قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1487|ئىنكاس: 3

قارچۇقلىرىمىزغا ‹‹داغ›› چۈشمىسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

2

دوست

4344

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1692
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 1112
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 14:15:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 قارچۇقلىرىمىزغا ‹‹داغ›› چۈشمىسۇن


(  مۇكاپاتلىق ماقالىلەر مۇسابىقىسىغا قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەر  )
[align=justify][align=justify]
[align=justify]گەرچە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قېلىپلاشقان مۇنتىزىم ياشاش شەكلى بولسىمۇ، ئەمما مۇئەييەن ياش-قۇرامدىكى كىشىلەرنىڭ نىسپىي ھالدىكى مۇقۇملىشىپ قالغان تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىش- مەشغۇلىيەت تەرتىپى ۋە قەدەم-باسقۇچلىرى بار بولغان بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى يېتىلدۈرگەن ئەنە شۇ خىل تۇرمۇش ئەندىزىسى بويىچە تۈرلۈك ئىش-پائىلىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، قەلبىدىكى ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلىرنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىر ئۆمۈر  ئىزدىنىدۇ ۋە تىنىمسىز تىپىرلاپ ئۆمۈر گۈلزارىدا خۇشپۇراق، رەڭدار گۈللەرنى ئېچىلىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆز نۇرى، يۈرەكلىرىنىڭ پارىسى، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ ئىجراچىسى، دەۋرىمىزنىڭ گۈل غۇنچىلىرى، گۈزەل كېلەچەكنىڭ خۇجايىنلىرى بولغان بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر تېخىمۇ شۇنداق، ئەلۋەتتە!
[align=justify]مەلۇم بىر مەنبەدىن كۆرۈشۈمچە، دۇنيا نۇپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى بالىلار ئىگىلەيدىكەن. شۇنداق كۆپ ساندىكى كىشىلەر توپى، يەنە كېلىپ دۇنيا قارشى ۋە تۇرمۇش قارىشى تېخى  تۇرغۇزۇلمىغان، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈپ  يېتىلىۋاتقان بالىلار، جۈملىدىن ياش-ئۆسمۈرلەردە توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، مەشغۇلىيەت قارىشى ۋە ئادىتىنى كىچىكىدىن باشلاپلا يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بالىلار ھەرقانداق بىر ئىش-پائالىيەتكە كىچىكىدە قانداق ئادەتلەنسە،« سۈت بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقىپتۇ» دېگەندەك ئۆمۈر بويى دېگۈدەك شۇ ئادىتى بويىچە ياشايدۇ. بىزدە «تاغ يۆتكەلسىمۇ، خۇي يۆتكەلمەپتۇ»، «ئادەتنىڭ دورىسى يوق،بىنا ئۆينىڭ مورىسى» دەيدىغان ھېكمەتلەر بار. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ، ھەرقانداق بىر تەربىيىنى بالىلارغا چوقۇم كىچىكىدىن باشلاپلا سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىش تولىمۇ تەخىرسىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
[align=justify]ئەمدى دەل گېپىمىزنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ھەر قايسى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە- تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق بوي سۇنۇپ، مەكتەپنىڭ مەشغۇلىيەت جەدىۋىلىدىكى تەرتىپلەر بويىچە نورمال پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. يەنە ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار گەرچە دەرس ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تولۇق قاتنىشىپ تۇرسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى ئىشلاردا نورمال مەشغۇلىيەت تەرتىپى بويىچە ئىش قىلماي، نەتىجىدە ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرى، ئاتا-ئانىلىرى ۋە جەمىئىيەت،  تېخىمۇ مۇھىمى- ئۆزى ئۈچۈن بەزى قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
[align=justify]مەسلەن، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا  كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار  سان بويىچە دېگۈدەك مەكتەپتىن ئائىلىرىگە قايتىپ، تامىقىنى يەپ، ئارامنى ئېلىپ بولۇپ، ۋاقىت  توشۇشقا ئۈلگۈرۈپ مەكتەپلىرىگە بېرىپ، نورمال ئوقۇشنى ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن بولسىمۇ،  ئەمما يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قۇيىۋېتىشىلا ئۆيىگە بارماي، ئاتا-ئانىسىنى ئەنسىرەتكەننى ئاز دەپ، تامىقىنى ۋاقتىدا يېيەلمەي، قىش ۋاقتىلىرى بولسا ئۆزىگە سوغوق ئۆتكۈزۋېلىش، تۇمۇز-ئىسسىقتا ئۆزىگە بىھۇدە ئىسسىق ئۆتكۈزۈۋېلىپ  ئاغرىپ قالىدۇ، ھەتتا بۇ تۈپەيلى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ. تېخى بەزىلىرى كۈتۈلمىگەن ۋەقە-ھادىسىلەرگە ئۇچراپ، ئاتا-ئانىسىنى ساراسىمىگە سالىدۇ. تورخانا، ئويۇنچۇقخانا ۋە ئوقۇغۇچىلار بېرىش چەكلەنگەن، ئۆز سالاھىتىگە ماس كەلمىگەن باشقا جايلارغا بېرىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. دەريا-كۆل ۋە ئېرىقلارغا سۇغا چۆمۈلگىلى، باغ-ۋارانلارغا ئۈجمە-ئۆرۈك يېگىلى، سەيلى-ساياھەت ئورۇنلىرىغا سەگىدىگىلى  بېرىپ  كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە ئۇچرايدۇ، بەلكى بىغوبار ھاياتى بىلەن بىمەھەل خوشلىشىدۇ، ۋاھاكالار.
[align=justify]مەن بۇ يازمامدا تېخى  ئىككى ھەپتە ئىلگىرىدىكى ماي بايرىمى مەزگىلىدە ۋە بايرامدىن كېيىنكى بىر چۈشلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە،  ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن كىچىككىنە  بىر قىسىم تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى ئاتا-ئانىلار ۋە بىغوبار كىچىك دوستلارنىڭ سەمىگە سۆزۈمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە قىستۇرۇپ ئۆتۈنۈشنى مۇۋاپىق  كۆردۈم.
[align=justify]1-ماي كۈنى مەلۇم بىر تۇنۇشۇمنى ئىزدەپ ئېلىكتۇرۇنلۇق ئۇيۇنچۇقخانىخا كىرىۋىدىم، ئاي-ھاي، بايرام دېگەن مۇشۇ يەردە بوپتۇ. كىچىكى 8-9 ياشلاردىن چوڭلىرى 17-18 ياشلارغىچە بولغان بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇدلىقىنى تامامەن دېگۈدەك ئۇنتۇغان ھالدا ساماۋىي ئالەمدىكى تولىمۇ شېرىن ھېس-تۇيغۇلار قايناملىرىغا چۈكۈپلا كەتكەن. مېنى تۇنۇيدىغان يېشى چوڭراق بىر قانچە ئۇقۇغۇچىنىڭ خىجىللىقتا ئۆز ئورۇنلىرىدىن ئاستا قوزغالغانلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، قالغانلىرى بۇ ئالەمگە خۇددى ئۆزى مەشغۇل بولىۋاتقان مۇشۇ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈنلا يارالغاندەك زوق- شوقى بىلەن ئۆز تەپەككۇر بوشلۇقىدىكى مەۋھۇم دۇنيا ساماسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىشماقتا ئىدى.....
[align=justify]ماي ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا جەنۇبى شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئۈجمە ئەمدىلەتىن پىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ بىلەكلىرىچىلىكمۇ كەلمەيدىغان ئىنىچكە ئۈجمە شاخلىرىغا خۇددى جانىۋارلاردەكلا قۇنۇۋېلىپ، بىخارامان ئۈجمە يەۋاتقان 8-9 ياشلاردىكى بالىلارنى خېلىلا ئېگىز شاخلار ئۈستىدە كۆرۈپ،يۈرىكىم«قارت»قىلىپ كەتتى. مۇبادا ياخشى كۈننىڭ يامىنى كېلىپ، شۇ گۆدەكلەرنىڭ يىڭناغۇچتەك كىچكىنە پۇتلىرى ئەنە شۇ شاختىن شۇنداقلا بىر سىيرىلىپ كەتسە، قانداق پاجئە يۈز بېرەر!؟
[align=justify] 8-ماي، ھاۋا ئوتتەك ئىسسىق.  ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئۇلۇغ دەريا سۈيىنىڭ قىرغاقلىرىدا بىلىجانلاردەك ئۈزۈپ يۈرگەن، كىچىك قارا قۇمچاقلاردەك پىلتىڭلاپ يۈرگەن ئەنە  شۇ  قارا كۆزلەر تاسادىپىي سۇغا چۆكۈپ كەتسىچۇ؟ مەنمۇ 11 ياشلىق ئوغلۇمنى بىر-ئىككى سائەت مەھەللە ئەتراپى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن ئىزدەپ تاپالماي، ئىنچىكىلەپ يىپ ئۇچى ئىگىلىپ يۈرۈپ تاپقان ئورنۇم ئەل سۆيگەن ئىقتىدارلىق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەر ئاكا تەسۋىرلىگەن"ئاھ، رەھىمسىز دەريا" بويى بولدى!
[align=justify]   ئەنە قاراڭ، ئاغزىدىن  ئانا سۈتىنىڭ ھىدى تېخى كەتمىگەن 8-10   ياشلىق شۇ گۆدەكلەرگە بىليارتخانىدا، تورخانىلاردا نېمىمۇ بار دەيسىز؟!   ھەي، ھەي... ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ ئىشلارنى ئۆز تەسەۋۇرۇمغا ئەسلا سىغدۇرالمىدىم.
[align=justify]   پەسىل ئالمىشىپ، ھاۋا ئىسسىپ، كۈننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن  5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، رايونىمىزدا ئومۇمىي يۈزلۈك يازلىق مەشغۇلىيەت ۋاقتى يولغا قويۇلدى. شۇڭا، بۇ مەشغۇلىيەت ۋاقتىغا ئاساسەن، چۈشتىن بۇرۇنقى تۆت سائەتلىك دەرسكە قاتنىشىش ئارقىلىق چارچىغان، چۈشتىن كېيىنكى مەشغۇلىيەت ئۈچۈن ھارغىنلىقىنى تۈگىتىپ، بەلگىلىك ئېنىرگىيە توپلاشقا تولىمۇ ئېھتىياجلىق بولغان ئوقۇغۇچىلار  ئەسلىدە چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا ئائىلىسى ياكى  ياتاقلىرىغا ۋاقتىدا قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتىچۇ؟ خېلى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسى ياكى  ياتاقلىرىغا ۋاقتىدا قايتىپ،  تاماقتىن كېيىنلا ئاز-تولا بولسىمۇ ئارام ئېلىشقا ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ ئەكسىچە ھەر خىل ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتىدۇ.
[align=justify]  مەن 5-ئاي كىرگەندىن بۇيانقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتىكى ئەھۋالنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە چۈش سائەت 12دىن بىر يېرىمغىچە بولغان ئارىلىقتا ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى بىر قانچە مەكتەپكە بېرىپ باقتىم. باردىم-يۇ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. چۈنكى بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرۋازىسى ئالدىدا دەرۋازىنىڭ ئېچىلىشىنى شۇنچە ئىسسىقتا تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرىۋاتقان نۇرغۇن سەبىيلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بەكمۇ ھېسداشلىقىم كەلدى ۋە مۇناسىۋەتلىكلەردىن ئەھۋال ئىگىلەپ، تۆۋەندىكىلەرگە ئېرىشتىم.
[align=justify]   ئىگىلىنىشىچە، ھەرقايسى مەكتەپلەر دېگۈدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى يېرىم سائەتلىك نىسبەتەن ئۇزاقراق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە كۈتۈلمىگەن ئۇرۇش-جىدەل، يارىلىنىش ۋە باشقا ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىپ مەكتەپنىڭ بىرەر جاۋابكارلىققا ئىگە بولۇپ  قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇقۇغۇچىلارنى چۈشتە چوقۇم ئائىلىسى ياكى ياتىقىغا قايتىشقا، ۋاقىت توشۇشقا پەقەت 20 مىنۇت ۋاقىت قالغاندا، ئاندىن مەكتەپكە كەلسە بولىدىغانلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ۋاقىتتا مەكتەپ دەرۋازىسىنى مەھكەم تاقىۋېتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشنى چەكلىگەن  ھەم بۇرۇن كەلگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمى، سىنىپى ۋە ئاتا-ئانىسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئېنىقلاپ، شۇ سىنىپنىڭ ئايلىق نومۇرىدىن نومۇر تۇتۇپ قېلىپ، بۇنى سىنىپ مۇدىرىنىڭ سىناپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە چېتىشتۇرىدىغان، ئاتا-ئانىلار يىغىنلىرىدا ياكى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى مەكتەپكە چاقىرتىپ كېلىپ، تەنقىدىي-تەربىيە بېرىدىغان قائىدە-تۈزۈم ئورناتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۆيى مەكتەپكە نىسبەتەن يىراق، ئاتا-ئانىسى يېزىلاردا ياكى يىراقراق ئورۇندا ئىشلىگەچكە، چۈشتە ئائىلىسىگە قايتمايدىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار سائەت 12لەردىن كېيىنلا مەكتەپ دەرۋازىسى ئەتراپىغا كېلىۋىلىپ، ئاز-تۇلا پۇللىرىغا باھاسى ئەرزان، سۈپىتى ناچار بىر قىسىم ئەخلەت يېمەكلىك ۋە سۈپەتسىز ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ، يول ياقىسىدا قاتناشقا دەخلى يەتكۈزۈپ تولىمۇ بىچارىلەرچە مۈگدەك بېسىپ، بويۇن قىسىپ تۇرماقتا. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكىتىمىز بويىچە مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيىسى خىزمىتىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىپ، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم خەۋپلەرمۇ يوق ئەمەس. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە بۇنداق بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە ھالدا يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بۇ سەزگۈر مەسىلە چۇقۇم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. چۈنكى ئەنە شۇ سەبىيلەر ئۈچۈن ھازىرقىدەك بىر پەيتتە مەكتەپ ئىچىدىنمۇ بىخەتەررەك يەنە قەيەر بار؟! مۇبادا ئۇلار مەكتەپكە كىرەلمەي بىرەر ۋەقە-ھادىسە چىقسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا زادى كىم ئىگە بولار؟!
[align=justify]  خۇلاسىلىغاندا، دۇنيا قارشى تېخى يېتىلمىگەن، مۇستەقىل ياشاش ئېڭى يوق، ۋاقىت قارشى تېخى كۈچلۈك ئەمەس، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم، باشقىلارنىڭ شېرىن-شېكەر سۆز-ئىبارىلىرىگە ئاسانلا ئالدىنىپ قېلىپ، كۈتۈلمىگەن خەۋپلەرگە ئۇچرىشى كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپلا تۇرىۋاتقان  بۇنداق سەبىي بالىلارغا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، يۈرەك پارىلىرىمىز ۋە كۆز قارچۇقلىرىمىزغا قارىتا  بارلىق ئاتا-ئانىلار ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار ۋە مۇناسىۋەتلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى چوقۇم توغرا بولغان ۋاقىت قارىشى تۇرغۇزۇش، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ھەققىدە سەۋرچانلىق بىلەن تەلىم- تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشى، ساغلام، بىخەتەر ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرىشكە تېگىشلىك كۈچ چىقىرىپ،  ئەتىۋارلاپ پەرۋىش قىلىۋاتقان كۆز قارچۇقلىرىمىزغا كۈتۈلمىگەن"داغ"لارنىڭ چۈشۈپ قېلىپ، بىزنى ئۆمۈرلۈك نادامەتتە قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى تولىمۇ زۈرۈر. بۇ- ھەر بىر ئاتا-ئانا، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار، جۈملىدىن، ھەر قايسى مائارىپ، مەمۇرىي تارماقلىرى، جۈملىدىن، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ  ئەسلا باش تارتىپ بولمايدىغان  مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى ۋە ئەبەدىيلىك مەجبۇرىيىتى!
 

         ( مەنبەسى: ئەركزات يازمىلىرىدىن )

 

18

تېما

0

دوست

7435

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  406
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1771
تۆھپە : 1071
توردىكى ۋاقتى: 410
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 12:24:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yfىشى ئەسەركەن، ھەقىقىي رېئاللىقنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، بىزنىڭ يۇرتتىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

0

دوست

5281

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1614
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1111
تۆھپە : 881
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 20:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماي ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا جەنۇبى شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئۈجمە ئەمدىلەتىن پىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ بىلەكلىرىچىلىكمۇ كەلمەيدىغان ئىنىچكە ئۈجمە شاخلىرىغا خۇددى جانىۋارلاردەكلا قۇنۇۋېلىپ، بىخارامان ئۈجمە يەۋاتقان 8-9 ياشلاردىكى بالىلارنى خېلىلا ئېگىز شاخلار ئۈستىدە كۆرۈپ،يۈرىكىم«قارت»قىلىپ كەتتى. مۇبادا ياخشى كۈننىڭ يامىنى كېلىپ، شۇ گۆدەكلەرنىڭ يىڭناغۇچتەك كىچكىنە پۇتلىرى ئەنە شۇ شاختىن شۇنداقلا بىر سىيرىلىپ كەتسە، قانداق پاجئە يۈز بېرەر!؟


بۇ پىكرىڭىزگە ياخشى پىكىر ئەمەس !
 بىز كىچىك چاغلاردا خېلى ئېگىز ئۈجمە دەرەخلىرىدا مايمۇندەك يۈرەتتۇق ، چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئەلۋەتتە يوق ئەمەس ؛ بار ، لېكىن نىمە بولاتتى ،يا تېرىسى سۈرىلىدۇ ، بەك ئېغىر بولسا پۇتى سۇنىدۇ ، كىچىك بالىنىڭ تېرىسىنىڭ ساقايمىقى بەك ئاسان ، پۇتى سۇنسىمۇ تېزلا تۇتىدۇ  ، بۇ ياخشى ئەڭ خەتەرلىك بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقماي خېنىم مىجەز بولۇپ تېلىۋىزوردىن بېرى كەلمەي ئولتۇرۇشى ،
  ئەنە ئاشۇ سىز دەپ ئۆتكەن ئىنچىكە ئۈجمە شاخلىرى ، سەللا دىققەت قىلمىسا ئېقىتىپ كېرىدىغان دەريا سۈلىرى ھەقىقى قورقۇمسىز ، باتۇر يىگىتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ !
  ئەگەر ئاشۇبالىلار شۇ ئېگىز شاخلارغا چىقالمىسا ، ئاشۇ ئېقىنلارغا ئىشتاننى تۈرۈپ چۈشەلمىسە  دەل سىز دىگە قارچۇقلىرىمىزغا داغ چۈشكىنى شۇ !

pakat rabimizla bizga hidayat

12

تېما

13

دوست

6035

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9586
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1071
تۆھپە : 1104
توردىكى ۋاقتى: 242
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 21:57:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر  پالىۋان  ئىسىملىك  دوستىمىزنىڭ   پىكىرى  تامامەن  ئورۇنلۇق،،
بالىلىرىمىزنىڭ سال  قارام  ۋە  كەپسىزرەك  بولغىنىمۇ بىر  ھىساپتا  ياخشى،،بولۇپمۇ  ئوغۇل  بالىلىرىمىزنىڭ،،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )