قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1686|ئىنكاس: 36

ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﻰ: ﭘﺎرﻗﯩﺮاق ﻣﻪﻛﺘﻪپ ۋە ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎدەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

1

دوست

954

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   90.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 296
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 10:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-28 12:41  

ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﻰ: ﭘﺎرﻗﯩﺮاق ﻣﻪﻛﺘﻪپ ۋە
<<ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎدەم>> ﺳﯩﻤﺎن ﺑﺎﻟﯩلار

ﺋﻪﻧﯟەرﺟﺎن ﺳﺎدﯨﻖ ﻛﯚﻛﻨﯘر

ﺋﺎﻗﺘﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ


           ﺑﯜﮔﯜن ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﺎﺷﯩﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺋﻪﺗﻪ ﺳﯩﺰ ﺋﯚﺗﻤﯜش ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﺎﺷﺎﻳﺴﯩﺰ.

--------------------------ﭘﯧﺘﯧﺮ ﺋﯧﻠﯩﻴﺎد


           ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪﺳﻪل ﻗﺎرﯨﺴﺎق ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﮔﻪ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﮔﻪ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﺴﺎق ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘق ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﻳﻪﻧﻪﻣﻪﻛﺘﻪپ ۋە دەرﺳﺨﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪۇق، ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﻪﻛلا ﺋﯧﻨﯩﻖ: ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ! ﮬﺎزﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە ﻛﯚرۈﻟﯩﺪۇ! ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻤﯩﺰ ﮬﺎزﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯘدرەت ﺗﺎﭘﯩﺪۇ!
ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﻣﯘلاﮬﯩﺰە ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻪﮔﻪر ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘلاﮬﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪﻳﯩﻞ ﭘﺎﻟﻪچ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪﭼﯜﺷﯜپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋە ﺑﯩﻠﮕﻪن ﻧﯘرﻏﯘن داﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﻪر، ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮى ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟلار ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪر دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺋﻪرﺑﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻘﺎ ﺑﯘراﺷﻘﺎ ۋە ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻘﺎ ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﻗﺎراﺷﻘﺎ رﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪۈردى، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎن دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﻧﯘرﻏﯘن دۆﻟﻪت ۋە راﻳﻮﻧلارﻧﯩﯔ داﺋﯩﻤﯩﻲ، ﺋﯩﺠﺮاﺋﯩﻲ ﻛﯜﻧﺘﻪرﺗﯩﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﺪى. ﺷﯘ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ، ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚرەرﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘرا، ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﻧﯘرﻏﯘن ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯘل ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﯩﻨﻰ زور دەرﯨﺠﯩﺪە ﻳﺎﺧﺸلاپ ﺑﻪردى ﮬﻪم ﻳﺎﺧﺸﯩلاپ ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﯩﺪۇ.
        ﮔﻪرﭼﻪﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﻮرﻣﺎل ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘل ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻠﯩﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ زور ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪەك ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﻤﯩﺰدە ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﺎرﻣﺎﻳﯟاﺗﻘﺎن، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﺴﺎق ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯚز ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﯕﺎﻳﻠﯩﻘﭽﻪ ﻛﯚرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر، <ﻗﺎراﯕﻐﯘﻧﯘﻗﺘﺎ>لار، ﮬﺎزﯨﺮﯨﻤﺰ ﺋﯜﭼﯜﻧلا ﺋﻪﻣﻪس ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن زور ﺑﯧﺴﯩﻢ، ﺧﯩﺮﯨﺲ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
           ﺧﻮش، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺑﯩﺮﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭼﯚرﮔﯩﻠﯩﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮﻟﯩﺮى ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ؟
      ﭼﻮڭ - ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨلارﻏﺎ ﭘﺎلاﻗﺸﯩﺶ، ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﺷﻠﻪرﮔﻪﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘرۇش، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ روﮬﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜرۈش، ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪﺳﯩﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷلار ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺷﻐﯘل...
           ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﭼﯘ؟
       ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ<ﺋﺎﺗﺎم ﺋﯧﻴﺘﻘﺎن ﺑﺎﻳﯩﻘﻰ> دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺧﯘﺷﻴﺎﻗﻤﺎﺳﻠﯩﻖﺋﯩﭽﯩﺪە دەرس ﺗﻪﻳﻴﺎرلاش، دەرس ﺋﯚﺗﯜش، ﺗﺎﭘﺸﯘرۇق ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﻧﻮﭘﯘس ﺋﯧﻨﯩﻘلاش ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎس ﺋﯩﺸلار ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺷﻐﯘل، راﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا ﮬﺎرﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ۋە ﺑﯩﺰارﻟﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻰ.
        ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﭼﯘ؟
         ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ <ﺋﻪﺳﻨﻪك دەرﺳﻰ>ﻧﻰﺗﻮلا ﺋﺎﯕلاپ،<ﺋﺎﻧﭽﻪ - ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪﺳﺘﻪك ﺳﺎۋﯨﻘﻰ> ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ زادى ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪۇرۇۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎت ﺳﯩﺰﯨﻘﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﯜرەﻛﻠﯩﻚ ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩلاﻟﻤﺎي، ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرى ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘردﯨﻦ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرﻏﺎﺳﻮلاﻧﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا، ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗلارﻧﯩﯔUCI ﺳﯩﺪا <ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎدەم> ﻛﻪﺑﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﺑﻮﻟﺴﯘن ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘن ﭘﻪﻗﻪت ﺑﯘﻳﺮۇﻗلا ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎن ﻳﯜﮔﯜرﻣﻪﺳﻠﯩﻚ، دەرﺳﺨﺎﻧﯩﺪا ﺟﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ دەرس ﺋﺎﯕلاش... دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ۋەﮬﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻪﻧﺪ.
       ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻗﺎرﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯚز ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺷﯘ ﻗﻪدەر ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘق ۋە ﻧﻮرﻣﺎل، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار دەرﺳﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟاﺗﻘﺎن، دەرﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎن، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺗﻪﻧﻪﭘﭙﯘﺳﺘﺎﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪرﻧﻰﻛﯚرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
        ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ<ﮔﯜم>ﻣﯩﺪە ﻳﯧﭙﯩﭙلا ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪت دەرس ﺋﻪﭘﻠﻪﭘلا ﺗﻮﺷﺴﺎ ﺑﻮﻟﺪى، دەرﺳﺨﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن، دەرﺳﺨﺎﻧﯩﺪا ﻗﺎﻧﺪاق ﻣﻪزﻣﯘﻧلار ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯘﺳﯘﻟلار ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪل ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪل ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺪى؟ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪت ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯚﺗﯜۋاﺗﯩﺪۇ؟ ﻧﯘرﻏﯘن ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪر ﻗﺎﻧﺪاق داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﯩﺪۇ؟... دﯦﮕﻪن ﺑﯘ زۆرۈر ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە دەرﺳﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ دەرس ﺋﺎﯕلاپ ﺑﯧﻘﯩﭗ، ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﻳلاﻧﻤﯩﺴﺎق ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﻪرﮔﻪﻛﻪﭘﻘﺎﻟﺪى. ﺗﯧﺸﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻗﺎرﯨﺴﺎق ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪم، ﺳﺎﻏلاﻣﺪەك، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﭽﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺳﻪﯕﮕﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎرﯨﺴﺎق <ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن> ﻳﻪرﻟﻪر، ﺑﯩﺰ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﺋﯜﻟﮕﯜرﻣﻪﻳﯟاﺗﻘﺎن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎر...
        ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯚرەﻟﻪﻳﻤﯩﺰ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﻤﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﮬﯚﻛﯜم ﭼﯩﻘﯩﺮالاﻳﻤﯩﺰ. ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪ دﯦﺴﯩلا ﺋﯩﺴلاﮬﺎت دﯦﺪۇق، ﺗﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺴلاھ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﺪۇق، ﺋﯩﭽﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴلاھ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪۇق. ﮬﻪ دﯦﺴﯩلا ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت دﯦﺪۇق - ﻳﯘ، ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎق ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪدﺑﯩﻘﻠﯩﻤﺎي، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻐﯩلا زورلاپ، ﻳﻪﻧﯩلا <ﻣﺎﻳﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺋﯚﺳﺘﯜرۈش>، <ﭼﻪﻟﻠﯩﺪە ﺋﺎت ﭼﺎﭘﺘﯘرۇش>،<ﻗﯘرۇق ﺗﯧﺮە ﺗﺎراﻗﺸﯩﺘﯩﺶ> ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﯜۋاﺗﯩﻤﯩﺰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ <ﺋﺎت ﺋﺎﻳﻠﯩﺨﺎﻧﻐﺎ، ﻳﻮل ﺳﺎرﯨﺨﺎﻧﻐﺎ> ﭘﯧﺘﻰ.
          ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە زادى ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎق ﻗﺎﻣﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎق ﻗﺎﻣلاﺷﻤﺎﻳﯟاﺗﯩﺪۇ؟ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺠﺮاﭼﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺠﺎدﻛﺎرﻣﯘ؟ ﻳﻮﻟﺪاش ﺟﻴﺎڭ زﯦﻤﯩﻦ: <ﺋﯩﺠﺎدﻛﺎر ﺋﻪۋلادلاردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﯕلار!>دﯦﮕﻪﻧﺪە، ﻧﯧﻤﯩﻨﻰﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺘﺘﻰ؟ ﻳﻮﻟﺪاش دﯦﯔ ﺷﻴﺎۋﭘﯩﯖﻨﯩﯔ:<ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ـــ ﭼﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪە> دﯦﮕﻪن ﺳﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ <ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت>ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﮔﻪ دوﮔﻤﯩلارﭼﻪ ﺗﻪدﺑﯩﻘﻠﯩﺪۇﻗﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺠﺎدﻛﺎرلارﭼﻪﻣﺎﺳلاﺷﺘﯘردۇﻗﻤﯘ؟ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺘﯘﻗﻤﯘ - ﻳﻮق؟ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪﻛﯧﻠﻪر؟ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەپ ﻛﯧﻠﻪرﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯩﻐلاﻣﺴﯩﺮاپ ﻛﯧﻠﻪرﻣﯘ؟ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﻰ دﯦﮕﻪن ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن <ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﻰ>دﯦﮕﻪن ﺋﯩﺒﺎرﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺸﯩﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪۇق؟
      ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﻰ ـــ ﮬﺎزﯨﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮا-ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜن، ﻳﯩﺮاﻗﻨﻰ ﻛﯚرەرﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎزﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪە ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺶ دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ. ﺑﯘ ﺋﯩﺒﺎرﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯟﯦﻦ ﺗﻮﭘﻠﯩﺮ ﻣﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨلا <ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ>دﯦﮕﻪن ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺑﯩﺨﯘدلارﭼﻪ، ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﻪرﭼﻪ ﺋﯜﻣﯩﺪﻛﯜﺗﯜﺷﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻨﻜﻰ، ﺑﯩﺰ ﮬﺎزﯨﺮﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗلارﭼﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘق. ﺑﯘﺑﻪﺋﻪﻳﻨﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ:
          ﻧﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ ﻛﺎلا ﺗﺎزا ﭘﯘل ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎن ﻛﯜﻧﻠﻪردە، ﺑﯩﺮ دﯦﮭﻘﺎن 51 ﻣﯩﯔﻳﯜەﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮﻧﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ ﻣﻮزاي ﺳﯧﺘﯩﯟاﭘﺘﯘ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎرﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﺑﺎﻗﺴﺎ، ﺑﯩﺮ - ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻮﺗﺘﯘز - ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻣﯩﯔ ﻳﯜەﻧﮕﻪ ﺳﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن. دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﺎﻗﻘﺎن ﻧﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ ﻣﻮزاي ﺗﻪن ﻗﻮﻳﯘپ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩلار ﺋﯘ ﻛﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘز ﻣﯩﯔ ﻳﯜەن دەپ ﺑﺎﮬﺎ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ دﯦﮭﻘﺎن، ﻳﺎق، ﺋﻪرزان ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى، دەپ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﭘﺘﯘ. ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ، ﺑﯩﺮەر ﺋﺎي ﺋﯚﺗﻪر - ﺋﯚﺗﻤﻪﻳلا ﻧﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺑﯩﺮاﻗلا ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘز ﻣﯩﯔ ﻳﯜەﻧﮕﻪ ﺑﻪرﻣﯩﮕﻪن ﻛﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮەرﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮن ﻣﯩﯔ ﻳﯜەن ﺑﯧﺮەﻳﻤﯘ دﯦﻤﻪﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯔﺑﯩﻠﻪن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ دﯦﮭﻘﺎن ﺋﺎزاﺑﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺴﻪل ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﯩﭽﻪ <ﭼﯚﭼﯜرﯨﻨﻰ ﺧﺎم ﺳﺎﻧﺎﻳﺪﯨﻐﺎن> ﺧﺎم - ﺧﯘﺗﯩﻠﯩﻖ، ﮬﺎزﯨﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﻣﯚﻟﭽﻪرﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، دﯨﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎم ﺋﻮﻳﯩﻐﺎ ﺑﻪك ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﻳﯩﺮاﻗﻨﻰ ﻛﯚرەرﻟﯩﻚ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎﺑﯜﮔﯜﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﭘلا ﻗﻪدەﻣﺪە ﺑﯩﺮ ﺑﯘرﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪپ ﺗﯘرۋاﺗﻤﯩﺰ. ﺑﯘرﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯩﮕﻪﻧﻨﻰ ﭼﺎﻧﺪۇرﻣﺎي، <ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪت ـــ ﻏﺎﻟﯩﺒﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ> دﯦﮕﻪن ﭘﻪﺗﯩﯟا ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪزﻟﻪپ، ﺋﺎﻏﺰى - ﺑﯘرﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﭘﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯧﻘﯩﭙلا ﻗﻮﭘﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎرﯨﻤﯩﺰ. ﮬﺎزﯨﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯘرﺳﺎﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﺪەك ﻳﺎﻛﻰﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە ﺗﻪرﯨﭙﻠﯩﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯘﻧﺪاق ﮔﯜزەل، ﻧﯘراﻧﻪ، داﻏﺪام ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺳﯚز ﺋﺎﭼﺎلاﻳﻤﯩﺰ؟
        <ﺋﯘﻟﯘﻏﯟار ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﭘﯜرﺳﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘش، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻪ ﺋﻮﯕﺎﻳلا ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘش، ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﮬﯚﻛﯜﻣﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﮬﯧﺴﺴﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮاﺗﻘﺎ ﺑﻪﻛﺮەك ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ۋە ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪرﻧﻰ دەﯕﺴﯩﻴﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﻪدﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ۋە ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﺰزەت - ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەش ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا ۋاز ﻛﯧﭽﯩﺶ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘش ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯚز ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚرەرﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ... ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎ ۋەزﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﻠﭽﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﺷﻤﺎي، ﺑﻪﺋﻪﻳﻨﻰ ﻗﯘدۇق ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻗﯩﺪەك ﺋﯚز ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺷﯜﻛﯜر ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺑﯩﭙﻪرۋا ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ زاﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﺎش دﯨﻴﺎﻟﯧﻜﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪى!« )ﺋﻪﺳﺌﻪت ﺳﯘلاﻳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ<ﺗﺎرﯨﻢ ﻗﻮۋۇﻗﻰ ﭼﯧﻜﯩﻠﮕﻪﻧﺪە> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ 14 - ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪى.
         ( دوﻛﺘﯘر ﺋﻪﺳﺌﻪت ﺳﯘلاﻳﻤﺎن ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯩﺨﭽﺎم ۋە ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩلارﻟﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪا ﻧﺎدﯨﺮلاپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪى. <ﺋﯚز ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚرەرﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ>ﻧﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻪت ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ زور ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯜك ﻳﺎﻛﻰﺑﻮﺷﻠﯘق دﯦﺴﻪﻛﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮا ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯩﺰدا ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﻣﻪۋﺟﯘت. ﺷﯘﯕﺎ دەﻳﻤﯩﺰﻛﻰ<ﺗﯧﺸﻰ ﭘﺎر - ﭘﺎر، ﺋﯩﭽﻰ ﻏﺎل - ﻏﺎل> ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻳﻮق دﯦﮕﯩﻠﻰﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻗﯧﻨﻰ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﭗﺑﺎﻗﯩﻠﻰ: ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﺴﺎ 02 - 03 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺑﺎر؟ ﻗﯧﻨﻰﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ <ﺋﯜﭼﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ>ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﭗﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ لاﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﻰﺋﻮن ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ، ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ، ﺋﻮﺗﺘﯘز ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ... ﺋﯩﺰ ﻗﻮﻏلاپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯘرﻣﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ؟ ﻗﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس، دەۋرﮔﻪ ﻣﺎس ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﺳﯩﻨﻰ ﺑﻪرﭘﺎ ﻗﯩلاﻟﯩﺪى؟
      ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮزﯨﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرۈپ، ﺑﺎﺷﻘﺎﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﻗﯩﻠﺪۇرالاﻟﯩﺪى؟ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻧﺪە ﻣﻪﻳﻠﻰﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘن ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺑﯩﺮ ﺗﯜردە ﺑﯩﺮەر ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻴﻪت، ﻳﯧﯖﻰ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗلارﻧﻰﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرەﻟﯩﺪى ۋە ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﺘﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﺎﻟﯩﺪى؟ ﺷﯘ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ زور ﺷﺎن - ﺷﻪرەپ ﻗﺎزﯨﻨﺎﻟﯩﺪى؟ ﻗﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﺎﻳﺴﻰﺗﯜردە ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﺘﯘراﻟﯩﺪى؟ ﻗﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرەﻟﯩﺪى؟ ﻗﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎدﭼﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﻪرﭘﺎ ﻗﯩﻠﺪۇق، دﯦﻴﻪﻟﯩﺪى؟ ﻗﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮى ﺑﯩﺮ ﻣﻪۋﺳﯘﻣﺪا 05 ﺳﺎﺋﻪت ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا دەرس ﺋﺎﯕلاپ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻴﺎﻟﯩﺪى ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ دەرﮬﺎل ﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﺘﯘرۇﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟلارﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﺪى؟ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺧﯩﺮاﺟﻪت زادى ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺪى؟ ﻗﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮى ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩلاش ﺋﯜﭼﯜﻧلا زور ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﺳﺎلاﻟﯩﺪى؟ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ؟ ﻗﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮى ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﺘﺎ ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ ۋە ﺗﻪﻧﻪ - دﯦﺨﻤﺎر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﻣﻪس ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮاﻳﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﻠﯘق ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﻪرﭘﺎ ﻗﯩلالاﻟﯩﺪى؟ ﻗﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮى ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻜﻰ ﺗﻪﯕﺪﯨﻦﺗﻮلا ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﻰﺧﺎﭘﯩﻐﺎن، ﭼﯜﺷﻜﯜن، زەﺋﯩﭗ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻣﻪس دﯦﻴﻪﻟﻪﻳﺪۇ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔﺳﻪۋەﺑﯩﭽﯘ؟
         ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻮﺗﯩﺴﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻓﺎﯕﺠﯧﻨﯩﻤﯩﺰ<ﺋﯩﺰ ﺑﺎﺳﺎرلارﻧﻰﺋﻪﺧلاﻗﻰ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ، ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ، ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎرلاردﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪش> دﯦﺪۇق - ﻳﯘ، ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻧﻰ - ﻧﻰ <ﺋﯜﭼﺘﻪﻳﺎﺧﺸﻰ>، ،<ﺋﻪلاﭼﻰ> ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭙلا ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﯩﺪۇ؟
        ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن زﯨﻴﺎﻟﯩلاردا ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻛﺎززاﭘﻠﯩﻖ، ﻗﻮﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ۋەدﯨﮕﻪ ۋاﭘﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﻪك ﻧﺎﭼﺎر ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻗﻪدەﻣﺪە ﺑﯩﺮ ﻛﯚرۈﻟﯜپ ﺗﯘرﯨﺪۇ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ، دوﻛﺘﯘرﻟﯘق ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧلار ﻛﯧﺘﯩﭗﺑﯧﺮﯨﭙلا ﺋﻪﺧلاﻗﺘﺎ ﻣﯜدۈرﯨﺪۇ؟ )ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﭘﺎرا ﺋﺎﻟﯩﺪۇ، ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺸﯩﺪۇ... دﯦﮕﻪﻧﺪەك(، ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﯩﭽﻪﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﯩﭽﻪﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮDVD ﻳﺎﻛﻰﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰور، ﻳﺎﻛﻰ رادﯨﻴﻮدا ﻛﯚرۈﻟﮕﻪن ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻛﺎﺷﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﻮﯕﺸﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺳﯘﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﭽﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺗﯘزﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ دەپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﺪۇ؟ ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﻪدﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ زﯦﻤﯩﻨﺪا ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﺎغ - دەرﻳﺎلارﻧﯩﯔﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﺪۇ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ 21 ﻳﯩﻞ ﺧﻪﻧﺰۇ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺑﺎلا ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻪت ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎپ ﻳﺎزاﻟﻤﺎﻳﺪۇ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚز ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﺋﻮﯕﺸﺎپ ﺋﯘﻗﺘﯘراﻟﻤﺎﻳﺪۇ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ دەرﺳﯩﻨﻰ 21 ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪن ﺳﺎﻏلاﻣﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩلاﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ، ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﺪۇ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ12 ﻳﯩﻞ ﺗﯩﻞ - ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺑﯩﺮ ﺑﺎلا ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﯘدەك ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﻣﯘراﺟﯩﺌﻪﺗﻨﺎﻣﯩﻨﻰ ﺟﺎﻳلاپ ﻳﺎزاﻟﻤﺎﻳﺪۇ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﯩﭽﻪ<ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻐﯘﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ> ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎﺋﺎز دﯦﮕﻪﻧﺪە 3 - 4ﺗﯩﻦﺳﺎۋاﺗﺴﯩﺰ ﺑﺎلا ﭼﯩﻘﯩﺪۇ؟ ۋاﮬﺎﻛﺎزالار.......
        2008- ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﻪن ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪت ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﻣﯧﺪال ﺋﺎﻟﺪى، ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪن، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘلار ﺋﯚزﯨﺪە ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯜردە ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪت ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎن ﮬﺎزﯨﺮلاپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪن. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩلارﭼﯘ؟
      ﺑﯘﻧﺪاق ﺳﻮﺋﺎﻟلارﻧﻰ ﻛﯚپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻖﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﯩﻤﯩﺰدا ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻪك ﺋﯧﻐﯩﺮ دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ دﯦﺮەك ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪۇ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻛﯚزﻗﺎراش ۋە ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰﺋﯩﺴلاھ ﻗﯩﻠﺸﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪدەر زۆرۈر ۋە ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﯨﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ »ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎن دۇﻧﻴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺗﯚت ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺗﯧﺰﺳﯜرﺋﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﮔﻪرﻣﻪﻛﺘﻪ .<ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻨﻘﯩلاﺑﻰ> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎب
      ﻣﯘلاﮬﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻰ ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰﺗﻪل ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎن ﭘﺎرﻗﯩﺮاق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎدەم« ﺳﯩﻤﺎن ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎي!

1- ﻣﯩﺴﺎل: ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪن دەرﺳﻰ
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰﺋﺎﺧﯩﺮى ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﺳﻮرﯨﺪى:
ـــ دەرﺳﻨﻰﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﯖلارﻣﯘ؟
ـــ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار
ـــ ﮬﻪﺋﻪﺋﻪﺋﻪ..... ـــ ﺋﯜﻧﻠﯜك ۋارﻗﯩﺮاﺷﺘﻰ.
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ:
ــــ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺑﺎﻳﺎﻣﻨﯩﯖﻴﺎﻗﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪن دەرﺳﺘﯩﻦ ﺳﻮﺋﺎل ﺳﻮراپ ﺑﺎﻗﺎي - ﮬﻪ؟ − دەپ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ۋاراﻗﻠﯩﺪى.
ـــ ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎن، ﺳﻪن ﺗﯘرە، ﻗﯘﻳﺎش ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺳﯘ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﺳﯟاﺑﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪۇ؟
ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎن ﺟﯩﻢ ﺗﯘردى.
ـــ ﮬﻪي، ﭘﯧﺘﯩﻲ ﻗﯘلاق، ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻦ ﺑﯧﺮى ﻛﺎﭘﺸﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﻛﯩﮕﯩﺰ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﯖﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﺪﯨﻤﺎ!
ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎن ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪل ﺋﯧﮕﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯩﻢ ﺗﯘردى.
ـــ ﮬﻪي، ﮔﻪپ ﻗﯩﻞ دەﻳﻤﻪن، ﻟﻪﻗﯟا ﺷﯘﻣﺘﻪك؟
ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎن دﯦﻜﯩﻨﮕﻪﻧﺪەك ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ:
ـــ ﻣﻪن ﻳﺎﻳﺎﺳﺎپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺴﺎم، − دﯦﺪى.
ــــ ﻳﺎﺳﺎپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺴﺎﯕﻤﯘ دەپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻣﺴﻪن؟
ـــ ﻳﺎ دەرﺳﻨﻰﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﺴﻪم.
ـــ ﺗﯧﺨﻰﺑﺎﻳﺎﻣلا ﮬﻪﻣﻤﯩﯔﭼﯜﺷﻪﻧﺪۇق، دەپ ۋارﻗﯩﺮاﺷﺘﯩﯖﻐﯘ؟ ـــ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﮬﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻪﻟﭙﺎزﯨﺪﯨﻦ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪن ﺧﯘددى ﺟﯩﮕﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﭼﯘرﻗﯩﺮﯨﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﻗﯘﭼﻘﺎﭼﻨﻰ ﺳﺎﺋﺎرﯨﻠﯩﻐﺎﻧﺪەك ﺟﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪى.
ـــ ﺳﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻤﯩﺪﯨﯖﻤﺎ؟ ـــ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ زەردﯨﺴﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧلارﻏﺎﮔﯚﻟﻪﻳﺪى.
ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪن ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺗﯩﻘﯩﺸﺘﻰ
ـــ ﺋﻪﺟﻪپ ﺗﻮﻳﺪۇم ﺳﻪن ﺷﯘﻣﺘﻪﻛﻠﻪردﯨﻦ، ﺋﯧﺴﯩﺖ، ﺳﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﻛﺎﭘﺸﯩﻐﺎن ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻐﺎ.
         ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕلاﻧﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪن دەرﺳﻰ. ﻛﯚزﯨﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ 51 ﻣﯩﻨﯘﺗﻘﺎ ﺑﺎرﻣﯩﻐﺎن ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﺪى، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﻪردى. ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ 82 ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪ دەرس ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﻰ، ﻧﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺑﯘ دەرﺳﺘﻪﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﻗﻮﻳﺎش ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺳﯘ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﺳﯟاﺑﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلار ﺑﻮﻟﯘﺷﻰﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﺎﺳﺎپ ﺑﺎﻗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﮬﻪم ﻳﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى ﮬﻪم ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻗﻪدەم - ﺑﺎﺳﻘﯘﭼلار ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، رﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪۈرۈش ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا ﻳﺎﺳﺎپ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى، ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘ ﺑﯩﺮﺋﯩﺠﺎدﭼﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى، ﻗﯩﺰﯨﻘﺎرﻟﯩﻖ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ دەرس ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎلاﺗﺘﻰ. ﻛﯩﻢﺑﯩﻠﯩﺪۇ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ دەرس ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺪﯨﺴﻮن، ﻓﺎرادﯨﻴلاردەك ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﭽﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎلاﺗﺘﯩﻤﯘ ﺗﯧﺨﻰ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ »ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻲ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ، ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ، ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ« ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎرﻟﯩﺮى، ﻗﯘرﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯘرۇﻗﺘﯩﻦ - ﻗﯘرۇﻗﻘﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ دەرﺳﻰ...! ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪن دەرﺳﻰ ﺋﻪﻧﻪﺷﯘﻧﺪاق »ﺋﺎﻟﯟاﯕﻨﻰ ﮔﺎﻟﯟاڭ ﻗﯩﻠﻐﺎن« ﭘﯧﺘﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ زﯦﺪە ﻗﯩﻠﻐﺎن ﭘﯧﺘﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﺘﻰ.
دەرس ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﻣﯘﯕﺪاﺷﺘﯩﻢ:
− ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﻛﻪﺳﭙﯩﯖﯩﺰ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻤﯘ؟
− ﻳﺎﻗﻪي، ﻣﯘزﯨﻜﺎ
− ﮬﻪ، )ﻛﯜﻟﯜپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ( ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ؟ ﺋﻪﺟﻪپ ﺑﯘ دەرﺳﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗﻗﺎﭘﺴﯩﺰﻏﯘ؟
− ﺷﯘ رەﮬﺒﻪرﻟﻪر ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﺴﻪن دەپ ﺋﺎرﺗﯩﭗﻗﻮﻳﺪى.
− ﮬﻪ.
− ﺳﯩﺰ ﻗﻮﻳﺎش ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺳﯘ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﺳﯟاﺑﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎپ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟
− ﻧﻪدﯨﻜﯩﻨﻰ، ﻣﻪن ﻳﺎﺳﯩﻴﺎلاﻳﻤﻪﻧﻤﯘ دەﯕﺎ؟
− ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ، ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰﻏﯘ؟
− ۋاي، ﺑﯘ ﭘﯧﺘﻰ ﻗﯘلاق ﺷﯘﻣﺘﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺮ دﯦﻤﯩﯖﺎ، ﺳﻪل ﭼﯩﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎم ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ.
.......  
        ﻣﻪن ﺋﻪﻣﺪى لام - ﺟﯩﻢ دﯦﻤﻪي ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮاﻗلاﺷﺘﯩﻢ. ﺷﯘ ﻗﻪدەر ﻳﯩﺮاﻗلاﺷﻘﯘم ﻛﻪﻟﺪﯨﻜﻰ، ﺑﯘﻧﺪاق ﮬﯧﻠﻰﻣﻪﭘﯩﻜﻪش، ﮬﯧﻠﻰ ﺑﻮرﯨﻜﻪش ﺑﻮﻟﯘۋاﻟﻐﺎن، ﻗﺎﻧﭽﯩﺪﯨﻦ - ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﺴﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪۇرۇش ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﺎ ﺗﯘرﺳﯘن، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻪﻛﺴﺎن ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ﺧﯘﻧﯜك ﭼﯩﺮاي، رەزﯨﻞ <ﺑﺎﻏﯟەن>ﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯚزۈم ﻛﯚرﻣﯩﺴﯘن، دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺗﯧﺰ - ﺗﯧﺰ ﻗﻪدەم ﺋﯧﻠﯩﭗﺋﯘزاپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪن ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﻰﻛﯚپ ﺋﯘﭼﺮاﺗﻘﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘلارﻏﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺷﯘﻧﭽﻪ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﯚز ﺳﻪﻧﯩﻤﯩﮕﻪ دەﺳﺴﻪۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘلار ﻣﯧﻨﯩﯔﮔﯧﭙﯩﻤﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪس، ﭘﻪﻗﻪﺗلا <ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﮬﯚﺟﺠﻪت>ﺗﯩﻜﻰ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻗﯘلاق ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﭘﻜﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪى. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﺑﯩﻠﯩﻢ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﻪرﺳﻪم ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﺳﻪت ﻛﯚرۈﻧﻪﺗﺘﯩﻢ ﮬﻪم ﺑﻪرﯨﺒﯩﺮ ﺋﯩﺪى. ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮬﺎۋاﺳﯩﺪا ﭘﻪﻗﻪت ﻧﻮﻗﯘش ۋە ﺑﯘﻳﺮۇﻗﻘﯩلا ﻛﯚﻧﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺋﯘزاق داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪن، ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮬﺎۋاﺳﯩﻤﯘ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﻗﺎﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯘﻳﺮۇق ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﻪر ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪر ﺋﻪرﻛﯩﻦ - ﺋﺎزادە ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺟﺎي. ﺑﯩﺮ ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪن دەرﺳﻰﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﻠﯩﻜﻰﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﺋﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪى، ﺋﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ـــ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪى، ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﭘﻪرزەﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﯟﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرۇﻗﻠﯘق ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ـــ روﺷﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﭼﻪ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﺧﺘﯩلارﭼﻪ ﺋﺎﻟﺪاپ ﻣﻪﺳﺘﺨﯘﺷلارﭼﻪ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن »داﻏﺪام، ﮔﯜزەل ﻛﯧﻠﻪﭼﻪك«ﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪس ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﻜﺎر، ﻏﯘۋا، زەﺋﯩﭗﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪە ﻗﯩلاﺗﺘﻰ. ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﺘﯩلا ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘﻧﺪاق ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﻠﻪر ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻪك ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘلار ﭘﺎرﻗﯩﺮاق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ »ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎدەم« ﺳﯩﻤﺎن ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻧﭽﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺋﯩﺪى. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﯩﻤﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ دەپ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪۇ− ﮬﻪ؟...!

2 - ﻣﯩﺴﺎل:
ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻣﯘﯕﺪاﺷﺘﯩﻢ.
ـــ ﺳﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ رازﯨﻤﯘ؟
ـــ ﺑﯘﺳﻮﺋﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ دەي ﺋﻪﻣﺪى، رازى دەي دﯦﺴﻪم رازى ﺋﻪﻣﻪس، رازى ﺋﻪﻣﻪس دەي دﯦﺴﻪم ﺳﯩﻠﻪردﯨﻦ ﻗﻮرﻗﯩﻤﻪن.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪڭ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﺘﯘق.
ــ ۋاي، ﺑﻮﻟﺪى ﻗﻮرﻗﻤﺎڭ، ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ - ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﺎر. دەردﯨﯖﯩﺰﮔﻪ دەرﻣﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
ـــ ﺋﯘﻏﯘﺷﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، »راﺳﺖ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﺴﺎڭ ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺴﻪن، ﻳﺎﻟﻐﺎن ﺋﯧﻴﯩﺘﺴﺎڭ ﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺴﻪن« دەﭘﺘﯩﻜﻪن دەﯕﺎ.
ـــ ﺑﻮﻟﺪى، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ دەۋﯦﺮﯨﯔ. ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ﭼﯩﯖﻐﯩﺰ ﺋﺎﻳﯩﺘﻤﺎﺗﻮۋ: »ﺳﯚزﻟﯩﺴﻪڭ ﻳﯜرەﻛﺘﯩﻦ ﺳﯚزﻟﻪ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﯜرەﻛﻨﻰ ﺋﺎۋارە ﻗﯩﻠﻤﺎ« دەﭘﺘﯩﻜﻪن. ﻗﺎﭼﺎﻧﻐﯩﭽﻪ، »ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰﻳﻮﺷﯘرۇپ« ﻳﯜرﯨﻴﻤﯩﺰ؟
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ رﯨﻐﺒﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺳﻪل روﮬلاﻧﺪﯨﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪاق، ﮔﻪپ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى:
ـــ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ رەﮬﺒﻪر ﺗﺎﻟلاﺷﺘﺎ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺳﻪﭘﻠﻪﺷﺘﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎر.
− ﻗﺎﻧﺪاق دەﻳﺴﯩﺰ؟
− ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎدەم ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪت دەرس ﺋﺎﯕلاپ ﻟﯩﻠلا ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘدﯨﺮﻏﺎ ﺋﺎرﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘپ، ﮬﻪ دﯦﺴﯩلا ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺑﺎرﻛﻪن، دەپ ﮬﻪﭘﺘﻪ - ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﻪپ ﻳﻮﻗﺎپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ.
− ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮﯨﯖلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﺎﻧﭽﻪ - ﻣﯘﻧﭽﻪﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮى ﺑﺎرﻣﯩﻜﻪﻧﺪۇق - ﻳﺎ؟
ـــ ۋاي ﻧﻪدە دەﻳﺴﯩﺰ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤلا ﻳﯧﺰا دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﭼﯘق دەرس ﺋﯚﺗﯜپ 2 - دەرﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭙﺘﯩﻜﻪن، ﮬﻪ دﯦﺴﯩلا ﺷﯘﻧﻰ ﭘﻪش ﻗﯩﻠﯩﭗ: ﻣﻪن ﻣﺎﻧﺪاق دەرس ﺋﯚﺗﻜﻪن، ﻣﺎﻧﺪاق دەرﯨﺠﻪﺋﺎﻟﻐﺎن، ﺳﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺋﺎلاﻟﯩﺴﺎڭ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻏﯩﺖ ﻗﯩﺴﯩﭗ دەرﺳﯩﯖﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜش، دەپ ﺗﻪﮬﺪﯨﺖ ﺳﺎﻟﯩﺪۇ، ﭘﻪش ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
− ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎﺋﯘ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻣﯘ؟
− ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎرلار ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮى ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ.
− ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ دەﻳﺴﯩﺰ؟
− ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎدەم ﮬﻪ دﯦﺴﯩلا ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺷﯩﻠﺘﯩﭗ، زەﮬﻪردەك ﮔﻪپ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮل ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪپ ﺗﺎرﺗﺴﺎ، ﺋﺎﺷﯘﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن دەرس ﺋﯚﺗﺴﻪك ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪپ ﺗﺎرﺗﯩﭗ، زەردە ﻗﯩﻠﯩﭗ دەرس ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ - دە؟ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ، ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮ داﻧﯩﺸﻤﻪن »ﺋﺎدەم دﯦﮕﻪن ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ« دەﭘﺘﯩﻜﻪن. ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮى ﻟﯩﻠلا ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﯟاﺗﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ روﮬﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘرﻏﯘﺳﯘن؟ ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺧﯘﺷﺎل - ﺧﯘراﻣﻠﯩﻖﺋﯩﭽﯩﺪە دەرس ﺋﯚﺗﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ؟ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺟﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﻣﯩﺰ، ﻗﯧﻴﺪﯨﻐﯘﻣﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ دەﯕﺎ!
− ﮬﻪﻣﻤﻪﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘدﯨﺮى ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﺳﻘﯘ؟
− ﺋﯘﻏﯘﺷﯘ، ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻣﯘدﯨﺮلارﻣﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺋﯩﻜﻪن.
− دەرﺳﺨﺎﻧﺎﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺮاق ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ؟
− ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮلاﺗﺘﻰ، »ﺗﺎﻏﺎر ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ، ﺋﯧﺸﻪك ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ، ﻳﯩﻘﯩﻠﺴﺎ ﻳﯚﻟﯩﻤﻪﻳﻤﻪن، ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﺴﺎ ﺗﯚﻟﯩﻤﻪﻳﻤﻪن« دﯦﮕﻪﻧﺪەك، ﻗﺎﭼﺎن ﺋﯩﺘﺘﯩﻜﺮەك ﻛﯜن ﻛﻪچ ﺑﻮلار، ﺑﯘ زﯦﺮﯨﻜﯩﺸﻠﯩﻚ دەرس ﻗﺎﭼﺎﻧﻤﯘﺗﯜﮔﻪر دﯦﮕﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻣﯘ ﺑﺎر، ﺑﻪك ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯘرۇپ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪۇ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، راﺳﺘﯩﻤﻨﻰ دﯦﺴﻪم ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯜن ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﺷﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﺪا.
ـــ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ؟
ـــ ﺳﻪۋەﺑﻰﺗﻮلا، ﺑﯘﻧﻰ ﺳﯩﺰﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﻟﯩﻠلا ﺧﯘلاﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﮬﺎلاﻧﻤﺎﻳﺪۇ، ﻗﺎرﯨﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪن ﻳﺎﻛﻰ دەرﺳﻨﻰﺟﺎﻳلاپ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪر ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪە. ﺋﯩﺶ ﺷﯘﻧﺪاق ﺗﯘرﺳﺎ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﺎﮬﺎلاش ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯩﻤﻨﯩﯖﻤﯘ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺋﯘﭘﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ دەﻳﺴﯩﺰ؟
ـــ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔﺋﯘل - ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩلاپ ﺑﻪرﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﺎراﻳﺴﯩﺰ؟
ـــ ﺑﯘ ﺑﻪك ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺪى، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﺘﯩﻦﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦﺑﻪك رازﯨﻤﻪن. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘ...
ـــ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺗﺎرﺗﯩﻨﻤﺎي دەۋﯦﺮﯨﯔ... − دﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪن.
ـــ ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ »ﺗﯧﺸﻰ ﭘﺎل - ﭘﺎل، ﺋﯩﭽﻰ ﻏﺎل - ﻏﺎل«. دەرﺳﺨﺎﻧﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﯩﺪۇ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪر ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ دەرﺳﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ راۋان، ﺋﺎزادە، ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﭼﻮڭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺑﺎﻟﯩلار دەرﺳﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟاﺗﺎﻣﺪۇ - ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﯟاﺗﺎﻣﺪۇ، ﻛﺎرﯨﻤﯩﺰ ﻳﻮق، ﭘﻪﻗﻪت ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪت دەرس ﺗﻮﺷﺴﯩلا ﺑﻮﻟﺪى دەپ ﻳﯜرۋاﺗﯩﻤﯩﺰ.
ـــ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ دەﻳﺴﯩﺰ؟
ـــ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰﻏﯘ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﻛﺎدﯨﺮلار ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، دەرﮬﺎل ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎرﺧﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﯕلار، دەپ؛ ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﻛﺎدﯨﺮلار ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪر ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﯘرۇش ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎرﺧﯩﭙﯩﻨﻰ ﭼﺎلا ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﺴﯩﻠﻪر، ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﯕلار، ۋاﻗﺘﻰ ﺋﯜچ ﻛﯜن دەپ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺗﻮپ ﻛﺎدﯨﺮلار ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﻳﯘﻗﯘم ﻣﯘداﭘﯩﺌﻪﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﭘﺴﯩﻠﻪر، ﮬﻪر ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮدﯨﻦ ﺋﺎرﺧﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﯕلار دەپ، ﻳﻪﻧﻰﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﻛﺎدﯨﺮلار ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، دەرﮬﺎل دەرﺳﻨﻰﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﯩﯖلار ﻧﻮﭘﯘس ﺋﯧﻨﯩﻘلاﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﯖلار، دەپ... ﻣﺎﻧﺎﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺟﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ دەﯕﺎ، ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﻠﻰ دﯦﺴﻪك ﺗﺎﻏﺎردا ﺑﯩﺮﺟﻪرﯨﻤﺎﻧﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎر، ﺑﯘﻣﯘﻣﯘﮬﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪر، ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﯩﺴﻪك ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈۋاﺗﯩﺪۇ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ دﯦﮕﻪن ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯘق ـــ ﺋﺎﺳﺎس، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ــ ﻳﺎدرو، ﺷﯘﻧﺪاﻗﻘﯘ؟ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﻛﺎدﯨﺮلار ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺰﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﭙﯩﺘﻪك، ﺑﯩﺴﻪرەﻣﺠﺎن ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘرﺳﺎق، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎز، ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖﺟﯩﻖ ﺗﯘرﺳﺎ، ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮ دەرﺳﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺋﯘﺟﯘر - ﺑﯘﺟﯘرﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﭘﺎرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ دەﻳﺴﯩﺰ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺷﻪﻧﺒﻪ، ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ، ﮬﯧﻴﺖ - ﺑﺎﻳﺮام، ﺗﻪﺗﯩﻞﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﻳﻪم ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق دﯦﺴﻪك، ﻗﺎﻗﺸﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻐﯘ؟
ـــ ﺳﯩﺰﭼﻪ ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﻰﺋﺎﻣﺎل ﻗﺎﻳﺴﻰ؟
ـــ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻚ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﯘدەك ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﻟﯩﻠلا ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﺴﺎ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺷﺴﻪ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﺸﺴﻪ، ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺗﯩﭙلارﻧﻰ ﭘﺎت - ﭘﺎت ﺑﺎﮬﺎلاپ ﺗﯘرﺳﺎ، ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘرﺳﺎ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﺎ.
ــــ رەﮬﻤﻪت، ﺳﯩﺰﮔﻪ، ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﯟاﺗﻘﺎن ﻧﯘرﻏﯘن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﻰ دەپ ﺑﻪردﯨﯖﯩﺰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ دادﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘپ، رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ - ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯘﻧﯘپ ﺗﯘرۇڭ.
ﺑﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺷﯘﻛﻰ، ﺳﻪزﮔﯜرﻟﯩﻜﯩﻤﯩﺰ زﯨﻴﺎدە ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻣﺪۇ - ﻗﺎﻧﺪاق، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖﺑﯩﺮەر ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪﺋﯘﺟﯘﻗﺘﯘرۇۋﯦﺘﯩﺶﻗﻪﺳﺘﯩﺪە ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. دەرﺳﺨﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﯕلاۋاﺗﻘﺎن دەرس ﭘﻪﻗﻪت ﺋﺎﯕلاﺷﻘﯩلا، ﻛﯚرۈﺷﻜﯩلا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ، ﭘﯘراپ، ﺗﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺋﯚز ﻣﯧﯖﯩﺴﻰ ۋە ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن دوراپ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﺳﺎپ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻧﯩﻤﺠﺎن »ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎدەم« ﺳﯩﻤﺎن ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن دەرﺳﺨﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺷﯘ ﺳﻪۋەب ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪاق دەﻳﺪۇ: ﺋﻪي ﻧﯩﻤﺠﺎن دەرﺳﺨﺎﻧﺎ، ﺑﯧﺸﯩﯖﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜر!
ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ:
»ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪەك ﺋﯚزﮔﻪرﻣﻪﻳﺪﯨﻜﻪن، ﭼﻮﻗﯘم ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ۋەﻳﺮان ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.«
ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪاق دەﻳﺪۇ:
ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﭘﻪرۋا ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻳﻮﺷﯘرۇن ۋە ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ »ﻛﯧﺴﻠﯩﻤﯩﺰ«ﻧﻰ داۋالاﺷﻘﺎ ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺗﯘﺗﯘش ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﭘﺎرﻗﯩﺮاق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎس ﭼﺎﻗﻨﺎپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﭼﺎﻗﻨﺎق ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎرلارﻧﻰ ﻛﯚرەﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟


   

11

تېما

0

دوست

1998

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15446
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 578
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 22:04:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﻳﯩﺮاﻗﻨﻰ ﻛﯚرەرﻟﯩﻚ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎﺑﯜﮔﯜﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﭘلا ﻗﻪدەﻣﺪە ﺑﯩﺮ ﺑﯘرﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪپ ﺗﯘرۋاﺗﻤﯩﺰ. ﺑﯘرﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯩﮕﻪﻧﻨﻰ ﭼﺎﻧﺪۇرﻣﺎي، <ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪت ـــ ﻏﺎﻟﯩﺒﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ> دﯦﮕﻪن ﭘﻪﺗﯩﯟا ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪزﻟﻪپ، ﺋﺎﻏﺰى - ﺑﯘرﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﭘﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯧﻘﯩﭙلا ﻗﻮﭘﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎرﯨﻤﯩﺰ. ﮬﺎزﯨﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯘرﺳﺎﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﺪەك ﻳﺎﻛﻰﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە ﺗﻪرﯨﭙﻠﯩﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯘﻧﺪاق ﮔﯜزەل، ﻧﯘراﻧﻪ، داﻏﺪام ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺳﯚز ﺋﺎﭼﺎلاﻳﻤﯩﺰ؟


ياخشى يىزىلغان تىما بوپتۇ. مىنۇت -سىكۇنىت كىچىكتۈرمەي ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك مەسىللەركەن
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21871
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 22:29:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
..تەنھا.. يوللىغان ۋاقتى  2013-9-27 22:04
ﻳﯩﺮاﻗﻨﻰ ﻛﯚرەرﻟﯩﻚ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎﺑﯜﮔﯜﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﭘلا ﻗ ...

      بىز قاچانغچە شۇئار تولاپ يۇرەمىزكىن. يابىر ئەمىلى ھەركىتمىزنىڭ تايىنى يوق.ئامرىكانلار،ياپونلار ياسغان بەزىبرماشنا ئادەملەر بىزدىن ئېشىپ كىتىپ بارىدۇھازىر.

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

11

تېما

4

دوست

5496

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1602
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 23:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە زادى ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎق ﻗﺎﻣﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎق ﻗﺎﻣلاﺷﻤﺎﻳﯟاﺗﯩﺪۇ؟ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺠﺮاﭼﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺠﺎدﻛﺎرﻣﯘ؟ ﻳﻮﻟﺪاش ﺟﻴﺎڭ زﯦﻤﯩﻦ: <ﺋﯩﺠﺎدﻛﺎر ﺋﻪۋلادلاردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﯕلار!>دﯦﮕﻪﻧﺪە، ﻧﯧﻤﯩﻨﻰﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺘﺘﻰ؟ ﻳﻮﻟﺪاش دﯦﯔ ﺷﻴﺎۋﭘﯩﯖﻨﯩﯔ:<ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ـــ ﭼﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪە> دﯦﮕﻪن ﺳﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ <ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت>ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﮔﻪ دوﮔﻤﯩلارﭼﻪ ﺗﻪدﺑﯩﻘﻠﯩﺪۇﻗﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺠﺎدﻛﺎرلارﭼﻪﻣﺎﺳلاﺷﺘﯘردۇﻗﻤﯘ؟

بۇلارنىڭ مۇنداقلا دىگەن گەپلىرىنى خۇددى كاتتا بىر پەيلاسوپنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلغاندەك كىرگۇزىۋالغانلىقنى كۇرۇپلا ماقالىنى ئۇقۇغۇم كەلمىدى. مائارىپ دەپ مىڭ ۋالاقشىغان ماقالىدىن مائارىپقا، تەربىيلەشكە قەتئىي مۇناسىۋەتسىز (100% مۇناسىۋەتسىز) مۇشۇنداق گەپلەرنى قىستۇرۇپ ، يەنە شۇ كونا پەدىدىكى ماقالە. مىڭ قاقشاش، دەپدەبىلىك سۆزلەر، مەسىلىنىڭ يىلىتىز تىلغا ئېلىنمايدۇ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى زىنھار مۇھاكىمىگە كىرگۇزۇلمەيدۇ. قاقشاش خالاس.

مائارىپتىكى مەسىلە: شۇ ساھەدىكىلەر مائارىپنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەسلىك، بالا تەربىيلەشنى تېخىمۇ بىلمەسلىك، 1+1 =2 نى ئۆگەتسە مائارىپ دەپ قاراش، مائارىپتا ئەركىنلىك يوق، پىكىر ئەركىنلىكى يوق، ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۇقۇتقۇچىغا، ئۇقۇتقۇچىنىڭ يۇقىرىغا تەكلىپ بىرىش، بېسىم قىلىش ھۇقۇقى يوق، بىر قەدەم مېڭىشتىن تارتىپ يۇقىرىدىن كونترول قىلىۋېلىش، شۇنىڭ بىلەن ھىچكىمگە خىزمەت، ئۇقۇش خوش ياقماسلىق.
بارلىق مەكتەپلەرنى شەخسىي قىلىۋەتسە، شەخسلەر ئۆزى خالىغانچە پىراگرامما بەلگىلەپ، خالىغاننى ئۆگىتەلىسە، مەكتەپنى قانداق ماڭدۇرىمەن دىسە ماڭغۇزالىسا، ھەممە ئۆزلۇكىدىن ھەل بۇلىدۇ.  ھازىرقىدەك يۇقىرىدىكى پوق قوساق باشلىقلارنىڭ دىگىنى ئىجرا قىلسا ھىچنىمە ھەل بولمايدۇ.
ئىشقىلىپ بۇنداق يىغىندى كېسەللىكلەر مائارىپتىلا ئەمەس، ھەممە يەردە بار، ھەممىسىنىڭ سەۋەبى بىرلا.

100% جەزىم قىلىمەن، نۇرغۇن ئۇقۇتقۇچىلار ۋە ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپتىن بىزار.

ئەلقانات

0

تېما

10

دوست

3905

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 1070
توردىكى ۋاقتى: 469
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 01:02:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alkanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-28 01:07  

مائارىپىمىزدىكى نۇقسانلانى خېلى سىستېمىلىق ئېچىپ بېرىپتۇ. لېكىن ھېلىقى دېھقاننىڭ ھېكايىسىدە «51مىڭ يۈەنگە بىر نەسىللىك موزاي سېتىۋاپتۇ» دېگەن گەپ باركەن. ئەسلىدە 15 مىڭ يۈەن دېمەكچى بولسىمۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر بىلەن بەشنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قېلىپ شۇنداق يېزىلىپ قالدىمۇ قانداق؟

3

تېما

1

دوست

2363

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3467
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 392
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 256
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 10:04:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئائىلە جەمىيەت بارلىق مەسئولىيەتنى مەكتەپكە يۈكلەپ قويدى، يېزىدىكى ئاتا-ئانىلار تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، شەھەردىكىلەر بولسا، مائاشىنى كۆز-كۆز قىلىپ ئاخىرى چىقماس سورۇن، ئولتۇرۇش، قاتار چايلار بىلەن ئالدىراش، رەستە-رەستىلەردە كىيىمنى شۇنچە ئىنچىكە تاللاپ ئالىدۇكى شۇ ۋاقتىنى پەرزەنتىنىڭ كۈندىلىك تاپشۇرۇقىغا، ئوقۇتقۇچىسى بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئاجرىتىشنى خالىمايدۇ.
يەنە تېخى مەكتەپلەردە بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئۇموميۈزلۈك يامراپ كەتتى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە قاتتىق تەسىر قىلىپلا قالماستىن مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان قىزلارنى بىخ ھالىتىدىلا ئىپپتىدىن ئايرىماقتا.
ئەسلىدە مەكتەپ ، ئائىلە، جەمىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلگەندىلا ئاندىن ئۈمىد تۇغۇلاتتى، ئەمما ھازىر بارلىق مەسئولىيەت ئوقۇتقۇچىغا يۈكلىنىپ قالدى.

1

تېما

3

دوست

737

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   47.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18335
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 216
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 10:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشزى يېزىلىپتۇ تىما ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىللەرنى ئېچىپ بېرىپتۇ . ئەمما مۇشۇلارنى مائارىپقا مەسئول خادىملار ،مەكتەپ مودېرلىرىنىڭ كۆرىدىغانغا ۋاختى چىقسا ،مائارىپ ھەققىدە ئۇلارمۇ ‹‹ھەقىقى›› ئويلىنىپ باقسا ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىغىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلسە ،ئۇلارنىڭ دەرىستىن سىرتقى ۋاختىنى ئايىغى چىقماس ئارخىپلارنى ئىشلەشكە ئەمەس كەسپى ئۈچۈن ئىزدىنىشكە كۆپرەك ۋاقىت ئاجىرتىش پۇرسىتى يارتىپ بېرىلسە ...

2

تېما

0

دوست

1771

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 524
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 11:47:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        مائارەپ ئەمدى ئوڭشالماسمۇ ؟ بىزلەرنىڭ مائارىپ ھوقۇقىمىز ئەمدى قايتۇرۇپ بېرىلمەسمۇ ؟ مۇشۇنداق ئىلىم-پەن يۇكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان  مەدەنىيەتلىك دۇنيادا مۇشۇنداق  ۋەيرانچىلىقلارنىڭ بولىۋاتقىنىغا پەقەت ئىشەنگۇم كەلمەيدۇ .  

0

تېما

5

دوست

1157

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   15.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 330
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 12:29:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەجەپ ئەتىراپلىق، ياخشى تەھلىل قىلىپسىز.

ئاۋۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەكلىپ پىكىرى بولىدىكەن.

0

تېما

0

دوست

1840

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 530
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 12:49:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىل باشلىق ھۆججەتلەرنىڭ تولىلىقىدىن ، ئاخىرى يالغان ئېيتىشقا مەجبۇرمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )