قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3394|ئىنكاس: 42

ئىلىدىكى تەنتەك بۇلبۇللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

203

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   67.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21814
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 13:19:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lutfi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-21 13:37  

ئۈن - سىن بازارلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن كۆپلىگەن ياش ناخشاھەۋەسكارلىرىمىز بۇ ساھەدە ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلدى ۋە بەزىلىرى چولپان بولۇپيېتىشىپ چىقتى. ئىلى دىيارىدىن چىققان تاشمۇھەممەت باتۇر ، ئەنۋەر ھاكىم ، ئوسمان مەمتىمىنلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر .
90-يىللاردىن بۇرۇن رادىئودا دائىم بېرىلىدىغان خەلق سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان مۇقام ،خەلق ناخشىلىرى ۋە ئاز قىسىم ئىجادىي ناخشىلار خەلق مەنىۋىيىتىنى بېيىتىپ كەلگەن ئىدى. 90- يىللاردا ئۈنئالغۇنىڭ ئومۇملىشىشى ، ئىلىدە كۆتۈرۈلگەن ئۆمەرجان ئالىم ناخشا قىزغىنلىقى كەڭ ياشلارنىڭ بۇ ساھەدە تىرىشىشىغا ناھايتى زور ئىلھام بولدى. بولۇپمۇئۆمەرجان ئالىمنىڭ دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان مەردانە ناخشىلىرى ياشلارغا مىللىي مۇزىكىنىڭ بولۇپمۇ دۇتتارنىڭ مىللىي سەنئىتىمىزدىكى رولى ۋە ئۇنىڭ ئېلىكتىرۇنلۇق چالغۇ بىلەن بولغان پەرقى جەھەتتە روشەن تونۇشقا ئىگە قىلدى. ئىلىدىكى كۆپ قىسىم ياشلىرىمىزدا دۇتتار ئۆگىنىش ، ئۆمەرجان ئالىم ئۇسلۇبىدا ناخشا ئېيتىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى ۋە كەينى-كەينىدىن (
سەيدۇللام سۇلايمان) ، تۇرسۇن ئاتاۋۇللا ، تاشمۇھەممەت باتۇر ، ئەنۋەر ھاكىم كېيىنچە ئوسمان مەمتىمىندەك ياش ناخشىچىلار ئەل - نەغمە ساھەسىدە تونۇلۇشقاباشلىدى .
تاشمۇھەمەت باتۇر ئاۋازىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ، ھەر خىل ئۇسلۇبتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ناخشائېيتىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلەندى. 2000- يىلى « ھايات دىگەن ماناشۇ » ناملىق VCD پىلاستىنكىسى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ، جەمئىيەتتەزور غۇلغۇلە قوزغىدى. بۇ پىلاستىنكا سېتىلىش مىقدارى ۋە قايتا نەشىر قىلىش قېتىم سانى جەھەتتە رېكورت ياراتتى. تاشمۇھەممەت باتۇر چوڭلارمۇ ، ياشلارمۇ ئوخشاشلاياقتۇرىدىغان ياش ناخشا چولپىنىغا ئايلاندى. ئۇ بۇ ساھەدە تېخىمۇ تىرىشىپ ، « يۇرتۋازلىق» ، « كۈنلەمچىلىك كۈن ئەمەس »،« تاشمۇھەممەت باتۇر ناخشا كېچىلىكى » ، « دەرتلىرىم» ، « دەرتلىرىمنى سورىما » قاتارلىق بىر قانچە VCD پىلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇردى . بۇپىلاستىنكىلار ئۆز نۆۋىتىدە تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا كەڭ تارقىلىپ ، كەڭ ئاممىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ ئورۇنلىغان “ ھايات دېگەن مانا شۇ “ ، “دۇنيا“ ، “سەن گۈزەلسەن ھەممىدىن” ، “يارىم بولمىسۇن” ، “چىن مۇھەببەت” ، “ئەخلاق” ، “ئەۋرىشىم”
قاتارلىقلار ناخشىلار ياشلار سۆيۈپ ئاڭلايدىغان ناخشىلارغا ئايلاندى .
ئەنۋەر ھاكىم ئاۋاز شەكلىنىڭ ئۆمەرجان ئالىم ئاۋازىغا ئوخشىشىپ كەتكەنلىكى ۋە شۇ ئۇسلۇبنى قوللانغانلىقى سەۋەپلىك 90- يىللارنىڭ ئاخىرىدا غۇلجىدىكى 30 ئوغۇل سورۇنلىرىدا تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى ۋە ئۆزىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ۋە ئۇستازسەنئەتكارلارنىڭ يېتەكلىشى ، خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن ئەنۋەر ھاكىم تېزلا پىشقان ناخشىچى بولۇپ يېتىلدى. ئۇ ئالدى - كېيىن بولۇپ ، « تەشنالىق »( ئۈنئالغۇ لېنتىسى)، « يارى يوقنى بىچارە دەڭلار » ، « ئەل بالىسى » ، « رازى بول ئانا » ، « ھايات - مامات » ، « خوشنىلار» ، « رەنجىمە » ، « يارىم تويوڭدا » ، « سەن ئۈچۈن » ، قاتارلىق بىر قانچە VCD
پىلاستىنكىسىنى نەشىر قىلدۇردى. ئۇنىڭ ئىجراسىدىكى “ تەشنالىق” ، “ئايگۇۋاھ” ، “مەن باراي” ، “قىزىل گۈل” ، “دوستلۇق ناخشىسى” قاتارلىق ناخشىلارغاياشلارنىڭ ئىنكاسى ناھايتى ياخشى بولدى ۋە توي - تۆكۈن ئولتۇرۇشلاردا دائىم ئورۇنلىنىدىغان ناخشا - مۇزىكىلارغا ئايلاندى .
ئوسمان مەمتىمىن 90- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى نەشىر قىلدۇرغان « بىللە ياشايلى » دىگەن ئۈنئالغۇ پىلاستىنكىسىنى ئاڭلىغانلار كۆپ بولمىسا كېرەك. شۇ پىلاستىنكىسىنى ئاڭلىسىڭىز بۇ ناخشىچىدىن ئۈمۈد يوقكەن دېگەن ھېسىياتقا كېلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئۇ ناخشىچىمىزمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا قاتتىق تىرىشىپ ئۆزىنىڭ ناخشا ئورۇنداش ماھارىتى ۋە دۇتتار چېلىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئۆمەرجان ئالىمنىڭ ئىزباسارى سۈپىتىدە سورۇنلاردا تونۇلۇشقا باشلىدى. 2004- يىلى ئۇ ئۆتكۈزگەن ناخشاكېچىلىكى ھە دېگەندىلا ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. بۇ ئىلھامنىڭ تۈرتكىسى ۋەئۈن - سىن سودىگەرلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشى ئاستىدا ، كەسپىنى ۋە سەۋىيىسىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ، « ئۆمۈر » ، « يارلانغان يۈرەك » ، ناملىق ئىككى دانە VCD پىلاستىنكىسىنى ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. ئۇ ئورۇنلىغان «جۇدالىق»، «بىلمىدىم» ، «سۆيەلمىسەڭمۇ» ، «كەپسىز بال» ، «ئۆمۈر» ،«ئاشۇنداق ئانا» ، «ئاناتىل» قاتارلىق ناخشىلىرى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ، بۇجەرياندا ئوسمان مەمتېمىنمۇ «كەپسىز» دېگەن تەخۇللۇسقا مۇۋەپپەق بولدى .
بۇ ئۈچ نەپەر ناخشىچىمىز ناخشىچىلىق ساھەسىدە يۇقۇرىقىدەك نەتىجىلەرنى قولغاكەلتۈرۈش جەريانىدا بەزىبىر سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالمىدى ئەلۋەتتە. بۇنى مەن بىرقانچە نۇقتىلاردىن چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن .
1.بۇئۈچ ياشنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرىغا نەزەر سالسىڭىز شۇنى ھېس قىلىسىز : داڭلىق شائىرلارنىڭ ناخشا تېكىستلىرىنى ئىشلەتكەن ۋە كەسپىي كومپوزىتورلار مۇزىكائىشلىگەن ناخشىلار شۇنداق سەر خىل چىققان ، ناخشىچى ئۆزى ئاھاڭ ياكى تېكىست ئىشلىگەن ناخىشىلار چولتا بولۇپ قالغان. تاشمۇھەممەت باتۇر ئورۇنلىغان«يارىم كېتەركەن» ، «دەتلىرىمنى سورىما مەندىن» ، «بەرسۇن مۇھەببەت» دېگەندەك بىر قاتارناخشىلار ، بۇ ناخشىلارنىڭ تېكىستى ناھايىتى ئاددىي ، شېئىرىي تىل ئىشلىتىلمىگەن ،بەدىئىيلىكى يوق، مەسىلەن :

«يارىم كېتەركەن»ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ «بەرسۇن مۇھەببەت»
يارىم كېتەركەن يىراق- يىراققا،ـــــــــــــــــــــــــ تاڭغان بىلەن تاشنى تاياققا،
تاشلاپ مېنى ئازاپقا-دەرتكە.ــــــــــــــــــــــــــ
مۇھەببەت دەپ بىلگىلىبولماس.
كۆنۈپ قاپتىكەن بۇ يۈرەك يارغا،ـــــــــــــــــــــــ
ئايرىلساقمۇ بەخىت تىلەيمەن،
ئەمدى يۈرەكتە دەرتلەر قالارمۇ؟ــــــــــــــــــــــــ
ساڭا مەندەك كۆيسە مەيلىدى.

يۇقارقىلارنى قانداقمۇ ناخشا تېكىستى دېگىلى بولسۇن ؟ بۇ خۇددى ئۇ ئېرىقنىڭ دوققىسى، بۇئېرىقنىڭ دوققىسى ... دېگەندەك تۇتامى يوق گەپلەرغۇ ؟! «دەرتلىرىمنى سورىما مەندىن»دېگەن ناخشىنىڭ تېكىستى نوقۇل قاپىيە قوغلاشقان ھالەتتە يېزىلغان. تۇراق بوغۇملارغا دېققەت قىلىنمىغان. دەسلەپكى مىسرالىرى 9 بوغۇم ، كېيىنكى مىسرالىرى 13بوغۇم بولۇپ قالغان. يۇقىرىقى ناخشىلارنىڭ مۇزىكىلىرىمۇ شۇنداق ئاددىي ، مۇزىكىلىق پۇرىقى يوق دىيەرلىك. تاشمۇھەممەت باتۇر ئورۇنلىغان «ئۆز يارىغا يېتەمدۇ» ، ئەنۋەرھاكىم ئورۇنلىغان«يارىم مېنى كەل دەپتۇ» قاتارلىق ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرى ئاتاقلىق شائىرىمىز مۇھەمەتجان راشىدىن ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى ئىدى . بۇ ئىككى ناخشىنىڭ مۇزىكا ئاھاڭىنى ناخشىچى ئۆزى ئىشلىگەچكە ناخشىنىڭ ئاھاڭى تېكىستنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن . «يارىم مېنى كەل دەپتۇ» دېگەن ناخشىنى ئاڭلسىڭىز ، خۇددى ئەنۋەرھاكىم بىر تېتىقسىز مۇزىكىغا دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز. مېنىڭچە، بۇ ناخشىلارنى ئاڭلىغان مۇھەممەتچىنىكاممۇ ئېغىر خۇرسىنغان بولۇشى مۆمكىن.
2. ئەنۋەر ھاكىم ، ئوسمان مەمتىمىنلەردە ئۆمەرجان ئالىم ناخشىلىرىنى قايتىدىن ئېيتىش خاھىشى مەۋجۈت . بۇ ئىككى ياش ئاۋازىنىڭ ئۆمەرجان ئالىمغا ئوخشاپ كەتكەنلىگى سەۋەبىدىن پىلاستىنكىنى توشتۇرۇش مەقسىتىدە شۇنداق قىلامدۇ ئەيتاۋۇر، ئۆمەرجان ئالىم ئورۇنلىغان خېلى كۆپ ناخشىلارنى قايتىدىن ئېيتىپ چىقتى . بۇ خۇددى مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئورۇنلىغان « ئەجەم» ،«باھار سەيلىسى» قاتارلىق مۇزىكىلارنى باشقىلار مىڭ دوراپمۇ ئوخشىتالمىغاندەكلا بىر ئىش .
3. بۇ ئۈچ ياشتا ناخشا تېكىستكە سەل قاراش ئەھۋالى ئېغىر. مەسىلەن : تاشمۇھەممەت باتۇر ئورۇنلىغان «كۆرۈڭ»دېگەن ناخشىدا :
«قوش خوتۇنلۇق بولدى بايلار،قىلمىشى خۇپىيانىدۇر، ئۆز قەدىردانى تۇرۇپ،قىلغان خىيانەتنى كۆرۈڭ» دىگەن تېكىستنى « ئۆزى قەدىردان تۇرۇپ ، قىلغان خىيانەتنى كۆرۈڭ»دەپ ئېيتقان . بۇئىككىسى باشقا - باشقا مەنا بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ ئەلۋەتتە. «ياتلاشتۇق»دېگەن ناخشىدا«ئاجايىپ ئىمتىياز كەتتى » دېگەن سۆزنى«كۆڭۈلدىن بىرگە ياز كەتتى» دەپ ئېيتقان . ئەنۋەرھاكىم ئورۇنلىغان « كۈز كېلىپ» ، «سەنەمجان» قاتارلىق ناخشىلارنىڭ تېكىستىدە ئېغىرخاتالىق مەۋجۇت . بۇرۇن باشقىلار ئېيتقان بۇ ناخشىلارنى دوراپ ئېيتىپمۇ، تېكىستىدەشۇنچىلىك خاتالاشقان . «سارىخان» دىگەن ناخشىدا «ئەتتىگەن كەلگىن» دېگەن سۆزنى«ئەدېگەن كەلگىن»دەپ ئېيتىشى، «غېرىپمەن» دېگەن ناخشىدا « ھاياتلىقتائۇلارنىڭ » دىگەن سۆزنى، «ھاياتلىغدا » دەپ ئېلىشى ئادەمنى ئېچىندۈرىدۇ . ئەنۋەرھاكىم ئېيتقان بۇ ناخشىنى ئوسمان مەمتىمىننىڭ قايتىلاپ ئېيتىپمۇ «ھاياتلىغدائۇلارنىڭ» ددپ ئېلىشى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ . ئوسمان مەمتىمىن ئورۇنلىغان ،جۇدالىق دېگەن ناخشا ياشلارنىڭ سۈيۈپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان لېرىك ناخشىدۇر ، بىراق بۇ ناخشىنىڭ 3- كوبلىتىنىڭ ئالدىنقى ئىككى مىسراسى ئالمىشىپ قالغان . ئەسلى تېكىست مۇنداق :
كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق، يار بىلەن ماڭالمايمەن،
ئەزەلدىن تەلىيىم شۇنداق،مەن كىمدىن يامانلايمەن.
ناخشىدا:
يار بىلەن ماڭالمايمەن،
كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق،
ئەزەلدىن تەلىيىم شۇنداق،مەن كىمدىن يامانلايمەن.
دەپ ئېيتقان .
4.ئوسمان مەمتىمىن باشقىلار ئورۇنلىغان «كەپسىز»،«سۆيەلمىسەڭمۇ» قاتارلىق ناخشىلارنى ئۆز ئۇسلۇبىدا قايتىدىن ئورۇنلاپ مۇۋاپىقىيەت قازاندى. بىراق، بۇ ناخشىچىمىزبۇنداق ئىشنى ئادەت قىلىۋالدىمۇ ، بۇ قېتىم چىقارغان «يارلانغان يۈرەك» ناملىق پىلاستىنكىدا بۇ خىل ئەھۋال يەنە تەكرارلىنىپ ، بۇ پىلاستىنكىنىڭ قىممىتىنى زوردەرىجىدە چۈشۈرۈۋەتكەن.مەسىلەن:«يارلانغان يۈرەك»،«ئۇنۇتالمىدىم»،«ئوقيا»
قاتارلىق ناخشىلار. باشقىلار ئېيتقان ناخشىنى ئوسمان مەمتىمىن قايتا ئېيتسا، ياخشى چىقىۋېرىشى مۇمكىنمۇ؟ ئوسمان مەمتىمىنگە باشقائېيتقۇدەك ناخشا قالمىغانمىدۇ؟!ئەجىبا ئۆمەرجان ئالىمنىڭ «مىراجىخان»نى ،ھۇشۇر قارىنىڭ« قاپقارا كۆزلۈگۈم»نى ئېيتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟!
5.بۇ ئۈچ ناخشىچىمىز چىقىمنى تېجەش ئۈچۈنمۇ ناخشىلارنىڭ MTVسىغا سەل قاراۋاتىدۇ . پۈتۈن بىر پىلاستىنكىدا سەھنىدىن باشقا كۆرۈنۈش يوق. بەزى پىلاستىنكىلاردىكى يالغان چالغۇچىلارنىڭ غىلجىڭلارچە قىلىقى ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ. ئىلىدەك گۈزەل،سىرلىق زىمىندا ئۆسۈپ يىتىلگەن بۇ ئۈچ ياشنىڭ MTV غا سەل قارىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. « تېرەك بوستان » دەك مۇزىكا پىلاستىنكىسىمۇ جەمئىيەتتە زور ئالقىشقا ئېرىشتى . بۇ پىلاستىنكىداشىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرى كۆرۈنۈش قىلىنغان . تېكىستى بولمىغان ، ئورۇندىغۇچىسى كۆرۈنمىگەن بىر مۇزىكا پىلاستىنكىسىنىڭ جەمئىيەتتە بازار تېپىشى MTV نىڭ پىلاستىنكىدىكى رولىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپتۇ ئەلۋەتتە . ئابدۇللائابدۇرېھىم ئورۇنلىغان «تۇنجى سۆيگۈ»، «تەنھا سۆيگۈ» قاتارلىق ناخشىلار ، ھوشۇرقارى ئورۇنلىغان «دېھقان بالىسى» ناملىق VCDپىلاستىنكىسىنىڭMTVسى ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەن . كىشىلەر ناخشا تېكىسستتىنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ، MTV
دىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەستە ساقلاپ قالالايدۇ. بۇ ئۈچ ناخشىچىمىزناخشىلارنى ئۆز ئۆيىدە ياكى سورۇنلاردا ئېيتىپ مەشىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن . ئەمماپىلاستىنكىدا تولىراق كۆلنىڭ بويىغا بېرىۋالىدۇ .ئوسمان مەمتىمىننىڭ ھەدەپ دۆڭگەيامىشىشىچۇ تېخى؟! چىنلىققا ئۇيغۇن بولمىغان بۇنداق كۆرۈنۈشلەر ئادەمنى بىزارقىلىدۇ ...
1.داۋاملىق ياخشى شائىرلارنىڭ ناخشا تېكىستتىنى تاللاش، كەسپىي كومپوزىتورلارغامۇزىكا ئىشلىتىش، ناخشىچى ئۆزى تەنتەكلىك قىلماسلىق كېرەك. ئەكسىچە بولغانداناخشاڭلارنى ھېسامكام ئېيتقاندەك « ئۆزۈڭلاردىن باشقا ئادەم ئاڭلىماي قالىدۇ»، بۇھەقتە ئۆمەرجان ئالىم پىلاستىنكىلىرى ھەقىقىي ئۈلگە بولالايدۇ . ئۆمەرجان ئالىمسەنئەت ئىنىستىتوتىدا بىلىم ئاشۇرغان، مۇنتىزىم سەنئەت تەربىيىسى كۆرگەن تۇرۇپمۇ ،ئۆزى ئورۇندىغان بىرەر ناخشىنىڭ تېكىستى ۋە مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىمىگەن . چۈنكى ئۇئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن . خەلققە چاقچاق قىلىپبېقىش ۋە سىناپ بېقىشنىڭ ئورۇنسىزلىقىنى ھېس قىلغان. يەنىلا كەسپىي شائىر ، مۇزىكانتلارغاھۆرمەت قىلغان ئاساستا ناخشىلارنى ئەڭ يۇقىرى ماھارەتتە ئورۇنداپ چىققان . شۇڭا بۇپىلاستىنكىلار زامان - ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالەتتە ئۆز قىممىتىنىيوقاتماي تۇرۇپتۇ .
2.ناخشا تېكىستىنى توغرا ئىشلىتىش ، شائىر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ، بىلمەسلىكتىنياكى بىپەرۋالىقتىن تېكىستنى ئۆزگەرتىۋېتىشتىن
ساقلىنىش كېرەك .
3.سەھنىدە قىياپەتكە دىققەت قىلىش كېرەك، كۆپ قىسىم ياشلىرىمىز تاشمۇھەمەت باتۇرنىڭسەھنىدىكى چىڭقالغان كۆرۈنۇشىنى ياقتۇرمايدۇ . داڭلىق روس ناخشىچىسى«ۋىتاس» مۇشۇنچە يۇقۇرى ئاۋازلىق ناخشىلارنى ئورۇندىغاندا، ئۇنچىلىك چىڭقىلىپ كەتمىسە كېرەك .ھەممە ئىشنىڭ تەبىئىي بولغىنى ياخشى. ناخشىچىلىرىمىز «سەنۇبەر تۇرسۇن»نىڭ سەھنەقىياپىتىنى ئۈلگە قىلىشى كېرەك. ئەنۋەر ھاكىمنىڭ توختىماي مىكرافۇننى پىقىرتىشى ، ئوسمان مەمتىمىننىڭ ناخشا ئېيتقاندا كۆزىنى تولا يۇمۇۋېلىشىمۇ تاماشىبىنلارنى بىزارقىلىدىغان قىلىقلارمىكىن دەپ قارايمەن .
4.خەلقتىن ئايرىلغان سەنئەتكار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ ، بىزنىڭ سەنئەتكارلىرىمىزدانامى چىققاندىن كېيىنلا كېبىرى پەيدا بولۇپ قالامدۇ ، تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان، ئۆزدوست - بۇرادەرلىرىنى ياراتمايدىغان ، ئەھلى- جامائەتنى كۆزگە ئىلمايدىغان ، چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتىدىغان ، ھەتتا گېزى كەلسە، ئۇستاز سەنئەتكارلارنىمۇ پوش دېمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت . بەزى سورۇنلاردا ئۆمەرجان ئالىم ناخشا ئېيتسا ، ئەنۋەرھاكىمنىڭ خۇيى تۇتۇپ قالىدىغان ئىشلار بولغان . بۇ سەنئەتكارنىڭ ساپاسى ۋەئەخلاقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ئىشلاردۇر . شۇڭا، بۇ جەھەتتىكى ئىشلارغا سەلقارىمىسا .
5.ئوسمان مەمتىمىن ، ئەنۋەر ھاكىملار ئۆمەرجان ئالىم ناخشىلىرىدىن
ئۈلگە ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى توغرا ئىش . بىراق ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى دوراپ ئېيتىۋەرمەي ئۆزىگەخاس ئۇسلۇب يارىتىش كېرەك. سىراجىدىن پەتقۇللا رەجەپ تاجىنى مىڭ ياخشى دورىغىنى بىلەن ئەگەر ۋۇسۇڭغا ئاۋاز بېرىشكە توغرا كەلسە ، خەلق يەنىلا رەجەپ تاجىنى تاللايدۇ ئەمەسمۇ؟! ئۆمەرجان ئالىم ئېيتقان «ئاناجان»بىلەن ئوسمان مەمتىمىن ئېيتقان «ئاناجان» نىڭ بەرىبىر پەرقى باردە .......
6.MTVئىشلەس مەسىلىسىگە كەلسەك ، ياندا بار ئالتۇننىڭ قەدرى يوق دېگەندەك ، ئىلىدەگۈزەل كارتىنىلارغا باي يۇرتتا MTVقەھەتچىلىكنىڭ كۆرۈلىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. ئىلى دەريا كۆۋرۈكىدىن باشقا ۋاڭ قادىر باغدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ، سادىر پەلۋان مەخپەرىسى، قايناق تەشلەبكە ، خەنزۇبازارلىرى ، ئۆرۈپ- ئادەت مەھەللە مەنزىرلىرى ، شىپاڭ سەيلىگاھلار ، ھېيىت- ئايەم ،توي- تۆكۈن كۆرۈنۈشلىرى، ياشانغان بوۋاي- مومايلار ، ئۇستاز - سەنئەتكار ، ئوقۇتقۇچىلارئائىلىسى ، ئىلىدىكى نارات ، موڭغۇلكۈرە يايلاقلىرى ، موخۇر، چاچا مەنزىرلىكرايونلىرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ MTV
ئىشلەش پىلاستىنكىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، ئىلىنى تەشۋىق قىلىش ، جۈملىدىن ئىلى ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە . قازاقىستان ئۇيغۇرئانسامبىلى ئىشلىگەن « سېھىرلىك ئالما » فىلىمىنى ھەممەيلەن ياخشى كۆرىمىز . سەۋەبى سىنارىيەنىڭ ياخشى بولۇشى ، ناخشا- مۇزىكىلارنىڭ ماسلىشىشىدىن سىرت، ئوتتۇرائاسىيادىكى داڭلىق تارىخىي خاراكتېرلىك ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆرۈنۈش قىلىپ تاللانغانلىقىدۇر . بۇ فىلىمنىڭ بەدىئىي قىممىتى ۋە ئىقتىسادىي قىممىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئاشۇرغان .
7.بىر يۇرتنىڭ سەنئەتكارى كىيىم- كېچەك جەھەتتىمۇ شۇ يۇرت كىشىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك. شۇڭا، ناخشىچىلىرىمىز كىيىم- كېچەكنىڭ ناخشىغا ماسلىشىشىغا دىققەت قىلىشى، ھېلىقىدەك قىزىل كاستىيوملارنى كىيمەسلىگى ، كاستىيوم بىلەن پادىچىلارئىشتىنىنى كىيىدىغان كىشىلەرنى دورىماستىن ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا خاس كىيىم- كېچەكلەربىلەن سەھنىگە چىقىشنى تەكىتلەيمەن .
8.كەلگۈسىدە خەلق سەنئەتكارى دېگەن شەرەپكە نائىل بولۇش ئۈچۈن ياشلىرىمىز ئالدى بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، خەلقنى ھۆرمەت قىلىشى ، ئۇستاز- سەنئەتكارلاردىن كەمتەرلەرچە ئۆگىنىشى ، « 12 مۇقام » ۋە خەلق ناخشىلىرىنى مەنبە قىلىشى ، ئەگەرشارائىت بولسا ، مۇنتىزىم سەنئەت ئاپاراتلىرىدا سېستىمىلىق تەربىيە كۆرۈشى ، كۆپرەك كىتاب كۆرۈپ ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى ۋە نۇتۇق قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك . كۆپ سەنئەتكارلار سەھنىدە چولپان بولغىنى بىلەن ئايرىم زىيارەت قىلغاندا ئىككى ئېغىزگېپىنى ئوڭشاپ قىلالمايدىغانلارنى تېلېۋىزوردا دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز . ئەكسىچەپەردە ئارقىسىدىكى ياش كومپوزىتور ئەركىن ئابلەقنىڭ زىيارەتتە ناھايتى لوگىكىلىق ،چۈشىنىشلىك سۆزلىشى ھەممىمىزنى قايىل قىلدى ئەمەسمۇ ......
ھۆرمەتلىك ناخشىچىلىرىم : دوست يىغلىتىپ ئېيتىدۇ دەپتىكەن ، يۇقۇرىقىلارمېنىڭ شەخسىي پىكرىم، ھەممەيلەنگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ ئېيتالمايمەن . سىلەرنىڭ تاكاممۇللىشىشىڭلاردا مۇشۇنداق ئىنكاسلارنىڭ بولغىنى ياخشىمىكىن دەپ قارايمەن . سىلەرنىڭ تەنقىدىي پايدىلىنىشىڭلارنى سورايمەن . ئاخىرىدا سىلەرگە سالامەتلىك ۋەمۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن !!!
تۇگىدى
ئاپتۇرى: يۇمۇرچى
2010-يىلى11-16-كۈنى

1

تېما

0

دوست

702

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   40.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21920
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 198
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 21:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baga تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-21 21:30  

تېمىڭىز نى ناھايتى ياخشى تەھلىل قىلىپسىز . ھەققەتەن توغرا ، تاغدىن-باغدىن باغلاشمىغان .چۇشىنىكسىز ناخشىلارمۇ يوق ئەمەس . ئۇيغۇرچە ناخشىلارغا چەتئەلنىڭ كىنو ،ناخشىلىرىنى قىستۇرۇپ م ت ۋ  ئىشلەپ قۇيۇشلىرى ، چەئەلنىڭكىگە ئۇيغۇرچىنى قىستۇرۇپ ، ياكى چەتئەلنڭ ناخشىلىرىغا ئۇيغۇرچە تىكىسىت سېلىپ دورىيالمىسىمۇ قالايمىقان ھاڭگىراپ قاملاشسۇن -قاملاشمىسۇن نۇمۇس قىلماي پىلاستىنكا چىقىرىپ جەمىيەتكە  تارقىتىپ يۇرگەن ، ئەشۇلەرنى ئەشۇ چەتئەللىكلەر كۆرسە مىللىتىمىز ئۇچۇن نۇمۇس ئەمەسمۇ ؟ بەزىلەرگە نىسپەتەن پۇللا بولسا  مىللەت دىگەن نىمىتى ، بىر كۇنلەردە بىلىپ قالارسەن پۇل ئەسقاتامدۇ ياكى مىللەتمۇ ؟
         مەن بىرقىسىم چاكىنا ناخشىچىلارنى دىدىم ، ھەرگىز تېمىدا دىيىلگەن  داڭلىقلىقلىرىمىزنى دېمىدىم جۇمۇڭلار يەنە ،
ناخشا ئاڭلىغۇچى ھەۋەسكارلارمۇ ناخشىنىڭ مىسرالىرى قانچە بۇغۇم ، قابىيەسى كىلىشتىمۇ ، مەزمۇنى باغلاشتىمۇ بۇنىڭ بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتامايدۇ ، پەقەت ئەشۇ مۇزىكىسى جانلىق. شوخ .روھلۇق  ئودارى بوم كۇچلۇك بولسىلا مۇزىكىنى قويغاندا ياڭراتقۇدا گۇلدۇرقاراس ، تاراڭ -تۇرۇڭ ، جاراڭ -جۇرۇڭ ئەۋازلار  قۇلاقنى يارغىدەك چىقىپ بەرسىلە بۇ ناخشا ئەڭ ياخشىكەن دەپ ھىسابلايدۇ ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12050
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 21:41:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك رەھىمىسىز ئوپراتسىيە بوپتۇ . باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقتىم ،

رۇھىم قېشڭدا ھەر زامان دىگەن ناخشىنى ئېيتىدىغىنى قايسى بولغاي ، بۇ ناخشا دىنى ئەقىدىمىزگە ئاشكارا خىلاپ


ئاپتۇر كۆپ نۇقتىدىن كۆزىتىپ ئەتىراپلىق پىكىر بايان قىلىپتۇ  ،

شۇنداق ئاڭلاش بىلەنلا قالماي باھالاش ، كۆرۇش بىلەنلا قالماي تېخىمۇ يوقۇرى تەلەپنى قويۇش خەلقنىڭ  ھوقۇقى ،

39

تېما

0

دوست

4359

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11426
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 861
تۆھپە : 768
توردىكى ۋاقتى: 369
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 22:03:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە يەنە ئىزدىنىپ كۆرۈلسە بولغۇدەك،ئاپتورمۇ مۇستەقىل قاراشلىرىنى خېلى دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 22:30:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشمۇھەمەت باتۇر ئاۋازىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ، ھەر خىل ئۇسلۇبتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ
ئاۋازى ئۆزگىچىلىكى  راست، لىكىن شۇ بىر خىل ئۇسلۇپ ئاشۇ ئاۋازى بىلەنلا ئېيتىدۇ، ھەرخىل دىگەن زورلاپ قۇشۇلۇپ قالدىمۇ قانداق

12

تېما

16

دوست

3207

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1028
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 23:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە تىكىسكە سەل قاراش بەك ئىغىر.ئەڭ تىكىسكە ئەھمىيەت بىرىدىغان ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن.

بەلكىم بولۇر قاراڭغۇ سەن بارغۇچە ئۆيۇڭگە
ئۆز قولۇڭ بىلەن چىراق ياقماق ئارزۇيۇڭ.

ئەڭ تىكىسكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغىنى ئابلاجان.مۇختەر بۇغرانىڭ  شىئىرلىرىنىڭ بەدىئىيلىكى ئىنتايىن تۆۋەن.ياىشى شىېرلىرى ئاز

pakat rabimizla bizga hidayat

12

تېما

13

دوست

6035

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9586
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1071
تۆھپە : 1104
توردىكى ۋاقتى: 242
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 01:56:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tuzluk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-22 01:57  

تاش  مۇھەممەد  باتۇرنىڭ ، 90 -يىللاردا  مۇدا  بولغان  گۇزەلنۇر  قۇربان  ئوقۇغان  ‹‹ مىھرىبان  ئانام  ›› دىگەن  ناخشىسىنى  بۇزۇپ  ئۇقۇغان ھالىتىنىى ئاڭلىساملا  مىڭەمدىن  تۇتۇن چىقىپ  كىتىدۇ  ‹‹ بەكلا  يىقىملىق  ›› ئوقۇغانلىقىدىن

تارىخ يەڭگۈچىلە

0

تېما

0

دوست

321

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   10.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13516
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 83
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 03:27:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشا مۇزىكا بىلەن تېكىستىنىڭ ئېسىللىكىدىنلا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. بولمايدىكەن بىرلا يېنىپ ئۆچكەن چىراغدەك ئاقىۋەتكە قالىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )