قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1081|ئىنكاس: 23

تاشپولات: ماتېماتىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىڭنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

93

تېما

15

دوست

4062

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 211
تۆھپە : 1298
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 07:35:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-29 07:36  

ماتېماتىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىڭنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە

تاشپولات روزى

ماتېماتىكا,ئۇ بىر دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپقان ياكى تاپمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسلىق بىلىملەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بارلىق كەسىپلەرنىڭ ئانىسى ھەم ئاتىسىدۇر. ئىتالىيەنىڭ ئۇلۇق فىزىكا ئالىمى ھەم نىسبىيلىك نەزىريىسىنىڭ ئاساسچىسى گالىلى مۇنداق دەيدۇ: "ماتېماتىكا بىلمەي تۇرۇپ دۇنيانى چۇشۇنۇش مۇمكىن ئەمەس" ، گىرمانىيەنىڭ ئۇلۇق ماتەماتىكا ھەم فىزىكا ئالىمى گائۇس مۇنداق دەيدۇ:  "ماتېماتىكا ئىلىم-پەننىڭ پادىشاھىدۇر".  ئىلىم-پەن ئالىملىرى نەزىرىدە ماتېماتىكىغا سەل قارىغان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆز كەسپىدە ئالاھىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر توۋەن بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ماتېماتىكىسىز ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. بۇرۇن ماتېماتىكىنىڭ بىئولوگىيىدە قوللىنىشى نۆلگە تەڭ دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدۇق. بىراق ھازىر بىئولوگىيە ساھەسى ماتېماتىكىنى ئەڭ كوپ قوللىنىدىغان ساھەگە ئايلاندى. ھەتتا بىئولوگىيىلىك ماتېماتىكىمۇ بارلىققا كەلدى. چەتئەللەرگە چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇرلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماتېماتىكىدا ياخشى ئوقۇغانلاردىن ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بالىلىرىمىزنىڭ ماتېماتىكا دەرسلىرىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە ئۇلارغا مۇشۇ جەھەتتە كۆپرەك ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. ئۇنداق بولسا ماتېماتىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ مەن تۆۋەندە بۇ تېمىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

ماتېماتىكا بىلىملىرى ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىدىن باشقا ئۇ يەنە مەلۇم دەرىجىدە رىقابەت تۈسىنى ئالغان ئىلىمدۇر. ماتېماتىكا، ئۇ ھۈنەرنىڭ ۋە ياكى ماھىرلىقىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇنى ئۆگىنىش ئۈچۈن چوقۇم كۆپلەپ مەشىق قىلىش كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قولىڭىزدا چوقۇم قەلەم ۋە يەنە ئالدىڭىزدا قەغەز بۆلىشى كېرەك. ماتېماتىكا ھەرگىزمۇ شاگىرت ئۇستىسىنىڭ قىلغىنىنى كۆرگەندەك كۆرۈپ قويۇش بىلەن ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئوقۇتقۇچىڭىز سىزگە ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئاسان چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن، ئەمما سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلەپ مەشىق ئىشلىگەندىلا، قايتىلاپ-قايتىلاپ مەشىق ئىشلەش جەريانىدا ئۇنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىنى چۈشكەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ فورمىلىرىنى يېشەلەيسىز، سىز ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئۆزگىچە ماتېماتىكا ئۆگىنىش ئۇسۇل يوق! ماتېماتىكا ئۆگىنىش مۇزىكىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چېلىشقا، كومپيۇتېردا خەت بېسىشقا ياكى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تۈپتىن ئوخشايدۇ. سىز مەيلى باشقىلار ئىشلىگەن ماتېماتىكىغا ئائىت ۋىدىئولارنى كۆرۈڭ، ياكى كۆپلىگەن ماتېماتىكا كەسپىگە ئائىت كىتابلىرىنى ئوقۇڭ، ئەگەر سىز كۆپلەپ مەشىق ئىشلىمىسىڭىز ئۇ سىز ئۈچۈن يەنىلا بەرىبىر. مەسىلەن داڭلىق ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچى كوبې برياننىڭ ۋاسكېتبول ئوينىغان ۋىدىئولىرىنى كۈنىگە نەچچە قېتىملاپ كۆرسىڭىزمۇ، ئەگەر ئۆزىڭىز مايدانغا چۈشۈپ مەشىقلەرگە قاتناشمىسىڭىز ياخشى ۋاسكېتبولچى بولالمىغىڭىزغا ئوخشاشلا بىر ئىش. شۇڭا ماتېماتىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆپلەپ مەشىق قىلىشىڭىز ھەم يادلىشىڭىز كېرەك.

ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلغان ئوقۇغۇچى چوقۇم تۆۋەندىكى ئەڭ ئاساسلىق 6 باسقۇچقا قەتئىي رايە قىلىش كېرەك.

1. كۈندىلىك دەرسىگە چوقۇم تولۇق قاتنىشىشى كېرەك. 2. سىنىپتا خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك. 3. كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چۈشىنىش كېرەك. 4. بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ھەر كۈنى قالدۇرماي ئىشلىشى كېرەك. 5. ئەگەر ياردەمگە موھتاج بولسا چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىدىن ياكى ساۋاقداشلىرىدىن سورىشى كېرەك. 6. ئۆگەنگەنلىرىنى كۈنىگە دېگۈدەك تەكرارلاش كېرەك.

ئىزاھات:

1. ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىش ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئوقۇغۇچى بىر كۈن دەرستىن قالسا ، بولۇپمۇ ماتېماتىكا دەرسىدە باشقىلارغا يېتىشىۋېلىشى قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچى ئامال بار دەرس تاشلىماسلىققا كاپالەت قىلىشى كېرەك. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ياخشى بىر نەتىجە ئېرىشىش ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس قالدۇرماسلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

2. خاتىرە قالدۇرۇش ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن بىر مۇھىم قىسمىدۇر. ئوقۇغۇچى خاتىرە قالدۇردى دېگەنلىك، ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگىنىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى دېمەكتۇر. ئوقۇغۇچى خاتىرە قالدۇرغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز دەرھال قولىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىدىن سوئال سورىشىڭىز كېرەك. ئۇنى ھەرگىزمۇ مۇنداقلا ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ. مەن ۋەتەندە ياكى ياپوندا ئوقۇغان ۋاقتىمدا سوئال سوراشقا بەك ئامراق ئىدىم. بەزى ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچى بىلەن بىرەر تېما ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتكەن ۋاقتىممۇ بولغان. بۇنداق دېگەنلىكىم ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇرۇشۇڭ دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭكىنى توغرا دەپ قارىسىڭىز ئوقۇتقۇچىغا ھەرگىزمۇ يول قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئوقۇتقۇچىمۇ ئىنسان، ھەرقانداق ئىنسان سەۋەنلىكتىن ۋە خاتالىقتىن خالىي ئەمەس.

3. ئوقۇغۇچى دەرستىن كېيىن چوقۇم ماتېماتىكا دەرسلىكنى ئوقۇشى كېرەك. ئۇنى ئوقۇپ چۈشەنمىسە قايتا ئوقۇش كېرەك. ماتېماتىكىدىكى بەزى ئېنىقلىمىلارنى چۈشىنىش تەسكە توختايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنى مەجبۇرى يادلاش كېرەك. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھېلىقى بىر چاغلاردا سىز يادلىلاپ چۈشەنگەن بىلىملەر ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى بايلىقىڭىزغا ئايلىنىدۇ.  ماتېماتىكا كىتابلىرىنى ئوقۇغاندا ھەربىر خام سۆزگە دىققەت قىلىش كېرەك. ماتېماتىكىلىق كىتابلار ئەدەبىي، تارىق ۋە ئۇنۇڭدىن باشقا كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇ تېخنىكىلىق مەسىلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، سىز ئۇنى ئاستا، دىققەت بىلەن، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقۇشىڭىز كېرەك. ھەرگىزمۇ ئالدىرىماڭ، قۇرلارنى تاشلاپ ئۆتۈپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ . بىر قېتىمدا چۈشەنمىسىڭىز ئۇنى قايتا ئوقۇڭ. ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە ۋاقىت كېتىدۇ. قايتا-قايتا ئوقۇپمۇ چۈشەنمىسىڭىز ئۇنى چوقۇم ئوقۇتقۇچىڭىزدىن سوراپ بىلىۋېلىڭ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتكۈم كېلىۋاتىدۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكتىن سىرتقى قوشۇمچە ماتېرىياللارنى كوپ كۆرىدۇ ۋە ئۇنى سىنىپتا ئۆتۈلگەن دەرسلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ . مېنىڭچە كوپ ماتېرىيال كۆرگەندىن كۆرە سىنىپتا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئوز ۋاقتىدا چۈشىنىپ مېڭىش بەكرەك مۇھىم. ئەمما دەرسلىكتىن سىرتقى كۆنۈكمە كىتابلاردىكى مەسىلىلەرنى يەشسىڭىز بۇنىڭمۇ سىزگە ناھايىتى ياخشى ياردىمۇ بولىدۇ.

4. تاپشۇرۇق ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلەش سىزنىڭ دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ياخشى ئىگىلىشىڭىزگە ناھايىتى چوڭ رولى بولىدۇ. مۇمكىن بولسا كىتابتىكى بارلىق مەشىقلەرنى قالدۇرماي ئىشلەش كېرەك. مەن ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدا دەرسلىكتىكى بارلىق مەشىقلەرنى ئىشلەشتىن سىرت يەنە مەشىقلەر توپلاملىرىنىمۇ ئەكېلىپ ئۇنىڭدىكى مەشىقلەرنىمۇ ئىشلەيتتىم.

5. دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ياخشى چۈشەنمىگەن ھەم دەرستىن كېيىن ئۇنى ئوقۇپمۇ چۈشەنمىگەن بولسىڭىز، دەرھال ئوقۇتقۇچىنى تېپىپ ئۇنىڭدىن بىلمىگەنلىرىڭىزنى سورىشىڭىز ياكى مەكتەپنىڭ ياردەم قىلىش مەركەزلىرىگە بېرىپ سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بۈگۈن چۈشەنمىگەن نەرسىلەرنى ئەتىگە قويۇپ قويماڭ.

6. كۈنىگە تەكرارلاش دېگىنىمىز ھەر كۈنكى دەرسلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇش ھەم بۇرۇن ئۆتۈلۈپ كەتكەن دەرسلەرنى قايتا ئوقۇش دېگەنلىكتۇر. دەرسخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن كېلەر قېتىملىق دەرسلەرنى بىر قۇر كۆزدىن ئۆتكۈزۈپ چىقىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا يېڭى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ياخشى چۈشەڭىلى بولىدۇ.

7. ئاخىرقى سوز. بەزى ئوقۇغۇچىلار "مەن ھازىرغىچە ماتېماتىكىدا ياخشى بولمىغان" ياكى "مەن ماتېماتىكىغا ئۆچ" دەپ ئۆز-ئۆزىگە ماتېماتىكىلىق ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. بۇ قاراشلار ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ يولىنى ئەتىپ تاشلاپ، ئوقۇغۇچىدا پاسسىپ روھىي ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ. ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا دەرسنى تاللىغانىكەن، چوقۇم ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى كېرەك. مەسىلەن: مەن چوقۇم بۇ ماتېماتىكا دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىمەن، ئەگەر ياخشى تىرىشسام چوقۇم ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيمەن، دېگەنلەردىن ئىبارەت. مېنىڭچە ھەممە ئادەم ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ. بۇنۇڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىدا ئالدىن بىلەن ماتېماتىكىنى ئۆگىنەلەيمەن دېگەن ئاڭ تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك. ئوز –ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ دەسلەپكى ئاچقۇچىدۇر. ھەممىڭلارنىڭ ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ ئوز كەسىپلىرىڭلاردا دۇنياۋى شان- شەرەپلەرنى قولغا كەلۈرسىڭلارغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.
math1.jpg

مېنىڭ دەرس ئۇتۇۋاتقان ۋاقتىم

مېنىڭ دەرس ئۇتۇۋاتقان ۋاقتىم

5

تېما

1

دوست

1411

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6259
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 185
تۆھپە : 321
توردىكى ۋاقتى: 273
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 12:47:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aptapliq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-29 13:11  

بۇ ماقالىڭىزنىمۇ بېسىپ چىقىرىپ تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ئوغلۇمغا ئوقۇتىمەن. تاشپولاتكا، سىزدىن بەكمۇ سۈيۈنىۋاتىمىز.قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىزنى ياخشى ئۇچۇرلار،ياخشى تەجىربىلەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.ماتېماتىكا ئۆگۈنۈش ھەقىقەتەن مۇھىم.سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز بىزنىڭ ماتېماتىكا ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقىمىزغا ئىلھام بېرىپلا قالماي يەنە قانداق ئۆگۈنۈش توغرىسىدا ياخشى ئۇسۇللار بىلەن تەمىن ئىتىدىكەن. سىزدىن بەك تەسىرلەندىم. ئامېرىكىدىكى بىر ئالى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن بىز ئۈچۈن  ۋاقىت چىقارغىنى ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ.
مۇشۇ تاپتا سىزنى «تور كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنى» دەپ قارايدىغان،تورغا كىرسە ئىناۋىتى چۈشۈپ كېتىدىغاندەك  ،ھەممىگە قۇلاقنى يۇپۇرۇپ تۇرىۋالىدىغان،ۋاقتى سىزدىنمۇ ئالدىراش  (توي،چاي،يىغىن،سورۇنلار بىلەن)بىر قىسىم ئاتالمىش ئالىم، پەيلاسوپ،«ئۇلۇغ»لىرىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالدىم، كىچىك پېئىللىكىڭىز،ئادىمىلىكىڭىز ۋە مىللەت سۈيەرلىكىڭىز بىلەن قەلبىمدىكى سىمايىڭىز تېخىمۇ نۇرلىنىۋاتىدۇ.ھېلىقىلارنىڭ سىماسى بارا-بارا خۇنىكلىشىۋاتىدۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

54

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 1661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2571
تۆھپە : 4408
توردىكى ۋاقتى: 3273
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 13:04:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تېمىڭىزغا، تونۇشتۇرۇلغان تەجىربە ،ئۇسۇللارنىڭ ئەمەلى ئۆنۆمى چوڭ بولىدۇ.

مەن «قېنى ،مۇنازىرە قىلىپ باقايلى»دىگەن بىر تېما يېزىپ قۇيدۇم ،مۇبادا ۋاقتىڭىز يەتسە تەنقىدى نەزەردىن ئۈتكۆزۈپ،خاتالاشقان بولسام ئاگاھلاندۇرۇپ قويغايسىز.

54

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 1661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2571
تۆھپە : 4408
توردىكى ۋاقتى: 3273
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 13:10:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار مۇۋاپىق كۇرسە بۇ تېمىنى نادىرلاش تەكلىۋىنى بېرىمەن.

0

تېما

1

دوست

912

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   82.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 13:20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز .....بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆز تەپەككۈرىنىڭ تېيىزلىغىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئويلانمايدۇ .باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئوقۇيدىغانلىغىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەي ،ئۇنى بىر خىل يۈك دەپ قارايدۇ .مېنىڭچە ،ئۇنداق ئەمەس ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنى ساغلاملاشتۇرغۇچى گېمناستىكا ، تەپەككۈر ماتېماتىكىدىن ئايرىلسا قىممىتى قالمايدۇ .
ئۇ چاغدا ئىنساننىڭ سۆزى  ئىتنىڭ ھاۋشۇغىنى ،ئىشەكنىڭ ھاڭرىغىنى ،توخۇنىڭ چىللىغىنى بىلەن ھىچ بىر پەرقى يوق بولۇپ قالىدۇ  .

0

تېما

0

دوست

1478

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 13:37:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە پەنگە تەدبىقلىنىۋېرىدىغان ئۇسۇللاركەن،بالامغىمۇ كۆرسىتەي،رەھمەت سىزگە!

for ark

34

تېما

14

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4217
تۆھپە : 3454
توردىكى ۋاقتى: 871
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 14:02:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ قانداق قىلغاندا ماتىماتىكىنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ دىگەن سوئالىغا بېرىلگەن تەپسىلى جاۋاب بولۇپتۇ.
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.

6

تېما

0

دوست

1250

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 149
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 14:03:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھ،مەن ئامىرىكغا قاچان بارارمەن؟

0

تېما

21

دوست

2481

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1012
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 14:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ماتىماتىكا ئۈگىنىش ئوقوتقوچىغىمۇ باغلىق.ئوقوتقوچى ئوقوغۇچىلارنىڭ قىززىقىشىنى قوزغىيالىسا مىنىڭچە ھەممەيلەن بۇ پەننى تىرىشىپ ئۈگىنىدۇ.
بىزنىڭ ئائىلىدە ھەممەيلەن ماتىماتىكىنى بەك ياخشى ئۈگىنەتتوق.ئاخىر بىر ئىنىم ئىچكىردىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئالىي ماتىماتىكا ئوقوشنى تاماملاش ئالدىدا...
ئاللا خالىسا ئۇمۇ بىر ئىككى يىلدىن كىيىن ئاسپىرانتلىق ئوقوشنى ئۈرۈمچىدە تاماملىسا ئاندىن ئاللاھ ئىگىمىز نىسىپ قىلسا دوكتورلوق ئوقا.
مەنمۇ چوقوم كەسپىمدىن دوكتورلوققىچە ئوقويمەن دەپ داۋاملىق تىرىشىۋاتىمەن، ئىنشائاللا 2 يىلدىن كىيىن ئاسپىرانىتلىق بىرىپ تاكى دوكتورلوققىچە ئوقويمەن.

0

تېما

0

دوست

1120

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5209
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 249
توردىكى ۋاقتى: 418
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 17:06:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق تىمىنى نادىرلىماي قانداق تىمىنى نادىرلايسىلە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )