قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6088|ئىنكاس: 22

گومىنداڭ كاتتىۋاشلىرى ئىچىدىكى سىياسى ئىختىلاپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

6

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1029
تۆھپە : 3210
توردىكى ۋاقتى: 605
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 23:46:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گومىنداڭ كاتتىۋاشلىرى ئىچىدىكى سىياسى ئىختىلاپ




1.jpg

      
          كىرىش سۆز: گومىنداڭ تىلغا ئېلىنسا پىشقەدەملەرنىڭ گومىنداڭ ۋە كومپارتىيە توغرىسىدا قىلىشىدىغان تولىمۇ يۈزەكى ۋە يومۇرىستىك پاراڭلىرى خىيالىمىزغا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە جۇڭگودىكى ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان فىئودالىستىك جەمئىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت ـــ جۇڭخۇا مىنگونىڭ قۇرۇلۇشىدا رەھبەرلىك رول ئوينىغان، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدە ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇلغان بۇرژۇئازىيە سىياسى پارتىيىسى ھېسابلانغان گومىنداڭ پارتىيىسى ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى قايتا – قايتا ئىنقىلاپ قىلىپ،  ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىگە ئايلانغان چاغلاردا بولسۇن، ياكى ھاكىمىيەتنى يۈەن شىكەي باشچىلىقىدىكى شىمالى مىللىتارىستلار گۇروھىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆكتىچى پارتىيىگە ئايلانغان چاغلاردا بولسۇن، گومىنداڭ پارتىيىسى يوقۇرى قاتلىمىدا، بولۇپمۇ گومىنداك پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېسابلانغان سۈن جۇڭ شەن ۋە سۇڭ جىياۋرىن ئارىسىدىكى سىياسى ئىختىلاپ ئىنتايىن كەسكىن داۋاملاشقان. ئۇنداقتا ئۇلار زادى نېمىشقا ئىختىلاپ قىلىدۇ، زادى نېمىنى تالىشىدۇ؟

بىرىنچى، سۈنجۇڭشەن ۋە ئۇنىڭ سىياسى كۆز قارىشى

        سۈنجۇڭشەن، 1866 – يىلى تۇغۇلغان، گۇاڭدۇڭ شىياڭشىيەنلىك، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ پېشىۋاسى، جۇڭخۇا مىنگو (خەلق جۇمھۇرىيىتى) ۋە جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ (خەلق پارتىيىسى) قۇرغۇچىسى، ئۈچ مەسلەكنىڭ تەشەببۇسچىسى، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئاتىسى دەپ ئاتالغان سىياسى ئەرباپ، ئېنگىلىزچە، ياپونچە قاتارلىق چەت ئەل تىللىرىنى پىششىق بىلىدۇ، كومپارتىيىمىزمۇ ئۇنى ھۆرمەتلەپ جۇڭگو يېقىنقى زامان دېمۇكراتىك ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى دەپ ئاتىغان.
       ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا خىرىستىئان دىنىنىڭ تەسىرىگە قوبۇل قىلغان، غەرپ مائارىپ ئىدىيىسى ۋە سىياسى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، مېدىتسىنا كەسپىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ خەلقنىڭ تەن – ساقلىقىغا تۆھپە قوشۇشنى نىيەت قىلغان، ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە قەلەمنى تاشلاپ ئەلەم بىلەن شوغۇللۇنۇپ، سىياسى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قانتناشقان، ھەمدە كونا تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ يېڭىچە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت قۇرۇشقا بەل باغلىغان.
      جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى بولسا دۆلەت باشلىقى ۋە دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئاپاراتلىرىنى خەلق سايلايدىغان بىر خىل سىياسى تۈزۈلمە شەكلى بولۇپ، سۈنجۇڭشەن ئىزچىل تۈردە جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئاستىدىكى پرېزىدېنتلىق تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان.
پرېزىدېنتلىق تۈزۈمدە پرېزىدېنت ئادەتتە ھەم دۆلەت باشلىقى ھەم ھۆكىمەت باشلىقى بولىدۇ، ئەمەلىي ھوقۇقى بولىدۇ، پارلامېنتنىڭ ماقۇللىشى ئارقىلىق پەرمان ۋە قارارلارنى ئېلان قىلالايدۇ، ئاچچىغى كەلسە پارلامېنتنى تارقىتىۋېتەلەيدۇ، خۇددى ھازىرقى ئامېرىكىدەك. بۇنداق بولغاندا بۈيۈك ۋاقىتلىق پرېزىدېنتلىققا سايلانغان سۈن ئەپەندىم تەبىئىيلا ئەمەلىي ھوقۇققا ئېرىشەلەيدۇ. ھەم ئۆزىنىڭ سىياسى ئىددىيىسنى ئەڭ يوقۇرى چەكتە يولغا قويالايدۇ. ئەمما سۈن ئەپەندىمنىڭ بۇ سىياسى ئىدىيىسىگە گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ مۇھىم قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان سۇڭ جىياۋرىن قوشۇلمايدۇ.

ئىككىنچى، سۇڭجىياۋرىن ۋە ئۇنىڭ سىياسى كۆز قارىشى

        سۇڭجىياۋرېن، 1882 – يىلى تۇغۇلغان، خۇنەن تاۋيۈەندىن(خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ياشايدىغان ناھىيدىن ئىكەن بۇ ئەپەندىم)، ئۇلۇغ دېموكراتىك ئىنقىلالپ پېشىۋاسى، گومىنداڭنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى، 31 يېشىدا سىياسى كۈرەشتە شىمالى مىللىتارىستلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا تىرىشىپ ئوقىغان، چىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىنقىلابى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان، كېيىن ياپوندا ئوقىغان، ھەمدە ۋەتەنگە قايتىپ مۇناسىۋەتلىك مەتبۇئاتلاردا نۇرغۇنلىغان ئىنقىلابى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان، ھەمدە ئىنقىلاپنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تۆھپىلەرنى قوشۇپ، كاتتا ئەرباپقا ئايلانغان. ئۇمۇ جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، ھەمدە جۇمھۇرىيەت تۈزىمى ئاستىدىكى مەسئۇل كابىنت تۈزۈمى (ئىچكى كابىنت تۈزۈمى) ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.
        ئىچكى كابىنت تۈزۈمىدە ئادەتتە پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگەللىگەن پارتىيە ھۆكىمەت تەشكىللەيدۇ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ داھىيسى ھۆكىمەت باشلىقى ياكى باش مىنىستىر بولىدۇ، ھەمدە دۆلەتنىڭ ئەڭ يوقۇرى مەمۇرى ھوقۇقىنى ئىگەللەيدۇ، بۇنداق بولغاندا پرېزىدېنتنىڭ كۆپ قىسىم ھوقۇقىنى باش مىنىستىر يۈرگۈزىدۇ دە پرېزىدېنت سىمۋوللۇق ھوقۇقدارغا ئايلىنىپ قالىدۇ، خۇددى ھازىرقى گېرمانىيە ۋە تۈركىيەدەك.
ئۈچىنچى، ئىككى داھىنىڭ سىياسى ئىختىلابىنىڭ سەۋەبى سىياسەت ـــ مۇنداقچە ئېيتقاندا مەنپەئەت ۋە ھوقۇق مۇناسىۋىتى ۋە مۇشۇ مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى، سىياسى ئىختىلاپ بولسا مۇشۇ مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ماجرا – ئىختىلاپتۇر.
سىياسى ئىددىيە سىياسىئونلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاپ ياكى سىياسى پائالىيەت جاريانىدا شەكىللەندۈرگەن سىياسىكۆز قاراش بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسى تەدبىر بەلگۈلىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنداقتا سۈن ئەپەندىم پرېزىدېنتلىق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ئەڭ يوقۇرى چەكتە كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولغان، گومىنداڭنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق ئەربابى ھېسابلانغان ياش سىياسىئون سۇڭ ئەپەندىم بولسا ئۆزىنىڭ سىياسى كۆز قارىشىنى بازارغا سالغان،  ھەمدە مەسئۇل كابىنتلىق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىپ،  سۈن پرېزىدېتنى چەكلىمەكچى بولغان، سۈن ئەپەندىم جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش: ھەربى ئىدارە قىلىش، سىياسى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ھەقىيقى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.
سۇڭ ئەپەندىم بولسا بىۋاستە ئاساسى قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى، مۇستەبىتلىك ۋە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى ئاساسى قانۇن ئارقىلق چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان.

تۆتىنىچى، ئىككى داھىنىڭ سىياسى ئىددىيسىنىڭ بازىرى

         گومىنداڭ كاتتىۋاشلىرى ئارىسىدا يوقارقىدەك سىياسى ئىختىلاپلار كۆرۈلگەن، ھەمدە دەسلىپىدە سۈن ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، 1912 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلۇپ، سۈنجۇڭشەن بۇيۈك پرېزىدېنتلىققا سايلاندى، ئەمما ئەمەلىي شارائىت ۋە شىمال مىللىتارىستلارنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن سۈن ئەپەندىم ھوقۇقنى يۈەن شىكەيگە ئۆتۈنۈپ بەردى، مۇشۇ ۋەجىدىن گومىنداڭ پارتىيىسىدىكىلەر سۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن سۇڭ ئەپەندىمىنىڭ سىياسى كۆز قارىشىنى قوللاپ، مەسئۇل كابىنت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى، ھەمدە ۋاقىتلىق چەكلەش قانۇنىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ يۈەن شىكەينى چەكلىمەكچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن يۈەن شىكەي باشچىلىقىدىكى شىمالىي مىللىتارىستلار ھۆكىمىتىنىڭ قەستلىشى بىلەن ناھايتى ياش ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى، جۇڭگو خەلقى بىر مۇنەۋۋەر سىياسىئونىدىن ئايرىلدى.
خۇلاسە: گومىنداڭ يوقۇرى قاتلام كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئارىسىدا يوقارقىدەك سىياسى ئىختىلالپ كۆرۈلگەن، ھەتتا كەسكىن مۇنازىرە ماجىرالارغا سەۋەپ بولغان، ھەر قايسى ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىپ ئۆز ئېشىكىنى يورغىلىتىپ، ئۆز ئىددىيىسىنى بازارغا سالغان ئىدى. قايسىنىڭ توغرا قايسىنىڭ خاتالىقىغا تارىخ ھامان ئادىل باھا بېرىدۇ ھەم بېرىۋاتىدۇ.


ئاپتۇر:شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ مەمۇرى باشقۇررۇش كەسپى ماگىستىر ئاسپىرانتى.
ئاپتۇرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن باغداش مۇنبىرىگە يوللاندى،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ .

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8142

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 691
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2382
توردىكى ۋاقتى: 1092
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 01:08:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alkanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-1 01:14  

گومىنداڭنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق كاتتىۋېشى سۇڭ جىياۋرېن توغرۇلۇق بۇرۇن ھېچنىمىنى بىلمەيتتىم. بۇ تېمىدن خېلى بىر نەرسىلەرنى بىلىپ قالدىم. مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى ئۇنىڭ شۇنچە ياش تۇرۇپ «ئىككىنچى نومۇرلۇق ئەرباب»بولالىغىنى.
رەھمەت سىزگە بۇرادەر.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

6453

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16890
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1956
توردىكى ۋاقتى: 625
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 05:39:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈن جۇڭ شەن ئەپەندىم جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش: ھەربى ئىدارە قىلىش، سىياسى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ھەقىيقى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.



سۇڭجىياۋرىن نىڭ قەسكە ئۇچۇرىشى بىلەن دىكتاتورلار غەلبە قازىنىپتىكەندە ...سۈن جۇڭ شەن نىڭ  ‹‹ جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش: ›› دىگەن سەپسەتىسى ئاۋال خەلىقنى ھەربى كۇچ بىلەن قاتتىق باستۇرۇپ ئاندىن ئۇزىنىڭ مەنپەتى بۇيۇنچە تۇزۇلگەن سىياسەتنى خەلىققە مەجبۇرى تىڭىپ يۇرگۇزۇپ خەلىقنى بىرەقۇر كونتىرول قىلىپ ئاخرىدا سوكولتاق ئاساسى قانۇندىن بىرنى تۇزۇپ قۇيۇپ پۇخرالارنى شۇ دائىرىدە چەكلەپ تۇرۇپ قۇل قىلىش پىلانىدىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن ...

43

تېما

2

دوست

6895

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 717
تۆھپە : 1725
توردىكى ۋاقتى: 450
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 07:00:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     سۇڭجىياۋرېن دېگەن ئىسىمنى پەقەت ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن. يەنە بىر ئىش، چەتئەللەردە ئۇمۇمىيۈزلۇك گومىنداڭنى (مىللەتچى چىن) گۇڭچەنداڭنى (كوممۇنىست چىن) دەپ ئاتايدىكەن. ئەمما بۇ يازمىدا گومىنداڭنى(خەلق پارتىيىسى) دەپ ئېپتۇ. قايسىنىڭ توغرىدۇ؟.

15

تېما

1

دوست

1943

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17235
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 09:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   ئىككەيلەننىڭ   پىلانى  بۇپمۇ  قالىدىكەن   ئەسلى   كىلىشەلىگەن   بۇلسا

2

تېما

0

دوست

2310

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 09:34:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    گەرچە بىزلەرمۇ  ساۋاتلق بولغان بولساقمۇ ئەمما  بىلمەيدىغان نەرسىلىرىمىز بەك كوپ .
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1817

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   81.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12975
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 529
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 11:01:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بۇرادەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )