قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 648|ئىنكاس: 8

تەبئىي پەنلەر توغرسىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىمىز ئۈستىدە تەھ..

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

2

دوست

4545

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1254
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-4 21:32:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبئىي پەنلەر توغرسىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىمىز ئۈستىدە تەھلىل


ئېلاۋە:بۇ ماقالە بىر يىل ئاۋۋال مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان.بۇ قېتىم تۈزتىلگەن نۇسقىسىنى يوللىدىم.تەكلىپ-پىكىر ۋە مۇنازىرىلەرنى قارىشى ئالىمەن.

   ئەسلىمىلىك بايان

         ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادىكى مەرىپەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى.خەلقىمىز بىر پۇتۈن بىلىش تارىخىدا نۇرغۇنلىغان ئىختىرالارنى بارلىققا كەلتۈرۇپ،ئىنسانىيەتكە تېگشلىك تۆھپە قوشالىغان.خەلقىمىزدىن كومراجىۋا(413-344)،سۇجۇپ(مىلادى 6-ئەسىر)،سڭقۇسەلى تۇتۇڭ(10-ئەسىر)،تاتاتوڭا،ئەل ئۇقمىش(؟-1314)،تۆمۈر تۈرۈك(لۇمىڭشەن)، ئەل فارابى(950-870)،ئىبىن سىنا(1037-980)،ئەل خارازىمى(850-780)،ئەبۇ رەيھان بىرۇنى(1048-973)،مەھمۇدكاشغەرىي(1105-1008)،يۈسۈپ خاس ھاجىپ(1085-1019)،جامالىدىن كاشغەرىي،ئىمامىدىن كاشغەرىي،ناۋايى(1501-1441)،ئۇلۇغبەگ(1449-1394)…قاتارلىق بىلىمنىڭ ھەر ساھەلىردىكى چولپانلار يېتشىپ چىقىپ،خەلقىمىزنىڭ ئەينى چاغلاردا ئىلىم-پەننىڭ ھەر قايسى تۈرلىردە تەڭ،تەكشى تەرەققىي قىلغان ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.بۇ خىل ھالەت ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئۈستۈن سىياسى كۈچى،يېتەرلىك ئىقتىسادىي ۋە نىسبى تىنىچ ۋەزىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغان.خەلقىمىزنىڭ مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېردىغان روھى،بىلىمنى،بىلىم ئەھلىنى قەدىرلەيدىغان خىسلىتى؛يىپەك يولى ئالاقىللىردىكى ئاكتىپچانلىقى بۇ ھالەتنىڭ ئۈزۇنراق داۋاملىششىغا تۈرتكە بولغان.
     چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىن،ئۇيغۇرلار ئۈستۈن سىياسى،ئىقتىسادى كۈچىدىن ئايرىلىپ قالدى.تىنىچ بولمىغان سىىياسى ھاۋا،ۋەيران بولغان ئىقتىساد مائارىپنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلىيەلمىدى.بولۇپمۇ سەئىدىيە خانلىقنىڭ ھالاكىتى ۋە ئەسەبىيلەشكەن سوپى-ئىشانچىلىق خەلىقنى خاتا تەربىيىگە باشلاپ قويدى.مائارىپ بارغانسىرى قالاقشىپ،خەلىقنىڭ رېئال مەنپەئەتلىرى، قايغۇ-ھەسرەتلىرى بىلەن كارى يوق ھالەتكە يەتتى.ئۇ دۇنيا غەۋغالىرى،جەننەت دەۋالىرى ئەۋجىگە چىقتى.رىئاللىقتىن چەتنىگەن مائارىپ خەلىقنى تەپەككۇرى ئاجىز،روھى ئۆلگەن،ئەقللىيلىكدىن چەتنىگەن،تولىمۇ قاتمال،ھورۇن،ئىزلەڭگۈ خەلق قىلۋەتكەن.دۇنيادىن ۋە ئۆز تەقدىردىن بىغەم ھالدا كەلگۈندى «خوجا»لارغا مۇرت بولۇشۇپ،بىر-بىرنى قىرشقان.خەلق ئۆزىنىڭ تەبىئەت پەنلىرى روھىدىن ئايرىلىپ قالغان.
       ئازاتلىققىچە داۋاملاشقان سىياسى تىنىچسىزلىق ئۇيغۇرلارنى نامىراتلىقتا چىكىگە يەتكۈزدى.بىزدە نە تېخنىكا،نە تەبئىي پەنلەر بولمىدى.ئازاتلىقدىن كىيىنكى قىسقىغىنا مەزگىلدە بىز ئەمدى زامانىۋى پەنلەر،يېڭى ئىلىملەر بىلەن تونۇشىمىزغا يەنە قالايمىقانچىلىق،چىكىنىش پەيدا بولدى.ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭلا تەقدىرىمىز ئەمەس. خەلقىمىز تەبئىي پەنلەر بىلەن ھەقىقىي مەنىسدە 1978-يىلدىن كىيىن تونۇشتى.پەن-تېخنىكا جەمىيەتلىرى،پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشىرىياتلىرى قۇرۇلۇپ پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارغان بولسىمۇ،ئۈزۇن داۋاملاشقان قالاقلىق،ئاڭدىكى بىر تەرەپلىملىك،ئەقلىيلىككە قارغاندا ھىسسيلىقنىڭ ئۈستۈن تۇرشىنى بەلگلىدى.خەلىقنىڭ بىلىم ساھەسىدىكى گۈللىنىشى يەنىلا ئەدەبىيات-سەتئەتنى بەلگە قىلىپ باشلاندى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇددىئايىمىز زور دەرىجىدە ئاتئىزىملىق(خۇداسىزلىق) تەربىينىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالدى.مەرھۇم ئابباس بورھان(2010-1932)ئىلىم-پەن تەشكىلاتچىسى،پەننى ئومۇملاشتۇرغۇچىلارنىڭ سەردارى سۈپىتىدە پائالىيەت ئىلىپ بېرىپ،ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشتى.مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن(1995-1933) بۇ جەھەتتە قەتئىي،تەخىرسىز پىكىر قىلغان كىشى.ئۇ 1989-يىلىدىن كىيىنكى بىر قىسىم يازمىللىردا بىزنىڭ ھېچقانداق تېخنىكا،ئىختىرا ئىقتىدارى بولمىغان،نەزەرىۋى تەپەككۇردا ئاجىز،چىچىلاڭغۇ ھالىمىزدىن نالاپ كەلگەنىدى.ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن كاتتا تارىخشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخدىن ئاجايىپ ھېكمەتلەرنى سۈزۈپ چىققان.ئۇ ئۆمۈرنىڭ ئاخىردا تۈزۈتۈپ،تولۇقلىغان مەشھۇر ئەسىرى «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى)دا مۇنداق يەكۈننى چىقارغان:«قۇدىرەت تاپقاندا ئات ئۈستىدە پەرۋاز قىلغان،ھالسىزلانغاندا سەنئەتچى قۇل بولۇپ قالغان بۇ تەقدىر مىلادىدىن تولىمۇ بۇرۇن ئىنتايىن تېرەن بىر ھەقىقەتنى كۆرسەتكەنىدى.ئۇ بولسىمۇ،دائىمىي جەڭگىۋارلىق قىممىتىنى سەنئەتنىڭ ھامىيسى قىلشتۇر.»【1】ئوبزورچى يالقۇن روزى ئالىمنىڭ پىكىرگە ياندىشىپ«بۇنىڭدىن 1000يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئات ئۈستىدە زەپەر قۇچۇپ،ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتەكلىردە زور ھەربى كۈچ بولۇپ تونۇلۇپ،قۇدىرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان،مەدەنىيەت جەھەتتە قېرىنداش مىللەتلەرگە باشلامچى بولغان چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۈسسۇل،نەغمە-ناۋالىرى قوشنا ئەللەرنىڭ،ساياھەتچى-سەيياھلارنىڭ نەزىردە ئاجايىپ زور ئارتۇقچىلىق ھىسابلانغان.ئەمما،بۇنىڭدىن 100يىللار ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ سىياسى،ئىقتىسادى،مەدەنىي ھاياتى ۋە تۇرمۇش سەۋيىسى مىسلىسىز تۆۋەن ھالەتكە چۇشۇپ قالغاندا،بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىز كىشلەرنىڭ كۆزگە سىغماي قالغان.مىسالەن:1906-يىلى قەشقەرگە كەلگەن فىللاندىيلىك ئېكىسپىدىتسيچى ماننېرخېيىم(MANNERHEIM) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدە:〈ئۇيغۇرلارنىڭ تەبئيتى بىكار تەلەپ،كەيىپ-ساپا تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن،تەييار-تاپ،كۈن-كۈنلەپ لاغايلاپ يۇردۇ،ئىشلەي،دىمەيدۇ.بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرشۇپ،بىر-ئىككى قوغۇن-تاۋۇزنى داستىغانغا قويۋىلىپ،ئەتگەندىن تۈن يېرمىغىچە توختىماي نەغمە-ناۋا قىلشىدۇ〉،دەپ خاتىرلىگەن »【2】دەيدۇ.
    يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىن بىزنىڭ تەبئىي پەنلەر توغرسىدىكى مۇلاھىزىللىرمىز خېلى سالماقلىق بولدى.تۆۋەندىكسى شۇلارنىڭ تىپىك بولغانلىرى ھىسابلىندۇ:
1. يالقۇن روزى:《بىز قانداقلەرچە〈ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى〉دەپ ئاتىلىپ قالدۇق》(《شنجاڭ مەدەنىيتى》ژورنىلى2006-يىللىق5-سان)
2.داۋۇد ئوبۇلقاسىم: 《تەبئىى پەن روھى ۋە بىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىمىز》(يۇقارقىغا ئوخشاش)
3.ئەھمەتجان خۇما: 《بىزدە كەم بولۇۋاتقىنى يەنىلا تەبئىى پەن روھى》(يۇقارقىغا ئوخشاش)
4.ئەركىن ئسھاق ئوغۇزخان: 《بىزدىكى پەن ۋە سەنئەت مۇناسىۋتىدىكى ئېغىشلار》(《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى 2007-يىللىق2-سان)
5.غەيرەتجان ئوسمان بىلگيار: 《مەدەنىيەت چۈشەنچىمىزنى جىددى يېڭلاش،سەنئەتخۇمارلىقتىن ئىلىمخۇمارلىققا كۆچۈش ۋە تەبئىي پەنگە يۈرۈش قىلشنىڭ تەخىرسىزلىكى توغرسىدا》(《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى2010-يىللىق4-سان)
بۇ جەرياندا بەزى ئاپتورلىرىمىز قۇتۇپتىن قۇتۇپقا بىراقلا ئۆتۈپ كېتىپ،مىللىى مەدەنىيتىمىزنى،سەنئىتىمىزنى كەمستىدىغان،پەن-تېخنىكىغا قارىغۇلارچە چوقۇندىغان،پەن-تېخنىكىنى بىردىنبىر چىقىش يولى دەيدىغان خاتا قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرغا قويدى ۋە تەنقىدكىمۇ ئۇچىرىدى.بىز پەلسەپە،دىن،پەن-تېخنىكا،سەنئەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى قارشى چۇشەنمەسلىكىمىز لازىم.بۇ جەھەتتە ئابدۇۋاھىد مەتنىياز ئەمىن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پىكىرنى ئوتتۇرغا قويغاندى.( ئابدۇۋاھىد مەتنىياز ئەمىن: 《ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەك ئارسىدا》،《شنجاڭ مەدەنىيتى》ژورنىلى2007-يىللىق5-سان)


مۇھاكىمە

         بۇگۇن بىز دەۋاتقان تەبئىي پەنلەر ھەقىقىي مەنىسدە 15-ئەسىرنىڭ كېينكى يېرىمىدا غەرپتە گۈللىنىشكە باشلىغان.بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى تەبئىي پەنلەر ماتىماتىكا،فىزىكا،خىمىيە،بىئولوگىيە،ئاستورنومىيە…قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.تەبئىي پەنلەر ماددىلار ۋە ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىپ،قانۇنىيەتلىك بىلىش سېستىمللىرنى مەيدانغا كەلتۇرىدۇ.تەبئىي پەنلەر بىلىم شەكىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش سالاھىتى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش رولغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر قاتار ئىجتىمائىي فونكىسسيگىمۇ ئىگە.مەسلەن:تەبئىي پەنلەرنىڭ ئىقتىسادنى سىلجىتىش رولىدىن ئالغاندا،ئىقتىساد نەزەرىيسىنىڭ شەكللنشى ئۈچۈن يېڭى تەپەككۇر يوللىرىنى ئىچىپ بەردى.ئىقتىساد باشقۇرۇشنى ئىلمىلاشتۇردى.ئىدىيە تارىخى نۇقتىسىدىن ئالغاندا،ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى ئىلمى چۈشىنىشگە،ئىلمى دۇنيا قاراش تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى.
تەبئىي پەنلەر قۇرۇلما جەھەتتىن ئاساسى پەنلەر،تېخنىكا پەنلىرى ۋە قوللنىشچان پەنلەردىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامغا بۆلىنىدۇ.بۇلار ئوتتۇرسىدا ئايلانما مۇناسىۋەت مەۋجۇد بولۇپ زىچ باغلىنىشقا ئىگە.
       بىز دائىم دەيدىغان《پەن-تېخنىكا》دىكى پەن ئاساسى پەن بىلەن تېخنىكا پەنلىرنى كۆرسىتىدۇ.تېخنىكا بولسا ھەر خىل كونكىرىت قۇرۇلۇش تېخنىكىسنىڭ ئومۇمى نامىنى كۆرسىتىدۇ.پەن بىلەن تېىنىكا ئۆز-ئارا باغلىنشى بولغان ھەم روشەن پەرقلىنىپ تۇردىغان ئىككى كاتىگورىيە بولۇپ،پەن تېخنىكىنىڭ نەزەرىۋىي ئاساسى،تېخنىكا بولسا پەننىڭ ئەمەلىيەتتە قوللنىشى.پەننىڭ مەقسىتى ئوبىكتىپ دۇنيانى بىلىش،تېخنىكىنىڭ مەقسىتى دۇنيانى ئۆزگەرتىش ۋە كونتىرول قىلىش.پەندىكى يېڭلىق يارتىش بايقاش دەپ ئاتالسا،تېخنىكا جەھەتتىكى بۆسۇش كەشىپ قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.
غەربنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى غەربىتە بارلىققا كەلگەن دىن ئىسلاھاتى،ئەدەبىيات-سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى،سودىنىڭ گۈللىنشى،تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى،يېڭى بايقاش،دېڭىزچىلىقنىڭ گۈللنشى،پەننىڭ كەسىپلىششى،ئىلىم ئورگانلىرنىڭ بەس-بەستە قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنىڭ كۆپىيشى…قاتارلىقلار ئۈستگە قۇرۇلغان.ئىھتىياج تېخنىكىنىڭ كىڭيىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان.تېخنىكا كىشلەرنى مول بايلىق مەنبەسىگە ئېرشتۈرگەن.پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ ئۈزلۇكسىز غەلبە قىلغان غەرب پەن-تېخنىكىنىڭ قۇدىرىتگە شۇنچىلىك مەپتۇن بولغانكى،ئۆزلىرنىڭ ماددىچىلىق ۋە پەنخۇراپاتلىقىغا پېتىپ قالغانلىقنى سەزمەي قىلىشتى.ئىككى قىتىملىق جاھان ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇشتىن كىينكى ئىقتىسادى كىرزىس، ئەقىدسىزلىك،چۈشكۈنلۈك،ئىتقاتسىزلىق ئۇلارنى پەن-تېخنىكا توغرسىدا قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدى.شۇنىڭ بىلەن غەربتە《پەنشۇناسلىق》*،    《پەن-تېخنىكا پەلسەپىسى》*قاتارلىق ئىلىملەر بارلىققا كەلدى.ئۇلار ئۆزلىرنىڭ ئادىمىيەت،ئىجتىمائىيەت ئىلىملىرى ئارقىلىق تەبئىي پەنلەر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلاپ،پەنلەر ئارسىدىكى ئۆتۇشۇش ۋە تەسىرنى ئالغا سىلجىتتى.
     بىزنىڭ تەبئىى پەنلەر توغرسىدىكى قايتا ئويلىنشىمىز غەربنڭكىدىن تۈپتىن پەرقلىندۇ.بىز باشقىلار بىلەن ئۆزىمىز ئوتتۇرسىدىكى پەرقنىڭ زوريىىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئازاپ ئىچىدە ھېس قىلغاندا،تەبئىي پەنلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە باشلىغاندۇق.بىزنىڭ رىئاللىقىمىز غەربتەك دىن،سەنئەت،پەلسەپە،بىلىم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يۈرۇشتۇرۇش،پەن بىلەن تېخنىكىنى كېلىشتۇرۇپ،سانائەتتە قوللنىش قاتارلىقلارغا ئىمكان بەرمىدى.ئىلىم دىموكراتىيسى،ھوقۇق،ئىقتىساد بىقۇللۇقى بىزنىڭ تەبئىي پەنلەر ھەققىدىكى مۇلاھىمىزدە پەقەت مىللىى تۇركۈم بىلەن پەن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكىلا دىققەت ئاغدۇرشىمىز لازىملىقىنى بەلگىلدى.بىز بىر پۇتۇن ئىلىم-پەن مۇناسىۋەتلىرىنى بىر-بىرگە قارشى قىلىپ قويدۇق.ئۆزىمىزنى《ئىجتىمائىي پەنلەردە تەرەققىي قىلغان،تەبئىي پەنلەردە كەينىدە قالغان》دىگەندەك كۈلكىلىك ھۆكۈملەرنى ياساپ چىقتۇق.ئەمەلىيەتتە،ئىلىم-پەن دۇنياسىدا بىزنىڭكىدەك بۇنداق يەككە لىنىيىلىك تەرەققىيات مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى چۇشەنمىدۇق.بىزنىڭ تەبئىي پەنلەر توغرسىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىمىزنى كونكىرىت مۇنداق ئىپادىلەشكە بولىدۇ:
        بىرىنجىدىن، خەلقىمىز ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن باشلىنىپ،ھازىرغىچە داۋاملاشقان تەبئىي پەنلەرگە يۈرۇش قىلش توغرسىدىكى مۇلاھىزىلەرنى توغرا چۇشەنمىدى.《پەن-تېخنىكىغا يۈرۇش قىلساقلا تەرەققىى قىلمىز،بىردىنبىر چىقىش يولىمىز پەن-تېخنىكا》دىگەندەك سەپسەتلەرگە چىنپۇتتى.پەن-تېخنىكا مەسىلسىنى مىللىيەتلىك مەسىلە،دەپ ھىسابلىدى.دۆلەت ئىچىدىن مىسال ئىلىپ،دىڭىز بويى رايونلىرى(خەنزۇلار)نى پەن-تېخنىكىدا تەرەققىى قىلغان قىلىپ كۆرسەتتى.پەن-تېخنىكىنىڭ دۆلەت سىياسىتى مەسىلسى ئىكەنلىكنى،ئۇنىڭ قانداقتۇر جوڭگودىكى بىر مىللەتنىڭ مەسىلىسى ئەمەسىلىكنى ئۇنتۇپ قىلىشتى.بۇ خىل ھۆكۈملەر ھەتتا دۆلىتىمىزدىكى نۇپۇزلۇق خەنزۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىردىمۇ كۆرۈلدى.بېيجىڭ ئۇنۋىرستىتى نەشىرىياتى نەشىر قىلغان 20نەچچە دوكتور بىرلىشىپ يازغان《دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى》ناملىق كىتابتا جوڭگونىڭ يېقىنقى زاماندا ئارقىدا قىلىشىنى ئوچۇق قىلىپ مانجۇلار ۋە باشقا قالاق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ توسقۇنلىقى دەپ يازدى. 【3】
        ئىككىنچىدىن،بىزدە تېخىچە پەنشۇناسلىق شەكىللەنمىدى.كىشللىرىمىز ھەر قايسى پەنلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى مۇناسىۋەتلەرنى،پەن-تېخنىكىنىڭ ئىجتىمائىي فۇنكىسسيلىرىنى ۋە ئۇنىڭ سىياسى،ئىقتىساد ،مائارىپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا چۈشىنىش ئىمكانىيتىگە ئېرشەلمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇلاھىزلەرگە تەبئىي پەن، تېخنىكا پەنلىرى مۇتەخەسىسلىرى قاتناشمىدى.ئۇلار پەن-تېخنىكىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى خەلىققە كۆرسەتمىدى.
بۇگۈنكى ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىيات ھالىتىگە قارىغاندا،ئىلىم-پەننىڭ زور دەرىجىدە بۆلنىۋاتقانلىقىغا ھەم يۈكسەك دەرىجىدە ئونۋىرساللىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلشىمىز لازىم.ئۇزۇندىن بۇيان كىشلەر ئىلىم-پەن سۆزىنى تىلغا ئالغاندا،ئۇنى نۇقۇللا تەبئىي پەنلەر دەپ قارايتى.بۇ خىل چۈشىنىش ئەلۋەتتە خاتا ئەمەس.تارىخدىن قارىغاندا،ئىنسانلار بىلشىنىڭ ئىلىم-پەنلىششى تەبئىي پەنلەردىن باشلانغان.تەبئىي پەنلەر باشتىلا نىسبىي مۇستەقىل پەنلىك سالاھىيتىگە ئېرشپ، نەزەرىيە ساھاسىدە زور ئۇتۇقلار بارلىققا كەلگەن. تېخنكىغا ئايلىنىپ ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىدا زور رول ئوينىغان.جەمئيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى داۋامىدا بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بارلىققا كەلگەن.بۇ ئىجتىمائىي ئىلىملەرنىڭ بارلىققا كىلشىگە تۈرتكە بولغان.گەرچە ئىجتىمائىي ئىلىملەر تەبئىي پەنلەردەك ئىلمىيلىشىپ بولالمىسىمۇ،زامانىمىزدىكى زۆرۇر ئىلمدۇر. ئىجتىمائىي ئىلىملەرنىڭ تەرەققىياتى ئەنئەنىۋىي ئادىمىيەت ئىلىملىرىنىڭ ئىلمىيلىششى،سېستىمىلشىشغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي،يېڭى نۇقتىدىن تەبئىي پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرمەكتە.تەبئىي پەنلەرنىڭ ئادىمىيەتلىشىش،ئىجتىمائىيەتلىشىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.بۇ خىل ھالەت تەبئىي پەنلەر،ئىجتىمائىيەت ئىلىملىرى ۋە ئادىمىيەت ئىلىملىرى قاتارلىق ئوخشىمىغان پەنلەر بىرگە تەرەققىي قىلىدىغان، بىر-بىرگە تەسىر قىلىدىغان چوڭ ئىلىم-پەن* سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
        1959-يىلى،ئەنگلىيە ئالىمى س،پ،سىنو بىر قىتىملىق نۇتىقىدا،تەبئىي پەنلەر ۋە ئادىمىيەت ئىلىملىرىنىڭ ئىككى خىل كۈلتۈرگە ئايرىۋىتىلشى جەمئىيەت ۋە شەخىسنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى ۋە تەرەققىياتىغا چوقۇم توسقۇنلۇق قىلىدۇ،دەپ كۆرسەتكەن.21-ئەسىرنىڭ بېشىدا،ئامىرىكا ئالىمى جىروم كەگىن ئۆتكەن يېرىم ئەسىر مابەينىدىكى ھەر قايسى پەنلەردىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن،سىنونىڭ كۆز-قارشىغا نىسبەتەن قايتا ئويلىنىپ،تەبئىي پەنلەر،ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ۋە ئادىمىيەت ئىلىملىرىدىن ئىبارەت《ئۈچ خىل كۈلتۈر》قارشىنى ئوتتۇرغا قويدى.

جەدىۋەلⅠ   ئۈچ خىل كۈلتۈرنىڭ توققۇز تەرەپتىكى سېلىشتۇرمىسى【4】




تەبئىي پەنلەر
ئىجتىمائىيەت ئىلىملىرى
ئادىمىيەت ئىلىملىرى
1.ئاساسلىق قىزىقىشى
پۈتكۈل تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئالدىن پەرەز قىلش ۋە شەرھىلەش
ئىنسانلارنىڭ  قىلمىش-ئەتمىشلىرى ۋە روھى ھالىتىنى ئالدىن پەرەز قىلىش ۋە   چۈشەندۈرۈش
ئىنسانلارنىڭ ھەرخىل ھادىسىلەرگە بولغان ئىنكاسى ۋە كىشلەردىكى تەجىرىبە-ساۋاقلارنىڭ خىلمۇ-خىل ئەھمىيىتىنى چۈشىنىش، بۇ ئەھمىيەتلەرنى كۈلتۈر،تارىخى دەۋىر ۋە شەخسى كەچۈرمىشنىڭ بىر خىل ئىقتىدارى سۇپتىدە چۈشىنىش.
2.ئاساسلىق دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ مەنبئىي ۋە ھەر خىل شەرت-شارائىتلارغا بولغان  تىزگىنلەش
تەجىرىبە ئارقىلىق ماددىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كونتىرىل قىلىش
ھەر خىل قىلمىش-ئەتمىشلەر،ئاغزاكى بايانلار ۋە نىسبەتەن ئاز قوللىنىدىغان ھەر خىل بىيولوگىيلىك تەدبىرلەر،شۇنداقلا ھەمىشە مۇھىتنى كونترول قىلىغلى بولدىغان شەرت ئاستىدا توپلاش ئىلىپ بېرىش
ئەڭ تۆۋەن كونتىرىل ھالىتىدە يېغىلغان، ھەر خىل ساقلانغان يازمىلار ۋە ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك قىلمىشلىرى
3.ئاساسلىق سۆزلۈك
ھەر خىل سۆز مەنىسى ۋە ماتىماتىكىلىق ئۇقۇم، ئۇ كۆرسىتىدىغان شەيئىلەر فىزىكا،خىمىيە ۋە بىيولوگىيلىك ماددى جىسىملار ھەم مۇئەييەن شارائىتتىن ھالقىتىۋىتىلگەن ئىلىمىي پەرەز.
شەخىس ۋە كوللىكتىپنىڭ تۈرلۈك پىسىخىك  ئالاھىدىلىكى،ھالىتى ۋە قىلمىشلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئالاقىدار بولغان، تەكشۈرۈلگەن شارائىتتىكى ئومۇمىلىقتىن ھالقىغان ھەر خىل چەكلىمىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىش
ئىنسانلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ۋە مۇشۇ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ھادىسىلەرنىڭ ھەر خىل چۈشەنچىسىگە ئالاقىدار بولغان،مۇشۇ ھادىسىلەرنىڭ خۇلاسىسى قەتئىي بولغان تۈرلۈك سەۋەپ-نەتىجىلىك چەكلىمىگە ئۇچىرايدۇ
4.تارىخى شەرت-شارائىتنىڭ تەسىرى
ئەڭ ئاز
ئوتتۇرھال
ئېغىر
5.ئەخلاققا بولغان تەسىرى
ئەڭ ئاز
مۇھىم
مۇھىم
6.سىرىتقى قوللاشقا تايىنىشچانلىقى
ئېغىر تايىنىشچان
ئوتتۇرا ھال تايىنىشچان
نىسبەتەن تايىنىشچان
7.خىزمەت شارائىتى
كىچىك دائىرە ياكى چوڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىش
كىچىك دائىرىدە ھەمكارلىشىش ياكى مۇستەقىل ئىشلەش
مۇستەقىل ئىشلەش
8.خەلق ئىگلىكىگە بولغان تۆھپىسى
مۇھىم
ئوتتۇرا ھال
ئەڭ ئاز
9.مۇكەممەللىك ئۆلچىمى
تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ نىگىزلىك ماددى تەركىب بىلەن ئالاقىدار بولغان،مىخانىك ئۈسكۈنلەردىن ئېرشىلگەن ئىسپاتلاردىن خۇلاسىلەنگەن،ماتىماتىكىلىق تەسۋىرلەشتىن كىلىپ چىققان تەكشۈرۈش يەكۈنى
ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ نەزەرىۋىي ساھەدىكى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلالايدىغان يەكۈن
يىقىملىق نەسىر شەكلىدىن پايدىلىنىپ،سۆز مەنىسىگە باغلانغان ھەر قايسى كۆز-قاراشلارنى تەسۋىرلەش

    پەن-تېخنىكا بىلەن ھوقۇق ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلايلى: سىياسى بىلەن ئىقتىساد ئەزەلدىن بىر-بىردىن ئايرىلغان ئەمەس.بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ مائارىپنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا پەن-تېخنىكا ھوقۇققا بېقىندۇ.ئامىرىكىنىڭ مەشھۇر پەن پەلسەپىسى ئالىمى،《پەن ئىنقىلابىنىڭ تۈزۈلمىسى》ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى توماس كوئون 1973-يىلقى5-قىتىملىق خەلقئارا《پەن ۋە جەمئىيەت》يېغىنىدا سۆزلىگەن《پەن-تېخنىكىغا قارتىغان چەكلىمە》ناملىق مەشھۇر نۇتىقىدا: 《ئىلىم-پەن ھوقۇقنىڭ قۇلى،ھازىرقى زامان جەمئىيتىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى كۈچ ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتكە خاس قىسىم ھەمدە ئۈستقۇرۇلما بىلەن بازىس ئوتتۇرسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنلىرگە بىرلىشىپ كىتىدۇ…ئىلىم-پەن ھوقۇقنىڭ بىر تەرىپى ئىكەن،ئۇ مۇقەررەر ھالدا ھوقۇقنىڭ ھۆكۈم قىلشىدا بولىدۇ.ھوقۇقدارلارغا ئىلىم-پەن كىرەك بولسا ئىلىم-پەننى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ئۇلارغا بىر قىسىم ھەقىقەت كىرەك بولسا،ئۇلار مۇكەممەل بولمىغان ئىلىم-پەننى ئوتتۇرغا قويىدۇ؛ئۆزىنى ئۆزى ئالداشقا توغرا كەلسە،ساختا ئىلىم-پەننى تەشەببۇس قىلىدۇ؛…ئىلىم-پەن قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىغان پايدا-زىيان ۋە سىنىپلار تەرپىدىن پارچىلانسا، ئىلىم-پەن توغرسىدىكى ئىزدىنىشلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنپەئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۇپ قارالسا، ئىلىم-پەن ھەم مۇتەئەسىسپ،ھەم ئىنقىلابى بولىدۇ.》      【5】دىگەن.بۇ خۇددى سىتالىننىڭ باشقا ئىرسىيەت نەزەرىيلىرنى ئۈگتىشكە ۋە تەشەببۇس قىلشقا روخسەت قىلمغانلىقى،نىسبىيلىك نەزەرىيسىنى《بۇرژۇئا ئىدىئالىستىك تەلىماتى》دەپ ئەيىپلىگىنىگە ئوخشايدۇ.
      پەن-تېخنىكا پەقەت زور ئىقتىساد سىلىنمىسى ئارقىلىقلا رېئاللىشىدۇ.ئۇ كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرگە باقمايدۇ.ئىقتساد پەن-تېخنىكا ئالىملىرى بىلەن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى،ئۇنۋىرستېت،شىركەت…قاتارلىقلارنى ئۆز-ئارا باغلايدۇ.ئىلغار ۋە ئەۋزەل تەتقىقات مۇھىتى پەقەت مۇشۇنداق ئورگانلاردىلا بولىدۇ.جەمىيەتشۇناس دانېل بېل(Daniel Bell) ئۇنۋىرستىتنى بەكرەك تەكىتلىگەنتى.【6】بىراق زامانىمىزدا شىركەتنىڭ تەسىرى سالماقلىق بولماقتا.مۇشۇنداق سەۋەپلەردىن تەبئىى پەن ئالىملىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ رايىغا باقىدۇ.ئالىملار خۇددى زاۋۇدتىكى ئىشچىلارغا ئايلىندۇ.بۇنى ئۈستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇنداق چۈشەندۇردى:《بىر ھىسابتا ئەقىلگە مەبلەغ سېلىپ،ئەقىلنى ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىققا ئايلاندۇردىغان بۇرژۇئازىيە سىنپى بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرى ئاسانلا مۇساپىر بوپقالىدۇ. 》【7】بۈگۈنكى دۆلەتلەر ياكى خەلقلەرنىڭ تەرەققىياتى مەلۇم نۇقتىدىن بىلىمغا سالغان مەبلىغى ۋە ئىقتىساسلىقلارنى جەلىپ قىلىش كۈچى تەرىپىدىن بەلگلىنىدۇ.
ئۇچىنچىدىن،ئاساسى پەنلەر بىلەن تېخنىكا پەنلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت توغرا چۈشنىلمىدى.يەنى كىشىلىرىمىز《تەبئىى پەنلەرگە يۈرۇش قىلىش 》نىلا تەكىتلىدى.تەبئىى پەنلەرنى ئۈگنىشتىن مەقسەت ئۇنى تېخنىكىغا ئايلاندۇرۇپ سانائەتتە قوللىنش.《بىكوننىڭ قارشىچە،ئىلىم-پەننى تەرەققىى قىلدۇرۇشتىكى مەقسەت ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئىنسانلارغا بەخىت يارتىشتۇر.بېكون سانائەت بىلەن يېزا ئىگلىكىدە ئىلىم-پەننى قانداق قوللىنىش،ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ئىلىم-پەن ئارقىلىق قانداق ياخشلاش مەسىلسىنى بىر ئۆمۈر ئىزدىنىش نىشانى قىلغاندى.بېكون پەن بىلەن سانائەتنىڭ 〈تويىنى قىلىپ〉قويۇپ،پەننى چوقۇم سانائەتتە ئىشلىتىش زۆرۇرلىكىنى تەكىتلىگەنىدى. 》【8】 بۇنداق بولمىغاندا ھەممىمىزنىڭ تەبئىى پەنچىلەر بولۇپ كەتكىنىمىزنىڭمۇ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق.سانائەتتە قوللىنىش مەسىلىسى يەنىلا شۇ رايون ياكى مىللەتنىڭ شەھەرلىشىش،سانائەتلىشىش دەرىجىسى بىلەن باغلىندۇ. شەھەرلىشىش،سانائەتلىشىش ئوخشاشلا زور ئىقتىساتنى تەلەپ قىلىدۇ.ھازىرقى رىئاللىقتىن ئالغاندا،كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار تەبئىي پەنلەردە ئوقۇۋاتىدۇ.ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن،زور كۆپچىلكى ئاساسى قاتلامغا كادىر ياكى ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانى ئارقىلىق باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە مۇئەللىم بولۇۋاتىدۇ.بۇنى شۇ ئوقۇغۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس.دىمەك،ھەممىمىز تەبئىي پەنلەرگە يۈرۇش قىلساقمۇ،مەسىلە ئوخشاشلا ھەل بولمايدۇ.ئابدۇرىھىم دۆلەت بۇنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:《تەبئىى پەن نەتىجللىرنىڭ مەيدانغا كىلشىلا سانائەتنى بارلىققا كەلتۇرەلمەيدۇ.بۇنىڭدا يەنە شۇ جەمئيەتنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسى پائال ماسلىشىپ،ئۇنىڭ تەرەققىي قىلشغا شارائىت يارتىپ بېرەلەيدىغان ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى بەرپا قىلشقا توغرا كىلىدۇ.ناۋادا شۇنىڭغا ماس ئىقتىسادى تۈزۈلمە شەكىللەنمىسە،مەيدانغا كەلگەن تېخنىكىلارنى تەتبىقلاشقا سورۇن،شارائىت بولمايدۇ-دە،ئۇ ھىچقانداق ئەمەلىى قىممەت يارتالمايدۇ. 》【9】
     يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا،ھەر بىر دەۋىردە باشلامچى بولىدىغان ئاساسى پەن بولىدۇ.شۇنىڭغا ئاساسەن ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇلدىغان ساھەلەر بەلگىلىندۇ.مەسلەن:ماتىماتىكىدىكى فون،نويمان سېستېمىسىدىكى بۆسۇش ھىسابلاش ماشىنىسى پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگەن.ماتىماتىكا،فىزىكا،خىمىيە ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ باشلامچى پەن بولغان.شۇڭا بىز ئاساسى پەنلەر،تېخنىكا پەنلىرى ۋە ئەمەلى قوللىنىشچان پەنلەر ئارسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا چۈشىنىشىمىز لازىم.
      تۆتىنچىدىن،بىر دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى پەن-تېخنىكا سىياسىتى ۋە ئىلىم تەتقىقات ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.بىلشىمىز كىرەككى،يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز ئۇتۇق قازىنالمايدۇ.ھەممىمىز شۇ ساھەنىڭ دانالىرى بولۇپ كەتسەكمۇ ھەمكارلىقىمىز بولمىسا ئوخشاشلا نەتىجە چىقمايدۇ.تارىخدىن مىسال ئالساق،ئاساسى پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ئالىملارنى يەككە،ئەركىن تەتقىقات قىلىشتىن تەشكىللىك،كۆلەملىك تەتقىقات قىلشقا مەجبۇر قىلغان.1871-يىلى ئەنگىليە كامبىرىچ ئۇنۋىرستىتىنىڭ مۇدىرى كاۋىندىش(Cavendish) 8450 فونىستىرلىڭ ئىنئام قىلىپ،ئاساسى پەنلەر تەتقىقات تەجىرىخانىسى-《كاۋىندىش تەجىرىخانىسى》نى قۇردى.1876-يىلى ئىدىسون 20مىڭ دوللار مەبلەغ سىلىپ،تۈنجى تەتقىقات ئورنىنى قۇردى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرلىن ئۇنۋىرستىتى نەزىرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىنى قۇردى.2-جاھان ئۇرۇشى مەزگىلدە ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن پەن-تېخنىكا ئۈچقاندەك تەرەققى قىلدى.پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى دۆلەت بىر تۇتاش تەڭشەيدىغان باسقۇچ مەيدانغا كەلدى.1937-يىلدىن باشلاپ گىرمانىيە راكىتا قوراللىرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن 300 مىليون مارىك سەرپ قىلىپ،V-2راكىتا تەتقىقات تەجىرىبە بازىسىنى قۇردى.1942-يىلى ئامرىكا《مانخاتتون پىلان》نى تۈزۈپ،ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سىلىپ،ئاتوم بومبىسى تەتقىقات مەركىزىنى قۇرغان.غەربتە《پەن-تېخنىكا كومتىتى》،    《ئىلىم-پەن مەسلھەتچىلەر كومتىتى》قاتارلىق ئورگانلار بارلىققا كەلگەن ۋە ئالاقىدار قانۇنلار تۇرغۇزۇلغان.
         بەشىنچىدىن،بىزدە تەبئىى پەنلەر ئالىملىرنىڭ بارلىققا كىلىشى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.ھازىر قارايدىغان بولساق،بىزدىمۇ بۇنداق كىشىلەر كۆپلەپ بارلىققا كەلدى.ئەمما خەلق ئۇلاردىن بىۋاستە نەپ ئالالمىدى.ئۇلارنىڭ كۆپى كەسپى تەتقىقاتچىلىق بىلەن شۇغۇنلىنىپ يۇرمەكتە.ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارسىدا ئۆز تىلىنى بىلمەيدىغان،ئۆز خەلقىنى چۈشەنمەيدىغانلارمۇ بار.ئۇلار ئىجتىمائى مەسىللەر ئۈستىدە ئەسلا ئويلانمايدۇ.شۇڭا ئالىملىق ئىنسانىيلىققا تەڭ ئەمەس،ئالىملىق ئۆز خەلقىگە بولغان مەسئولىيەتكە تەڭ ئەمەس.تارىختا بۇنىڭ ئىسپاتى كۆپ.مەسلەن:گىرمانىيە خىمىيە ئالىمى خابىر(Fritz Haber,1868-1934) 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگلىدە زەھەرلىك قوراللار تەتقىقاتىغا قاتناشقانلىقدىن كۆپ دۆلەت ئالىملىرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچۇرغان.شۇڭا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى،سابىق سوۋىت ئىتپاقىنىڭ يادرو فىزىكىسى ئالىمى ئاندىرى ساخاروف(1921-1989):《ئالىملار پەقەت ئىلىم-پەن قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدىلا ئىزدىنىپ قالماستىن،ئىجتىمائى قانۇنىيەتلەر ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ،ئىنسانىيەت جەمئىيتىگە بولغان مەسئولىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ساغلام ئەخلاقىغا ۋە ساپ ۋىجدانغا ۋەكىل بولۇپ ياشىشى كىرەك》【10】دەپ تەكىتلىگەن.
        تۈگەنچە: تەرەققى قىلغان ئەللەر بىلىم جەمىيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ.21-ئەسىردىمۇ بىر پۇتۇن ئىلىم-پەن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قارمۇ-قارشى قويۇش،سەنئەت بىلەن پەننى،پەلسەپىنى قارشى قويۇش،زادى《ئىجتىمائى پەن مۇھىممۇ،تەبئىي پەنمۇ》دىگەندەك مۇلاھىزىلەر ئورۇنسىزدۇر! ئىلىم تەتقىقاتى دىمۇكىراتىيسى،ئىلغار،ئەۋزەل مۇھىتىغا ئىگە بولۇش،ئىلىم تەتقىقاتدا(مەيلى تەبئىى پەنلەر ياكى ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرى بولسۇن)ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشلا بىزنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىدۇ.

نەقىل مەنبەلىرى ۋە ئىزاھلار

【1】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 208-بەت.
【2】يالقۇن روزى:《بىز قانداقلەرچە〈ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى〉دەپ ئاتىلىپ قالدۇق》،《شىجاڭ مەدەنىيتى》ژورنىلى2006-يىللىق5-سان 27-بەت.
【3】马克垚(主编):世界文明史(上),北京大学出版社2007年版 433页。
【4】
【5】نۇرمۇھەممەد دۆلەتى(تەرجىمىسى):«دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىملارنىڭ نۇتۇقلىردىن نەمۇنىلەر»،شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 1999-يىل نەشىرى 288-بەت.
Daniel Bell:后工业社会的来临,商务印书馆 1984年版276页。【6】
【7】ئابدۇقادىر جالالىدىن:«‹شنىجاڭ مەدەنىيتى› ژورنىلى ۋە مەنىۋىيتىمىز»،《شىجاڭ مەدەنىيتى》2009-يىللىق 6-سان 79-بەت.
【8】ئابدۇۋاھىد مەتنىياز ئەمىن: 《ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەك ئارسىدا》،《شىجاڭ مەدەنىيتى》ژورنىلى2007-يىللىق5-سان 16-بەت.
【9】ئابدۇرىھىم دۆلەت:«مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلىقىمىز »،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2003-يىل نەشىرى 193-بەت.
【10】نۇرمۇھەممەد دۆلەتى(تەرجىمىسى):«دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىملارنىڭ نۇتۇقلىردىن نەمۇنىلەر»،شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 1999-يىل نەشىرى 52-بەت.
、* پەنشۇناسلىق: ھەر قايسى پەنلەرنى تەتقىق قىلدىغان ئىلىم.ئۇ پەنلەرنىڭ ئىجتىمائى فۇنكىسسىيسى،پەننىڭ تەرەققىيات قانۇنىيتى،پەن سىستىمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى،پەننى باشقۇرۇش ۋە پەن-تېخنىكا سىياسەتلىرى قاتارلىق مەسىللەرنى تەتقىق قىلىدۇ.پەنشۇناسلىق 20-ئەسىرنىڭ 30-،40-يىللىرى شەكىللىنىشكە باشلىغان.بۇ ئاتالغۇنى دەسلەپ پولشالىق ئوسفورىسكى ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ،پەنشۇناسلىقنى سېستىمىلىق شەرھىلىگەن،تارماق ئىلىم بولۇپ شەكىللىنىشكە ئۇل سالغان كىشى لوندۇن ئۇنۋىرستىتىنىڭ پروفىسورى،فىزىكا ئالىمى بېرنال(D.J.Bernal) دۇر.ئۇنىڭ 1939-يىلى نەشىر قىلىنغان «پەننىڭ ئىجتىمائى فۇنكىسسىيسى»(科学的社会功能)ناملىق كىتابى بۇ جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.بېرنال تەبىئى پەنلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپلا قالماستىن،پەن پەلسەپىسى،پەن تارىخى ۋە ئىجتىمائى مەسىللەر ئۈستىدىمۇ ئىزدەنگەن.ئۇنىڭ يەنە «ھاياتلىقنىڭ فىزىكىلىق ئاساسلىرى»(1951)،«19-ئەسىردىكى پەن ۋە سانائەت»(1953)، «تارىختىكى ئىلىم-پەن»(1954) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
* پەن-تېخنىكا پەلسەپىسى: پەن-تېخنىكا پەلسەپىسى پەلسەپىنىڭ مۇھىم تارمىقى.ئاساسلىقى تەبىئەت دۇنياسنىڭ قانۇنىيتنى،پەن-تېخنىكا تەتقىقاتلىرنىڭ ئاساسى مىتودىنى،پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى جەريانىدىكى پەلسەپىلىك مەسىللەرنى،پەن-تېخنىكا ۋە جەمىئەت ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا تەسىرنى تەتقىق قلىدۇ.
*چوڭ ئىلىم-پەن: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا پەن-تېخنىكا ساھەسى ئوتتۇرغا قويغان يېڭى ئۇقۇم.ئۇ سېلىنمىسى كۆپ،كۆپ پەنلەر گىرەلەشكەن،تەجىرىبە ئۈسكۈنلىرى قىممەت،تەتقىقات نىشانى زور بولغان تەتقىقات تۈرى.

19

تېما

2

دوست

4545

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1254
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 13:09:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆتىچى ئىزاھات قىپ قاپتۇ.كەچۈرگەيسىزلەر!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

5

دوست

1294

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5496
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 378
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 13:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،ئەجرىڭىزگە بارىكاللا،لېكىن ئىبىن سىنا،ئەل خارازىمى،ئەبۇ رەيھان بىرۇنى ،ئۇلۇغبەگ قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرلارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش  توغرا ئەمەستۇ؟

19

تېما

2

دوست

4545

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1254
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 13:44:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sandal يوللىغان ۋاقتى  2013-10-5 13:24
،ئەجرىڭىزگە بارىكاللا،لېكىن ئىبىن سىنا،ئەل خارازىمى، ...

ئەلۋەتتە توغرا!!ئىبىن سىنانى تاجىك دىگەن ھالەتتىمۇ قالغان ھەممىسى ئۇيغۇردۇر!!ئىبىن سىنا ئۇيغۇر پەلسەپىسىگە ھەم تىبابىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

1

تېما

5

دوست

1294

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5496
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 378
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 14:18:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elxatrahim يوللىغان ۋاقتى  2013-10-5 13:44
ئەلۋەتتە توغرا!!ئىبىن سىنانى تاجىك دىگەن ھالەتتىمۇ قا ...

مەن ئۇلۇغبەكنى ئۆزبەك دەپ قارايتىم ئۇنداقتا خاتالىشىپتىمەندە؟

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 18:11:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ژورنىلىنىڭ مەلۇم سانىدا، ئۇلۇغبەگ توغرىسىدىكى بىر ماقالىنى ئوقۇۋىدىم، شۇ ماقالىدا ئۇلۇغبەگنى ئۇيغۇر دەپتىكەن.

19

تېما

2

دوست

4545

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1254
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 18:41:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sandal يوللىغان ۋاقتى  2013-10-5 14:18
مەن ئۇلۇغبەكنى ئۆزبەك دەپ قارايتىم ئۇنداقتا خاتالىشى ...

ئۇلۇغبەك ياشىغان دەۋىردە ئۆزبەكىنى تەشكىل قلغان خەلىقلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبەكلەر تېخى كۈنمىزدىكىدەك مىللەت مەنىسىگە ئىگە ئەمەس.تارىختىكى ھەر قانداق بىر تۈرك (تارىخقا نىسبەتەن) ئالىمىنى كۈنىمىزدىكى تۈركىي خەلىقلەر بىزنىڭ ئەجدادىمىز دىسە بولىۋىرىدۇ.گەپ شۇلاردىن قانداق پايدىلىنىش ۋە قەدىرلەشتە.

0

تېما

0

دوست

27

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22341
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 13:51:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ پەندە يىتىلشىمىز ئاجىز بوپ قىلىۋاتىدۇ تەبېى پەن بىلىم ئۈگۈنىشتىكى باشلامچى،مەسلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىشتىكى ئاساس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )