدە مۇھاكىمە يۆرگۆزۆلىدۇ.
        ئاساسى مەزمۇنى:ئالەمنىڭ نۇۋەتتىكى كېڭىيىشى چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيىنىڭ ۋە ئىنىرىتسىيىلىك كۈچنىڭ نەتىجىسى.دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتنى ھەركەت شەكلى دەپ قاراپ بارلىق فىزىكىلىق ،كوسمۇلۇگىيىلىك جەريانلارنى زىدىيەتسىز چۈشەندۇرگىلى ۋە تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ.ئالەمنىڭ كېڭىيىشى بىر پۇتۇن دەۋرى جەرياننىڭ تەركىۋى قىسىمى.

     ئاچقۇچ سۆزلەر:چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيىسى،دەۋرىلىك. ھەركەت شەكلىنىڭ ساقلىنىشى.

مەسىلىنىڭ قويۇلىشى

       ھوببىلى ئالەمنىڭ كڭىيىۋاتقانلىغىنى بايقىغاندىن كىيىن،نىيوتۇن،ئېيىنىشتېيىن تورغۇن ئالەم مودىللىرى خىرىسقا ئۇچرىدى.فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق يېڭى مەسىلىگە دۇچ كەلدى.ئەمدى بىزنىڭ كۇز ئالدىمىزدا ھەركەت تىخىمۇ مۇرەككەپ رىياللىق سۈپىتىدە نامايەن بولۇشقا باشلىدى.يەنى، ئاسمان جىسىملىرى ئەمدى كېلىپ ئەسلىدىكى ئوربىتىلىق ھەركەتكە قاتناشقاندىن باشقا يەنە بىر-بىرىدىن يىراقلىشىپ ئاللىقانداقتۇر «سىزىقلىق »ھەركەتكە قاتنىشىۋاتاتتى.ئېتىشقا بولىدۇكى،ئاسمان جىسىملىرىلا ئەمەس،شۇ ئاسمان جىسىملىرىنى شەكىللەندۆرگەن بارلىق ماددى مىكرۇ رىياللىقلارمۇ شۇنداق ھەركەتكە قاتنىشىۋاتىدۇ.توغرىسى شۇنداق ھەركەت قىلىۋاتىدۇ.
نۇۋەتتىكى ئىلىم-پەن مانا مۇشۇنداق ھەركەتنىڭ مەۋجۈتلىگىنى خەۋەر قىلىش ۋە ئىتراپ قىلىش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۆرۈ پ بىرەلىگىنى يوق.ئالەمنىڭ بۇنداق كېڭىيىش ھالىتى بىر قىسىم ئالەمشۇناس ۋە فىزىكلارنى ئالەم ئاخىرى يوق بولۇپ كىتىدىكەن دىگەن يەكۈنگە ۋە ئەندىشىگە ئېلىپ كەلدى.29-تىئورمىچە ئېغىش ئورۇنلۇق دەپلا قارىلىدىكەن،بۇنداق يەكۈن ۋە ئەندىشىنىڭ ھاجىتى يوق.بۇ تىئورما ئورۇنلۇق دەپ قارالغان ئەھۋالدا «دەۋرى ئالەم»نى پەرەز قىلغىلى، ساقلىنىش قانۇنلىرىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ.

شۇسى ئىنىقكى؛«غۇۋا ئىنىرگىيە»مەۋجۈت بولغان تەقدىردىمۇ ئالەمنىڭ تىزلىنىشچان سۆرئەتتە كېىڭىيىشىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.چۈنكى:
1. بۇنداق ئۇقۇم ئالەمدىكى ماسسا- ئىنىرگىيەنىڭ ناھايتى كىچىك بىر دائىرىگە -«غەيرى نۇقتا»غا يىغىلىپ قىلىشىغا يول قويمايدۇ. بۇ ھالدا«كېڭىيىش»نى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.ھالبۇكى «ئالەمنىڭ كېڭىيىشى»زىچلىق ماكسىمۇم چەككە يەتكەن ئەنە شۇنداق بىر نۇقتىنىڭ بولىشىنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ.
2.يەنە ئۆز نۇۋىتىدە بۇ ئۇقۇم«دەۋرى ئالەم»پەرىزى بىلەن سىغىشمايدۇ.ھالبۇكى،دەۋرى ئالەم پەرىزى كۆزىتىلگەن پاكىتلارغا ئۇيغۇن.مەسىلەن:گورزايدىئان،پىنروزلارنىڭ ئالاقىدارتەتقىقات نەتىجىسىنى ئەسلەڭ.
3.كېڭيىشتىكى ھەركەت شەكلى ھەققىدە ھازىر ئىنىق چۈشەنچە يوق.ھازىرقى پەن مىنىڭچە ئالەم تۆز سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىدە كېڭىيىۋاتامدۇ ياكى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىدە كېڭىيىۋاتامدۇ؟ دىگەن بۇ نۇقتا ئۈستىدە سىتىمىلىق ئويلاشمىدى.بۇ نۇقتا ئايدىڭ بولماي تۇرۇپ،«ئالەمنىڭ تىزلىنىشچان سۆرئەتتە كىڭىيىۋاتقانلىغىغا قاراپلا ئالەمنى مەڭگۆ كېڭىيىپ كىتىۋىرىدۇ دەپ قاراشنىڭ ئاساس يىتەرلىك ئەمەس.
4.ئېينىشتېيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ماكان ئەگىرى،جىسىملار ئەگىرى ماكاندا ئەگىرى ھەركەت قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.يۇقۇرقى ئىدىيە توغرا دەپ قارالسا «ئالەم»نىڭ كېڭىيىپ،زىچلىقنىڭ كېمىيىپ كىتىۋىرىشىنى پەرەز قىلىش ھاجەتسىز.قىزىقارلىق يىرى شۇكى،«غۇۋا ئىنىرگىيە» ۋە ئالەمنىڭ چەكسىز كېڭىيىش پەرىزى ئېينىشتېيىن تەڭلىمىلىرىنىڭ مەھسولى دەپ قارىلىدۇ.ئېينىشتېيىن «ماكان ئەگىرى»دەپ ئالەمنىڭ چەكسىز كېڭىيىشىنى ئىنكار قىلىپ،تورغۇن ئالەم مودىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.ئېينىشتېيىننىڭ تەڭلىمىلىرىدىن «غۇۋا ئىنىر گىيە»چاچراپ چىقىپ ئۇزىنى ئالەمنىڭ كېڭىيىدىغانلىغىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىگىنى جاكالايدۇ.بۇ ھال كىشىگە گىرمانىيەلىك مىيونخاۋىزىننى ئەسلىتىدۇ.دەل مۇشۇ مىيونخاۋىزىن ئات مىنىپ كىتىپ بېرىپ ئات بىلەن بىللە بىر پاتقاقلىققا قولقىغىچە چۈكۈپ كەتكەن.بۇ پەيىتتە باتۇر مىيونخاۋىزىن ئەقلى ۋە كۈچىنى ئىشلىتىپ ئاتنى چاتىرىغىغا چىڭ قىسىپ تۇرۇپ، قولى بىلەن ئۇزىنىڭ ئىككى قولىقىدىن بىرلا كۈچەپ تارتىپ ئات-پىتى بىلەن چۈكۈپ كەتكەن پاتقاقتىن چىقىۋالغان ۋە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغان.
ئىنىق كۇرۇنۆپ تورۇپتىكى، بۇلار بىر لوگىكىلىق زىددىيەت!.

     مىنىڭچە ،كىڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانۇنى ئارقىلىق تىزلىنىشكە ئىنىرىتسىيىلىك مەنا ئاتا قىلغىلى بولىدۇ.يەنى،«ئالەم »پارتىلاپ كېڭىيىشكە باشلىغان ئەشۇ دەقىقىلەردىن باشلاپلا تىزلىنىشچان سۆرئەتتە كېڭىيىشكە باشلىغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.غۇۋا ئىنىرگىيە قاتارلىقلارنىڭ مەۋجۈت بولوش-بولماسلىغىدىن قەتئى نەزەر  كېڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانۇنى بۇنداق« ھالەت»نى ئۇز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.

     شەكىل نەزەريىسى ئالەمنىڭ ھەرقانداق سۆرئەتتىكى  كېڭىيىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۆرۆشتە ئىنىرىتسىيە قانۇنىدىن باشقا ھەرقانداق ۋاستىگە مۇھتاج ئەمەستەك قىلىدۇ.ئىنىرىتسىيە قانۇنىدا تىلغا ئېلىنغان«ئەسلىدىكى ھالەت»ئۇقۇمى بۇنداق پەرەزگە يول قويۇدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مەيلى نىيوتۇن ئوتتۇرىغا قويغان كىلاسسىك ئىنىرىتسىيە قانۇنى بولسۇن ياكى شەكىل نەزەريىسى تەشەببۇس قىلغان كېڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانۇنى (نىيوتۇننىڭ رىۋاجى) بولسۇن ،ھەر ئىككىسىنىڭ تەجىرىبە ئاساسى بار.29-تىئورمىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلىنىشى ۋە «ئالەم»دىكى قاينامسىمان تۆزۆلۈش،قاينامسىمان ھەركەت(ئەگىرى ھەركەت) ھالەتلىرى بۇ تەشەببۇسنى قوللاپ،ئۆمىتسىزلىك كەيپىياتلىرىغا خاتىمە بىرەلەيدۇ.ھەركەتنىڭ ئەگرىلىك قىممىتى 0لا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ خىل ھەركەت دەۋرىلىكنى شەكىللەندۆرىدۇ.

يۇقۇرقى زىدىيەتلەر ۋە بەزى يېڭى بايقاشلار مۇشۇنداق بىر تېمىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپ بولدى.


ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك بايانى

      شەكىل نەزەريىسى كىلاسسىك ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ بايانىنىڭ«جىملىق ۋە تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت»قاتارلىقلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ،باشقا ھەركەت شەكىللىرىنى ئۇز ئىچىگە ئالمىغانلىغىنى كۇزدە تۆتۆپ بۇ قانۇننىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش كېرەك دەپ قارايدۇ.شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ بايانى تۆۋەندىكىچە:

زەەرىچە ۋە جىسىملار ئەگەر كۈچ تەسىر قىلمىسا ياكى تەسىر قىلغان كۈچلەرنىڭ يىغىندىسى نۆلگە تەڭ بولسا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلايدۇ.


«ئەسلىدىكى ھالەت»نىڭ شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك ئىنىقلىمىسى:

ئەسلىدىكى ھالەت - تەركىپلىگۆچى،تۆزۆلۈش،ھەركەت ، تىزلىك،يۆنۆلۈش،ھەركەت شەكلى قاتارلىقلارنىڭ مۇئەييەنلىگى ۋە بىر پۆتۆنلىگى.


شەكىل نەزەريىسى نەزىرىدىكى«غەيرى نۇقتا»

     «غەيرى نۇقتا» نۇقۇل ماتىماتىكىلىق ھىساپلاشنىڭ نەتىجىسى،ئۇنى تەجىرىبىدىن ئۆتكۆزۈشنىڭ مۇمكىنچىلىگى ئەسلا يۇق.ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتلىغىنىڭ ئىسپاتلىنىشى مۇشۇنداق بىر ماتىماتىكىلىق پەرەزنى قوللغان.

        ھازىرقى زامان فىزىكىسى «غەيرى نۇقتا»نى فىزىكىلىق چۈشەندۆرۆش ئىلىپ بارغىلى بولمايدىغان،فىزىكا قانۇنلىرى ئەھمىيىتىنى يۇقاتقان،ئىنىرگىيە زىچلىقى غايەت چوڭ بولغان،ھەجىمى ئىنتايىن كىچىك بولغان نۇقتا دەپ قارايدۇ.
        شەكىل نەزەريىسى بولسا «غەيرى نۇقتا»- ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئىنىرگىيەنىڭ ۋە ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى مىقدارلارنڭ ئىلىمىنتار بىرلىكلىرى بولغان ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەر(ئېنلار) نىڭ ئەڭ كىچىك دائىرىگە يىغىلغانلىغىنىڭ نەتىجىسى ياكى ھالىتى. بۇ بىر خىل بىر خىل مۇمكىنلىك.لىكىن ئۇنىڭ ھەجىمى زىچلىقنىڭ ماكسىموم چىكى ۋە بۇ نۇقتىنى شەكىللەندۆرگەن ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ شەكلىنى بېكىتكەندىن كىيىن كەلتۈرۈپ چىقىرىش كېرەك.«غەيرى نۇقتا»دا ساقلىنىش قانۇنلىرى ئورۇنلۇق بولىدۇۋە بۇ «نۇقتا»ئۆستىدە فىزىكىلىق تەسۋىرلەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ ،دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.
       شەكىل نەزەريىسى مەۋقەسىدە تۇرۇپ قارىغاندا «غەيرى نۇقتا»دىكى «ئېن»لارنىڭ سىزىقلىق ھەركىتى نۇلگە ئىنتلگەن لىكىن ھەرگىز مۇتلەق مەنىدەنۇل بولمىغان،بارلىق ھەركەت مىقدارى دىگۇدەك بۇلۇڭلۇق(ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش)ھەركەتكە ئايلانغان ھالەتتىكى ئىنتايىن قىسقا بىر پەيىتتىن ئىبارەت.
        بۇ يەردەئەسكەرتىشكە تىگىشلىك بىر نۇقتا بار ،ئۇ بولسىمۇ غەيرى نۇقتانۇۋەتتىكى فىزىكلاربايان قىلغىنىدەك ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئىنىرگىيەنى _ بارلىق ئېنلارنى ئوخشاش بىر پەيىتتە ئۇزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىشى ناتايىن.«ئالەمدىكى بارلىق ماسسا -ئىنىرگىيە يىغىلغان نۇقتا»دىگەن بۇنداق پەرەزنىڭ قۇرۇلىشى ئۇچۈن چەكسىزبولغان،ۋاقىت كەتمەيدىغان تىزلىك بولىشى كېرەك.ھالبۇكى،غايەت زور تىزلىكنىلا پەرەز قىلىشقا مۇمكىنكى، چەكسىز تىزلىكنى پەرەز قىلىشقا بولمايدۇ.شەكىل نەزەريىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ قارىغاندا غەيرى نۇقتانىڭ سىرتىدا يەنىلا شەرىتلىك ھالدا ۋە مۇئەييەن چەكتە «ئېن»بەلۋاغلىرى ساقلانغان بولىدۇ. ۋاچ.گورزايدىئان ۋە روگىر.پېنرۇزلارنىڭ بايقاشلىرى بۇنداق تەشەببۇسنى قوللايدۇ.


        ئەرمەنىيىلىك ۋاچ.گۇرزايدىئان،ئەنگىلىيىلىك روگىر .پىنروزلار تەمىنلىگەن يۇقۇرقى سۇرەت ،ئالەم ئارقا كۇرۇنۇش رادىياتسىيىسنىڭ مەركەزداش چەمبەرلەر بويىچە ھەربىر چەمبەر ھالقىلىرىدا پەرىقلىق زىچىلىققا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۇرسىتىدۇ.بۇ زىچلىق پەرقى بۇندىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن قېتىم "ئالەم"بولغانلىغىنىڭ ئىسپاتى،ھەر بىر چەمبەر ئىچىدىكى رادىياتسىيەئالدىنقى قىتىملىق "ئالەم"لەرنىڭ قالدۇرغان ئىزى دەپ قارالغان.بۇ ھالدا بىز غەيرى نۇقتىنى ئالەمدىكى بارلىق ماسسا -ئىنىرگىيە ياكى ئالەمدىكى بارلىق ئېنلار بىرلا پەيىتتە ئىنتايىن كىچىك بىر نىيوتۇن بوشلىغىغا يىغىلغان نۇقتا دەپ قارىيالمايمىز.

ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئىنىرگىيەنى ئۇز ئىچىگە ئالغان«غەيرى نۇقتا»:
1.تىزلىك نۇقتىسىدىن مۇمكىن ئەمەس.
2.ئورۇن،فازا نۇقتىسىدىن مۇمكىن ئەمەس.
3.«كۇپ ئالەم»نۇقتىسىدىن مۇمكىن ئەمەس.
4.«بىر پەيىتلىك» نۇقتىسىدىن مۇمكىن ئەمەس.
مۇمكىن بولىدىغىنى:
ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئىنىرگىيەنى ئۇز ئىچىگە ئالمىغان«غەيرى نۇقتا»دىن ئىبارەت.
         شەكىل نەزەريىسى نۇقتىسىدىن ئىتقاندا «غەيرى نۇقتا»نىڭ ئەمەلى رادىيوسىنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولىشى پىرىنسىپال مەسىلە ئەمەس.ئالەمدىكى بىر قىسىم ماسسا-ئىنىرگىيە(ئېن)نىڭ غەيرى نۇقتىنىڭ سىرتىدا قېلىشى،«كۇپ ئالەم»لەرنىڭ بولىشى شەكىل نەزەريىسىگە قىيىنچىلىق توغدۇرۇپ بېرەلمەيدۇ.
        ئومۇمىلىققا ئىگە فىزىكا قانۇنلىرى غەيرى نۇقتىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق فىزىكىلىق رىياللىقلارغا ئورتاق بولىۋىرىدۇ.بىر نۇقتىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك،ئۇ بولسىمۇ «ئېن»لار جەمگاھى بولغان غەيرى نۇقتىدا تارتىش كۈچىنى ئەسلا پەرەز قىلىشقا بولمايدۇ.بۇ نۇقتىدىكى بارلىق فىزىكىلىق جەريانلار ھەركەت شەكلى ۋە تىزلىك تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.بۇنداق قاراشنىڭ سەۋەپلىرىنى مەن «KKMدۇنياسى-«كۈچ»، «دولقۇن»ئىدىيىلىرى ئۈنۈمسىز دۇنيا»ناملىق قىسقا يازمامدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇتكەن.

«غەيرى نۇقتا» ئىنىرىتسىيىسى ۋە چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيىسى

        شەكىل نەزەريىسى نەزىرىدىكى «غەيرى نۇقتا» يۇقۇردا دىيىلگەندەك شار شەكىللىك«ئېن»لارنىڭ ناھايتى كىچىك بىر دائىرىگە يىغىلغان ھالىتى.ھالبۇكى،ھازىرغىچە بۇ نۇقتىدىن تاكى پىلانىك ئۆلچەملىرىگىچە بولغان بولغان ئارىلىقنى ھازىرقى زامان فىزىكىسى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيدۇدەپ قارىلىپ كەلدى.شەكىل نەزەريىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ،«غەيرى نۇقتا» -«ئېن»لارنىڭ توپلىمى دىگەن ئالدىنقى شەرىت ئورۇنلۇق دەپ قارالسا،بۇ نۇقتىنىىڭ ھالىتىنى «ئىنىرىتسىيىلىك ھالەت»كەيىغىچاقلاپ،ئۇنى ۋە چوڭ پارتىلاشتىن ئىبارەت بۇ جەرياننى شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك كېڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانۇنى ۋە ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ ئارقىلىق چۈشەندۆرۆشكە بولىدۇ.بۇ تەشەببۇسنىڭ لوگىكىلىق ئاساسلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.كىلاسسىك ئىنىرىتسىيە قانۇنى «غەيرى نۇقتا بىر خىل ئىنىرىتسىيىلىك ھالەت»دىگەن بۇنداق پەرەزنى رەت قىلمايدۇ.
2.«كېڭىيىۋاتقان ھالەت»نىڭ ئۇزىلا تەكشۆرۆش ئوبىكتى قىلىنىغان ئەھۋالدا،كىلاسسىك ئىنىرىتسىيە قانۇنى«چوڭ پارتىلاش»(ئالەمنىڭ كېڭىيىشى)دىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر رىياللىقنىمۇ يەنىلا  رەت قىلمايدۇ.
3. ئالاقىدار قىيىنچىلىقلارنى شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك كېڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانۇنى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ يەردە كۇزدە تۇتۇلغان«ئالاقىدار قىيىنچىلىق»قايسى؟:
1.كىلاسسىك ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ بايانى مۇقىم بىرخىل ھالەتنى(م:«غەيرى نۇقتا» ياكى «كېڭيىۋاتقان ھالەت»نىڭ ئىككىسىنىڭ بىرىنى) ئۇز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى باغلىنىش ۋە ئۆزگىرىشنى،«ھالەت ئۆزگىرىشلىرى»نىڭ سەۋەپ -نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى،سەۋەپ ۋە نەتىجىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى رىياللىقنىڭ بىر پۆتۈنلىگىنى يەنىلا ئىنىرىتسىيە قانۇنى نۇقتىسىدا تۇرۇپ روشەن چۈشەندۈرمىگەن.
2.كىلاسسىك ئىنىرىتسىيە قانۇنى ئىنىرىتسىيىلىك ئۇزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى پەقەت«تاشقى كۈچ»كىلا باغلاپ قويغان.

قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

   شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك كېڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانۇنى ئارقىلىق ئالاقىدار قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.ئاساسلار:
1.شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك ئىنىرىتسىيە قانۇنىڭ بايانى ئىچكى،تاشقى ھالەت ۋە تەسىر شۇنداقلا بارلىق ھالەتلەرنى ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ.
2.شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ ئىچكى كۈچ(ئۇزىدىكى كۈچ)تىن ئىبارەت.بۇ،كىلاسسىك ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ ئۇقۇمى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
3.«ھالەت ئۇزگىرىشى»،«ئۇزىدىكى ئۇزگۆرۈش»دىن ئىبارەت يېڭى ئۇقۇملارنى كىرگۆزۈش.«ھالەت»نىڭ تەركىپلىگۆچىلىرىنى ئىنىقلاش.

        بۇ ھالدا «غەيرى نۇقتا»ۋە«چوڭ پارتىلاش»نى(ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى) «ئىچكى كۈچ»ئارقىلىق ،كېڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانۇنى ئارقىلىق چۈشەندۆرۆش تامامەن مۆمكىن.
بۇ خىل پەرەزنىڭ يەنە بىر ئاساسى شوكى ؛يۇقۇرقى ئىككى خىل رىياللىقنى ھازىرقى زاماندىكى باشقا ھەرقانداق كۈچ ياكى «قانۇن»ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولمايۋاتىدۇ.«غۇۋا ئىنىرگىيە»ۋە ئالەم ئارقا كۇرۇنۆش رادىئاتسىيىسى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش قىزغىنلىغى ئەسلا ئاقمايدۇ.سەۋەپ،ئەشۇ«غۇۋا ئىنىرگىيە»مۇ ئوخشاشلا ئەينى ۋاقىتتا «غەيرى نۇقتا»غا يىغىلغان بولىشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغىنىدا«ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئىنىرگىيە ناھايتى كىچىك بىر نۇقتىغا يىغىلغان»دىگەن ھازىرقى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقتىكى بۇ مودا جۇملىدىن ۋاز كېچىپ،«بىر قىسىم ئىنىرگىيە ئۇ يەرگە يىغىلمىغان»دىيىشكە توغرا كېلىدۇ.گۇرزايدىئان،پىنرۇسلارنىڭ  تەتقىقات نەتىجىسى مەلۈم مەنىدە بۇنداق پەرەزنى قوللىشى مۆمكىن،لىكىن مەسىلە يەنىلا ئۆزۆل - كېسىل ھەل بولمايدۇ.

«ھالەت» كۆپ قاتلاملىق رىياللىق، كەم دىگەندىمۇ،ئۇلار:
1.ھەركەت سوبىكتىنىڭ گىئومىتىريىلىك،ئوپتىكىلىق ھالىتى،شەكلى.
2.ھەركەت ھالىتى-ھەركەت شەكلى.سىزىقلىق ياكى بولۇڭلۇق ھەركەت ھالىتى قاتارلىقلار.
3.ھەركەت يۆنۆلۇشى.
4.تىزلىك،تىزلىكىنىڭ ئۇزگىرىشى.
5.نىسبى تۇراقلىق ھالەت ۋە ئۆزگىرىشچان ھالەت،قاتارلىقلار.
6.تۆزۆلۆشلىك ھالەت ۋە تۆزۆلۆشسىز ھالەت(ئېن)قاتارلىقلار.
نىيوتۇننىڭ ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى تورغۇزۇشتا نەزەردە تۇتقان«جىسىم»ى ماھىيەتتە يۇقۇرقى ھەممە ھالەتلەرنى ئۇز ئىچىگە ئالغان.
7.ئەمدى بىزگە قەپ قالغىنى,بارلىق ئۇزگىرىشلەر ئارىسىدىكى«ئىنىرىتسىيىلىك باغلىنىش»،«ئىنىرىتسىيىلىك ئالمىشىش- ئالماشتۇرۇش»لارنى ئىنىقلاش ۋە چۈشەندۇرۆش.دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتنى ھەركەت شەكلى دەپ قارىغىنىمىزدا،بۇ خۇسۇسىيەت ھەقىقى مەندىكى ئاساسى زەررىچىدىن تارتىپ بىر پۇتۆن فىزىكىلىق ئالەمگىچە ساقلانغان بولىدۇ.

        بىر ھەركەت سوبىكتىنىڭ ھالىتىدە ئۈزگىرىش بولدى دىيىلگەندە كونكىرىت قايسى ھالەتتە ئۆزگىرىش بولغانلىغىنى بايقاش ۋە تىلغا ئېلىش كېرەك.يەنى،بىر قاتلامدىكى ئۇزگىرىش،بىر پۇتۇنلۇكنىڭ ئۆزگىرىشكە تەڭ ئەمەس.ئاپتۇمۇبىلنىڭ(ياكى زەررىچىنىڭ)يۆنۆلۆشىنى ۋە تىزلىگىنى ئۇزگەرتىشى ،ئونىڭ ئۇز شەكلىنى ئۇزگەرتىشىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.دىمەك «ئۈزگەرمىگەن ھالەت»لەر يەنىلا ساقلىنىدۇ.

ھەركەت شەكلى

      زەررىچە ۋەجىسىملارنىڭ ،يۇلتۇزلار سىستىمىلىرىنىڭ ھەركەت شەكلىنى تەتقىق قىلىش بىزنىڭ فىزىكىلىق ئالەمنى چۈشىنىشىمىزدە مۇ ھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.شەكىل نەزەريىسى زەررىچە ۋە جىسىملارنى،ھەجىم،شەكىل،ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن نۇقتۇلۇق تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.ئەگرىلىك ،دولقۇن شەكلىدە شەكلىدە ھەركەت قىلىش مىكرۇ زەررىچىلەردىن تارتىپ پىلانىتلار،يۇلتۇز سىستىمىلىرىنىڭ ئورتاق ھەركەت شەكلى.«تۇز»لۇك قىسمەنلىك،«ئەگرىلىك»ئومۇمىلىقتىن ئىبارەت.




مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭ ھەركەت شەكلى


http://tieba.baidu.com/photo/p?kw=%BB%F4%C7%F1%D2%BB%D6%D0&flux=1&tid=2123352697&pic_id=a9d3fd1f4134970a8fabd01c94cad1c8a7865d2d&pn=1&fp=2&see_lz=1


قوياش سىستىمىسىدىكى بىر قىسىم پىلانىتلارنىڭ سامان يولىدىكى ھەركەت شەكلى



形象点评:我们的太阳系在银河系的轨迹
图片提供:米哈伊尔梅德韦杰夫
قوياش سىستىمىسىنىڭ ھەركەت شەكلى


  在爱因斯坦的广义相对论方程中,我们推出了宇宙时空曲率,进而得到引力场方程,科学家发现在许多“假设宇宙”中允许时间旅行的发生,比如旋转宇宙模型

گىرمانىيە ئالىملىرى كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىى تەڭلىمىلىرىنىڭ قاينامسىمان(سىفرال)ئالەمگە يول قويۇدىغان بىريېشىمنى تاپقان.



      كۇرۇنۇپ تورۇپتىكى ماكرۇ دۇنيا بىلەن مىكرۇ دۇنيانىڭ ھەر كەت شەكلى جەھەتتە پىرىنسىپال پەرقى يوق،پەقەت چوڭ،كىچىكلىك،ئۇلچەم پەرقىلا مەۋجۇت.مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭ ھەركەت شەكىللىرى ماكرۇ جىسملاردا ئوخشاشلا ساقلىنىدۇ.



ئىنىرىتسىيىلىك ھالەتنىڭ  ئۇلچىمى

       تىنىمىسىز ھەركەت قىلىپ ۋە ئۇزگىرىپ تۇرىدىغان دۇنياغا نىسبەتەن ئىتقاندائىنىرىتسىيىلىك ھالەتلەرنى تەۋىرلەش ۋە چۇشەندۇرۇشتە بىزنىڭ ئۇلچەملىرىمىز بەكمۇ مۇھىم قورال.بۇ قۇراللارنىڭ بىرى ۋاقىت ئۇلچىمى يەنە بىرى بوشلۇق ئۇلچىمىدىن ئىبارەت.بىر دەۋرى جەريانغا نىسبەتەن ئىتقاندا بىر قىتىملىق دەۋرىلىك ئىچىدىكى كونكىرىتلىقلار شۇ قېتىملىق بىر پۇتۇنلۇككە نىسبەتەن دەۋرى بولمايدۇ.دىمەك بىز ئومۇمىلىقنى تەسۋىرلەشتە بىر پۇتۇنلۇكنى ئاساس قىلىشىمىز ياكى ھېچبولمىغاندا بىر پۇتۇنلۇك ئىچىدىكى غەيرى دەۋرى جەريانلارنى ئومۇمىلىق دەپ قارىۋالماسلىغىمىز كېرەك.بىز يەر شارىنىڭ دەۋرى ھەركىتىنى بىلىپ يەتتۇق.مۇبادا ئىنسانلارنىڭ ئۇمرى ئادەتتىكى بىر كۇندىن پەۋقۇلئاددە قىسقا،ھەتتا پۇتكۇل ھاياتلىق تارىخى ئادەتتىكى بىز بىلگەن بىر كۇندىن تولىمۇ قىسقا بولغان بولسا بىزدە دەۋرى ھەركەت چۈشەنچىسى شەكىللەنمىگەن،بۇنداق ھەركەتنى بايقىيالمىغان بولاتتۇق.بىزنىڭ نۇۋەتتىكى بىر پۇتۇن فىزىكىلىق ئالەمگە بولغان چۈشەنچىمىزدە مانا مۇشۇنداق گاڭگىراش ۋە ئىنىقسىزلىق مەۋجۇت.چۈنكى بىر پۇتۇن فىزىكىلىق ئالەمنىڭ دەۋىلىگىنى كۇزۇتۇش مەڭگۇ ئىنسانىيەتكە نەسىپ بولمايدۇ،دىمەكچى بولغىنىم ئۇلچەملەرنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولىشى پىرىنسىپال مەسىلە ئەمەس،بىر مىتوت مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت.بىز بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشىمىز كېرەك.
      ئالەمنىڭ ھازىرقى كېڭيىۋاتقان ھالىتى  بىر پۇتۇن دەۋرى جەرياننىڭ ئىچىدىكى بىر تەركىپلىگۇچى،بىر كونكىرىتلىقتىنلا ئىبارەت،خالاس.ئوبرازلىق ئىتساق بۇنى بىر پۇتۇن دولقۇن گىراپىكىدىكى دولقۇن ئويمىنى ياكى دولقۇن چوققىسىغا قاراپ سىلىجىۋاتقان(ئىككىسىنىڭ بىرىلا) تاق يۇلىنىشلىك جەريان دىيىشكىلا بولىدۇ.

شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى؛

1.دولقۇنلۇق خۇسۇسيەتنى ھەركەت شەكلى دەپ قاراپ ماكرۇ جىسىملارغىمۇ كىڭەيتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ،ئۇلارنىڭ دەۋرى ھەركەتكە ئىگە بولىشى.يەنى، دەۋرى ھەركەتكەئىگە بارلىق زەررىچە ۋە جىسىملارنى دولقۇن شەكلىدە ھەركەت قىلىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ.نۇۋەتتە يۇلتۇزلار سىستىمىلىرىنىڭمۇ دەۋرى ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى ئىلىم-پەن بايقىدى.قەپ قالغىنى ۋە تالاش-تارتىشتا بولىۋاتقىنى بىر پۇتۇن فىزىكىلىق ئالەمنىڭ دەۋىرى ھەركىتىدىنلا ئىبارەت.شەكىل نەزەريىسى 29-41-تىئۇرمىلار نۇقتىسىداتۇرۇپ بۇنداق دەۋرىلىكنى پۇتۇنلەي مۇمكىن بولىدىغان رىياللىق دەپ قارايدۇ.
2.بىر پۇتۇن فىزىكىلىق ئالەم تەركىۋىدىكى تەركىپلىگۇچىلەر ھەركىتىنىڭ ئەگرىلىگى ۋە دۇلقۇن شەكلىدە دەۋرى ھەركەت قىلىشى بۇ بىر پۇتۇن فىزىكىلىق ئالەمنىڭ قاينامسىمان (سىفرال)كېڭىيىپ تارىيىشىدىن دىرەك بىرىدۇ.
3.ھەقىىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە(شەكىل نەزەريىسىدىكى «ئېن»)نىڭ خۇسۇسىيەت ۋە پارامىتىرلىرى ماكرۇ دۇنياغا سۇرۇلگەنچە رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ.دەۋرى ھەركەت قىلىدىغان بىر پۇتۇن فىزىكىلىق ئالەمنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىغىنى ئالەمدىكى ئەڭ ئۇزۇن دولقۇن ئۇزۇنلىغى ددەپ قاراشقا بولىدۇ.دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتنى ھەركەت شەكلى دەپ قاراپ ماكرۇ رىياللىقلارغىمۇ كېڭەيتىكەندە ئۇنىڭ باشقامۇناسىپ پارامىتىرلىرىمۇ ماس ھالدا تەدبىقلىنىدۇ،يەنى ماكان(بوشلۇق)دەۋرىلىگى بىلەن،زامان(ۋاقىت)دەۋرىلىگى قاتارلىقلار.بۇ خىل چۈشۈنۆش ۋە تەسۋىرلەش ئارقىلىق ماكرو دۇنيا بىلەن مىكرۇ دۇنيا ئۇتتۇرىسىدا پىرىنسىپال پەرىقلەرنىڭ يوقلىغىنى ،پەقەت ئۇلچەم جەھەتتە،چوڭ كىچىكلىك پەرقىنىڭلا مەۋجۇتلىگىنى ئەكىس ئەتتۇرگىنى بولىدۇ.
4.ھەركەت مىقدارى ھەرقانداق ئەھۋالدا مۇئەييەن ھەركەت شەكلى سۇپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.يەنى بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى ۋە سىزىقلىق ھەركەت مىقدارىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ئىككى خىل ھەركەت شەكلىنى شەرىت قىلىدۇ.دىمەك ئۇز نۇۋىتىدە ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى ھەركەت شەكلىنىڭ ساقلىنىشى دەپمۇ چۈشۆنۆشكە بولىدۇ.
5.يىغىپ ئىتقاندا بارلىق ماكرۇ ۋە مىكرۇ رىياللىقلار ھەركەت شەكلى جەھەتتەدەۋرىلىكنى ئىپادىلەيدۇ ۋە قانائەتلەندۇرۇدۇ.بارلىق دەۋرى ھەركەت جەريانلىرىنى دولقۇن شەكلىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.دولقۇن شەكلىگە يىغىنچاقلىغىنى بولىدىغان بارلىق جەريانلارنى ئوخشاشلا دەۋرى جەريانغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.بىر پۇتۇن فىزىكىلىق ئالەمنى ھەركەت شەكلى شەكلى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش مۇقەررەر ھالدا  بىر پۇتۇن فىزىكىلىق ئالەمنىڭمۇ دەۋرى ھەركەت قىلىدىغانلىغىدىن ئىبارەت يەكۇنگە ئېلىپ بارىدۇ،كېڭەيتىلگەن ئىنىرتىسىيە قانۇنى ئارقىلىق بۇ جەريانلارنى ئۇنۇملۆك تەسۋىرلەپ چۈشەندۇرگىلى بولىدۇ.
فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ھەركىتى ۋە ھەركەت شەكلى ئۇنى شەكىللەندۇرگەن زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ھەركىتى ۋە ھەركەت شەكلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.پۇتۇن كۇزىتىشلەر زەررىچە ۋە جىسىملار ھەركىتىنىڭ ئەگرى بولىدىغانلىغىنى دەلىللىدى.ئەگرىلىك ئومۇمى جەھەتتىن ۋە ھەربىر كونكىرىتلىقتا بىر ئىنىرىتسىيىلىك ھالەت سۇپىتىدە پۇتكۇل كائىنات تارىخىغا ئىزچىل ساقلىنىدىغان ھەركەت شەكلى.دەۋرىلىك ئوخشاشلا ئىزچىل ساقلىنىدىغان ئىنىرىتسىيىلىك ھالەتتىن ئىبارەت.



2013.5.10


66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 01:52:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-20 18:04  

قوياش سېستىمىسىنىڭ سامان يولتۇزى سېستىمىسىدىكى ھەقىقى تىرايىكتورىيىسى
*
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1357

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8806
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 109
تۆھپە : 351
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 09:57:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تىرايىكتورىيە» دىگەننىڭ مەنىسى نىمە ؟  

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 10:00:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rivayat يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 09:57
«تىرايىكتورىيە» دىگەننىڭ مەنىسى نىمە ؟

ماڭغان يولىنىڭ ئىزى.

0

تېما

0

دوست

2243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 11:25:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

1357

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8806
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 109
تۆھپە : 351
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 11:37:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 10:00
ماڭغان يولىنىڭ ئىزى.

رەخمەت سىزگە !    ئۇنداقتا تىرايىكتورىيلىك باشقۇرۇلدىغان بومبىنى نىمە دەپ چۈشۈنۈشكە بولىدۇ ؟ رەخمەت .

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 16:16:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nijat0220 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-21 02:27  

       ئەپەندىم، مىنىڭچە سىز ئوتتۇرىغا قويغان‹‹فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى›› دە تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ‹‹ئېن›› ئۇقۇمى ، سىزنىڭ پۈتكۇل نەزەرىيە سېستىمىڭىزنى چۈشىنىشتە ھالقىلىق رول ئوينايدىغان ئۇقۇم. شۇڭلاشقا سىز تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلىۋاتقان‹‹ئېن›› گە ئالاقادار سۇئاللارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسىڭىز.بۇ سۇئاللارنىڭ ئىچىدە مۇھاكىمە ئەپەندىمنىڭ   تۆۋەندىكى سۇئالى بىرقەدەر ئىلمىي ،ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپتۇ (شەخسىي چۈشەنچەم). مۇشۇ سۇئالغا بىر ئەستايىدىل جاۋاپ بېرىپ باقسىڭىز.
         سىز شۇنداق بىر ھىچقانداق تەسىرگە قاتناشمايدىغان زەررىچىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىسىزكى ، ئۇ زەررىچە ھىچقانداق تەسىرگە قاتناشمايدىغانلىغى سەۋەبىدىن ئىنسانلار 100مىڭ يىل مۇشۇ سۈرئەتتە تەرەققى قىلسىمۇ ئۇ زەررىچىنى بايقىيالمايدۇ.
چۈنكى ، ئۇنى بايقاش ياكى ئۆلچەش ئۈچۈن ، ئۆلچىگۈچى ئەسۋاپ مۇئەييەن بىر ۋاستىنى قوللىنىپ ئۆلچەش ئوبىكتىنى سىزەلىشى كېرەك . مەسلەن؛ سىزنىڭ ئىگىزلىكىڭىزنى ئۆلچەشتە، مېتىر ۋە كۆز قاتارلىقلار بولۇشى ۋە سىزنىڭ كۆرۈنىشىڭىز كېرەك . ئەگەر سىزنىڭ ھىچقانداق ئوبرازىڭىز ياكى سۆرىتىڭىز ۋە ياكى باشقا ھىچقانداق فىزىكىلىق بەلگىڭىز بولمىسا ، سىزنىڭ بوي ئىگىزلىكىڭىزنى قانداق ، نىمىگە ئاساسەن ، قايسى ئۇسۇل بىلەن ئۆلچەيمىز؟

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 17:16:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-20 19:21  
nijat0220 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 16:16
ئەپەندىم، مىنىڭچە سىز ئوتتۇرىغا قويغان‹‹فىزىكىلى ...

توغرا دەيسىز،"ئېن"نى چۈشەنمىسە شەكىل نەزەريىسىنى چۈشەنمەيدۇ.

شەكىل نەزەريىسىدە «فىزىكىلىق ئالەم»دىكى تۆزۆلۈشكە ئىگە زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ھەممىسى تۆزۆلۈشكە ئىگە بولمىغان،ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچەلەر نىڭ پۆتۆن سان ھەسسىلىگى بۇيىچە تۆزۆلگەن بولىدۇ.دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق ماددى ئالەمنى بەرپا قىلغۇچى ئىلىمىنتار زەررىچىگە ئېينىشتېيىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن«ئېن»دەپ نام بېرىلگەن.بۇنداق ئېنلارنىڭ ئالەمدىكى سانى چەكلىك بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەجىمىنىڭ يىغىندىسى پۆتۆن ئالەمدىكى ماسسا - ئىنىرگىيىسىنىڭ ھەجىمىنى،يەنى "مۇتلەق ھەجىم"ىنى كۇرسۆتىدۇ.بۇ بىر تۇراقلىق مىقدار."ئېن"لارغا ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى بارلىق مىقدارلار تەقسىملەنگەن بولۇپ،ئېنلار بۇ ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى مىقدارلارنىڭ ئىلىمىنتار بىرلىكلىرىدىن ئىبارەت.
"ئېن" شار شەكىللىك بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈچ تۆرى بار،دەپ قارىلىدۇ.ئۇلار مۇسبەت زەرەتلىك ئېن،مەنفى زەرەتلىك ئېن ۋە زەرەتسىز،نىترال ئېندىن ئىبارەت.ئۇلارنى بىزمودىل تۇرغۇزۇشتا ئايرىم -ئايرىم ھالدا 3 رەڭ بىلەن ئىپادىلىسەك بولىدۇ.



"ئېن"لار ئۇز ئارا ئىلاستىك سوقۇلۇشتىن باشقا، زەررىچە قويۇپ بېرىش تىپىدىكى ھەرقانداق ئۇز ئارا تەسىرگە قاتناشمايدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇزى زەررىچە قويۇپ بەرمەيدۇ ۋە زەررىچە قوبۇل قىلمايدۇ.ئۇلارنىمۇ زەررىچە قويۇپ بېرىدۇ،دىسەك ئۇ ھالدا تۆزۆلۈشكە ئېگە بولۇپ.ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە بولماي قالىدۇ.
*مۇھاكىمە ئەپەندىم بۇلاردىن خەۋەردار ئىدى.
*ئۇلارنىڭ مەۋجۈتلىكىنى سىرتى چىرايلىق سوۋاپ سىرلىۋىتىلگەن ھەيۋەتلىك بىنانىڭ كېسەكلەردىن قوپورۇلغانلىغىنى بىلەلەيدىغانلىكى ئادەم بىلەلەيدۇ.ھازىرغىچە گىراۋىتون تېپىلمىدى،نەزەريىدە ئۇنىڭ ھەتتا ھەجىمى ۋە شەكلىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان،لىكىن بىز ئۇنى بار نەرسە دەپ قوبۇل قىلىپ كىلىۋاتىمىز.بۇنداق مىساللار كۆپ.
*بۇ جانابى ئېنلار يۇقۇرقىلاردىن مەلۆم بولغىنىدەك زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى 4 خىل ئاساسى ئۇز ئارا تەسىرگە قاتناشمايدۇ.4 خىل ئاساسى تەسىرنى مۇشۇ ئېنلاردىن تۇزۆلگەن ھاسىلى زەررىچىلەرنىڭ مەلۈم بىر باسقۇچىدىلا ئاندىن رول ئوينايدۇ،دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
*
*
«ئېن»نىڭ 3تۆرى بار دىگەن ئىدىيەنىڭ ئۈچ ئاساسى:
1.مۇبادا مەنفى،مۇسبەت ئىككى خىللا «ئېن»بار دەپ قارالسا ،نىترال دۇنيانىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ.
2.مۇسبەت،مەنفى ئىنلار بىرىكىپ مەنفىنى شەكىللەندۆرىدۇ،دىيىلسە،بىر مۇنچە نەزەريىۋى ۋە ئەمەلى مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.مەسىلەن،ئۇلار قانداق ئايرىلغان؟.
3.مىسال ئۈچۈن بولسىمۇ، ھاسىلى شەكىللەرنىڭ زەرەتلىك بولۇش خۇسۇسىيىتىنى تورغۇزغىلى بولمايدۇ.مەسىلەن باراۋەر زەرەتلەردىن تۆزۆلگەن بىر سېستىما بار،دەپ پەرەز قىلساق ئۇ پەقەت نىترال سېستىما بولىدۇ،بۇنداقتا ئالەم پەقەت نىترال ئالەمگىلا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۇ تېمىنىڭ سەھپە چەكلىمىسىنى كۇزدە تۇتۇپ،كونكىرىت مەسىلىلەرنى ۋە «بوۋاق زەرەت» قاتارلىق يېڭى ئۇقۇملارنى ئايرىم تېمىدا بايان قىلمەن.
*
*_________
*نىيوتۇن«تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»دا ماددا مىقدارىغا تۆۋەندىكىچە ئېنىقلىما يازغان:

ماددىنىڭ مىقدارى ماددىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ،ئونىڭ زىچلىغى ۋە ھەجىمىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ.
ـــــــــ «ئېنىقلىمىلار» بابىدىن ئېلىندى.


كۇرۇنۆپ تۇرۇپتىكى،يۇقۇرقى ئېنىقلىما مۇ قەررەر ھالدا زىچلىق سەۋەبىدىن«مۇتلەق ھەجىم»، «كۇرۇنمە ھەجىم»،«ھەجىملىك تىزلىك»ئۇقۇملىرىغائىلىپ بارىدۇ.
«ھەجىملىك تىزلىك»ئۇقۇمىنى يۇقۇرقى ئېنىقلىما بىلەن  ھەركەت مىقدارى ھەققىدىكى «ھەركەتنىڭ مىقدارى ھەركەتنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ،تىزلىك ۋە ماددا مىقدارىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ ( نىيوتۇن)»دىگەن بۇ ئېنىقلما بىلەن بىرلەشتۈرۈپ  كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ.

«ئېنىقلىمىلار»دىكى«ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ»كە بېرىلگەن ئېنىقلىمىدا«vis insita»دىگەن سۇز بولۇپ،خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى بۇ سۆزنى تەرجىمە قىلماي ئەينەن ئالغان،مەن ئىنگىلىزچە بىلمىگەنلىگىم ئۈچۈن ئۇيغۇرچىسىنى تەرجىمە قىلغاندا شۇپېتى ئالدىم،ئېنگىلىزچە بىلىدىغانلار،ئىمكانىيىتى يار بىرىدىغانلار يۇقۇرقى سۇزنىڭ مەنىسى،ئىتمۇلۇگىيىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىپ ئىنكاس قالدۇرسا تولىمۇ خۇرسەن بولاتتىم.مەن قىلغان تەرجىمە تۆۋەندىكىچە:


vis insita،ياكى ماددىدا ئەزەلدىن بار بولغان كۈچ ـ بىرخىل قارشىلىق كۇرسۇتۆش رولىنى ئوينايدىغان كۈچ بولۇپ،ئۇ ھەربىر جىسىمدا مەۋجۈت،چوڭ - كىچىكلىگى بۇ جىسىم بىلەن باراۋەر،ئۇزىنىڭ ھازىر بار بولغان ھالىتىنى -ياكى جىملىقىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدىغان كۈچ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )