قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 682|ئىنكاس: 5

قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

3

دوست

2995

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3467
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 394
تۆھپە : 664
توردىكى ۋاقتى: 281
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 12:36:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنى ياخشى
     تەربىيلىگىلى بولىدۇ
        
ئابدىراخمان رىشىت

      پەرزەنت ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەزەلدىن كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق تېمىلارنىڭ بىرسى بولۇپ كەلدى. قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنى ساغلام ھەم ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ؟ بۇ كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ باش قاتتۇرىدىغان مەسلىسى. مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبەمنى بىرلەشتۈرۈپ قىشقىچە ھالدا پەرزەنت تەربىيلەش ھەققىدىكى بىر نەچچە نوقتىلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتسەم.

    بىرىنچى:بالىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر نوقتىدا تۇرۇپ، ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىش.
  
  نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىغا مۇئامىلە قىلىشتا ئەڭ كۆپرەك ئىشلىتىدىغىنى بۇيرۇق ئىشلىتىش،ئۆزىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويىۋىلىپ بالىنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئورنى بىلەن ئويلاشماي ئۇلارغا بۇيرۇق ئىشلىتىش. بالىغا مۇستەقىللىق ئېڭى، ھۆرمەتلىنىش تۇيغۇسى بېرەلمەي، پەرزەنت بىلەن ئەركىن ئازادە، دوستانە سىردىشىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. پەرزەنت كۆڭلىدە ئاستا-ئاستا ئاتا-ئانىغا بولغان بېكىنمىچىلىك، ئۆزىگە بولغان تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ. بۇ بالىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە خاراكتىرىنىڭ ئاجىز، مەسىلە بىر تەرەپ قىلىشتا لايغەزەل، كۆپچىلىككە ئارلاشماي بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتىشىگە ئاساسىي سەۋەب بولىدۇ. ئىلگىرىكى ‹تاياق توقماق ئاستىدا ۋاپادارپەرزەنت يېتىشىپ چىقىدۇ› دېگەن ئىدىيە گەرچە ئەنئەنىۋى جوڭگو جەمىيىتىدە مەلۇم ئاساسى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئۇسولنى قوللىنىشنىڭ زۆرۆرىيىتى بولمىسا كېرەك. بۇنىڭ ئورنىغا ‹بالىنى ھۆرمەتلەش› تەك ئىللىق ئۇسولنى قوللانساق، بالىنىڭ ئۆزىنى تونۇشى، ئۆزىگە ئىشىنىشى، ئۆزقەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلىشى ئاستا-ئاستا يۇقىرلاپ ئىناق بولغان ئائىلە كەيپىياتىنى يارىتىپ بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن دەسلەپكى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
    
ئىككىنچى:بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ تەربىيلىنىشىگە دىققەت قىلىش.
   
     بالىدا ئاكتىپ ھالدا قول سېلىپ ئىشلەش، كاللا ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزى يولۇققان مەسلىلەرنى دادىللىق بىلەن سىناپ بېقىشقا، ھەل قىلىشىغا قويۇپ بېرىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان زىيادەئامراقلىقى بەزىدە بىرخىل زىيانكەشلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بالىلارنى ئاسراش كۈيۈنىش پىسخىكىسى بىلەن ھەممە ئىشلارنى ئۇلارغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ چارچاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمما بۇ پەرزەنتلەرنىڭ مۇستەقىل ھالدادۇنيانى تونۇش، جەمىيەت بىلەن ئۇچرىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش ئىقتىدارىغا زور دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىدۇ دە مەسلىگە يۇلۇققاندا ئامال ئىزدىمەستىن ئاتا-ئانىغا يۆلىنىۋىلىش پىسخىكىسى كۈچىيىدۇ. ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆز-تۇرمۇشىنى ئىدارە قىلىشى ناھايىتى تەسكە چۈشىدۇ. ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلىرىنى مەسلىلەرنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى،ھەرخىل مەجبورىيەت ئەمگەكلىرىگە قاتناشتۇرۇشى بۇ ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ  مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان، مۇستەقىل مەسىلە بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئۆزلۈك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
   
ئۈچىنچى:بالىدا ساغلام بولغان كىشىلىك پەزىلەت يېتىلدۈرۈش.
   
        يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن پەرزەنتلەر ئۆسۈپ يېتىلىپ چوڭ بولغاندا بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىلا بېكىنىۋىلىش، چېكىنىش ھالىتىدە بولماقتا. يەنە بەزىدە توساتتىن ئويلىمىغان خىياللارنى تېپىپ چىقىپ باشقىلاردىن ئاغرىنىپ خۇدادىن زارلىنىپ ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ھاياتىنى تەھدىتكە ئۇچراتماقتا. بۇنداق مەسلىلەرنىڭ چىقىشىنى نۇرغۇن ئامىللاردىن كۆرسەكمۇ ئەمما شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى: ئاتا-ئانىنىڭ بالىنىڭ بالىنىڭ ساغلام كىشىلىك پەزىلىتىگە سەل قارىغانلىقى تۈپ سەۋەبتۇر. بۇ شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام بولغان پىسخىكا، توغرا بولغان دۇنيا قاراش، ئېسىل كىشىلىك قىممەت قارىشى تىكلەش، باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويالايدىغان، ھەمما تەرەپتىن پىكىر قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيلەشكېرەك.
   
تۆتىنچى:بالىنىڭ شەخسىيەتسىز ھالدا تۆھپە قوشۇش ۋە بېغىشلاش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش.
   
      ھەممەيلەنگەمەلۇم، ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلىرىنىڭ بىرىنچى ئوقۇتقۇچىسى. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالا بىلەن ئەڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچرىشىدۇ ۋە ئۇنى تەربىيلەيدۇ. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئۇل تېشىنى سېلىشقا ئاساس بولىدۇ. بالا گۈدەك ۋاقتىدا بىر نەرسىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ئىش-ھەركىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، ئىش قىلىشتامەنپەئەتنى كۆزلىمەي بېغىشلاش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بالىنىڭ قانداق ئىشقا يۇلۇقىشىدىن قەتئىينەزەر باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيىسىنى يېتىلدۈرۈپ، جاپا-مۇشەققەت، راھەت-پاراغەتتە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىككە تولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
     يۇقارقى پىكىرلەر بالا تەربىيلەشتىكى بىر نەچچە يۈزەكى تەھلىللەردۇر. ئوقۇتۇش ۋە بالاتەربىيىسى بولسا ئۇزاق مەزگىللىك ۋە تەخىرسىز ۋەزىپە بولۇپ، ھەر قايسى ئاتا-ئانابولغۇچىلارنىڭ بالا بىلەن ئورتاق تونۇش، ئورتاق نىشان ھاسىل قىلىپ، گۆش بىلەن قاندەك مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ساغلام ۋە لاياقەتلىك بولغان، مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغان ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىنى، ئىناق، خۇشال-خورام بولغانئائىلە مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ ئۇماق پەرزەنتلەرنىڭ سەبىي قەلبىنى مۇھەببەت نۇرلىرى بىلەن جۇلالاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

0

تېما

7

دوست

2799

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 834
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 01:11:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پايدىلىنىش قىممىتى يۇقېرى تېما يوللاپسىز، رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3826
توردىكى ۋاقتى: 741
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 02:06:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ،پەرزەنىتلەر پىسخىكىسى ۋە پەرزەنىت تەربىيسىگە ئايىت تىمىلار بىزدە بەكلا ئاز

5

تېما

4

دوست

3197

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16924
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 990
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 10:41:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى بۇلتۇر بوۋاقلار تورىدا كۆرگەندەك قىلغان...

4

تېما

3

دوست

2995

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3467
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 394
تۆھپە : 664
توردىكى ۋاقتى: 281
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 17:19:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uqkun0908 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-30 10:41
بۇ تىمىنى بۇلتۇر بوۋاقلار تورىدا كۆرگەندەك قىلغان...

پاكىت بىلەن سۆزلەڭ، رەھمەت.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4857
توردىكى ۋاقتى: 1410
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 22:53:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى بار تېما ئىكەن . بىز ئاتا-ئانا ۋە ئۇستازلار  ھەممىمىز مۇشۇنداق  تېمىغا قىزىقىمىز.مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن دوستۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )