قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1445|ئىنكاس: 16

ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 19:18:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ

ئىشلىتىشچانلىقى




          3D-printing ، تۆۋەندە ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسى دەپ ئېلىندى. قىسقىچە چۈشەندۇرۇش بەرگەندىن كىيىن بىر قىسىم ئىشلىتىش ئورنىنى بىرىمىز. ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسى رەقەملىك ئۈچ ئۆلچەملىك مودىلغا ئاساسەن (كەڭلىك، ئىگىزلىك، ۋە نىپىزلىكى ھەر قايسىسىى كومپىيوتىردا سانلىق مەلۇمات بىلەن ئىپادىلەنگەن رەقەملىك مودىل) ئۈچ ئۆلچەملىك جىسىمنى ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە بېسىپ چىقىرىش ماشىنىسى قەغەزگە تەكشىلىك (ئىگىزلىك ۋە كەڭلىكلا بولغان) ئىككى ئۆلچەملىك بېسىپ چىقىرىدۇ. ئالدىنقى تېخنىكا بولسا ھەقىقىي جىسىمنى (جىسىملارنىڭ ھەممىسى ئۈچ ئۆلچەملىك، ئويلىنىپ بېقىڭ) بىۋاستە بېسىپ چىقىرىدۇ. بۇ تېخنىكا تۇنجى قېتىم 1984-يىلى Chuck Hull  تەرىپىدىن تۇنجى ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىپ چىقىرىش ماشىنىسىنى ياساپ چىقىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. 21-ئەسىردە بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ سانائەت، ئائىلىلەرگە ئۇمۇملىشىش يۈزلىنىشىدە تۇرماقتا. مەسىلەن: ئامىركا ھاۋا ئارمىيىسى مۇشۇ خىل تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ F-35 كۈرەشىچى ئايرۇپىلاننى ياساش جەريانىنى تىزلەشتۇرۇش ۋە تەننەرخنى تىجەشنى ئاللىقاچان باشلىدى، مۇشۇ بۇيىچە ياساشقا كېرەكلىك ماتىريالنى تىجىگىلى، ۋاقىتنى قىسقارتقىلى ، شۇ ئارقىلىق ئۇمۇمىي ياساش تەننەرخىنى 20-30% پىرسەنت تۆۋەنلەتكىلى بۇلىدۇ دەپ قارىماقتا. جۇڭگۇمۇ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تۆۋەندە بىرقىسىم مىساللار ئارقىلىق بۇ خىل تېخنىكىنى تېخىمۇ ئاسان ھىس قىلالايسىز.
1. ۋېلسىپىت
بۇ ۋېلسىپىت ئادەتتىكىگە بەك ئوخشاپ كەتمەيدۇ. چىدامچانلىقى تازا ئېنىق ئەمەس، بۇ خېل ۋېلسىپىت مۇشۇ خېل تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بېسىپ چىقىرىلغان. nylon powder (ئېنىق تەرجىمىسىنى بىلمەيمەن، تۆۋەندىمۇ شۇنداق سۆزلەر ئۇچرىسا ئەسلىنى ئېلىشنى قارار قىلدىم. بىرلىكتە ئىزدىنەيلى) دىن ياسالغان، پولات ۋە ئاليومىندىن ياسالغان ۋېلسىپىتنىڭ چىدامچانلىقىغا ئىگە، ئەمما ئېغىرلىقى شۇنىڭ 65% گە توغرا كىلىدۇ.
2. يېڭى ئىڭەك سۆڭەك. بۇ خېل تېخنىكا مۇشۇ خىل مىدىتنىسانى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئىڭەك سۆڭەك 83 ياشلىق ياشانغان ئايالغا ئوپىراتسىيە قىلىنغان.كەلگۈسىدە بۇ خىل سۆڭەك ياساش جەريانىدا ھەتتە غول ھۈجەيرە دەرىجىسىدە بېسىپ چىقىرىشقا بۇلىدۇ.

3. بالىلارنىڭ سىزما رەسىمىنى ئۇيۇنچۇق قىلىپ بېسىپ چىقىرىش
بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى چەكسىز، لىكىن ھازىر ئۇنى خىيال سۈرۇشتىن ئۆز كۈزىمىز بىلەن كۆرەلەيمىز. بالىلارنىڭ سىزغان سۈرەتلىرى كومپىيوتىر يۇمشاق دىتالىنىڭ ياردىمىدە ئۈچ ئۆلچەملىك مودىلغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنى بېسىپ چىقىرىپ بالىڭىزنىڭ خىيالىدىن بىرگە بەھىرلىنەلەيسىز. (ماۋۇ قالتىس ئۈنۇمى باركەن دەپ قارىدىم، بالىلارنىڭ كاللىسى تېخىمۇ ئېچىلىدۇ).
4. گىتار بۇخىل گىتارنى ياسىماق قانچىلىك تەس ، تەسەۋۋۇر قىلىڭ. لىكىن بۇ تېخنىكىدا تەس ئەمەس. قارىماققا غەلىتە كۈرۇنگەن بىلەن ئاۋازى قالتىس ياخشى (كاۋاك بولغاچقا شۇنداق مىنىڭچە، ئەكىس ساداسى يوق ).
5. ئىچ كىيىم، سۇ ئۈزۇش كىيىمى  بەدىنىڭىزگە ئەڭ خوپ كىلىدىغاننى تىكىۋالىسىز، ئەلۋەتتە بۇ قېتىم  كومپىيوتىر ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىپ چىقىرىش ماشىنىسى سىزنىڭ قورالىڭىز، قايچا ۋە سىزغۇچ ئەمەس.
6. كەلگۈسى مۇمكىنچىلىك- گۆش
كەلگۈسىدە ماس كىلىدىغان ماتىرياللار ئارقىلىقلا سىز گۆشنى ئۈچ ئۆلچەمدە ھاسىل قىلالايسىز. (غەلىتە ، لىكىن مۇمكىن).
7. قورال
راستمۇ؟ راست. بۇ ھەقىقەتەن مۇمكىن، ئاللىقاچان ئامىركىلىق بىر ياش ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىش ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ M-41 (ئامىرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي مىلتىقى) مىلتىقنىڭ ئوقدان ۋە يەنە بىر بۆلىكىنى بېسىپ چىقىرىپ راست ئوق ئېتىپ سىناق قىلدى. نەچچە پاي ئاتقاندىن كىيىن كېرەكتىن چىققان بولسىمۇ ، ھەربىي تېخنىكىغا ئىشلىتىلگەن بېسىش ماشىنىسىنىڭ پۈتۇنلەي قىلالىشى ئېنىقلا بىر ئىش(F-35نى بېسىپ چىقىرىپ قوراشتۇماقچى، ئىسىڭىزدىمۇ). بۇ يىگىتنىڭ ھەركىتى چوڭ غولغۇلا قوزغىدى، قانۇنغا خىلاپمۇ ئەمەسمۇ دەپ.
8. بىنا
بۇ بەلكىم 2014-يىلى سىناق قىلىنىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بىراقلا بېسىپ چىقارمايدۇ، خۇددى ئۇيۇنچۇق قوراشتۇرغاندەك قىلىشى مۇمكىن. شەخسىي قارىشىم.

9.كەلگۈسى ئېھتىماللىق- ئاي شارى بازىسى ئەگەر ئاي شارىدا بەزىبىر زاپچاسلار كاملاپ قالسا ئالەم ئۇچقۇچىسى يەرشارىغا ئىلتىماس قىلىپ يۈرمەي بېسىپ چىقىرىپلا ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. بىر مەزگىل بۇرۇن كۆرۇشۇمچە ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا ئامىركىلىقلار ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىپ چىقىرىش ماشىنىسى بىلەن بۇنى سىناق قىلىۋاتىدۇ.
يۇقىرقىلاردىن كەلگۈسى مۇمكىنچىلىك دىگەنلەر ھازىر قېلىشقا ئىشەنچ تۇلۇق، ، يېقىن كەلگۈسىدە بۇلىدىغان ئىشلار. قالغانلىرى قىلىنىپ بولغان ياكى مەلۈم دەرىجىدە قىلىنىۋاتقان ئىشلار. لىكىن شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ خىل تېخنىكا پۈتۇن دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئىنساننى يارىتىش بىر مۆجىزە، مۇشۇ مۆجىزە نۇرغۇن ئىشلارغا قادىر.
مەنبە
http://en.wikipedia.org/wiki/3D_printing
http://www.policymic.com/articles/25011/9-seriously-mind-blowing-things-you-can-make-with-a-3d-printer

3D printer.jpg
bike.jpg
bone.jpg
toy.jpg
guitar.jpg
meet.jpg
gun.jpg
building.jpg
moon.jpg

2

تېما

0

دوست

7229

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   44.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1702
توردىكى ۋاقتى: 975
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 22:14:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ ئۆلچەملىك پىرىنتىردا بېسىپ چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ماتىريال ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە  بەرگەن بولسىڭىز. ئۇ ھاۋاغا ئۇچرىغان ھامان قاتىدىغان ماتىريال ئىشلىتەمدۇ؟ياكى ھەر خىل ئىھتىياجلارغا ئاساسەن ھەر خىل ماتىريال ئىشلىتەمدۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 22:18:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arslan428 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-22 22:27  
elkelem يوللىغان ۋاقتى  2013-9-22 22:14
ئۈچ ئۆلچەملىك پىرىنتىردا بېسىپ چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدى ...

بۇنى ياخشى سورىدىڭىز. مەنمۇ نىمە ئىشلىتىدىغاندۇ دەپ ئويلىغان، لىكىن ئىزدىنىپ باقماپتىمەن. ھېلىقى ئامىرىكىلىق ئوقداننى بېسىپ چىقارغاندا ئاق رەڭلىك بىرنەرسە بۇلۇپ چىقتى، نەچچە پاي ئاتقاندىن كىيىن سۇنۇپ كەتتى، شۇنىڭغا قاراپ سۇلياۋمىكىن دەپ قالدىم. جاۋابى ئاختۇرسام مۇنۇ يەردە ئىخچاملا چىقىپ قالدى. http://www.3ders.org/3d-printing-basics.html#materials
11. What are the materials used to print 3D objects?

[size=13.333333015441895px]Many different materials can be used for 3D printing, such as ABS plastic, PLA, polyamide (nylon), glass filled polyamide, stereolithography materials (epoxy resins), silver, titanium, steel, wax, photopolymers and polycarbonate.

بۇ ماتېرياللارنىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلىش قۇلۇمدىن كەلمىدى، خېمىيە دىگەندەك مۇناسىۋەتلىك كەسىپتىكىلەر بەلكىم ئۈبدان بىلىدۇ. سۇئالىڭىزغا تۇلۇق جاۋاب بىرەلمىگىنىمگە خىجىلمەن.

299

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3188
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14520
تۆھپە : 12098
توردىكى ۋاقتى: 4352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 23:16:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياۋرۇ ئاسىيا كۆرگەزمسىدە بۇ ئۇچ ئۆلچەملىك بىسىپ چىقىرىش ماشىنسىنى كۆردۇم ، بيېجىڭنىڭ ئىشلىگىنىكەن ،  ئەڭ كىچىكىنى ئون نەچچە تۇمەن دەيدۇ، ئۇنىڭدا كىچىك قۇلۇلە دىگەنلەرنى ياسىغىلى بولىدىكەن ، ماتىريالىغا ئاق تومراق سولياۋ يىپ   ، توملىقى بۇغدەيدەك بارغۇ دەيمەن ،شۇنداق نەرسىدىن ئاۋۋال سىز ياسىماقچى بولغان نەرسىنىڭ  ئۇچ ئۆلچەملىك رەسىمنى كىرگۇزۇپ بەرسىڭىز ، كىتر كىتر قىلىپ توقۇيدىكەن ، مەن بىر قۇلۇلە بىلەن بىر چوڭراق لوڭقىنى ئەسلىمە ئۇچۇن سېتىۋېلىپ قايتىپ كەلدىم

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3856
توردىكى ۋاقتى: 750
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 23:40:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىڭى تىخنىكىكىلارمۇ بەلكىم تىز ۋاقىت ئىچىدە رايونىمىزدا ئوموملاشقۇسى

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8835

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2604
توردىكى ۋاقتى: 1188
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 00:09:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ماڭا مەرھۇم شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى ئەسلىتىپ قويدى.
باشقىلار سۇدا ئۈزۈپ كۆكتە ئۇچۇپ كەتتى يىراق،
مەن مىسال يالاڭ ئاياغ دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
سوپۇن بىلەن يېمەك-ئىچمەكنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيۋاتقان كارخانىچىلىرىمىز كۆرىدىغان تېمىكەنتۇق بۇ. ئەلۋەتتە، كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ. «مەشرەپ»باشچىلىقىدىكى ئاز بىر قىسىم كارخانىلىرىمىز ھەرھالدا كىشىنى خېلى رازى قىلغۇدەك بىر ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.

7

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 5314
توردىكى ۋاقتى: 575
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 03:09:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-23 16:25  

رەھمەت تىمىڭىزغا ، جاپا چەكتىڭىز.
3 ئولچەملىك بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسىنى تېخنىكىنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن ھەجىممۇ ئۇچ ئولچەملىك بولغاچقا ھەجىملىك باسما تېخنىكىسى دەپ تەرجىمە قىلساق بۇلارمۇ ، تورداشلار بۇ تەرجىمە بولغىدەكمۇ، ئۇچ ئولچەملىك سۈرەتنى قىسقارتىپ ھەجىملىك سۈرەت  دىسەك،خوددى رەڭلىك سۈرەت دىگەندەك تىلغىمۇ ئاسان كەلگىدەك، ........

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8835

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2604
توردىكى ۋاقتى: 1188
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 04:44:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2013-9-23 03:09
رەھمەت تىمىڭىزغا ، جاپا چەكتىڭىز.
3 ئولچەملىك بېسىپ چىق ...

سورەت ئەمەس، سۈرەت. تەھرىرلىۋېتەرسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )