قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1284|ئىنكاس: 13

قۇتتېكىن: ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مەڭگۈ بىزنىڭ قەلبىمىزدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

11

دوست

3510

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1090
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 00:16:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق 2-يىللىق 2-سىنىپتا ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلدى.

22222.jpg


       تارىخ  21-ئەسىرنىڭ ئېستىرىلكىسىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپتۇ. مانا بىردەمدە 20-ئەسىرنى ئۇزۇتۇپ 21-ئەسىرگە قەدەم قويغىنىمىزغا 10 نەچچە يىل بۇلۇپ قاپتۇ.ۋاقىت راسلا تىز ئۆتكەن ھە...20 ئەسىر تارىخ بەتلىرىدە مەڭگۈ يۇقالماس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن 20-ئەسىر مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان بىر ئەسىر بولدى. ئۇيغۈر خەلقى خوراپاتلىق دەۋرىدىن كۈرەش دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئىدىيىسى ئېچىلدى. ئەركىنلىك، ئازاتلىق ئۈچۈن قولىغا قىلىچ ئېلىپ دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلدى. بۇ دەۋىر يەنە بىزگە بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك كىشىللەرنى ئەكىلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەن كۆپ ئەلۋەتتە. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،ل.مۇتەللىپ، مەمتىلى تەۋپىق، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دەل بۇنىڭ مىسالىدۇر.
      20-ئەسىنىڭ 30-يىللىرىدا تۇغۇلغان ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن نىڭ ۋاپاتى 20-ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى. ئالىم كەتتى،ئەمما ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يوقالماس،بىباھا ئەسەرلىرىنى،تەتقىقات مىۋىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى..  
      مانا بۇ يىل يەنى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىق خاتىرە كۈنى. بۈكۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان بىر كۈن. رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبرىكلەش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى. جۈملىدىن سىنپىمىزدا ئاددى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئالىمنىڭ ھاياتى،ئىش-ئىزلىرى،ئىجادىيەت مىۋىسى قايتىدىن ئەسلەندى،يادقا ئېلىندى..........

         2013-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى جۈمە ،ھاۋا شۇ قەدەر ئۇچۇق، كىشىگە بىرخىل خۇشاللىق بەخىش ئىتىپ تۇراتتى. بۈگۈن سىنىپىمىزدىكى باھارلىق ساۋاقداشلار تولىمۇ خۇشال ۋە ئالدىراش ئىدى. ئۇلار بىر پائالىيەتكە تەييارلىق قىلۋاتاتتى. چۈنكى بۈگۈن سىنپىمىزدا ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىق تەۋەللۇتى ئۆتكۈزۈلەتتى.داسكا ئۈستىگە ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ رەسىمى ۋە "ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمن تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى. داسكا ئاستىغا ئالىمنىڭ بارلىق كىابلىرىنىڭ تۇنجى بېسىلىشى تىزىلغان ئىدى....
         پائالىيەت باشلاندى، ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە رىياسەتچىلەرنى ئوتتۇرىغان تەكلىپ قىلدى.رىياسەتچى ئىككىمىز ئوتتۇرىغا چىقتۇق ۋە تۈۋەندىكى ئۇسۇلدا پائالىيەتنى باشلىدۇق.

ئا.                      ھەركۈنى چىللايدۇ خوراز تاڭ ئاتتى،
                         كالىندار بېتىگە بىر رەقەم پاتتى.                                    يىل بۇيى،ئاي بۇيى بىر خىللا ئۆتكەن،
                        نادانلار قەۋمىدىن بۇ بىشىم قاتتى.

ب. ئابدۇخېلىل،ئۇقۇغىنىڭىز كىمنىڭ شېئىرى؟
ئا. ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ رۇبائىيسى.
ب.ئەسلىدە،ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىممنىڭ ئىكەندە.
ئا. بۇخلىچەم سىزدىن سوراپ باقسام،بۈگۈن قانداق كۈن بىلەمسىز؟
ب. ياق،بىلمەيدىكەنمە.......بۈگۈن قانداق كۈن؟
ئا.بۈگۈن ئالىم ئابدۈشۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىق خاتىرە كۈنى
ب. ھە ئەسلىدە مۇنداقكەندە.بىلۋالدىم
ئا. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار،سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار،
ب.ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بۈگۈنكى پائالىيىتىمىزگە قاتناشقان بارلىق يولداشلار
ئا،ب . كەلگەن قەدەمىڭلارغا مەرھابا.
ئا. بىز بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئالىمى،مۇتەپەككۈر ئەدىب،شائىر
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيى
ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپتىمىز.
ب. شۇنداق،ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغىنىغا بۈگۈن ساق 80 يىل
ۋاپاتىغا 18 يىل بوپتۇ.ئالىمنىڭ ئۆلۈمى بىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر يوقىتىش.بىز ئالىمگە بولغان سېغنىشىمىزنى ئازراق بولسىمۇ پەسەيتىش،ئۇ ئۇلۇغ زاتنى ئەسلەش ،ئۇنىڭ ھاياتىنى پائالىيىتى بىلەن تۇنۇشۇش مەخسىتىدە بۈگۈن سىنپىمىزدە پائالىيەت ئۆتكۈزمەچىمىز!..

سىنىپ ئىچى قىزغىن ئالقىش سادالارغا تولدى.ئارقىدىن بىز پائالىيەت كۈن تەرتىپىنى ئېلان قىلدۇق.
ئا. پائالىيتىمىزنىڭ كۈن تەرتىپى تۈۋەندىگىچە:
ب. 1. پائالىيەنتى باشلاش.
ئا. 2. پائالىيەت مەخسىتىنى سۆزلەش..........ئابدۇخېلىل مۇھەممەت
ب. 3.تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزنى پائالىىيەت ھەققىدە سۆز قىلىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىش.
ئا. 4. تىل ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى ئىسمايىلجان مۇئەللىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلىش.
ب.5.ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ماقالە ئۇقۇش...ئايزۆھرە ئابلىمىت.
ئا.6. ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ئىجادىيىتى توغرىسىدا ماقالە ئۇقۇش....ئەلغىرە ئەنۋەر.
ب. 7. ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ نەسىرلىرىنى  ئۇقۇش ...بۈۋەجەر دىلشات.
ئا.8. ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ شېئىرىنى ئۇقۇش........لۇتپۇللا ھەسەن.
ب.9. ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ رۇبائىيسىنى ئۇقۇش....سۇلايمان ساۋۇت
ئا. 10. ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ھېكمەتلىرىنى ئۇقۇش.....نۇرئامىنەم ھۈسىيىن
11.ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن غا ئاتاپ يېزىلغان شېئىرنى ئوقۇش........ئابدۇخېلىل مۇھەممەت
12. پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش.....
                                 
تۈنۈگۈن 11:16 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (380.06 KB)




پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپى بۇيىچە پائالىيەت داۋاملاشتۇرۇلدى.

ئا.ب.  1. پائالىيىتىمىز كۈن تەرتىپىنىڭ 1-ماددىسىغا ئاساسەن پائالىيەت رەسمى باشلاندى.

ب. 2. پائالىيىتىمىز كۈن تەرتىپىنىڭ 2-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش ئابدۇخېلىل مۇھەممەتنى پائالىيەت مەخسىتىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلايلى!

مەن شۇنداق قىلىپ پائالىيەت مەخسىتىنى ئوقۇدۇم...

پائالىيەت مەخسىتى

           بىزدە ئىلىم-ھېكمەتنى قەدىرلەيدىغان،ئىلىم-ھەقىقەتلەرنى تارقىتىشنى،قېزىش نى مۇقەددەس بىلدىغانلارنىڭ سانى ئۇمۇمىي خەلىقنىڭ ئاز نىسپىتىنى ئىگەللىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئىلىمگە بېغىشلىغان ئالىم-تەتقىقاتچىلارنىڭ، مىللىتىمىزنى ئۆزىگە ۋە دۇنياغا تۇنۇشتۇردىغان ئەدىب-مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىجادى پائالىيىتى يەنىلا كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئەينى دەۋىرلەردە كوماراجىۋا،ئاتساڭ،فارابى،ئىبىن سىنا،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،مەھمۇد قەشقىرى،لۇتفى،نەۋائى..كەبى بۈيۈك زاتلار مەيدانغا كېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئىلىمگە چاڭقىغان قەلبگە مەلھەم بولغان بولسا،بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ئىزىنى باسقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىجدىھات بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەجداتلىرىمىز ياراتقان شۇ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت-سەنئەت تارىخىنى قەلەمگە ئېلىپ ئۆلمەسلىك ھالىتىگە كەلتۈردى. بۇ جەھەتتە ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن نىڭ ئىجادىي تۆھپىسى ئالاھىدە كۆرنەرلىك بولدى.
        بىراق كۆپىلىگەن كىشىللىرىمىز ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىدىن تۇلۇق خەۋەردار بولمىغاچقا ئۇنىڭ ئىجادىي ئەجىر-تۆھپىسىگە بەرگەن باھاسى تازا يېتەرلىك بولمىدى.ئۇ بىر قىسىم ئىجادىيەتچىللىرىمىزدەك ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش،قىلغان ئازغىنە ئەمگىكىدىن ماختىنىپ كىرىلىپ يۈرۈش،ئۆزىگە تەمەننا قۇيۇشتەك خاھىشلاردىن مۇستەسنا بولۇپ،مىنۇت سېكىنوت ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلىك بىلىپ ئىجادىيەت ئۈستىلىدىن باش كۈتۈرمىگەن بولغاچقا چەكلىك ھاياتىدا ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئاجايىپ مول تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بىزلەرگە «مىراس » سۈپتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن كۆپ خىل مەزمۇندىكى ئەسەرلىرىنى خەلقىمىزگە يۈزەكى بولسىمۇ تۇنۇشتۇرۇش،ئىلمىي قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىجادىي ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۇنى چۈشىنىش،ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇش كېرەك.ھەرقانداق بىر ئالىمنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنى بىلمەي،ئۇنى تۇنۇماي ئۇنىڭغا ئادىل باھا قۇيۇلمايمىز.
         لېكىن،«ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى،كىشى شۇ ياندا يوقنىڭ ئىنتىزار رى دېگەندەك،ئالىم ھايات ۋاقتىدا خەلىق تەرىپىدىن ھۆرمەتلەشكە،ئۇلۇغلاشقا ئىرىشمىدى. ئەكىسچە،خەلق تەرىپىدىن ھاقارەتلەندى،كۆزگە ئېلىنمىدى. ئۇ شائىرلىرىمىز ئىچىدە بىزگە تۇنجى بۇلۇپ رۇبائىيلار توپلىمى تەقدىم قىلسا،بىز ھەسەت قىلىپ زەھەرلىك بىلەن «ياخشى رۇبائىيدىن ئادەم پەقەت ئۆمرىدە بىرنى يازالايدۇ» دەپ كەمسىتتۇق. قاتلام نەزىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا،ئىلمىي رەدىيە بەرمەستىن چەت ئەللىكلەر بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قۇيۇپ بولغان دەپ  كەمسىتتۇق.تارىخ،پەلسەپە،ئېستىتىكا،تەتقىقاتى ۋە شېئىر نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇنلانسا،تومتوم كىتابلارنى يېزىپ بەرسە، خۇشال بۇلۇشنىڭ ئورنىغا:«بۇ ئادەم ھەممە ساھاگە چېتىۋالماي،بىرلا ئىشنى قىلسا بۇلاتتى» دەپ ئەخمەقلارچە ئەقىل كۆرسەتتۇق.............جەمىئەتتە بىرەر يامان گەپ تارقالسا،ئۇنى دەرھال شۇ ئىشنىڭ ئىگىسى قىلدۇق.ئۇ يازغان ئەسەرلەرنى نەچچە ئونىمىز بىرلىشىپ يازالمايدىغان تۇتۇپ ئۇنى يەنىلا سۆكتۇق....شۇنى بىلشىمىز كېرەككى،ئەزرائىل ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئاپتۇبۇسقا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنگە قەدەر بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئۇنى ئاپتۇبوسقا ئىتتۈردۇق.دەسسىگەن يېرىنى چوغ قىلىپ،يېگەن ئېشىنى زەھەر قىلىپ كۆرگەن كۈزنىنى ھارام قىلىپ،تۇغۇلغىنىغا تويغۇزۇپ ئۇنى باقىي دۇنياغا يولغا سېلىپ قويدۇق..!!!!!!!!!!!!
        ئۇ كەتتى،مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتى!! ئۇ 20-ئەسىرنىڭ يېرىمىدىكى يىتىشىپ چىققان ئالىملارنىڭ ئىچىدىكى ئالىملارنىڭ ئالىمى ئىدى. ئەگەر ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن روس،گېرمان،ئىنگىلىز،قازاق،خەنزۇ،قازاق......بۇلۇپ قالغان بولسا بىز كۆرسەتكەن كۈننىڭ ئەكسىنى كۆرگەن بولاتتى!! قالتىس قەدەرلەنگەن بولاتتى...ئۇنىڭ كاللىسى،ئىدىيىسى،ئېڭى ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىن 50 يىل ئاتىپ ئالغا كەتكەن ئىدى..
ئەگەر گېپىم ئورۇنسىز بولسا،قېنى ئويلاپ بېقىڭلار ساۋاقداشلار،ئەجىبا ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى تۆھپىكارلارنىڭ ئەڭ ئاۋانگارتى ئەمەسمۇ؟ فارابىدەك جاھانشىمۇل ئالىملىرىمىزنىڭ مەنىۋى ھەيكىلىنى تېكلىگەن ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەمەسمۇ؟ ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتىنى قەلبىمىزدە تېكلىگەن ۋە يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزگەن ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەمەسمۇ؟ ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخىنى بىرىنچى بولۇپ مۇكەممەل يۇرۇتۇپ بەرگەن كېشى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەمەسمۇ؟ ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخىنى تۇنجى بولۇپ مۇكەممەل يۇرۇتۇپ بەرگەن كىشى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەمەسمۇ؟ دىيارىمزدىكى تاشكېمرلارنىڭ مەدەنيەت تەۋەلىكنى مۇكەممەل ئىلمىي ئاساسلار بىلەن دەۋا قىلغان ۋە ئالەمشۇمۇل بەدىي قىممىتىنى يۈكسەك تۇنۇتقان كىشى ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ئەمەسمۇ؟مىللىي روھىيىتىمىزدىكى قاششاقلىق،زەئىپلىك،چۈشكۈنلىك ۋە ساتقىنلىق ھەققىدە ئىزچىل تەررزىدە ئازاب بىلەن تەنقىدى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بىزنى چوڭقۇر ئويلارغا سالغان كىشى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ئەمەسمۇ؟..........!!!!
      شۇنداق ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇلار ئىچىدىكى گۆھەر سانىلدىغان ،ئالتۇن دىن قىممەتلىك،تېپىلغۇسىز ئالىم ئىدى، ئىجادىيەت شەكلى كۆپ قىرلىق،ئىزدىنىشكە باي كۆپ قىرلىق تەتقىقاتچى ئىدى. مۇنبەردە تەۋرەنمەيدىغان مېھنەتكەش باغۋەن ئىدى. ئۇيغۇر شېىرىيىتنى يەنە بىر پەللە يۇقىرىغا چىقارغان نامى ئۆلمەس شائىر ئىدى....ئۇنىڭ ئۆلىمى ئۇيغۇر خەلىقى ئۈچۈن بىر چوڭ يوقىتىش،چوڭ بىر ئاپەت...بەلكىم يەنە ئون يىلغۇچە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن شۇنداق بىر كىشى چىقماسلىقى مۇمىكىن. ئەمدى پەقەت بىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرنى تەتقىق قىلىپ،ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ،ئىجادىيىتىغا ۋارىسلىق قىلالىساق ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق تۆھپە قوشقان،روھىنى خوش قىلغان بولىمىز. ئۇ بىزنىڭ،ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!!
       مانا بۈگۈن ئالىم تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقى. بىز پەقەت قىسقىغىنە ئىككى سەئەتلىك ۋاقىتتىن پايدىلنىپ،ئۇ نامى ئۆلمەس ،ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھۆرمەتلەشكە،ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان بۇ ئۇلۇغ زاتنى ئەسلەيمىز،ئۇنىڭ ھاياتى پائالىتىنى،ئىجادىي پائالىيىتى، ئەمگەك مېۋىسى،تۆھپىسىنى قايتىدىن يادقا ئالىمىز،سۆزلەيمىز!! ئىىشىمىزكى، بۇ مىنۇتلار ھەربىرمىز ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز ۋاقىت بولغۇسى!! ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەيمەن،ئۇ ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئالىمى،مەھمۇد،يۈسۈپ ئەۋلادى،بىزنىڭ پەخرىمىز،ئالىمىز،نامى ئۆلمەس پەيلاسوپىمىز!!ئالىم ھەر بىر ئۇيغۇر قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!!!
سىنىپ ئىچى ئالىقىش سادالارغا تولدى..

ب. پائالىيىتىمىز كۈن تەرتىپىنىڭ 3-ماددىسىغا ئاساسەن ئەدەبىيات مۇئەللىمىزنى سۆزقىلىشقا تەكلىپ قىلايلى!!

پائالىيەت 3-ماددىسىغان ئاساسەن ئەدەبىيات مۇئەللىمىز ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ كىتابخۇمالىقى،كىتابنى قىزغىن سۈيىدىغان بىز كىشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئون نەچچە مىنۇتلۇق سۆز قىلدى.
ئا. پائالىيىتىمىزنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ 4-ماددىسىغا ئاساسەن ئىسمايىلجان مۇئەللمنى سۆز سۆزلەشكە تەكلىپ قىلايلى!

پائالىيەت كۈن تەرتىپىنىڭ 4-ماددىسىغا ئاساسەن بىز تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئىسمايىلجان مۇئەللىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ سۆز قىلىشقا ئۇستا،بىلىم دائىرىسى مۇكەممەل بولغاچقا كىشىنى قايىل قىلدىغان سۆزلەنى قىلىپ بەردى...

ب. پائالىيىتىمىزنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ 5-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش ئايزۆھرە ئابلىمىتنى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ھاياتى ھەققىدە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلايلى!

پائالىيەت كۈن تەرتىپىنىڭ 5-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش ئايزۆھرە ئابلىمىت ئابدۈشۈكۈر مۇھەممتئىمىن ئەپەندىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ئەتراپلىق سۆز قىلدى.

ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىننىڭ ھاياتى توغرىسىدا

               ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشھەت بازىرىغا تۇتاش باغئېرىق كەنتىدە مەرىپەتۋەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ داسىسى مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالى، ئانىسى ھەمراخان ئۇقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى.ئۇ شۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆستى. ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۇرۇمچىگە باردى.7 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇرۇمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقىدى. 1944-يىلى تۈرمىدىن قاچقان ئاتىسى بىلەن قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى.ئۇ بۇ چاغدا ئاران 12 ياش ئىدى. سەپەر جەريانىدا تارىم ساھىلىغا جايلاشقان بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان ئانا خەلقىنىڭ مىللىي ئىگىلىكى،تۇرمۇشى،مەدەنىيىتى ۋە روھىيىتى بىلەن ئۇچراشتى.سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن خاتىرلەرنى قالدۇردى،
          ئالىم كىچىكىدىن تارتىپ ئۆگىنىشكە،بىلىم ئىگەللەشكە ماھىر ۋە ھېرىسمەن بولغاچقا مەيلى باشلانغۇچ،مەيلى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ چاغلىرىدا بولسۇن،مەيلى ئالىي مەكتەپلەردىكى ياشلىق چاغلىرىدا بولسۇن،ئۈگىنىشتىكى تىرىشچانلىقى،زېھىن قابىليىتىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ئىزچىل تۈردە ئەلا ئۇقۇپ ئالاھىدە ئىستىقباللىق ۋە تالانىتلىق ئوقۇغۇچى سۈپتىدە ئالقىشقا ئىرىشىتى. 1950 –يىلى 17 يېشىدا شىنجاڭ بۇيىچە ئەلا ئۇقۇغۇچى بولۇپ غەربىي شىمال ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە زىيارەتتە بولدى،شۇ يىلى سابىق شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىئو-خېمىيە فاكولتىتىغا ئۇقۇشقا قۇبۇل قىلدى. 1953-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز مەكتىپىگە ئېلىپ قېلىندى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ دەل 20 ياشتا ئىدى. 1953-يىلدىن 1955- يىلغىچە ئالىم شىئەندىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئاسپىرانىتلىق بۆلىمىگە ئۇقۇشقا ئەۋەتىلىپ پەلسەپە پەنلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇردى.
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاسپىرانىتلىق ئۇقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ،ئۇنۋېرسىتىتىگە يېنىپ كىلىپ ئۇقۇتۇش،ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ يۈكسەك ئىلمىي روھ،زور جاسارەت بىلەن ئىشلىدى.1955-يىلدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ قۇشۇمچە مەسئۇلى بولدى.ئالىم ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگە قەدەم قۇيۇپ تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇرلارنىڭ 11- ئەسىردىكى ئىككى ئۇلۇغ ئالىمى» دېگەن ماقالىسىنى يازدى. ئەپسۇس شۇ ماقالىسى تۈپەيلىدىن 1959-يىلدىن 1979-يىلغىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن ساقمۇ ساق 20 يىل ئايرىلىپ قالدى.ھەرخىل ئاچچىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردى.ھايۋان كەبى مۇئامىلىگە تالاي قېتىم ئۇچرىدى. بۇ ئارلىقتا 1962-يىلدىن 1966-يىلغىچە بولغان 4 يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئىشلىگەن چاغلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈرسەت بولدى.
         1979-يىلى ئالىم ئۈچۈن ئىكككىنچى تۇغۇلۇش بولدى.ئۇنىڭ سىياسىي ھوقۇقى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىپ 20 يىللىق ئىسكەنجىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلدى. ۋە تىل ئەدەبىيات فاكولتوتىغا چىقىپ ئوقۇغۇچىلارغا «ئۇمۇمىي ئىستىتىكا»،« ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدىئولوگىيە تارىخى» قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتتى.ۋە دەرىسلىك كىتابىنى تۈزدى،
         ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۈزىنىڭ كۆپ خىل تىل بىلىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلنىپ كۆپ تەرەپلىمە بىلىم ئىگەللىگەن بولغاچقا ئۇنىڭ تەتىقىقات دائىرىسى پەلسەپە،لوگىكا،ئىستىتىكا،تىل.ئەدەبىيات،سەنئەت،تارىخ،مىللەتشۇناشلىق جەمىيەت شۇناشلىق،ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناشلىقى،تۈركولوگىيە، ئارخىلوگىيە، ئېتنوگىرافىيە، دىنشۇناشلىق،تىبابەتشۇناشلىق………قاتارلىق دائىرىگە چېتىلىدۇ.
ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلىم-پەننىڭ ھەرقايسى تۈرىدە كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتقان مانا مۇشۇنداق پەيىتتە پەلەك بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىدى. 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 17 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتتا ئالىم ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە قولىدا قەلەم تۇتقان ھالدا بىز بىلەن ۋىدالاشتى. بۇ چاغدا ئۇ 62 ياشتا ئىدى. رەھىمسىز تەقدىر ئاخىرى بىنى ئۇنىڭدىن ئايرىدى،ئۇ بىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ،ئاخىرەتە سەپەر قىلدى.
         بىز ئاتاقلىق ئالىمىمىزىدن،تۆھپىكار باغۋەدىن،تالانىتلىق ۋو مول-ھۇسۇللۇق ئەدىبتىن،مەشھۇر ئىجاتىمائىي پائالىيەتچىدىن،ئۇلۇغ بىر شائىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. بوغدا ئاتا،تارىم ئانا ئۆز ئوغلىغا چىدىماي ياش تۆكمەكتە ئىدى. ھەتتا،ھاۋامۇ سۈرلۈك ھۈركىرىمەكتە ئىدى. لېكىن ئۇ بىزگە بىباھا ئابىدە،غايە ئۈچۈن بىر ئۆمۈر توختىماي ئىزدىندىغان مۇقەددەس بىر روھنى قالدۇرۇپ كەتتى.
ئالىمنىڭ ھاياتى- چىن ئىنسانىي ھايات. بىر تىنىمسىز ئىشلەيدىغان ئالىمنىڭ ھاياتى.بىز ئۈچۈن ئىشلەيدىغان،جاپا-مۇشەققەتتىن قورىقمايدىغان ئىجاتكارنىڭ ھاياتى،مۋېسى شەربەت،قۇلى گۈل باغۋەننىڭ ھاياتىدۇر!

ئۇنىڭ نۇتىقى ئارقىلىق بارلىق ساۋاقداشلار ئۇ ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممتئىمىن توغرىسىدا مۇكەممەل چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق.

ئا. پائالىيىتىمىزكۈن تەرتىپىنىڭ 6-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش ئەلفىرە ئەنۋەرنى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلايلى!

پائالىيەت كۈن  تەرتىپىنىڭ 6-ماددىسىغا ئاساسەن بىز ساۋاقداش ئەلغىرە ئەنۋەرنى ئەلىمنىڭ ئىجادىيىتى توغرىسىدا ماقالە ئۇقۇشقا تەكلىپ قىلدۇق.

ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىننىڭ ئىجادىيىتى توغرىسىدا

             ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى 20 پارچىگە يېقىن كىتاب،200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە،500 پارچىدىن ئارتۇق لىرىك نەسىر،200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،بىر كىنو سىنارىيىسى ئىشلىدى.باشقا تىللاردىن بىرقانچە كىتاب ۋە كۆپلىگە شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى.20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى تۈرلۈك ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزدى.35 پارچە ئىلمىي ماقالىسى ۋە ئۈچ پارچە كىتابى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.ئىككى پارچە كىتابى ۋە ئىلمىي ماقالىسى مۇكاپاتلاندى.نۇرغۇن ئەسەرلىرى ياپونىيە،قىرغىزىستان،مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى.
          ئالىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1948-يىلى « قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قېلىنغان «كېسىلگەن قۇلاق» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بۇلۇپ،« شەيدائى». «قۇزۇن » «گۈلزار ئاشىقى»،«بۇلبۇل ئازادى» دېگەن تەخەللۇسلاردا نۇرغۇن شېئىرلارنى ئېلان قىلدى.ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە شېئىرىيەتنى ئاساس قىلغاچقا 2000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازدى. لېكىن نەشىر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلمىدى. ئۇ ھېكايە ئىجادىيىتىدە ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ« كېسىلگەن قۇلاق»،« زۇلۇم ئوچىقى»،«ئاق خالات»،«كېچىككىنە ئاسىگۈل»،«نىلوپەر»،«تاش پەرى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئېلان قىلدى.ئارسالدى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلنىپ ئون نەچچە ئوبزور يازدى. «روبائىيات»( ئىككى قىسىم)،« قارلىق تاغ شەجەرىسى»(تارىخى قىسسە)، «چوغلۇق» ( شېئىرلار توپلىمى)،«كوماراجىۋا»(كىنو سىنارىيىسى) «تاش  پەرى» (ھېكايە)،«سەۋدالىق تەئەججۇبنامىسى» (نەسىرلار توپلىمى) «سۇكۇنات»،« تۇپراقنىڭ مونولوگى»،«تەبەسسۇم» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى.ئۇ يەنە «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىس)،«غەزەلىيات» (غەزەللەر توپلىمى)، «باھارىيات» (شېئىرلار توپلىمى)،«ئاق تۇز» (شېئىرلار توپلىمى)،«ئىزگۈ مەلىكىسى»  (ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە)،«شېرىن ۋە سېرىن» (شېئىرلار توپلىمى) «مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم» ( تەرجىمال)، «ئوردىدا باھار»،«پىلە مەلىكىسى»،«مەلىكە گۈليۈز»، «تەڭرىتاغ ناخشىسى»،«دات باسقان قىلىچ»،«مۇھەببەت يىغلايدۇ» قاتارلىق تارىخى تىپتىكى دىرامما،شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ،ئېلان قىلىشقا مۇۋەپپىق بولالمىدى، «فارابى» ناملىق ئەسىرىنى يېزىشقا ۋاقىت يار بەرمىدى.

يۇقىرىدا كۈرۈپ ئۆتكۈنىمىزدەك ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئېلمىي تەتقىقات ئىجادىيىتى كۆپ قىرلىق كۆپ دائىرىگە چېتىلدىغان بولۇپ،ئۇمۇمەن بىرقانچە تۈرلەرگە بۈلىنىدۇ.
1،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى
2.ئۇيغۇر مەدەنيەت تارىخى تەتقىقاتى
3.ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى تەتقىقاتى
4.ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتى
5.غەربىي يۇرت تاشكېمىر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى
6. ئىستىكا(گۈزەللىك) ئىلمى تەتقىقاتى
7.ئۇيغۇرلار روھىيەت قۇرۇلمىسىغا دائىر تەتقىقاتى
8.يىپەك يولى تەتقىقاتى
9.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخى تەتقىقاتى
10.قەدىمىي مەركىزى( تۇران تارىخى) ئاسىيا تەتقىقاتى



نەشر قىلىنغان كىتابلىرى:
1.«شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1980- يىلى نەشر قىلغان.
2.«ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى “ئون ئىككى مۇقام”ھەققىدە»مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980- يىلى نەشر قىلغان.
3.«رۇبائىيات»(1) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982- يىلى نەشر قىلغان.
4.«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىللەر» ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982- يىلى نەشر قىلىنغان ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە ماقالىسى كىرگۈززۈلگەن).
5.«چوغلۇق»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلغان.
6.«ئومومىي ئىستېتكا»، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى 1985- يىلى نەشر قىلىنغان.
7.«فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلىنغان.
8.«قارلىق تاغ شەجەرىسى» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1988- يىلى نەشر قىلغان.
9.«رۇبائىيات» (2)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1989- يىلى نەشر قىلغان.
10.«قاتلاملىق ئېستېتكا»، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىستىتى نەشرىياتى 1994- يىلى نەشر قىلغان.
11.«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان.
12.«ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان.
13.«غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى نەشر قىلغان.
14.«”قۇتادغۇبىلىك”خەزىنىسى» ، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتېتى نەشرىياتى 1999- يىلى نەشر قىلغان.
15.«سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىلى نەشر قىلغان.
16.«ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن ھىكمەتلىرى» (1) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىلى نەشر قىلغان.
17.«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001- يىلى نەشر قىلغان.
18.«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدىنىيتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلغان.
19.«قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»(“تۇران تارىخى”) ، شىنجاڭ نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلىنغان.
20.«ئائىلە» ، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتېتى نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلغان.
ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن كىتابلار
1. «جاھاننامە»(2) (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “گۈللۈك دوپپا توغرىسىدا ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988 – يىلى نەشر قىلىنغان .
2. « مەھمۇد قەشقەرى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985 – يىلى نەشر قىلىنغان .
3. « غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر » (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە غەزەل ، بىر پارچە مۇخەممەسى كىرگۈزۈلگەن ) مىللەتلەر نەشرىياتى 1983 – يىلى نەشر قىلىنغان .
4. «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ” يۈكسەك قەلىبنىڭ شېئىرى ھەيكىلى ” ناملىق ئوبزورى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989 – يىلى نەشر قىلىنغان .
5. « يېڭى رۇبائىيلار » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ئالتە پارچە رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن ) مىللەتلەر نەشرىياتى 1988 – يىلى نەشر قىلغان .
6. « “قۇتادغۇ بىلىك ” ھەققىدە بايان » (1) ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ « “قۇتادغۇ بىلىك” ئىلمىي قىممىتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 – يىلى نەشر قىلىنغان .
7. « “قۇتادغۇ بىلىك ” ھەققىدە بايان » (2) (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ « ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىكى ئۇلۇغۋار نامايەندە > ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 – يىلى نەشر قىلىنغان .
8. « ئاھ ، يۇلتۇزلار » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991 – يىلى نەشر قىلغان .
9. « ياپراقتىكى نەقىشلەر» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ تۆت پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن)قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىر قىلغان.
10.« توي چاچقۇسى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ 17پارچە رۇبائىي ۋە غەزىلى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىر قىلغان.
11.«100شېئىر» ( بۇكىتابقا ئالىمنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن )،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى نەشىر قىلغان.
12. «مۇھەببەت لىرىكىلىرى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئرى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى نەشىر قىلغان.
13.«قايغۇلۇق ئەسلىمىلەر» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ”ئىزگۈ پەزىلەتنىڭ ئۇيغۇر شېئرىيىتىدىكى ئىپتىخارى”ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى نەشر قىلغان.
14. «قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قەدىمكى گەۋدىسى – قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994 – يىلى نەشر قىلىنغان .
15. « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ” ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە – ئېقىملىرى توغرىسىدا” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 – يىلى نەشر قىلىنغان .
16. « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى » (2) (ئالىم بۇ كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسىم 2 – پاراگراف ۋە 2- ، 4- ، 5- ،10 – بابلىرىنى يازغان ) ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1993 – يىلى نەشر قىلغان .
17. « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەتقىقاتى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ” ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە – ئېقىملىرى توغرىسىدا” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1995 – يىلى نەشر قىلغان .
18.«ئىبىن سىنا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى » ( ئالىم بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى يېزىپ بەرگەن ) ،
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى نەشر قىلىنغان .
19. «سىلىشتۇرما ئەدەبىيات ئاساسلىرى » ( ئالىم بۇ كىتابقا بېغشلىما ماقالىسى يېزىپ بەرگەن ) ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان .
20. « ئاھ ، نۇرلۇق ئابىدىلەر » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997- يىلى نەشىر قىلغان .
21. « ئابدۇكېرىم خوجا ئىجادىيىتى توغرىسىدا » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئىرى ۋە ” ئۇ شېئىرلىرى بىلەن
خەلق قەلبىدە ياشايدۇ ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈلەر نەشرىياتى 1999- يىلى نەشىر قىلىنغان .
22. « ئەدەبىيات » ( بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2- يىللىقنىڭ دەرسلىك كىتابى بولۇپ ، ئۇنىڭغا ئالىمنىڭ ” كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1999- يىلى نەشر قىلىنغان .
23. « جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە تارىخى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ” ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ” ناملىق ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، ئەنخۈي خەلق نەشرىياتى 1992- يىلى نەشر قىلىنغان .
24. « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ پەلسەپە – ئىدىيە تارىخى » ( ئالىم بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر ، ئۆزبىك ، قىرغىز مىللەتلىرىنىڭ پەلسەپە – ئىدىيە تارىخىغا ئائىت قىسمىنى يازغان ) .
25. « يىپەك يولى مۇزىكا سەنئىتى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “ئون ئىككى مۇقام ۋە تۇردى ئاخۇن ” ناملىق ماقالىسى
كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىلى نەشر قىلىنغان . (خەنزۇچە) .
26. «شاھنامە» (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مىسلىسىز ئەزىمەت ، ئەبۇلقاسىم فىردەۋىسى ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى نەشر قىلغان .
27. « كۇڭزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 2540 يىللىقنى خاتىرلەش مۇھاكىمە ماقالىلار توپلىمى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “كۇڭفۇزى ۋە قوچۇ
مەدەنىيىتى ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شاڭخەي سەنلەن كىتاب نەشرىياتى 1992- يىلى نەشر قىلىنغان .
28. «بۈيۈك شائىر ئەلشىر ناۋائي » ( بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ “ئەلشىر ناۋائىينىڭ پەلسەپە قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش” ۋە “ئەلشىر ناۋائىينىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدا تۇتقان ئورنى ” قاتارلىق ئىككى پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1996 – يىلى نەشىر قىلىنغان .
29.«”تارىم ” ۋە مەن » ( بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ “تەبرىك ۋە ئۈمىد” ناملىق بىر پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996 – يىلى نەشىر قىلغان .
30. « تاللانغان رۇبائىيلار » (بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ 10 پارچە رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1999 – يىلى نەشىر قىلغان .
31. « بۇگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى » (بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ “شېئىرىيەت ئېستىتىكىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە ” نامىلىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001- يىلى نەشىر قىلىنغان .
ئالىمنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى
1. «چوغلۇق قىز» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1981- يىلى نەشر قىلغان .
2. «توققۇز نەزىم» مىلەتلەر نەشىرياتى 1987- يىلى نەشىرى .
3. «ئېستېتىكىدىن لېكسىيىلەر»1987- يىلى شىنجاڭ رادىئو-تېلۋىزىيە ئۇنۋېرسىتىتى باسمىسى .
4. «شىكىسپىر سونتلىرىدىن تاللانما».
5. «فارابى شېئىرلىرىدىن نەمۇنە» “تارىم” 1984- يىلى 5 – سان .
6. «شاھنامە»(باشقىلار بىلەن) : شىنجاڭ خەلىق نەشىر ياتى 1998 – يىلى نەشىرى.
نەشىر قىلىنمىغان كىتابلىرى
1. «ھەمراھى غەزەللەر»
2. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىسقىچە تارىخى » (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
3. «ئانالىتىك پوئىتىكا» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ، تاماملانمغان ).
4. «يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
5. «غەزەليات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
6. «باھارىيات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
7. «شېرىن ۋە سېرىن» ( شېئرلار توپلىمى،ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
8. «ئاق توز» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
9. «شەبنەم ۋە ئۇچقۇن» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
10. «ئىزگۈلۈك مەلىكىسى» ( ئايالى رەنا مەخسۇتقا بىغىشلاپ يازغان ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ) .
11. «مەن ۋە مىنىڭ خەلقىم» ( ئۆزى ھەققىدىكى ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان)
ئىلان قىلىنمىغان باشقا ئەسەرلىرى
1. «ھاياتىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» (ماقالە).
2. «سكتايلارنىڭ مىتال تاۋلاش ھۈنەر سەنئىتى» (ماقالە).
3. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنۋى ھايات قاراشلىرىغا باھا» (ماقالە).
4. «تۈرك مەدەنىيىتى ھىندىستاندا» (ماقالە ).
5. «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىسى ).
6. «مۇھەببەت يىغلايدۇ» (پوۋېست ، تاماملانمىغان ).
7. «فارابى» (رومان ، تاماملانمىغان ).

          ساۋاقداش ئەلغىرە ئەنۋەرنىڭ بۇ نۇتىقى ئارقىلىق بىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئەسەرلەرنى يازغانلىقىنى،كۆپ قىرلىق يازغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلۋالدۇق.


ب. پائالىيىتىمىزنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ 7-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش بۈۋەجەر دىلشاتنى ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن نەسىرلىرىنى تەكلىپ قىلايلى!
پائالىيەت كۈن تەرتىپىنىڭ 7-ماددىسىغا ئاساسەن بىز ساۋاقداش بۈۋەجەرنى ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ سەۋادالىق تەئەججۇبنامىسى دىن پارچىلارنى ئۇقۇشقا تەكلىپ قىلدۇق.

سەۋدالىق تەئەججۇبنامىسى
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

1.
ئۈمىد تاڭ شەپەقنىڭ رەڭدار كۆڭلىكىنى كىيىپ قاقاپلاپ كۈلگەندە،ئۈمىدسىزلىك گۈگۈم ئوتقېشىنى قارايتىپ لام-جىم دىيەلمىدى.ئۈمىدنىڭ تەنتەكلىكى بىلەن ئۈمۈدسىزلىكنىڭ تەمكىن سىپايىلىكى ئارىسىدا تېڭىرقاپ شېۋىرلايمەن.
                              2.
ئۈمىد خۇشاللىقى بىلەن ئۈمىدسىزلىك ھودۇقۇشى تۆت كوچا ئاغزىدا دوقرىشىپ قالدى.ئۇلارنىڭ خالىغىنى شاراب ئىدى.
چۈنكى ئۇ،ئىختىيار يىپىزىغا سومرۇغ قانىتىنى قوشىدىغان خىيالىي سايە.ھاقارەت لەنگەن روھ شاراب ئىچىدە غالىب

                             3.
ھەسەل- چېچەك شىرنىلىكنىنڭ جەۋھىرى، شېئىر- گۈزەللىك تۇيغۇسنىڭ كىرىستالى.

                             4.
نىقابىڭ ئۆتكۈر زولپۇقارىڭنىڭ تەمكىن غىلاپىغا ئوخشاش كۈزۈمنى قاماشتۇتۇپ،
ئەقلىمنى تەڭپۇڭدىن خالاس قىلىدىغان نۇرانە جامالىڭنىڭ رەھىمدار يېپىنچىسى.
      يۈزۈڭدىكى نىقابىڭنى ئېلىۋەت،بۇ ماڭا مۇقەددەس ئېلتىپات.
      ئۆتكۈر زۇلپىقارىڭنى سانجى، بۇ ماڭا يىڭى ھايات!
5.
ھەسەلچى ھەرە ئۆز پادىشاھىنى خوش پۇراق بال جەۋھىرى بىلەن باقىدۇ.
ھەسەلچى ھەرە پادىشاھى ئىشچى ھەرىسىنىڭ بېشىنى ئۈزۈش ئالدىدا تەنتەنە بىلەن: ۋاپاغا جاپا قىلغان،دەپ ۋارقىرايدۇ.
دەل ھەقىقەت،-دەيدۇ باشقا ئىشچى ھەرىلىرى ــ چۈنكى ھەرە پادىشاھنىڭ ئىكككى بېقىنىدا تەرسانىڭ غەزىپىگە قۇدرەت بىرىپ تۇرىدىغان شەمشەر قانىتى ئارتۇق،

6.
ئېھ،پايانى يوق ئاسمان!
سېنىڭ بوينۇڭدا سان-ساناقسىز يۇلتۇز تىزمىلىرى خۇددى جانان بۇيىدىكى قىزىل مارجانلاردەك يالتىراپ تاۋلىنىدۇ.
ئاھ،چېكى كۈرۈنمەيدىغنا ئوكيان!
سېنىڭ قوينۇڭ ھەددى ھېسابسىز مارجان بىلەن تولغان.ئۇ يۇلتۇزلاردەك،سۇ تېگىدە سىرلىق يۇشۇرۇنغان.
مەن ئاسمان بوينىدىكى يولتۇزلار بىلەن دېڭىز-ئوكيانلار قوينىدىكى مارجانلار ئارىسىدا  مۇھتاجلىق غېمىنى يەيمەن
7.
مەن سېنىڭ گۈزەللىكىڭنىڭ مۇنازىرىسىز شاھىتى.
مەن سېنىڭ مۇھەببىتىڭنىڭ ھەسرەتسىز قۇربانى.

                                 8.
قولۇڭدىكى ئالتۇن نەي ئەمەس،ئاددىغىنا قۇمۇش نەي!
9.
قورقۇنچاقلار!
ئۇلار قورقىدۇ،ئۇلار پۈتكۈل جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئانىللىرى! ئۇلار قورۇقمىغان بولسا،قۇقۇنچاقلىق كېسىلى ئەسىرلەر يالدامىسى بولمىغان بولاتتى.

                                   10.
ھەقىقىي دوسىت – نىجادىيەتنىڭ ئەلچىسى. ئۇنىڭ دوسلۇقى سېنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىڭ ۋە دوستانە ئەمگەكلىرىڭنىڭ ئۇنىڭ قەلىب بېغىدا كۆكلىگەن شەمشادى. دوسىتلۇق ئۇرۇقىنى ئۆستۈرۈش بىلەن دوستلۇق قەلبىنى داۋالاش ئۈچۈن كەتكەن ئەجىر باغۋەن بىلەن تېۋىپنىڭ ئۆز مەشغۇلاتىغا سىڭدۈرگەن ئەجرىدىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق. ھەقىقىي دوستى يوق كىشىنىڭ قەلبى ـ تۆڭلۈكى يوق ئۆي،دەرىخى يوق قورغان!

ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن نەسىر ئىجادىيىتىدە ئالاھىدە ئۇتۇق قازانغان يازغۇچىلارنىڭ بىرسى. بىز ئۇنىڭ نەسىرلىرىنى ئۇقۇپ ئالىمنىڭ نەسىر ئىجادىيىتىگە قول قويدۇق.


ئا. پائالىيىتىمىز كۈن تەرتىپىنىڭ 8-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش لۇتپۇللا ھەسەننى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شېىرى «قەشقىرىم» ناملىق شېئىرنى ئوقۇشقا تەكلىپ قىلايلى!

پائالىيەت كۈن تەرتىپىنىڭ 8-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش لۇتپۇللا ئالىم ئابدۈشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن نىڭ قەشقىرىم ناملىق شېئىرىنى ئۇقۇپ بەردى.

قەشقىرىمئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
شەرق بىلەن مەغرىپ ئارا نامىڭ نۇر ئەفشانقەشقىرىم،تارىخىڭ، زاتىڭ سىماسى دىلدا ئايان، قەشقىرىم.
ئوق بىلەن يائىلكىدە ئارتۇچدا ئەۋلادىم ئىزى،سەندە پامىردا تېپىلغان كونا گۈلخانقەشقىرىم.
دەسلىبا تاش كەتمەننى بىرلەن بىنا ئەيلەپئېكىن،تۇنجى بوز – چەكمەن بىلەن ئۈستىنى ياپقان، قەشقىرىم.
ئول ئوغۇزخاندۇلدۇلى باغرىڭدا كىشنەر تىك تۇرۇپ،قوۋمى ئۇيغۇر بايرىمى سەندىن قۇتاتقان،قەشقىرىم.
كۈلدى لوپنۇردا مەلەك مىلادىدىن مىلادبۇرۇن،جامى جەمشىت ئەكسىدە ھۆسنۈڭ نامايان، قەشقىرىم.
بىر تۈمەن كىيىكتېرىگە «ئاۋستا» نى پۈتكەن چىغى،ئۈچە، ياقۇت، قاشى بىرلەن نەقشى تاپقان،قەشقىرىم.
ئالدى ھەم ئارقىغا تەڭ ئوق ئۈزدى لاچىنلەشكىرىڭ،قەي ئېلىنىڭ خۇسراۋى يانىڭدا ۋەيران، قەشقىرىم.
باشىڭدا بۈركۈتدوبۇلغۇ، كۆكسى زەر ساۋۇت ئېگىن،قەھرىمان ئەپراسىياپقا بارىگاھان،قەشقىرىم.
يۇمسا كۆز ئېفرات، ئەجەم، باش ئەگسە ھىندۇ قوشمۇھەم،سەندە ئىسكەندەر چېكىندى، شانى ئاسمان قەشقىرىم.
رىم بىلەن تاكى يىراقچىنگىچە كارۋان مەنزىلى،ئىستىقامەت ئەھلىگە ئالىپتا داسخان، قەشقىرىم.
مەستىكى رۇم، چىن تاۋارى، ھىندۇ ئەنبەرىنيېيىپ،كۇللى ئالەم قىزلىرىنىڭ زەۋقىن ئالغان قەشقىرىم.
تەڭرىتاغدا بارىگاھقۇرغان سىياق تەڭرى – ئىلاھ،چوڭ قۇرۇمدا قاش يەنە ئالتايدا زەركان،قەشقىرىم.
ساك ۋە يۇرچى كونا زەرگەر، شاھىدى مىڭ – مىڭلەھەت،كۈن، يورۇقلۇق، پاكلىقتىن دىلدا ئىمان، قەشقىرىم.
تارمۇ باغراش ۋەئورخۇنلاردا كۆپلەپ قالدى باغ،باغۇ – بوستانلار ئارا شاھانە ئەدنانقەشقىرىم.
پىرى شامان داپ ئۇرۇپ ئەلگە سەھەتلىكئىزلىگەن،ئاتەشى زەر دوشىت چىغى نۇردىن زەرەپشان قەشقىرىم.
مىڭ ئەدەپكەپتەرلىرىن ئاسمانغا قويدى بۇددىھا،نەقشى سەنئەت بابىدا «مىڭ ئۆي» ياراتقانقەشقىرىم.
ئىشقى دەرياسىدا ئۈزگەن مۇندا تاھىر – زۆھرەھەم،قىسسەسى مىڭ يىل بۇرۇن تىللاردا داستان قەشقىرىم.
ئول گۈزەل ئەرمەنقىزىنى بەند ئىتىپ ئۆز قەلبىگە.
پەرھادىڭدىن ئۆزگە كىم ئىشىق ئىچرە سۇلتانقەشقىرىم.
سەندە قايتا ئالدى تەلىم خۇيلىن ھەمكومراجىۋا،رەقىس – چالغۇ سازنى كەڭ ئالەمگە يايغان قەشقىرىم.
نالە ئىزھارىمتالاي چۆل ئۈستىدە يىغلار بۇلۇت،ئۇستىخانىم بىر ئەمەس، مىڭلارچە بارخان،قەشقىرىم.
قۇم دۆۋىسى قانچە ئىزگۈ يۇرت – ماكاننى قىلدىغەرق،ئەگدى قەددىڭنى ئۆزۈڭدىن پىتنە – بوران، قەشقىرىم.
باشىدا پاك سەللىسىساتۇق بۇغرا ئاتام،قايتىدىن جىسمىڭنى يۇيدى نۇرى ئىرفان، قەشقىرىم.
ھىكمىتىڭ خارابىدا جەم قىلدى مەشرق غەربنىھەم،شۆھرىتىڭنى كۆكە يايدى تۈركىي دىۋان، قەشقىرىم.
«قۇت بىلىگ»جاۋاھىرىنۋايىگە يەتكۈزدى يۈسۈپ،يەسسەۋى ھېكمەتلىرىدەك دۇرى رەيھان قەشقىرى.
بولدى ئۇستاز سەددىدىن قەشقەر مۇبارەكجامىگە،مىر ئەلشىر نەزمىگە دۇرىنى چاچقان قەشقىرىم.
مالىك، ئەھمەت قەشقىرىتۈزدى سەمەرقەنت ھۆسنىنى،مىرزا ھەيدەر قەلبىگە ئاتەشنى سالغان، قەشقىرىم.
تەمبۇرىدە «چەببىيات»، قەلبى ناۋائاماننىسا.
قۇتلۇق«ئون ئىككى مۇقام»دا مەڭگۈ مۇزگان، قەشقىرىم.
ئىككى كۈن–تۈن چالسىمۇ پۈتمەس ساتارىڭ نالىسى.
ئىزگۈ، كۆرك، سۆيگۈ، ناۋادا سەن جاھان خان،قەشقىرىم.
خرقىتى، مەشرەئپ، زەلىلى، نۆۋبىتىدىن تا بۇدەم،ئەرشى ھەم خامۇشىنى باغرىغا باسقاب قەشقىرىم.
قالدى خاكىڭ قوينىدانىزارى تۇردۇم بۇلبۇلى،سادىقىڭ يازمىشلىرى خۇنابى ئەبغان، قەشقىرىم.
قۇم بىسىپ يىپەك يولىن كەتتى ئەسىرلەپ قۇتقوشۇڭ،كۆزلىرى ئۆچمەس ئۈمۈد كۆكىدە چولپان قەشقىرىم.
بولدى يات قۇرداشلىرىڭ،كەستى شېخىڭنى ئوت چىقىن،ئۇنتۇدى شەجرەڭنى ھەم قوينىدا جانان، قەشقىرىم.
بىر رىۋايەتتەك بۇدەم نامىڭنى ئەسلەر كەڭجاھان،بىر زامان ئىقلىم كۆزىدە شاھى مارجان قەشقىرىم.
سەن گويا «ئەسھابكەھەب» دە كۆپ ئەسىر ياتقان يىگىت،نۇر پىشانەڭدە يەنە تەقدىرى جەۋلانقەشقىرىم.
سەن قالۇرسەن بىز كىتەرمىز بۇنەپەس گويارابات،ئېتىبارىم تەختىدە تۇز ھەققى خاقان قەشقىرىم.
مېھرى سۆيگۈڭ ئاتەشىقىلدى مىنى يۇرت ئاشىقى،خاكىڭا بېشىم قويسام، بۇ كاتا دەرمان، قەشقىرىم.
سۆزلە سوقرات، ئەپلاتون، كۇڭفۇزى، سەكيامۇنيەنە،سىز گۇناھ دەمسىز ماكانىن سۆيسە ئوغلان، قەشقىرىم.
مەن گۇناھ دەرمەنجېمى بەڭباشلىقىم، بىخۇتلۇقۇم،مەن ساۋاب دەرمەن تاۋاب ئىلماقنى ھەر ئانقەشقىرىم.
روھى شەيدالىق تېشىپ شەيدائى يازدى ئىشقىنى،قۇتماڭا كۆكسىنى ئاچسا ئۆز قەردىردان قەشقىرىم.
پىتنىلەر ھەريان ھۆرۈپ باغىمتوزۇتسا ئەيىپ ئەمەس،ئىشقىدىن دەرد تارتمىقىم پاك خەير – ئېھسان، قەشقىرىم.
قىل ھەزەر بىر جىننى گەر ئىشىقتىن پاسات سۆزلەرساڭا،ئەقىل – ھېكمەتسىز سانا – ئۇل لاپى شەيتان قەشقىرىم.
ئاز ئەمەس پىرقە–نىزا، پىتنە تۈپەيلى تارتقىنىڭ،توختىماي ماتەم يېشىڭ بىرقانچە دەۋرانقەشقىرىم.
ئەندى جان باغىدا تۈزدۇم ئۇشبۇ ئىشقىڭنامەسىن،زەررە تۇپراقى شۇدەم تەختى سۇلايمان قەشقىرىم.

ب. پائالىيىتىمىزنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ 9-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش سۇلايماننى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن رۇبائىيلىرىنى ئوقۇشقا تەكلىپ قىلايلى!

رۇبائىيلار
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

1
باھارنىڭ زىننىتى بوستان، لاچىننىڭ پەخرى پەرۋازدا،
پىغاندا كۆز يېشى تۆككەن كۆزۈڭ شادلىقتا خۇش نازدا.
ئەمەس بىرخىل پەسىل-دەۋران،زىمىستان ھەم باھار باشقا،
نە شۆھرەت سايرىسا بۇلبۇل قىشى-ياز بىرلا ئاۋازدا.

2
ھەسەتخور بولسا باغۋەن-نە ئېچىلغاي باغدا گۈل رەنا،
ئۆزىنى پىتنىچى -بۇلبۇل دېسە خەندىدە نە مەنا.
بىراۋلار زەمزىمىن ماختاپ، تۈكۈرسە ئۆز بۇلاقىغا،
بولۇر چۆللۈك مۇكاپاتى قىلىپ نەم قەترىگە تەشنا.

3.
يولۇقماسمەن گۈزەللىك ئاختۇرۇپ دەرگاھى ئورداڭغا،
سېلىپ قامچىسى ئۇرماسمەن بەخت زەۋقىدە يورغامغا.
مۇھەببەت مىۋىسى پىشماس ساداق نەيزەڭ دەرەخ بولسا،
كى شۆھرەتتىن خۇشاللىق شولىسى چۈشمەيدۇ ھويلامغا.





4.
باقمىغايمەن توز قاناتىغا چېچىڭ تۇرغان چېغى،
بۇلبۇل ئاۋازى نەھاجەت لەۋلىرىڭ كۈلگەن چېغى،
گۈلگە مۇنداق باقمىدىم سىنەمدە قوزغاتمايدۇ زوق.
جەننەتى جىسمىڭ بېغىدىن خۇش ئىپار ئۇرغان چېغى.

5.
شىرنى يەڭگەن ئەزىمەت شېرىن سۆزگە ئەل بولدى،
يامغۇر سۆيىدىن قېچىپ، يولۇققىنى سەل بولدى.
گۈزەللەرنى ئاختۇرۇپ،يۈرگەن ئىدى مەنسىتمەي،
ئاخىرىدا تاپقىنى دىلى ئەما "چەل" بولدى.

6.
ساما ئاسمانى قاراڭغۇ-بولمىسا شەمشى-قەمەر،
ئەقىل غالىپلىقى جانسىز-بولمىسا سۆيگۈ ئەگەر،
دېڭىز مۈشكۈلى بولمىسا، باھاسىز قۇم ئۈنچە-مەرمەر،
ھاياتلىق تەختىنىڭ شاھى-ئۆزىن بىلمەك ئەنگۈشتەر.
7.
بەزىلەر ئۆزگىدىن ئەيىپلا ئىزدەر،
ئۆزىنىڭ قىلمىشىن پەردازلاپ بېزەر،
ئۆزىنى ئالداپ ئۇ خاتا يول كېزەر،
ئويغۇنۇپ ئەل بىركۈن ئۇنىڭدىن بېزەر.
8.
ئول پەرى ھۆسنى خىيالىم كۆكىدە چولپان مېنىڭ،
ئار ئېلىپ سۆز ئېيتمىدىم، قەلبىمدە ئۇ سۇلتان مېنىڭ،
ئىسمى زاتىنى سورار بولساڭ "تاۋاقتا ئۈنچە تاق"
ئۈنچىدىن يانسا چىراغ-جىسمىم دىمەك، پەرۋان مېنىڭ.

9.
كىتابەتتىن ئىلىم تاپقىن، ھاياتتىن تەلىم ئال تىنماي،
ئۆمۈر دەرياسىنىڭ تەكتى چۈشەنسەڭ ئۈنچىگە ئەڭ باي.
ئىلىم گەر ئاشىقىڭ بولسا بەئەينى بىر تۇلۇن ئايدەك،
كۆرۈنگەي بولسا دىل ئۆتكۈر مىسالى قەترىدە ئول ئاي.

10.
شېئىر شوھرەت ئەمەس، ئەمگەك-ساپاسى ھېس ۋە ئىدراكتا،
سىياقىڭ قانلچىلىك بولسا كۆرۈنگەي سۆزدە ئەينەكتە.
تەپەككۇر كانىنى قازماي، تەسەۋۋۇر تىكلىمەك مۈشكۈل،
جاۋاھىر تاپقىلى بولغاي كۆڭۈل كەڭ بولسا كۆكرەكتە



ئا. پائالىيىتىمىزنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ 10-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش نۇرئامىنەنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرىنى ئوقۇشقا تەكلىپ قىلايلى!

ئابدۈشۈكۈر مۇھەتتئىمىن ھېكمەتلىرى
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

Ø       ھەقىقەتسىز كۈرۈش نىشانى،كۈرەش غايىسى ۋە كۈرۈش يۆنىلىشى بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس.
Ø       ھەقىقەتنى سۈيىدىغان قەلىب نۇرانە قەلىب،خەلقىمىزنىڭ تارىخى ئىستىقبالىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قەلىب.مۇنداق قەلىب ھەقىقەتنى ھۆرمەت قىلىدۇ.ئۇنىڭغا جان پىدالىق قىلىدۇ.
Ø       گۈزەللىك – مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەزبىدار مەلىكىسى،ئىنسان روھىيىتىدىكى جىلۋىلىك يۇلتۇز.
Ø       ئىنساننىڭ قەددى-قامىتى گۈزەللىكى ئادەم ئورگانىزىمنىڭ ھەل قىلغۇچ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.بۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان تەبىي،بىئولوگىيىلىك قانۇنىيەت.
Ø       ئۇيغۇر 12 مۇقامى يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇقامى بولماسىتىن،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مۇقامى.
Ø       سەنئەتكارنىڭ ھېسسىياتى ئالامشۇمۇل تارىخىي خاراكتېلىك روھىيەت چىنلىقىدىن پۈتۈلگەن مەشئەل—دانكو يۈرىكىنىڭ يالقۇنى
Ø       ئىنساننىڭ قىممىتى – ئاتنىڭ سۈرىتىنىڭ باھاسى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئات مىنگۈچى كىشىنىڭ ماھىيەت ۋەزىنى! ئۈزۈڭگە ئات باھاسىدا،ئويناقلاپ تۇرغان ياكى پۇشۇلداپ ياتقان ئات نەرقىدە قاراپ تەمەننا ياكى غەمكىنلىك يولاتما! بەلكى ئار مىنگۈچىگە قاراپ نەپرەتلەن.ئۆزىدىن نەپرەتلىنىشنى بىلىمىگە ئىنسان ئۆزىنى بارغانسېرى نەپرەتلىك سىماغا ئايلاندۇرۋاتقان غاپىلدۇر ئىنساندۇر! ئات چەيلەپ يېقتىۋەتكەن بۇ ئىنسانىي قىممەتتىن يەنە ساڭا قانداق تەقدىر نېسىپ بولار ! ئەي نادان!
Ø       ھەقىقەت يول بويلاو ئېچىلىدۇ.
Ø       ئەقىل-پاراسەت ئىنساننىڭ نۇرى.
Ø       ئىنسان-پۈتكۈل كائىنات سىرلىرىدىن تۈزۈلگەن ئەۋرىشكە.ئىنساندا كائىنات مۇمكىنلىكلىرىنىڭ  ھەممە قاتلاملىرى بىلەن كۈرۈنمىلىك سۈرەت ۋە يۇشۇرۇن تىلسىمات نەمۇنىللىرى ساقلانغان.
Ø       ئۆزلۈك – ئۆزىنى بىلمەكلىك! ئىنساننىڭ ئۇلۇغ تەبىئەت ئالىمى سۈپتىدە تۇرغان ھازىرقى ھالىتى ئۇنىڭغا نىسپەتەن ساۋاتسىزلىقتىن ئىبارەت خالاس!!
Ø       ئىنسان ئۆلىدۇ،لېكىن مۇتلەق مەنىدە ئەمەس!
Ø       بىلىم – ئىنسانىيەت ياراتقان ھەقىقەت ۋە قۇدرەت خەزىنىسى.ئىنسان بىلىش بىلەن ھايۋاندىن،بىلىم بىلەن بىلىمسىز ناداندىن پەرىقلىنىدۇ.
ئادەم سۈپىتى،قەدىر-قىممىتى ۋە ئىجادىي ئىقدىدارانىڭ ئۇلى  - ئىلىمدىن ئىبارەت.
file:///C:/DOCUME~1/ADMINI~1/LOCALS~1/Temp/msohtml1/01/clip_image001.gif      دۇنيادىكى بارلىق جىنايەتلەرنى بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
file:///C:/DOCUME~1/ADMINI~1/LOCALS~1/Temp/msohtml1/01/clip_image001.gif      مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ـــ جاپا مۇشەققەتلەرگە باش ئەگمىگەندە قولغا كىىدۇ.

ب. پائالىيىتىمىزنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ 11-ماددىسىغا ئاساسەن ساۋاقداش ئابدۇخېلىلنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىقىغا ئاتاپ يازغان شېئىرىنى ئوقۇشقا تەكلىپ قىلايلى!

پائالىيەت ئاخىردا نەب قاراخان ئۇستاز يازغان شېئىرنى ئۇقۇپ بەردىم

‹‹ئۇلۇغ ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىننى ئەسلەپ››

قەدىمى ئاستانە ئۇلۇغلار توپى،
ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئەتمەكتە داۋام.
گاھىدا ئالقىشلاپ گاھىدا نوقۇپ،
باغرىدا ئۆستۈرگەن ئۇلارنى ئاۋام.

قاراخان دەۋرىدە گۈللىنىپ بۇ جاي،
ئەجدادلار جاھانغا تونۇلغان قەۋەت.
قالدۇرۇپ‹‹دىۋانى››ۋە‹‹قۇتادغۇبىلىك››،
ئەۋلادلار بەختىچۈن قىلغان كۆپ سەۋەپ.



شۇ تارىخ ئىزىنى يوقاتماي يەنە،
داموللام①خەلقنى باشلىغان پەنگە.
تەۋپىقمۇ②جاننى ئېلىپ ئالقانغا،
مەرىپەت ئۇرۇقى تېرىغان ئەلگە.

بۈگۈنمۇ بىر ئۇلۇغ ئىنساننى بىزچۈن،
③تەۋەللۇت قىلغانتى بۇ قەدىم زېمىن.
تولۇن ئاي جىمىرلاپ يۇلتۇزلار كۈلۈپ،
ئەجدادلار روھىمۇ تاپقانتى ئەمىن.

ئۇ سۆيگەن خەلقنى سۆيگەن ئېلىنى،
جىسمىدا ياندۇرغان ئەجداد روھىنى.
قوغلىماي شان-شەرەپ قوغلىماي دۇنيا،
بىزلەرچۈن تىكلىگەن شۆھرەت ئۇلىنى.

كىيىنىپ ئىلىمدىن غەۋۋاس كىيىمى،
شۇڭغۇدى تارىخنىڭ چوڭقۇر بېتىگە.
سۈزۈپ شۇ دېڭىزدىن ئالتۇن-جەۋاھىر،
تىزدى رەت-رېتىدە دەپتەر بېتىگە.

(ھە!مانا ئوغۇزخان كۆرۈندى ئاڭا،
كۆك بۆرە ئالىمغا كۆرسىتىپتۇ يول.)
قانائەت ئەيلىمەي شۇنىڭغا يەنە،
④ئارىيانلارغىمۇ سوزۇلۇپتۇ قول .

باشلىنىپ ‹‹ئىنقىلاپ››⑤بۇ دىياردىمۇ،
ئالىممۇ كىيىنىپتۇ بىر ئۈلۈش قالپاق،
ياۋىلار قۇترىدى ئېتىلماق بولۇپ ،
ھەسەتخور،پەسكەشلەر بولۇپ يانتاياق.

زېمىستان قوغلىنىپ كېلىپتۇ كۆكلەم،
〞قالپاقمۇ〝غىپپىدە تىكىپتۇ بەدەر.
يايراپتۇ كۆڭۈللەر ياڭراپتۇ بەزمە،
تۆلەنگەن بولسىمۇ گەرچە كۆپ بەدەل.

ئالىممۇ كۈلۈپتۇ ئەمما يۈرىكى ،
ياش تۆكۈپ بىھۇدە ئۆتكەن ۋاقىتقا.
تولۇقلاش ئۈچۈن بوش كەتكەن ئۆمرىنى،
باش چۆكۈپ كېچىنى ئۇلاپتۇ تاڭغا.

قول ئۈزۈپ بارچىدىن ئەۋلادلار ئۈچۈن،
بېكىندى بىر ئادديھۇجرىغا ئالىم.
ئۆتۈپتۇ قارىسى كۆرۈنمەي ئەسلا،
ئالىمنى چىللىغان سانسىز مۇراسىم.

خەق ساناپ ئۆتكۈزسەكۈنلەپ-ھەپتىلەپ،
ئالىم ئۇ سانىدى مىنۇت-سىكۇنىتنى.
ئىزدەندى،تىرىشتى،قىلمىدى ساقىت،
نەزەردىن ئۆتمۈشنىڭ ھەر چېكىتىنى.

ئەنە شۇ مىللەتنىڭ نۇرلۇق چېرىغى ،
بىر كېچە ئۈستەلدە ئۆچتى ۋاقىتسىز .
گاھىلار يىغلىدى، كۈلگەنلەرمۇ بار ،
ئاھ ھايات سەن نېچۈن بۇنچە رەھىمسىز.

ئا. ب.  پائالىيىتىمىزنىڭ 12-ماددىسىغا ئاساسەن پائالىيىتىمىز ۋاقىت مۇناسىتى بىلەن مۇشۇيەردە ئاخىرلاشتى. كۆپچىلىك كەلگەن قەدىمىڭلارغا رازى بۇلۇڭلار. خەيىر – خوش!

شۇنداق قىلىپ ئىككى يېرىم سائەتلىك پائالىيەت غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. ئالىمنىڭ سىمايىسى سىنىپىمىزدا قايتىدىن پەيدا بولدى. بۇ مىنۇتلار ھەربىرىمىز قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز ۋاقىتلارغا ئايلاندى.


                                 ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
                                                       2013-يىلى 9-ئاي 30




44

تېما

2

دوست

7772

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 2005
توردىكى ۋاقتى: 497
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 07:06:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-1 13:04  

    بۇ پائالىيەت ناھايىتى ياخشى، مەنىلىك بىر پائالىيەت بولۇپتۇ.
    بونىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ئىچىمىزدىن چىققان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لوتپۇللا مۇتەللىپ، تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر... قاتارلىق مەشھۇر شائىر، تارىخچى ۋە يازغۇچىلىرىمىزنىمۇ خاتىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارساق بەكمۇ ياخشى باشلىنىش بۇلاتتى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ana tilim jan tilim!

7

تېما

6

دوست

4756

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10175
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 933
تۆھپە : 849
توردىكى ۋاقتى: 815
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 10:20:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر قېرىنداشلىرىم،مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ بېسىلىپ ياتقان ئەمگەكلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى يورۇقلۇققا چىقىشىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن،ھەمدە شۇنداق بولىشىغا ئىشىنىمەن.

11

تېما

0

دوست

2528

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15446
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 744
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 10:59:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى پائالىيەت بولۇپتۇ.

0

تېما

4

دوست

189

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16773
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 12:31:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن مۇنبەردە ئىچكىردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ ئىمتاھان نومۇر سىزىقىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە نومۇر قوشۇش ئەھۋاللرىغا قارىتا راي تەكشۇرۈش مەزمۇنىدا بىر يازما ئىلان قىلنىپتىكەن، ئىزدەپ تاپالمىدىم، بىلىدىغان قېرىنداشلار بولسا ياردەم قىلساڭلار

0

تېما

7

دوست

2799

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 834
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 12:54:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ خەۋەرنى يۇقۇرىدىكى چوڭ ئەرباپلارمۇ كۆرەرمۇ؟

pakat rabimizla bizga hidayat

12

تېما

13

دوست

6035

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9586
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1071
تۆھپە : 1104
توردىكى ۋاقتى: 242
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 18:45:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەخشى  ۋە  ئەھمىيەتلىك  بىر  پائالىيەت  بوپتۇ  بۇ

تارىخ يەڭگۈچىلە

0

تېما

0

دوست

321

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   10.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13516
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 83
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 19:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىملىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى كۆپرەك ئېلىپ بېرىلسا ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تارىخنى چۈشىنىش، بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىشچانلىق روھىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )