سۈر ھەيۋىلىك ئەركەكلەر قېنى؟
ئەرلەر بولسا دۇنيانىڭ تۈۋرىكى ،ئەرلەرنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى ،ئەقىل –پاراسەت سۈر ھەيۋىلىرى ئارقىلىق تاغلار تالقان چۆللەر بوستان بولۇپ ،دۇنيا تەرەققىياتى ئىلگىر سۈرۈلدى ،بىخەتەر زامان بەرپا بولۇپ ،ئانىلار ،بالىلار مىھرى –مۇھاببەتكە تويۇندى مانا مۇشۇنداق غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيەت ئېڭىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن كەلگەن . مەن يۇگۇسلاۋىيە كىنوسى 《كۆۋرۈك》،ھون ئىمپىراتۇرى《ئاتتىللا》،《سىپارتاك》دېگەن تارىخى فىلىملەر ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ دۇنياغا ،ۋەتەنگە ،مىللەتكە ،يۇرتقا مەسئۇل بۇلۇش ئېڭىنىڭ ئۈستۈن بۇلىشى بۈيۈك تارىخ يارىتىدىكەن دەپ ئويلىدىم ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەشقەر ئوپالدا ئۆتكەن 3 ۋىلايەت قەھرىمانى ئەنجان باينى سېغىندىم ،چۈنكى ئەنجان باي ئۆزى ئوقۇمىغان ،كەمبەغەل ئائىلىدە چوڭ بولغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ ئەركەكلىك غورورى ،ئەنجان باينى بەكلا ئەقىللىق، پاراسەتلىك، ۋىژدانلىق قلىۋەتكەن. ،ئۇ پەۋقۇلئاددە يوغان بوي بەستىنى ،ئاز ئۇچرايدىغان كۈچ تۈڭگۈرلىكىنى ئاياللارنى خارلاشقا ،ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا ئىشلەتمەستىن،ئۆز يۇرتىدىكى قىز –ئاياللارنىڭ ئار نومۇسىنى قوغداشقا ئىشلەتكەن .يۇرتى، مىللىتىگە مەسئۇل بولۇش ئۈچۈن بارلىقىنى ئايىماي ئاخىرقى تىنىقىگىچە دۈشمەن بىلەن ئوزى يالغۇز نەچچە كېچە جەڭ قىلىپ ئاخىرى ئوز ئىسسىق قىنى بىلەن ئەركەكلىك ئۇلۇغ روھىنى تارىخقا قالدۇرۇپ كەتكەن . ھازىر ئويلاپ باقايلى، مۇشۇنداق ئەركەكلىرىمىزدىن نەچچىسى بار ؟بەزى ئەرلىرىمىز جەمىيەتتىكى مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىش ئاياقتا تۇرسۇن كىچىكىنە بىر ئائىلىسىدىكى خوتۇن –باللىرىغا مەسئۇل بولالماي ،كۆزلىرىدىن قان ياشلار ئېقىپ تۇردىغان بەخىتسىز ئاياللارنى ،قەلبىي بەخىت تۇيغىسىغا چۆمۈلەلمەي ،كىچىك تۇرۇپ بۇ دۇنيانىڭ مىھرى مۇھاببىتىگە قانالماي ،كۆزلىرىدىن ئاتا مىھرى سېغىنىشلىرى چىقىپ تۇردىغان ،كۈلىدىغان ،غەمسىز ،دەرتسىز, بىغۇبار دەۋىرلىرىنى كۆزلىرىنى ياشلاش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان نۇرغۇن- نۇرغۇن سەبىيلىرىمىزنى جەمىيىتىمىزدە كۈندىن -كۈنگە كۆپەيتىۋەتمەكتە .بىزنىڭ بەزى ئۇيغۇر ئەرلىرىمىز بۇ دۇنياغا ھاراق ئىچكىلى ،ئاق تاماكا چەككىلى ،نىشە چەككىلى ،ماجاڭ ئوينىغىلى ،ھەر خىل سورۇنلاردا كۆڭۈل ئاچقىلى ،خوتۇنلىرىنى ئۇرغىلى ،بالىلىرىنى دادىسىز يىتىم قالدۇرغىلى كەلگەنمۇ؟زادى نىمە قىلغىلى كەلگەن دىگىلىرىم كېلىپ كىتىدۇ. مەن ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى مەلۇم رايۇندىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەش ئۈچۈن ،ئاياللار بىلەن سۆزلەشتىم ،بۇ رايۇننىڭ ئىختىسادى كىرىمى باشقا رايۇنلاردىن خېلىلا تۆۋەن رايۇنغا كىرىدىكەن ،70 ،80 پىرسەنت ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ئوخشايدىكەن ،ئەرلىرى ھاراق ئىچىدىكەن ،نىشە چىكىدىكەن ،بالىلىرى ئاق چىكىدىكەن ،ھەم نىشە چىكىدىكەن ،پەرزەنتلىرنىڭ جىنايەت ئوتكۈزۈپ تۇرمىغا كىرىپ تۇرشى ئادەتتىكى ئىش ئىكەن ،ئاياللار ئائىلە قىيىنچىلقىنى قانداقلا قىلسا ئوز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن ،بەزىلىرى ئامالسىزلىقتىن پۇلدار ئەرلەر بىلەن ئارلىشىش ئارقىلىق ،ھەر خىل سورۇنلارغا بېرىپ پۇل تېپىش ئارقىلىق ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى قامدايدىكەن،ئۇلار بىزگە ئامال يوق ،بىز مۇشۇنداق قىلىپ باللىرىمىزنى باقمىساق ،ئۆقۇتمىساق، ئائىلىمىزنى قامدىمىساق بولمايدۇ ،ئەرلىرىمىزنىڭ ئائىلىنىڭ ھوددىسىدىن چىققىدەك ئىختىدارى يوق دەيدۇ.مۇشۇنداق ئۆز مەجبۇريىتىنى ئۇنۇتقان ئەرلەرمۇ ئۆز ئەركەكلىكىنى پەش قىلىپ ھاراق ئىچىپ،نىشە چىكىۋېلىپ ئائىلە زوراۋانلىغى قىلىپ خوتۇن بالىلىرىغا داۋاملىق ئازار بېرىدىكەن ،بۇ رايۇندىكى ئانىلار بالىلار تولىمۇ جاپاكەش بەخىتسىز ئىكەن .بىز بۇ يەردە ئائىلىنى قوغداش پەرزەنتلىرنى بېقىش ئۈچۈن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق پۇل تاپقان ئاياللارنى ئەسكى دەمدۇق ؟ياكى ،ھاراق ،تاماكا ،نىشىسىنى چىكىپ مەھەلىسىدىن بىر قەدەممۇ نېرى كېتەلمەيدىغان لالما ئىتتەك يۈرگەن ئەرلەرنى ئەسكى دەمدۇق ؟مۇشۇنداق ئائىلىسىنى نادان قالدۇرۋاتقان ئۇيغۇر ئەركەكلىرىمىزدىن يەنە نەچچە مىليونلىرى باردۇر ؟ئۇلارغا قاچان ئىمان ئىنساپ بېرەر ؟بۇنداق ھاراق شاراپ ناشايان ئىشلار بىزنىڭ ئىتىقادىمىزغا بەكلا يات ،لىكىن بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدە خېلى كۆپ ،ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر قىسىم ئەرلىرىمىز ئىتىقادسىزلىنىپ كەتتىمۇ قانداق؟ھازىر بىر قىسىم ئەرلىرمىز ھەتتا ئۆزىگىمۇ مەسئۇل بولالماي ئاجىز ئايالىنىڭ ھىمايىسىدە ،ياكى ئۇلارغا تايىنىىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ ،ئائىلىدىكى ئەركەكلىك سىىھرى كۈچىنى ،سۈر ھەيۋىلىرىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتىدۇ ،پەرزەنتلەر ئۇمۇمەن ئانىلارنىڭ تەربىيسىدىلا بولىۋاتىدۇ ،شۇڭا بەزى خوتۇن بالىلار سۈر ھەيۋىسىنى يوقاتقان بۇ ئەركەكلەنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ ،ھېيىقمايدۇ ،باشقۇرشىغا بوي سۇنماي،نۇقتىسىز ،كۈشەندىسىز ئادەملەرگە ئايلىنىپ مىللەتنىڭ ساپاسىنى ۋە يۇز ئابرويىنى توكىۋاتىدۇ . مەن بۇ يەردە ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان بىر ئىشنى مىسالغا ئالغىم كېلىۋاتىدۇ . مەن بىر كۈنى بىر قىز ئوقۇغۇچۇمنى تېۋېزىيە ئىستانىسىغا بىر ئىش بىلەن ئاپارماقچى بولۇپ مەلۇم بىر كوچىدا چۈشتىن كېيىن دەل سائەت 3 كىچە كېلىپ بولۇڭ ،ھەرگىز كېچىكمەڭ بولمىسا كېچىكىپ قالىمىز دەپ تېلفوندا بەكلا تاپىلىدىم ، مەن دىگەن ۋاقىتتىن 5 مىنوت بۇرۇن بېرىپ ئوقۇغۇچۇمنى ساقلىدىم ،لىكىن ئوقۇغۇچۇم 3:15 ئۆتكىچە كەلمىدى ،مەن بەكلا بىئارام بولدۇم ئىچىمدە شۇنداق تاپىلىساممۇ يەنە ۋاقتىدا كەلمىدى دەپ رەنجىىپ تۇرسام ئۇدۇل كوچىدىن يۈزلىرى قىزارغان ھەم شۇنداق ھەسىرگەن ھالدا ئالدىمغا يۈگرەپ كەلدى ،-مۇئەللىم كەچۈرۈڭ، مەن دادامدىن ئاپتۇۋۇزدا ئولتۇردىغانغا پۇل ئالاي دىسەم دادام ئۇخلاۋېتىپتىكەن دادامنى ئويغاتقىم كەلمەي يۈگرەپ كەلدىم، دىگەنتى مېنىڭ بىر دەمدىلا ئاچچىقىم يېنىپ بۇ قىزنىڭ دادىسىغا بولغان ھورمىتىدىن شۇنداق سۆيۈندۈم ،چۈنكى بۇ قىز 5،6 بېكەت يولنى پىيادە مېڭىپ جاپا تارتىشقا رازى بوپتىكى دادىسىنىڭ ئارامىنى بۇزۇشنى ھەرگىز خالىمىغان ،بۇ قىزنىڭ بۇ كىچىكىنە ئىش ھەركىتىدىن بۇ دادىنىڭ ئائىلىدىكى ،جەمىيەتتىكى مەسئۇليەت ،مەجبۇريەت ئېڭىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلىگىنى ،ئوزىنىڭ ياخشى پەزىلىتىنى ئائىلە ئۈچۈن ،چىكىسىدىن تەر چىققىددەك تىرشىپ خىزمەت قىلىش ،نەتىجە يارتىش ئارقىلىق ،ئۇنسىز ھالدا تىرىشساڭ قەدىرلىنىسەن دىگەن ،قەدىرلەش ،ھورمەتلەش تۇيغۇسىنى پەرزەنتىگە سىڭدۈرگەنلىگىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .شۇڭا بۇ دادا پەرزەنتىنىڭ ھورمىتىگە ،قايىللىقىغا ئېرىشكەن ،مۇشۇنداق مەسئۇليەتجان دادىلارنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا چوڭ بولغان پەرزەنتلەر كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى ئېنتايىن ياخشى پەزىلەتلىك ،ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ ،ئەگەر ھەممە دادىلار مۇشۇنداق ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە ياخشى تەسىر كۆرسىتەلىگەن بولسا بىزنىڭ ئۇيغۇر جەميىتىمىز گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتىۋالغان بولاتتى. ھازىر جەمىيىتىمىزدە ھەر خىل كۇرسىلار كۆپىيىپ كەتتى ،مەسىلەن :تىل ئۆگۈنۈش ،تىككۈچىلىك قىلىش ،ھۆسۈن تۇزەش ،ئۇسۇل –مۇزىكا ئۆگۈنۈش دىگەندەك ،مەن بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان بىر كۇرۇس ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر دەپ ئويلايمەن ،ئۇ بولسىمۇ قانداق قىلغاندا مەسئۇليەتچان ئەر بولىسىز ؟دىگەن نامدىكى ئەرلەرنى تەربىيلەش كۇرسى ئېچىش ،جەمىيەتتىكى ئۇتۇق قازانغان مەسئۇليەتچان ئەرلەر،خوتۇن ،باللىرىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىپ ئۇلارغا بەخىت ئاتا قىلىۋاتقان ،پەرزەنتلىرنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تىرشىۋاتقان، مەسئۇليەت مەجبۇريىتىنى ياخشى ئادا قىلىۋاتقان، ۋىژدالىق ئەرلەرنىڭ ئوز پەزىلىتىنى باشقىلارغا سوزلەش ئارقىلىق مەسئۇليەت مەجبۇريەتنىڭ نىمىلىگىنى بىلەلمەيۋاتقان بەزى ئەرلىرمىزنى يىتەكلىسىكەن ،ئەر بولۇش ئالدىدا تۇرغان ياشلىرىمىزنى ئۆز تەجرىبىلىرى ئارقىلىق مەسئۇليەتچان ئەرلار قوشۇنىنى كۆپەيتسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە ،ئەگەر مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا بىزنىڭ ئاجىز ئاياللىرىمىزنىڭ ،سەبىي باللىرىمىزنىڭ كۆز ياشلىرى تۈگەپ،ئائىلىلەر بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل –پاراسىتى باشقىدىن نامايەن بولغان بولاتتى. جەمىيەشۇناسلار :《بىزدە كەپسىز دادىلار كۆپىيىپ كەتتى ،بالىلار نىشانسىز قالدى –ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ،بولۇپمۇ دادىلىرى ئۇلارغا مەسئۇليەت ۋە خېيىمخەتەرنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشنى .ئۆگەتمىگەن ،ئۇلاردا ئەڭ ئەقەللى كوللىكتىۋېزىمچى روھمۇ يوق》دەيدۇ ئاڭ ئېقىمى ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرسى بولغان ئېرلاندىيىلىك يازغۇچى جامىس جويىس مۇنداق دىگەن :《دادا ھەر قانچە ئاچچىقى يامان بولسىمۇ يەنىلا بولمىسا بولمايدۇ 》بۇ يازغۇچىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە 72 يىل بولغان بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە جەمىيەتشۇناسلار مۇنداق قارايدۇ :قارايدىغان بولساق ،ئاتىلار سۈرلۈك ،ئاچچىقى يامان نوپۇزىدىن مەھرۇم قالدى ،《بولمىسا بولمايدۇ 》دەپ كەتكۈچىلىكىمۇ قالمىدى ،بولۇپمۇ بالىلار تەربىيسىدە تېخىمۇ شۇنداق .《ئاتىلارئۆينىڭ تۈۋرىكى》 بولۇشتەك نوپۇزىدىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى مەسىلىسىدە تېڭىرقاپ قالدى . ئىتالىيە ئىجتىمائى ئىختىسات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جىئۇسېپپې رىم مۇنداق دەيدۇ :《ھازىر كىشىلەر نەزىرىدە ئاتىلار تەدرىجى ھالدا ھەممە ئىمتىيازىدىن ئايرىلغان قوغداش ئۇبۇكتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ .ھازىر ئاتىلار تولىمۇ يەڭگىلتەك ،ھەممىگە بىپەرۋا قارايدۇ ،ھالبۇكى ئانىلار ئەنئەنىۋې ئاتىلارنىڭ رولىنى ئويناپ ،پۈتۈن ئائىلىنىڭ يۈكىنى زىممىسىگە ئالدى 》دەيدۇ. يەنە بەزى جەمىيەتشۇناسلار شۇنداق قارايدۇ :ھازىرقى ئائىلىلەر بۇرۇنقىدەك مۇستەھكەم ئەمەس ،بارغانسېرى كۆپ ئاتىلار كېرىزىسقا پېتىپ قېلىۋاتىدۇ ،بۇ ئەرلەر كىچىك چاغلىرىدا ئازدۇر –كۆپتۇر ئانىغا ئاشىقلىق پىسخىكىسىنى باشتىن كەچۈرگەن ،چوڭ بولغاندا بۇ خىل پىسخىكا ئۆزىگە ئاشىقلىق پىسخىكىسىغا ئايلانغان ،شۇڭا ئاتا بولغاندىن كېيىمۇ يەنىلا ناھايتى ئاجىز ،نازۇكلىكىنى يوقاتماي ،سويۈلۈشكە مۇھتاخ بولۇپ يۈردۇ . پىسخىك ئانالىز ئالىمى لۇگى زوجا مۇنداق دىگەن 《بىر نەچچە يىل بۇرۇن بىمارىمنىڭ ،‹ئەنئەنىۋې ئائىلىدە دادام بىر زالىم پادىشا ئىدى ،بىراق دادا يەنىلا دادا ئىدى ،ئەمما ھازىرقى زامان ئائىلىلەردە ،دادىلارنىڭ قىلىدىغان بىردىن بىر ئىشى تېۋېزورغا قاراپ گالۋاڭلارچە ھىجىيىپ ئولتۇرۇش بولۇپ قالدى ›دىگەن ئىدى 》.بۇ گەپ ھازىرقى زاماندىكى رىياللىقنى تولىمۇ چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بىزنىڭ ئۇيغۇر جەميىتى شۇنداقلا ئانىلار- بالىلار ئەنئەنىۋې ،سۈر ھەيۋىسى بولغان مەسئۇليەتچان ئەركەكلەرگە تولىمۇ مۇھتاخ . ماقالەمنى ئوقىغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ قايسى دادىغا تەۋە ئىكەنلىكىڭىزگە باھا بېرىپ بېقىڭ. 1-ئەنئەنىۋې دادا :سۈرلۈك تەلەپچان ،ئائىلە مەسئۇليەت تۇيغۇسى كۈچلۈك . 2-ھەم دادا ھەم ئاپا بولىدىغان دادا :ئائىلىدىكى ھەممە يۈكنى زىممىسىگە ئالىدىغان بولۇپ ،ئائىلىنى قامدايدىغانغا پۇل تېپىش بىلەن بالا باقىدۇ. 3-لاياقاتسىز دادا :ئائىلىگە قارىتا ھىچ قانداق مەسئۇليەت تۇيغۇسى يوق ،بالىلار بىلەن سىردىشىپ باقاي دىمەيدۇ ،ئاتىلىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلالمايدۇ . 4-دوستتەك ئۆتىدىغان دادا :بالىسى بىلەن بىر خىل باراۋەر ،ئۆز-ئارا ئىشىنىش مۇناسىۋېتى ئورناتقان ،بالىسى بىلەن دائىم دوستانە سىردىشىپ تۇردىغان . سىز قايسى خىلدىكىسى؟ |