قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4552|ئىنكاس: 8

ئاتاقلىق تۈركولوگ ، پروفېسسور گابائىن خانىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

88

تېما

0

دوست

9201

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1621
تۆھپە : 1881
توردىكى ۋاقتى: 2948
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 02:51:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
   مۇھەممەت يۈسۈپ

       گابائىن خانىم ( Anne MarleVonGabain)  تۈركىي تىللار ، بولۇپمۇ قەدىمكى زامان تۈركىي تىللىرى ، جۈملىدىن ئۇيغۇرتىلى ، شىنجاڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، دىنى ، گۈزەل سەنئىتى  جەھەتتە ئۆمۈر بويى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە . ئۇنىڭ بۇ ھەقتە يازغان مەخسۇس ئەسەرلىرى ئون نەچچىدىن ، ئىلمىي ماقالىلىرى ( جۈملىدىن مۇھىم تەقرىزلىرى ) 200پارچىدىن ئاشىدۇ .
      ھازىرقى دۇنيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر ، غەربىي گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق تۈركولوگ گابائىن خانىمنى زامانىمىزدىكى تۈركولوگلارنىڭ سەركەردىسى دېيىشكە مۇناسىپ .
     ئۇ پېنسىيىگە چىقىشتىن ئىلگىرى ھامبۇرگ ئۇنىۋىرىستىتېدا تۈركولوگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بۇددا دىنشۇناسلىقى بويىچە پروفېسسور بولغان ۋە گېرمانىيە ئورال – ئالتايشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى ۋە ئورال – ئالتايشۇناسلىق يىلنامىسى › نىڭ مەسئۇل باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى قىلغانىدى . ئۇنىڭ تۈركولوگىيە خىزمىتىنى قىلغانىدى. ئۇنىڭ تۈركولوگىيە جەھەتتىكى ئاجايىپ تۆھپىلىرى بولغانلىقىدىن تۈركىيە ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمەتلىرىگە كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلغان ، شۇنىڭدە 1971- يىلى خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق جەمئىيىتى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
      پروفېسسور گابائىن خانىم 1901- يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى مورچىنگېن Morehengen) --- ھازىر فرانسىيىگە قاراشلىق ) دېگەن يەردە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىدە گېنېرال بولغان . گابائىن خانىم 1920- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن بېرلىن داشۆسىدە تۈركىي تىللار سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقى ۋە خەنزۇشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن . 1926- يىلى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغان . ئاندىن كېيىن ، گېرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە كىرىپ ، تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنى ئوقۇش – تەتقىق قىلىش بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىپ كەلدى .( گېرمانىيە XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 1- دۇنيا ئۇرۇشىغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ، تۆت قېتىم تۇرپان ، كۇچا قاتارلىق جايلاردا ئارخېئولوگىك قېزىش ئېلىپ بېرىپ ، شىنجاڭدىن قەدىمكى تىلدىكى نۇرغۇن قوليازمىلارنى ئېلىپ كەتكەنىدى ) . گابائىن خانىم 1929-1934 – يىللىرى ئارىلىقىدا ئۇۋىلى بانگ بىلەن ئالتە توملۇق ‹ قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى تۇرپان يازما تېكىستلىرى › نى ئېلان قىلغان . بۇ ئۇلار تەتقىق قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدا يېزىلغان بۇددا دىنىي ۋە مانى دىنى يازما تېكىستلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ‹ قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدا يېزىلغان مانى دىنىدا شامال ئىلاھى ھەققىدىكى پارچىلار › ( 1928- يىلى ) ، ‹ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما پارچىلار ئۈستىدە تەتقىقات › ( 1930- يىلى ) قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان . ئۇ 1931- يىلى بېيجىڭغا كېلىپ ، ئېلىمىزنىڭ پروفېسسورى يۈەن پۇلى شىنجاڭدىن ئەكەلگەن ، بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ‹ شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى › نى تەتقىق قىلغان ۋە 1933-يىلى كۈزدە پارىژدىكى گۇيمېت مۇزېيىدا ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى ›نىڭ باشقا بىر نۇسخىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە 1935- يىلى ‹ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى › دىكى خەت – چەكلەر ›قاتارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان . ئۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا كېيىنرەك ‹قەدىمكى زامان تۈركىي تىللار گرامماتىكىسى › ( 1941- يىلى ) دېگەن دەۋر بۆلگۈچ ئەسىرىنى يازغان . ئۇنىڭ بۇ كىتابى قەدىمكى تۈركىي تىللار ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ، تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسىي پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     پروفېسسور گابائىن خانىم قەدىمكى تۈركىي تىللار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە ، ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىنى تەتقىق قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن . ئۇ 1945- يىلى ‹ ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلى گرامماتىكىسى › دېگەن كىتابنى ئېلان قىلغان . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇ ھازىرقى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەل ئەدەبىياتى قوشاق ، داستان قاتارلىق تۈرلىرى ) گىمۇ ناھايىتى قىزىققان .
      پروفېسسور گابائىن خانىم 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، 1949- يىلىدىن باشلاپ ھامبۇرگ ئۇنىۋىرىستىتېدا  ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان . 50- يىللاردا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ، ‹ قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى تۇرپان يازما يادىكارلىقلىرى ئۈستىدە تەتقىقات › نىڭ 8- ، 9- ، 10- توملىرىنى ئېلان قىلغان . 1957-يىلى مايىنزى ( Mainz ) شەھىرىدە ساقلىنىۋاتقان ‹ مائىترى سىمىتنىڭ ئۇچرىشىشى › نى ئېلان قىلغان . 1961- يىلى بۇ ئەسەرنىڭ شەرقىي بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر قىسمىنى تېپىپ ئېلان قىلغان . ئۇ يۇقىرىقىلاردىن باشقا ، خەلقئارا نوپۇزلۇق ئەسىرى ــــ ‹ تۈركىي تىللار ئەدەبىياتى ئاساسلىرى › ئۈچۈن يازغان ‹ قەدىمكى تۈركىي تىللار ئەدەبىياتى › ، ‹  قەدىمكى كۈسەن ئەدەبىياتى › قاتارلىق مەخسۇس ماقالىلىرىدە قەدىمكى تۈركىي تىللار ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلغان .
       پروفېسسور گابائىن خانىم تۈركىي تىللار بويىچىلا ئەمەس ، بەلكى تۈركىي خەلقلەر تارىخىي ، بولۇپمۇ مەدەنىيەت تارىخىي جەھەتتە مۇتەخەسسىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . 40- يىللارنىڭ ئاخىرى ، 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا ‹ قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىدا شەھەرلەرنىڭ رولى › ( 1949- يىل ) ، ‹ ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى تارىخى › ( 1952- يىل ) ، ‹ بۇددا دىنى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا › ( 1954-يىل ) قاتارلىق مۇھىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان . ئۇ 60-يىللاردىن باشلاپ ، تۇرپان رايونىنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى ، دىنىي ئەھۋالى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن پائال شۇغۇللانغان . بۇ جەھەتلەردە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ، ‹ ئىدىقۇت قەدىمكى ئۇيغۇر ۋاڭلىقى ›  ( 1961- يىل ) ، ‹ قەدىمكى تۇرپان رايونىنىڭ باسما سەنئىتى › ( 1967-يىل ) ‹ ئىدىقۇت قەدىمكى ئۇيغۇر ۋاڭلىقىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى › ( 1973- يىل ) قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان .
      پروفېسسور گابائىن خانىمنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا ياراتقان مەڭگۈ ئۆچمەس تۆھپىلىرىدىن باشقا ، تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر قىممەتلىك ئەمگىكى --- ئۇزاق مۇددەتلىك ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ئۇ گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر تۈركۈم تۈركولوگلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى . بۇلاردىن بەزىلىرى زامانىمىزدا خەلقئارادىكى مەشھۇر ئالىملاردىن بولۇپ قالدى. مەسىلەن ، ياپونىيىلىك فۇيافۇ ، دانىيىلىك ئاسموسسېن ، تۈركىيىلىك شىناسى تېكىن ، ئامېرىكىلىق ئېلسې لاۋدىې سىرتاۋتاس ( ژۇرنىلىمىزنىڭ 1987-يىل 12- سانىدا تونۇشتۇرۇلدى ) ، گېرمانىيىلىك ك. رول بورىن قاتارلىق پروفېسسورلارنىڭ ھەممىسى ھامبۇرگ ئۇنىۋىرىستېتىدا ئۇنىڭ ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلىرى . پروفېسسور گابائىن خانىم جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى ، پېشقەدەم تىلشۇناس ، تارىخشۇناس بۇرھان شەھىدىنىڭ تەكلىپى بويىچە ياشانغانلىقىغا ۋە ئارىلىقنىڭ يىراقلىقىغا قارىماي، 1982-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولدى . زىيارەت جەريانىدا ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئالىملىرىغا ۋە خىزمەتچىلىرىگە ‹ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىرىدىن بۇيانقى تۈركىي تىللاردىكى يازما يادىكارلىقلىرى ›، ‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويما رەسىم سەنئىتى ۋە جۇڭگو › ، ‹ خەلقئارا ئورال – ئالتايشۇناسلىق ئىلىمىي جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالى › ، ‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تام رەسىمى سەنئىتىدىكى خەنزۇلارنىڭ تەسىرى › دېگەن تېمىلاردا ئىلمىي دوكلات بەردى . ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي ياكى شىنجاڭ تارىخىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر نەچچە ئالىملار بىلەن كۆرۈشۈپ ، قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە ئالىملىرىمىزمۇ چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . گابائىن خانىم سورىغان سوئاللارغا قىسقىچە جاۋاب بەردى ياكى يىپ ئۈچى بىلەن تەمىن ئەتتى . ئۇ يەنە غەربىي گېرمانىيە ئورال – ئالتايشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى ، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەھۋاللىرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى . ئۇ ئېلىمىزنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە يۇقىرىقى تېمىلاردا كۆپ قېتىم ئىلمىي دوكلات بەردى. تۇرپان ، دۇڭخۇاڭغىمۇ بېرىپ، ئېكسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قىلدى.
       گابائىن خانىم ئۆمۈر بويى تۇرمۇش قۇرماي ، ئۆزىنى ئىلىم – پەنگە بېغىشلاپ ، تۈركولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە . بىز دۇنيا تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا ئالەمشۇمۇل تۆھپە قوشقان ۋە دۇنيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەڭگۈلۈك دوستى ھەم قېرىندىشى بولغان ھۆرمەتلىك پروفېسسورنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە ھەمدە يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى يارىتىشىغا تىلەكداشمىز . 
 
پايدىلانمىلار : « جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقاتى خەۋەرلىرى » نىڭ ئالاقىدار سانلىرى

مەزكور ئەسەر باغداش تورىغا خاس  ،ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ :  رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ !
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

2

تېما

0

دوست

1296

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1811
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 348
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 14:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گابائىن خانىمنىڭ تۇرمىشىغا بەخىت ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ،
ئاڭلاشلارغا  قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا ھون ئىمپىرىيسى زامانىسىدا ھونلار گىرمانىيەگىچە
بىرىپ ھاكىمىيەت تىكلىگەن ،ۋە ياۋرۇپانىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىغا كۆرنەرلىك ھەسسە قوشقان. كىيىن بۇ ئىمپىرىيە زاۋاللىققا يۈزلىنىپ ياۋرۇپادىن چىكىنگەندە نۇرغۇن ھون ئۇيغۇرلىرى گىرمانىيەدە يەرلىكلىشىپ قالغان ، بەزى تارىخچىلار ھازىرمۇ  تۈرۈكلەر بىلەن گىرمانلىقلارنى ئوخشاش تەبىيقىدىن دەپ ئىزاھلىماقتا ،
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

2

دوست

9709

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1149
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2337
تۆھپە : 1429
توردىكى ۋاقتى: 418
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 13:26:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمانلارنى ئورمانلىقلاردىن قىپ-يالىڭاچ قوغلاپ چىقىرىپ ئۈستىگە كىيىم-كېچەك ئارتىپ قويغانلار دەل شۇ ئاتىللانىڭ ھونلىرى،شۇ دەۋرلەردە گېرمانلار ياۋايىلار،بەدىۋىلەر دەپ ئاتىلىدىكەن.مانا بۈگۈنگە كەلگەندە شۇ <ياۋايى>لارنىڭ ئەۋلادلىرى بىزنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.
<ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت>دىگەن شۇ بولسا كېرەك.
سامانلىقنىڭ ئاچقۇچى تېگىپ قالسا،كۆرەڭلىگەن ئىتلار!

0

تېما

0

دوست

3124

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3980
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 750
تۆھپە : 465
توردىكى ۋاقتى: 536
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 10:34:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گابائىن خانىمنىڭ ھازىرقى زامان ھەرقايسى تۇرۇك قەۋىملىرى ئوتتۇرسىدا تالاش تارتىش بولىۋاتقان مەنبەلەر توغرىسىدا يېزىلغان يازمىلىرى بارمىدى؟ ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلار
........ئەجرىڭلارغا ئالدىن رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

2701

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3581
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 650
تۆھپە : 388
توردىكى ۋاقتى: 502
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 01:04:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[quote]بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى hon~oghliدە2011-05-14 14:09يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
گابائىن خانىمنىڭ تۇرمىشىغا بەخىت ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ،
 گابائىن خانىم ھاياتمۇ؟

بىلگەنلەر بىلەن

25

تېما

5

دوست

7847

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3266
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1893
تۆھپە : 1116
توردىكى ۋاقتى: 698
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 16:31:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گابائىن خانىمنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى بىھىساب. ئايال ئالىملار ئىچىدە ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئىلىم-پەنگە ئاتىغان ئۇنىڭدەكتىن يەنە بىرىنىڭ چىقمىقى تەس. (گەرچە بۇنداق بولىشىنى تەستىقلىمىساممۇ) شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدە «مەريەم ئانا» دەيدىغان نامى بار.
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...

0

تېما

0

دوست

923

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5805
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 220
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2012-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 23:09:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئشلىرىغا ئاسانلىق بەرسۇن........
1477195539@qq.com

0

تېما

0

دوست

105

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5663
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 105
تۆھپە : 63
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-13 00:48:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىك يازغۇچىمىز زوھۇرۇدىن سابىرنىڭ«ياۋرۇپاغا سەپەر»ناملىق ساياھىتىدە گابائىن خانىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بايان قىلىنغان.89-يىللارغۇ دەيمەن.شۇ ۋاقىتتا 80دىن ئىشىپتىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )