ئەكرەم غوپۇر،ساڭا مۇبارەك بولسۇن!
مەھەممەتجان ساۋۇت (غۇلجا شەھەرلىك8-ئوتتۇرا مەكتەپ)
ئەكرەم ياخشىمۇسەن،سەن بىلەن ئەھۋاللىشىپ ئۆتىۋاتقانلىقىمىزغا بىر نەچچە يىللار بولۇپ قاپتۇ،سېنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئېنىق بىلىدۇ،سەن ئالدى بىلەن يېزىلىق پارتكۇم سىكرىتارى ئىزچىل دېگۈدەك ئۇيغۇر مىللىتىدىن بىكىتىلىدىغان(بۇ خىل ئەھۋال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى تەۋەسىدە ناھايىتى ئاز ئۇچرىشى مۆمكىن)،ئىلىدىكى قەدىمىي يېزىلارنىڭ بىرى،ئىلى يەرلىكلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چاپچال ناھىيە قاينۇق يېزىسىنىڭ ئىلى دىيارىدىكى ساناقلىق بىر قانچىلا ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىرى بولغان قاينۇق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك ئوقۇتقۇچىسىسەن.شۇنداقلا سەن ئۇچراشقانلا كىشىلىرىڭ بىلەن دەرھال چىقىشىپ كېتەلەيدىغان ھەم ئۇلارنى دەرھاللا كۈلكە قوينىغا باشلاپ كىرەلەيدىغان يۇمۇرلۇق پاراڭچىسىسەن.يەنە شۇنداقلا ئەتراپىڭدىكى مەسىلىلەرگە ناھايىتى ئىنچىكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان،مۇنازىرىدىكى رەقىپلىرىڭگە ناھايىتى ياخشى نەزەرىيىۋى دەلىللەر بىلەن ھۇجۇم قىلالايدىغان مۇنازىرچىسەن.يەنە بەزىدە بولسا،جانلىق مال سودىلىرىدا ئارىلاپ يۈرگەن ئالارمەنسەن،ساتارمەنسەن ۋە ياكى بىدىكسەن.يېقىنقى يىللاردا بولسا،يەنە بىر كەسىپنى يەنى بەيگىچىلىكنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلدىڭ.بۇ كەسىپمۇ،بەلكىم،سېنىڭ تۇرمۇش رىقابىتىدە باشقىلارنى كەينىگە تاشلاپ ماڭسام دەيدىغان ئىرادە كۈچۈڭدىن كەلگەن بولۇشى مۆمكىن.
ئەكرەم،مەن سېنىڭ كەسىپىي بىلىمىڭنىڭ چوڭقۇرلىقى،دەرس يەتكۈزۈشتىكى ماھىرلىقىڭ،ھەرقانداق بىر سىنىپقا بىرلا سائەت دەرس ئۆتسەڭ،شۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز دەرسىڭگە جەلىپ قىلىۋالالايدىغانلىقىڭ ھەم بۇ جەھەتتىكى ئىشەنچىڭ،ئاڭلىغان دەرسلىرىڭنى ۋە ئەتراپىڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىش – ئەمەللەرنى ناھايىتى ئەتراپلىق باھالىشىڭ شۇنداقلا مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشىڭنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە قايىل قىلارلىقى،ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە قىلىپلاشقان تۈزۈملەر بويىچە ئەمەس،بەلكى،جانلىق ۋە تەتقىقات خاراكتىرىدە يۈزلىنىشىڭنىڭ كۈچلۈكلىكى،پىكىرلىرىڭنى سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە ماھىرلىقىڭ،مۇنازىرىلەردىكى سۆزلىرىڭنىڭ ئورونلۇقلىقى ۋە يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا مايىللىقى،كەسپىڭ بىلەن ئالاقىسى بولمىغان باشقا كەسىپلەردىكى چىۋەرلىكىڭ قاتارلىق تەرەپلەرنى مۇئەيەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە قىسمەن ئىشلاردىكى بىپەرۋا،چىچىلاڭغۇلىقىڭ،بەزى ئىشلارنى دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆزۈڭگە بېسىم قىلىپ،تېشىڭدا كۈلۈپ يۈرگىنىڭ بىلەن ئىچىڭدە كېچە-كېچىلەپ ئويلاپ ئۆزۈڭنى قىينايدىغىنىڭ،تۇرۇپ-تۇرۇپلا پەيدا بولۇپ قالىدىغان باشقىلارنى باھالاشتىكى مەنمەنلىكىڭ،چوڭچىلىقىڭ،شۇنداقلا تۇرمۇش يولىدىكى قىسمەن ئۆزەمچىلىكلىرىڭنى تەنقىدلەپ بىرەر نەرسە يازسام بولىدىكەن دەپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە ئاڭلىغان بىر خەۋەر ئالدى بىلەن سەن توغۇرلۇق ئەمەس،بەلكى،سەن يېتىلەپ يۈرگەن ئېتىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يېزىشقا ئۈندىدى.
ئالدىنقى كۈنى(2013-يىلى9-ئاينىڭ 30-كۈنى)كەچتە قاينۇق يېزىسىغا چوڭ ئۆينى يوقلاپ كېلىش ۋە بىر ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە چىقىپ،قاينۇق يېزىسىدىكى ئىزچىل ھالدا ناھايىتى ئوبدان ئالاقىلىشىپ ئۆتىۋاتقان ئاغىنىمىز،يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شاۋكەت كىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرىۋاتقىنىمىزدا يېنىمىزغا يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان بۇرادىرىمىز ئابدۇغۇپۇر ئۆمەرجان كېلىپ قالدى.ئۇلار تەبىئىيلا قاينۇق يېزىسىغا نىسبەتەن ئەڭ يېڭى خەۋەر ھىساپلىنىدىغان غۇلجا شەھەر دادامتۇ يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئات بەيگىسى ۋە سېنىڭ ئېتىڭ توغرىلىق سۆزلىشىپ قالدى،مەنمۇ ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا قىزىققان بولدۇم ھەم ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئەسلى كەسپىي تەنتەربىيە بولغان،توپ تېپىشتا داڭقى بار،ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچى رايۇنىدا بوكسىيۇرلۇق مۇسابىقىسىگە چۈشۈپ،نەتىجىگە ئىرىشكەن،كېيىن بىردىنلا كەسپىنى كومپىيۇتۇر ساھەسىگە ئۆزگەرتىپ، 2000-يىللار كىرمەستىلا بۇ كەسىپكە چوڭقۇرلاپ كىرىپ،چاپچال ناھىيىسى بويىچە ئەڭ دەسلەپكى كومپىيۇتۇر تېخنىكى ئاتالغان،ئىلى ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدىغان كومپىيۇتۇر بىلىملىرى كورسلىرىغا ھەم ئىمتىھانلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە باھالاشلارغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرىلىدىغان (بۇ مەزمۇنلارنى مەن 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى ‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى››دە ئىلان قىلغان ‹‹ئۇ قاينۇقلۇقلارنى 21-ئەسىرگە كومپىيۇتۇر بىلەن باشلاپ كىردى››ناملىق ماقالەمدە تەپسىلىي يازغان)،ۋۇجۇدىدا تەبىئىي پەن خاراكتىرى ئۇرغۇپ تۇرغان،موشۇ قېتىملىق ئات بەيگىسىنىڭ رىپىرلىرىدىن بىرى بولغان قاينۇق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرزاق ئابلىزدىن ئىگىلىدىم.
‹‹2013-يىللىق 2-نۆۋەتلىك ‹‹تۇلپار لوڭقىسى›› مەملىكەتلىك تىز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى تەكلىپ مۇسابىقىسى››دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بۇ بەيگىنى ئۆتكۈزۈشنى ‹‹غۇلجا شەھەر دادامتۇ يېزىلىق تۇلپارلار كۇلۇبى››نىڭ قۇرغۇچىسى شى پەمىلىلىك خۇيزۇ دىرىكتۇر ئۈستىگە ئالغان بولۇپ،مۇسابىقە خىراجىتى 700000يۈئەن ئەتراپىدا بولغان.ھەرقايسى ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ،مۇسابىقە باش رىپىرى ۋە مۇئاۋىن رىپىرىنى ۋۇخەن ۋە شىياڭگاڭدىن تەكلىپ قىلغان.
بۇ قېتىملىق ئات بەيگىسىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن 159ئات قاتناشقان بولۇپ،بەيگە 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 29-،30-كۈنلىرى غۇلجا شەھەر دادامتۇ يېزىسىدا 1200مېتىر،2200مېتىر،3200مېتىر،5000مېتىر،10000مېتىر قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان،ئالدىنقى ئۈچ تۈر دۆلەت ئىچى ۋە ساپ نەسىللىك ئاتلار دېگەن ئۆلچەم بىلەن ئالتە گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ،ئالتە ماھىرنى بىرىنچىلىككە تاللىغان.5000مېتىرلىق بەيگە دۆلەت ئىچى،ساپ نەسىللىك ۋە غونان دېگەن ئۈچ گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۈچ ماھىرنى بىرىنچىلىككە تاللىغان.10000مېتىرلىق بەيگە بىرلا گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ،بىرلا ماھىرنى بىرىنچىلىككە تاللىغان.مۇكاپات بويۇمى ئۈچۈن بىرىنچىلىككە ئىرىشكەنلەرگە 10دانە لىفەن320تىپلىق كىچىك ماشىنا(力帆 320 小车) تەييارلانغان.ئىككىنچىلىككە ئىرىشكەنلەرگە 10دانە 125تىپلىق موتۇسىكلىت(两轮摩托车) تەييارلانغان.ئۈچىنچىلىككە ئىرىشكەنلەرگە 10دانە توكلۇق موتۇ(电动车) تەييارلانغان.
ئەكرەم،سۈرۈشتۈرىشىمچە سېنىڭ ئېتىڭ ئات بەيگىسى بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوق مېنىڭ نەزەرىمدە قىممەت ئات (100مىڭ سۇملۇق ئات)بولسىمۇ،لېكىن بۇ قېتىمقى بەيگىگە چۈشكەن ئاتلارنىڭ باھاسى(ئالدى بىر مىليۇن يۈئەنلىك ئات)،خىلى ۋە سورتىغا نىسبەتەن ئادەتتىكى باھادىكى ئات ھېساپلىنىدىكەن.شۇنداقتىمۇ ئېتىڭنىڭ باھاسىدىن ھالقىغان چەبدەسلىكى،ئېتىڭنى مىنگۈچى چەۋەندازىڭ بولغان قوغۇنچى يېزىلىق 11ياشلىق ئادىلجان ئالىمنىڭ ھوشيار ۋە ئىنكاسىنىڭ تىزلىكى،شۇنداقلا سېنىڭ بەخت –تەلىيىڭ سەۋەبى بىلەن ئېتىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىدىكى ھالقىلىق تۈر بولغان غونان ئاتلار تۈرىدە 6مىنۇت 59سىكنۇتلۇق نەتىجە بىلەن بىرىنچى بولۇپتۇ.ئالغان مۇكاپاتىڭ بىر دانە لىفەن320تىپلىق كىچىك ماشىنا (力帆 320 小车) گەرچە ئالاھىدە يوقىرى سوممىلىق مۇكاپات بولمىسىمۇ،ئەمما،چاپچال ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ئات فىرمىلىرىنىڭ مەخسۇس بەيگىلىك ئات تەربىيەلەپ،يىللاردىن بىرى قاتناشتۇرىۋاتقان چوڭ بەيگىلەردىكى ئالغان مۇكاپات سوممىسىغا نىسبەتەن تۈنجى بولۇپ ئېلىنغان چوڭ سوممىلىق مۇكاپات بويۇمىكەن.بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىكى نەتىجەڭ يالغۇز سېنىڭلا ئەمەس،بەلكى،چاپچال ناھىيىسىگە ۋاكالەتەن ئات قاتناشتۇرغان بارلىق بەيگىچىلەرنىڭ شەرىپى ئىكەن.
ئەكرەم،مەن بۇ ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ سەن ئۈچۈن خۇش بولدۇم،گەرچە،بۇ خەۋەر دارۋاز ئادىل ھوشۇر،بوكسىيۇرچى ئابدۇشۈكۈر مىجىت،ئابدۇراخمان ئابلىكىم،مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭلار،ۋاسكىتبولچى ئادىلجان،شىرئەلىلەرنىڭ،پوتبۇلچى مىرئەخمەتجان،بارىلارنىڭ نەتىجىلىرىدەك ئالاھىدە چوڭ تەسىرگە ئىگە نەتىجە بولمىسىمۇ،ئەمما،ماڭا نىسبەتەن،بىز ئورتاق ياشاۋاتقان بۇ دائىرىگە نىسبەتەن،شۇنداقلا سەندەك ئىشتىن سىرتقى بىر بەيگىچىگە نىسبەتەن چوڭ خەۋەر ھېسابلىنىدۇ.شۇڭا بۇ يازما ئارقىلىق ساڭا ئاددىي بولسىمۇ،كۆڭلۈمنى ئىپادىلىگۈم كەلدى.بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاي،تۇرمۇشنىڭ ھەربىر بەيگىلىرىدە ئېتىڭ ئالغان نەتىجە ساڭا يار بولغاي،ئامان بولغىن!
[img]
[img]http://v2.freep.cn/110_3tb_13100411460886xs512293.jpg[/img]
غۇلجا شەھەرلىك8-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پىكىردىشىڭ مەھەممەتجان ساۋۇت
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
|