- تىزىملاتقان
- 2013-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 190
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
63.33%
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟
مەقسەتكە كەلسەك،يىقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە تىز يوللانما كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تىز بولدى. بۇ جەرياندا ئىچكىرگە يوللانما يوللاش جەريانىدا بۇلارنىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچىمى كۆپ قىسىملىرىنىڭ ئوخشاش بولسىمۇ،ئايرىم بىر قىسىملىرىنىڭ باھا پەرىقى خىلى بارلىقىنى،ئۇيغۇرلاردىن مال سالدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىچكىردە ئوقۇيدىغان باللىرىغا،تىجارەت قىلدىغانلارغا مال سالدىغانلىغىنى ،كىلو گىرام سانىنىڭمۇ بىر قىتىمدا 5 كىلودىن ئاشىدىغانلارنىڭمۇ خىلى جىقلىقىنى ،ئەرزان ماڭىدىغان بىر قىسىم ئورۇنلارنى تازا ئۇقۇپ كەتمەيدىغىننى ئۇقۇپ بۇ يازمىنى يىزىش ئارقىلىق،ئۆزۈم تۇرىۋاتقان شەھەردىكى بىر قىسىم ئۆزۈم ياخشى بىلىدىغان تىز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچىمىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىچكىرگە كۆپرەك يوللانما،خالتا ئەۋەتىدىغانلارنىڭ پايدىلىنىشىنى،مەن ئاڭلىمغان ئەرزانلىرىمۇ بولسا تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
سىز تۇرىۋاتقان شەھەردە تىز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچىمى قانداق؟ دىگەن سۇئالنى قويۇش ئارقىلىق ھەر قايسى شەھەردىكى تىز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇدىغان تورداشلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ ئاشۇ مال ئەۋەتىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاز تولا پۇلى بولسىمۇ تىجىلىپ قىلىشىغا ياردىمى بوپ قالسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن. نۇرغۇن تورغا چىقمايدىغان دىھقان ئاتا - ئانىلارغىمۇ ئىمكان يار بەرسە يەتكۈزۈپ قويساق. مەن نۇرغۇن قىتىم يىزىلاردىن كىرىپ شەھەردە ئەرزان ئورۇننى ئۇقماي قىممەت باھادا سىلىۋاتقانلارنىمۇ كۆپ كۆردۈم. ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە خەۋەرلەندۈرۈپ قويدۇم.
مەن ئۆزۈم تۇرىۋاتقان شەھەر ئاتۇشتىكى ئورۇنلارنى تونۇشتۇراي.
مۇلازىمىتى ياخشى دەپ قارىغىنىم
1- EMS经济快递
ئىچكىرگە ئاتۇشتىن مال سالسىڭىز ھەممىسىدىن تىز بارىدۇ، كۈنلىكى مال قەيەرگە بارغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرالايسىز.
5 كىلودىن ئارتۇق مال سالدىغانلارغا بەك ماس كىلىدۇ. بىيجىڭ،شاڭخەي قاتارلىق ئۇدۇل بىۋاستە بارالايدىغان يەرلەرگە مىلىڭىز 5 كىلودىن ئاشسا بىرىنجى كىلو 12 يۈەن،قالغانلىرى 6 يۈەندىن ھىساپلىنىدۇ. مەسىلەن7 كىلو مال بولسا شاڭخەيگە 48 يۈەن بىلەن بارىدۇ. باشقا تىز يوللانمىلار 100 يۈەن ئەتىراپىدا ئالىدۇ.
ئورنى پامىر يولى يەنى بىرىنجى يول پوچتىخانا بىرىنجى قەۋەتتىلا سالالايسىز،باشقا تارماقلىرىدا بۇ مۇلازىمەت يوق.
2- گو توڭ تىز يوللانمىسى
ئىككى كىلو ئىچىدىكى مالغا 30 يۈەن،ئۇندىن كىيىن ھەر كىلو مال 10 يۈەن بىلەن ماڭىدۇ. مەسىلەن: 3.7 كىلو بولسا 37 يۈەن. بۇ ئىككى كىلودىن ئاشقان بەش كىلودىن تۆۋەن ماللارنى سىلىشقا ماس كىلىدۇ. ئاتۇشتا قۇرۇلغىلى نەچچە ئايلا بولدى،بىلمەيدىغانلار بىر قەدەر كۆپ. ئورنى تەڭرىتاغ يولى يەنى ئىككىنجى يول ئوبلاستلىق مىللى قورۇ ئۇدۇلىدا، ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش ئورنىنىڭ قىشىدا. ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى :0908-6661666
3- جوڭتوڭ تىز يوللانمىسى
بىر كىلو مال 14 يۈەن. جىقراق بولسا 13،12 يۈەندىن ماڭدۇرالايسىز. ئورنى ئوبلاستلىق خەلىق ھۆكۈمىتى ئۇدۇلىدىكى يىزا - ئىگىلىك بانكىسى يىنىدىكى ئىگىز بىنانىڭ يەر ئاستىدا ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى:0908-4238000
4- يۈندا تىز يوللانمىسى
بىر كىلو 15 يۈەن، دائىم سالسىڭىز 2 كىلودىن ئاشسا باھانى تۆۋەنلىتىدۇ، لىكىن ئاۋۇ جوڭتوڭ،گوتوڭ لاردەك ئەمەس. ئورنى بىرىنجى يول ئاغۇ بىكەت ئالدىدا. تىلىفۇن 0908-4231234
يۈنتوڭ،شىنتوڭ تىز يوللانمىللىرى توغىرلىق تەپسىلى توختالمىدىم، چۈنكى مۇلازىمىتى ئۈستىدىكىللىرى بىلەن پەرىقلەنمەيدۇ،بەلكىم ئىچكىر تەرەپتە ياخشىدۇ. باھاسى قىممەترەك. ئۈستىدىكىللىرى بىلەن بولغان باھا پەرىقى يۇقىرى.
ئۇندىن باشقا يەنە بىر قانچىسى بار دەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تازا بىلىپ كىتەلمىدىم. كۆپچىلىككە ياردىمى تەگسە دىگەن ئۈمۈتتىمەن. قالغىننى كۆپچىلىك داۋاملاشتۇرسا دەيمەن.
|
|