- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-8-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1767
- نادىر
- 0
- يازما
- 74
ئۆسۈش
76.7%
|
مەنكى مۇشۇ دۆلەتنىڭ بىر ئاددى پۇقراسى ،شۇنداق بولغاچقا شەخسى مال مۈلۈك ھەق-ھۇقۇقلۇرۇم مۇشۇ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرى بۇيىچە قوغدىلىشى كېرەك ۋە قوغداش ھۇقۇقۇم بار دەپ قارايمەن . بۇ مۇشۇ دۆلەتنىڭ‹ ئاساسى قانۇنى›دا ئىنىق بەلگىلەنگەن. ئەمما، مەن 5يىلدىن بۇيان قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتنىڭ بىر پۇقراسى تۇرۇقلۇق قانۇنلۇق ھۇقۇقلۇرۇمنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرى بۇيىچە قوغداشقا كۆپ تىرىشقان بولساممۇ ،ھازىرغىچە قوغدىيالمىدىم . ئەلبەتتە بۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغانلار بىر مەنلا ئەمەس بەلكى مەندىن باشقا يەنە 12 ئائىلە كىشىمۇ مەن بىلەن ئوخشاش بۇ رەھىمسىز رىئاللىقنىڭ بىۋاستە زىيانلانغۇچىلىرىغا ئايلاندى . تۈۋەندە تورداشلىرىمغا بۇ دىلونىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەپ ئۈتەي :
بۇ دىلودىكى ‹جاۋاپكارتەرەپ› : قۇرۇلۇش سېلىنغان يەرنى تەڭ نىسپەتتە ئورتاق پايدىلىنىش ئۈچۈن شىرىكلىشىپ سېتىۋالغۇچى ھەم قۇرۇلۇشنى مەسئۇل بۇلۇپ سالغۇچى ئىككى ئادەمنىڭ بىرىAxx .
دىلودىكى ‹دەۋاگەر تەرەپ› : قۇرۇلۇش سېلىنغان يەرنى جاۋاپكار بىلەن تەڭ نىسپەتتە ئورتاق پايدىلىنىش ئۈچۈن شىرىكلىشىپ سېتىۋالغۇچى ھەم قۇرۇلۇشنى مەسئۇل بۇلۇپ سالغۇچى ئىككى ئادەمنىڭ بىرى Bxx بىلەن بۇ يەرگە سېلىنىدىغان قۇرلۇشقا شىرىكلىشىپ بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ ،بىردىن ئۆي ۋە دۇكان سېلىپ ئولتۇرۇشقا كېلىشكەن ھەم قۇرۇلۇشنىڭ يەر پۇلىسدىن باشقا قۇرۇلۇش سېلىشقا كەتكەن بارلىق مەبلەغنى چىقارغان مەن باشچىلىغىدىكى 12 ئادەم بۇلۇپ جەمىي13 ئائىلە كىشى.
14 ئائىلىنىڭ شىرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى :
جاۋاپكار Axx بىلەن دەۋاگەر Bxx ئىككىسى قۇرۇلۇش سېلىنغان (كېرىيە ناھىيە)1023 كۇۋادىرات مىتىر يەرنى ناھىيىلىك دۆلەت زىمىن بايلىق ئىدارىسىنىڭ كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشى بىلەن تەڭ نىسپەتتە ئورتاق پايدىلىنىش ئۈچۈن 2004-يىلى 5-ئايدا 548 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالغان ھەم بارلىق مەبلىغىنى يەر سېتىۋېلىشقا ئشلەتكەن، ھوكۈمەت بۇ يەرگە بۇ يەرگە تۆت قەۋەتتىن تۈۋەن قۇرۇلۇش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ھەم تىز ئىش باشلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان،قۇرۇلۇش قىلىشقا مەبلەغ يوق ئامالسىز بۇ ئىككەيلەن ئۆزلىرى بىلەن بىر ئىدارىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلىرى،ئەل-ئاغىينىلىرى،ئوروق-يۇققانلىرى بۇلۇپ مەن قاتارلىق 12 ئائىلە كىشىنى شىرىكچىلىككە چاقىرىپ، بۇ يەرگە 1-قەۋىتى14دۇككان، 2-،3-،4-قەۋەتلىرى14ئولتۇراق ئۆي سېلىپ ئولتۇرۇشقا كېلىشكەن. شۇنداق قىلىپ شىرىكلەر تۈزۈشكەن پىلان بۇيىچە بۇ يەرگە 2549 كۋادىرات مىتىر كۆلەمدىكى قۇرلۇشنى لاھىيەلىتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى قانۇنلۇق ھالدا تۇلۇق بىجىرىپ،ناھىيلىك پىلان كومىتىتىنىڭ ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندىدىن 50 مىڭ يۈەندىن جەمئىي 700مىڭ يۈەن قەرىز بىجىرىپ بىرىشنى تەستىقلاپ قوللىشى،قالغان مەبلەغنى 14 شىرىك ئائىلە ئورتاق كېڭەشكەن ئۆي تەقسىماتى بۇيىچە چىقىرىش شەكلى بىلەن مەبلەغ قۇرۇلۇشقا 2005-يىلى4-ئايدا ئىش باشلاپ،ئارىلىقتا ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىقتىزادى ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن،بىر قىسىم شىرىكلەرنىڭ چىقىرىشقا تېگىشلىك مەبلەغنى ۋاقتىدا چىقىرالماسلىقى قاتارلىق ...نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى،جاپا-مۇشاقەتلەرنى بېشىمىزدىن كەچۈرۈپ ئاخىرى 2007-يىلى 9-ئايدا بىنانى ھازىرقى ھالەتكە(يەنى،پەقەت توك،سۇ،پار ،ئەۋرەز يوللىرى تېخى يۈرۈشلەشمىگەن،قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپتىن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تېخى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋالمىغان ھەم ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بىرىلمىگەن) كەلتۈرگەن .
زىدىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشى:دەل مۇشۇ كۈنلەردە جاۋاپكارAxx‹شىرىكلەردىن بىر قىسىملىرى ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك پۇلنى تولوق ئۆتكۈزمىدى›،‹قۇرۇلۇشنىڭ ھىساۋى ئېنىق ئەمەس›دەپ، قەستەن چاتاق چىقىرىپ،شىرىكلەر ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالدى ھەم ئۆكتەملىك بىلەن جىدەل چىقىرىپ،قۇرۇلۇش قىلغۇچىلارنى قۇرۇلۇش ئورنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ، قۇرۇلۇشنى ئۆزئالدىغا ئىگەللەپ ،ئۆزىنىڭ بىر نەچچە ئادىمىنى ‹قۇرۇلۇشقا قارايدۇ› دىگەن باھانە بىلەن قۇرۇلۇش ئورنىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ،‹قانۇنلۇق ھەقدار›لارنى يەنى دەۋاگەر 13ئائىلە كىشىلىرىنى بىناغا كىرىپ - چىقىشىنى ئۆزى باش بۇلۇپ زورلۇق ۋاستىسى بىلەن توسۇدى ھەم قۇرۇلۇشنى باش بۇلۇپ سالغۇچى، A تەرەپ ۋەكىلى ھەم قۇرۇلۇشنىڭ بارلىق ھىساۋىنى تۇققۇچى دەۋاگەر Bxx نى ئۇرۇپ ئېغىر دەرىجىدە يارلاندۇردى ۋە بارغانچە ھەددىدىن ئېشىپ قۇرۇلۇش تېخى تۇلۇق پۈتمىگەن، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ،قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلغۇچى ئۇرۇنلارىنىڭ ئىجازىتى يوق ئەھۋالدا قۇرۇلۇشنىڭ توسوق تاملىرىنى ئېچىپ ، 1- قەۋەتتىكى دۇككانلارنى ئۆز ئالدىغا 2008يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئىجارىگە بەردى .بۇ ئەھۋال تاكى 2010-يىلىنىڭ ئاخىرغىچىلىك داۋاملاشتى .بۇ يىللاردا دەۋاگەرلەرمۇ بىكار تۇرمىدۇق ئەلبەتتە ، بۇ مەسىلىنى ئۆزلىرىمىز ھەل قىلالماي كۈندە جىدەللىشىپ يۈرۈپ ،ئاخىرى ‹قانۇن›دىن پايدىلىنىپ قانۇنلۇق ھوقوق-مەنپەتىمىزنى قوغداش يۇلىدا ئوتتۇرا سوت، ناھىيىلىك سوت، ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ،سىياسىي قانۇن كومتېتى قاتارلىق ئورونلارگە ئىلتىماس يېزىپ ئەھۋال مەلۇم قىلىش ،ئەرز سۇنۇش ،ئۇلارنىڭ ئارىغا چۇشۇپ ھەل قىلىپ قويۇشىنى كۈتۈش بىلەن ئۆتتى. ... ئەنە شۇنداق قىلىپ مىڭ بىر تەستە ‹قۇرۇلۇش تېخى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىنمىغان، ئىشلىتىشكە بولمايدۇ› دىگەن سەۋەپ بىلەن، بىنا ئىشلىتىشتىن توختىتىلدى ۋە بىنا ئالدى قايتىدىن تۇسۇۋېتىلدى.
جاۋاپكار بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى ، تۇسۇۋېتىلگەن توسۇقنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يول بۇيىنى ئالدى بىلەن تىجارەتچىلەرگە‹5 يىللىق ياكى6 يىللىق ئىجارە پۇلىسىنى بىراقلا ئالدىن تۈلەيسەن› دەپ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجارىگە بەردى ،ئونىڭدىن كىيىن ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان پۇلى كۆپ تىجارەتچىلەرنى‹ بۇ بىنادىكى باشقىلارنىڭ مەبلىغىنى قايتۇرۇپ بېرىپ پۈتۈن بىنانى ئوڭچىلىدىم ،بۇ بىنادا ئەمدى باشقىلارنىڭ ھىچنىمىسى يوق›دەپ يالغان ياۋداق گەپلەر بىلەن ئۇلارنى ئالداپ، ‹بۇ بىنانىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىگە ھەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىنا ئالدىدىكى تۇسۇقلارنى ئېچىپ ، دۇكانلارنى بىرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈپ› بىنادىكى بىزنىڭ ئۆي ۋە دۇككانلىرىمىزنى ئەرزان باھادا ئۇلارغا سېتىپ ، سېتىشتىن كىرىم قىلغان3مىليۇندىن ئارتۇق پۇللارنى تىجارەتكە دەسمى قىلىپ،ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى جايلاردا ئۆي- يەرمۈلۈك ،تاش ۋە باشقا تىجارەتلەر بىلەن ھازىرغىچە شۇغۇللانماقتا ۋە قانۇننىڭ سىرتىدا يەنىلا ئەركىن يايلاپ يۈرمەكتە ،‹زامان زورنىڭ ›دىگەن قائىدە بۇيىچە ئىش تۇتۇۋاتقان جاۋاپكارنىڭ ئۆكتەملىك ،يولسىزلىقلىرى ئالدىدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمىيەتنىڭ قانۇنلىرى بوينىنى قىستى ،بۇ ئىشقا ئىگە بۇلىدىغان بىرەر ئۇرۇن چىقمىدى .
ئەلبەتتە ، ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەرزىمىزنى قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ بىردىن بىر سەۋەبىمۇ بىزگە كۆرسىتىپ بېرىلدى:‹بۇ بىنانى تېخى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋالمىغان ،شۇڭا بۇ بىناغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئەرزنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ›دەپ بىزگە مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئاغزاكى جاۋاپ بەردى.
‹يازمىچە كېسىم چىقىرىپ بېرىڭلا،بىز ئوتتۇرا سوتقا بارايلى›دىسەك ‹بىز يازمىچا كېسىم چىقىرىپ بىرەلمەيمىز.سىلەر ئالدى بىلەن قۇرۇلۇشنىڭ چالا قىسمىنى ئشلەپ،قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈشتىن ئوتكۈزۈپ كېلىڭلار›دەپ تۇرىۋالدى .باشقا قانۇن ئورۇنلىرىغا بارساق‹بۇنداق ئىشلارنى سوت مەھكىمىسى سۇراپ ھەل قىلىدۇ›دەپ يولغا سالدى .
جاۋاپكار Axx بىلەن ئۆزئارا كېلىشىپ ،مەسىلىنى ھەل قىلايلى دىسەك، ئۇ بىنادىكى بارلىق ئۆي-دۇكانلىرىمىزنى باشقىلارغا سېتىپ پۇلنى ئېلىپ بۇ يۇرتتىن چىقىپ كېتىپ،ئۆرۈمچىدىن ئالى دەرىجىلىك ئۆي ۋە ماشىنا سېتىۋېلىپ يايلاپ يۈرىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنى قەتئى ھەل قىلغۇسى يوق ،مۇتىھەملىك ،ئوكتەملىك قىلىپ سوت مەھكىمىسى چاقىرىتسىمۇ كەلگىلى ئۇنىماي يۈرىۋاتىدۇ.
قانۇننى بىلىدىغانلار بولسا ، بىزگە قانۇن جەھەتتىن مەسلىھەت بەرسەڭلا! سوت مەھكىمىسىنىڭ بىزنىڭ دەۋا تەلىپىمىزنى قولىماسلىقىنىڭ قانۇندا بىرەر ئاساسى بارمۇ؟
تۈۋەندىكىسى جاۋاپكارنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن ئىگەللىۋېلىش، قانۇنسىز پايدىلىنىش ،ئالداپ سېتىشتەك قانۇنسىزھەركەتلىرىگەقارىتا:
ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرىزنامىدىكى دەۋا تەلەپلىرىمىز:
1) جاۋاپكار تەرەپ بىلەن بولغان شىرىكچىلىك مۇناسىۋەتنى بىكار قىلىپ ،شىرىكچىلىكتىكى مۈلۈكنى ئايرىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمىز .
2)بىز دەۋاگەر ۋە جاۋاپكار بۇلۇپ 14 تەرەپ مەبلەغ قۇشۇپ شەكىللەندۈرگەن ئولتۇراق ئۆي ۋە دۇكانلارنى كىلىشىمدىكى تەقسىمات پۈتۈمى بۇيىچە ھەر بىرىمىزگە ئايرىپ بىرىپ، ئىگىدارلىق ھۇقۇقىمىزنى بىكىتىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
3)جاۋاپكارنىڭ بىنادىكى دۇككانلارنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئۆكتەملىك بىلەن ئۆز ئالدىغا ئىگەللەپ تىجارەت قىلىشقا ئىجارىگە بىرىپ 2008-يىل 9-ئايدىن ھازىرغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە دەۋاگەر 13تەرەپنىڭ دۇكانلىرىنى ئىجارىگە بىرىشتىن كىرگەن بارلىق ئىجارە كىرىمىنى دەۋاگەر ھەر بىر تەرەپكە قايتۇرۇشقا بۇيرۇپ ،ئېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمىز.
4) شىرىكلەر ئورتاق پايدىلىنىدىغان بىنا ئارقىسىدىكى بوش يەرگە جاۋاپكار ئۆزى سېلىۋالغان بىر قەۋەتلىك بارلىق ئۆيلەرنى چېقىۋېتىپ ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمىز.
5)جاۋاپكار تەرەپنىڭ دەۋا ئايرىپ بىرىلگەندىن كىيىن قۇرلۇشنىڭ ئاز بىر قىسىم چالا يەرلىرىنى ئىشلەپ بىخەتەرلىكنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىشىغا ماسلىشىشنى ياكى بولمىغاندا يەنە توسقۇنلۇق قىلماسلىقنى بۇيرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمىز.
6)دەۋا ھەققى ۋە دەۋا جەريانىدا كىلىپ چىققان بارلىق راسخوت چىقىملارنى جاۋاپكارنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىغا بۇيرۇپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز .
بىزنىڭ يۇقارقى دەۋا تەلىپىمىز:
بىرىنچىدىن، بىنانىڭ بىخەتەرلىگى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇلۇپ ئەگەر دەۋاگەرلەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئۆي ۋە دۇكانلىرى ئۆز قۇلىغا ئۆتسە شىرىكلەر ئورتاق كېڭىشىپ بىنانىڭ چالا قىسمىنى ئىشلەپ پۈتكۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ئىشلىتىمىز . ئككىنچىدىن، قۇرۇلۇشنىڭ بارلىق كىرىم ۋە چىقىم ئىسپاتلىرى تۇلۇق ھەم قۇرۇلۇشنى سالغۇچى تەرەپ، ماتىرىيال سېتىپ بەرگۈچىلەر ، قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر ھەممىسى ناھىمىزدە بار بۇلۇپ ، ئارىمىزدىكى تالاش تارتىشلارنى تامامەن ئېنىقلاشقا ۋە ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.
ئەگەر سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەرزىمىزنى قۇبۇل قىلماسلىقىنىڭ قانۇنى ئاساسى بولسا ،ئۇنداقتا بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز قايسى قانۇنى ئاساسقا تايىنىپ ،قايسى ئورۇنقا بېرىپ ئەرىز قىلساق، قانۇنلۇق ھۇقۇقىمىزنى قوغدايمىز؟ بىز قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىقان جەمئىيەتنىڭ پۇقراسى تۇرۇپ ،نىمە ئۈچۈن ھوقۇقىمىمىزنى قوغدىيالمىدۇق ؟
شۇڭا، كەڭ تورداشلىرىمىزنىڭ يۇقارقى مەسىللەر ئۈستىدە بىزگە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىشىنى ئۆمۈت قىلىمىز.
|
|