قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2343|ئىنكاس: 23

بەدەل ھەج قويمىچىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەيلى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

69

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22083
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 08:34:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                  بەدەل ھەج قويمىچىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەيلى!



          مەككىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەدەل ھەج تىجارىتى خۇددى مەرۋايىت ۋە تاۋار تىجارىتىگە ئوخشاش، بەلكى ئادەتتىكى سودىلارغا سېلىشتۇرغاندا ھەم دەسمايىسىز ھەم جاپاسىز ھەم پايدىسى نەق بولۇپ ئېقىۋاتقان بىر تىجارەت بولۇپ قالماقتا.
       ئانا ۋەتەندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزلىرىگە ۋە ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتا - ئانىلىرىغا بەدەل ھەج قىلدۇرۇش ئىشى بىر مودىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، پۇلى بار ھەركىم ھەرەمگە بارىدىغانلارغا بەدەل ھەج پۇلى تاپشۇرىدىكەن. شۇڭا ئانا ۋەتەندىن كەلگەن ھەربىر ھاجىدا يوق دېگەندە ئون - يىگىرمە ئادەمنىڭ بەدەل ھەج پۇلى بولىدىكەن. تېخى بۇ تىجارەتنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان ئايرىم كىشىلەر ھەر يىلى ئۆمەكنىڭ بەزى كادىرلىرى بىلەن كېلىشىپ يۈز ياكى ئىككى يۈز ئادەمنىڭ بەدەل ھەج پۇلىنى(يەنى يۈز مىڭ ياكى ئىككى يۈزمىڭ دوللار پۇلىنى) يىغىپ كېلىدىكەن. ئەمما ئانا ۋەتەندىكىلەر مەككىدە تۇرغانلارنى پەرىشتىدەك كۆرۈپ پۇللىرىنى ئۇلارغا خاتىرجەم ئەۋەتكەن بىلەن بۇ پۇللار جايىغا تەگمەيدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە.
       بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇپ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش خۇددى ئوغرىغا ھەمكارلاشقاندەك بىر ئىش ئەلۋەتتە. شۇ سەۋەبتىن، مەككىدىكى بۇ «بەدەل ھەج تىجارىتى» دىكى رەزىللىكلەرنى ۋە ساختىپەزلىكلەرنى پاش قىلىپ ئۆتكەن يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە زىيالىيلىرىدىن تەركىب تاپقان سەككىز كىشى تەرىپىدىن«بەدەل ھەج تىجارىتىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە ئوچۇق سۆز» دېگەن ماۋزۇدا بىر كىتاب نەشر قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
      «بەدەل ھەج تىجارىتىنى قىلىدىغانلار ئومۇمەن ئەھلى ئىلىم قىياپىتىگە كىرىۋالغان، تەقۋالىق تونىنى كىيىۋالغان، تىلى تاتلىق، ئەمما پىكىر - خىيالى ئانا ۋەتەندىن كەلگەن ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى قايىل قىلىپ، شۇلارنىڭ ئىشەنچىنى قازىنىپ، قوللىرىدىكى بەدەل ھەجگە ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن ئامېرىكا دوللارلىرىنى ئېلىۋېلىشتا بولىدىغان قويمىچىلار بولۇپ، ئۇلار دەسلەپ ھاجىلارنى ئىزدەپ ئۇلار چۈشكەن ياتاقلارنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. ئاندىن بىر يۇرتلۇق ياكى قانداقلا بىر يول بىلەن تونۇشۇپ قالغانلارنى مېھمان قىلغۇسى كېلىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ قورسىقىنى راسا تويدۇرىدۇ، ئاندىن شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن سۆزلەيدۇ، ئاخىرىدا مېھمانلارنىڭ ھەر بىرىگە بىرەردىن تەسبىھ، بىرەردىن جايناماز ھەدىيە قىلىپ بولۇپ، قانداقلا خىزمىتى بولسا، خالىسانە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئارىدا مېھمانلاردىن «بىزدە بەدەل ھەج ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن پۇل بار ئىدى. ئۇنى كىمگە قىلدۇرساق بولاركىن مانا، بىز بىلمەيدىكەنمىز، ئۆزلىرى بۇ جايدىكى ئادەملەرنى ياخشى بىلىلا، بىزگە بىر يول كۆرسەتكەن بولسىلا ئەمدى» دەيدۇ. چۈنكى بۇ قويمىچىنىڭ ھەج مەۋسۇمىدىكى ئاتا بالىغا، بالا ئاتىغا قارىمايدىغان شۇ ئالدىراشچىلىقتا بۇ ھاجىلارنى ئىزدىشى، ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىشى، مېھمان قىلىشى، ئۇلارغا ھەدىيە تۇتقۇزىشى قاتارلىق جاپالىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلاردىن شۇ بىر جۈملە سۆزنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئىدى. مۇبادا بۇ مېھمانلاردىن سۆز چىقمىسا، قويمىچى سۆزنى ئۆزى باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ بەدەل ھەج مەسىلىسى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەقسەت ھەل بولىدۇ. ھاجىلارنىڭ بېلىدىكى دوللارنى ئېلىپ بولغان قويمىچى ئۇلارغا كېتىدىغان ۋاقتىدا «بەدەل ھەج گۇۋاھنامىسى» دىن بىردىن تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگەيدۇ.

بەدەل ھەج گۇۋاھنامىسى دېگەن نېمە؟

       بەدەل ھەج گۇۋاھنامىسى دېگەن شەخسلەر تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، ئۈستىگە يوغان قىلىپ«بەدەل ھەج» دەپ يېزىلغان مەخسۇس قەغەز بولۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى دەپتەر - قەلەم ساتىدىغان دۇكانلاردىن بىر دانىسىنى 2 رىيالدىن(60 سېنت دوللاردىن) سېتىپ ئالغىلى بولىدۇ. بەدەل ھەج قويمىچىلىرى بۇ قەغەزدىن بىرەر توپتىن ئېلىپ، ئىچىدىكى جەدۋەلگە «پالانى پالانى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدى» دېگەن ئەرەبچە بىر قۇر خەتنى مايماق - سەيناق قىلىپ يازىدۇ، يازالمىسا باشقىسىغا يازدۇرىدۇ. قەغەزدىكى ئاتالمىش «بەدەل ھەج قىلغان» لارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى خىيالىي ئىسىملاردىن بولىدۇ. بۇ ئىسىملارنىڭ ئابدۇراھمان، ئابدۇرېھىم ياكى مەمەت، سەمەت دېگەنلەرگە ئوخشاش بىر - بىرىگە يېقىن بولۇپ چىقىشىدىكى سەۋەب بۇ يەردە. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستاندا مەيلى دۆلەت تارمىقىدا بولمىسۇن، مەيلى شەخسلەر تەرىپىدىن بولمىسۇن، بەدەل ھەج قىلدۇرىدىغان قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بىرەر مۇئەسسەسە يوق. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەخسلەر تەرىپىدىن بولۇۋاتىدۇ.«

بەدەل ھەج قانداق قىلىنىۋاتىدۇ؟

      مەزكۇر كىتابتا يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئەمدى بەدەل ھەج پۇلىنى يىغقان قويمىچى بۇنچىلىك كۆپ ئادەمنىڭ ھەج بەدىلىنى ئۆزى يالغۇز قانداق ئادا قىلىدۇ؟ راست گەپنى ئېيتقاندا، بەدەل ھەج پۇلىنى يىغقان قويمىچى بىرىنىڭمۇ ھەجىنى قىلمايدۇ. مۇبادا ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولۇپ قالغان بىرەر ئادەمنىڭ ھەج بەدىلىنى قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلاي دېسىمۇ قىلالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەم بىر ھەجدە پەقەت بىرلا ئادەم ئۈچۈن ھەج قىلالايدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ھەج بەدىلىنى قانداق قىلىدۇ؟ بۇنىڭ مۇنداق ئىككى خىل يولى بار: بىرى ھېچبىرىنىڭ ھەج بەدىلىنى قىلماسلىق، يەنە بېنگاللىقلارغا ئەرزان باھادا سېتىپ ئىشنى پۈتتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

1. ھېچبىرىنىڭ ھەج بەدىلىنى قىلماستىن تىكىۋېتىش، ناۋادا مەجبۇر بولۇپ قالسا، ھەجدىن كېيىن بىرەردىن «بەدەل ھەج» قەغىزىنى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك تەييارلاپ، پۇل بەرگەنلەرگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يولنى تاللىغانلار بەدەل ھەج قويمىچىلىرىنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى بۇ ناھايىتى ئاسان ئۇسۇل ئەمەسمۇ؟

2. بېنگاللىق، بېرمىلىق، ھىندىستانلىق، پاكىستانلىق ۋە ئافرىقىلىق ئىشچىلار بىلەن كېلىشىش يولىنى تاللاش بولۇپ، مەزكۇر ئىشچىلار بىلەن ھەربىر بەدەل ھەج ئۈچۈن يۇقىرىسى200 دوللار، تۆۋىنى 150، ھەتتا100دوللارغىچە كېلىشىش بىلەنلا پۈتىدۇ. پۇلنى ئالغانلار قويمىچىدىن بەدەل ھەج قىلىنىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكلىرىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىكىۋېتىدۇ. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن كۆزدىن غايىب بولىدۇ. بەدەل ھەج قىلدىمۇ ياكى ئۆيىدە ئۇخلىدىمۇ؟ ئۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ۋە بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. ئەمدى يۇقىرىسى 200دوللاردىن پۇل ئېلىپ بەدەل ھەج قىلىمەن دېگەن ئادەم راستىنىلا بۇ ھەجنى قىلامدۇ؟ ھەرگىز قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار قانچىلىك كەمبەغەل قانچىلىك پۇلغا موھتاج بولۇپ كەتسىمۇ ھەج پائالىيىتىنى ئورۇنداش جەريانىدىكى 5 - 6كۈنلۈك جاپا - مۇشەققەتنى بۇنداق ئاز پۇلغا سېتىپ ئالمايدۇ.»

بەدەل ھەج دېگەن نېمە؟

            مەزكۇر كىتابتا يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«بەدەل ھەج - ھەرەمگە كېلەلمەيدىغان بىرى ئۈچۈن باشقا بىرىنىڭ ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىپ قويۇشى دېگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلغان ھەجنىڭ ساۋابى قىلدۇرغۇچىغا بولىدۇ. بەدەل ھەجنى قىلغۇچىغۇمۇ ئۇنىڭ نىيىتى ۋە ئىخلاسىغا چۇشلۇق ساۋاب يېزىلىشى كۈتۈلىدۇ. بىر ھەدىستە كېلىشىچە، بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن:«ئانام ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا بەل باغلىغان بولسىمۇ، ئۇنى ئادا قىلالماي ئۆلۈپ كەتتى، شۇڭا ئانام ئۈچۈن مەن ھەج قىلىپ قويسام بولامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ «ھەئە، ئانىڭىز ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئېيتىڭچۇ، ناۋادا ئانىڭىزنىڭ بوينىدا قەرزى بولغان بولسا، ئۇنى ئادا قىلامتىڭىز؟ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار! چۈنكى ئاللاھنىڭ ھەققى ئادا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەج قىلىشقا بەل باغلىغان بولسىمۇ، قايسىبىر سەۋەب بىلەن ھەج قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ بالىلىرى ياكى باشقىلار ھەج قىلىپ قويسا بولىدۇ. ئەمما ھەج قىلىشقا شارائىتى تولۇق تۇرۇپ، ھاياتىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ھەج قىلىشنى ئويلاپ قويمىغان، يولىنىمۇ ماڭمىغان ۋە شۇ ھالىتى بىلەن ئۆلگەن ئادەم ئۈچۈن قىلىنغان بەدەل ھەج قوبۇل بولمايدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قىلغان ئىبادەتلىرىدىنمۇ بەزىسى تۈرلۈك يېتەرسىزلىكلەر تۈپەيلى قوبۇل بولمايدىغان تۇرسا، بىراۋ ئۆزى ئورۇنداشنى خالىمىغان بىر ئىبادەتنى باشقا بىرى كېلىپ زورىغا ئۇنىڭغا تېڭىپ ئورۇنداپ قويسا ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىبادەت دېگەن ھەر كىم ئۆزى قىلىش بىلەنلا ئادا تاپىدىغان نەرسە تۇرسا. ئەگەر پۇل بىلەن ئادەم ياللاپ ئىبادەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن چىققىلى بولىدىغان ئىش بولسا ئىدى. پۇلى بار مىليونېرلار ئەڭ ئاۋۋال جەننەتكە كىرسە بولاتتى.»

بەدەل ھەج قىلدۇرماقچى بولغانلار ئۈچۈن تەكلىپ

           مەزكۇر كىتابتا يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئالەمدىن كەتكەن ئاتا - ئانىسىنى خوش قىلماقچى بولغانلارغا بەدەل ھەج قىلدۇرۇشتىنمۇ ساۋابلىق ئىشلار بار. مەسىلەن:
(1) ئاتا - ئانىسىنى ساۋابتىن بەھرىمەن قىلاي دېگەن ئادەم بەدەل ھەج ئۈچۈن ئاتىغان پۇلىنى جەمئىيەتتىكى يېتىم - يېسىرلارغا، تۇل ئاياللارغا، مەدرىسە تالىبلىرىغا، تۇغقانلىرىنىڭ ياكى قوشنىلىرىنىڭ ياكى كۆڭلى تارتقان كىشىسىنىڭ ئالىي مەكتەپتە پۇل قىيىنچىلىقى تارتىۋاتقان بالىلىرى بولسا، شۇلارغا خەجلەپ بەرسە، ئۇنى بەدەل ھەج قويمىچىسىغا بەرگەندىن ياكى قويمىچى بولمىسىمۇ بىرلا ئادەمگە بېرىپ ئۇنى بەھرىمەن قىلغاندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋاب ۋە ئەجىر ئەزىم تاپىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، ھېچكىم ئاتىغان پۇلىنى ساۋاب بولۇشى نامەلۇم بولغان ئىشقا سەرپ قىلماي، يوقسۇللارنى يۆلەشتىن ئىبارەت ساۋابى ئېنىق ۋە كاپالەتلىك ئىشقا خىراج قىلغان بولاتتى.

(2) زاكاتنى، سەدىقىنى ۋە ھەر قانداق بىر خەير - ئېھساننى يىراقلارغا بەرگەندىن كۆرە، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ياكى قوشنىلىرى ياكى تونۇشلىرى ئارىسىدىكى ئېھتىياج ئىگىلىرىگە بەرسە ھەم سەدىقىنىڭ ھەم سىلە - رەھىمنىڭ ساۋابىدىن ئىبارەت ئىككى قات ساۋاب قازىنىدىغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقان. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، راستىنىلا ساۋاب ئىزدىگەن ئادەم ئۆزى تونۇمايدىغان ئادەملەرگە بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ ساۋاب تاپىمەن دېمەستىن، كۆز ئالدىدىكى نەق ساۋاب بولىدىغان ئىشلارغا پۇل سەرپ قىلىدۇ. بۇ ئىككى قات ساۋابنى ھەركىم ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - ئانىسىغا ئاتىسا، بۇ ساۋاب ئۇلارغا نەق يېتىدۇ ئەمەسمۇ؟

(3) جەمئىيەتتىكى ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر تېپىش شۇ جەمئىيەتتىكى قول ئىلىكىدە بار كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە پەرز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىماننىڭ تەلەپلىرىدىن بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:«قوشنىسىنىڭ ئاچ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزى توق ياتقان ئادەم مۆمىن بولالمايدۇ» دېگەن ھەدىسى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. راستتىنلا ئاتا - ئانىسىغا ساۋاب قازاندۇرۇشنى ئىستىگەن ئادەم ساۋابى كاپالەتكە ئېلىنمىغان بەدەل ھەجنى قىلدۇرىمەن دەپ يۈرمەستىن، ئاتىغان پۇلىنى مۇنداق زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي پەرزنى ئادا قىلىشقا سەرپ قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئادەم ئاتا - ئانىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدىنمۇ ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشتۈرىدۇ. چۈنكى پەرزنى ئادا قىلغاننىڭ ساۋابى نەپلىنى ئادا قىلغاننىڭكىدىن ئەلۋەتتە ئارتۇق بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

4. ئاتا - ئانىسى ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قالدۇرغان مال - دۇنياسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپ خىراج قىلماسلىق شەرتى بىلەن بەدەل ھەج قىلىش ياكى قىلدۇرۇش بالىلارنىڭ ئۈستىدە قەرزدۇر.

5. بىراۋغا بەدەل ھەج قىلىپ قويماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان بولۇشى شەرت.

6. تىرىكلەردىن قاتتىق ياشىنىپ قالغانلىقتىن ياكى ساقايمايدىغانلىقى ئېنىقلانغان كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ ھەج سەپىرىگە چىقىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن ۋە ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا يېتەرلىك ئىقتىسادى بولغان ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ بالىلىرىدىن بىرەرى بەدەل ھەج قىلىپ قويسا بولىدۇ.

ناۋادا بالىلىرى بولمىسا ياكى ئۇلار ھەرەمگە بارالمىسا، دىيانىتىگە ئىشىنىلىدىغان كىشىلەردىن بىرەرىگە بەدەل ھەج قىلدۇرسا بولىدۇ.

          شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۆزىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ئۈچۈن ھەج قىلغان ئادەم بىلەن پۇلغا ياللىنىپ ھاياتىدا بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان بىر ئادەم ئۈچۈن ھەج قىلغان ئادەمنىڭ ھەج كەيپىياتى بىر خىل بولامدۇ؟ ھالبۇكى، ھەج دېگەن يۈرەكتىن چىقمىسىمۇ بولۇشىچە بېجىرىپ قويسا بولۇۋېرىدىغان رەسمىيەت ئەمەس، بەلكى ھەجمۇ خۇددى نامازغا ئوخشاش ئەقىل، قەلب ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئىبادەتتۇر.

6. پاسپورت بېجىرىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقى ياكى ئۆزى ھۆكۈمەت كادىرى بولغانلىقتىن، ھەجگە بارالمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۆزى ئۈچۈن ئادەم ياللاپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇش جائىز ئەمەس.

پاسپورت بېجىرىش ئىمكانىيىتى يوق ئادەمگە ھەج پەرز ئەمەس. چۈنكى بىراۋغا ھەجنىڭ پەرز بولۇپ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەج سەپىرى ئۈچۈن يولى ئوچۇق بولۇشى شەرت. پاسپورت ئالالمىغان ئادەمنىڭ يولى ئوچۇق بولمىغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەققىدە ھەج پەرز بولۇشىنىڭ شەرتىگە چۈشمەيدۇ.

         ئەمدى كادىرغا كەلسەك، مائاشتىن باشقا كىرىمى يوق، بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى، ئوقۇشى ۋە بارلىق چىقىملىرى شۇ بىرلا مائاشقا قاراشلىق بولۇپ قالغان، ئەگەر ھەجگە بارغان تەقدىردە، مائاشىدىن ئايرىلىپ قېلىپ بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە ئوقۇشى ۋەيرانلىققا ئۇچراش خەۋپىدىكى ئادەملەرگە ھەج پەرز ئەمەس. چۈنكى ھەج دېگەن ھەج سەپىرىگە چىققانلىق سەۋەبى بىلەن ئۆزىگە ياكى بالا - چاقىلىرىغا ماددىي ياكى مەنىۋى زىيان - زەخمەت يەتمەيدىغان شارائىتتىكى ئادەملەرگىلا پەرز بولۇپ بەلگىلىنىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەج پەرزى نامازغا ئوخشاش بىر پەرز ئەمەس. نامازنى قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن چوقۇم ئادا قىلىش پەرز. ئەمما ھەج ئۇنىڭ يولىغا كۈچى يەتكەن ئادەمگە پەرزدۇر.

      ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، پاسپورت ئالالمىغانلار بىلەن ھەج سەپىرىگە چىقالمايدىغان شارائىتتىكى ئىشچى - كادىرلارنىڭ بەدەل ھەج قىلدۇرۇشى جائىز ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەج قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار. ھەج قاچان شەرت - شارائىت تېپىلسا شۇ چاغدا پەرز بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ئىمكانىيىتىم يوق دەپلا بەدەل ھەج قىلدۇرۇش جائىز ئەمەس.»
مەنبە: رادىئودىن.

0

تېما

0

دوست

395

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21707
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 23:21:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما ... بۇنداق ھەجنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن بىلىۋالدىم ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3856
توردىكى ۋاقتى: 750
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 23:28:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسپورت بېجىرىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقى ياكى ئۆزى ھۆكۈمەت كادىرى بولغانلىقتىن، ھەجگە بارالمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۆزى ئۈچۈن ئادەم ياللاپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇش جائىز ئەمەس.


مانا بۇ يۇقارقى سۆزلا يىتەرلىك مىنىڭچە.

7

تېما

1

دوست

3470

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12265
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 849
توردىكى ۋاقتى: 206
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 00:01:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەج قىلىشنىڭ شەرتلىرى بار دەپ ئاڭلىغان شەرتلەر ئادا بولمىسا ھەج قوبۇل بولمايدىكەنغۇ!

pakat rabimizla bizga hidayat

12

تېما

13

دوست

6035

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9586
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1071
تۆھپە : 1104
توردىكى ۋاقتى: 242
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 00:19:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇق بىلىۋالدىم  مانا،،

19

تېما

4

دوست

7461

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2736
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1138
تۆھپە : 1507
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 11:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەيلى...

2

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 11:18:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   . مەن بۇرۇندىن ئىشەنمەيتتىم بۇنداق ‹‹ھاجى بەدەل ››دىگەن گەپكە .  ھاجىلارنىڭمۇ  ساقتىسى بارلىقىنى بىلىۋالدۇق رەھمەت . ئەمما ھەج قىلىش ئۇچۇن  تولەيدىغان بەدەل(پارا) بەك كوپ بۇلۇپ كىتبارىدۇ  .

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4444
توردىكى ۋاقتى: 1787
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 11:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا - ئانىسىنى ساۋابتىن بەھرىمەن قىلاي دېگەن ئادەم بەدەل ھەج ئۈچۈن ئاتىغان پۇلىنى جەمئىيەتتىكى يېتىم - يېسىرلارغا، تۇل ئاياللارغا، مەدرىسە تالىبلىرىغا، تۇغقانلىرىنىڭ ياكى قوشنىلىرىنىڭ ياكى كۆڭلى تارتقان كىشىسىنىڭ ئالىي مەكتەپتە پۇل قىيىنچىلىقى تارتىۋاتقان بالىلىرى بولسا، شۇلارغا خەجلەپ بەرسە

تىمىڭىزنىڭ تەربىيۋى ھەمىيتى ناھايتى يۇقىرىكەن، خەلقى ئاچ-توق يۈرسە ھەج قىلغاندىن خەلقىنىڭ غىمىنى يىيىشى بەرھەق، مانا بۇ تىمىڭىز يەنە خەلىقنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان نادىر تىما...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )