بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-23 05:14
ماتېماتىكىنى نېمىشقا ئۆگىنىمىز؟
تاشپولات روزى
1999-يىلى بېيجىڭدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىرقى مۇدىرى دوكتور تاشپولات تېيىپ بىلەن بىرگە بولۇپ قالدىم. كەچلىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يېگەچ تەتقىقات توغرىلىق پاراڭلىشىپ قالدۇق. تاشپولاتنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يەر يۈزىدىن تارتىلغان رەسىملەر ئارقىلىق يەر ئۈستىدىكى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش ئىكەن. ئۇ ماڭا شۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ بۇ كەسىپتە ماتېماتىكا بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، ماتېماتىكىنى ياخشى بىلسە ئۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغىلى بولىدىكەن. ھازىر شۇنداق ئويغا كېلىپ قالدىم، ئەسلىدە ماتېماتىكا كەسپىنى تۈگىتىپ ئاندىن بۇ كەسىپنى قىلىدىغان گەپ ئىكەن.
ياپونىيەدىكى ۋاقتىمدا خېلى كۆپ ئاغىنە بالىلار مەندىن ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى سوراپ تۇراتتى.
ياپونىيىدە جۇغراپىيە كەسپىدىن دوكتورلۇق ئالغان دوكتور مۇختەر چوڭ ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇنىڭ قىلىدىغىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان رەسىملەر ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش. ئۇ دائىم كەسپىدە ماتېماتىكىنىڭ بەكمۇ كۆپ قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلاتتى، بەزىدە ئۆزى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ كۆرۈۋاتقان ماقالىلەردىكى ماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سورايتتى. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇنىڭ ماتېماتىكا سەۋىيەسى خېلىلا يۇقىرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىلگەن ماتېماتىكا، ئۇنىڭ تەلىپىنى قانائەتلەندۈرەلمەيتتى. كېيىن مۇختەر چوڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ ماتېماتىكا ئۆگەندى.
دوكتور دولقۇن يۇنۇس ھازىر تۈركىيەدە ياپونىيە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كەسپى سىمسىز ئېلېكتر. ئۇ ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا تەتقىقاتىدا ئۇچراتقان ماتېماتىكىلىق مەسىلەرنى مەندىن سورايتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە سورىغان ماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنىڭ كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلىشىنى فاكس ئارقىلىقمۇ ئەۋەرتىپ بەرگەن.
دوكتور ئومەرجان ئابلا، ھازىر لوس ئاڭەلەس تويوتا شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. ياپوندىكى ۋاقتىدا بىر قېتىم ئۇ ماڭە تېلېفون ئۇرۇپ، تەتقىق قىلىۋاتقان تەمىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئەگرى سىزىق گرافىكىنى چىقىرىشقا توغرا كەلگەنلىكىنى، بىراق بۇ سىزىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايۋاتقانلىقىنى، مۇمكىن بولسا مېنىڭ ياردەمدە بولۇشۇمنى ئېيتتى. ئۇ بىزنىڭ مەكتەپكە كېلىپ مەن بىلەن بىرگە ئۇ گرافىكنى ئىزدىدى. بىرىنچى كۈنى بۇ گرافىكنىڭ تەڭلىمىسىنى چىقىرالمىدۇق. ئىككىنچى كۈنى ئۇ يەنە كەلدى. ئۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئەپلىشىپ توغرا بولغان بىر ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەگرى سىزىقنىڭ گرافىكىنى بۇ تېپىلغان تەڭلىمە ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردۇق.
پروفېسسور ئابلىكىم ھەسەن، ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ 77-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. مەن ياپونىيەدە تۇرغان ۋاقتىمدا، ئوساكادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا بىلىم ئاشۇرغۇچى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ياپونىيەگە كېلىپ 8 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ماڭە تېلېفون ئۇرۇپتۇ. شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا خېلى كۆپ ماقالە يازغان ئىدىم. بىراق، بۇ يەردە تا ھازىرغىچە بىر پارچە ماقالە چىقمايۋاتىدۇ دەيدۇ. «بۇلار سانلىق مەلۇماتلارنى بەك تەكىتلەيدىكەن ھەم ئۇ ئارقىلىق بىر ماتېماتىكىلىق فۇنكسىيە مۇناسىۋەتلەرنى تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىدىكەن» دەيدۇ. «ئۆزۈڭ بىلىسەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ۋاقتىمدا ماتېماتىكا دېگەننى ئۇنتۇپ قاپتىمكەنمەن، ھازىر ماتېماتىكىنى ئۆگىنىۋاتىمەن» دېگەنىدى ئۇ. كېيىن ئۇقسام ئابلىكىم قاتتىق تىرىشىش ئارقىلىق ياپونىيەدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىپتۇ.
گوئوگلە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىككى ئاغىنە بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ماتېماتىكا ئاساسى بەك يۇقىرى بولغان. بىرى روسيەدىن كەلگەن يەھۇدىي ماتېماتىكىچىنىڭ ئوغلى، يەنە بىرى ئامېرىكىلىق يەھۇدىينىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇلار دەسلەپتە بىر سۆزنى ئىزدىگەندە قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قىممەت جەھەتتىن يېقىن بولغان سۆزلەرنى ئىنتېرنېتتىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ دېگەن نەرسىنى ئويلىشىدۇ. ئۇلار ئاخىر ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار ئارقىلىق بۇ مەقسىتىگە يېتىدۇ. ھازىر گوئوگلە شىركىتى دېسە بىلمەيدىغانلار يوقمىكىن دەيمەن.
ئېينىشتېين ئۆزىنىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىمۇ رىمان گيومېتىرىيەسى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. سىتېفىن ھوكىڭ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر پەرىزىنىمۇ ئېينىشتېيننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ بىر يېشىمى ئارقىلىق پەرەز قىلىدۇ. ئالەمنىڭ چېگراسى چەكسىز ئىكەنلىكىنىمۇ ماتېماتىكا ئارقىلىق ئىسپاتلىغان.
ئامېرىكا 2006-يىلى 35 مىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلايدىغانلىقى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىكى بىردىنبىر سەۋەب ھازىر ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن. 2005-يىلىدىكى لوس ئاڭەلەس گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭدىن يېرىمى ئالگېبرادىن ئۆتەلمەيدىكەن. ئەگەر بۇ ئىش داۋاملاشسا، ئامېرىكىنىڭ ئاساس تەتقىقاتى ھىندىستان ھەم جۇڭگونىڭ ئارقىسىدا قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
مەن بۇرۇن لوس ئاڭەلەس ئالىي مەكتىپىدە ئىقتىسادى ماتېماتىكىدىن دەرس بەرگەن ئىدىم. بۇ كەسىپنى ئوقۇسىڭىز ئىقتىسادتىكى بارلىق چۈشەنچىلەرنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. ئېنىقراق دېسەم، ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار ئارقىلىق ئىقتىسادىي نەزەرىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۇقىرىقى پاراڭلاردىن ماتېماتىكىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقنى ھەم ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئېلىش تەس ئەمەس. شۇڭا ماتېماتىكا ھەرقانداق پەننىڭ ئاساسى ھەم ئاچقۇچىدۇر.
ئەمدى ماتېماتىكىلىق چۈشەنچىلەر ئارقىلىق «نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئۆگىنىمىز» دېگەن سوئالغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ جاۋاب بېرىپ باقاي.
مەن 2000-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى بىر قېرىندىشىمىزدىن ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ماتېماتىكا ئەھۋالىنى سورىدىم.
ئۇ قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مېنىڭ بالام ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇلار ماتېماتىكا تاپشۇرۇقلارنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئىشلەيدىغان بولدى. قولىدا ماتېماتىكا تاپشۇ رۇقلارنى ئىشلەيدىغان ئىشلار بۇ يەردە تۈگىدى». مەن بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى مائارىپى خەتەرلىك ئىكەن دېگەن تۇيغۇ پەيدا بولدى. كومپيۇتېر بىزگە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ئىشلەش، ئوقۇغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ئەخمەق قىلغان بىلەن ئوخشاش. چۈنكى سىز بىلمەكچى بولغان جاۋابلارنى سىز يەشمەستىن، كومپيۇتېر يەشكەن بولىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا جانسىز بىر ئادەمدىن جاۋاب ئېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇ -رىنى ئاجىزلاشتۇرغان بولىسىز.
ئارىلىقتىن 5 يىل ئۆتۈپ بۇلتۇر بولغان ئىش. مېنى بىر ئالىي مەكتەپ سېسترا ئوقۇغۇچىلارغا ئالگېبرا دەرسىنى ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ سىنىپتا 60 ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار كالىفورنىيە شتاتى ئالىدىغان ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا تەيارلىق قىلغۇچىلار ئىكەن. ئۇلار بۇ سىنىپقا كېلىشتىن بۇرۇن شىتات ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئىكەن. بىراق، ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر يوق ئىكەن. دېمەك، بىرمۇ ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىم ئۆتەلمەپتۇ. بۇ سېسترا ئوقۇغۇچىلار غا نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئۆتىدۇ؟ مەن يۇقىرىدا دېگەندەك ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ماتېماتىكىغا سەل قاراپ، كومپيۇتېر بىلەن مەسىلە يەشكەنلىكنىڭ نەتىجىسىدىن، ئۇلارنى ئۆز قولى، ئۆز كاللىسى بىلەن مەسىلە يېشەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈندۇر. سېسترا بولغان ئادەم يانپاش قا ئوكۇل ئۇرۇش نىلا بىلىش بولماستىن، دورىلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى، دورا ئۆلچەملىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئايلىنىشىنى، دورىلارنىڭ مىقدارىنى ئۇششاق بۆلەكلەرگە بۆلۈش قاتارلىقلارنى بىلىش شەرت. بۇنىڭ ئۈچۈن سېسترا كەسىر سانلار، ئارىلاش كەسىرلەر، پىرسەنت ھېسابلاش، تەڭلىمە تۈزۈش ۋە ئۇنى ھېسابلاش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش كېرەك. بۇ چۈشەنچىلەرنى بىلىش ئۈچۈن ماتېماتىكىنى ئۆگىنىشتىن باشقا يول يوق.
ئامېرىكىدىكى خېلى كۆپ مەكتەپلەردە تېخنىكىلىق يول ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىمىز دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇپ بولدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا كومپيۇتېر ئارقىلىق ماتېماتىكا ئۆگىنىش ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مىكروسوفتنىڭ باشلىقى بىلل گەيتىسنىڭ ۋىن -دوۋس V ىستانى بازارغا سېلىش ۋاقتىدا تىمەس جھۇرنىلى مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىغا قارىساق كۇپايە قىلىدۇ.
1. سوئال: V ىستا ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىشىنى چەكلەش جەھەتتە نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كەلدى. سىز بىر ئاتا سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: مەن ئوغلۇمنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ۋاقتىنى چەكلەيمەن. ئۇ بۇنىڭدىن بەك نارازى بولدى، ئۇ مەندىن: “دادا، پۈتۈن ھاياتىم مۇشۇنداق ئۆتەمدۇ؟” دەپ سورىدى. ئۇنداق بولماس، چوڭ بولغاندا بەلكىم ئۆزى بىر كومپيۇتېر سېتىپ ئالار.
2. سوئال: سىز ئۇزۇندىن بېرى مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىسىز. سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، تېخنىكا ۋاسىتىسىنىڭ ئۆگىنىشنى تېزلىتىشكە پايدىسى بولدىمۇ؟
جاۋاب: تېخنىكىلىق ۋاسىتە مەلۇم رول ئوينايدۇ. بىراق، ئانچە چوڭ رول ئەمەس.
مېنىڭ بۇرۇنقى يازمام بىلەن يۇقىرىدىكى يازمامدىن نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈپ ئېلىش تەس ئەمەس.
تۆۋەندە يەنە ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئىچكىرىلەپ توختىلىپ باقاي.
ماتېماتىكا ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنىدۇ. ساپ ماتېماتىكا ۋە قوللىنىش ماتېماتىكىسى. ماتېماتىكا يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، شەكىل بىلەن سانلارنىڭ بىرىكمىسى. ماتېماتىكا نوقۇل ھالدا مەسىللەرنى يېشىشلا بولماستىن، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئىلىمدۇر. ئۇنىڭدا يالغانچىلىق مەۋجۇد ئەمەس. ئۇنىڭدا گەپ يورغىلىتىپ سەپسەتە سېتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. سىز دۇنيانىڭ ھەرقان داق يېرىگە بارسىڭىز ماتېماتىكا ئوخشاش. ئۇلار ئارىسىدا دۆلەت چېگىرسى مەۋجۇد ئەمەس. شۇڭا ئۇ ئەڭ قۇدرەتلىك. ماتېماتىكا كىشىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. مەسىلەن، ماتېماتىكىدا مۇتلەق قىممەت دېگەن ئۇقۇم بولۇپ، خالىغان بىر ساننىڭ مۇتلەق قىممىتى نۆلدىن چوڭ بولۇشى ياكى نۆلگە تەڭ بولۇشى ياكى نۆلدىن كىچىك بولۇشى مۈمكىن. بۇ يەردە بىز بىر مەسىلىنىڭ 3 خىل ئەھۋالىنى كۆردۇق دېگەن گەپ. بۇ جەمئىيىتىمىزدە بىر مەسىلە مەۋجۇد بولسا ئۇنى بىر تاياق بىلەن ئۇرماسلىق ئۈچۈنمۇ كىچىكىمىزدىن باشلاپ ھەرخىل يوللارنىڭ بارلىقىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشىمىزغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ماتېماتىكا مەسىللەرنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، ئۇنىڭدىكى بىر ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىدۇ. ساپ ماتېماتىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا قوللىنىش ماتېماتېكىسىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق باشقا پەنلەرنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. ماتېماتىكىدا مەسىلەردىن كېلىپ چىققان نەتىجىنىڭ توغرىلىقىنى لوگىكىلىق يوللار بىلەن ئىسپاتلاشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ ئىسپاتلاش مەشقلىرى، سىزنىڭ توغرا نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يالغانچىلىق قىلمىشلاردىن ئۆزىڭىزنى تارتقۇزىدۇ.
بىز باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ساپ ماتېماتىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ماتېماتىكى -نىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتچاللىقىنى تەكىتلەپ چىقىش مۈمكىن ئەمەس. بەزى نەرسىلەرنى شەكىل جەھەتتىن، يېشىم جەھەتتىن، ماتېماتىكىنىڭ بىلىملىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۆگىنىمىز. ماتېماتىكىدا بىر نامەلۇملۇق 2 دەرى- جىلىك تەڭلىمە بولۇپ، مەسىلەن h=16t^2 +120t. بۇ يەردە ئەگەر h=180 بولسا، t نى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ.
يەنى 16t^2 +120 t=180 دىن ئىبارەت 2 دەرىجىلىك تەڭلىمىنى يەشىشكە توغرا كېلىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتە بۇ تەڭلىمىنى قانداق يېشىشنى مەشق قىلىدۇ. بۇ جەريان دەل ساپ ماتېماتىكىدۇر. بىز بۇ تەڭلىك نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ دەپ سورىساق، ئۇ كىچىك بىر راكېتا 120 كم/سېكۇنت تېزلىكتە، يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلگەن ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. يۇقىرىدىكى “h” بولسا بۇ راكېتانىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئېگىزلىكنى ئىپادىلەيدۇ. h=180 دېگىنىمىز راكېتا 180 كم ئېگىزلىكتە بولغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمدى بىز بۇ راكېتا 180 كم ئېگىزلىكتە بولغاندا، قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ دېسەك، چوقۇم 16t^2 +120 t=180 تەڭلىمىنى t غا نىسبەتەن يەشسەكلا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ يەردە “t” ۋاقىتنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ساپ ماتېماتىكا بولماي، تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش مۈمكىن ئەمەس.
مەن ياپوندا تۇرغان ۋاقتىمدا، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئىدى. بۇ ئىقتىسادشۇناس ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىنى ياپونىيە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساپ ماتېماتى- كىچىسى، فۇنكسىيە نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان، تۇراقلىق نۇقتا دېگەن تېئورېمىسى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقىقان. بۇ تېئورېما بۇ نەزەرىيىنى ئىسپاتلاشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. شۇ چاغدا ياپونىيە دۆلەت لىك تېلېۋىزىيىسى ياپونلۇق پروفېسسورنى تەكلىپ قىلىپ، 1 سائەتلىك ئالاھىدە پروگرامما ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ پروفېسسور ئۆزىنىڭ تېئورېمىسىنىڭ ئىقتىسادقا قانداق قوللىنىلغانلىقىنى چۈشىنەلمەيدۇ. بىراق، ماتې- ماتىكىلىق جەھەتتە بۇ تېئورېمىنىڭ ئالاھىدىلىكنى ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم ساپ ماتېماتىكىدەك بىر كۈچلۈك قوشۇن بولماي تۇرۇپ، باشقا پەنلەرنى ياخشى ئىگىلەش مۈمكىن ئەمەس.
مېنىڭ دەيدىغىنىم، ھەربىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق بىر ئىلىم-پەن خادىمى بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بالىلارنىڭ كومپيۇتېر بىلەن بولۇپ كېتىش ئەھۋالىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن قەلەم بىلەن قەغەزنى قولغا ئېلىپ مەسىلە يېشەلەيدىغان ھەم مەسىلە تۈزەلەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
|