بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-20 11:07
تەشەككۆر.بۇ تېما مىنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئالەمدىكى ئورنى ھەققىدىكى «شائىرانە ،خام خىيال»لىرىمنى يادىمغا سالدى،بۇ «شائىرانە،خام خىيال»لار مانا:
*ئالەمنىڭ بىر كۈنى ۋە "ئالەم سائىتى"
قاسىم سىدىق
ئاساسىي مەزمۇنى: ئالەم دەۋرلىك قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىدۇ. ئالەمنىڭ بىر قېتىملىق دەۋرىلىگىگە ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 80 مىليارد يورۇقلۇق يىلى كېتىدۇ،دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. مانا بۇ ئالەمنىڭ بىر كۈنىدۇر. يەنى ئالەمنىڭ بىر كۈنى (سوتكىسى) 80 مىليارد يورۇقلۇق يىلىغا تەڭ. ئالەمنىڭ بىر كۈنىدىن "ئالەم سائىتى"نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ. ئالەم سائىتى پايدىلىنىش سىستېمىسى قىلىنسا زەررىچە ۋە جىسىملار گويا مۇتلەق جىم بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئالەم ئوربىتا بويلاپ ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى ئۇچۇن ئۇنىڭ يىلى بولمايدۇ. ھەرىكەت ئىككى ياقلىمىلىق رىياللىق.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ئالەمنىڭ بىر كۈنى. دەۋرىلىك. ئالەم سائىتى.ھەرىكەت.
ئالبىرىت.ئېينىشتېين بارلىق ئىنېرتسىيىلىك سىستېمىلارغا ئورتاق ئۇيغۇن كېلىدىغان"زامان"نى ئىنكار قىلىدۇ. يەنى، ھەر بىر نىسپى مۇستەقىل ئىنېرتسىيىلىك سىستېمىنىڭ ئۆزىگە خاس "زامان"ى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە"فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى" – تەبىئەت دۇنياسىدا "زامان"دىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ فىزىكىلىق رېئاللىقنىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىنكار قىلىدۇ، "زامان" پەقەت سۇبيېكتىپ، پەلسەپىۋى رىياللىق دەپ قارايدۇ. لېكىن، ھەرىكەتنى بولۇپمۇ تېزلىكنى تەسۋىرلەش ئۇچۇن"زامان" ئۇقۇمى زۆرۈر دەپ چۈشىنىدۇ ۋە ئۇنى بىر سۇبيېكتىپ ئۆلچەم سۈپىتىدە قوللىنىدۇ. («فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى – "زامان"»ماۋزۇسى ئاستىدىكى مەزمۇنلارغا قاراڭ). «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»دە «زامان» بىر خىل قورال، بىرخىل مېتود سۈپىتىدە پايدىلىنىلىدۇ. بۇ ماقالىدىمۇ "زامان"ئاتالغۇلىرى دەل شۇنداق مەۋقەدە تۇرۇپ ئىشلىتىلگەن. يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقىدا پىرقىراپ قىلغان بىر قېتىملىق دەۋرى ھەرىكىتى بىزنىڭ "بىركۈن" چۇشەنچىمىزنى شەكىللەندۈرگەن. ئوربىتا بويلاپ قىلغان دەۋرى ھەرىكىتى"يىل" چۇشەنچىمىزنى شەكىللەندۈرگەن. ئالەم ئوربىتا بويلاپ دەۋرى ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى ئۇچۇن ئۇنىڭدىن "يىل" ئۇقۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولمايدۇ. بۇ ئۇقۇمنى تۇرغۇزۇشتىن ئىلگىرى ئالەمنىڭ دەۋرلىك شەكىلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ كۆرۈش كېرەك. ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىنى كېڭىيىش ۋە تارىيىشتىن ئىبارەت قارمۇ-قارشى جەريانغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئالەمنىڭ شۇ تۇستە بىر قېتىم كىڭىيىپ-تارىيىش جەريانى بىر قېتىملىق دەۋرلىك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. خوش،بۇ ھالدا بۇ خىل دەۋرلىكتىن شكالىسى چەمبەر بويلاپ بىر ئايلىنىپ چىقسا 24سائەتنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان "قول سائىتى" ياكى "ئۈستەل سائىتى"گە ئاسانلا ئېرىشىمىز. بىلىگىمىزدىكى يەر شارى سائىتىنىڭ ئىككى قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى بىر سوتكا بولسا، ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان يۇقىرىقى شىكالنىڭ بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى بىر سوتكا بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئەمدى بىز ئالەمنى يەر شارى ۋاقتى بىلەن ئەمەس بەلكى ئالەم ۋاقتى بىلەن تەسۋىرلىسەك لوگىكىغا تېخىمۇئۇيغۇن، دىنامىكىلىق جەريانلارنى تەسۋىرلەشكە تېخىمۇ قۇلايلىق بولىدۇ.
1.رەسىم: ئالەم سائىتى ۋە يەر شارى سائىتى① ئالەمنىڭ بىر كۈنى "يەر شارى ۋاقتى" غا نىسبەتەن ئېيتقاندا 80مىليارد يورۇقلۇق يىلى دەپ مۆلچەرلەشكەبولىدۇ. بۇنداق مۆلچەرلەشنىڭ ئاساسى شۇكى، بىرىنچى، ئالەمنىڭ ھازىرغىچە بولغان يېشى 10مىليارد يىلدىن يۇقىرى 20مىليارد يىلدىن تۆۋەن دەپ قارىلىدۇ؛ ئىككىنچى،ھاياتلىق پەقەت ئالەم شارىنىڭ ھاياتلىق بەلۋېغىدا (ھاياتلىق پەسلى) مەۋجۇد بولالايدۇ. ھالبۇكى،ھاياتلىق بەلۋىقى بولسا ئالەمنىڭ مۆتىدىل بەلۋىقى بولۇپ، بۇ بەلۋاغنى ئالەم كۈنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئالەم كىڭەيگەنچە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن ھاياتلىق بەلۋېغى تولىمۇ چەكلىك بولىدۇ. ھاياتلىق بەلۋېغىنىڭ "ئالەم سائىتى" دىكى ئورنى بىر مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ بەلباغنىڭ باشقا نۇقتىلىرىدا يەر شارى تىپىدىكى ھاياتلىق شەكىللىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ياكى پەرقلىق بولغان ھاياتلىق شەكىللىرى ۋە ئىنسانىيەت تىپىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ھاياتلىق شەكىللىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇش ئېھتىماللىقنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. "ئالەم ئادەملىرى" نىڭ يەر شارىغا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى ھەرخىل خەۋەرلەرنى پۈتۈنلەي يالغان دېيىشكە ھەرگىزبولمايدۇ. چۈنكى، ھاياتلىق بەلۋېغىداھاياتلىقنىڭ شەرت-شارائىتلىرى ئوخشاش دەپ قاراشقا بولىدۇ.ئالەم كېڭەيگەنچە زىچلىق كېمىيىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، ئاخىرى بېرىپ ئالەمدىكى بارلىق ماددا زەررىچە ھالىتىدە ئالەمگە تەكشى تارقالغان چەككە يېتىدۇ. مانا بۇئالەمنىڭ مەنفى قۇتۇپى-ئالەمنىڭ زىمىستانىدۇر. بۇ پەيتتىكى ئالەم سائىتىنىڭ ئورنى12بولۇپ بۇ ھالەت ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ ۋە تەدرىجىي ھەرىكەت ئەگىرلىگى② تۈپەيلىدىن ئالەم بىر مەركەزگە يونۇلۇپ تارىيىش سەپىرىنى باشلايدۇ. ئالەمنىڭ تارىيىش سەپىرىدە يەنە بىر كۈن ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق "ھاياتلىق پەسلى" شەكىللىنەمدۇ-يوق؟ قايتىش سەپىرىدە يەنە قۇياش سىستېمىلىرى (يۇلتۇزلارسىستېمىلىرى) يەر شارىغا ئوخشاش پىلانىتلار شەكىللىنىدۇ دەپ قارالسا مۇنداق ئېھتىماللىقنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ھالدا ئالەم بىر كۈندە ئىككى قېتىم«ھوسۇل» ئالغان بولىدۇ. يەنە بىر ئېھتىماللىق شۇكى قايتىش سەپىرىدە زەررىچىلەر ھېچقانداق ئاتوم، مولېكۇلا تۇزلىشى شەكىللەندۈرمەي شۇ پىتى بىر نۇقتىغا يىغىلىشى ۋە ئاندىن يىغىلىش لىمېت چەككە يەتكەندە «ئىپتىدائىي ئوت شارى» غا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئالەمنىڭ بۇ پەيتى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئاندىن ئۇشتۇمتۇت پارتىلاپ ئىككىنچى قېتىملىق دەۋرلىك سەپىرى - ئالەمنىڭ يىڭى بىر كۈنى باشلىنىدۇ. دېمەك،ئالەمنىڭ بىر كۈنىدە شۇنچە كۆپ دىنامىكىلىق ۋە ھاياتلىق ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ ۋە تاماملىنىدۇ. بىز «ئالەم سائىتى» دىن پايدىلىنىپ ھەرخىل تېزلىكتىكى ھەرىكەتلەرنى ئۆلچىسەك «يەر شارى سائىتى» ئېرىشەلمەيدىغان ھاسىلاتلارغا ئېرىشىمىز. يەنى بۇ پەيتتە پۈتكۈل سەييارىلەر، يۇلتۇزلارسىستېمىلىرى ۋەھاكازالار گويا تىمتاس-جىم تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ پەيتتە گالىلى-ئېنىشتېيىن نىسبىيلىك قائىدە پرىنسىپلىرى (ئەلۋەتتە ئۇلار بىر مېتود)پۈتكۈل كائىناتتىكى جىسىملارنىڭ ھالىتىدىن "جىملىق" تىن ئىبارەت بىرلاخىل پايدىلىنىش سىستېمىسىغا ئېرىشىدۇ. كائىناتتا بەلكىم پەقەت ھەرىكەت قىلىۋاتقان نەرسىدىن تولىمۇ ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن مېڭىۋاتقان "فوتون"لا بار بولۇپ كۆرنىشى مۇمكىن. ئەگەر دەل مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ ئالەمنى تەسۋىرلەۋاتقان بىر فىزىك بار دەپ قارىساق، فىزىكا تارىخى باشقىچە يېزىلىشى مۇمكىن. يەنى، بۇ فىزىك«ماددىنىڭ جىملىقى- مۇتلەق، ھەرىكىتى- نىسپى» دەپ يېزىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ فىزىك تۇرغۇزغان (ئىختىرا قىلغان) باشقا فىزىكا قانۇنلىرى بىزنىڭ ھازىرقى ئېرىشكىنىمىزبىلەن ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ قالىۋىرىدۇ. ئەگەر بىز ئېينىشتېيننىڭ تۆت ئۆلچەملىك زامان-ماكان كوئوردېنات سىستېمىسىنىڭ بىر ئۆلچىمى بولغان "زامان" نى (يەر شارى سائىتى) مەن تەشەببۇس قىلغان "ئالەم سائىتى" بىلەن ئالماشتۇرۋەتسەك ئېنىشتېيىن نېمىلەرنى يازار ئىدى؟. دەل يۇقىرىقىدەك «ماددىنىڭ جىملىقى- مۇتلەق، ھەرىكىتى- نىسپى» دەپ يېزىشى تەبىئىي. بۇپەيتتە «ئېنىقسىزلىق پرىنسىپى» مۇ «ئېنىقلىق پرىنسىپى»غا ئايلىنىپ قالىدۇ. ماھىيەتتە ھەرىكەت بىلەن جىملىق زىددىيەتنىڭ بىر پۇتۇنلىگى بولۇپ («فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» 8-ئېنىقلىمىغا قاراڭ) بىز تەسۋىرلەش ئېھتىياجى تۈپەيلى «ھەرىكەت» بىلەن «جىملىق» نىڭ خالىغان بىرسىنى تاللىۋالساق بولىدۇ. ئەمدى، «ئېنىقسىزلىق پرىنسىپى» غا كەلسەك يەر شارى ۋاقتى(سائىتى) دا بۇ پرىنسىپنى ماكىرۇ جىسىملار ھەرىكىتىگىمۇ كېڭەيتىش مۇمكىن. ئالەم ۋاقتىدا «ئېنىقلىق پرىنسىپى»نىمۇ ماددىنىڭ ھەممە ھەرىكەت ھالەتلىرىگە ئوخشاش تەدبىقلىغىلى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ «ھەرىكەت» ۋە«جىملىق»نى تەسۋىرلەشتە «يەر شارى سائىتى» ۋە «ئالەم سائىتى»دىن ئىبارەت ئىككى قورالىمىز بار بولدى. بىز «ھەرىكەت»نى تەسۋىرلىگەندە «يەر شارى سائىتى»نى،«جىملىق»نى تەسۋىرلىگەندە «ئالەم سائىتى»نى ئىشلەتسەك بولىدۇ. «نىيۇتۇن نۇقتىسى»بۇنداق ئىككى ياقلىمىلىق خاراكتېرنى تەسۋىرلەشكە باب كېلىدۇ ۋە «ھەرىكەت كۋانتى»،«جىملىق كۋانتى» ئۇقۇملىرىنى مۇقەررەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ 34-، 35-تېئورېمىلىرى بۇ يەردە ئۆز ئەھمىيىتىنى روشەن ئىپادىلەيدۇ. روھتىن خالى ئالەمنى كۆزدە تۇتقاندا نىسپى مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ بۇ ئالەمدىن بىر قورالى ئارتۇق بولۇپ، ئو بولسىمۇ تەپەككۇردۇر. ئاڭسىز كائىنات كاتتا بىناكار سۈپىتىدە ئۆزىنى بىلەلەيدىغان مانا شۇنداق تەپەككۇر قورالىنى كەشىپ قىلدى ۋە ئۆزىنى شۇ ئارقىلىق بىلىدۇ ۋە بىلدۈرىدۇ. ئالەمنى بىلگىلى بولىدۇ، ئالەم قانۇنىيەتلىك ۋە گۈزەل، مانا بۇلار ئاپتورنىڭ ئەقىدىسى ۋە غايىسى! «ئالەم سائىتى» ۋە «ئالەمنىڭ بىر كۈنى»ئىدىيىلىرى بۇ خىل ئەقىدە ۋە غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ.③
ئىزاھ( ئاپتوردىن): ①بۇسائەتنى ئەھمەدجان ئېكرام لايىھەلىگەن. ②«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ25-تېئورېمىسىدىن 29-تېئىورمىسىغىچە بولغان بەش تېئورېمىغا قارالسۇن. ③سانلىق مەلۇماتلار بىردەكلىككە ئېگە بولمىغاچقا، ھازىرچە "ئالەم ۋاقتى" يۇقارقىچە لايىھىلەندى. ھازىر بىز خىلمۇ – خىل ئېھتىماللىقتىكى "ئالەم ياش" لىرىنىڭ "ۋاقتى" ۋە"سائەت"لىرىنى لايىھىلەۋاتىمىز.ئەڭ يېڭى ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار بولساكەسىپداشلارنىڭ تور ئارقىلىق تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
2009.يىل 5. ئاينىڭ 1. كۈنى
بۇلاق دادامتۇدا يېزىلدى.
____________________
美研究称银河系或存在10亿宜居星球
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1028
*
|