قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4038|ئىنكاس: 18

جوڭگۇ ساقچىلىرىنىڭ ك گ ب جاسۇسلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

635

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21920
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 18:27:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئاساسىي مەزمۇن:20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ ئاخىرى جوڭگۇ – سوۋېت مۇناسىۋىتى بارغانچە يىرىكلەشكەن، جىن باۋداۋ توقۇنۇشى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىر مەيدان يۇشۇرۇن كۆرەش باشلانغان ئىدى.   
     20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ ئاخىرى جوڭگۇ – سوۋېت مۇناسىۋىتى بارغانچە يىرىكلەشكەن، جىن باۋداۋ توقۇنۇشى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىر مەيدان يۇشۇرۇن كۆرەش باشلانغان ئىدى.
     ك گ ب 1970- يىلى يازنىڭ بىر كۈنى جوڭگۇغا ئۈچ جوڭگۇلۇقتىن تەشكىللەنگەن جاسۇسلۇق گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن. ئۇلار سوۋېت – جوڭگۇ چېگراسىدىكى قېلىن ئورمانلىق ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر ئورمان رايۇنىغا كىرگەن. ئۇلار شۇ جايدىكى بىر دۇكانغا كىرىپ مال ساتقۇچىغا «مۇدەن» ماركىلىق تاماكا سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ تاماكا چوڭ – كىچىك شەھەرلەردە پىلانلىق تەمىنلەيدىغان داڭلىق ماركىلىق تاماكا بۇلۇپ، چەت، يىراق جايلاردىكى كىچىك دۇكانلاردا سېتىلمايدىغان بولغاچقا مال ساتقۇچى ئۇلاردىن گۇمانلىنىپ، ئەينى چاغدا پۈتكۈل جوڭگۇلۇقلار بىلىدىغان سىياسىي ھەركەت ھەققىدە سۇئال سوراپ: ئىدارەڭلەردە «ياپون ئىشپيۇنلىرى، جياڭ جيېشى باندىنت ئىشپيۇنلىرى، سوۋېت ئىشپيۇنلىرىنى پاش قىلىش، خائىنلارغا زەربە بىرىش» ھەركىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ دەپ سورىغان. بىراق بۇ ئۈچ جوڭگۇلۇقنىڭ بۇنىڭدىن قىلچە خەۋىرى بولمىغاچقا «ئىشپيۇن، خائىن» دېگەننىڭ نىمىلىكىنى سورىغان. قىزىقارلىقى بۇ چاغدا ئارىدىكى بىر جوڭگۇلۇق مال ساتقۇچىغا دۆلەت ئىچىدە ئاللابۇرۇن ئوبۇرتتىن توختىغان ئۈچ يۇەنلىك قەغەز پۇلنى تەڭلىگەن. مال ساتقۇچى بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ جاسۇسلۇق سالاھىيىتىنى جەزىملەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ساقچىلارغا تۇتۇپ بەرگەن.

        جېن باۋداۋ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ك گ ب جوڭگۇنىڭ جەمىيەت ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان جاسۇسلارنى قۇبۇل قىلىپ، جوڭگۇ ئاخباراتىنى توپلاش خىزمىتىدىكى پاسسىپ ھالەتنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ بارغان جوڭگۇلۇقلارنى جاسۇسلۇققا قۇبۇل قىلغان.      1967- يىلى جوڭگۇدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ بارغان ۋاڭ يەن «ۋانا» جاسۇسلۇق مەكتىۋىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. ۋاڭ يەن مەدەنىيەت ھەم پىسخىكا ساھەسىدىكى ئارتۇقچىلىقى سەۋەپلىك ك گ ب نىڭ ئەتىۋارلىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ ئوقۇشنى تاماملاپ، 1972- يىلى ئىيۇندا شىنجاڭنىڭ ئەرتىش پورتىدىن ئۈتۈپ، بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. ئۇ ئۈرۈمچى شەھرىدە يۇشۇرنۇپ يۈرگەن جاسۇسلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئاخبارات تارقاتقاندىن كېيىن، ئەتىسى ئۈرۈمچى باغچىسىغا كىلىپ، بىر پارچە بۇيرۇقنى مەلۇم ئۇچرىشىش ئورنىغا قۇيۇپ، ھاجەتخانىغا ماڭغان. باغچىدا ئايلىنىپ يۈرگەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى لاۋ ليۇمۇ ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولغاندا بىر يىگىت ئۇنىڭدىن بىر قەدەم ئاۋۋال ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتكەن. ئۇ ئامالسىز سىرتتا ساقلاپ تۇرغان. بىراق ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھاجەتخانىدىن ھەربى فورما كىيگەن بىر ئەر چىققان. لاۋ ليۇ بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ ئۇنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. ئەپسۇسلىنارلىغى لاۋ ليۇ باغچىدىن چىققۇچە بولغان ئارلىقتا بىرەيلەن ئۇنىڭ فوتو ئاپراتىنى ئوغۇرلىۋالغان.
     ۋاڭ يەن باغچىدىن چىقىپ، پويىز بېلىتى سېتىۋېلىپ بېيجىڭغا ماڭغان. بۇ جەرياندا چېگرا مۇداپىيە ساقچىلىرى چارلاش جەريانىدا ئەرتىش پورتىدا بىرەيلەننىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن ئاياغ ئىزىنى بايقىغان. شۇ كۈنى كەچتە يەنە چېگرا مۇداپىيە ساقچىلىرى چەتئەلگە تارقىتىلغان مەخپى تېلىگراممىنى تاپشۇرۋالغان. چېگرا مۇداپىيە ساقچى تەرەپ دەرھال بۇنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلغان. ج خ مىنىستىرلىكى دەرھال تەكشۈرۈشكە ئاتلانغان. مۇتىخەسىسلەر بايقالغان ئاياغ ئىزىدىن چېگرادىن ئۆتكۈچىنىڭ 25، 26 ياشلار ئۆپچۆرىسىدە ئىكەنلىكى، مەخپى تارقىتىلغان تېلىگراممىدا شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ باتالىيۇن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنى تەڭشىگەنلىكى، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرلۇش بىڭتۇەنى بىرىنچى سەپ نۆۋەتچى روتىسى قوراللىرىنىڭ يېڭىلانغانلىقى ئېيتىلغانلىقىنى ئېنىقلىغان. شۇنداق قىلىپ ساقچىلار بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ، دەسلەپتە لاۋ ليۇنىڭ فوتو ئاپراتىنى ئوغۇرلىۋالغان ئوغرىنى تۇتقان. كېيىن لاۋ ليۇنى تېپىپ ئۇنىڭدىن ھاجەتخانىدىن چىققان ياش ئەسكەرگە ئالاقىدار ئىشلارنى ئىگىلىگەن. كېيىن ۋوگزال خادىمىدىن بۇ كىشىنىڭ بېيجىڭغا كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ك گ ب نىڭ ئەتىۋارلاپ .ىشلىتىۋاتقان جاسۇسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ساقچى تەرەپ ئۇنى ئىش قوغلاپ تەكشۈرۈپ، تورنى كەڭ يېيىپ، بېلىقنىڭ چوڭىنى تۇتماقچى بولغان.
     ۋاڭ يەن بېيجىڭغا كىلىپ، يېخېيۇەن باغچىسى ئالدىدا مالىنوف بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇيرۇق بۇيىچە شېنياڭغا بېرىپ، شېنياڭ ھەربى سانائەت پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى جاڭ مېڭفېي بىلەن ئالاقىلەشكەن. جاڭ مېڭفېي ك گ ب نىڭ راستىنلا ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالغان. چۈنكى ئۇ 1959- يىلى يازدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق زىياپەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتىخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ كاتىپى رېساغا كۆيۈپ قالغان. ئەمەلىيەتتە بۇ جاڭ مېڭفېيغا قۇرۇلغان تۇزاق بۇلۇپ، رېسا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرىشكەن. ۋاڭ يەن ئۇنىڭغا بىر مىكرو تىپلىق فوتو ئاپرات بىرىپ، مەركەزنىڭ ھۆججى ھەم ئالاقىدار ھەربى ئەسلىھەلەرنىڭ ماتىرياللىرىنى سۈرەتكە تارتىپ بىرىشنى ئېيتقان. جاڭ مېڭفېي بۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ تىگىشلىك ھەققە ئىرىشكەن. ئۇ ھەققە ئىرىشكەندىن كېيىن ليۇ يۈنيۈن ئىسىملىك بىر ئايال بىلەن غەيرى مۇناسىۋەتتە بۇلۇپ يۈرگەن. كېيىن جاڭ مېڭفېي يېنىدىكى 3000 يۇەن بىلەن تۇتۇلغان. ساقچى تەرەپ بۇنچە كۆپ پۇلنىڭ كىلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ك گ ب جاسۇسىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ساقچى تەرەپ كۆپلكىگەن يىپ ئۇچىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ ۋاڭ يەن قاتارلىق ك گ ب جاسۇسلىرىنى تۇتماي، ئۇلارنى  داۋاملىق كۈزەتكەن. ۋاڭ يەن كېيىن يەنە «7051» قۇرۇلىشى مەخپىيەتلىكىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا ج خ مىنىستىرلىكى ئۇنىڭغا دەرھال تۇتۇش بۇيرىقى چىقارغان. شۇنداق قىلىپ ك گ ب نىڭ ۋاڭ يەن قاتارلىق بىر قاتار جاسۇسلىرى غەلىبىلىك قولغا چۈشكەن.
   

alkANAT

0

تېما

10

دوست

3527

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 958
توردىكى ۋاقتى: 432
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 22:34:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەسى قېنى بۇ تېمىنىڭ؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

804

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13007
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 23:26:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇ «ك گ پ» دىگەننىڭ تولۇق ئاتىلىشى زادى نىمە؟ بىلىدىغان تورداشلارنىڭ يوللاپ قويۇشىنى سورايمەن.

pakat rabimizla bizga hidayat

12

تېما

10

دوست

5412

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9586
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1066
تۆھپە : 926
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 23:45:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاسۇسلارنىڭمۇ  يۇشۇرۇنۇشقا ئانچە  ئىپى يۇق  بولغىيمىتى؟؟؟

0

تېما

2

دوست

4793

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11691
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 445
تۆھپە : 1126
توردىكى ۋاقتى: 328
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 23:55:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qoldikibulah يوللىغان ۋاقتى  2013-9-27 23:26
موشۇ «ك گ پ» دىگەننىڭ تولۇق ئاتىلىشى زادى نىمە؟ بىلىدى ...

ئۇيغۇرچە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى دېگەن مەنىدە ئىكەن.
ئورۇسچە Комитет Государственной Безопасности يېزىلىدىكەن. ك گ ب دېگنى ئورۇس تىلىدىكى ئىسمىنىڭ قىسقارتىلمىسى ئىكەن.

0

تېما

1

دوست

804

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13007
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 00:06:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
112 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-27 23:55
ئۇيغۇرچە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى دېگەن مەنىدە ئىكە ...

رەھمەت،بىلىۋالدىم.

11

تېما

0

دوست

8951

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   79.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2023
تۆھپە : 1363
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 11:31:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاسوسلىرىمۇ دۆت كىلىدىكەن بۇلارنىڭ .

1

تېما

1

دوست

734

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10274
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 139
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 12:35:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ زاماندىكى جاسۇسلارنىڭ قابىليىتى شۇنچىلىكتۇ ،ياكى سوۋىت تەرەپ شۇنچىلىك ئادەملەرنىلا تاپالىغاندۇ ؟ كىنولاردىكىدەك جاسۇس نەدە دەيسىلەر بۇرادەرلەر ......

0

تېما

0

دوست

307

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   3.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17306
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 12:59:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىم دېگەن لەقۋا جاسسوس بۇلا ،

0

تېما

0

دوست

312

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14498
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 13:16:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار شۇ ۋاقىتتىمۇ شۇنچىلىك دۆتكەن....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )