قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1000|ئىنكاس: 4

نوچى پەشۋا [ئا.ن.ئۆزقۇت]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

91

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22247
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 19:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
نوچى پەشۋا
ھېكايە{19}


   مەھەللىمىزدىكى قاسىم توخۇۋازنى سورسىڭىز،يېزا تەۋەسىدىكى توخۇۋازلار ئىچىدە تونۇمايدىغان چوڭ_ كىچىك يوق.كىم دېسىە،ھەممسى چىرايى قارامتۇل،ئىگىز بوي،شاپ بۇرۇت قويغان كشى دەپ جاۋاب بېرىدۇ.‹‹ھازىر قەيەردە ؟››دەپ سورسىڭىز،‹‹توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيداندا››دېيشىدۇ.
         راسىت،قاسىم توخۇۋاز چىرايى قارامتۇل،بويى ئىگىز،شاپ بۇرۇتنى ئىككى يانغا قىلىۋالغان كشى ئىدى.ئۇ يۇرت_يۇرتلاردا بولۇپ تۇرىدىغان توخۇ سوقۇشتۇرۇش مۇسابلقىرىدە سۈر_ھەيۋە بىلەن مەيداندا پەيدا بولاتتى.ھەممە خورازلارنى بىر پەشۋا بىلەن پاخشى قېلىۋىتىدىغان داڭدار خورىزى بىلەن شان قۇچۇپ قايتاتتى.شۇڭا يېراق_يېقندا خورىزنىڭمۇ ‹‹نوچى پەشۋا››دەپ نامى بارئىدى.قاسىم توخۇۋازدىكى شۇنداق سۈر_ھەيۋە،گىگانىت قامەتنى ‹‹نوچى پەشۋا››دىن ئايرىپ قاراشقا بولمايتى.بەلكىم سىز ‹‹نوچى پەشۋا››قانداق كارامەتكە ئىگە خورازدۇر،دەپ ئويلاپ قالغانسىز.
    ‹‹نوچى پەشۋا››پەيلىرىنىڭ رەڭگى قىزىلغا مايىل،قاناتلىرى ئۇزۇن،بىخلىرى ئۆتكۈر،ئۇزۇن تاجىلىق پەشۋاچى خورازدۇر.يۇرت تەۋەسىدە ‹‹نوچى پەشۋا››نى تونۇمايدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك.قاسىم توخۇۋازنىڭ قانچلىك داڭقى بولسا ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭمۇ داڭقى شۇنداق كاتتا.شۇڭا،قاسىم توخۇۋاز داڭقنىڭ سمۋولى ‹‹نوچى پەشۋا››دەيدۇ يۇرتتكى چوڭلار پەخىرلنىش ئىلكىدە.
بەلكىم سىز ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ بەزى مىجەزنى بىلمەسلكىڭىز مۇمىكىن.دىققەت قىلمسىڭىز سىزگىمۇ ئاۋارچلىق تېپىپ بېرىشى مۇمكىن.قانداق ئاۋارچلىق ئىكەنلكنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۇنىڭ تۆۋەندىكى مىجەز_خۇلقىغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ!
يانتاق يېزسىدا توخۇ سوقۇستۇرۇش چوڭ مەيدانى بار بولۇپ،ھەر شەنبە كۈنى مەيداندا توخۇ سوقۇشتۇرۇش مۇسابقسى ئالاھىدە قىزىپ كېتەتتى.چۈنكى شەنبە كۈنى يۇرت_يۇرتلاردىن كەلگەن دوكا قىمارۋازلار ئۆزنىڭ داڭدار خورازلىرى بىلەن بىڭسنى نامايەن قىلاتتى.بۇ چاغدا مەيدان جەڭگاھقا ئوخشاش ھەم جىددىي ھەم تولمۇ قىزىق بولاتتى.كشلەر گوياھ دۇنيادىكى بارلىق ئشلارنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندەك پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئېلشۋاتقان خورازلار ئارسىغا سېڭىپ كتەتتى.
بۇنداق چاغلاردا قادىم توخۇۋازمۇ قارا قالپىقنى سىڭايەن كېيىپ،چاپىننىڭئالدىنى ئېچىپ قويۇپ،مەيدانغا ھەيۋە بىلەن كېرىپ كېلەتتى.ئەلۋەتتە،ئۇنىڭ داڭقىغا سمۋول بولغان ‹‹نوچى پەشۋا››مۇ ئىگىسنىڭ قولتۇقىدىن ئورۇن ئىلىپ،ئۇزۇن تاجىلىرىنى دىڭگايتقنىچە ئەتراپتىكى ئولجىلىرىغا مەنستمەسلىك نەزىردە قاراپ كىرەتتى.باشقا خورازلار بۇنداق چاغدا ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ كەلگەنلكنى كۆرۈپ،كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنچە غەزەپ بىلەن قارىشاتتى.يۈرىكىدە بولىسا گوياھ ‹‹نوچى پەشۋا››بىردىنلا ئىگىسىنىڭ قولتۇقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ،ئۆزلىرىنى بىر پەشۋا بىلەن جەھەننەمگە يولغا سېلىپ قويدىغاندەك تۇيغۇدا بولىشاتتى.
ئىشنىڭ قىزىقى ‹‹نوچى پەشۋا››مەيدانغا چۈشكەندە چىقاتتى.ئۇنىڭ سوقۇشقا چۈشكەن خوراز ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ ھەرىكەتلىرىگە مەپتۇن بولۇپ قالغاندەك ھاڭۋىقىپ قاراپ قالاتتى.مۇشۇ پۇرسەتنى كۆتۈپ تۇرغان ‹‹نوچى پەشۋا››بىرلا ھۇجۇم بىلەن رەقىبنىڭ جېنىنى ئېلىپ ئۇ دۇنياغا يولغا سالاتتى.
بەلكىم سىز ‹‹نوچى پەشۋا››دا قانداق سىرلىق گۇمپا باردۇر،دەپ ئويلاۋاتقانسىز!؟ راسىت،ئۇنىڭدا رەقىبى بىلەن جەڭگە چۈشكەندە ئشلتلىدىغان ‹‹مەس››گۇمپسى بار.رەقىبى بىلەن جەڭ باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ‹‹نوچى پەشۋا››رەقىبنىڭ قانچلىك بىڭسى بارلقنى بىلىپ بولىدۇ_دە،ئاندىن سىرلىق ‹‹مەس››گومپسنى ئشلتىپ،ماھارەت كۆرستىدۇ.بۇ خىل ماھارەتنى كۆرسىڭسىز ھەيران قالسىز.ئۇ خۇددى ھاراق ئېچۋالغان كشىدەك دەلدەڭشىپ،رەقىبى ئەتراپنى بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ.رەقىبنىڭ دۇمبسىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ،كەينىگە بىر مۇللاق ئېتىپ ھەممىنىڭ كۆزىنى ئالا_چەكمەن قىلىدۇ.ھاۋاغا بىر قانچە پەشۋا ئېتىپ،يەردە بىرنى يۇملاپ قويىدۇ.رەقىبنىڭ بىخۇد ھالەتكە چۈشكەنلكنى جەزملەشتۈرۈپ،بىرلا ھۇجۇم بىلەن جېنىنى ئالىدۇ.
ئۇنىڭغا بۇ ،ماھارەتنى قاسىم توخۇۋاز ئۆزى بىر قوللۇق ئۆگەتكەن،ئۇنىڭغا قارشى تەرەپنىڭ قانداق ۋاقىتتا بىخۇد ھالەتكە چۇشىدىغانلقى،قانداق ماھارەتنى كۆرسەتسە بولدىغانلقى قاتارلىق تەرەپلەردە خىلى يۇقىرى تېخىنكا ئۈگەتكەن ئىدى.بۇنداق ماھارەتنى يۇقىرى سەۋھيدە ئورۇنلاش ئۈچۈن ‹‹نوچى پەشۋا››نەشە چەكمسە بولمايتى.قاسىم توخۇۋازمۇ ئۇنى مەيدانغا تاشلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ نەشە خۇمارنى چىقىرىپ قويۇپئاندىن مەيدانغا قويۇپ بېرەتتى.سىرلىق  گومپنىمۇ ‹‹نوچى پەشۋا››غا نەشە بىلەن كۆندۇرۇپ ئاندىن ئۆگەتكەن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ‹‹نوچى پەشۋا››مەيداندىكى ھەر قانداق خورازنىڭ جېنىنى ئالاتتى.يېزا تەۋەسىدە ‹‹نوچى پەشۋا››بىلەن ئېلىشالايدىغان خورازلار يوق دېيەرلىك ئىدى.‹‹نوچى پەشۋا››رەقىبلىرىنى بىر_بىرلەپ يەر چىشلەتكەندىن كېيىن مەغرۇر تۇرغان قاسىم توخۇۋازنىڭ ئالدىغا كېلىپ ‹‹ھۈنىرىم قالتسمكىن››دېگەندەك غادىيىپ تۇراتتى.قاسىم توخۇۋازمۇ ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ ھۈنىرىدىن رازى بولغاندەك ئۇنى قولغا ئىلىپ،بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ،قىزىل تاجىسىغا سۆيۈپ قويۇپ،ئەتراپتىكلەرنى مەنستمەسلىك نەزەرى بىلەن قاراپ قويۇپ مەيداندىن ئايرىلاتتى.
بۈگۈن شەھەردىن بىر قانچە توخۇۋاز قىمارۋازلار يېزىمىزغا توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن چىققان ئىدى.ئۇلار خورازلىرىنى مەيدانغا قويۇپ بەرگەندە چوڭ تىكىپ،يەرلىك توخۇۋازلارنىڭ يېنىنى قۇرغداپ قويدى.قاق_سەنەم بولغان يەرلىك تىكەرمەنلەرنىڭ ئىچى ئېچىشىپ،يۈرىكى مۇجۇلۇپ كېتۋاتاتتى.ئەتراپقا ئىلتىجا بىلەن قاراپ قاسىم توخۇۋازنى ئىزدەۋاتاتتى.ئۆيدە ئازىراق ئىش بىلەن ھايال بولۇپ قالغان قاسىم توخۇۋاز كېچكىپ مەيدانغا كەلدى.
قاسىم توخۇۋازنىڭ مەيدانغا كېلشى يەرلىك توخۇۋازلارنىڭ نوخۇلسنى ئۆستۈرۈپ قويدى بولغاي،شەھەرلىك توخۇۋازلارغا ئاليىپ قاراشتى.قاسىم توخۇۋاز بىلەن ئۆچ_ئاداۋەتى بار توخۇۋازلارمۇ بۈگۈن ئادەۋەتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ،ئۇنىڭ يېنىغا ھازىر بولۇشتى-دە،بەس_بەستە سۆزلەشكە باشلىدى.
_قاسماخۇن ئەجەپ ھايال بولۇپ كەتتىڭلار،‹‹نوچى پەشۋا››مۇنچىغا چۇشۇپ بولالماي قالغان ئوخشمامدۇ؟
_‹‹نوچى پەشۋا››غا ئېلىپ بەرگەن خوتۇنى قويۇپ بەرگىلى ئۇنىمدىمۇ_يا!؟
_باياتىن بېرى سىلە يوق.مۇنۇ شەھەردىن چىققان بىر قانچە نوچىلار بىزگە كۈن مەرمىدى.بىر ئامال قىلىپ بۇ كۈن كۆرمىگەن ئاقپشماقلارنى قاق سەنەم قىلىپ،كەلگەن ماكانىغا يالىڭاچلاپ يولغا سېلىۋەتسەك ئوبدان بولاتتى.
قاسىم توخۇۋاز ئۇلارنىڭ گېپنى ئاڭلاپ،ئۆزنىڭ كىچىكىپ كەلگەنلكىدىن سەل خىجىل بولدى.ئىگىسنىڭ كۆڭلنى چۈشەنگەن ‹‹نوچى پەشۋا››قانات قچقىپ،ئىگىسنىڭ قولدىن يۇلقۇنۇپ،باشقا خورازلارغا ئېتلماقچى بولۇۋاتاتتى.
شەھەردىن چىققان قىمارۋازلار قاسىم توخۇۋازنىڭ نامنى خىلى بۇرۇن ئاڭلغان ئىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى قاسىم توخۇۋازنى توىۇيتى._ئەسسالامۇئەلەيكۇم قاسىماخۇن،ئەھۋالىڭلار قانداقراق؟ يېقىندىن بۇيان ياخشى تۇرۋاتقانسىلەر؟
شەھەرلىك بۇ توخۇۋازنىڭ ئسىمى مامۇت يەكچەشمە بولۇپ بىر كۆزى خوراز سوقۇشتۇرۇش مەيداندا خورازنى ئاجىرتمەن،دەپ خورازنىڭ پەشۋاسىنى يەپ،كۆزى خورازنىڭ ئۇزۇن بىخىلىرىغا يەم بولۇپ كەتكەن ئىدى.شەھەردە خىلى ئىناۋەت تاپقان مامۇت يەكچەشمە شۇ ئشتىن كېيىن بىر مەزگىل توخۇنىڭ يېنىغا يېقىن كەلمدى.لېكىن ‹‹ئۈگەنگەن خۇي ئۆلگىچە››دېگەندەك توخۇدىن مېھىرىنى ئۈزەلمەي،يەنە توخۇنىڭ ئشقى كۈچلۈك كېلىپ،توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانلىرىدا قايتا پەيدا بولۇشقا باشلغانىدى.ئۇ شەھەرلىك بولسىمۇ قاسىم توخۇۋازنىڭ داڭقنى خىلى بۇرۇنلار ئاڭلغاچقا بۈگۈن يانتاق يېزسىغا بىر قانچە ھەمسورۇن توخۇۋاز دوستلىرىنى باشلاپ كەلگەن ئىدى.قاسىم توخۇۋازمۇ ئۇنى تونۇيتى.لېكىن ئۆز ئارا توخۇ سوقۇشتۇرۇپ باقمىغان بولغاچقا بىر_بىرنىڭ خۇي_پەيلىنى تازا بىلىپ كەتمەيتى.
_ۋەئەلەيكۇم_ئەسسالام،خۇداغا شۈكىرى،سالامەت تۇرۋاتىمىز.ئۆزىڭلارمۇ ياخشى تۇرۋاتقانسىلەر؟ بۇ ياقلارغا قەدىمڭلار يېتىپ قاپتۇ،مۇبارەك بولسۇن!_دېدى قاسىم توخۇۋاز مامۇت يەكچەشمنىڭقولنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ.
مامۇت يەكچەشمىنىڭ قولى قاسىم توخۇۋازنىڭ قاتتىق كەتمەن سېپنى تولا تۇتۇپ يېىكلشىپ كەكتەن قوللىرى ئارسىدا چىڭ مۇجۇلۇپ كەتكەن بولسا قوللىرى ئارسىدا چىڭ مۇجۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك،ساق كۆزى ئاغرىقتىن قېسلىپ ،پۈتۈن بەدىنى تولغۇنۇپ كەتتى.
_ھەرھالدا خۇداغا شۈكىرى،ئاڭلسىام خورىزىڭلارنى ئۆيلەيمەن دەپ،قىز ئىزدەپ يۈرىدۇ دەيدىغۇ،قانداق توي چىيى بىرىپ،مھىمان قىلاسىلەر.
مامۇت يەكچەشمە ئاغرىقنى مەسخىرلىك چاقچاق بىلەن چىقىرىشنى ئويلاپ،قاسىم توخۇۋازغا چاقچاق ئاتتى.
_شۇنداق توي ئشى بىلەن نەچچە قېتىم شەھەرگە كىرىپ سېلىنى ئىزدىگەن ئىدىم.ئۇزۇندىن بېرى سىلىنى ياخشى قىز تېپشقا كارامتى بار دەپ ئاڭلىغان،لېكىن سىلىنى خورازدىن قىز تالشىپ،پەشۋا يەپ،دوختۇرخانىدا ئاسىمىغا چۆشۈپ يېتىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ،خورازغا ياخشى قىز تاپالماي ئاۋارە بولۇپ قالدىم.بۈگۈنمۇ ئاشۇ ئىش بىلەن سەل ھايال بولۇپ كىچىكىپ قالغان ئىدىم.قانداق ياخشى قىزلاردىن بىر قانچىنى ئالغاچ كەلگەنسىلەر؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مامۇت يەكچەشمنىڭ چىرايى ھاكلانغان تامدەك ئاقىرىپ كەتتى.
_قىزلار سلىدىن ئايلانسۇن!ئاڭلسام بۇ تەرەپلەردە ياخشى قىزلار كۆپ دەپ ئاڭلاپ،ئاتايتەن ماشىنا بىلەن كەلگەن،مۇنۇ جانۋار قىز تېپىپ بەر دەپ بەك خاپا قىلىپ تۇرۋاتىدۇ،ئەتراپتا مىكيانلار بولۇپ قالسا يىراقرق تۇرۇپ تۇرسۇن،بولمسا خاپا قىلىپ،كەينىدىن قوغلاپ چىقىپ كەتسىە،مەن ئاۋارە بولۇپ قالماي يەنە!
مامۇت يەكچەشمە شۇنداق دېگەچ ‹‹جاھان سورار››دەپ ئاتىۋالغان بىر خورازنى مەيدانغا تاشلىدى.
_ئۇنداق بولسا خورازلارنى بىر قويۇپ بېرىپ،قايسى بەكرەك ئويۇنچى كۆرۈپ باقايلى،قايسى يىڭۋالسا يىولىغۇچى تەرەپ يېڭۋالىغۇچى تەرەپكە بىر قىز تېپىپ بەرسۇن،قانداق؟
قاسىم توخۇۋاز ‹‹نوچى پەشۋا››نى مەيدانغا قويۇپ،مامۇت يەكچەشمىگە قارىدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مامۇت يەكچەشمىنىڭ ئاچچىقى تازا كەلدى بولغاي،ئارتۇق گگپ قىلشنىڭ ئورۇنغا ‹‹جاھان سورا››نىڭ يېنىغا بەش مىڭ يۈەننى قويۇپ قويدى.قاسىم توخۇۋاز مامۇت يەكچەشىمنىڭ ئاچچىقى كەلگەنلكنى بىلدى.لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق چوڭ تىكىدىغانلقنى ئويلاپ باقمىغان بولغاچقا،ھەيران قالدى.
قاسىم توخۇۋازمۇ بەش مىڭ يۈەننى ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ يېنىغا قويۇپ،مامۇت يەكچەشىمىگە قول تەڭلەپ رازى بولۇشتى.ئىككى خورازنىڭ مەيدانغا چۈشۈشى مەيداننى جانلاندۇرۇپ قويدى.ياندىن دو تىكىدىغانلارنىڭ ئاۋازى جاھاننى قاپلىدى.
شۇنداق قىلىپ ‹‹نوچى پەشۋا››بىلەن ‹‹جاھان سورا››بىر مەيدان ھايات_ماماتلىق جەڭگە چۈشتى.
مامۇت يەكچەشىمنىڭ ‹‹جاھان سورا››ى ھەيۋە ۋە خىرىس بىلەن ‹‹نوچى پەشۋا››غا ئېتلىدى.
ھەر ئىككلسى بىر_بىردىن پوكانچى خورازلاردىن بولۇپ بىر_بىرنىڭ پوكىنغا ئۆتكۈر بىخلىرى بىلەن تىپىپ ئارام بەرمەيتى.خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ‹‹نوچى پەشۋا››ھالدىن كەتتى بولغاي،مۇداپئە ھالتىگە چۈشۈپ،‹‹جاھان سورار››دىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،ئۇنىڭ ئەتراپنى چەمبەر شەكلىدە ئايلىنشقا باشلىدى.‹‹جاھان سورا››ئۆز ھەيۋىسنى كۆرستىشكە تىرىشىپ،ھەدەپ ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ پوكىنىغا تېپىشقا ئۇرناتتى.مەيداندىكى كشلەر قىقاس_چۇقان سېلىشىپ،ئۆزى تىكىگەن خورازلارغا مەدەت بېرىشىپ،بارچە ئاۋازى بىلەن ۋارقىرشاتتى.قاسىم توخۇۋاز سەل جىددىيلشىپ قالدى.ئۇ ‹‹نوچى پەشۋا››نى تۇتۇپ،پۇكانلىرىدىكى قان داغلىرىنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ،جانۋارنىڭ باش_كۆزلىرىنى چۇڭقۇر مېھىر_مۇھەببەت سۆيۈپ تۇرۇپ،‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ قۇلاقلىرىغا بىر نېمىلەرنى دەپ قويۇپ بەردى.
مامۇت يەكچەشمە ‹‹جاھان سورار››نى قولغا ئېلىپ پوكانلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ‹‹نوچى پەشۋا››نى كۆرستىپ،خورازىغا بىر نېمىلەرنى دەپ قويۇپ بېرىپ،قاسىم توخۇۋازغا سىڭا كۆزىدە قاراپ،مەسخىرلىك ھېجىيىپ قويدى.خورازلارغا ئازىراق جان كىردىمۇ قانداق بىر‑بىرىگە شىددەت بىلەن تاشلنىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى.
‹‹جاھان سورا››ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۆلگۈرەلمىگەن ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ پوكىنىغا كېلشتۈرۈپ قاتتىق تەپتى.تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىنىڭ كۈچىدىن ئۆزنىڭ كونتۇرلۇقنى يوقاتقان ‹‹نوچى پەشۋا››يىقىلىپچۈشتى.مۇسابقە مەيدانى قىقاس_چۇقانغا چۇمدى.قىيا_چىيا ۋارقىراشلار كشى قۇلىقنى ياراتتى.
‹‹نوچى پەشۋا››غا مەدەت بەرگۈچىلەرنىڭ ئاۋازى،جاھاننى توپان بالسى قاپلىغان چىققان كشىلەرنىڭ ئاۋازدەك چىقاتتى.قاسىم توخۇۋازنىڭ يۈرىكى ‹‹نوچپى پەشۋا››نىڭ يېقلشى بىلەن تەڭ ‹‹جىغ››قىلىپ كەتتى.قاسىم توخۇۋاز ئەتىگەن ‹‹نوچى پەشۋا››غا كۆپرەك نەشە بېرىپ قالغانلقنى ھېس قىلدى.
سەھەر تۇرغان قاسىم توخۇۋاز ئۆزى ناشتا قىلماي تۇرۇپ،‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ يېنىغا كەلدى_دە،نۇقۇتتەك نەشنى بۇغداي خېمىرىغا ئارىلاشتۇرۇپ،يېگۈزۋەتتى.گېلىدا تۇرۇپ قالغان خېمىرنى يۇتالمىغان ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ كۆزلىرى چاچراپ چىقىدىغاندەك قىلاتتى.قاسىم توخۇۋاز دەرھال سۇ ئەكېلىپ ئىچكۈرۈپ ساقايتتى.ناشتىنى چالا_بۇلا قىلغان قاسىم توخۇۋاز ‹‹نوچى پەشۋا››نى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كەلگەن ئىدى.شۇ نەشىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ كەتكەن بولۇپ ‹‹نوچى پەشۋا››بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئىدى.

     قاسىم توخۇۋاز ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ تۈگەشكەنلكنى تامامەن جەزملەشتۈرۈپ،ئېغىر قەدەملىرى بىلەن خوراز قىشغا قاراپ ماڭدى.بۇ ۋاقىتتا مامۇت يەكچەشمە ساق كۆزىگە كۈلكە بېرىپ،ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن مەغرۇر ھالدا جاھان سورار››نىڭ يېنىغا قاراپ كەلدى.

دەل شۇ پەيتتە كارامەت يۇز بېرىپ،‹‹نوچى پەشۋا››ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ،مەغرۇر تۇرغان ‹‹جاھان سورار››نىڭ ئەتراپقا قاراپ ئۆز غەلبسنى نامايىش قىلىۋاتقا ۋاقىتتىكى بىخۇدلىقىدىن پايدىلىنىپ،كېلشتۈرۈپ پوكانغا بىرنى تەپتى. ‹‹جاھان سورار›› تۇيۇقسىز تېپىلگەن تىپىكنىڭ زەربسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي يەرگە يىقىلىپ چۇشتى.
  ئەمدى ‹‹نوچى پەشۋا››غا نەشىنىڭ تەسىرى ئاجىزلىشىپ ئەسىلىگە كېلشىكە باشلىغان ئىدى. ‹‹نوچى پەشۋا›› مەسلكتىن يېشلىپ،سىرلىق ‹‹گومپا››سىنى كۆرستىشكە باشلىدى. ئۇ ‹‹جاھان سورار››نىڭ ئورۇندىن تۇرغىچە ئەتراپنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ،ئالدى-كەينىگە بىر موللاق ئېتىپ،ئەمدى ئورۇندىن تۇرغان. ‹‹جاھان سورار››نىڭ تۆپسىدىن سەكىرەپ ئۆتۈپ ئويۇن كۆرستىشكە باشلىدى.‹‹جاھان سورار›› ئەل ئۆمرىدە بۇنداق ماھارەتلىك خورازنى كۆرۈپ باقمىغاچقا ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇراتتى. ‹‹نوچى پەشۋا›› ئەسىلىدە باياتىنلا ‹‹جاھان سورار››نى بىر پەشۋا بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋېتىشىنى ئويلغاندى.لېكىن ئۆزىنىڭ نەشە تەسىردىن ئاجىزلاپ كەتكەن بەدىندىن بىر پەشۋا ئۇجۇقتۇرۇش كەلمەيدىغانلقنى بىلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر پەشۋا بىلەن بىر تەرەپ قىلالمسا ئۆزىنىڭ ‹‹نوچى پەشۋا››دېگەن نامغا داغ تەككۈزۈپ قويۇشنى ئويلاپ،ماھارەت كۆرستىش ئارقىلىق بەدىنىنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈشنى توغرا تاپقانىدى.
پۇرسەت كۆتۈپ تۇرغان ‹‹نوچى پەشۋا›› كېلشتۈرۈپ ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرغان ‹‹جاھان سورار››نىڭ ئاچ پوكىنىغا بىر تەپتى. قاتتىق تېپىلگەن پەشۋانىڭ زەربسىدىن ‹‹جاھان سورار›› تىن-تارتماي باقى ئالەمگە سەپەر قىلدى.
بەلكىم ‹‹جاھان سورار››ئۇ دۇنيانى سوراشنى نىيەت قىلىپ كېتىپ قالدى بولغاي! يىقلغان جايدىن مەڭگۈگە تۇرالمىدى.بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن مامۇت يەكچەشمىنىڭ سىڭا كۆزلىرىدىكى خۇشاللىق ئورۇننى ئەلەم،ئازاپ ئالدى.
قاسىم توخۇۋاز خورازنى قولغا ئېلىپ،جانۋارغا بولغان چۇڭقۇر مىھىر-مۇھەببتنى ئۆز ۋۇجۇدىغا يىغىپ،‹‹نوچى پەشۋا››نى باغرىغا باستى.بەلكىم دۇنيادا جانۋارغا ئامراق ئادەم بار دېيلسە قاسىم توخۇۋازدىن ئارتۇق بولماس. ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ يېڭشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدى ئۈزۈلگەن قاسىم توخۇۋازىنىڭ قەلبى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز كۆرسەتكەن كارامەت پەشۋاسىدىن دېڭىز سۈينىڭ شىددەت بىلەن قىرغاققا ئۇرۇلغاندەك لەرزىگە كەلگەن بولسىا،ئۆمۈر مەنىزىلدە بۈگۈنگە قەدەر قەلىبنىڭ بۇنداق ھاياجان،لەرىزىگە كەلمىگەنلكنى ھېس قىلدى. ئۆزىنىڭ ئەتىگەن ‹‹نوچى پەشۋا››غا كۆپرەك نەشىە چەكتۈرۈپ قويغانلقغا مىڭنى پۇشايمان قىلدى.
بولۇپمۇ ئۆزىنى ھېچ كشىگە تەڭ قىلمايدىغان مامۇت يەكچەشمىدەك ئادەمنىڭ ئالدىدا يۇزىنى يورۇق قىلشى،ئۇنىڭ خورازىغا بولغان ئامراقلىقىنى ئاشۇرغان ئىدى. بۇ قېتىم ‹‹نوچى پەشۋا›› يالغۇز ئۆز ئىگسىنىڭ قەلبىدە ھاياجانلىق ھېسياتى پەيدا قىلىپ قالماستىن،بەلكى مەيداندىكى ھەممە كشىدە چۇڭقۇر ھاياجان ۋە خۇشاللىق پەيدا قىلغاندى. ئۇنىڭغا دو تىككەن ياكى ئۇنىڭغا يۈكسەك ئشەنچ باغلىغان ھەممە ئادەمنىڭ يۈزىدە ئىپادىلگۈسىز قايىللىق ۋە ھەيرانلىق قوزغىغان بولغاچقا مەيداندا ھاياجانلىق غەليانلىرى باش كۆتەرگەن ئىدى. مامۇت يەكچەشمە خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىپ مەيداندا سۇنايلىنپ ياتقان ‹‹جاھا سورار›› نىڭ يېنىغا كېلىپ،ئۇنى قولغا ئالدى-دە،ئەتراپتا سۆڭەك ئىزدەپ يۈرگەن بىر لالما ئىتقا تاشلاپ بېرىپ،مەيداندىن ئەلەم بىلەن چىقىپ كەتتى.قاسىم توخۇۋاز بولسا ئۆزىگە شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن ئامراق خورىزىنى ئېلىپ،ئۆيگە قاراپ يول ئالدى.
غۇنچە بوي،كۆزدىن بالقىپ چىققان كۈچلۈك نۇر كشى قەلبنى لەرزىگە سالدىغان،قارا چېچنى تىقمىغچە قويۇۋالغان،قولى چاققان ۋە ئۆزى ئشچان زۇمرەت چۈشتىن بىرى قاسىم توخۇۋاز ئامراق تامىقىنى ئېتىپ،يولغا نەچچە قاراپ بۇخسۇنۇپ ئولتۇراتتى. گەرچە قاسىم توخۇۋاز بىلەن توي قىلغىنغا ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ جاپالىق ئەتىياز،ئۆلۈكنىڭ قولنى ئارىيەت ئالدىغان ئالدىراش كۈز مەزگىللىرىنى بىللە ئۆتكۈزگەچكە،ئۇنىڭ قەلبىدە ئېرىگە چۇڭقۇر مۇھەببەت بالقىپ،مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى.
بەزى چاغلاردا قاسىم توخۇۋازنىڭ ئانچە-مۇنچە تىللاپ قويۇشنى ھېسابقا ئالمغاندا،ئېرى ئۇنىڭ نازۇك كۆڭلىگە ئازار بەرمەيتتى.قاسىم توخۇۋازىنىڭ قەيەرگە بارمسىۇن ئۆيگە قۇرۇق كەلمەيدىغان بىر ياخشى ئادىتى بار بولۇپ ھەر قېتتىم ئۆيگە كەلگەندە قوغۇن-تاۋۇز،كاۋاپ،سامسا،پىتىر مانتا دېگەندەك زۇمرەت ئامراق يېمەكلىكلەرنى ئالغاچ كېلىپ،ئۇنىڭ كۆڭلنى ئالاتتى. ئاغىرىپ قالغان چاغلىرىدا كېچنى تاڭغا ئۇلاپ يېندا ئولتۇرۇپ چىقاتتى.ئۇنىڭغا يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتقۇزمىغان ئىدى.
قاسىم توخۇۋاز ئىككى كىلوچە ئالما كۆتۈرۈپ،جەڭدە غالىپ كەلگەن سەركەردىدەك مەغرۇر ئۆيگە كەلدى.
_نېمە ئش قىلىۋاتسىلەر خوتۇن؟ _دېدى قاسىم توخۇۋاز ئايالنىڭ قىلۋاتقان ئشىغا قاراپ ئىللىق تەبەسۈم ۋە ئچىكى خۇشاللىق ئىچىدە مېھىر بىلەن بىقىپ.
_نېمە ئش قىلاتتىم،تاماق سويۇپ قالمسۇن دەپ،ئوت قالاتىمەن،_دېدى زۇمرەت ئاغزىنى ئۇشلاپ.
_قانداق تاماق قىلدىڭلار؟_دېدى قاسىم توخۇۋاز تەقەززالىق ئىلكىدە.
_قانداق تاماق قىلاتتىم،سىلە ئامراق لەغمەن ئەتتىم،_دېدى زۇمرەت ئەركىلەپ تۇرۇپ.قاسىم توخۇۋاز قولدىكى نەرسىلەرنى ئايالغا سۇنغاچ:
_بەلەن خوتۇندە!ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى نەرسىنى تاپالايدىغان،_دېدى-دە،ئارقىندىنلا ئۇنىڭ ئىڭىكنى ئەركلتىپ قويدى.
قاسىم توخۇۋاز ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ قورسىقىغا يەم بېرىپ بولۇپ،ئشتھا بىلەن گۆش يەۋاتقان ئامراق خورزىغا تويماسىلىق ۋە چۇڭقۇر سۆيۈنۈش ئىچىدە قاراپ قويۇپ،ئۆيگە يېنىپ كىردى.
قەددىناس ئەر-خوتۇن پاراڭلاشقاچ تاماق يېشىپ ئولتۇردى.
_خوتۇن،ئەتە شەھەرگە كىرىپ بىر قانچە دۇستلارنىڭ يوقلغاچ،ئۆينىڭ كەم-كۇتە نەرسىلىرىنى ئالغاچ چىقايمكى دەيمەن،_دېدى قاسىم توخۇۋاز بىر پارچە لوق گۆشنى چايناپ تۇرۇپ،خوتۇننىڭ كۆزىگە ‹‹قانداق دەيسىەن››دېگەندەك سوئال نەزىردە قاراپ.
_مەيلى بېرىپ كېلىڭلار،ئۇزۇن بولدى ئاغىنەڭلار بىلەن كۆرۈشمگىلى،پات قايتىپ كەلسەڭلار بولدى،_دېدى زۇمرەت كۆڭلىدە ‹‹بارماڭلار›› دېگۈسى بولسمۇ،ئېرىنىڭ خۇشال كەيپياتنى بۇزۇشنى خالماي.
_ئېسىل خوتۇن!ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەك چۈشۈنسىلەر جۇمۇ،قانداق بىرەر نەرىسە ئالغاچ چىققايمۇ؟_دېدى قاسىم توخۇۋاز ئايالىنىڭ ئۈستى-بېشىغا قاراپ رازىمەنلىك بىلەن.
زۇمرەت كېيىم-كېچەكلەرگە بەك ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەيدىغان ئايال بولغاچقا ‹‹ھېچ نەرسىنىڭ لازىمى يوق››دېدى.شۇنداق پاراڭلار بىلەن ئۇخلاپ قالغان قاسىم توخۇۋاز چېينى ئېچىپ،‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ قورسىقنى تويغۇزۇپ،خۇمارىنى بىسقتۇرۇپ،ئايالغا خورازنىڭ ھالدىن ياخشى خەۋەر ئېلشنى جىكلەپ،شەھەرگە قاراپ يول ئالدى.
قاسىم توخۇۋاز كۈن كەچ پېشىن بولغاندا قۇددۇس چاقچاق،ئىلى زابوي،مەمەت يالغان قاتارلىق ئۈچ-تۆت ئەل-ئاغىنلىرىنى باشلاپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى.بۇلار ھەممە ئۆنەردە بار كشلەر بولۇپ،قاسىم توخۇۋاز بىلەن خېلى قويۇق ئالاقە قىلىپ كېلۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان ئىدى. قاسىم توخۇۋاز نەشە چىكشنى مۇشۇلاردىن ئۆگەنگەن ھەم ئۇلارغا بىر كشلىك ھۆرمتى بار ئىدى. ئۇ ئاتا كەسپى بولغان ياغاچچلىق ھۆنىرىنى قىلىپ يۈرگەن،شەھەردىكى بىر تونۇشىنىڭ ئشنى قىلىۋاتقان .اشۇ كۈنلەردە ئارلشىپ يۇرۇپ چېكشنى ئۆگەنگەن ۋە ئايرىلماس ئۈلپەتداشلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى.
ئۈلپەتداش دۇستلار ئۆز ئارا سالام-سائەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن زۇمرەت تەييارلاپ كىرگەن ناۋات چاينى ھۇزۇر بىلەن ئىچكەچ ئۆز ئارا پاراڭغا چۈشتى.
_ئاغىنلەر،_دەپ گەپ باشلدى مەمەت يالغان بىر يۇتۇم چاينى غۇرۇت قىلىپ ئىچىۋېتىپ،_يېقىندا شەھىرىمىزنىڭ داڭدار پۇلدارى سەمەت بايۋەچچىنىڭ ئۆيگە ئوت كېتىپ،ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يىغىپ قويغان روزىغارى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىپتۇ.بۇ ئەلەمگە چىدىمغان سەمەت بايۋەچچە سىرتماق سېلىپ ئۆلۋاپتىمىش.
_نەدىكى بىر يالغان گەپلەرنى دەپ يۇردىكەنسەن ئاداش،ئادەمنى كىچىك بالدەك كۆرۈپ. بۇ ئىشنىڭ قانداقلقنى مەندىن سوراڭلار،_دېدى ئىلى زابوي مەمەت يالغاننىڭ گېپىگە رەددىيە بەرگەن تەلپپۇزدا،_نەدە سەمەت بايۋەچچىنىڭ مال-دۇنيالىرى كۆيۇپ كېتىدۇ دەيسەن،كۆمۈپ قويغان ئالتۇنلىرىنى ئامراق ئايالى غۇنچەم سەتەڭنىڭ ئاشىنسى سوقۇۋەتكەن گەپ.غۇنچەم سەتەڭ ئۇزۇن يىللىق ئاشنسى ئەكبەر گۇاڭجۇغا ئېچىپ بېرىپ،ئۆزى ھېچ ئشنى بىلمگەن بولۇپ كىرپىدەك تۈگۈلۈپ تۇرۋاپتۇ.
ئىلى زابوينىڭ گېپنى پۇتۇن دىققتى بىلەن ئاڭلاۋاتقان ئۈلپەتداش دۇستلار ئۇنلۇكرەك تېنشقمۇ پىتنالمايۋاتاتتى.
_ئەكبەر گۇاڭجۇ پۇلنى ئالغان ئورۇنغا غۇنچەم سەتەڭنىڭ تامبىلغا تېزەك يۆگەپ قويۇپتىدەك! شۇنىڭ بىلەن بۇ ئشنى بىلىپ قالغان سەمەت بايۋەچچە سەتچىلىككە چىدىماي ئۆلۋاپتىمىش،_دېدى ئىلى زابوي كۆپچىلككە تەكشى بىر قاراپ قويۇپ.
_ھەي،ئىت ۋاپا،خوتۇن جاپا دېگەن شۇ-دە،_دېدى مەخمۇت لەڭپۇڭ قولدىكى پىيالىنى داستىخان ئۈستىگە قويۇپ.
_ئاغىنلەر باشقا گەپنى قويۇپ،بىرەر قاپاقتىن چېكىپ ئولتۇرساق،قانداق دەيسىلەر؟_دېدى خۇمارى تۇتۇپ ئولتۇرغان قۇددۇس چاقچاق.
خۇمارى ساڭگىلاپ ئولتۇرغان بەڭگىلەرنىڭ كۆڭلىە قۇددۇس چاقچاقنىڭ دېگەن گېپى مايدەك ياقتى-دە، تەڭلا قاسىم توخۇۋازغا قاراشتى.
قاسىم توخۇۋاز ئارتۇق گەپ قىلشىنىڭ ئورنىغا چىلمنى ئەكىرىش ئۈچۈن قازناق ئۆيگە چىقتى. ئشىكنىڭ يېنىغا جايلاشتۇرۇلغان توخۇ كاتىكىدىكى ‹‹نوچى پەشۋا››غا بىر قاراپ قويۇپ كىرىپ كېتەي دېگەننى خىيالغا پۇكۇپ،‹‹نوچى پەشۋا››غا قارشىغا ئازاپلىق بىر مەنزىرە كۆز ئالدىدا زاھىر بولدى.
‹‹نوچى پەشۋا›› سۇنايلىنىپ ياتاتتى.قاسىم توخۇۋاز دەرھال خورزىنىڭ يېنىغا كىلىپ،ئۇنىڭ نەپەس سوقۇشنى تىڭشىدى.خورزىنىڭ نەپسى توختاپ قالمغانلقنى بىلىپ ئولۇغ-كىچىك بىرنى تېنىپ قويۇپ،زۇمرەتدىن ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى سورىدى.زۇمرەت ئەتىگەندىن بۇيان ‹‹نوچى پەشۋا›› ساق تۇرغانلقنى،يېمىكنىمۇ ۋاقتىدا بەرگەنلكنى ئېيتىپ،قانداقسىگە بۇنداق بولۇپ قالغانلقنى بىلمەيدىغانلقنى دېدى.
قاسىم توخۇۋازنىڭ كاللسىغا نامەلۇم بىر ئادەمنىڭ ‹‹نوچى پەشۋا››غا زەھەر بەرگەنلكى،ئۆلتۈرۈش قەستىدە ئىكەنلكى كەلدى. ‹‹نوچى پەشۋا››غا گۆش سېلىپ بەرسىمۇ يېمەي ياتاتتى.دېىسىمۇ خورازىنىڭ ئشتھاسى تۇتۇلۇپ،بىر نەرسە يېيىشىكە ھەپسېلى يوق ئىدى.قانداق قىلشنى بىلمىگەن قاسىم توخۇۋاز روھسىز ھالدا ئۆيگە يېنىپ كىردى.ئۈلپەتداش ئاغىنلىرى ئۇنىڭىدىكى چىراي ئۆزگىرىشكە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى.ئۈلپەتداش دۇستلار بىرەر قاپاقتىن چەككەندىن كېيىن ئۆز ئارا يەنە پارڭغا چۈشتى. چىلىمنىڭ سەيخاسىغا نەشە بېسۋاتقان مەمەت يالغان:
_ھەي!مۇشۇ نەشە دېگەن كاساپەتنىڭ ئشقى باشقىچە جمۇ،ئۆتكەندە ماۋۇ ئەخەت ئاخۇننىڭ چوڭ ئوغلى مۇشۇ كاساپەتنى جىق چىكىۋېلىپ،ئەرشىكە چىقىمەن دەپ،ساراڭ بولۇپ قالدى ئەمەسىما.ئۇنى بىچارە ئاتا-ئانسنىڭ كۆرسەتمىگەن دوختۇر،بارمىغان داخان-پىرخون قالماپتۇ.بىرسى: ‹‹نېرۋا ھۆجەيرىلىرى كاردىن چىقىپتۇ››دېسە، يەنە بىرلىرى روھنى ئەسىكى تامىنىڭ ئاستىدا قالغان جىن ئېلىپ كېتپتۇ دەپتۇ. ئاتا-ئانىدىن ئايرىلىدۇق.لېكىن مۇشۇ نىجاسەتتىن ئايرلالمىدۇق،_دېدى .بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇددۇس چاقچاق گەپ ئاتتى.
_سەنمۇ دىققەت قىل جمۇ ئاداش،بولمسىا سېنىمۇ جىن ئېلىپ قىچىپ كەتمسۈن يەنە، تۇمۇچۇقتەك ئايالىڭ يالغۇز قېلىپ،دەرتتە قالمسۇن بىكار.
_شۇنداق ئاغىنە دىققەت قىلمساڭ،ئايالڭىغا كۆز تىكىپ يۈرگەن لالما ئىتلار كۆپ تالاپ قويمسۇن يەنە!-دېدى ئىلى زابوي گەپ قېتىپ.
قۇددۇس چاقچاقنىڭ چاقچىقى خېلى ئېغىر كەلگەن مەمەت يالغان باشقىلارغا ئەگشىپ كۈلۈپ قويدى.
چىلىم ئۈچ نۆۋەت ئايلانغاندىن كېيىن بەڭگىلەرنى تازا تۇتتى.قاسىم توخۇۋازمۇ چېكىپ بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن كۆڭۈلىنى غەش قىلىپ تۇرۋاتقان ئشنى دېدى.
_ئاغىنلەر،ماۋۇ ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ تازا مىجەزى يوق تۇرىدۇ.قانداق قىلسام بولار؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە بىر مەيدان چوڭ مۇسابقە بار ئىدى ئەمەسىما.
نەشە تۇتۇپ كەتكەن بەڭگىلەر قاسىم توخۇۋازىنىڭ فېپىنى ئاڭلاپ نېمە بولغانلقنى سوردى. قاسىم توخۇۋاز ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ ئەھۋالنى تەپسلى دەپ بەردى. خورازىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بەڭگىلەر قانداق قىلش توغرسىدا بەس-بەستە سۆزلەشكە باشلدى.
_ئشتھاسى تۇتۇلۇپ قالغان بولسا،يېمىكىگە سۈرگە دورسى سېلىپ بەرسەڭ ساقيىدۇ.
_توخۇمنىڭ ئېقىنى شاقىداپ ئىچىرۋەتسەڭ ساقيىپ قالارمىكىن،ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ سۈينى ئىچكۈزۈۋەتسەڭمۇ بوىدۇ.
-توختاڭلار ئاغىنلەر،-دېدى قۇددۇس چاقچاق،_ئۆتكەندە تام خوشنام سېننىڭ نەچچە يز مىڭ يۈەنلىك خورىزى بىر نەرسىە يېگىلى ئۇنىماي.يېتىپ قاپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن ماۋۇ بىز چېكىپ كېلۋاتقان نەشىدىن ئازىراق چەكتۈرۈپ قويسا،ساقيىپ قاپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە نەشە چەككەن ھەر قانداق جانلقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن ئەمەسىمۇ،مانا قاراڭلار باياتىندىن بىرى يەڭگىمىز بىزگە تاماق ئۈلگۈرتەلمىدى ئەمەسىمۇ.
كۆپچىلىك قۇددۇس چاقچاقنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى بولۇشى مۇمىكىن دەپ قاراشتى. قاسىم توخۇۋاز بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ كەچلىك خۇمارنى چىقىرىپ قويمغانلقنى ئېسىگە ئالدى. ‹‹نوچى پەشۋا›› ئاغرىپ قالسا بولمايتى.ئەتە قاريانتاق يېزسىدا چوڭ كۆلەملىك توخۇ سوقۇشتۇرۇش مۇسابقسى بار تۇرسىا قاسىم توخۇۋاز بارمسىا بولمايتى.
بەڭگىلەر قىزغىن پاراڭلار بىلەن يەنە بىر قانچە قاپاقتىن چېكىپ،تۇتتى دېيشىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ كېتشتى.قاسىم توخۇۋازىنىڭ يالۋۇرۇشلىرىگە قارىماي شوپۇرىنى ماشىنىنى ھەيدەشكە ئالدىرتىپ كېتىپ قىلشتى.
قاسىم توخۇۋاز تاڭ ئېتشقا ئاز قالغانلقنى كۆرۈپ،بالدۇرراق ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئۇخلاي دېيشىگە تاڭ ئەلچسى چىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. چىللىغان خورازىنىڭ ئاۋازى باشقا ئۆيدىن چىقىۋاتاتتى.ئۇنىڭ كاللسىغا دەرھال ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ نىمجان ھالتى كەلدى-دە،ئورۇندىن تۇرۇپ،دالانغا چىقتتى.‹‹نوچى پەشۋا›› يەنە شۇنداق ئاستا نەپەستە ياتاتتى.
قاسىم توخۇۋاز دەرھال ئون چېكىم كېلىدىغان نەشىنى نوقۇتتەك چوڭلۇقتىكى خېمىرنىڭ ئارسىغا سېلىپ،‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ يېمەيمەن دېگىنىگە ئۇنماي يېگۈزۈۋەتتى.
دېگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەي خوراز ئورۇندىن تۇرۇپ،قچقىرىپ ئىگىسگە يەم دېگەندەك بويۇننى سۇزۇپ قارىدى.بۇ ئالامەتلەردىن خۇش بولۇپ كەتكەن قاسىم توخۇۋاز دەرھال ئۆيگە كىرىپ،گۆش ئاچقىپ،ئۇششاق پارچىلاپ خورازغا سېلىپ بەردى.‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ قورسقى تويدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
قاسىم توخۇۋاز ئەسىلدە خوراز زەھەرلىنىپ قالمىغان ئىكەندە دېگەنلەرنى ئويلاپ،خورىزىنىڭ ھازىرقى ھالتىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۆيگە كىرىپ ئازىراق ئۇخلاپ،سەھەردە مېڭشنى قارار تاپتى.
قاريانتاق يېزسىنىڭ توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانى بۈگۈن ئادەم دېڭىزگە ئايلانغانتى.ئادەم كۆپ يىغلىغان بۇنداق سورۇننى كۆرۇپ باقمغانلار ئۈچۈن ئادەم دېڭىزنىڭ قانداق بولۇشنى بىلشى تەس ئىدى. باققالدىن تارتىپ ئاشپەزگە قەدەر تىجارەتچىلەرمۇ مەيداننىڭ ئەتراپىغا دۇككىنى توختىتىپ بولغان ئىدى.
شەھەر ۋە باشقا يېزىلاردىن كەلگەن چوڭ-چوڭ دوكا تىكەرمەنلەر يىغىلغان بولۇپ،ئۇلار ئۆز ئارا پاراڭلاشقاچ ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراپ بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتاتتى.
قاسىم توخۇۋاز كۆزنى بىر سائەت يۇمۇپ،ئورۇندىن تۇرۇپ كەتتى-دە، ناشتىمۇ قىلماي ‹‹نوچى پەشۋا››نى قولتۇقىغا قستۇرۇپ توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانغا قاراپ ماڭدى.
قاسىم توخۇۋازنىڭ مەيدانغا كېلشى بىلەن توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانى قاتتىق جانلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەتراپغا بىر مۇنچە قىمارۋاز توخۇۋازلار ئولاشتى.
قاسىم توخۇۋاز ئەتراپقغا قاراپ چىقتى.مامۇت يەكچەشىمىنىڭ بىر چەتتە ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلقنى كۆردى-دە،ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپ كۆرۇشتى.
قاسىم توخۇۋاز ئۇنىڭ بىلەن قول ئىلشىپ كۆرۇشۇپ،ئەھۋال سوراشتى.ئەمەليەتتە ئۇ مامۇت يەكچەشمىنى ئەمدى ھەرگىز توخۇ سوقۇشتۇرمايدۇ دەپ ئويلغاندى.
مامۇت يەكچەشمە بۇ نۆۋەت چوڭ تىكىپ،مەيدانغا ئون مىڭ يۈەن تاشلدى.قاسىم توخۇۋاز سەل ئويلنىپ تۇرۇپ قالدى.ئۇمۇ خېلى چوڭ تەييارلىق بىلەن كەلگەن ئىدى.
مامۇت يەكچەشمە ئېلىپ كەلگەن  خوراز ئىگىز،بىخلىرى ئۆتكۈر ھەم بىسلىق ئىدى.
مەيدان دو تىكىدىغانلارنىڭ ۋە باققاللارنىڭ خېرىدار چاقىرشلىرى قېتلىپ ۋاڭ-چوڭغا تولدى. ‹‹نوچى پەشۋا›› سىرلىق ‹‹گومپا››سىنى ئشقا سېلىپ ماھارەت كۆرستىپ،ئۇزۇن تۇرا خورازنىڭ سول بېقىندىن كېلىپ كېلشتۈرۈپ بىرنى تەپتى.
ئۇزۇن تۇرا خوراز دەلدۈگىنىپ يېقىلىپ چۈشكلى تاس-تاماس قالدى. رەقىبنىڭ بوش ئەمەسلكنى سەزگەن ئۇزۇن تۇرا خوراز قايتارما ھوجۇمغا ئۆتۈپ ‹‹نوچى پەشۋا››غا ئارام بەرمىدى. ‹‹نوچى پەشۋا›› پەقەت بىردەم ئارام ئېلىپ،ئەسلىگە كېلشنى ئويلاتتى.
نەشىنىڭ تەسىردىن ھالىدىن كېتىپ بارغان ‹‹نوچى پەشۋا›› ئۆزىنى مۇداپئە قىلىش ئۈچۈن ئايلىنىپ قىچىش ستىراتىگىيسى بويىچە،ئۇزۇن تۇرا خورازنى نۇقتا قىلىپ ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۇزۇن تۇرا خورازىمۇ خېلى تەدبىرلىك بولغاچقا ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ تاجسىدىن چشىلەپ تۇرۇپ،ئۇنىڭغا قېچىش پۇرستى بەرمىدى.
‹‹نوچى پەشۋا››ئۇزۇن تۇرا خورازنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئالدىدا ئامالسىز قالدى.تېخى سەھەرگە يېقىن چەككەن نەشە تەسىرى ئۆز كۈچىدىن قالمىغان ئىدى.پۈتۈن بەدەن بوشاپ،بېشى قېيشقا باشلاۋاتاتتى.نورمىدىن ئارتۇق چېكىپ قويغانلقنى ھېس قىلدى.
خورازلارنىڭ جەڭ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرۋاتقان تاماشبىنلار ۋە دو تىككەن قىمارۋازلار ئۆزىنىڭ خورازلىرىغا مەدەت بىرىپ قىيا-چىيا ۋارقىرشاتتى.قاسىم توخۇۋاز بىلەن مامۇت يەكچەشمىنىڭ چىرايدا بىلنەر-بىلنمەس بىر خىل ئىپادە ئەكىش ئېتىپ،قەلبىدە ئاجايىپ بىر دولقۇنلار جۇش ئۇرماقتا ئىدى. بەلكىم غەلبە بىلەن مەغلۇبيەت قسمىتى بولۇشى مۇمكىن. ‹‹نوچى پەشۋا›› ئاخىرى بەرداشلىق بىرەلمەي ھۇشىدىن كەتتى.ئۇنىڭ يېقىلىپ چۇشۇشى بەلكىم ئۇزۇن تۇرا خۇرازنىڭ زەربسدىن ئەمەستەك ئىدى. سەھەرگە يېقىن چەككەن نەشە ئۆز كۈچنى كۆرسەتكەن ئىدى. ‹‹نوچ پەشۋا››نىڭ تۇيۇقسىز يېقىلىپ چۈشۈشى مەيداندىكى كشلەرنى تاڭ قالدۇردى.
بولۇپمۇ قاسىم توخۇۋازنىڭ نىرۋىلىرىنى قاتتىق بىر نەرسىدىن تۇيۇقسىز زەربە يېگەندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى.
قاسىم توخۇۋاز ئولتۇرغان جايدا قېتىپ قالدى بولغاي،مىدىر-سىدىر قىلماي ئولتۇراتتى. بىر قانچەيلەپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ سلكشلەپ،يىڭىنى تارتىپ باقتى.لېكىن قاسىم توخۇۋاز كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ئولتۇراتتى.
مامۇت يەكچەشمە چىرايغا كۈلكە يۇگىرتىپ خورىزىنى ئېلشقا تەمشلۋىدى،تۇيۇقسىز قاسىم توخۇۋاز ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ،تۆت پۇتلۇق بولۇپ ئۇزۇن تۇرا خورازغا ئېتلدى.ئۇزۇن تۇرا خوراز قېچىپ كەتتى.بۇنى كۆرگەن مامۇت يەكچەشمە ۋە ئەتراپتىكى كشىلەر ھەم چۇچۇپ ھەم ھەيرانلقتىن تۇرۇپلا قالدى.قاسىم توخۇۋاز خورازلاردەك چىللاپ،مەيداننى بىر ئايلىنىپ چىقىپ،جاڭگال تەرەپكە كېتىپ قالدى.
‹‹نوچى پەشۋا››بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن ھۇشىغا كېلىپ ئەتراپقا بىر قاراپ چىقىپ،ئۆتكەندە ئىگىسىنىڭ ئۆيگە چىققان قۇددۇس چاقچاقنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە خۇمارى تۇتقان نەشكەشتەك بىر قسىما قىلىقلارنى قىلىپ،ئۇنى دائىرە قىلىپ چۆرگىلەشكە باشلىدى.قۇددۇس چاقچاق كۈتۈلمگەن بۇ ئاجايباتنى كۆرۈپ،قۇرققىنىدىن بەدەر تىكىۋەتتى. ‹‹نوچى پەشۋا››مۇ تاپ بېسىپ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى.
كېيىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،‹‹نوچى پەشۋا››قۇددۇس چاقچاقغا قوغلاپ يەتكەنمىش،تـېخى ئىككى نەشە چېكىپ پۇخادىن چىققانمىش.
قاسىم توخۇۋاز بولسا جاڭگال ئىچىگە كىرىپ كەتكەنچە،قايتىپ چىقماپتىمىش.بەزى ئوتۇنچلارنىڭ دېيشچە ئورمانلىق ئىچىدە بىر خورازنىڭ چىللاپ يۇرگەنلكىنى ئاڭلاپتۇدەك.ئوتۇنچلاردىن: ‹‹باشقا توخۇلار نەگە كەتتى؟›› دەپ سورىغانىمىش.


(مەزكۇر ھېكايە ‹‹قىزىلسۇ ئەدەبياتى››نىڭ 2008-يىللىق 1-2-ساندا ئېلان قىلنغان)
(ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇتنىڭ 100 ھېكايىسى {19})
2008-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى شەھىرى يەكەننىڭ تاغ تۇراسى

ئوغۇز قاغان پۇشتىمەن،بوۋامدەك

3

تېما

2

دوست

481

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   90.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22057
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 21:04:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا قېرىندىشىم!ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇتنىڭئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلاندۇردىڭىز،رەھمەت!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئوغۇز قاغان پۇشتىمەن،بوۋامدەك

3

تېما

2

دوست

481

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   90.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22057
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 21:05:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇتنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلاندۇردىڭىز،ھارمىغايسىز!

0

تېما

0

دوست

3403

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 1885
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 21:12:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس بىلەن ساقلىۋېلىپ ئالدىرماي كۆرەي.

0

تېما

4

دوست

189

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16773
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 21:34:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن مۇنبەردە ئىچكىردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ ئىمتاھان نومۇر سىزىقىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە نومۇر قوشۇش ئەھۋاللرىغا قارىتا راي تەكشۇرۈش مەزمۇنىدا بىر يازما ئىلان قىلنىپتىكەن، ئىزدەپ تاپالمىدىم، بىلىدىغان قېرىنداشلار بولسا ياردەم قىلساڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )