جۇڭگودا ئىسلاھات مەغلۇپ بولسا بولمايدۇ
لاڭ شەنپىڭ
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چىقىش يولى ناھايىتى ئېنىق يەنى ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، تۈزۈلمىنى داۋاملىق ئىسلاھ قىلىش . بۇ پۇقرالار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئورتاق قارىشى . بىراق تەس يېرى قانداق يولدا مېڭىشنى تاللاش ئەمەس بەلكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئامىللارنى ئېنىقلاش ، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىپ ھارام پايدا ئىلىۋاتقان ئىقتىسادى گۇرۇھلاربىلەن قانداق كۈرەش قىلىش . مۇشۇ ئىككى ئىشنى مەن ھۇرۇن خوتۇننىڭ چېچىنى تارىغىنىدەك چىگىش ھەم مۇرەككەپ دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. تۆۋەندە مەن جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن يەنى ئىچكى، تاشقى ۋەزىيەت؛ دۆلەت باي پۇقرا نامرات بولۇش ؛ جۇڭگودا ئىسلاھات مەغلۇپ بولسا نېمىشقا بولمايدۇ قاتارلىق تەرەپلەردىن شەرھىلەپ ئۆتمەكچى . ھازىرقى ئىقتىسادى "ۋەيرانچىلىق "نى ئوڭشاشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى – قايتا ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش . بىز 2008-يىلدىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇق ، شۇڭا بۇ قېتىمقى ئىسلاھات ئۆزىمىز ئىختىيار قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ئەمەس بەلكى ئىقتىسادى كرىزىس تۈپەيلى زادى قىلمىساق بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يىتىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھات. نېمىشقا ؟ چۈنكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادى ،ئىجدىمايى مەسىلىلەرئىسلاھاتنىڭ يولىنى تار ھەم ئېگىز قىلىۋەتتى، ئىقتىسادى ،ئىجدىمايى مەسىلىلەر ، پۇقرالارئەھۋالى زادى كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى . ئۇنداقتا ئىسلاھاتنى قانداق ئېلىپ بارىمىز ؟مەن2012-يىلى 5-ئايدا نەشر قىلىنغان "جۇڭگو ئىقتىسادى خەتەرلىك باسقۇچقا بېرىپ قالدى "دېگەن كىتابىمدا ئېيتقاندەك جۇڭگو ئىقتىسادى سىستېمىلىشىشى كېرەك يەنى بازارغا تەۋە بولغانلىرى بازارغا ، جەمئىيەتكە تەۋە بولغانلىرى جەمئىيەتكە ، ھۆكۈمەتكە تەۋە بولغانلىرى ھۆكۈمەتكە قايتىشنى يېتەكچى پرىنسىپ قىلىشى كېرەك ، مەن لى زۇڭلىنىڭمۇ بۇ يىللىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا مۇشۇنداقراق گەپنى دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم . يېقىندا كەينى –كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان " ئەقەللىي ئەخلاقتىن چەتنەپ كەتكەن" ۋەقەلەرنى ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق سەۋەبى شۇكى ھۆكۈمەتنىڭ بازار بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى چىگرىنى ساقلىيالمىغانلىقىدىن ، باشقۇرمىسىمۇ بولىدىغان يەرلەرگە چىڭ ئىسلىۋالغاننىڭ ئۈستىگە ياخشى باشقۇرالمىغانلىقىدىن بولغان . مەن جۇڭگو ئىقتىسادىنى سىستېمىلاشتۇرۇش يىڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشتىكى بىردىنبىر يولى دەپ قارايمەن ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىردىنبىر ئامال شۇكى "ئىسلاھاتنىڭ زاكىتىنى بېرىش "يەنى ھوقۇقنى بازار ۋە جەمئىيەتكىمۇ ئازراق بېرىش . مەن يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش قاراشتا تولۇقلاپ قۇيىدىغىنىم ئىقتىسادى كرىزىسى تۈپەيلى ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشقا مەجبۇربولۇۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىز نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ يىراقنى كۆزلىشىمىز كېرەك. بىزگە كېرىكى كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش ، ئۇنداق بولمايدىكەن چاپىقىنى ئالىمىز دەپ قارغۇ قىلىپ قۇيىمىز . ئامېرىكىنىڭ نەزىرىنى قايتىدىن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قاراتقىنى بىزگە سىرتتىن كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىس . ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق ئامېرىكىنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشى دۆلەت ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشتىكى زۆرۈر تاللىشى بولۇپلا قالماي ئۆز نۆۋىتىدە بۇ يەنە كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ سېستىمىلاشقاندىن كىيىنىكى خەتىرىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويدى ، ھەممىمىزگە ئايان كاپىتالنىڭ ئەسلى ماھىيىتى پايدا قوغلىشىش ، بىراق غەرب دۆلەتلىرىدەك دېموكراتىيە ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىقى مۇكەممەللەشكەن ئەھۋال ئاستىدا ئىقتىساد پەقەت دۆلەت ھالقىغان شىركەت قاتارلىق ئۇسسۇللار ئارقىلىق سىرتقا كېڭىيىش ياكى توختىماي يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ .2008-يىلدىكى ئىقتىسادى كرىزىس دەل مۇشۇنداق كاپىتالنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىدىن كېلىپ چىققان سىستېمىلىشىش كرىزىسى . ھازىر ئامېرىكا ئىقتىسادى قايتىدىن جانلىنىشقاقاراپ يۈزلەندى بىراق مۇنۇ ئىككى مەسىلىگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك : بىرى ئامېرىكائىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ھەتتا گۈللىنىشى جۇڭگوغا نىسبەتەن نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟يەنە بىرى كاپىتالىزم پەقەت ئامېرىكىنىلا كۆرسەتمەيدۇ يەنە تېخى ياۋروپا،ياپونىيىلەرمۇ بار ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئامېرىكىغا يەتمەيدۇ بۇ جۇڭگوغا يەنە نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا كەلگۈسى كاپىتالىستىك ئىقتىسادنىڭ قېلىپلىشىشى سەۋەبلىك ئۈزلۈكسىز سىرتقا كېڭىيىدىغان دەۋر بولۇپلا قالماستىن ئوخشىمىغان ئىقتىسادى قۇرۇلمىلار كەسكىن توقۇنۇشىدىغان دەۋر ، بىز دۇچ كېلىدىغان سىرتقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكى تەسەۋۋۇرقىلغىنىمىزدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ . مۇشۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرغان چىغىمىزدىلا ئاندىن " كرىزىس مەجبۇرلىغان ئىسلاھات " دېگەن سۆزنىڭ ھەققى مەنىسىنى چۈشىنىمىز شۇ چاغدىلا سىرتقى بىسىمنى ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرالىشىمىز مۇمكىن . ئىقتىسادى مەسىلىلەر ئەزەلدىن يەككە-يېگانە بولمايدۇ، ئىقتىسادى ساھەدىكى بارلىق مەسىلىلەر جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقىغىچە كېڭىيىپ بىربولسا بىر مەيدان زور ئىسلاھاتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ بىر بولسا جۇڭگو ئىقتىسادىنى خەتەرلىك ئەھۋالدىن يارلىۋىگە ئەكېلىپ قۇيىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھاكىمىيەتنىڭ ئىقتىسادقا بىر تەرەپلىمە قارىشى ۋە مەنمەنچىلىكى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتسە ئەكسىچە پۇقرالار ۋە ئاممىۋى مەسىلىلەردە دائىم رولىنى جارى قىلدۇرالماي كېلىۋاتىدۇ . ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەدېسىلا ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ ، بانكىنىڭ ياردىمىگە تايىنىۋېلىش ، ئىقتىسادى باشقۇرۇشتا چەكلەشنىلا بىلىپ ھەل قىلىشنى بىلمەسلىك يەنى مەمۇرى ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تۇساشنىلا بىلىپ مەسىلىنى نېگىزدىن ھەل قىلىدىغان ئىقتىسادى ۋاسىتىلەر ، قانۇنى ۋاسىتىلەر ئۈستىدە ئىزدەنمەسلىك ، دائىم چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قۇيۇش بۇلارنىڭ روشەن ئىپادىلىرى ، دۆلىتىمىزدە پەقەت دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن يەرلىرىلا ياخشى باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ ، مائارىپ ، مۇھىت دېگەنلەر ئاللىقاچان "قاقاس ئېتىزلىق " قا ئايلىنىپ بولدى نەتىجىدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بايلىقلارنى تەقسىملەش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كەتتى ، پارىخورلۇق ئەۋج ئىلىپ باي نامراتلىق پەرقى چوڭىيىپ كەتتى ، ھۆكۈمەتكە ، بايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش كەيپىياتى زورىيىپ توپلىشىپ جېدەل چىقىرىدىغان ئىشلار كەينى-كەينىدىن يۈز بەرمەكتە . بۇلارئاللىقاچان ئىقتىسادنىڭ چېتىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى ھەم ئىقتىسادى ئىسلاھاتمۇ ھەل قىلالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى بىراق ئىقتىسادىنىڭ ئەجەللىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق . شۇڭا مەن دېمەكچى ئىقتىسادى كرىزىس تۈپەيلى ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشقا مەجبۇر بۇلىۋاتقان مۇشۇ ۋەزىيەتتە ئىسلاھات چۇقۇم ئىقتىساد ، جەمئىيەت، سىياسىي جەھەتتىن تەڭ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىقتىسادنىڭ قايناۋاتقان قازىنىغا سىياسەت سوغۇق سۇ قۇيىدىغان ئىش بولسا چاپىقىمىزنىمۇ ئالماي تۇرۇپ قارىغۇ بولۇپ قالىمىز . ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىرىنچى پىچاقنى چوقۇم ئاغرىغان جايغا سىلىشىمىز كېرەك ، مېنىڭچە جاراھىتى سېسىپ كەتكەن بۇجاي دەل بىزنىڭ ياساش كەسپىمىز . بىز "دۇنيانىڭ زاۋۇتى " بىراق تەننەرخنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك چەتئەللىكلەر زاۋۇتلىرىنى ئۆز دۆلىتىگە ياكى شەرقى جەنۇبىي ئاسىياغا كۆچۈرۈپ كېتىشكە باشلىدى ، بۇ ئاللىقاچان بىر ئېقىمغا ئايلاندى شۇڭا بىزنىڭ "دۇنيانىڭ زاۋۇتى " دېگەن شەرەپلىك نامىمىزمۇ ئۆچكىلىۋاتىدۇ .ئامېرىكا نۇرغۇن زاۋۇتلارنى چېكىندۈرۈپ كەتتى چۈنكى ئوباما ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنيائىقتىسادى كرىزىس پاتقىقىغا پېتىپ قالغان مۇشۇ پەيتتە "ياساش كەسپىنى قايتا قۇرۇش" ئىستراتېگىيىسىنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ نۇرغۇن زاۋۇتلارنى قايتىپ كېلىشكە جەلپ قىلدى .دۆلىتىمىز قانداق قىلدى ؟ ھۆكۈمەت"چوڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىش " ھەتتا "يىڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، جاللاندۇرۇش پىلانى" قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەر بىلەن يەنە تېخى بىۋاسىتە پۇل بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قىيىنچىلىقتا قالغان دۆلەت كارخانىلىرىنى يۆلىدى نەتىجىدە ياساش كەسپىدە كۆزلىگەن نىشانغا يەتمەيلا قالماستىن يورۇقلۇق كەسپى قاتارلىق يىڭى گۈللەنگەن كەسىپلەرمۇ ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى يېتەكچى كەسىپكە ئايلىنالمىدى . نېمىشقا ئامېرىكىغا ئىقتىسادىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن ئۇسۇل بىزنىڭكىگە ئۇنداق بولمايدۇ ؟ ئامېرىكا ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇلنى قوللانغان يەنى كارخانىلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ، بازار دېگەنلەرگە ئارتۇقچە ئارىلىشىۋالماي ھەرقايسى كەسىپلەرگە پايدىلىق سودا مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن خالاس شۇنىڭدىن قارىغاندا ھۆكۈمەت بەك ئارىلىشىۋالمىسىلا ئاندىن ياساش كەسپىنى قۇتۇلدۇرۇپ ئىسلاھاتنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن . ئىنىرگىيە-خام ماتېرىيال ياساش كەسپىنىڭ جىنى . ئامېرىكىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ياساش كەسپىنى قايتا جانلاندۇرۇشتىكى كوزىرى"سېلانتىس گازى ئىنقىلابى"نىڭ غەلىبىسى ، سىلانتىس گازى ، سېلانتىس يېغىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قېزىلىشى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە بولغان بېسىمىنى تۆۋەنلەتتى ، كۆپچىلىك ماۋۇ سانلىق مەلۇماتقا قارايلى : 2012-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكىدا تەبىئىي گازنىڭ باھاسى 1.9دوللارغا چۈشۈپ 2008-يىلى 7-ئايدىكى 13.21 دوللاردىن86%تۆۋەنلىدى ، ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىستېمال قىلىدىغان بۇ دۆلەت2017-يىلىغا بارغاندا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئېشىپ چۈشۈپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماي ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولماقچى ، 2035-يىلىغا كەلگەندە ئۆز-ئۆزىنى قامدىيالايدىغان بولماقچى . بۇ ئاڭلىماققا مىڭبىر كېچە چۆچەكلىرىدەك تۇيۇلسىمۇ بىراق پەن-تېخنىكىنىڭ چۈشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى ، ئەمەلىيەتتە جۇڭگو دۇنيا بۇيىچە سېلانتىز گازى زاپاس مىقدارى ئەڭ كۆپ دۆلەت ! ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بىز تا بۈگۈنگىچە كۆلەملەشكەن سېلانتىز گازىنى قىزىش كارخانىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدۇق ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بۇنىڭغا زور تېخنىكىلىق ئاساس كېتىدۇ بىراق ئاتامانلار تېخىچە يېڭىلىق يارىتالايدىغان بىرەر كارخانا قۇرۇپ چىقالمىدى . مىنىڭ ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا شۇنى دېگۈم كېلىدۇ " مەيلى سىز دۆلەت كارخانىسى ياكى پۇقراۋى كارخانا بۇلۇڭ خام ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالسىڭىز بولمايدۇ چوقۇم ھەممىنى پۈتۈن ياساشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك ، قانداق قىلغاندا بۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ ؟مەن بۇرۇن دەپ ئۆتكەن " ماركا ، سېتىش ، سېتىۋېلىش ، ساقلاش-تۇشۇش ، زاكاز بىرتەرەپ قىلىش ۋە پارچە سېتىش يەنە ئوبوروت " مەن بۇنى 6+1 سىستېمىسى دەپ ئاتىدىم ، كارخانىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلاۋاتقانلارغا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس . ئاخىرىدا مەن بىر ئىقتىسادشۇناس سالاھىيىتىمگەقايتىپ ھۆكۈمىتىمىزگە شۇنداق بىر تەكلىپ بەرمەكچى : سىلەر قۇچاق-قۇچاق پۇل بېسىپ تارقىتىۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ئەڭ ياخشىسى سىلەردە بىر ئۇزۇن مەزگىللىك ، تەۋرەنمەي ئېلىپ بارالايدىغان پىلان بولسىكەن دەيمەن ، ئامېرىكىنى مىسالغا ئالساق سىلەر"40تىرىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانى" نى ئۇتتۇرغا قويغان 2008-يىلى11-ئايدا ئوباما ھۆكۈمىتى پۇل مۇئامىلە قۇيۇۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى ، بۇ پىلان يەنى 1QEپىلانى. 2008-يىلى 11-ئايدا باشلىنىپ2010-يىلى 3-ئايدا ئاخىرلاشتى ، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى ئالدى بىلەن نۇرغۇن پۇل باستى ، بۇ پۇللارغا كەينىدە قالغان ، قىيىنچىلىقى بار كەسىپلەرنى سېتىۋىلىپ ئاندىن يەنە نۇرغۇن دۆلەت قەرزىنى قايتۇرۇپ بانكىلارغا ساتتى ، شۇ ئارقىلىق ئارتۇق تارقىتىلغان پۇللارنى يىغىۋالدى ھەم پۇل كۆپلەپ بېسىلغانلىقتىن مال باھاسىنىڭ زىيادە ئۆرلەپ كېتىش خەتىرىدىنمۇ قۇتۇلدى. ئاندىن QE2、QE3、QE4 پىلانى كەينى كەينىدىن ئۇتتۇرغا چىقتى ، بۇ بىرقاتار سىياسەتلەر بىلەن باجنى كېمەيتىش سىياسىتى ئامېرىكىنى قۇتقۇزۇپ قالدى، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى . ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن زاپاس پۇل كومىتېتى ئوينىغان بۇ بىر مەيدان ئويۇننى دۆلەتنى تۈزەشتىكى ئېسىل پايدىلىنىش ماتېرىيالى دېيىشكە بولىدۇ . بۇ ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ. مەن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ پۇقرالارغا ، پۇقراۋىي ۋە دۆلەت كارخانىلىرىغا يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەشتە ئۇلارغا مۇقىم بىر سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەنبە : لاڭ شەنپىڭ مىكرو بىلۇگى
: A third round of quantitatvie easing : QE -بۇ دەل ھەرقايسى دۆلەت مەركىزى بانكىلارنىڭ زايوم سېتىۋېلىش ئارقىلىق ، نورمىدىن ئارتۇق پۇل بېسىپ ، قەغەز پۇلنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىدىكى تاۋار ماللارنىڭ كۇرىسىنى قوغداش ، چەتئەل تاۋارلىرىغا زەربە بېرىپ ئىقدىساتنى قوزغىتىشنى مەقسەت قىلغان يېقىنقى زاماندىكى پۇل-مۇئامىلە قۇيۇۋېتىش سىياسىتى ، بۇنى قىسقارتىپ (QE)دەپ ئاتايمىز.
سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بۇلىشى تۈپەيلى بەزى ئاتالغۇلارنى تازا توغرا شەرھىلەپ تەرجىمە قىلالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن ، تورداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى سەمىيمىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن . |