قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: uyhguray

جۇڭگودا ئىسلاھات مەغلۇپ بولسا بولمايدۇ (لاڭ شەنپىڭ )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

5432

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1644
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 09:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SOGUK يوللىغان ۋاقتى  2013-9-27 09:15
مەن لاڭ ئەپەندىنى بەك  چوڭ بىلىمەن چۇنكى ئۇ جۇڭگۇدى ...

بۇنداق بولىشى ناتايىن ،سەۋەبى ئۇزۇن يىللىق فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ ئاسارىتىدىن ئۇنداق ئاسان قۇتۇلغىلى بولمايدۇ .مەجبۇرلانسا ئىچكى قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ .1مىليارت 4يۈز مىليون كىشى قالايمىقانلاشسا ،پۈتۈن دۇنيا قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.شۇڭا غەرىپلىكلەر جوڭگونىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ ،بەلكى تىنىچ ئۆزەەرتىۋىتىش سىياسىتىنى قوللىنىۋاتىدۇ.............

2

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 09:28:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇيغۇر ئاي قېرىدىشىمىزنىڭ مۇشۇنداق  سەرخىل يازمىلارنى  ئانا تىلىمىزدا شۇنداق تاتلق  ،راۋان چۇشۇنۇشلۇك قىلىپ تورداشلارغا سۇنغانلىقىغا كوپ رەھمەت . بولسا مۇشۇنداق ئىقتىدارلىق تىلماچلىرىمىز  كوپەيسە ، بىزلەرنىڭ چاپاق باسقان كوزىمىزنى ئېچىۋىلىشىمىغا پايدىسى چوڭ بۇلىدۇ . « خۇدا قارغۇنى كوزدىن ئايرىسا ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ دىگەن شۇ » بولسا بوزقىر ئۇستازمۇ  تورداشلارنى تاشلىۋەتمىسە بۇلاتتى . چۇنكى  بوزقىر  بىزنى ئۇنتۇپ كەتكەن بىلەن بىز بۇ ھەزرەتنى ئۇنتالمايمىز .     
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

2301

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 732
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 09:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"سېلانتىس گازى " نىڭ خەنزۇچىسى 页岩气 ، بۇنى «بەتسىمان تاغ جىنىسلىرى گازى» دەپ تەرجىمە قىلساق قانداق بولار؟

2

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 09:47:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                                         فېليەتون
   گېرمانىيىدە شىركەت،ماشىنا دېگەندەكلەرنى يىللىق تەكشۈرتۈش قىلمايدۇ .
    ئۇ گىرمانىيىلىكتىن سورىدىم : ئۇنداقتا ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالسا قانداق قىلىدۇ ؟
ئۆزى رېمونت قىلىدۇ .
      ھۆكۈمىتىڭلار نېمىشقا يىللىق تەكشۈرتۈشنى يولغا قويمايدۇ ؟
      گېرمانىيىلىك قايتۇرۇپ سورىدى : ھۆكۈمەتكە بۇنداق ھوقۇقنى كىم بېرىپتۇ ؟ ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ تۇزۇمنى يولغا قۇيۇشنى ئويلىشىدىكەن ئۇنداقتا بۇنىڭ ھۆكۈمەتكە نەپ ئىلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق .
..............
     ئامېرىكىلىقلارنىڭ نوبېل فىزىكا ،خىمىيە ، ئىقتىساد ، تېببىي ئىلىم مۇكاپاتى قاتارلىقلاردا ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى يىلىغا ئىككىدىن ئاشىدۇ ، ئۇلار تەبىئەت قائىدىلىرىنى يېشىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىۋاتىدۇ ، بىز جۇڭگولۇقلارمۇ ئۇلاردىن قىلىشمايمىز ، ئۇلار ئىزدەنسە بىز كەشىپ قىلىمىز ، ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسى ، دىڭشىياۋپىڭ نەزەرىيىسى ، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىسى ، ئىلمى تەرەققىيات قارىشى ، جۇڭگو ئارزۇسى ...دېگەندەك . تەخمىنەن ئون يىلدا بىر يۈرۈش ئىجاد قىلىمىز .
      ئىسلاھات دېگىنى  ھەق يىغىش دېگىنى ، تەڭشەش دېگىنى باجنى كۆپەيتىش دېگىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى دېگىنى باھانى ئۆستۈرۈش ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك دېگىنى ۋارىسلىق قىلىش ، غايە دېگىنى چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىش ، يەرلىرىمىز بىلەن يېگەن تامىقىمىزنىڭ تەركىبىدە ئانچە كۆپ پەرقى يوق ، ئېلېمېنتلار جەدۋىلىدىكى ماددىلارنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ . مەسىلە كۆرۈلگەن ئەمەلدارلارنى جازالاش دېگىنى مائاش ئىلىپ دەم ئىلىشتۇر ، چەتئەل بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش دېگىنى ئۇلارغا پۇل خەجلەپ بېرىش دېگەنلىكتۇر ، يەرلىك مالىيە دېگىنى يەرلەرنى سېتىش دېگەنلىكتۇر ، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنى ئاشۇرۇش دېگىنى قايتا-قايتا ئۆرۈپ سېلىش دېگىنى ، مۇقىملىقنى قوغداش دېگىنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش دېگىنى ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش دېگىنى مايمۇن ئوينىتىش ....
     بۇ ئەڭ باي بىراق پۇقرالىرى ئەڭ نامرات دۆلەت ؛ئەڭ ئالىي ھوقۇق بېرىلگەن بىراق قانۇننى ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت ؛تاغ-دەريالىرى ئەڭ گۈزەل بىراق مۇھىتى ئەڭ ناچار دۆلەت ؛ مەمۇرى ئىجراچىلار ئەڭ كۆپ بىراق نازارەتچىلىك ئەڭ يىتەرسىز دۆلەت ؛ نېفىت ئەڭ كۆپ بىراق مۇلازىمەت سۈپىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت ؛ سالامەتلىكنى ئەڭ ئەتراپلىق تەشكۈرتەلەيدىغان بىراق داۋالىشى ئەڭ ناچار دۆلەت ؛ بۇزۇپ-چىقىشتا ئەڭ تىز بىراق يەرنى ئەڭ ئىسراپ قىلىدىغان دۆلەت ؛ ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول ھەم ھەق يىغىش ۋاقتىمۇ شۇ يولدەكلا ئۇزۇن دۆلەت ؛ ئەڭ ھەشەمەتلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بار بىراق پۇقرالىرى ئەڭ ناچار چۈشلۈك غىزا يەيدىغان دۆلەت ؛ پۇقرالىرىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى يىمىرىلگەن ، ۋىجدانىنى يوقاتقان  دۆلەت . بۇلارغا كىم ئەيىبلىك ؟
      لاڭشىيەن پىڭنىڭ مۇنداق بىر گېپى بار: جۇڭگودا مۇنداق ئىككى ئىش چېكىدىن ئاشقان ، بىرى پۇقرالارنىڭ خەجلەيدىغانغا پۇلى يوق بىراق ھۆكۈمەت تۇلۇمدەك سەمرىپ كەتكەن ؛ بىر تەرەپتە پۇقرالارنى لېي فىڭ دىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلسا يەنە بىرتەرەپتە ئەمەلدارلار چىرىكلەشكەن ؛بىر تەرەپتە پۇقرالار تېجەشلىك كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولسا يەنە بىر تەرەپتە ھۆكۈمەتتىكى ئىسراپخورلۇق كىشىنى چۆچۈتىدۇ ، چەتئەلدە پۇقرالار ئاساسلىق ئىستېمالچىلار ئېقىمى بولىدۇ بىراق دۆلىتىمىزدە ھۆكۈمەت پۇلىنى خەجلەش ئومۇملاشقان بۇنداق غەيرىي تەبىئىي بازار ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.  
              مېيى مېيى ۋە قىزىل كىرىست جەمئىيىتى
     ئىگىسى بار ئىتنىڭ قۇيرۇقى دىڭ ، گو مېيى مېيى گوچاڭ جىياڭنىڭ (گومورونىڭ ئوغلى) ئاتاق قىزى ئۇنى بويسۇندۇرۇش بەسى مۈشكۈل ، يائەندە  يەر تەۋرىگەندىن كىيىن قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ ئىئانە تاپشۇرۇۋالمىدى ئەكسىچە باشقىلار تىللاپ ئېغزى بۇرنىغىچە تويغۇزىۋەتتى شۇنىڭ بىلەن قىزىل كرېست جەمئىيىتى نومۇستىن ئاچچىقىغا پايلىماي گو مېيى مېيى ۋەقەسىنى باشقىدىن تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ! مېيى مېيى دەرھال "قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پارىخورلۇق ، چىرىكلىككە چېتىلىدىغان نۇرغۇن قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ، يۇقىرى قاتلامدىكى بىر نەچچە رەھبەرنىڭ مەن بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكى توغرۇلۇق سىن لېنتىسىنى ئاللىقاچان ئامېرىكىغا يوللىۋەتتىم قېنى كىم تەكشۈرۈشكە پېتىنالايدىكىن ! "دەپ جاۋاب قايتۇردى .
         ئۆي ئىجارىسىنى خالىغانچە ئۆستۈرسە ئۆي ئىگىسى تۈرمىگە قامىلىدۇ .
   بۇ گېرمانىيىنىڭ سىياسىتى . 1-مايدىن باشلاپ گىرمانىيىنڭ ئۆي ئىجارىگە بېرىش بەلگىلىمىسى رەسمىي يولغا قۇيۇلدى ، بەلگىلىمىدە 3 يىل ئىچىدە ئۆي ئىجارىسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى 15%دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى 20%دىن ئېشىپ كەتسە قانۇنغا خىلاپ بولىدىغانلىقى ، 50%دىن ئېشىپ كەتسە ئۆي ئىگىسى جازانىخورلۇق قىلدى دەپ قارىلىپ 3يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى ، ئەگەر جۇڭگودىمۇ مۇشۇنى ئۆرنەك قىلسا ئۆي باھاسى 10% ئۆسسە يەرلىك ئەمەلدارنىڭ ھوقۇقىدىن ئېلىۋەتسە ، 20%ئېشىپ كەتسە جازا ھۆكۈم قىلىنسا 50% ئېشىپ كەتسە بىر پاي ئوقتا ئېتىۋەتسە مېنىڭچە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولارمىكىن ، ئىشەنمىسە بېيجىڭنى سىناق نۇقتا قىلىپ باقسا بولىدۇ .
                 مايمۇننىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى
       بىر مايمۇن ياز كۈنلىرى كۈندە بەش تال مېۋە تېرىدىكەن بۇنىڭدىن ئۈچنى يېسىلا تۇيىدىكەن بىراق قىشتا بىرەر تال تېرىشىمۇ تەسكە توختايدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن سۇغۇرتىغا ئەزا بوپتۇ ، شەرتى يازدا ئېشىپ قالغان ئىككى تال مېۋىنى تاپشۇرىدىكەن . قىش كەلگەندە مايمۇن يەنە ئوخشاشلا ئاران بىر تال مېۋىگە ئېرىشىپتۇ بىراق يازدا مېۋە تاپشۇرمايدىغان ھېلىقى باشقۇرغۇچىلار كۈندە ئۈچ تال مېۋىگە ئېرىشەلەيدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى مايمۇننى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ : بىر نەچچە يىل تىرىشساڭ سەنمۇ باشقۇرغۇچى بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن .
        ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ قوش ئۆلچەملىك بۇلىشى ئەڭ چوڭ ئادالەتسىزلىك . مەمۇرلار ئېيىغا 6000يۈەن ، دېھقانلار ئاران 55 يۈەن ، ئوخشاش ئادەم تۇرۇپ نېمىشقا بىرى ئەتىۋارلىنىپ بىرى ئۆگەيلەندى . ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئادەمنىڭ ھاياتىغا بېرىپ تاقىلىدۇ ، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى قەدىرلىك شۇڭا دۆلەت ئۆلگۈچە باقىدۇ ، كۆپ قىسىم كىشىلەرنى ھاياتى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ شۇڭا دۆلەت مۇنداقلا قاراپ قويسا بولىدۇ ، ئاشۇ ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ياشانغاندا خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ھوقۇقىنى تارتىۋالغان .
        بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز ياپونىيە ئەمەس ، ئامېرىكا تېخىمۇ ئەمەس بەلكى كاستۇمنى قاتۇرۇپ كىيىپ ، شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقىنى ئىلىۋالغان ساختا نىقاب ئاستىدىكى 1مىليون 180 مىڭ مەنسەپدارلار ۋە بىر توپ كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ئىت پۇقىلىرى . بۇلار مەنسەپ تۇتقاندا پارىخورلۇق قىلىدىغان پۇرسەت بولسىلا قىلىدۇ ، كوملىغىدەك پول بولسىلا يانچۇقىنى توملايدۇ ، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى سەزگەن ھامان چەتئەلگە قۇيرۇقىنى خادا قىلىدۇ ، ئائىلىسى بۇيىچە چەتئەلدە خۇشال-خۇرام كۈن ئۆتكۈزۈۋېرىدۇ . بىزگە قالغىنى ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەن يەرلىرىمىز بىلەن ھالىدىن كېتەي دېگەن يۇرتىمىز .
    ياڭ پېيچاڭ : يېقىندا بىر گېرمان بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ، ئۇنىڭدىن پارلامېنتتا چەتئەللىك بارمۇ ؟ دەپ سورىدىم ، ئۇ چەتئەللىك پارلامېنت ئەزاسى بولالمايدۇ  دەپ جاۋاب بەردى ، مەن يەنە دۆلىتىڭلاردا بالا-چاقىسىنى چەتئەلگە كۆچمەن قىلىپ ئاپىرىۋېتىپ ئۆزى دۆلەتتە قېلىپ مەنسەپ تۇتىدىغانلار بارمۇ ؟ دەپ سورىسام ئۇ ياق ، ئەگەر بوپ قالسا تاراتقۇلارغا دەيدىغانغا گەپ چىقىدۇ دەپ جاۋاب بەردى ، كەينىدىن مەن چەتئەل بانكىسىغا پۇل قۇيىدىغان مەنسەپدارلار بارمۇ ؟ دەپ سورىسام ئەگەر شۇنداق بولسا شۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تەختتىن چۈشىدۇ ، ئەجەبا شۇنداق دۆلەت بارمىكەن ؟ دەپ قايتۇرۇپ سورىدى مەن جاۋاب بېرىشكە پېتىنالمىدىم .
     جۇڭگودا كاتتا بايلارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى چەتئەل دۆلەت تەۋەلىگىگە ئۆتۈپ كەتكەن ياكى شۇنداق قىلىشنى ئويلايدۇ ، ئۇلار بالا-چاقىلىرىنى چەتئەلگە  ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ دۆلەتكە قايتىپ داۋاملىق پۇل تاپىدۇ ، كۆپىنچىسىنىڭ ھۆكۈمەتتە ئارقا تىرىكى بار ، ئېتىبار سىياسەتلەرگە تايىنىپ بېيىغان .
خۇلاسە : دۇنيادا ئەڭ قايغۇلۇق ئىش "ئۆيىڭىزنى ئوغرى قۇرۇقداپ قويغانلىق "ئەمەس بەلكى ئۆي ئاللىقاچان قۇپقۇرۇق بوپ قالسىمۇ ئوغرىنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكى .
مەنزىل

、   : http://bbs.tianya.cn/post-free-3487113-1.shtml

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4388
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 10:31:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-27 10:40  

ھالقىلىق مەسلە مائارىپتا ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئىنىق، چەتئەللەردە ئۇقۇپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى ياراملىقلارمۇ خىزمەت سىتاژى سەۋەپلىك يىڭى تۈر تەتقىقاتىغا ئىلتىماس قىلغان ھالەتتىمۇ ئالىم ئاتالغان تۆرىلەر ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تەستىقلىمايدۇ، تۈۋەندىكىلەر بولسا قۇللۇق ئىدىيسى تەسىرىدىن يۇقىرىغا ماتىريال يوللاشقا پىتىنالمايدۇ، يىڭىلىق دۆلەتكە پايدا يەتكۈزگەن بىلەن ،كونا ئالىمنىڭ ئورنىغا زىيانلىق...
جوڭگودا خىزمەت سىتاژ مەسلىسى ئىنتايىن ئېغىر. شەخىس ئىگىلىكتىكى كارخانىلاردىمۇ بۇ ئىش ئازراق مەۋجۈت، يەنە بىر تەرەپتىن  شەخىس ئىگىلىكتىكى كارخانىلار غايەت زور تەتقىقات خىراجىتىنى كۈتۈرەلمەيدۇ، دۆلەت بولسا بۇ خىراجەتنى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارغىلا بېرىدۇ.
شۇڭا دۆلىتىمىزدە قاتتىق مۇنوپوللۇق ئاستىدا گەرچە يەتتە ئۈچكىگە يەتمىش تىكە بولسىمۇ ھالقىلىق تېخنىكىلاردا بۇسۇش بولمايدۇ...

دۇنيادا ئەڭ قايغۇلۇق ئىش "ئۆيىڭىزنى ئوغرى قۇرۇقداپ قويغانلىق "ئەمەس بەلكى ئۆي ئاللىقاچان قۇپقۇرۇق بوپ قالسىمۇ ئوغرىنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكى .
بۇ تورداشنىڭ ئېيىتقىنىمۇ بىر ئەمىلى مەسلە...

2

تېما

0

دوست

3047

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6863
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 478
تۆھپە : 621
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 10:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆرە قوپسا يۈگۈرۈپ كەتكىدەك ماۋۇ تىما!

11

تېما

0

دوست

2528

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15446
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 744
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 11:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاڭ شەنپىڭ..... يازمىلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.
راس بوزقىر ئەپەندىم يوقاپ كەتتىيا..؟





ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8829

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2602
توردىكى ۋاقتى: 1185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 11:47:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alkanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-27 11:54  
badur0999 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-27 01:03
قاتتىق ۋەتەنپەرۋەر كىشىكەن بۇنى يازغان...قايىل قىلارلى ...


بۇ ئادەمنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئامېرىكا ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. تور قايتا ئېچىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئەڭ زىلزىلە قوزغىغان تېما دەل ئاشۇ ماقالە بولۇشى مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )