قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5977|ئىنكاس: 52

مۇھەببەت ئۇخلاتمايدۇ(ئەدەبىي ئاخبارات) قەيسەر مىجىت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

6

دوست

3076

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 561
تۆھپە : 613
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت ئۇخلاتمايدۇ


(ئەدەبىي ئاخبارات)

قەيسەر مىجىت

                مۇقەددىمە

تاڭ سەھەر، باھارنىڭ گۇزەل بىر كۇنى
ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرق چىتىدىن،
بىر شۇڭقار يىراققا سالىدۇ نەزەر،
چۇنكى بار ئۇ يەردە ئۇنىڭ ۋەتىنى.
بار ئۇندا نۇر ئۇچۇن ئىنتىلگەن خەلقى،
ئۇخلاتماس شۇڭقارنى ئۇلارنىڭ ھەققى.
بىر چوغنى سەپ قويغان شۇڭقارغا ئۇلار،                                                                                    
ئاشۇ چوغ كۆيدۈرۇپ قىينايدۇ ئۇنى.
ھىسلىرى ئەبجەشلەر- ئۇقماس بۇ ئوتنى،
بىزارلىق تۇيغۇدا بولىدۇ تىخى،
چاچرىسا يىنىغا ئوتلار ئۇچقۇنى.
ۋە لىكىن، تەۋرەنمەس غۇرۇر ئىگىسى،
شۇ ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۈشكە رازى.
مەن دەيمەن ئۇيغۇردىن شۇڭقار كۆپ چىقسۇن،
ئىلىم-پەن كۆكىدە پەرۋاز ئەيلىگەن.
ئۇسۇلچى، ناخشىچى ۋە ئىتوتچىغا
جەڭگىۋار بىر روھتا ئۈلگە كۆرسەتكەن!
ئىلىمنى، خەلقىنى سۆيگەن ئىنسانلار-،
قەلبىدە گۈرۈلدەپ كۆيىدۇ بىر ئوت.
بۇ ئوتلار كۈچىدىن تارقايدۇ ھامان،
خەلقىمنىڭ بىشىدا ئەگىگەن بۇلۇت!
كىم دەيدۇ ئۇلارنى كۈلەلمەيدۇ دەپ،
كىم دەيدۇ ئۇلارنى ئۆتەر دەشنام يەپ.
مەن دەيمەن ئۆزگەرمەس دۇنيا بولمايدۇ،
گۈزەللىك پەسلىكنى ھامان يىڭىدۇ.
ئىلىمگە ئىنتىلىش، ھەركەتچان بولۇش،
سەمىمى روھ بىلەن ئەدەپكە قايتىش،
ئۆم بولۇش-،غۇرۇرلۇق ئىنساندىن بولۇش،
ئۇيغۇرغا ئامەتلەر ئىلىپ كىلىدۇ!
بىز بەندە مۇشۇنداق سەۋەپ قىلىمىز،
شەپقەتلىك ئاللاھتىن تىلەپ تۇرىمىز.!


(1)



              بۇندىن 25 يىللار ئىلگىرى مەن ئالى مەكتەپكە ئەمدى كەلگەن ۋاقتىمدا  موڭغۇل يازغۇچىسى - مېڭچىبى لۇلۇ ئەپەندىنىڭ 1988-يىلى"غەربى دىيار ئەدەبىياتى" ژورنىلىدا ئىلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى،ھازىرى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئانا سۈتىنى ھالال  ئەمگەن ھەرقانداق كىشىنى ھەم ھاياجانلاندۇرىدىغان ھەم چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان " ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش" ناملىق ئەدەبى ئاخباراتى - " تەرجىمان توختى باقى ئەپەندى تەرىپىدىن پاساھەت بىلەن تەرجىمە قىلىندى ھەمدە نوپۇزلۇق ژورنال"تارىم " دا ئىلان قىلىندى. مەن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا ئۇ ئەسەرنى  بىر نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم، قەلبىم لەرزىگە كەلدى، ئەمما روھىيىتىم مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. بىر تەرەپتىن ھاياجانلانسام، بىرتەرەپتىن ئويغا  يەنە بىر تەرەپتىن كىرىسىز تۇيغۇسىغا چۆكتۈم. بەلكىم شۇ چاغلاردا ماڭا ئوخشاش روھى ھىسسىياتتا بولغان كىشىلەر خىلى بولسا كىرەك. شۇ چاغلار- ئۇنىۋىرسىتىتىمىز مۇدىرى پىشقەدەم مۇئارىپچى- ھاكىم جاپپار ئەپەندى  پىنسىيەگە چىقىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەزگىللەر بولۇپ، مەكتەپتە كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى كوتۇرەڭگۈ، ئوقۇغۇچىلار جانلىق ئىدى. ئىسىمدە قىلىشىچە مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ ئەدەبى ئاخباراتنىڭ ئايرىم مەزمۇنلىرى تاللىنىپ كۆپەيتىپ بىسىلىپ مەكتەپ ئىچىدە تارقىتىلدى، ھەر قايسى فاكۇلتىتلاردىكى ھەر-مىللەت ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار زىيارەت قىلىنىپ بۇ ئەسەرگە قارىتا باھالارمۇ ئىلىندى. قىسقىسى ئەسەرنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، جەمىيەتتە راۋۇرۇس غۇلغۇلا  قوزغاپ قويدى. مەن شۇ چاغدا ئەسەرنىڭ ماڭا قانچىلىك كۈچ ۋە غەيرەت شۇنداقلا ئويلىنىش   بەخش ئەتكەنلىگىنى ئىيتىپ بىرەلمەيمەن، ئەمما مەن ئۆزۇمنىڭ روھى دۇنياسىدا ئۇنىڭدىن يانغان بىر ئىجابى ئەكس سادانى ھىس قىلدىم:
           خەلقىمىز - ئىلىم مەرىپەتكە، تەرەققىياتقا، باراۋەرلىك ۋە ئازادىلىككە،تىنچلىق ۋە گۇللۇنۇشكە ئىنتىلىدۇ. ئارقىدا قىلىشنى خالىمايدۇ. ھىچ بولمىدى دىگەندە بۇ ئىنتىلىش ئوي پىكىردە بولسىمۇ شۇنداق. لىكىن خىلى كۆپ ئادەملىرىمىز بىر دەملىك ھاياجانغا چۆكۈپلا قويىدۇ، ئاندىن ئۇ ھاياجان تارقاپ كىتىدۇ.  قانداق قىلغاندا بۇ خىل كەيپىياتنى دائىم پەيدا قىلىپ كوپچىلىككە بولۇپمۇ ياشلارغا مەدەت ۋە ئىلھام بەرگىلى،ئۇلارغا ئۈمىت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلغىلى بولىدۇ؟  
            ھىچ كىشىگە تىنمىغىنىم بىلەن، مەن ئاشۇنداق سوئاللارنىڭ نىرۋا ھۈجەيرىلىرىمنى غىدىقلىشى تۈپەيلى كىچە-كىچىلەپ نۇرغۇن خىياللارنى قىلىپ چىقاتتىم، غەمسىزغىنە ئۇخلىيالمايتتىم. ئەتراپىمغا باقاتتىم، رىئاللىقنى كۈزۈتەتتىم، ئادەملەرنى، جەمىيەتنى چۈشۈنۈشكە تىرىشاتتىم، سىلىشتۇرما قىلىپ ئويلىغانسىرى كاللام زىددىيەتكە تولاتتى.
          ھەركەتسىز خىيال-ئادەمنى يەيدۇ دىگەن راست ئىكەن. ئالى مەكتەپكە تۇنجى كەلگەندە ئىككى مەڭزىم ئاناردەك كەلگەن بالا چىراي مەن، ئىككىنچى يىلىنى پۇتتۇرگەندە مەڭزىدىن قان، چىرايىدىن كۈلكە قاچقان تىزلا قىرىپ كەتكەن يىگىتكە ئايلىنىپ قالدىم،ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىلىنى ئىنتايىن بىر خىل تەس بولغان روھى داۋالغۇش ئىچىدە ئوتكۇزدۇم. كۆڭلۈمدىن ئازادىلىك، ھاياتىمدىن خوشاللىق قاچقان ئىدى. ئەتراپىمدا مەن كۆرۈۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار كاللامدىن ئۆتمەيتتى. دىمەك روھىيىتىمدە چۈشكۈنلۈكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. ھازىر مەن 40 ياشتىن ئاشقان ئادەم. يەنى مەلۇم ھايات تەجىربىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئادەم. كۇزۇتۇشۇمچە نۇرغۇن ئادەم 18 ياش بىلەن 27 ياشنىڭ ئارىسىدا ئاشۇنداق بىر خىل پىسخىك داۋالغۇشنىڭ ئىچىدە ياشايدىكەن. ھىلىمۇ ياخشى روھىيىتىمدە شەكىللەنگەن بىر خىل روھ -مىنى قۇتقۇزۇۋالدى. نىمىنىڭ مىنى قەتئى نىيەتكە كەلتۈرگىنىنى ئويلىغىنىمدا - مەن كىيىنكى يىللاردا  يازغان"مەڭگۈلۈك ياشلىق-2"، ناملىق "تارىم" ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئەدەبى ئاخباراتىمنىڭ كىرىش قىسمىغا بەرگەن ئۆزۈم ئېنگلىزچىدىن تەرجىمەقىلغان مۇنۇ  شىئىردىكى ئىدىيە ئىكەنلىگى روشەن:
       تۈپ قارىغاي بولالمىساڭمۇ،
      تىك چوققىدا قەددىنى كەرگەن.
      مەيلى چاتقال بولسىمۇ بولغىن،
       جىلغىلارغا گۈزەللىك بەرگەن!...
      دىمەك، ئۆز ھەركىتىم ئارقىلىق - ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ھاياتنى بەرپا قىلىشىم، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى، جەمىيەتنى ئۆزگەرتىشىنى كۈتۈپ تۇرماي، ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىشىم كىرەك!
     ھازىر ئەسلىسەم مەن ئاشۇ سەمىمى نىيەت ۋە مۇقەددەس روھ بىلەن ئۆزۈم ھەر ھالدا رازى بولغۇدەك ياشلىق چاغلىرىم - شۇڭقار چاغلىرىمنىڭ  ئۇنتۇلماس بەتلىرىنى يىزىپ،  ياشلىق ھاياتىمنىڭ گۈزەل كارتىنىلىرىنى سىزىپ چىقىپتىمەن.
       مەن ئالدى بىلەن ئىنسان. شۇنداق ئىكەن مىنىڭ قەلبىمدە پۇتكۇل ئىنسانىيەتكە بولغان مىھىر-مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ بار. مەنبارلىق ئىنسانلارنىڭ باياشاتلىق، ھۆرلۇك ۋە ئادىللىق ئىچىدە گۈللەپ ياشنىشىنى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ چەكلىك ھاياتىدا رازىمەنلىك بىلەن ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ  قىلىمەن. لىكىن رىئاللىق ئۇنداق ئەمەس. ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىياتى يەنىلا ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇن پەرقنى يوقۇتالمىدى. تەڭسىزلىك يەنىلا مەۋجۇت،  رەھىمسىز ئۇرۇشلار نۇرغۇن  بىگۇناھ  كىشىلەرنىڭ جىنىغا زامىن بولۇۋاتىدۇ، زۇلۇم ئوخشىمىغان يەرلەردە ئوخشىمىغان شەكىلدە داۋاملىشىۋاتىدۇ...
     ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بۇ خىل مەسىلىلەر ئۇچۇن باش قاتۇرۇش - مەن ئۈچۈن خۇددى ئارخىمىدنىڭ يەر شارىنى قوزغىتىشى ئۇچۇن پىشاڭ سورىغىنىدەك بىر ئىش.
      مەن بىر مۇسۇلمان. شۇنداق ئىكەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ باشقا دۇنيا ئەللىرى قاتارىدا يىڭىچە روھ بىلەن شانۇ- شەۋكەتلىك ھالدا ياشىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.ھەتتىڭەي، ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتى بولغان نۇرغۇن مۇسۇلمان ئەللىرىگە قارىسىڭىز-مۇستەبىتلىك، تەڭسىزلىك، نامراتلىق، خۇراپاتلىق، قالاقلىق ۋە جاھالەت ھۆكۈمسۈرۈگلۈك. بۇنىڭ سەۋەبىنى كىشىلەر ھەر خىل چۈشەندۈرۈشىدۇ. بەزىلەر ئۇنى" ئاللاھنىڭ يولىنى ھەقىقى يوسۇندا تۇتمىغانلىغى ئۇچۇن" دەپ چۈشەندۈرۈشسە، يەنى بەزىلەر ئۇنىڭ سەۋەبىنى "جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ زۇلۇمىدىن، قول تىقىشىدىن شۇنداق" دەپ سۆزلىشىدۇ.
      بۇ خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرۇش ۋە پىكىر بايان قىلىش- خۇددى مەن ئۇچۇن ئايدىڭ كىچىدە ئاتۇشتىكى ھويلامدا شىۋى قەدرىنى تۇتۇۋىلىپ باي بولۇپ كىتىشتەك رىۋايەت تۈسىگە ئىگە خىيالنى قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
       "يوتقانغا قاراپ پۇت ئۇزات" دەيدۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىز. شۇنداق ئىكەن، مىنىڭ خىياللىرىم، ئىشلىرىم ئۆزىمىزگە ئالاقىدار بولۇشى كىرەك. چۇنكى، مەن ئون مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ بىر پەرزەنتى. بۇ خەلقنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈش، ئازاپلىرىنى يىنىكلىتىش، ئۇلارنىڭ ھۆرمەت ۋە ئازادىلىك بىلەن ياشىشىنى ئارزۇ قىلىش ۋە  ئۇنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن جىلغىدىكى بىر تال يىگانە چاتقال كەبى بولسىمۇ ياشاش- مىنىڭ ئىستىگىمدۇر.
بىز ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىمىزنى ئويلاشقاندا ۋە ياكى تارختا بولغان ئىشلارنى ئەسلىگىنىمىزدە، "ئەگەر ئۇنداق بولغان بولسا"، ئەگەر مۇنداق بولغان بولسا" دەپ رىئاللىققا قارشى ھالدا قىياس بىلەن پاراڭغا چۇشۇپ كىتىشىمىز....
     لىكىن بىز بۈگۈن ئىچىدە ياشاۋاتىمىز، بىزنىڭ ھىساپلىشىدىغىنىمىز بۈگۈن ۋە كىلەچەك يەنى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ياشاش بوشلۇقى ۋە تەرەققىيات پۇرسەتلىرى ھەققىدە بولۇشى كىرەك.
       بىزنىڭ مىللەت سۇپىتىدە كۆرۈۋاتقان كۈنىمىز - كىشىنىڭ كۆڭلىنى مەيۇس قىلىدۇ. مەيۇسلۇكتىن -خوشاللىققا كۆچۈش -ۋاقىتلا تەلەپ قىلمايدۇ،مۇھىمى بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەريان تەرەپ قىلىدۇ. بۇ جەرياننىڭ مەزمۇنىنى قەتئىلىككە تولغان ھەركەت يارىتىدۇ .بۇ خىل مەزمۇن كۆپ خىللىققا  ئىگەدۇر. بۇلارنى- تەشكىللەش، يىتەكلەش، تەڭشەش، ۋە سيستمىلاشتۇرۇش كىرەك. بۇنىڭغا ئاۋامنىڭ ئەقلى، ئەقىدىسى، سەمىمىيىتى ۋە ئىتتىپاقلىغى كىرەك شۇنداقلا بۇ خىل زامانىۋى ئويغىنىش ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇشقا  نۇرغۇن ئىجتىمائى بايلىق كىتىدۇ. بۇنى بىز ئۈچۈن دۇنيادا ھىچكىم قىلىپ بەرمەيدۇ.  بۇمىنىڭ يەكۇنۇم - يەنى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەھۋاللارنى سەگەكلىك بىلەن كۈزۈتۈپ تۇرغان بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ چىقارغان يەكۇنى. ياخشى كۈنلەرگە ئىرىشىشىمىز ئۇچۇن ئۆزىمىزلا بەدەل تۆلىشىمىز، تەر ئاققۇزۇشىمىز، ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىز كىرەك. بىزگە ھىچكىمدىن ۋاپا، ۋە ھەقىقى مەنىدىكى ياخشىلىق كەلمەيدۇ. قوشنىلىرىڭىزمۇ،دىنداشلىرىڭىزمۇ، تۇققانلىرىڭىزمۇ- ھەممىسى شۇ. قۇرۇق ئۇمىتتە بولماڭلار، تەمەخور بولماڭلار، ئادەملەر!. ئۆزىمىز تىرىشىپ ئەقىل بىلەن كۈنىمىزنى ياخشى قىلمۇغۇچە ھىچكىمنىڭ ھۆرمىتىگە، ئەمىلى ياردىمىگە ئىرىشكىلى بولمايدۇ. "ئۆز-كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، ئۆز --ئۆزىگە خوجا بولۇش" دىگەن شۇئار بىزگە تىخىمۇ ماس كىلىدۇ. قىسقىسى  ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ گىپى بويىچە ئىيتقاندا -دۇنيادا بىكارلىق تاماق يوق، ھەر بىر قاچا تاماق ئۇچۇن بەدەل تۆلەش كىرەك. شۇنداق ئىكەن، بىر پۇتۇن خەلق سۈپىتىدە خەقتىن مىھىر-شەپقەت تىلەپ بويۇن قىسىدىغان بىچارە يىتىم بالىغا ئايلىنامدۇق، ياكى ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنى يوقۇتۇشقا مەجبۇرلانغان تىلەمچىگىمۇ؟
بىزنىڭ رىئاللىقىمىز - ھەر بىر قەلبى ئويغاق ئىدرەكلىك ئۇيغۇر پەرزەنتىنى - شەپكىسىنى، ياغلىقىنى (ئەگەر شۇلار بولسا) ئۈستەلنىڭ ئۈستىگەئىلىپ قويۇپ  تەخىرسىزلىك ۋە كىرىزىس تۇيغۇسى ئىچىدە ئويلايدىغان يەرگە كەلگەنلىگىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.
       خوش، زادى قانداق قىلىپ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىمىز، ئەۋلاتلارنىڭ كىلەچىكىنى قانداق يارىتىمىز...؟ ھەر  بىر دەۋر ئادەملىرى ئۆزلىرى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى ياخشى قىلماي، كىيىنكىلەرگە تاشلاپ قويغاندا، كىيىنكى ئەۋلاتلارنى خانۇ-ۋەيرانلىققا، زۇلۇمغا، ھاقارەتكە تاشلاپ قويغان بولىمىز.
بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى، ئائىلە ئەھۋالىنى ياخشى قىلىشى ئانچە قىيىنغا توختىمىسا كىرەك، ئەمما بىر ئومۇمى خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىشى بەسى مۈشكۈلدۈر. ئەگەر بۇ مەسىلىنى بىر ئادەمگە، ياكى ئاز سانلىق ئادەملەرگە يۈكلەپ قويساق توغرا بولمايدۇ، ئۇنداق قىلىش مەسۇلىيەتسىزلىك ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن نامەرتلىك بولىدۇ. نىمىشقا ئاز-سانلىق ئادەملىرىمىزلا  كۆپنىڭ بەختى ئۈچۈن جىنى ۋە مىلى بىلەن، ئەۋلاتلىرىنىڭ كىيىنكى پاراۋانلىقى بىلەن بەدەل تۆلىشى كىرەك؟
      ئەلۋەتتە، تارىختىن قىلىپ قالغان مەسىلىلەرنى بىر ئادەمنىڭ ھەل قىلىۋىتىش ناتايىن. مىللەتنىڭ كىلەچىگى ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش ھەر بىر كىشىنىڭ بىشىدىكى ۋەزىپە شۇنداقلا تۆلەشكە تىگىشلىك باج. گەپنى ئوچۇق قىلىپ ئىيتقاندا، تىرىشچانلىقنى ھەممە ئادەم مۇقەددەس خاراكتىر سۇپىتىدە ئۆزىمىزدە يىتىلدۇرۇشىمىز كىرەك.
     ئەر بولسىڭىز - تېرىشىڭ، ئائىلىڭىزگە كۆيىنىڭ، بالىڭىزنى ياخشى ئوقۇتۇڭ.
     ئايال بولسىڭىز، - تىرىشىڭ، ئائىلىڭىزگە مىھرىڭىزنى بىرىڭ، بالىڭىزنى ياخشى تەربىيلەڭ.
     باي بولسىڭىز - بايلىقىڭىزنى ياخشى ئىشلىتىڭ،خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللاپ قويۇڭ، ئىگە چاقىسىز قالغان، يىتىم-يىسىر، غەرىپ-غۇرۋالارنىڭ بىشىنى سىلاپ قويۇشقا تىرىشىڭ.
     نامرات بولسىڭىز - تىخىمۇ تىرىشىڭ، ئىشچان بولۇڭ،كاللىڭىزنى ئىشلىتىڭ.
ئوقۇغۇچى بولسىڭىز - مەكتەپتە ياخشى ئوقۇڭ، پەننىڭ ئالدىنقى سىپىگە ئاتلىنىڭ، تىرىشىپ كىتاپ كۆرۈڭ....
..............................................
        مەن ئەدەبى ئاخباراتنى كۆپ يازمايمەن، ئەمما يازغۇدەك ئالاھىدە ئىش ۋە تەشۋىق قىلىشقا تىگىشلىك روھ بولسىلا، زۆرۈر ۋە مۇھىم دەپ قارىساملا يازىمەن.  
*********************************
      ئامىرىكىدا ئىدارە-جەمىيەتلەرنىڭ ئۇزۇن دەم ئىلىش ۋاقتى يوق. ئەمما ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ  بىر يىلدا كەم دىگەندە 2 ھەپتە ھەقلىق دەم ئىلىش ھوقۇقى بار. ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئايدا بىر كۈندىن كىلىدىغان بايرامنى قوشۇپ ھىساپلىغاندا، ھەقلىق دەم ئىلىش بىر يىلدا بىر ئايدىن ئايلىنىدۇ. ئەگەر خىزمەتچىلەر ئۇزۇنراق دەم ئالماقچى بولسا ئۆزىنىڭ بىر يىللىق دەم ئىلىش كۈنى بولغان 2-3ھەپتىلىك ئارام ئىلىش ۋاقتىدىن ۋاقىت چىقىرىپ دەم ئالىدۇ.  مەنمۇ ئاشۇنداق پۇرسەتتىن بىرنى تۇتۇپ ئىدارەمدىن بىر ھەپتىلىك رۇخسەت ئىلىپ 2009-يىلى نويابىردىكى "مىننەتدارلىق بايرىمى" مەزگىلىدە  فلورىدا ئىشتاتىنىڭ ئورلاندو شەھرىگە جايلاشقان"دىسنىي دۇنياسى" غا ئائىلەمنى ئىلىپ ساياھەتكە باردىم.  ئۇ يەرگە بىرىپ ئىككى كۈندىن  كىيىنلا ئويۇنغا تويدۇق. كەچتە ياتاققا قايتقاندا تىلفونۇم سايرىدى، سالام -سائەتلەشكەندىن كىيىن قارشى تەرەپ ئوزىنى تونۇشتۇردى. "مەن غەيرەت توختى، فلورىدادا تۇرىمەن، سىلەرنى فلورىداغا كەلدى دەپ ئاڭلاپ ئەھۋال سورىشىم، قۇربان ھېيت بولغاندىن كىيىن ئۆيلەرگە كىلىپ ئولتۇرۇپ كىتىڭلار".
       ئۇيغۇر دىگەن ئاجايىپ مىللەت! كۆپىنچە ھاللاردا تونۇشمىساقمۇ، ئۇيغۇر بولغاچقىلا مانا-مۇشۇنداق مېھىر -مۇھەببەت يەتكۇزىشىمىز. ئىلگىرى مەن فلورىدادا  غەيرەت ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ بارلىغىنى ئاڭلىغان ئىدىم، لىكىن ئۇنىڭ ماڭا تىلىفۇن قىلىپ بىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. دەرھەقىقەت، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل ئۆز-ئارا قىزغىنلىق ۋە ئادىمىگەرچىلىك خىلى خىلى خەلقلەردە يوق.
    مەن بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ تەكلىۋىدىن سۆيۈندۈم.
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا -سۆزلىرى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ: ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت.
     ئەتىسى مەن ئائىلەمنى ئىلىپ بىر نەچچە سائەت ماشىنا ھەيدەپ غەيرەت بار شەھەر تامپاغا باردۇق.غەيرەت - مىھماندوست، ئوچۇق-يورۇق ھەمدە چاقچاقچى تىپىك ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەن. تۇنجى كۆرۈشۈپلا خۇددى ئۇزۇن يىللىق بۇرادەرلەردەك ئىلىقىپ كەتتۇق.  شۇ كۇنى چۈشتىن كىيىن ئۇ بىزنى بىر دىخانچىلىق مەيدانىغا ئىلىپ چىقتى ھەمدە ئوغلى شەپقەتجان بىلەن  دۇئا-تەگبىر ئوقۇپ ھايت-ھۇيت دىگۇچە قۇربان ھېيتلىق قوي سويدى.
بىز كەچتە كاۋاپ يەپ، پاراڭ سىلىشىپ  بەكلا  كەچ ياتتۇق.  پاراڭلىرىمىز  ئوبدانل ا قىزىدى. ئەنە شۇ سەۋەپ بىلەن غەيرەت بىلەن ئىزدىشىپ ئۆتىدىغان بولدۇق.
    بۇلتۇر باھارنىڭ بىر كۈنىدە غەيرەتتىن تىلىفۇن كەلدى.
         - قارا قەيسەر، مىنىڭ پەرھات دەپ بىر ئاغىنەم  بولىدىغان، ئۇنىڭ بالىسى ماسساچۇست تېخنىكا ئىنستىتوتىغا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىندى، پەرھات ئوغلىنى ئىلىپ پات يىقىندا بوستونغا بارماقچى، سەن مەن ئۇچۇن پەرھاتنى كۈتۈۋالغان بولساڭ.
      - قولۇم كۆكسۈمدە دىدىم مەن ئۇنىڭغا، دوستۇڭنىڭ غىمىنى يىگەن ساڭىمۇ رەخمەت. پەرھاتقا سالىمىمنى ۋە تەبرىكىمنى يەتكۇزۇپ قوي.
ئاز  كۈندىن كىيىن پەرھات ئوغلىنى ئىلىپ بوستونغا كەلدى.مەن ئاتا-بالا بىلەن مەكتەپنىڭ ئالدىدا كۆرۈشتۈم. پەرھاتنىڭ ئوغلى مەكتىۋىدە پائالىيىتى بولغانلىغى ئۈچۈن مەكتەپتە قالدى. مەن پەرھات بىلەن بىللە ئۆيگە قايتتىم. يول ئۇستىدە مەن ئۇنى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى بىلەن تەبرىكلىدىم.(ئەلۋەتتە، بىر ئوغلىنى مۇنداق دۇنياۋى بىلىم يۇرتىغا يىتىشتۇرگەن بىر ئاتا ھورمەت ۋە تەرىپلەشكە سازاۋەر بولۇشقا لايىق)
ماسساچۇستتس ئىشتاتىدا خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتى ۋەماسساچۇستتس تېخنىكا ئىنستىتوتىدەك (قىسقىچە MIT دىيىلىدۇ) دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىككى ئالى مەكتەپنى ئوز ئىچىگە ئالغان 70 دىن ئارتۇق ئالى-مەكتەپ ۋە ئىنستىتوت بار.ئەمما خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتى ۋە ماسساچۇسىتتس تېخنىكا ئىنستىتوتىنى دۇنيادىكى ساۋادلىق ئادەمنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بىلىدۇ. بۇ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى بولۇپ كىرىش قىيىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچەملىرى يۇقۇرى، رىقابەت كۈچلۈك، ئوقۇش پۇلى قىممەت....دۇنيادىكى نۇرغۇن ئادەملەر - سىياسىيونلار، بايلار ئۆز بالىلىرىنىڭ بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. چۇنكى، بۇ يەردىكى رىقابەت - ئەركىن رىقابەت بولۇپ، نە پۇل ياكى ھوقۇقنىڭ رولى  ئاساسەن بولمايدۇ.
       بىلىشىمچە ماسساچۇسىتت تىخنىكا ئىنسىتىتونىڭ تولۇق كۇرسىغا تارختا ئۇيغۇرلاردىن ھىچكىم قوبۇل قىلىنىپ باققىنى يوق. تۇركىيەگە ياكى ياپونىيەگە ئوخشاش مۇئارىپتا كۇچلۇك دولەتلەردىن كىلىپ تولۇق كۇرستا ئوقۇيدىغانلار بەلكىم باردۇ، لىكىن كۆپ بولسا يىلىغا بىرەر-ئىككىدىن. ئەمما مەن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مۇئارىپ سستىمىسى، ۋە كۇچى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كىلىپ بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان بىرەرئوقۇغۇچىنىڭ بارلىغىنى تىخى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. مەن پەرھاتنىڭ بالىسىنىڭ MIT غا قوبۇل قىلىنغىنىنى ئاڭلاپ- خۇددى پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ بۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغىنىدەك خوشاللىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈم.
        بۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقنىڭ ئۆزى - ئۇلارنىڭ سەندىكى مەلۇم ئىقتىدارنى ئىتىراپ قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. پەرھاتنىڭ ئوغلىنىڭ بۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغىنى - چەتئەللەردە ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن  يەرلىشىپ قىلىۋاتقان يىقىنقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ - غەلىبىسى، جۈملىدىن مىللەتنىڭ مۇئارىپ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن دەسلەپكى مۇۋەپپىقىيىتلىرىنىڭ بىرىدۇر!
       ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن كەچلىك تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يىدۇق، ئاندىن، مەن، پەرھات - بۇ يىڭى تونۇشقان ئۇيغۇرۇم بىلەن خىلى ئۇزۇن مۇڭداشتىم.گەپ تەبئىى ھالدا شەخسى تارختىن باشلاندى.پەرھاتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىلاردىن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى مۇدھىش مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرىدە  ئاپىسىغا قالپاق كىيگۈزۈلۈپ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۇرۇمچىدىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ. -تەقدىر ئۇلارنى ئىلى دىيارىدىكى گۇزەل يۇرت -سۈيدۈڭگە ماكانلاشتۇرىدۇ.
      پەرھات ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ھەر ئېسىل ئوت يۈرەك ئوغلانلارنى تەربىيىلىگەن ئاتەش زىمىن-غۇلجىدا تۇغۇلىدۇ. ئۇ تۇغۇلۇپ ئەمدىلا 6 ئايلىق بولغاندا-  كاللىسى ئاسان قىزىپ كىتىدىغان،"شەپكىسىنى ئىلىپ كەل دىسە بىشىنى ئىلىپ كىلىدغان" شۇم بۇيىلار ئۇنىڭ دادىسى ئابلىمىت ئاكىغا قالپاق كىيگۇزۇپ ئۇنى تۈرمىگە تاشلىشىدۇ. پەرھات ئوقۇش يىشىغا كەلگەندە "ئەكسىلىنقىلاپچىنىڭ بالىسى" دەپ چەتكە قىقىلىپ ئۇيغۇر مەكتەپكە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەر ئۇنى خەنزۇ مەكتەپكە ئىلىپ بارىدۇ.مەينەت ئىنقىلاپنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرگە كەلتۇرىۋاتقان زىيىنىنى كۆڭلىدە چۇشىنىدغان ئىدىيىسى ئىلغار بولغان مەكتەپ مۇدىرى- پەرھاتنى ئۆز مەكتىۋىگە قوبۇل قىلىدۇ.پەرھات ئۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىچىكىرىدىكى تىئەنجىن ئۇنىۋىرسىتىتىگە ئوقۇشقا ئۆتىدۇ ۋە ئوقۇش پۇتتۇرۇپ كىلىپ ئۈرۈمچىدىكى سانائەت ئىنستىتوتى ئىنجىنىرلىق فاكۇلتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. ئۇ 1997-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىدۇ ھەمدە ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملايدۇ. پەرھاتتىكى پەرزەنتلىرىگە تېخىمۇ ياخشى ياشاش پۇرسىتىنى يارىتىش ئىستىگى ئۇنى 2001-يىلى ئامىرىكىغا ئىلىپ كىلىدۇ.
     ئازراق ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن مەن پەرھاتنىڭ كەمسۆز كىشى ئىكەنلىگىنى پەملىدىم.  شۇنداقتىمۇ، ئۇنى پاراڭغا تۇتتۇم. ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن ئوغلىنىڭ قانداق ئوقۇغانلىغىنى، ۋە بۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش جەريانلىرىنى سورىدىم. چۇنكى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ  MITغا ئوقۇشقا كىرىشى ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىلا  پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك ئىش ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مىللەت پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك ئىش شۇ ۋەجىدىن جامائەت ئىچىدە تەبرىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشقا تىگىشلىك ئىش ئىدى.
       پاراڭنىڭ يۆلۈنۈشى بويىچە پەرھات سۆزلەۋاتىدۇ، مەن تېڭشاۋاتىمەن، ئەمما كۆڭلۈمدىن نۇرغۇن پىكىرلەر كىچىۋاتىدۇ.  سۆھبەت جەريانىدا مەن ئۇنىڭ ئىككى قىتىم كۆز يىشى قىلغىنىغا دىققەت قىلدىم. بىرسى ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزلىرىنى بىقىش جەريانىدا تارتقان جاپالىرىنى، كىسەل تارتقان جەريانلىرىنى ئەسلەپ  دادىسى جان ئۈزۈش ئالدىدا  ئۆزىنىڭ يىنىدا بولالمىغىنىنى سۆزلىگىنىدە.مەن ئۇنىڭدىن  مىھىر-مۇھەببەتكە باي، سەمىمى سادىق بىر قەلب ئىگىسىنى، بىر ۋاپادار ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ سىماسىنى كۆردۈم.
     ئىككىنچى قىتىمدا ئۇ ئوغلىنىڭ MIT غا قۇبۇل قىلىنىپ قالسا ئوقۇش پۇلى جەھەتتىن دادىسىغا بىسىم چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن بارمايدىغانلىغىنى ئىيتقىنىدا ئۆزىنىڭ بالىسىغا  "بالام سەن ئاشۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنساڭلا  مەن 3-4 يەردە كىچە كۈندۈز  بولسىمۇ ئىشلەپ ئوقۇتىمەن"دىگىنىنى ئەسلەپ بىرىۋاتقىنىدا.
     مەن ئۇنىڭدىن بىر مەسۇلىيەتچان، پەرزەنت ئۇچۇن ئۆزىنى بىغىشلىغان بىر مىھرىۋان  ئۇيغۇر دادىنىڭ ئوبرازىنى كۆردۈم.ئۇ مۇشۇ گەپنى دىگەندە مىنىڭمۇ كۆزۈمدىن ياش ئەگىدى.چۈنكى مىنىڭ داداممۇ پەرھاتقا ئوخشاش پەرزەنتلىرىگە ئۆزىنى بىغىشلايدىغان دادا ئىدى، چۇنكى مىنىڭمۇ ئوغلۇم بار ئىدى، ئاشۇ  مىنۇتلاردا مىنىڭ كۆز ئالدىمدا ئوغلۇم كەلدى  ۋە ئۇنىڭغا بولغان مەسۇلىيەت ۋە ئاتىلىق مىھرىم بىردىنلا تىخىمۇ كۈچەيگەندەك بولدى.
مەن پەرھات بىلەن گەرچە كىچىكىپ تونۇشقان بولساممۇ،لىكىن ناھايىتى تىزلا پىكىرداشلاردىن بولۇپ قىلىشتۇق. چۇنكى مەن ئۇنىڭ بالىسىغا ئاتىلىق مىھرىنى بىرىپ بۇگۇنكى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئادىمىلىگىگە، سەمىمىلىگىگە ئىشەندىم. ئەگەر جەمىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق،جىنايەت يولىغا كىرىپ كەتكەن بالىلار ئادەمنى ئىچىندۇرسا، خارلانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىچىشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئەھۋالغا قىلىشىدا جەمىيەتتىن تولاراق ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مەسۇلىيىتى بار. مەن ئىشىنىمەنكى بىرئاتا-ئانىلىق مىھىر مۇھەببەتكە تويۇنۇپ چوڭ بولغان بالا - تۇز كور چىقمايدۇ. بىزگە ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئانىلارلا كىرەك ئەمەس، يەنە بالىلىرىنى قانات ئاستىغا ئىلىپ،قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ئۇلارنىڭ پىشانىسىدىن سۆيەلەيدىغان ئاتىلارمۇ كىرەك.
      مىنىڭ كۆرگەنلىرىمنىڭ كوپىيىشىگە ئەگىشىپ ھايات ئۆلچەملىرىمنىڭمۇ سۈپىتى ئۆستى. مەن ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئالدى بىلەن مۇنۇنى ئويلىشىدىغان بولدۇم: ئۇ كىشى ئائىلىسىنى سۆيەمدۇ، پەرزەنتلىرىگە مىھىر بىرەمدۇ؟ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەمدۇ؟ نورمال ئىنسانى  تۇيغۇ بارمۇ؟ ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئەمەل قىلىپ كىلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتكە، ئەدەپ-ئەخلاققا رۇئايە قىلامدۇ؟ ئەگەر جاۋاپ "شۇنداق"بولسا، ئۇ كىشى مىنىڭ ئىزدىشىدىغان ئادىمىم، ئەگەر  پۇرسەتپەرەس، قۇۋ، شۇم-نىيەت،سەمىمىيەتسىز بولسا، يىنىغا يىقىن كەلمەيمەن. بۇ خىلدىكى چۇپرەندە  ئادەملەر ئاخىرقى ھىساپتا ئەڭ بىچارە ئادەملەردۇر...بۇنداق ئادەملەردىن مىللەت ۋە جەمىيەت  تۈگۈل ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە، تۇققانلىرىغىمۇ  ۋاپا كەلمەيدۇ. يەن ىئوز پەرزەنتىگە مىھىر مۇھەببەت يەتكۈزەلمىگەن ئادەم - ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا،مىللىتىگە، ئىنسانىيەتكە باغرىنى ئاچالمايدۇ.
        ئۆتكەن يىلى سىنتەبىردە پەرھاتتىن تىلىفۇن كەلدى. ئۇ مىنى ئائىلە بويىچە "مىننەتدارلىق بايرىمى" مەزگىلىدە ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى. قارىغاندا ئامىرىكىلىقلارنىڭ مىننەتدارلىق بايرىمى -مىنىڭ يىڭى تونۇشلارغا ئىرىشىدىغان پەيتلىرىم ئوخشايدۇ. مەن پەرھاتقا كىسىپ جاۋاپ بىرەلمىدىم، ئەمما ئۇنىڭغا رەخمەت ئىيتىپ ئامال بولسىلا بارىدىغانلىغىمى ئىيتتىم. چۈنكى ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە بەزى بىر بىز كونترول قىلالمايدىغان ئىشلار تۈپەيلى بارالماسلىقىممۇ مۈمكىن ئىدى. شۇ كۈنى كىلىشكە بىرنەچچە كۈن قالغاندا مەن ئۆزۈم بولسىمۇ بىرىنجىسى تەكلىپنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن،ئىككىنچىسى پەرھاتنىڭ ئوغلى ھەققىدە كۆپرەك ئەھۋال ئىگەللەش، ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيتىنى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا، ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئەتراپلىق بايان قىلىپ بىرىش مەقسىدىدە ۋىرجىنىيە ئىشتاتىغا باردىم.
      كۆردۈمكى، پەرھات بۇ تىرىشچان ئۇيغۇر پەرزەنتى - ئۆزىنىڭ چىچەنلىگى ۋە تىرىشچانلىغى بىلەن بىر ئوبدان بەختلىك ئائىلىنىڭ تۈۋرۈگى بولۇپ تۇرمۇش كۆچۇرۇۋىتىپتۇ. پەرھاتنىڭ ئايالى - ئادىلە ئوزى ئوچۇق چىراي، قولى گۈل،مىھماندوست خانىم ئىكەن. مەن ئۇلارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋىلىشىگە مۇيەسسەر بولدۇم. ھەمدە پەرھاتنىڭ ئىنىسى -مەن بىلەن تەڭ-تۇش بولغان يەنە بىر ئۇيغۇرۇم -مۇتەللىپ ئابلىمىت بىلەن تونۇشۇپ سىرداشتۇق.  مۇتەللىپ -ئەقىللىق،تىرىشچان تىپىك ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەن. رەھمەتلىك ئابلىمىت  ئىبراھىم ئاكا پەرزەنتلىرىنى ھەقىقەتەن ياخشى تەربىيلەپ بىر ئاتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇچۇن قىلىدىغان ئەڭ مۇقەددەس پەرزىنى يەنى پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇش مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئىكەن. (جانابى ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن)
         مۇتەللىپ ئاكىسىغا قانات بولۇپ  ئائىلىسى بويىچەئاكىسى بىلەن بىر شەھەردە تىرىشىپ ئىشلەپ ئوبدان ياشاۋىتىپتۇ.مەن ۋىرجىنىئا شىتاتىغا كىلىپ ياخشى قىپتىكەنمەن. ئۇيەردە كورۇشمىگىلى ئۇزۇن بولغان تونۇشلىرىم بىلەن كورۇشۇۋالغاندىن كىيىنلا،ئۆزۈم كۆڭلۈمگە سىلىپ كەلگەن ئوي-پىكىر ۋە سوئاللىرىمغا جاۋاپ تىپىشقا كىرىشىپ كەتتىم.
     مەن پەرھاتنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدىكى ئۇنىڭ ئوغلى ياتقان ئۆيىگە چىقىپ ئۆي ئىچىگە زەڭ سالدىم. ئۆينىڭ تاملىرى ئۇنىڭ ئوغلى ئالغان نۇرغۇن تەقدىرنامىلەر ۋە مۇكاپات بۇيۇملىرى بىلەن تولۇپ كىتىپتۇ. مەن ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ئىنچىكىلەپ كۆزدىن كەچۇرۇپ چىقتىم ۋە قىسمەن ئۇچۇرلارنى خاتىرلىۋالدىم..
      ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، دىققەت قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، مەن ماقالە يىزىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگۇچە MIT غا قوبۇل قىلىنغان بۇ پەخىرلىك يىگىت يەنى پەرھات ئابلىمىتنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىدىم. ئەمدى ئۇنىڭ زۆرۇرىيىتى تۇغۇلدى. ھازىر مەن سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارنى جەلپ قىلغان، ئۆزىنىڭ ئەقىل ئىدرىگى، ئۇيغۇرلۇق غۇرۇرى ۋە نەتىجىسى بىلەن قەلبىڭلارنى لەرزىگە سالغان،  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ MIT نىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىغا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىنغان  ئەقىللىق ئۇيغۇر يىگىتىنى غۇرۇر ۋە مۇھەببەتكە تولغان كوڭۈل سەھنەڭلەرگە خوشاللىق بىلەن تەكلىپ قىلماقچى ۋە ئۇ ھەققىدىكى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، ياشلىرىمىزغا كۇچ بىغىشلايدىغان ھىكايىنى سۇنماقچى!


        مانا چىمەن دوپپا كىيگەن تاتلىق بىر ئۇيغۇر ئۆسمۇر، نىمىلەرگىدۇر نەزەر ئاغدۇرۇۋاتقان سۆيۈملۇك ئوسمۇر، كائىناتقا قۇچاق ئىچىپ بوشلۇققا پەرۋاز قىلىش ئالدىدا تۇرغان شۇڭقار كەبى ھالەتتەتۇرغان ئۇيغۇر يىگىتى - ھەر خىل ئىرىقتىن بولغان ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق،دوستانە كەيپىياتتا مەكتەپتە پائالىيەت ئىلىپ بىرىۋاتقان ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچى،مەكتەپ سەھنىلىرىدە ئەلىيۇل ئەلالىلىق مۇكاپاتقا نائىل بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتى،ئويدە مودىل ياساۋاتقان ئىجتىھاتلىق كەشپىياتچى، دادىسىنىڭ مىھرىدىن كۇچ ئىلىۋاتقان بوغۇن، قىنىدا بار بولغان ئۇيغۇرغا خاس شوخلۇق ۋە جانلىقلىقنى،ھاياتقا بولغان مۇھەببەتنى ئىشەنچ بىلەن ئىپادە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش، 2011-يىلى21-مايدا، ۋىسكونسىن شىتاتىنىڭ مادىسون شەھرىدە ئوتكۇزۇلگەن دولەتلىك تىخنىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلۇق بىلەن زەپەر قۇچقان ئۇيغۇر يىگىتى، ئامىرىكا ئالەملىك ھاۋا قاتناش ئىدارىسىگە مەملىكەت بويىچە تاللانغان 100 ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىرى ھەم گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ نۇتۇق سوزلەۋاتقان، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان، پىكىر قاتناشتۇرۇۋاتقان چىھرىدىن نۇر ۋە خوشاللىق يىغىپ تۇرغان، كانۋاي كوينەك كىيىپ MIT دا يۇرگەن ئۇيغۇر يىگىتى....
    "مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا" دەيدۇ ئاتىلار.
       مەن بۇ پەخىرلىك پەرزەنتىمىز ھەققىدە يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان - تەسۋىرلەر ئوز ئىپادىسىنى تاپقان "MIT دىكى ئۇيغۇر يىگىتى" ناملىق  قىسقا فىلىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇش بىلەن بىرلىكتە بۇ  پەخىرلىك يىگىتىمىزنىڭ ئىسمىنى ئىلان قىلىمەن!
        مانا بۇ پەرھات ئابلىمىت ۋە ئادىلە ئابدۇللانىڭ ئوغلى، ئۇلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پەخىرلىك يىگىتى - فەرۇق پەرھاتتۇر.
فەرۇق -1993 يىلى 30-نويابىردا ئۈرۈمچىدە بىر مۇھەببەتكە تولغان ئىللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. سۇ تۆۋەندىن پەسكە ئاقىدۇ، بىرغۇرۇرلۇق ئادەم ئالغا ئىنتىلىدۇ. 1981-يىلى پۇتۇن جوڭگو بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتىماتىكا مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان يەنى دۆلەتلىك ماتىماتىكا ئىلمى جەمىيىتىنىڭ چىمپىيۇنلۇق مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۇرۇپ ئىلى ۋادىسى ۋە پۇتۇن رايونىمىزنى بىر مەھەل زىل-زىلىگە سىلىپ قويغان پەرھات ئابلىمىت- سانائەت ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن قانائەت ھاسىل قىلمىدى بەلكى تىخىمۇ ئىلغار پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگەللەش ئۇچۇن 1997 - يىلى ياپونىيەگە كەلدى. ئارقىدىن ئادىلە خانىم ۋە پەرزەنتى فەرۇقنى ياپونىيەگە ئىلىپ كەلدى.
       فەرۇق يەسلىگە كىرىش ھارپىسىدا، ئوز پەرزەنتلىرىنىڭ ياشاش بوشلىقىنى ۋە كىيىنكى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتقان پەرھات 2001 - يىلىگە ئامىرىكىغا كەلدى.
      ئامىرىكا ئاجايىپ بىر دۆلەت. سەن ئۇنىڭدا خاتىرجەم ياشىشىڭ ئۇچۇن ھامان خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىسەن. بۇ جەمىيەت پۇرسەتلەرگە تولۇپ تاشقان-يۇ، ئازراقلا بىخەستەلىك قىلساڭ، قاتتىق يىقىلىپ چۈشىسەن. بۇ شۇنداق دۆلەتكى، ئۆز يۇرتىدا ھۆكۇرەپ يۇرۇيدىغانلار يۇۋاش بوپ كىتىپ،يۇۋاشلارغا مۇڭگۈز چىقىپ قالىدىغان. بۇ شۇنداق جەمىيەتكى، ئۆز ۋاقتىدا مەن- مەن دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىغان يىگىتلەرنىڭمۇ  كۆزىدىن ياش، جىنىدىن تاش چىقىرىۋىتىدىغان.بۇ يەردە نە چوڭچىلىق، نە سولەتۋازلىق، پوچىلىق ئاقمايدۇ، بۇ يەردە ئاقىدىغىن ىسەمىمىلىك بىلەن گەپنى ئاز قىلىپ قاتتىق تىرىشىش، تەر تۆكۈش. گەپنى كۆپ، ئىشنى ئاز قىلدىڭمۇ، بولدى كەينىدە قالغىنىڭ قالغان.
قىسقىسى، بۇ جەمىيەت ھورۇنلارنى، غەيۋەتچىلەرنى، سەمىمىيەتسىزلەرنى شاللايدۇ، چۆكۈرىدۇ، ئىشچانلارنى، سەمىمى ئادەملەرنى كۆتۈرىدۇ.
پەرھاتنىڭ خاراكتىرىدە شەكىللەنگەن تىنىم-تاپماسلىق روھى، ۋە ئەقىل-پاراسەت ئۇنىڭ نۇرغۇن جاپالارنى چىكىش مۇساپىسىنى قىسقارتتى.        ئۇ ئامىرىكىغا كەلگەندىن كىيىن كۆپ تىرىشتى ۋە ئازلا ۋاقىتتىن كىيىن پەرزەنتىلىرىنىڭ كىيىنكى تەربىيلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئامىرىكىدىكى ئالى بىلىم يۇرتى بولغان جىئورجى ماسون ئۇنىۋىرسىتىتى جايلاشقان يەردىن ئۆي سىتىۋىلىپ شۇ يەرگە ماكانلاشتى.
      فەرۇق مانا مۇشۇ فەيىرفەكس ۋىلايىتىدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، بۇ يەردىكى ئاممىۋى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا باردى. ئۇ بۇ مەكتەپتە ھەرجەھەتتىن تىز ئۆسۇپ يىتىلدى ۋە كىشىنى ھەم خوش قىلىدىغان ھەم ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئۇ يىزىقچىلىق جەھەتتە، ئىجتىمائى تەشكىللەش جەھەتتە ۋە پەن-تىخنىكا كەشپىياتى جەھەتتە، مەكتەپنىڭ، ۋىلايەتنىڭ، شىتاتنىڭ مۇكاپاتلىشىغا ۋە ھەتتا ئامىرىكا مائارىپ مىنىستىرى ئارى دۇنچان ۋە ئامىرىكا پرەزىدەنتى ئوبامالار ئىمزا قويغان تەقدىرلەشلەرگە ئىرىشتى ھەمدە ۋىرجىنىئا شىتاتىدىن يۇقۇرى پالاتاغا سايلانغان كىڭەش پالاتا ئەزاسى مارك ۋارنېر ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە تەبرىكلىشىگە ئىرىشتى.ئۇ ئوقۇشتا ھەر يىلى ئەلىيۇل ئالالىق نەتىجىنى قولغاكەلتۇردى. ۋىرجىنىئا شىتاتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تىخنىكا ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدە ئۇدا 4 قىتىم چىمپىيون بولدى.



     2011-يىلى ئۇنىڭ ئۇچۇن ئىنتايىن مول ھوسۇللۇق يىل بولدى. ئۇنىڭ "مۇئارىپ-مىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك كەلگۈسۈمنى يارتىشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟" دىگەن ماقالىسى فەيىرفەكس ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نۇتۇق سوزلەش مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلۇققا ئىرىشتى.(مەن بۇ ماقالىنى ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، باغداش تورىدا فەرۇقنىڭ نامىدائايرىم ئىلان قىلىنىدۇ)
ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسىنى ئىسپاتلاپ  ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تىمىغا  مۇنۇ گۇۋاھنامە ئىسىقلىق تۇراتتى.

"ۋىرجىنىئا شىتاتى

مەرگىزى فەيىرفەكس ۋىلايىتى

ئۇمىتۋارلار كۇلۇبى

2011- يىللىق ماقالە يىزىش مۇسابىقىسى

چىمپىيون - فەرۇق پەرھات

يىزىقچىلىق ساھەسىدىكى ئالاھىدە تىرىشچانلىقىڭىزنى ئىتىراپ قىلىپ

داۋىد گۇندري، رەئىس (ئىمزا)"


        كۆپچىلىك شۇنى بىلىشى كىرەككى، بىز بىر پۇتۇن مىللەت سۇپىتىدە پەن-تىخنىكىغا يۇرۇش قىلماي، ئەقىل-ئىدرەككە تايانماي مەڭگۈ ئىككى پۇتىمىز بىلەن ئورە تۇرالمايمىز. باشقىلارنىڭ بىزنى ناخشا ئۇسۇل مىللىتى دەيدىغان مەسخىرىلىك سۆزلىرى مەڭگۇ  تۈگىمەيدۇ خۇددى ئۆگەي ئانا ئۆگەي ئوغلىنى يىتىم ئوغلاق دەپ توختاۋسىز دۇشكەللىگىنىدەك. غۇرۇر ۋە ھۆرمەت - ئەقىل پاراسەت ۋە ئەدەپتىن،ئىجادىيەت ۋە جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىدىن كىلىدۇ.
      ئۇيغۇرلار  كۆڭلىمىزدىكىدەك تۇرمۇشقا ئىرىشىمىز دەيدىكەنمىز، پەرزەنتلىرىمىزگە، ياشلىرىمىزغا بىرىلىۋاتقان خاتا قىممەت قاراشنى چەكلىشىمىز، تۈزۈتۇشىمىز كىرەك بەلكى ئۇلارنىڭ پارلاق كىلەچىكىنى يارىتىدغان مىللىتىمىزنىڭ شانۇ شەۋكىتىنى پارلىتىدىغان شەرەپلىك يول - پەن-تىخنىكا ۋە ئىگىلىك تىكلەش يولىغا يىتەكلىشىمىز بۇ ساھەدىكى مۇنەۋۋەرلىرىمىزنى رىغبەتلەندۇرۇشىمىز ۋە قوللىشىمىز لازىم.
     ئاشۇ كىلىشكەن چىرايلىق قىزلىرىمىز مودىللىق قوغلاشسۇن،كىنو چولپىنى بولۇشنى خىيال قىلسۇن، ئاخىرى بىرىپ ياتلارنىڭ توقاللىرىغا ئايلانسۇن، ئوغۇللىرىمىز ئەركەكلىكتىن قىلىپ، غۇرۇرسىز، نىشە چىكىدىغان زەيپانىلەرگە ئايلانسۇن....بۇلارنى كۆرۈپ غەزىپىڭىز كەلمەمدۇ، ئىچىڭىز سىرىلمەمدۇ؟
ئەجەبا ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق خۇنۇكلىشىپ كىتىشىدە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ، بىزنىڭ، جەمىيەتنىڭ مەسۇلىيىتى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار!
بۇنداق تۆۋەن قىممەت قاراشتىكى توپنى ھەرقانداق ئادەم ھايۋان قىلىپ ئوينايدۇ.
       ئويغىنىش كىرەك ئاتا-ئانىلار، ئويلىنىش كىرەك كوپچىلىك!ئالدى بىلەن بىر مۇستەھكەم توغرا بولغان ئاڭ ۋە تەرتىپنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىمىز كىرەك. يەنى كەلكۇن كىلىشتىن بۇرۇن توغان تۇتمىقىمىز، دامبا سوقمىغىز دەرھەقىقەت زۆرۈردۈر!
       مەن فەرۇق ئالغان مۇكاپاتلارنى كۆرۇۋىتىپ، پەرھات ۋە ئادىلەنىڭ فەرۇقكە سىڭدۇرگەن قان-تەرىنىڭ نەقەدەر كۆپلىگىنى ھىس قىلدىم.
فەرۇق تۇنجى قىتىم مودىل ياساش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چاغدا، مودىل ياساش ئۈچۈن پۇل كىتىدىغانلىغىنى بىلىپ، دادىسىغا ئىغىز ئاچالمايدۇ. بىر ئىككى كۈن بۇرۇختۇم يۈرۈيدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلغان مىھرىۋان ئانا- ئادىلە خانىم ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىدۇ.
      --ۋاي بالام، كۆز نۇرۇم، توك چىرىغىم دەپ ئەركىلىتىدۇ ئۇ فەرۇقنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن.
        -داداڭ ئىككىمىز سىلەرنى دەپ تىرىشىپ ياشاۋاتىمىز بالام،داداڭ سىنىڭ ئوقۇشۇڭغا قانچە پۇل كەتسە كەتسۇنكى ھەر زامان سەن ئۇچۇن بارلىغىنى ئاتايدۇ، بىزنى ئويلىغىنىڭغا رەھمەت ئىنساپلىق بالام، مە ماۋۇ پۇلنى ئال، يەتمىسە داداڭ بار، مەن بار. ھەرگىز غەم قىلما. شۇنداق دەپ ئادىلە خانىم فەرۇقنىڭ پىشانىسىگە سۆيىدۇ ۋە 300 دوللار پۇلنى تەڭلەيدۇ. فەرۇقنىڭ كۆزىدىن ياش ئەگىيدۇ، ۋۇجۇدۇدىن ئاتا-ئانىسىغا بولغان مىھىر مۇھەببەت بۇلدۇقلايدۇ.
     ئۇ تورلارنى ئاقتۇرۇپ مودىل ياساشقا تىگىشلىك سايمانلارنى ئالماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇ سايمانلار كەلگۇچە مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ كىتىدىغانلىغىنى بىلىپ مەيۇسلىنىدۇ. ئاشۇ چاغدا پەرھات - مەيدىسىگەئۇرىدۇ."مەن بار بالام، باشقا ئىشتاتقا بىرىپ بولسىمۇ مەن ئۇ سەن دىگەن نەرسىنى ئىلىپ كىلىپ بىرىمەن. ماڭ ھازىرلا ماشىنىغا چىقايلى" ئۇ شۇنداق دەپ فەرۇقنى ئىلىپ تا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىككى كۈن دۇكانمۇ دۇكان شەھەرمۇ-شەھەرئايلىنىپ ئاخىرى ئۇ سايماننى تىپىپ كىلىدۇ. فەرۇق كىچە-كۇندۇز ئۇخلىماي دىگۇدەك مۇسابىقىغە 8 سائەت قالغاندا دەل ئۇ مودىلنى ياساپ چىقىدۇ.
      شۇ كۈنى بالىسىنىڭ نەتىجىسىنى توت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان ئاتا-ئانا-چىرايىدىن غالىبىيەت نەتىجىسى پارلاپ تۇرغان ئوغلىنىڭ چىمپىيۇنلۇق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئۇنى باغرىغا بىسىپ قۇچاغلاپ سۆيۈپ كىتىدۇ.ئاتا-ئانىدىكى بۇ شەرتسىز مىھىر مۇھەببەت ۋە چوڭقۇر ئىشەنچ فەرۇققا چوڭقۇر ئىلھام بىغىشلايدۇ.

faruk111.jpg


سۈرەتتە فەرۇق  - سۈرەت باغداش تورى تەرىپىدىن قىستۇرۇلدى .


     ئۇ كەينى كەينىدىن بۇ تۈر بويىچە 4 قىتىم ئۇدا چىمپىيون بولۇپ مەكتەپتە چاڭ چىقىرىپ قويىدۇ ھەمدە يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تىلغا ئىلىنىدۇ.
ئېنگلىزچىدە  "guilt by association" دىگەن گەپ بار، بۇ سۆز مىنىڭچە بىزنىڭ ماقال تەمسىللىرىمىزدىكى "ئىشەكنىڭ بىشىغا ئۇرساڭ تۇۋىغى سىقىراپتۇ"دىگەن ماقالنىڭ دەل ئۆزى. ئەگەر ئۇ سۆزنى "proud by association" دەپ ئالساق ئۇنىڭ مەنىسى - "قازان ياغ بولسا چۆمۇچمۇ ياغ بولىدۇ"دىگەنلىكتۇر!
      ھەر-خىل سەۋەپلەر بىلەن چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار-گەرچە بالىلىرىمىز شۇ دولەتلەردە تۇغۇلۇپ شۇ يەرنىڭ گىراجدانى بولۇپ كىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەتىنى - ھامان مەخمۇت ۋەتىنىدۇر. شۇڭا بۇ ياش بوغۇنلارنىڭ ياراملىق ۋە تالانتلىق ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشى - ئانا ۋەتىنىمىزدىكى ۋە  دۇنيانىڭ باشقا يىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى شاتلادۇرماي قالمايدۇ. جۇملىدىن فەرۇقنىڭ قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرى ھەم شۇنداق!
كەينى-كەينىدىن قولغا كەلتۇرگەن بۇ ئۇزلۇكسىز  مۇۋەپپىقىيەتلەر فەرۇققا كۇچ بىرىدۇ ۋە ئۇنى چوڭ ياخشى پۇرسەتلەرگە ئىرىشتۇرىدۇ. ئۇ ۋىرجىنىئا شىتاتىغا ۋاكالىتەن2011-يىلى 21-مايدا ۋىسكونسىن ئۇنىۋىرستىتىدا ئۆتكۇزۇلگەن مەملىكەتلىك پەن-تىخنىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تاللىنىدۇ ھەمدە ئۆزى ياسىغان ئايرۇپىلاننىڭ ھاۋادا ئۇچۇپ تۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىغى بىلەن باشقا رىقابەتچىلىرنى يىڭىپ چىمپىيون بولىدۇ. بۇ خەۋەر چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىچىدىكى قەلبى ئويغاق ھەر بىر مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر پەرزەنتىنى چەكسىز خوشاللىققا چۆمدۈرىدۇ. ئۇنىڭ تاغىسى مۇتەللىپ ئابلىمىت ئوز خوشاللىغىنى مەخسۇس ئۇيغۇرچە لاھىلەيلەنگەن تام سائائىتى ياسىتىپ ئۇنىڭغا مۇنۇ سوزنى ئويدۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.


"فەرۇق پەرھات ئابلىمىت (ئۇيغۇرچە لاھىيە)

بۇيۇك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر پەرزەنتى

بارلىق مۇۋەپپىقىيەتلىرىڭنى تەبرىكلەيمىز، ۋە تىخىمۇ بۇيۇك نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىڭنى تىلەيمىز،

سۆيگۇ بىلەن،

تاغاڭ مۇتەللىپ ئائىلىسىدىن"



      مۇشۇ مۇسابىقە بولۇپ ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئۇ ئامىرىكا دۆلەتلىك ھاۋا بوشلۇقى تىخنىكا مەرگىزى تاللىغان 100 تالانتلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىرى سۇپىتىدە - بىر ھەپتىلىك ئۈگۈنۈش ۋە تەجىربە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە تاللىنىدۇ. بۇ كىچىك نەتىجە ئەمەس ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيتىنى تەبرىكلەپ ۋىرجىنىئا شىتاتىدىن بولغان يۇقۇرى پالاتا ئەزاسى - مارك ۋارنىر ئەپەندى فەرۇققا مۇنۇ خەتنى ئەۋەتىدۇ:


    ۋاشىنگتون د.س
    2011 -يىلى 1-ئىيۇل
    سۆيۇملۇك فەرۇق،
    مەن سىزنىڭ ۋىرجىنىئا ھاۋا بوشلۇقى پەن تىخنىكا تالانتلىرى پروگراممىسىنى غەلىبىلىك تاماملىغىنىڭىزنى تەبرىكلەش يۇزىسىدىن بۇ خەتنى يىزىۋاتىمەن. رىقابەتكە تولغان ھازىرقى دەۋردە سىزنىڭ ئامالنىڭ بارىچە تىخىمۇ كۆپ مۇئارىپ ۋە تەربىيلەش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۇرىشىڭىز باشقا ھەر قانداق چاغدىكىدىن مۇھىمدۇر، شۇنداق بولغاندىلا سىز دۇنيا ئىقتىسادىغا ئىشەنچ بىلەن قانتنىشالايسىز. سىزنىڭ بۇ پەللىگە كىلەلىگىنىڭىزنىڭ ئۆزى سىزنىڭ ئۆز - جامائىتىڭىزگە مەنىلىك ئۇسۇل بىلەن توھپەقوشۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقىنىڭىزنى چۈشەندۇرىدۇ.
     مەن شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى - كۈندىن-كۈنگە مۇرەككەپلىشىپ كىتىپ بارغان بۈگۈنكى دۇنيادا، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۇسى ئۈچۈن يىتەكچىلىك قىلالايدىغان ۋە ئىجابى يوسۇندا توھپە قوشالايدىغان ياشلارغا بولغان ئىھتىياجىمىز ئىشىپ بارماقتا. مەن سىزنىڭ ئوقۇش جەھەتتە قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىڭىزنى تەبرىكلەيمەن ھەمدە دۆلەتلىك ئالەم قاتناش لاڭلەي تەتقىقات مەرگىزىدە بىر ھەپتىلىك يازلىق تەربىيىلىنىشكە قاتنىشىدىغانلىغىڭىزنى ئالقىشلايمەن.
      مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پۇرسەتتە، مەن سىزنىڭ ساۋاقداشلىرىڭىز، ئائىلىڭىز ۋە ئوقۇتقۇچلىرىڭىز ھەم دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىمدىن مىننەتدارمەن ھەمدە سىزنىڭ كىلەچەكىڭىزگە زور ئۇتۇق تىلەيمەن.
       ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرى يۇقۇرى پالاتا ئەزاسى مارك ر.ۋارنىر (ئىمزا)

       ئامىرىكا كۆچمەنلەردىن تەركىپ تاپقان دۆلەت. بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىرقى، ئىتنىك مەنبەسى، ئىتىقادى ھەر خىل بولغان بىلەن،ئامىرىكا جەمىيىتى تەمىنلىگەن نىسبەتەن باراۋەر قانۇنى -تۈزۈم ۋە ئىجتىماى كەيپىيات ھەر كىمنىڭ ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا ئەركىن رىقابەت شەكلىدە تەرەققى قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. بۇ دۆلەت تالانتلقىلارنى، بىلىمى بارلارنى كىم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر قەدىرلەيدۇ ۋە ئەتىۋارلايدۇ.
پرەزىدېنت ئوباما تەختكە چىققاندىن كىيىن - بۇ دولەتنىڭ پەن-تىخنىكا ساھەسىدە ئۇستۇنلۇكنى ساقلاپ قىلىش ئارقىلىق-ئامىرىكىنىڭ دۇنيادىكى تەسر كۇچىنى زورايتىش مەقسىدىدە پەن-تىخنىكىغا كۆپ مەبلەغ سىلىشقا، تالانتلىق ياشلارنى بايقاش ۋە تەربىيلەشكە كوڭۈل بۆلدى. ھەرقانداق خەلقنىڭ ياش ئەۋلاتلىرى -جەمىيەتنىڭ كۆيۈنۈشى، تەربىيلىشى، يىتەكلىشى ۋە رىغبەتلەندۇرىشىگە مۇھتاج. ياشلىرىنى يوقۇتۇپ قويغان مىللەت - زاۋاللىققا يۇز تۇتىدۇ. ئامىرىكا جەمىيىتىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ھەر ھالدا بۇ نۇقتىنى چۇشۇنىدىغانلار بار .شۇنداقلا باراۋەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە، ياخشىغا ھۆرمەت ئەسكىگە نەپرەت ياغدۇرالايدىغان جەمىيەت ئالدىراپ يىڭىلمەيدۇ.
    فەرۇق - ئۇيغۇرنىڭ پۇشتى. ئۇنى مەيلى ئاقساراي بولسۇن ياكى - ئامىرىكا مائارىپ مىنىستىرلىگى بولسۇن "سەن ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنسەن، ئۇيغۇر ئىكەنسەن" دىمىدى، ئۇنداق دەپ ئويلىمىدى ھەم دىمەيدۇ،ئويلىمايدۇ. قاچان بۇ دولەتتىكى ھاكىمىيەت يۇرگۇزگۇچىلەر شۇنداق ئويلايدىكەن،ئامىرىكا زاۋاللىققا قاراپ يۇز تۇتىدۇ. كەمسىتىش ۋە ئايرىمىچىلىق - خۇددى ياغاچنى يىگەن قۇرۇتقا ئوخشاش ئۆزىنى بىلەلمەي كۆرەڭلەپ كەتكەننىڭ ھەر قاندىغىنىڭ بىشىغا چىقىدۇ.
      ئاقساراي ۋە مۇئارىپ مىنىستىرلىگى -فەرۇقنىڭ پەن-تىخنىكا جەھەتتىكى قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىنى مۇبارەكلەپ باشقا مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار  قاتارىدا ئۇنىڭغىمۇ مۇكاپات بەردى. مەن ئۇنىڭ ئۆيىدە تۆۋەندىكى تەقدىرنامىنى كۆردۈم.

      ئوقۇش جەھەتتىكى ئالاھىدە نەتىجىڭىزنى ئىتىراپ قىلىپ پرەزىدىتنىڭ مائارىپتىكى ئەسىللار مۇكاپاتى سىزگە تارتۇق قىلىندى.
      2012 -يىلى،
     ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرى پرەزىدەنتى : باراك ئوباما -ئىمزا
     ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرى مۇائارىپ مىنىستىرى - ئارى دۇنچان

    شەرەپ دەپ مانا ماۋۇنى دەيمىز!
     (مەن تىخى ناخشا ئوقۇپ ئۇسۇل ئوينىغان بىرەرىنىڭ بۇنچىلىك شەرەپتىن بەھرىمەن بولغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. بىزنىڭ بەزى ساددا، ھىسسىياتچان ئادەملىرىمىز تىخى ئاللا-كىملەرنىڭدۇر يىرىم-يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناپ، غىلجىڭشىپ ناخشا ئىيتىپ سەھنىگە چىققىنىغا قاراپلا ئۇلارغا مەستانە بولۇپ، ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ كىتىدۇ، ھەي نادانلىق!)
       مانا مۇشۇنداق تەقدىرنامىلەر ۋە نەتىجىلەر - ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغاندا دۇنيادىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ تاللاپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىشىدا مۇھۇم رول ئوينايدۇ.
     بۇ يەردە ئامىرىكا ئالى مەكتەپلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىش زورۇر.
   ئامىرىكىنىڭ ئالى مەكتەپلىرىدە ئوقۇشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق شەرتلىرى، قىيىنچىلىقلىرى ۋە يەنە ئۇ ئىلىپ كىلىدىغان پۇرسەتلىرىمۇ بار.
   ئامىرىكا ئالى مەكتەپلىرى - خۇسۇسىلار ئىگىدارچىلىغىدىكى ئالىم مەكتەپلەر (ئۇنىۋىرسىتىت ۋە ئىنستىتوتلار) ۋە ھوكۇمەت ئىگىدارچىلىغىدىكى ئاممىۋى ئالى مەكتەپلەر (ئۇنىۋىرسىتىت ۋە جامائەت ئىنستىتوتلىرى) دەپ ئايرىلىدۇ.
      ئادەتتە داڭلىق ئۇنىۋەرسىتىتلار خۇسۇسىلارئىگىدارچىلىغىدا بولىدۇ ئەمما بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى ھەقىقەتەن قىممەت.ئاممىۋى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى خىلىلا توۋەن بولۇپ، مەقسەتپۇخرالارنىڭ ئالى مۇئارىپ تەربىيىسىگە ئىرىشىش پۇرسىتىنى يارىتىشتۇر. شۇڭا بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇلىنىڭ ئەرزانلىغى تۇپەيلىدىن ئاممىۋى ئالى مەكتەپلەرنى تاللايدۇ. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى جەھەتتىن ماھىيەتلىك پەرقى يوق، ئەلۋەتتە ئۇ مەكتەپلەرخارۋارد ياكى MIT بولمىسا. خارۋارد ۋەMIT  غائوخشاش داڭلىق ئالى مەكتەپلەر - شۇنچىۋالا قىممەت بولسىمۇ بۇنىڭغا ئوقۇشقا كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەملەر نۇرغۇن. ئەمما ئۇلارغا قوبۇل قىلىنىشنىڭ ئۆزى ئىنتايىن رىقابەتلىك. ھەر بىر تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچى چوقۇم (-SAT  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى سىنايدىغان ئۆلچەملىك ئىمتىھان) ئىمتىھانىنى بىرىشى، ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى نەتىجىسىنى، ئۆزىنىڭ قىسقىچە تارىخى،ئارزۇسى قاتارلىقلارنى يىزىشى ھەمدە 3 ئادەمدىن لىللا بولغان باھا خەتنى ئىلىشى شۇنداقلا ئۆزىنى "نىمە ئۇچۇن شۇ مەكتەپ قوبۇل قىلىشى كىرەك" دەپ ئويلايدىغانلىغىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە چۇشەندۇرىدىغان خەتنى يىزىشى كىرەك.ئەلۋەتتە بۇ شەرتلەرگە تولۇق چۇشۇشنىڭ ئۆزى -بىر ئادەمنىڭ ئۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتىتى - "بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىگى،يوشۇرۇن تالانتى بارمۇ يوق؟ مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ چىققاندىن كىيىن جەمىيەتكە دولەتكە ئىنسانىيەتكە نىمە ئىش قىلىپ بىرەلەيدۇ؟"دىگەندەك مەسىلىلەرنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارىسا كىرەك  چۇنكى مەكتەپ دىگەن دولەتكە ياراملىق ئادەم تەربىيلەيدىغان يەر-دە!
       ئامىرىكىنىڭ ئالى مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنغان نورمال ئەقلى قابىلىيىتى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇۋاپىق تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا ئوقۇپ كەتمىگى تەس ئەمەس. ئەمما ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇش نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارغا تەس.پەرھات ئوغلىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇش خىراجىتىنىڭ غىمىنى قىلىۋاتقان مەزگىلدە، فەرۇققا بىر نەچچە داڭلىق ئۇنىۋىرسىتىتىتتىن خەت كىلىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە مەن ستاندفورد ئۇنىۋىرسىتىتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتىتىنىڭ مۇدىرىنىڭ ئۇنىڭغا يازغان مۇنۇ خىتىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم!

    "2012-يىلى 4-ئاپرىل
     ستاندفورد ئۇنىۋىرسىتىتى ئوقۇغۇچىلىق نومۇرى: 05817864
     سۆيۈملۈك فەرۇق:
      مۇبارەك بولسۇن! ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتىتىدىكى بارلىق ئەزالارغا قوشۇلۇپ مىنىڭ خىزمىتىمنىڭ ئەڭ ئىسىل يىرى بولغان-سىزنى ستاندفورد ئۇنىۋىرسىتىتىگە قوبۇل قىلغانلىق قارارىنى چىقاردۇق ھەمدە سىزنى2016-قارارلىق ئوقۇغۇچى بولۇپ سىپىمىزگە  قوشۇلىشىڭىزغا  تەكلىپ قىلدۇق.
سىز تەڭتۈشلىرىڭىزدىن ئۆزىڭىزدىكى قىزغىنلىق، قەتئىلىك ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىرىڭىز بىلەن  ئالاھىدە پەرقلىنىدىكەنسىز، بىزسىزگە قايىل بولدۇق ۋە سىزدىن ئىلھاملاندۇق. بىز بۇ خەت سىزگە ئىلىپ كىلىدىغان خوش خەۋەرنىڭ سىزنىڭ چەككەن جاپالىرىڭىزنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرسىتىدىغانلىغىغا ئىشىنىمىز ۋە سىزنى بۇنىڭلىق بىلەن تەبرىكلەيمىز!
     سىز ستاندفورد ئۇنىۋىرسىتىتىدەك كۆپ خىللىققا،خوشاللىققا تولغان، ھەمكارلىق روھىغا باي دۇنيانى گۈزەلىككە قاراپ ئوزگەرتىشكە بەل باغلىغان جامائەتنىڭ سىپىگە قوشۇلىسىز. دەرھەقىقەت، لېلاند ۋە جەيىن ستانفورد"ئىنسانىيەتكە ۋە مەدىنىيەتكە تەسر كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ پاراۋانلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئىستىگىدە ستاندفورد ئۇنىۋىرسىتىنى قۇرغان ئىدى. ئۇ خىل تەسر كۆرسىتىش - ئىلىم-پەنگە ئۆزىنى بىغىشلىغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ بىلىنگەنلەردىن پايدىلىنىپ ئىدراكنى سستىمىلىق يىتىلدۇرۇپ بىلىنمىگەنلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ.  سىز ستانفورد ئۇنىۋىرسىتىتىدە ئۆزىڭىزدىن چوڭ بولغان بىر جامائەتنىڭ بىر ئەزاسى بولىسىز ھەمدە بۇ ئالاھىدە جامائەتكە ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىغىنى قوشۇسىز.
ھەممىدىن مۇھىمى - ستاندفورد ئۇنىۋىرسىتي  سىز كامالەتكە يىتىدىغان ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى  بەلگىلەيدىغان مەرىپەت ماكانىدۇر!
    سەمىمىيىتىم بىلەن،
     ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە مالىيە ياردەم ئىشلىرى بويىچە مۇدىر
      رىچارد ھ. شاۋ (ئىمزا)

مەن يەنە ماسشاچۇسىتتس تىخنىكا ئىنستىتوتىنىڭ مۇنۇ خىتىنى كۆردۈم!
    ماسساچۇسىتتس تىخنىكا ئىنستىتوتى فەرۇق پەرھاتنىڭ2016-قارارلىق ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغانلىغىنى ئىپتخارلىق بىلەن جاكالايدۇ.
    2013-يىلى 14-مارت
    مەكتەپ تامغىسى
     ماسساچۇسىتتس تىخنىكا ئىنستىتوتى مۇدىرى: سۇسائان خوككفىئەلد (ئىمزا)
    ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتىتى مۇدىرى: ستۇئارت سچمىلل(ئىمزا)


      فەرۇقنىڭ مىدال ۋە مۇكاپاتلىرىنى كۆرۇۋىتىپ بىردىنلا يەنەمۇنداق بىر گۇۋاھنامىگە كۆزۇم چۈشۈپ قالدى.  گۇۋاھنامە خەنزۇچە ئىدى،ئۇنىڭدا پەرھاتنىڭ ياش چاغلىرىدىكى رەسىمى بار ئىدى.

     ئوتتۇرا مەكتەپ ماتىماتىكا مۇسابىقىسى
       ئەلىيول ئەلالىق گۇۋاھنامىسى
      ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا شەھرى - -ئىنجى ئوتتۇرامەكتەپ
    ساۋاقداش پەرھات:
     25 ئۆلكە ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن ماتىماتىكا مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلۇققا ئىرىشتىڭىز.
    جوڭگۇ ماتىماتىكا جەمىيىتى
     1981-يىلى 12 - ئاي


    مەن  پەرھاتنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشىش جەريانىنى سورىدىم. دىمەك، فەرۇقنىڭ دادىسى - پەرھاتمۇ بىرتالانت ئىگىسى ئىكەن.
مېڭچىبى ئەپەندىنىڭ "ئويلىنىش ئىچىدەئىلگىرلەش" دىگەن ئەدەبى ئاخباراتىدا ئىسىمدە قىلىسىچە ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتىمىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-تىخنىكىدا بولۇپمۇ ماتىماتىكا ساھەسىدە كەينىدە قالغانلىق ھەققىدە بىر مۇھاكىمە بولىدىغان. بەلكى ئەينى چاغدا پەرھاتتەك ئادەملەردىن يۇزى بولغان بولسا ئۇ مۇھاكىمىنى قىلىش ھاجەتسىز بولاتتى.
      ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن چەتئەلدە تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق ئوي خىياللىرى، خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتە دۇچ كىلىدىغان مەسىلىلىرىمىز بار، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى مەسىلىلەر ئورتاق، بەزى مەسىلىلەر خاسلىققا ئىگە. مەن بۇ يەردە مانا مۇنداق بىر ئورتاق مەسىلە ھەققىدە توختىلىشنى توغرا تاپتىم: ئۇ بولسىمۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىلەچىگى، ئۇلارنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان شارائىتتا ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتىنى ساقلاپ قىلىش مەسىلىسى. بۇ ھەقتە  چەتئەل تۇرمۇشىنى بىشىدىن كوچۇرۇپ خەلق بىلەن ياشاش يولىنى تاللاپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن قىرىندىشىمىز، ۋىجدانلىق ئۇيغۇر يىگىتى ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندى ئۆز يازمىلىرىدا بىر قەدەر تەپسىلى توختىلىپ ئۆتكەن.  مەن بۇ يەردە مەزكۇر قىرىندىشىمىزنىڭ روھىغا قايىللىغىم ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ۋە ئۇنىڭ يازغانلىرىنىڭ رىياللىققا ئۇيغۇن ئىكەنلىگىنى تەھقىقلەش ئارقىلىق ئۇنى قوللايدىغانلىغىمنى ئەسكەرتمەكچىمەن.
      مەن مۇنداق ئويلايمەن: ئىنساننىڭ ئۆمرى چەكلىك،سەتلىشىپ، شەخسىيەتچىلىك قىلىشىپ ياشاشنىڭ ئۆزى تەڭرى بەرگەن ھاياتنى قەدىرلىمىگەنلىك. شۇڭا ئىنسان شارائىتلا بولىدىكەن، قولىدىنلا كىلىدىكەن، ئۆز-ئارا مىھىر-مۇھەببەت يەتكۇزۇشۇپ ياشىغان ياخشى. مىنىڭ چۈشۈنۈشۈمچە بۇ بىر ھەقىقى مۇسۇلماندا بولۇشقا تىگىشلىك خىسلەت. مىنىڭ بۇ ئويدا بولۇشۇم ئەلۋەتتە مىنىڭ"ئەخمەقلىغىمدىن ئەمەس" بەلكى بىر ئۇيغۇر بولسىمۇ "ئىشى ياخشى بولسۇن، قىيىنى ئاسان بولسۇن، تۇرمۇشى راۋان بولسۇن، يۇكسەلسۇن، غىرىپسىنىپ،قايمۇقۇپ قالمىسۇن" دەپ ئويلايدىغان "ئەقىدىنىڭ توغرىسىنى ئىيتقاندا  مۇھەببەتنىڭ بولغانلىغىدىن.ئەگەر بىز ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزگە مىھىر مۇھەببەت كۆرسەتمىسەك، غىمىمىزنى يىيىشمىسەك،كىچىكلەرگە، ئوتتۇرا يولدا قالغانلارغا ئاز-تولا قىرىنداشلىق كۆڭلىمىزنى يەتكۇزمىسەك ئارىمىزدىكى ئاجىزلارنىڭ باشقا قۇتۇپقا ئىغىپ كىتىشى يۈز بىرىدۇ.
       ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مالايسىيادىن بىر ئىنىمىز  بوستونغا ئىلمى يىغىنغا كەلمەكچى بولۇپ مەن بىلەن ئالاقە قىلدى. ئۆزى ياخشى ئوقۇغان،سالام-سائىتى جايىدا ياش يىگىت ئىكەن. ئۇنى ئۆيگە باشلاپ بىرىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈردۈم، جۇملىدىن 10 ياشلار چامىسىدىكى ئوغلۇمنىمۇ  كۆرۈشتۈردۈم. بۇ يىگىت مالايسىياغا قايتقاندىن كىيىن ئامىرىكىدا كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ماقالە قىلىپ يىزىپ چىقىپتۇ جۈملىدىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۇسى ھەققىدە مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىپتۇ ھەمدە ئوغلۇمنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمىگىنىنى مىسال ئىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۇسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىغىنى يورۇتماقچى بوپتۇ.ئوغلۇمنىڭ بۇ يىگىت بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلەشمىگىنى راست، ئۇيغۇرچىنى بەك راۋان يەنى كىتاپ تىلىدا سوزلىيەلمەيدىغىنى ھەم راست.ئەمما ئۇيغۇرچە بىلىدىغىنى ۋە سۆزلىيەلەيدىغىنىمۇ راست. ئۇ ماقالىنى بىرسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئوقۇغاندىن كىيىن،مەن بۇ ئىشقا سەل قارىسام بولمايدىغانلىغىنى ھىس قىلىپ شۇندىن كىيىن  ئۆيگە مىھمان كەلگەندە ئوغلۇمنى ئامال بار مىھمانلار بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە رىغبەتلەندۇرىدىغان بولدۇم، "مەن ئۇيغۇرچە سۆزلىمىسەم، دادامنىڭ يۈزى كىتىدۇ" دىگەن ئوي ئوغلۇمنىڭ كاللىسىغا كىرگەن چىغى ھەر ھالدا ھازىر كۆپ ياخشى، ھەتتا "ئاتۇش" بىلەن"پۇل" دىگەن ئۇقۇملارنى باغلاپ بىزگە چاقچاقمۇ قىلىپ قويىدۇ.
     مەن نىمىشقا بۇ ئىشنى سۆزلەيمەن؟
      چۇنكى پەرھات ۋە ئادىلە بۇ جەھەتتە بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلىگەن. بۇنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. فەرۇق ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدۇ، بوستوندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بىلەن ئىزدىشىپ تۇرىدۇ. مەن تىخى ئۇنى يىقىندا بوستوندا ياشاۋاتقان بىر ئىنىمىزنىڭ نىكاھ ئوقۇش مۇراسىمىدە كۆردۇم، گۇۋاھچىلىقتا ۋە دۇئادا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدۇم.  ئۇنىڭ جامائەتنىڭ سىپىگەيىگىت بولۇپ قىتىلغىنىدىن پەخىرلەندىم ھەمدە بۇ ئىشلىرىنى ئالقىشلىدىم ۋە رىغبەتلىك سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى تىخىمۇ تىرىشىشقا ئىلھاملاندۇردۇم.
      ئۆز توپىنىڭ ئىچىدە ياشاش، ئۇلارنىڭ كۈلكە ۋە يىغىسىغا داخىل بولۇش، تىلدا، دىلدا، ھەركەتتە بىرگە بولۇش - ئۇ بىر خىل كۈچلۈك مۇھەببەت شۇنداقلا ئۆزىنى سۆيۈشتۇر!
       ئىشىنىمەنكى، ئويغۇرلارنىڭ سۆيۇملۇك پەرزەنتلىرىنىڭ ئىچىدىن فەرۇقنىڭ ئىزىنى بويلاپ دۇنيادىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەردىن HARVARD, MIT,PRINCETON, YALE, COLUMBIA, CORNELL...,  قاتارلىق داڭلىق ئالى مەكتەپلەرگە كىرىدىغانلار بۇندىن كىيىن تىخىمۇ كۆپ بولىدۇ. مانا مۇشۇ كىشىلەر - ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بەختىيار كىلەچىكىنى يارىتىدۇ، شۇنداقلا مىللەتنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدۇ!يىقىندىن بۇيان  بۇ خىل روھتىكى ياشلاردىن ئونغا يىقىنى مەن بىلەن ئالاقە قىلدى. ئىشىنىمەنكى ئالدىمىزدىكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە بۇلاردىن بىر نەچچىسى ئاشۇ دۇنيادىكى داڭلىق ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇشقا كىرەلەيدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە، ئەقلىگە ۋە ئۇيغۇرلۇق غۇرۇرىغاچوڭقۇر ئىشىنىمەن!
بالىلىرىمىز، ياشلىرىمىز يولىنى تىپىۋاتىدۇ، ئۇلاردا ئۈمىت بار، مىللىتىمىزدە ئۈمىت بار! بىز يۇكسەك تىرىشچانلىغىمىز ۋە مۇستەھكەم روھىمىز بىلەن چوقۇم يەنە پەخر بىلەن ياشاش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۇرەلەيمىز!

(2)


       ئۇيغۇرلار سان جەھەتتە ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ خىلى بىرقىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە ياشايدۇ. مەن بۇلار ھەققىدە 70-80- يىللارداباشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىگىگە كىرگۇزۇلگەن ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭ"ئېغىر كۇنلەردە" ناملىق ھىكايىسىنى ئوقۇش بىلەن چۇشەنچىگە ئىگە بولغان.ئىسىمدە قىلىشىچە ئەينى چاغدا باشقا ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جاپالىق ھاياتى-سەبى قەلبىمنى بىئارام قىلغان ئىدى. مەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە  ياشاۋاتقان بۇگۇنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە تارخشۇناس نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يازمىلىرى ئارقىلىق ئىلگىرلەپ چۇشەنچىگە ئىرىشكەن ئىدىم ئەمما مەن ئۇلارنىڭ بىرەرى  بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدىم، نەزىرىمدە ئۇلاربىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا پەرق باردەك، ئۇلار ئۆزىنى بەك ئۇيغۇر دەپ كەتمەيدىغاندەك ھىسسى چۇشەنچىدە ئىدىم.
     بوستوندا بولغان مۇنداق ئىككى ئىش مىنىڭ بۇ ھەقتە خاتاقاراشتا بولغانلىغىمنى تونۇتتى.
     1997-يىلى دىكابىر مەزگىللىرى ئىدى، مەن بوستوندىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئىدىم. ئارىلاپ ئارىلاپ ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن تىلىفۇن كەلگەننى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئامىرىكىدىكى يىڭى مۇھىتقا تازا كۆنەلمەي كىتىپ بارغان چىغىمدا بىر كۈنى كەچتە  تىلىفۇن كەلدى.ئالسام قارشى تەرەپ ئۆزىنى تونۇشتۇردى:.مەن مايسەم، قازاقستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر. بوستونغا ئاكام بىلەن ئىلمى يىغىنغا كەلگەن، بوستوندا ئۇيغۇر بارمۇ دەپ سوراپ سىزنىڭ نومۇرۇڭىزنى تاپتىم. تۇرۇۋاتقان يىرىم ماررىئوتت مىھمانخانىسى .
     مەن ناھايىتى خوش بولدۇم. بىرسى يات ئەلدە ئىز-دىرىگىڭنى قىلىپ سالام بەرسە ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا يارىشا سالام ياندۇرۇش - بۇ بىر خىل ئادىمىگەرچىلىك مەجبۇرىيەت -تە؟
     مەن ئەتىسى مايسەم بىلەن مىھمانخانىدا كۆرۈشتۈم.كۆردۈمكى مايسەم مەندىن 2-3 ياش چوڭ، كۆزىدىن ئەقىل نۇرى پارلاپ تۇرىدىغان،ئۇيغۇرچىنى راۋان سوزلەيدغان ياش تەتقىقاتچى ئىكەن. پاراڭلىشىپ تۇرساق، بىردەمدىن كىيىن ئاكىسى - شوھرەت مۇتەللىپ قىشىمىزغا كەلدى. مەن ئۇلار بىلەن خىلى پاراڭلىشىپ ئۇلارنىڭ كلون تىخنىكىسىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى مەلۇماتقا ئىگە ئاكا-سىڭىللار ئىكەنلىگىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىغىدىن بەك پەخر ھىس قىلىدىغىنىنى بىلىپ بەك خوش بولدۇم.
      يەنە بىر قىتىم - 1999-يىلى ئەتىياز مەزگىللىرى ھەپتەئاخىرىغۇ دەيمەن، خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتى جايلاشقان شەھەر كامبرىجگە جايلاشقان بىرسىن ئالغۇ دۇكىنىدىن كىنو ئارىيەت ئالاي دەپ دۇكانغا كىرىپ كىتىۋاتسام - 30 ياشلارئۆپچۆرىسىدە بار لاتاپەتلىك بىر خانىم ئورۇس تىلىدا 5-6 ياشلار چامىسىدىكى بىربالىغا گەپ قىلىۋاتىدۇ، قارىسام ئايالنىڭ بىر يەرلىرى ئۇيغۇرغا ئوخشاپ كىتىۋاتىدۇ:
    -  سىز قازاقستاندىنمۇ؟ دەپلا سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن.
    - ۋاي، قانداق ئۇقتىڭىز؟ھەيرانلىق كۆزىدە تىكىلدە ماڭا  ئۇ خانىم.
    -  ئىسمىم قەيسەر، مەن ئۇيغۇر. سىزگە قارىسام بىر يەرلىرىڭىز ئۇيغۇرغا ئوخشايدىكەن،قازاقستاندىكى ئۇيغۇرلار ئورۇسچە سوزلەيتتى دەپ ئاڭلىغان شۇڭا سورىشىم.
    -   ۋاي مەنمۇ ئۇيغۇر،خانىمنىڭ كۆزىدىن خوشاللىق نۇرى چاقناپ كەتتى. مىنىڭ ئىسمىم دىلارا، دەپ قولىنى سۇندى ئۇ خۇددى قىرىندىشىنى تىپىۋالغاندەك.بىز ئۆز-ئارا تىلىفۇن نومۇرىمىزنى ئالماشتۇرۇشتۇق.كىيىنكى مۇناسىۋەت قىلىشلار جەريانىدا ئۇقتۇمكى، دىلارانىڭ دادىسى ئۇيغۇر، ئانىسى رۇس مىللىتىدىن ئىكەن،  ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ پۇشتىدىن ئىكەنلىگىگە بەك غۇرۇرلىنىدكەن. قىسقىسى دادىسىنى بەك سۆيىدىكەن، جۇملىدىن ئۇيغۇرنى سۆيىدىكەن. مېدىتسىنا ئوقۇغان دىلارا ئۆزىنىڭ ساۋاقدىشى قازاقستانلىق قازاق يىگىتى -دوست بىلەن توي قىلىپ تۇرمۇشلۇق بوپتۇ. ئۇنىڭ يولدىشى، دوست -ئىنتايىن ئەقىللىق، مىھماندوست ئالىم بالا ئىكەن، شۇ مەزگىللەردە MIT دا تەتقىقاتچى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىكەن.ئۇلار بوستوندىكىچاغدا ئالاقە قىلىشىپ تۇردۇم، كىيىن ئۇلار تىكساسقا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كۆچۈپ كەتتى.
      كىيىن مايسەم بوستونغا كەلگەندىن كىيىن گەپ ئارىلىغىدادوست ۋە دىلارانىڭ گىپى چىقىپ قالدى، ئۇلار مايسەم بىلەن دوست ئىكەن. مايسەمنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە -دىلارانىڭ ئىنىسىمۇ ئاجايىپ ئۇيغۇرلىغىدىن پەخىرلىنىدىغان يىگىت ئىكەن.
      ئۇيغۇرلىغىدىن قانداق ئادەملەر پەخىرلىنىدۇ؟
ئاق-قارىنى بىلىدىغان، كاللىسى دۇرۇس، ئەقىللىق ئادەم، قانداق ئادەم قاچىدۇ؟پۇرسەتپەرەس، مۇناپىق، دۆت ماڭقۇرتلار.
     مايسەم ھازىر MIT نىڭ قارمىغىدىكى (whitehead institute)ۋاىت خەد ئىنستىتوتىنىڭ بىر تەجىربىخانىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ  نەچچە يىللار ئىلگىرى مەن ئۇنىڭ دادىسى - مۇزەپپەر ئاكا ۋە جەننەتخان ھەدىلەر بىلەن تونۇشتۇم شۇندىن بىرى ئىزدىشىپ ئوتۇشىمىز. مۇزەپپەر ئاكا - ئەسلىدە تارخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە ھورمەتكە سازاۋەر مويسىپىت كىشى ئىكەن. مەن ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدا "شوھرەت مۇتەللىپ ۋە مايسەم مۇتەللىپ" نى موسكىۋادا ئوقۇتۇش جەريانىدا تارتقان قىيىنچىلىقلار ۋە كورسەتكەن ئاتا-ئانىلىق مىھىر مۇھەببەت ھىكايىسىنى ئاڭلاۋاتقان چىغىمدا ۋۇجۇدۇم تىترىگەن ئىدى، چۈنكى مىنىڭمۇ ئاتا-ئانام ئاشۇلاردەك مۇقەددەس مىھىر مۇھەببەت بىلەن ماڭا بارلىغىنى ئاتىغان ئىدى.  مەن شۇ چاغدا"مۇشۇنداق ئوز پەرزەنتلىرىگە مىھىر مۇھەببىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئاتا قىلالايدىغان مىللەتنىڭ كەلگۇسى پارلاق بولماي قالمايدۇ" دەپ ئويلىغان ئىدىم،ھىلىھەم شۇنداق ئويلايمەن.
      سۆز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە كۆپچىلىك - MIT نىڭ نەقەدەر شەرەپلىك بىر مەكتەپ ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتى چوقۇم. ئوقۇغۇچى ئۇچۇن ئۇنىڭغا كىرىش تەس، بىر يۇقۇرى ئۇنۋانى بار ئادەم ئۇچۇن ئۇنىڭغا خىزمەتچى بولۇپ كىرىشمۇ تەس، ئۇنىڭ دۇنياۋى تەسرگە ئىگە تەتقىقات ئورگانلىرىدا باش تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەش تىخىمۇ تەس. مۇبادا سىزدە باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان سەۋىيە بولمىسا بىرتەجىربىخانىنىڭ دىرىكتورى ئەمەس، ھەتتا ئادەتتىكى خىزمەتچىلىگى نەدە تۇرۇپتۇ؟
     مايسەم كلونلاش تىخنىكىسىدا ئاكىسى شۆھرەت مۇتەللىپتىن قىلىشمايدىغان دۇنياۋى سەۋىيىگە ئىگە ئالىم. ئۇ يىتەكچىلىك قىلىدىغان تەجىربىخانىدا خىلى كۆپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئامىرىكىلىقلار، جوڭگۇلۇقلار ئىشلەيدۇ. ئامىرىكا جەمىيىتىنىڭ مەيلى جوڭگۇ، ياپونىيە ۋە ياكى ياۋروپادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە نىسبەتەن بىر ئارتقۇچىلىقى بار. يەنى بۇ جەمىيەت تالانتى بار ئادەملەرنى كۆتۈرۈدۈ، ئۇلارغا پۇرسەت بىرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت بولغانلىغى ۋە ياكى مۇسۇلمان بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇلارنى پۇرسەتتىن مەھرۇم قالدۇرمايدۇ. مايسەم ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ  ۋايىتخەد (ئاقباش) ئىنستىتوتىنىڭ كلونلاش تىخنىكىسى بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەسئول ئالىمىرلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. شۇنداق بۇ يەردە كۆپ سانلىق مىللەتلەردىن كىلىپ چىققانلارغا رەھبەرلىك ۋە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقىنى -ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىغى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ئۇيغۇر قىزى - مايسەم مىتالوپىۋا.
     مۇبادا بىز مايسەمنى ئۇيغۇردىن چىققان مارىئا كيۇرى دىسەك  ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. مەن ئۇنىڭ قانچىلىك تىرىشىپ، جاپالىق ئىشلەيدىغىنىنى بىلىمەن. ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمى-تەجىربىخانىدا ئۆتىدۇ. مەن ئۇنىڭ بىر كۈنلەردە چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلەيدىغىنىغا ئىشىنىمەن. ئۇ بەلكى ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە نوبىل مۇكاپاتىغائىرىشىپ قىلىشى مۇمكىن.
  مايسەم يەنە ئىنتايىن ۋاپادار ئۇيغۇر قىزى. ئۇ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنى بولۇپمۇ ساقسىز بولۇپ قالغان ئاپىسىنى ئۆز يىنىدا تۇرغۇزۇپ،داۋالىتىپ، ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ ئوزىنىڭ پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلمەكتە، ئۇنىڭ بۇ پەزىلىتى ئۈچۈن جانابى ئاللاھ ئۆز ھىممەتلىرىنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئاتا قىلغاي، ئامىن!بۇ يىل باھاردا - مۇزەپپەر ئاكا قازاقىستاندىن بوستونغا يەنە كەلدى.
     -قانداق قەيسەر بالام ئاھۋالىڭ ياخشىما؟
     مۇزەپپەر ئاكىنىڭ سالامى ئاشۇنداق باشلىناتتى. مەن خەلقىمىزگە ئىككى دۇنياۋى ئالىمنى تەربىيەلەپ بەرگەن بۇ مويسىپىتكە - ھۆرمەت بىلدۇرۇش ئۇچۇن، بوستوندىكى تىرىشچان ياشلاردىن ئىككىنى ئىلىپ بۇ زاتنىڭ ئالدىغا سالامغا باردىم. مۇزەپپەر ئاكا بىزگە نۇرغۇن گەپلەرنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ گەپ ئارىلىغىدا ئۆزىنىڭ بىر  ئارزۇسىنىڭ - ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىداموسكىۋاغا  يىقىن يەردە ئۇرۇشتا ئولۇپ كەتكەن دادىسىنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن دەپ قارىلىدىغان شەھەرگە بىرىپ دادىسىنىڭ روھى ئۈچۈن بىر قۇران-تىلاۋەت، دۇئا قىلىش ئويىنىڭ بارلىغىنى ئىيتىپ بەرگىنىدە، يەنى 80 گە يىقىنلاشقان بوۋاي ئۆزى ئىنتايىن كىچىك ۋاقتىدا تۈگەپ كەتكەن دادىسىنىڭ قەۋرىسىنىڭ ھەقىقى ئورنىنىڭ نەدەئىكەنلىگىنى بىلمىسىمۇ شۇ شەھەرگە بىرىپ دۇئا ئوقۇش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلىغىنى سۆزلەپ بەرگەندە ھەممەيلەن بەك تەسىرلەندۇق. تاماق قىلىۋاتقان مايسەم ئۆزىنىڭ موسكۋادا ئوقۇۋاتقان چىغىدا، شۇ شەھەرگە بىرىپ "دادامنىڭ دادىسى ھەققىدە ئۇچۇر ئالىمەن" دەپ قۇربان بولغان ئەسكەرلەر تىزىملىگىنى نەچچە كۈن ۋاراقلىغىنىنى، "نامسىز قەھرىمانلار قەبرىستانلىغىدا چوڭ دادام بار" دىگەن خىيال بىلەن ئۇ يەرلەرگە گۈل قويغىنىنى سۆزلەپ بەرگىنىدە، بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى ھۆرمەت ۋە قايىللىق يۇقۇرى پەللىگە يەتتى.
    دىمەك مايسەم بىر پەزىلەت ئىگىسى.
     مىنىڭ مايسەمنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش ئويۇم خىلىدىن بۇرۇن بار ئىدى، ئەمما ئۇ ئۆزى تىپىك ئۇيغۇر قىزلىرىدىن بولغاچقا يەنى تارتىنچاق،كەمتەر بولغاچقا، ماڭا كۆپ نەرسە دەپ بەرمىدى. كۆپ ئۇچۇر ئالالمىدىم. ئىشىنىمەنكى،ئۇيغۇرلار دۇنياۋى پەن-تىخنىكىنىڭ ئالدىنقى سىپىدە كىتىۋاتقان بۇ سۆيۈملۇك قىزى بىلەن تەپسىلى تونۇشۇش پۇرسىتىگە چوقۇم ئىرىشىدۇ.
      ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سۆيۈملۇك خەلقىم:
     مەن مۇشۇ ئاخىرقى  قۇرلارنى 29-سىنتەبىر تاڭ سەھەر 2 لەردەيىزىۋاتىمەن. كۆزلىرىمگە كىلىۋىلىۋاتقان ئۇيقۇ دۇشمەنلىرىنى چىدام قامچىلىرىم قامچىلىماقتا. ھارغىنلىق ھىسلىرىمنى  سۆيگۇ پەرىشتىلىرى ئۆزىگە رام قىلماقتا. مەن ئۇخلاشقا تىگىشلىك ۋاقىتتا ئۇخلىمايۋاتىمەن،ئۇخلىيالماۋاتىمەن، ئىيتىڭلارچۇ نىمە ئۇ مىنى ئۇخلاتمايۋاتقان؟!
    فەرۇق ۋە مايسەمگە ئوخشاش پەخىرلىك ئوغۇل-قىزلىرىمىز توختىماي چىقىپلا تۇرىدىكەن، مەن بۇنداق ئۇيقۇلاردىن سانسىز قىتىم ۋاز كىچىشكەرازى!


2013-يىلى 29-سىنتەبىر


14

تېما

5

دوست

2587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 810
توردىكى ۋاقتى: 227
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئاكا، ناھايتى ئېسل تىمىدىن بىرنى تەييارلاپسىز. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ئېنىمىز فەرۇخنىڭ ئىش ئىزلىرىنى فېيسبۇكتا ئازراق ئاڭلىغان ئىدىم، بۈگۈن سىزدىن تەپسىلىي ئاڭلاپتىمىز. بۇ ئېنىمىز ھەقىقەتەن پەخىرلىك بىر ئوغلانىمىز ئىكەن، ئۇنىڭ MIT دىكى ئوقۇشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى ۋە كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولۇشىنى تىلەيمەن.
دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان تىمامدا  (./thread-19677-1-1.html) ھەدىمىز دوكتۇر مايسەم مۇتەللىپنىمۇ تىلغا ئىلىشنى مەنمۇ ئويلاشقان ئىدىم، ئەمما سىز دىگەندەك كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمەي قىلىپ يازالمىغان. بىر ئامال قىلىپ مايسەم ھەدىمىزنى بىر تەپسىلي تونۇشتۇرۇپ چىقساق بولاتتى. مەن ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم، شۇنچىلىك يۇقىرى سەۋىيلىك، سۈپەتلىك ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان سۈپەتلىك ماقالىلار ئىكەن. ئەگەر ئۇنىڭ باشقا ئۇچۇرلىرىنى ئېنىقلىيالىساق مەن ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە چۈشىنىشلىك قىلىپ تونۇشتۇرۇپ بىرىشنى ئۈستۈمگە ئالاتتىم.
ئۇيقۇ كەلمەيدىغان كېسەل مەندىمۇ بار، سىزدىن ۋاقىت پەرقىم بىر سائەتلا كىيىن، لىكىن تېخىچە ئۇيقۇ يوق...
قۇتلان تېلفۇنلىرى

6

تېما

1

دوست

1614

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 275
تۆھپە : 297
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئېسىل يازمىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم. ۋاقىت چىقىرىپ يەنە بىر رەت ئوقۇيمەن، بولمىسا بۇگۇن كەچ مىنىڭمۇ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.

چەتئەللەردىكى مايسەم، دىلارە ، ۋە مۇزەپپەر ئاكا ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش  ئىلىم ئىشقىدا يىنىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئالىي سالام.

قەيسەر ئەپەندىم ،يازمىڭىزغىمۇ تەشەككۇر !

0

تېما

1

دوست

976

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 296
توردىكى ۋاقتى: 201
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر تىمىڭىز بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن خۇشالمەن.
باشقۇرغۇچلارنىڭ بۇتىمىنى نادىرلىشىنى ئۈمۈت قىلمەن.

1

تېما

0

دوست

1245

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 370
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەنمۇ  ئىككى سىتودىنىتنىڭ  ئاتىسى بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن  ، يازمىنى  شۇنداق ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ  چىقتىم ،كوز ياشلىرىم توختىمىدى . قابىلەتنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى  چوڭقۇر ھىس قىلدىم . ھورمەتلىك قەيسەر مۇئەللىم  ،ئەدەبى خاتىرە ئۇچۇن تاللىغان  پىروتوتىپىڭىز  دەل جايىدا بۇلۇپتۇ . چۇنكى ھازىر يۇرتىمىزدا  كوتىرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دەپ ، مائارىپنىڭ بۇزۇلىشى  ئاز كەلگەندەك مانا ئەمدى ئولمەكنىڭ ئۇستىگە تتەپمەك بۇلۇپ ، خەلقىمىز ئارسىدا بالىلىرىنى «مەكتەب بالامغا نان بېرىدىكەن بىلىم بەرمەيدىكەن »دەپ بالىلىرىنى  مەكتەبلكە بەرمەيدىغان  ئاپەت يامراۋاتىدۇ .  بولسا مۇشۇنداق  موۋاپپەقىيەت قازىنىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ  ئىش-ئىزلىرى كوپرەك ئېلان قىلىنسا ، تىرىشساق ھەممىمىزگە يول ئوچۇق ،دەيدىغان ئىدىيە خەلقىمىزگە ئومۇملاشسا ،كەمسىتىش يوق دۇنميانىڭمۇ بار لىقىنى خەلقىمىز  بىلسەياخشى بۇلاتتى .

قارام سوپى

7

تېما

2

دوست

3116

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 160
تۆھپە : 837
توردىكى ۋاقتى: 185
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://v.youku.com/v_show/id_XNjE0NjEwNjQ0.html
  مانا ئادرېس،سىنادا ۋەھشى تارقىلىۋاتىدۇ.
فەرۇخنىڭ نەتىجىللىرىنى بەھوزۇر كورۈڭلار...   

5

تېما

1

دوست

1386

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6259
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 185
تۆھپە : 313
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر مۇئەللىمگە كۆپ رەھمەت.

4

تېما

11

دوست

7722

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 2498
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورمەتلىك باغداش باشقۇرغۇچىلىرى:
مەن مەزكۇر تىمىنى نادىرلاپ قۇيۇشىڭلارنى كۇچلۇك تەۋسىيە قىلىمەن.
بىز ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئوگۇنۇپ ، جەزمەن ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك !
قەيسەر مۇئەللىم رەھمەت سىزگە!
ئېھتىرام بىلەن:مۇھاكىمە.

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 2416
توردىكى ۋاقتى: 462
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر تىمىڭىز بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن خۇشالمەن.

مەنمۇ باشقۇرغۇچلارنىڭ بۇتىمىنى نادىر قويۇشىنى  ئۈمىد  قىلمەن.

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 2416
توردىكى ۋاقتى: 462
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elikaram يوللىغان ۋاقتى  2013-9-30 18:19
http://v.youku.com/v_show/id_XNjE0NjEwNjQ0.html
  مانا ئادرېس،سىنادا ۋەھشى ت ...

بۇ  فەرۇخنىڭ نەتىجىللىرى تونۇشتۇرۇلغان سىن فىلىمىنى كۆرۈپ ،خۇددى ئۆز ئىنىمنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىنى كۆرگەندەك بولۇپ ، ھاياجاندىن  ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى .
ياشاپ كەت ئۇيغۇر ئوغلانى !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )