چەت ئەلگە ھەج قىلىشقا چىقىشنى بېجىرىش تەرتىپى 1.تەستىقلىنىدىغانلار:
1) يېشى 50- 70كىچە بولغانلار. 2) تېنى ساغلام، ئەقلىي ئىقتىدارى تولۇق، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلالايدىغان، ئايرۇپىلان، يولۇچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۇزۇن سەپەرگە چىقىشقا شارائىتى يار بىرىدىغان، ئۆزى مۇستەقىل ھەج قىلىشتكى ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئورۇندىيالايدىغانلار. 3) ھەج قىلىشقا يىتەرلىك خىراجىتى بارلار، يەنى ھەج قىلىش مەزگىلىدىكى بارلىق خىراجەتلەرگە پۇل تۆلەش ھەمدە ئائىلىسىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4) ۋەتەننى-دىننى سۆيىدىغان، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چىگرىدىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار. 5) ۋەتەن سۆيەر مەشھۇر دىنىي ئەربابلارنىڭ جۆرىسى ۋە ئۇرۇق-ئەۋلادى؛ ئاھالىسى بىر قەدەر ئاز بولغان ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلار ئاممىسى.
2.تەستىقلانمايدىغانلار:
1) قانۇنسىز دىني پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن-قاتناشقان ۋە تارقاق ھەج قىلغانلار؛ 2) سىياسى قىياپىتى تۆۋەندىكىچە بولغان ياكى تۆۋەندىكى بىرەر كەسپىي سالاھىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلار؛ (1) پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيىدىن چىكىنگەنلەر؛ (2) خىزمەتتىكى، دۆلەت ئورگىنىدىن دەم ئېلىش-پىنسىيىگە چىققان مەمۇرلار، پارتىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇلى ۋە خىزمەتچى خادىملىرى؛ (3) دۆلەت ئىگىلىگىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى؛ (4) خىزمەتتكىلەر، ھۆكۈمەت ئاچقان، پۇقرالار ئاچقان مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىپ پىنسىيىگە چىققانلار، تەربىيلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى؛ (5) ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىۋاتقانلار،«ئۈچ پىشقەدەم»لەر؛ (6) ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر. 3) 1979-يىلىدىن بۇيان تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا ھەج قىلغان مۇسۇلمانلار ئاممىسى؛ 4) ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپ ياكى كېسىلى بارلار، ھەرىكىتى قولايسىز، تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلار؛ 5) ھەج قىلىشتىن پايدىلىنىپ چەت ئەلگە ئوقۇشقا، سودىگەرلىك قىلىشقا چىقىدىغانلار؛ 6) ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئوخشاش بىر يىل ئىچىدە ھەج قىلىشقا بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ، ئەر-خوتۇن بىللە ھەج قىلىش ئۈچۈن يالغاندىن نىكاھتىن ئاجراشقانلار، بەش يىل ئىچىدە ھەج قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. 7) قانۇن، قائىدە-نىزام، قائىدە-تۈزۈمدە باشقىچە بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، چىگرىدىن چىقىشقا بولمايدىغانلار؛
3.ئىش بېجىرىش تەرتىپى: 1) ئالدى بىلەن نوپۇسى تۇرۇشلۇق يېزا(بازار)، كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىلىرىدىكى مىللەت-دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا يازما ئىلتىماس تاپشۇرىدۇ، ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچى«ھەجگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى»نى تولدۇرىدۇ. (1) ئۆزىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى ۋە ئاھالىلەر كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى؛ (2) ئۆزىنىڭ ھەج قىلىشقا تىزىملىتىشىقا قارىتا كەنت-مەھەللە كومىتېتى قوشۇلغانلىق پىكرى؛ (3) بانكا قەرز-كوپىراتىپىدىن چىقىرىپ بەرگەن شۇ كىشىنىڭ ھەقىقي ئىسىم-فامىلىسى نامىدا ئامانەت قويۇلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان 25 مىڭ يۈەنلىك ئامانەت قويۇش ئىسپاتى. 2) يېزا (بازار)، كوچا باشقارمىسى مىللەت-دىن ئىشخانىسى ھەج قىلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۆز شەرتىگە ئاساسەن، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شەرتىگە قارىتا دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. شەرتكە توشقانلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرىشىغا رۇخسەت قىلىپ تامغىسىنى باسىدۇ. 3) شەھەرلىك مىللەت-دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، تولدۇرغان ھەج قىلىشقا بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىگە پىكىر يېزىپ، تەستىقلانغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، 10خىزمەت كۈنى ئىچىدە ھەج قىلىشقا ئالدىن تاللانغانلارنى جەملەپ ۋىلايەتلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومېتىتىغا يوللايدۇ. ھەر يىلى ئىسلام كالىندارى روزى ئېيىدىن 75كۈن ئىلگىرىكى ۋاقىت شۇ يىللىق ھەج قىلىشقا بېرىشقا تىزىمغا ئالدۇرۇشنىڭ ئاياغلاشقان ۋاقتى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەج قىلىشقا تىزىمغا ئالدۇرغانلار كېلەركى يىللىق تىزىمغا ئالدۇرغانلار قاتارىغا كىرگۈزىلىدۇ. 4) ھەج قىلىشقا بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش جەدىۋىلى تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، پەقەت بىر قېتىملا تولدۇرۇلىدۇ، قايتىلاشقا، كۆپ ياقىلىق تولدۇرۇشقا بولمايدۇ. 5) شەھەر تەرىپىدىن ھەج قىلىشقا بارىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىش، دەسلەپكى تەكشۈرۈش، سىياسى جەھەتتىن تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ .
يازما مەنبەسى:http://hmtjgz.gov.cn/ |