قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1186|ئىنكاس: 7

قاسىم قىزىق لەتىپىللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

10

دوست

2766

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 62
تۆھپە : 854
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 11:08:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
قاسىم قىزىق لەتىپىللىرى



             قاسىم قىزىقنىڭ ئەسلى ئىسمى قاسىم گاسىىل بولۇپ ،ئۇ 1890_ يىلى قۇمۇل شەھىرى راھەتباغ يېزىسىنىڭ قاراتال كەنتىدە كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .1918_ يىلىغىچەقارتال كەنتىدە دىنىي مەكتەپتە ئوقىغان . ئۇ كېچىگىدىن ئاتا _ بوۋىلىرى ئېيتىپ بەرگەن ھېكايە _چۆچەك ، لەتىپە قۇشاقلارنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قىزىققان ،ياشلىق دەۋىرلىرىدە قۇمۇل مۇقامىنى تىرشىپ ئۆگىنىپ ، مۇقام ناخشىلىرىنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ ئېيتالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولغان . بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ قىزىقچىلىقلىرى كىشلەرنى ئۆزگە بەكمۇ جەلىپ قىلغان .ئۇ بارمىغان توي -تۈكۈن ،مەشرەپ _ بەزمىلەر قىزىمىغان
          قاسىم قىزىق 1918- يىلدىن باشلاپ قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدا ئىشلىگەن .كېيىن سودىگەرلەر بىلەن ئىچكى  ئۆلكىلەرگە بارغان. 1930_يىلدىن كېيىن قارتال كەنتىگەقايتىپ دېھقانچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان ، شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئۇ  توي _تاماشىلارغا قاتنىشىپ ، كىشلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا قىزىقچىلىق قىلىپ بەرگەن .1953_يىلى 63 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن قارتال كەنتىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
         قاسىم قىزىقنىڭ  بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن چاقچاق  ۋە لەتىپىلىرى كىشلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغاشقا  ،ھازىرغىچە قۇمۇلنىڭلا ئەمەس ھەرقايسى جايلاردا ئېيتىلىپ كەلمەكتە.

تۆۋەندە سىلەرنىڭ ھوزۇرىڭلارغا قاسىم قىزىق لەتىپىلىرىدىن يوللاپ قويدۇم ھوزۇرلانغايسىلە.

سۇدا ئىزى قالماپتۇ


       قاسىم قىزىق ئوۋچىلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن قارىتالغا كەلگەن بىر كىشى جاڭگالدىن قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەن قاسىم قىزىقتىن:
      _ جاڭگالدىن قۇرۇق  قول قايتىپ كەپتىلاغۇ، _ دەپ سوراپتۇ.
    _ مەن سۇدا ئىزى قالغان توشقان، ئۆردەكلەرنى ئوۋلىماقچىدىم، بىراق ئىزى قالماپتۇ، _ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ قاسىم قىزىق.


                                                  مېنى بېسىۋالامدىكىن دەپ
     مەھەلىنىڭ مويسىپىتلىرى بىر نەزىردىن قايتىپ كېلىۋېتىپ قاسىم قىزىقنىڭ قارا ياغاچنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، ئۇزۇن ساپاقلىق بىر  پالتا بىلەن قارا ياغاچنىڭ تۈۋىنى چېپىۋاتقانلىقنى كۆرۈپتۇ-دە،سوراپتۇ:
     _ قاسىم، سەن نىمىشقا قارا ياغاچنى يەردە تۇرۇپ كەسمەي، ئۈستىگە چىقىپ كىسىۋاتىسەن؟
     _ يەردە تۇرۇپ كەسسەم ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ مېنى بېسىۋالمامدۇ؟ _ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ قاسىم قىزىق.


                              پىلسىرات كۆۋرىكىدە سىزدەك تۇرماسمەن   
بىر كىشى قاسىم قىزىقتىن:
     _ قاسىم ئاكا، ئوۋچىلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە قانچە كىيىك، توشقانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغانسىز؟ _ دەپ سوراپتۇ.
     _ مىڭ ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن، _ دەپتۇ قاسىم قىزىق. بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان " ئوغرى" دەپ نام ئالغان بىر كىشى:
    _ يائاللا، شۇنچە كۆپ جانۋارلارنىڭ جېنىغا زامىن بوپسىز، ئەمدى پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن قانداق ئۆتەرسىز؟ _ دەپتۇ.
    _ پىلسىرات كۆۋرىكىدە سىزچىلىك ئۇزۇن تۇرماسمەن ،_ دەپتۇ قاسىم قىزىق ئويلۇنۇپ تۇرماستىنلا.


                                 قۇمدا باققان كالا

     قىشلىقى ئۇزۇن تۈنلەرنى قاتارى مەشرەپ ، توي-تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۈش قومۇل خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئادىتى بولغاچقا، بىر قىشلىقى نۆۋەت قاسىم قىزىقنىڭ ئۆيىگە كىلىپ قاپتۇ. تەييارلىقسىز تۇرغان قاسىم قىزىق ئايالىغا بىر سېۋەت دۆڭگۈرچەك ( يانتاق يىلتىزى) ئېلىپ كىرىپ، پاكىز يۇيۇپ، ئۆيدىكى ئازراق كالا گۆشى بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. ئايالى شۇ بويىچە ئىش قىپتۇ. ئۇلار كەچتە قارا چىراقنىڭ پىلىكىنى سەل پەسلىتىپ قويۇپتۇ ۋە كەلگەن تاماشىچىلارغا قازاندىكى گۆشنى قويۇپ بېرىپتۇ. بىر ئاغىنىسى قولىغا چىقىپ قالغان دۆڭگۈرچەكنى راسا چىشلەپ، تارتىپ تۇرۇپ:
    _ قاسىم، بۇ نىمىنىڭ گۆشى؟ _ دەپ سوراپتۇ. كالا گۆشىدىن بىر پارچىنى يەپ ئولتۇرغان  يەنە بىر ئاغىنىسى:
    _ نىمە گۆشى بولاتتى، كالا گۆشى ئىكەنغۇ، _ دەپتۇ.
   بۇنى ئاڭلىغان قاسىم قىزىق ھېلىقى ئاغىنىسىغا:
   _ سىزگە پىشۇرغىنىم قۇمدا بېقىلغان كالىنىڭ گۆشى،_ دەپتۇ.



                                  سىزگە ئوخشاش قىلىق

    بىر كۈنى قاسىم قىزىق بازادىن كېلىۋېتىپ ئېشەك ئۈستىدە مۇگدەپ قاپتۇ. دائىم گەپدانلىق قىلىمەن دەپ قاسىم قىزىقتىن ئەدىپىنى يەپ يۈرگەن سوپا نىياز پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قاسىم قىزىقنىڭ ئىشىكىنى توقماق بىلەن  بىرنى ئۇرغانىكەن، قاسىم قىزىق ئېشەكتىن يىقىلىپ كېتىپتۇ. بىر ئازدىن كىيىن كۆزىنى ئاچقان قاسىم قىزىق يېنىدا تۇرغان سوپا نىيازنى كۆرۈپتۇ-دە، قولىدىكى تاياق بىلەن ئۇنى بىرنى ئۇرۇپتۇ.
    _ قاسىم ئاكا، بۇ قانداق قىلىق؟ _ دەپتۇ سوپا نىياز ئاغرىغان يىرىنى سىلاپ تۇرۇپ.
    _  بۇ سىزگە ئوخشاش قىلى، _ دەپتۇ قاسىم قىزىق.



                       پۇرچاق پاتمىغان كەنەيدىن كالا بېشى پېتىۋاتسا....

     قاسىم قىزىق مەلۇم بىر يۇرتقا بېرىپ مېھماندارچىلىقتا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ، بۇ سورۇندىكى بىر ئايالنىڭ ئۆي ئىگىسى تۇتقان گازىر-پۇرچاقلارنىڭ ھەر بىر تېلىنى بىرنەچچە پارچىلاپ ناز بىلەن يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ.  ئىككىنچى كۈنى ئۇ بىر كىشىنى ئىزدەپ مەلۇم بىر ئۆگە كىرىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا ھېلىقى ئايال بىر كالا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپ يەۋاتقىدەك. قاسىم قىزىقنىڭ كىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئايال ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ:
    _ بۇ ئېزىز مېھماننىڭ بىزنىڭ ئۆيلەرگە ئەجەپ بېشى پېتىپ كىتىپتىغۇ، _ دەپتۇ. قاسىم ئۇنىڭغا جاۋابەن:
   _ ئاخشام پۇرچاق پاتمىغان كانەيدىن بۈگۈن كالا بېشى پېتىۋاتقان يەردە، بۇنچىلىك چوڭ ئۆيگە مېنىڭ بېشىم ئەلۋەتتە پاتىدۇ-دە، _ دەپتۇ.


مەنبە :قومۇل شەھەر خەلق چۆچەكلىرى دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى

0

تېما

0

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13559
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 793
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 22:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەبىئىي لەتىپىلەركەن.خوشلۇق ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەخمەت.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4070
توردىكى ۋاقتى: 1179
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-4 16:02:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمقىززىق بىلەن تونۇشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ...
ئەمما مەن بۇلەتىپە ،يۇمۇرلارنىڭ كۈلىدىغان يەرلىرىنى تاپالمىدىممۇ -يە ئۆتۈپ كەتتىممۇ ۋەياكى ھەممىسىلا نۇر تورىدا كۆرۈپ بولغان نەرسىلەر بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ يېڭىلىق يوق....

0

تېما

0

دوست

1453

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12975
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 409
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-4 22:04:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

0

تېما

0

دوست

84

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22317
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 13:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس گەپ قىلسام كۈلىدىغان يېرىنى تاپالمىدىم ..لىكىن بىر ،،ئىشنى سوراپ باقسام ماۋۇ قاسىم قىززىق بىلەن ئىز رومانىدا چىقىدىغان قاسىم قىززىق ئىككىسى بىر تارىخى شەخىسمۇ ؟؟

0

تېما

0

دوست

585

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21982
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 16:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنۇگۇن  ھەيتكادىن  ياۋاققا كىتىۋىتىپ ، ياۋاغ  ئايلانمىدىكى  قىزىل چىراغدىن سولغا  ئايلىنىشنى ساقلاپ تۇرىۋاتسام ، ئەسلى  سولغا ئايلانماقچى  بولغان  بىر ماشىنا  ئۇدۇل ماڭىدىغان يولغا كىرىپ  قېلىپ  مىنىڭ  ئۇدۇلۇمغا كىلپ توىتاپ ؛ ماشىنىنىڭ  ئالدىدا ئۇلتۇرغان  ئايال  (ئايالى بولسا كىرەك )  يېنىدىكى  ئەرگە خەن  زۇۋاندا ؛ ئاۋۇ ئادەم ئۇيغۇر بولغاندىكىن  دەپ  باقساڭ بىزگە يول  بەرگەن بولسا  دىسە ؛ ھېلىقى  قېرىندىشىم ؛ نىمدەپ  ئۇنىڭغا  يالۋۇرۇپ  يۇرۇيتىم  قىستاپ  كىرۋالىمەن ؛ دەپ ماڭا  كورەڭلىك بىر قاراپ  قويۇپ  تۇرتى،  ئاڭغىچە  ماشىنىنڭ  ئارقا ئىشىك  ئەينىكى  ئېچىلىپ  4-5  ياشلاردىكى  بىربالا؛  ئاكا بىز يولغا  خاتا كىرىپ  قاپتىمىز  ھېلى  يېشىل  چىراق يېقىلغاندا  بىزگە يول بەرگەن بولسىڭىز؛! دەپ  تۇرشىغا يېشىل  چىراغ يېقىلدى. مەن  يول بەردىم ؛ شۇ چاغدا  ماشىنامنىڭ  ئالدىدا  ئولتۇرغان  ئانام ؛ ما خىتاينىڭ بالىلىرى  ئۇيغۇرچىنى  ئەجەپ  ياخشى سوزلەيدىكەن ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  دىيىشنىمۇ  ئۇگەنگەن  بولسا  پەقەت  چانمايدىكەن  ھە  بالام ؛! دەپ ماڭا قارغان  ئىدى مەن، ھەئە ! دەپ ئانامغا  قاراپ كۇلۇپ كەتتىم ؛

ئېسىل تور ناملىرى بىلەن تەمىنل

0

تېما

1

دوست

6546

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   30.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14118
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1865
توردىكى ۋاقتى: 220
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 22:53:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قاسىم قىزىق دىگەن كىشىگە قىزىق دىگەن نام خاتا قويۇلۇپ قالدىمۇ قانداق ...بۇ كىشىنىڭ گەپ سۆزلىرىگە ھىچبىر كۆلىدىغان يېرىنى تاپالمايلا قالدىمغۇ مەن .....ياكى باشقىلار دىگەندەك كۈلىدىغان يېرىدىن ئۆتۈپ كەتتىممۇ بىلمىدىم .....
ئەمما بۇ لەتىپىلەدىكى قىزىق دىيىلگەن دىئالوگلار كىشىلىك تۇرمۇشىمىز قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان گەپ سۆزلەركەن ....بەلكىم بۇرۇن ئويۇن تاماشىلا بەك ئاز بولسا كېرەك شۇڭا باشقىلاغا قىزىق تۇيۇلغان چېغى

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2586
تۆھپە : 1928
توردىكى ۋاقتى: 703
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 11:16:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مۇشۇ كىشىنىڭ ئىسمى چىقسىلا مۇنۇ قوشاقلىرى يادىمغا كىلىدۇ :
   ساماۋەرنىڭ سازىمەن ،
   چۆلدە ئۇچقان غازىمەن .
   دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ ،
   ئۆلگىنىمگە رازىمەن ...............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )