قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 758|ئىنكاس: 8

قاسىم سىدىق: فابىئان ئوئېفنېرنىڭ«قارا ئۆڭكۆر»لىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

18

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   68.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2591
تۆھپە : 9392
توردىكى ۋاقتى: 5116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 21:07:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
فابىئان ئوئېفنېرنىڭ«قارا ئۆڭكۆر»لىرى

قاسىم سىدىق


Fabian Oefner

          1984-يىلى تۇغۇلغان شىۋىتسىيىلىك سەنئەتكارفابىئان ئوئېفنېر ئۇزىنىڭ «قارا ئۆڭكۆر »ناملىق بىر يۇرۆش بەدىئى سۆرەتلىرى ئارقىلىق كىشىنى مول تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا باشلايدۇ.فابىئان ئوئېفنېر نىڭ«قارا ئۆڭكۆر »ناملىق بىر يۇرۆش بەدىئى سۆرەتلىرى تەسەۋۋۇر ئارقىلىق سىزىلغان سىزما رەسىملەر بولماي،بەلكى مىتال كالتەككە ھەرخىل رەڭلىك سىرلارنى سۆركىگەندىن كىيىن مىتال كالتەكنى يۇقۇرى تىزلىكتە پىقىراتقاندا يۇز بەرگەن ھادىسىنى 40مىڭدەن بىر سىكونىتتا فۇتۇ ئاپاراتتا تارىتقان نەتىجىكەن.تېمىدا سىر چاچراندىلىرىنىڭ بۇ خىل كۇرۇنىشىنى مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ كەلتۆرۆپ چىقارغان دەپ چۈشەندۆرۆلگەن.بۇ رەسىملەر پەن ۋە سەنئەت ژورنىلىغا بىسىلغان.
       فابىئان ئوئېفنېر نىڭ بۇ سۈرەتلىرى"بەدىئى سۈرەت"دەپ ئاتالغان بولسىمۇ،مەن ئۇنى مۇئەييەن ئىلمى تەجىربە ئەھمىيىتىگە ئىگە سۆرەتلەر دەپ قارىدىم.سەۋەپ بۇ رەسىملەر تۆۋەندىكىدەك مۇلاھىزە سوئاللىرىغا ئىلھام بېرىدۇ:
1.قارا ئۆڭكۆر ئادەتتە ھەرقانداق نەرسىنى سۈمۆرىۋالىدۇ دەپ قارىلىدۇمۇبادا قارا ئۆڭكۆر ماتىرياللاردا ئېتىلىۋاتقاندەك يوقۇرى زىچلىقتىكى،ئۇز ئوقىدا ناھايتى تىز ئايلىنىدىغان جىسىم بولسا،ئۇ ھالدا ئۇ مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچكە ئىگە جىسىم ئەمەسمۇ؟.
2.ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرى قاينام،قۇيۇن قاتارلىقلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟.
3.قارىغاندا،فابىئان ئوئېفنېر نىڭ رەسىملىرىدىكى سىر چاچراندىلىرىنىڭ ئەكىس يۆنىلىشى نەق قارا ئۆڭكۆرنىڭ سۆمۆرۆش جەريانىنىڭ تەسۋىرى بولغىدەك.چۈنكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ھالەت دەل مۇشۇ رەسىملەرنىڭ ئەكسىچە.
4.نۇۋەتتە قارا ئۇڭكۆرنىڭ مەركىزى ئۇيۇل ماددا بولماي ئەكسىچەبوشلۇق،ھەتتا تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ياشايدىغان ماكان دىگەندەك تەتقىقاتلارمەيدانغا كېلىۋاتىدۇ.بۇھالدا قارا ئۇڭكۈرنىڭ مەركىزىنى بۇرۇن ئېيتىلىپ كەلگىنىدەك غايەت زور زىچلىققا ئېگە ماددى رىياللىق،غەيرى نۇقتا ،دەپ قاراشقا بولمايدۇ.ئۇنىڭ مەركىزى قۇيۇن ياكى قايناملارغا ئوخشاش بوشلۇق بولۇشى ئىھتىماللىققا بەك يېقىن.
تۆۋەندە فابىئان ئوئېفنېرنىڭ ئىشخانىسى ۋە "قارا ئۆڭكۆر"لىرىنىڭ سۆرەتلىرى بېرىلدى.سىزنى ھۇزۇرلارندۇرغاندىن باشقا ئىلمى تەساۋۋۇر بوشلۇغىغا باشلىيالىسا مېنىڭمۇ ھاردۇغۇم چىقىدۇ.















  

















مەنبە:



63

تېما

18

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   68.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2591
تۆھپە : 9392
توردىكى ۋاقتى: 5116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 23:31:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتىكى بىر ياش ھەم سەنئەت قىممىتىگە،ھەم ئىلمى تەجىربە قىممىتىگە ئىگە مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپتۇ.قىلاي دىسە ئىش كۇپ.مەن ۋاقتىنى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن بېھۇدە ئۇتۆزىۋاتقان ياشلارغا ئېچىنىمەن.بۆگۆن مىڭىشقا ھورۇنلۇق قىلسىڭىز،ئەتە يۇگرەپمۇ بوسۇغىڭىزدىن چىقالمايسىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئەلقانات

2

تېما

16

دوست

7599

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2212
توردىكى ۋاقتى: 1044
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 11:59:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاسىمكا، ھازىر قارا ئۆڭكۈر توغرۇلۇق قانچە خىل قاراش باردۇ؟ بىلىدىغانلىرىڭىزنى دەپ باقسىڭىز بوپتىكىن.

63

تېما

18

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   68.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2591
تۆھپە : 9392
توردىكى ۋاقتى: 5116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 12:30:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alkanat يوللىغان ۋاقتى  2013-10-1 11:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاسىمكا، ھازىر قارا ئۆڭكۈر توغرۇلۇ ...

مىنىڭ بىلىشىمچە ھازىرقى قارا ئۇڭكۆر نەزەريەلىرىدە ئومۇملاشتۇرساق مۇنداق ئىككى خىل قارا ئۇڭكۆر ئوچرايدۇ.
1.زىچلىغى غايەت زور بولغان،مەركىزىدە غەيرى نۇقتىدىن ئىبارەت ئىنتايىن كىچىك،رادىئوسى 0گە يېقىنلاشقان بىرئۇزلۇكسىز ماددى رىياللىق بولغان قارا ئۇڭكۆر.
2.مەركىزىدە بوشلۇق بولغان قاينامسىمان قارا ئۇڭكۆر.
كىيىنكىسى يېڭىدىن رىۋاجىلىنىۋاتقان قارا ئۇڭكۆر نەزەريىسى بولۇپ،ئۇنىڭ خىلمۇ-خىل ۋارىيانىتلىرى بار.كىيىنكىسى ئالدىنقى ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ مەھسولاتى بولمىش قارا ئۇڭكۆرنى ئىنكار قىلىدۇ.

0

تېما

7

دوست

2793

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 832
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 13:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   guzalyurtum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-1 13:06  
ziya يوللىغان ۋاقتى  2013-9-30 23:31
ئادەتتىكى بىر ياش ھەم سەنئەت قىممىتىگە،ھەم ئىلمى تەجى ...



بۈگۈن مېڭىشقا ھۇرۇنلۇق قىلسىڭىز، ئەتە يۈگرەپمۇ بوسۇغىڭىزدىن چىقالمايسىز.

نېمە دىگەن جايىدا ئېيتىلغان سۆز بۇ.

نارات

1

تېما

0

دوست

4434

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14180
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 1148
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 13:07:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما رەمەت قاسىمكا

63

تېما

18

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   68.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2591
تۆھپە : 9392
توردىكى ۋاقتى: 5116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-2 09:05:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامان يولى مەركىزىدە كۈچلۆك ماگىنىت مەيدانىغا ئىگە ئىمپولىس يۇلتۇزى بايقىلىپ،يادرودىكى قارا ئۇڭكۆرنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى


سامان يولى مەركىزىدىكى كۈچلۆك ئىمپولىس يولتۇزى بىلەن قارا ئۇڭكۆرنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار



گىرمانىيە ماكىس پىلانىك رادىئو ئاستىرونۇمىيىسى تەتقىقات ئورنى 14-چىسلا(2013-8-14)بايانات ئېلان قىلىپ،بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان خەلقئاراتەتقىقات گۇرۇپپىسى،سامان يولىنىڭ مەركىزىدە كۈچلۆك ماگىنىت مەيدانىغا ئىگە بىر ئىمپولىس يۇلتۇزنى بايقىغانلىغىنى،بۇ بايقاشنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ سامان يولى مەركىزى ۋە قارا ئۇڭكۆرنى تېخمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشۈنۈشىگە پايدىلىق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى.

كەينىدىنلا ئامرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى سامان يولى مەركىزىدىن Xنۇرى ئىمپولىسىنى قوبۇل قىلغانلىغىنى جاكالىدى.شۇنىڭ بىلەن پۆتۆن يەرشارىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى ئار-ئارقىدىن تىلسىكوپلىرىنى بۇ رايونغا توغۇرلاشتى.بەخىتكە يارىشا گىرمانىيە تەتقىقاتچىلىرى ئىككىنجى قېتىم سىمىسىز رادىئوئارقىلىق،بۇ Xنۇرى ئىمپولىسىنى تارقىتىۋاتقىنى بىر يورۇق ئىمپولىس يولتۇز ئىكەنلىگىنى بايقاشتى.

تونۇشتۇرۇلىشىچە ،بۇ ئىمپولىس يۇلتۇزنىڭ شەرتلىك بەلگىسى PSRJ1745-2900بولۇپ،كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانىغا ئىگە ئىكەن.ماگىنىت مەيدانى كۈچلۈكلىگى يەرشارى ماگىنىت مەيدانىنىڭ مىليارىت (100万亿)ھەسسىسىگە توغرا كىلىدىكەن.

سامان يولى مەركىزىگە يېقىن ئورۇنغا جايلاشقان ساگىتتارىئۇس ( "Sagittarius A")يولتۇزلار سىستىمىسىنىڭ مەركىزىدە چوڭ ماسسىلىق بىر قارا ئۇڭكۆر بولۇپ،يېڭى بايقالغان ئىمپولىس يۇلتۇز بىلەن بۇ قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئارىلىغى يېرىم يورۇقلۇق يىلىغىمۇ يەتمەيدىكەن.پىلانىك رادىئو تىلسىكوپى ئاستىرونۇمىيىسى تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچى خادىمىشۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر بۇ ئىمپولىس يولتۇزنى سىمسىز رادىئو ئارقىلىق كۇزۇتۆپ،سامان يولى مەركىزى ئەتراپىدىكى گاز جىسىملاردىكى ماگىنىت مەيدانىنى ،قارا ئۇڭكۆر ماسسسىنىڭ ئېشىشىنى،قارا ئۇڭكۆر ئەتراپىدىكى پۇركەلمە ئېقىم ۋە X نۇرى رادىئاتسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى بېۋاستە ئۆلچەپ چىقالايدۇ.

مەنبە:

63

تېما

18

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   68.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2591
تۆھپە : 9392
توردىكى ۋاقتى: 5116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنبە:



شۇتلاندىيە سانىت ئاندىرىس ئونۋېرىستېتىدىكىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى بايقىشى.
شوتلاندىيىلىكلەرنىڭ تەجىربىسى ھاۋانىڭ قارشىلىغىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋاكىئومدا ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ،پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى تىزلىكتە پېقىرىۋاتقان كىچىك شارغا چۈشۈرۆلگەن لازىر دەستىسىنىڭ تولغۇنۇپ ،سىفرال ئايلىنىۋاتقان بۆلەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەنلىگى بايقالغان.

红色曲线代表着激光光束穿过紫色球体时发生的偏振

  بۇلاردىن بىز ھاۋا ۋە ماگىنىت مەيدانى بولمىغان شارائىتتىمۇ زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يۆنۆلىشىدىن ئاغىدىغانلىغىنى كۇرۇپ ئالالايمىز.

_____________________

يۇقۇرقى ئىككى پارچە رەسىمدىكى شەكىللەردە مەلۈم ئورتاقلىقلار باردەك قىلىدۇ.گەرچە ئىككىسىنىڭ ئايلىنىۋاتقان ئوقى بىرسى ۋىرتىكال،بىرسى گورزىنتال بولسىمۇ........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )