ئۇ ھازىر نىمە قىلىۋاتىدىغاندۇ؟ رىسالەت مەردان
چەرچەن ناھىيىسى تەكلىماكاننىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان كىچىك بىر ناھىيە، سىز بۇ ناھىيىنى كىچىك كۆرمەڭ، بۇ يەردە تەرەققى قىلغان يەرلەردىن تارتىپ، دېڭىز بويلىرىغىچە بولغان جايلاردا بارلىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بولىدۇ، ئۈرۈمچىدە مودا بولغان كىيىملەر ئەتىسىلا بۇ يەردىكى خانىم-قىزلارنىڭ ئۇچىسىغا چىقىپ بولىدۇ، كىتابلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ بايىنغۇلىن ئوبلاستى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا. بۇ يەردە ھېچنەرسە كەم ئەمەس، قىشتىمۇ ھەر قانداق مىۋە-چىۋىلەرمۇ تۆكمە سېتىلىپ تۇرىدۇ، بىز قىشىچە قوغۇن-تاۋۇزلارنى ئېلىپ يىيىەلەيمىز. مانا موشۇنداق ماكاندا بىرەر نەرسىنى بازاردا كۆرسەممۇ ھېچقانداق غەيرىلىك ياكى يېڭىلىق ھېس قىلىپ كەتمەيمەن. خۇددى قۇشقاچ كىچىك بولغان بىلەن بەش ئەزاسى تولۇق دىگەندەك بۇ كىچىك ناھىيىدىن ھەر قانداق مەھسۇلاتنى تاپقىلى بولىدۇ.
بىر كۈنى ئەسەر يازغاندا ئاڭلىغاچ ئولتۇرارمەن دەپ گىتار ۋە ساكىس مۇزىكىسى ئالاي دەپ چەرچەندىكى بىر ئۈن-سىن دۇكىنىغا كىرىپ قالدىم، ئۇ يەردە داڭلىق گىتار مۇزىكىلىرى ۋە كىننىچىنىڭ ساكىس مۇزىكىلىرىنى ئىزدەۋىتىپ دۇكان تېمىغا ېسىپ قويۇلغان يوغان بىر پارچە سۈرەتكە كۆزۈم چۈشۈپ ئەجەپلەنگىنىمدىن سۈرەتكە قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.
ئۇ ياش ناخشىچى، كومپىىزىتۇر ئىسكەندەر سەمەتنىڭ ئەينەكلىك جاھازىغا ئېلىپ قويۇلغان سۈرىتى ئىدى .
ئىسكەندەر سەمەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئىجادىيەتلىرى ۋە لېرىك ناخشىلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاڭلارمەنلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن ناخشىچى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بېغىشلاپ ئىجاد قىلىپ ئېيتقان ‹‹ئىمتىھان››، ‹‹سەككىز كارۋات بىر ياتاق››، ‹‹ سەرسان يەكشەنبە ››‹‹ئايرىلىش مىنۇتلىرى››، ‹‹ مەكتەپتىكى مۇھەببەت ›› ناملىق ناخشىلىرى ۋە ‹‹تۇنجى مۇھەببەت››،‹‹ئۇنتۇلماس دېكابىر››، ‹‹ دوستۇم ›› قاتارلىق ناخشىلىرى ھازىرغىچە يادلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. 90-يىللاردىكى ئۈنئالغۇلاردا ئۇنىڭ ناخشىلىرى قويۇلغاندا نۇرغۇنلىغان ئاڭلارمەنلەر بۇ ناخشىلار ئىچىدە ئۈزۈپ، ئۆز ئەسلىمىلىرىدىكى شېرىن مىنۇتلارغا غەرىق بولىشاتتى.
ئىسكەندەر سەمەتنىڭ ناخشىلىرى ئۆزگىچەئۇسلۇپ ھەم ئىجادىيلىقى، لېرىكىلىقى، خەلىقنىڭ قەلبىگە يېقىنلىقى، تېمىلىرىنىڭ ئاكتىۋاللىقى بىلەن نۇرغۇنلىغان كۆڭۈللەرنى ئۆزىگە رام قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ‹‹ ئايرىلىش مىنۇتلىرى›› ناملىق ناخشىسى بارلىق مەكتەپ پۈتتۈرگۈچىلەر ۋە مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولۇپ، مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلىگۈچىلەر ئۈچۈن ئورتاق ياد ئېتىپ ئېيتىشىدىغان ناخشا بولۇپ قالغان ئىدى. ھەتتا بۇ ھەقتە سابىق مۇئاۋىن رەئىس مىجىت ناسىر ئاكا ماقالە يېزىپ، ئۆزىگە تەسىر قىلىدىغان ناخشىلار ئىچىدە بۇ ناخشىنى تىلغا ئالغان ۋە چوڭقۇر ھۆرمەتتە ياد ئەتكەن ئىدى.
ـۋۇي، بۇ ئىسكەندەر سەمەتنىڭ رەسىمىغۇ؟!-دېدىم مەن ھەيرانلىقتا،- بۇ قاچانقى رەسىم ؟
1995-يىللاردىكى رەسىمغۇ دەيمەن.
-ھەئە، ئۈرۈمچىدىكى بىر دەيچى (ئۈنئالغۇ لىنتىسى، ئۈن-سىن پىلاستىنكىسى ساتىدىغان ) دوستۇمدىن ئېلىۋالغان ئىدىم، ھازىرغىچە ساقلاۋاتىمەن.-دېدى دۇكاندار زوق بىلەن.
-نىمىشقا بۇ رەسىمنى ساقلاپ قالدىڭىز؟
-چۈنكى مەن ئىسكەندەر سەمەتنىڭ ناخشىلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن، شۇڭا بۇ سۈرەتنى ساقلاپ قويدۇم.
دۇكاندىكى رەسىمگە قاراپ بۇ دۇكاندارنىڭ ناخشا-مۇزىكىغا زوقى بار، ئىجادىيەتچىلەرنى قەدىرلەيدىغان روھىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم. ئوقۇش جەريانىدا، ساياھەتتە ۋە باشقا جايلاردا كىشىلەر مېنىڭ يۇرتۇمنى سۇرىشاتتى ،مەن ئۇلارغا ‹‹قومۇلدىن ›› دەپ جاۋاب بىرەتتىم. كۆپلىگەن كىشىلەر قومۇلدىن چىققان پالۋانلارنى، ئەدىبلەرنى، داڭلىق كىشىلەرنى بىلىدىكەن، ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا ‹‹ ئايشەم ئەخمەت بىلەن ئىسكەندەر سەمەتنى تونۇمسىز ؟›› دەپ سورىشىدۇ. مەن ‹‹ھەئە›› دەپ جاۋاب بىرىمەن، ئۇلار بۇ ئىككەيلەننى ھازىرقى ئەھۋالى يېڭىدىن يېزىۋاتقان ئەسىرى ۋە مۇزىكىسى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان سۇئاللارنى سورايدۇ، مەنمۇ بىلگىنىمچە جاۋاب بىرىمەن. ئۇلار قومۇلنى مۇشۇنداق كىشىلەر بىلەن باغلاپ چۈشىنىدۇ ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشىدۇ. مەنمۇ ئۇلارنىڭ قومۇلدىن چىققان بۇ كىشىلەرنى بىلگىنىدىن، ئەسكە ئالغىنىدىن، سۈرۈشتۈرگىنىدىن ناھايىتى خوش بولىمەن.
ئۇ دۇكاندار ماڭا ئۈرۈمچىگە مال ئالغىلى بارغىنىدا، ئىسكەندەر سەمەتنىڭ ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ چىققان-چىقمىغانلىقىنى دائىم سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى دەپ بەردى. ئۇنىڭ دۇكىنىدىن قايتقاندىن كېيىن، بۇ ئىشنى ئۇزاققىچە خىيالىمدىن چىقىرالمىدىم.
بىر ناخشىچى ئۈچۈن ئىخلاسمەن ئاڭلارمەننىڭ ئىخلاسىدىن ئارتۇق تارتۇق-مۇكاپات بارمۇ؟ ئىسكەندەر سەمەت ئۆزىنىڭ ئىجادىي ناخشىلىرى ، يېقىملىق تېكىستلىرى بىلەن ئۈن-سىن دۇنياسىغا كىرىپ كەلگەندە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى رىئال تۇرمۇشلارغا ماس كېلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىستىتىك ئارزۇسىغا، رىئاللىقىغا لايىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ئورۇنلايدىغىنىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەن ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، كىشىلەر يەنە ئۇنى ئىسىدە ساقلاپ، قەدىرلەپ، ئەسلەپ، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى كۈتۈپ كەلدى. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ خەلقنىڭ ئىسكەندەر سەمەتتىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
-ئۇ ھازىر نىمە قىلىۋاتىدىغاندۇ ؟ -دېدى ھېلىقى دۇكاندار گېپىنىڭ ئاخىرىدا، -يەنە دەي(ئۈن-سىن پىلاستىنكىسى ) چىقارسا بولاتتى. ھازىرغۇ ئۈن-سىن بازارلىرى قالايماقان بولۇپ كەتتى، بىرەرسى بىرەر پىلاستىنكا چىقارسا نائىنساپ، قىزىلكۆز سودىگەرلەر دەررۇ ئۇنى قانونسىز كۆپەيتىپ، بىر كويدىن، ئىككى كويدىن سېتىپ، پىلاستىنكا ئىگىلىرىنىمۇ، پىلاستىنكا ئىشلىگۈچىلەرنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىۋاتىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاشقا، ئاۋازىنى ئىشىتىشكە تولىمۇ تەققەزا بولۇۋاتىمىز.
راست، ئىسكەندەر سەمەت نىمە ئىش قىلىۋاتىدىغاندۇ؟ ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقاندا، ئىسكەندەر سەمەت بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ،ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ تۇراتتىم، بۇ جەرياندا مەن ئۇنىڭ بىر نەچچە يېڭىدىن ئىشلىگەن ئىجادىي ناخشىسىنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم، بولۇپمۇ ئۇ يېڭى ئىشلىگەن ‹‹كېپىنەك ›› ناملىق ناخشا قۇلىقىم تۈۋىدىن كەتمەيدۇ.
مۇشۇ كۈنلەردە چەتئەل ناخشىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئېيتىۋاتقان، ئۆزىمىزنىڭ ناخشىسىنىمۇ بۇزۇپ ئېيتىۋاتقان، ياكى تېكىستىنىڭ ياكى مۇزىكىسىنىڭ تايىنى بولمىغان ناخشىلارنى تولا ئاڭلاپ يۈرۈپ، ئىسكەندەر سەمەتتەك ئۆزى مۇزىكىسىنى ئىشلىيەلەيدىغان، ئۆزى تېكسىت يېزىپ، ئۆزى ئورۇندىيالايدىغان ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلىرىغا خەلقىمىز ئىنتىزار بولۋاتقاندا......
مەنمۇ ئۆزۈمدىن شۇ سۇئالنى سوراپ قالدىم:
ئۇ ھازىر نىمە ئىش قىلىۋاتىدىغاندۇ ؟
|