تىزلىك ھەققىدە
قاسىم سىدىق
ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
مەن بۇ تېمىدىكى ئاساسى ئىدىيەگە 2012-يىلىنىڭ دەسلىۋىدىلا كەلگەن ئىدىم ۋە ئالاقىدار تېمىنىڭ ئاستىغا بۇ ئىدىيەنى ئىنكاس سۆپىتىدە خاتىرلەپ قويغان ئىدىم.بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئويلۇنۇش ئارقىلىق بۇ ئىدىيەنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم ۋە بۇ ئىدىيەنى مەخسۇس تېما قىلىپ يىزىشنى قارار قىلدىم.مەن«مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدىيە»دەپ قارىغان ئىدىيە ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرىنى تۆۋەندە قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇمەن.
مەن«مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدىيە»دەپ قارىغان تىزلىك ھەققىدىكى لوگىكىلىق ھۆكۆم:
تەركىپلىگۆچىلەر تىزلىكى ھەرقانداق پەيىتتە شۇ تەركىپلىگۆچىلەردىن قۇرۇلغان بىر پۆتۆن سىستىما تىزلىكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.
مەسىلەن :قوياش سىستىمىسى.پىلانىتلار.مالىكولا.ئاتوم.پىروتۇن.ئىلىكتىرون.فۇتون.مىكرۇ دۇنياغا يۆزلەنگەنچە تىزلىك ئېشىپ بارىدۇ.
ئاخىرقى چەك ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە.
ئەركىن مۇلاھىزە
1
تۈزۈلۈشكە ئىگە زەررىچىلەرنىڭ ئۈزگۈرۈشى تەركىپلىگۆچىلىرىنىڭ تىزلىگى ۋە ھەركەت شەكلىدىكى پەرىقلەر سەۋەبىدىن ئىشقا ئاشىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.مۇبادا فۇتۇن يىمىرىلسە ئۇھالدا ئۇخشاشلا تەركىپلىگۈچىلىرىنىڭ تىزلىگى ياكى ھەركەت شەكلى پەرىقلىق بولىدۇ دىيىشكە توغرا كىلىدۇ.بۇ پەرەز ئۇرۇنلۇق دەپ قارالسا «يورۇقلۇق تىزلىگىنىڭ ئۈزگەرمەسلىك پىرىنسىپى» پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قاراش كىرەك.
تىزلىك بىلەن ئۈزگىرىشنىڭ(يىمىرىلىشنىڭ) مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش كىرەك.فۇتۇن ياكى ھەرقانداق بىر تۈزۈلۈشكە ئىگە زەررىچە «ئىنىرگىيە(مۇئەييەن ماسسا ياكى تىخىمۇ مىكرۇ بولغان زەررىچە)»قۇيۇپ بەردى دەپ قارالسا قۇيۇپ بىرىلگىنى ياكى ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ تىزلىگى ئەسلىدىكە فۇتۇن ياكى زەررىچىنىڭ تىزلىگىدىن يۇقۇرى ياكى تۈۋەن بولىشى،كىرەك. بۇنىڭدىن باشقا ئادەتتە بۇ يەردە «كۈچ»كە ئالاقىدار بەزى يىڭى پەرەزلەرنىمۇ كەتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ.بۇلار مۇھاكىمە قىلىشقا تىگىشلىك بەكمۇ موھىم نۇقتا.
يۇقۇرقى تەشەببۇسنى تۆۋەندىكىدەك تولىمۇ ئاممىباپ مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ:
تۈت ئاغىنە بىر-بىرىنى قۇلتۇقلۇشۇپ تەكىشى قەدەمدە بىر يۆنۆلۈشكە قاراپ كىتىپ بارىدۇ،بۇ تۆتەيلەن تۈزۈلۈشكە ئىگە بىر دانە زەررىچە ياكى فۇتون دەپ پەرەز قىلايلى.«قولتۇقلۇشۇش» ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلغان «كۈچ»كە ۋەكىللىك قىلسۇن.
«يىمىرىلىش»ياكى زەررىچە-ئىنىرگىيە قويۇپ بىرىش ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ياكى بىرقانچىسىنىڭ بۇ سىستىمىدىن ئايرىلىشىنى كۆرسىتىشى تەبىئى.بىز بۇ يەردە ئۈچ خىل مەسىلىگە دۇچ كىلىمىز:
1.ئايرىلىغان ئادەم(ئىنىرگىيەزەررىچە)«قولتۇقلىۋالغان ئادەم»دىن قانداق ئاجىراپ چىقتى؟.مانا بۇ سۇئال «كۈچ»ھەققىدە قايتا ئويلۇشۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.
2.سەپتىن چىقىپ كەتمەكچى بولغان بۇ «ئادەم»نىڭ تىزلىگى ۋە ھەركەت شەكلى سەپتىكىلەر بىلەن ئوخشاش بولسا بۇ «ئادەم»نىڭ سەپتىن قۇتۇلمىغى مۈمكىن ئەمەس.جەزمەن پەرىقلىق بولىشى كىرەك.بۇ يەردىكى پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سەۋەپ نىمە؟.
3.سەپتىن قويۇپ بىرلگەن «ئادەم»نىڭ تىزلىگى «سەپ» نىڭ تىزلىگىدىن ئاستا بولامدۇ ياكى تىزمۇ؟.«ئاستا»ياكى «تىز»بولىشىنىڭ سەۋەبى نىمە؟.
«قويۇپ بىرىلىش»ياكى «زەررىچە -ئىنىرگىيە ئالماشتۇرۇش»دىگەن ئۇقۇملارنىڭ مەنىسىنى كۆزدە تۇتقاندا قويۇپ بىرلگۈچىنىڭ تىزلىگى قويۇپ بەرگۈچىنىڭ تىزلىگىدىن يۇقىرى بولىدۇدەپ پەرەز قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.«كۈچ ئۇزاتقۇچى زەررىچىلەر»نى ئەسلىسەك بۇ تەشەببۇسنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىنى ھىس قىلالايمىز.
2
فۇتۇننىڭ كۆرۆنمە ھەجىمى مەۋجۈت دەپ قارالسىلا يورۇقلۇق تىزلىگىدىن يۇقۇرى تىزلىكنىڭ مەۋجۇتلىگىنى فۇتۇن ئۈزىدىن پەرەز قىلىپ كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ.چۈنكى يورۇقلۇق تىزلىگىدە ھەركەت قىلىۋاتقان فۇتۇننىڭ كۆرۆنمە ھەجىمى يورۇقلۇق تىزلىگىدىن يۇقۇرى ھەركەت قىلىدىغان مۇتلەق ھەجىم شەرتى ئاستىدىلا شەكىللىنىدۇ.
ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە بارلىق زەررىچىلەرنى تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ.ئەگەر بىر پۈتۈن كۆرۆنمە ھەجىمنى شەكىللەندۇرگەن ئىچكى زەررىچىلەرنىڭ ( ياكى مۇتلەق ھەجىمنىڭ) تىزلىگى كۆرۆنمە ھەجىم تىزلىگى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ دەپ قارالسا بۇ ھالدا «كۆرۆنمە ھەجىم»شەكىللەنمىگەن بولاتتى.يەر شارىنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرسەك:يەرشارىنىڭ ئۈز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى ۋە ئوربىتا تىزلىكى ھامان يەرشارىدىن ئىبارەت ماكرۇ رىياللىقنى شەكىللەندۈرگەن مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭ تىزلىگىدىن كىچىك بولىدۇ.بۇ خىل تەسەۋۋۇرنى ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە(ئېن)گىچە داۋاملاشتۇرۇش كىرەك.پەقەت «ئېن»لارنىڭلا كۆرۆنمە ھەجىمى بولمايدۇ.
بۇ يەردە قىستۇرۇپ قويۇشقا تىگىشلىك يەنە بىر نۇقتا بار:«كۆرۆنمە ھەجىم»نىڭ تىزلىگى بىلەن بۇ كۆرۆنمە ھەجىمنى شەكىللەندۈرگەن تەركىپلىگۆچىلەر(ياكى «مۆتلەق ھەجىم»)نىڭ تىزلىگى پەرىقلىق بولۇپلا قالماي ئۇلارنىڭ ھەركەت يۆنىلىشىمۇ پەرىقلىق بولىدۇ.مەسىلەن بىردانە ئاتومنى بىر يۆنىلىشكە قاراپ سىزىقلىق ھەركەت قىلىپ كىتىپ بارىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى بۇ ئاتومنىڭ ئىلىكتىرۇنلىرى بىر پۈتۈن ئاتوم بىلەن سىزىقلىق ھەركەتكە قاتناشقاندىن باشقا يادرونى چۈرىدەپ ئايلىنىدۇ.ئەگەر تەركىپلىگۆچىلەرنىڭ بونداق خاس ھەركەت شەكلى بولمىسا «ئاتوم»شەكىللەنمىگەن بولاتتى.بۇ مىسالدىن يەنە مۇتلەق ھەجىم تىزلىگىنىڭ ھامان كۆرۆنمە ھەجىم تىزلىگىدىن يۇقۇرى بولىدىغانلىغىنى تىخىمۇ رۇشەن ھىس قىلغىلى بولىدۇ.
مەن «مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە»،«كۆرۆنمە ھەجىم ۋە قاپلاش»قاتارلىق يازمىلىرىمدا«مۇتلەق ھەجىم»،«كۆرۆنمە ھەجىم» ۋە «قاپلاش»ئۇقۇملىرىنىڭ نەزەريە - لوگىكىلىق ئاساسلىرى ئۆستىدە توختالغان ئىدىم.ئاتوم يادرۇسى زىچلىغى(نىترون يۇلتۇز زىچلىغى) نۇۋەتتە تەجىربىدە ئىسپاتلانغان ئەڭ يۇقۇرى زىچلىق دەپ قارىلاتتى.ئەمدى كۋاك يولتۇز نەزەريىسىمۇ مەيدانغا كەپتۇ، كۋاك يولتۇز زىچلىغى نىترون يولتۇزنىڭ زىچلىغىدىن يوقۇرى،قارا ئۆڭكۈرنىڭكىدىن تۈۋەندەك قىلىدۇ،ھەر نىمە بولسا بۇ نەزەريىمۇ «مۇتلەق ھەجىم»تەرەپكە قاراپ بىر قەدەم تاشلاپتۇ!.مەن بۇ نەزەريىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى شەكىل نەزەريىسىنىڭ« مۇتلەق ھەجىم»ئىدىيىسىگە پايدىلىق ئۆچۆر دەپ قارايمەن.
پايدىلىنىش ماتىريالى:
顶夸克_百度百科
يۇقۇرقىچە پەرەز بولۇڭلۇق ھەركەت قىلىۋاتقان ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە زەررىچە ۋە جىسىملارغا نىسبەتەنمۇ ئورۇنلۇق.
يۇقۇرقى مەزمۇنلارنى تىخىمۇ ئاممىباپ بىرمىسال بىلەن چۈشەندۆرۆش مۆمكىن:
ئۈچ نەپەرئادەم بىر مەر كەزنى چۈرىدەپ ئايلىنىۋاتىدۇ.بۇ ئۈچ ئادەمنى بىز ئايرىم -ئايرىم ھالدا« تەركىپلىگۆچى »،بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ بىر پۇتۇنلىگىنى «كۆرۆنمە ھەجىم»دەپ ئاتايلى.ئۇلاريەنە ئوخشاش ۋاقىتتا بىر پۈتۈن ھالدا ئۈزلىرىدىكى بايىقى ئايلىنىش ھالىتىنى ساقلىغاچ يەنە بىر نىشان(يۆنۆلۈش)كە قاراپ تۈز سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتىدۇ.بىز بۇ مەنزىرىدىن تەركىپلىگۆچىلەرنىڭ تىزلىگىنىڭ «كۆرۆنمە ھەجىم» تىزلىكىدىن يوقۇرى بولىدىغانلىغىنى بايقاپلا قالماي.ھەركەت يۈنۈلىشىنىڭمۇ ھەر بىر كونكىرىتلىقتا خىلى كەسكىن مەنىدە پەرىقلىق بولىدىغانلىغىنى بايقايمىز.
ئەمدى بىز ھىلىقى ئۆچ ئادەم ئۆزىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدىكى تەركىپلىگۈچىلىرى ئۈستىدە ئويلاشساق( بىر ئادەمنىڭ تەركىپلىگۆچىسى ئۈستىدە ئويلاشساقمۇ بولىدۇ)بۇ ئادەمنى ئادەم قىلىپ تورغان مالىكولا،ئاتوم...ۋەھاكازالار تىزلىگىنىڭ تىخمۇ يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى،ھەربىر كونكىرىتلىقتا (يىتەرلىك مىكرۇ ۋاقىت بىرلىگى ئىچىدە)يۆنىلىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىغىنى پەرەز قىلالايمىز.
بۇ يەردە بىر نۇقتىنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ:
1. مىكرۇ دۇنياغا قاراپ قانچە سۈرۈلگەنچەزەررىچە ۋەجىسىملار نىڭ تىزلىگى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
2.سىستىمنىڭ(كۆرۆنمە ھەجىمنىڭ)ھەركەت يۆنىلىشى بىلەن تەركىپلىگۆچىلىرىنىڭ ھەر بىر كونكىرىتلىقتىكى ھەركەت يۆنلىشىدە پەرىق بولىدۇ.
قۇشۇمچە:تۆۋەندىكىسى فۇتۇننىڭ تۆزۆلۈشكە ئىگە ئىكەنلىگى ھەققىدىكى پايدىلىنىش ماتىريالى.
3
ئەگەر يورۇقلۇق تىزلىگىدىن يۇقۇرى تىزلىك يوق دەپ قارالسا،بۇ ھالدا فۇتون ئۇزىنى ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ.ھالبۇكى ،ھازىر فۇتۇننىڭ تۇزۆلۆشكە ئىگە ئىكەنلىگى نەزەريە ۋە تەجىربىدە ئىسپاتلىنىپ بولدى.بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇقەررەر ئەقلى يەكۇن شۇكى،،فۇتۇننىڭ تەركىپلىگۇچىلىرىنىڭ تىزلىكى فۇتون ئۇزىنىڭ تىزلىكىدىن ئەلۋەتتە يۇقۇرى بولىشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغىنىدا فۇتوننىڭ مەۋجۇتلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
*
ئالەمدە ماسسىسى فۇتۇندىنمۇ كىچىك بولغان زەررىچىلەر بولمىغان،فۇتون تۇزۆلۇشكە ئىگە بولمىغان ئەھۋالدىلايورۇقلۇق تىزلىكىدىن ئارتۇق تىزلىك مەۋجۆت ئەمەس دەپ قارىساق توغرا بولاتتى.
*
*2013.6.8
|