قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4099|ئىنكاس: 28

مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئالدى كەينىدىكى تاشقى مۇڭغۇلىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

6

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1029
تۆھپە : 3210
توردىكى ۋاقتى: 605
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-4 22:49:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-5 02:41  

مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئالدى كەينىدىكى تاشقى مۇڭغۇلىيە
蒙古.jpg



تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىل بولىشىغا جىياڭ جىيېشى سەۋەپلىكمۇ؟

         ئېلاۋە: تاشقى مۇڭغۇلىيە ئىلگىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى، ئەمما تۈرلۈك تارىخى ۋە ئىجتىمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇپ، ئېلىمىز تارىخىدىكى بىر زور ۋەقەگە ئايلاندى. كىشىلەر ئىزچىل تۈردە تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىل بولىشىغا جىياڭ جىيېشى سەۋەپلىك دەپ قاراپ كەلدى، ئۇنداقتا تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا جىياڭ جىيېشى سەۋەپلىكمۇ؟

بىرىنچى، تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى

        تاشقى مۇڭغۇلىيە ــــ مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېلىمىزنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى بىر مىليۇن 564 مىڭ كۋارات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى ئۈچ مىليۇندىن ئاشىدۇ. كۆپ قىسمىنى مۇڭغۇللار تەشكىل قىلىدۇ. پايتەختى ئۇلانباتۇر، پۇل بىرلىكى تۈگرىك، 1921 – يىل 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنىنى دۆلەت قۇرۇلغان كۈن قىلىپ بېكىتكەن. 1949 – يىل 10 ئاينىڭ 16 – كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. پارلامېنتلىق جۇمھۇرىيەت سىياسى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، پارلامېنت تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ سىياسى تۇرمۇشىدا مەركەزلىك ئورۇندا تۇرىدۇ، پارلامېنت ئىچكى كابېنت(ھۆكىمەت يادروسى) تەشكىللەيدۇ، مەزكۇر ئىچكى كابېنت پارلامېنتقا مەسئۇل بولىدۇ، نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، سانائەت ئىشلىرى ئەمدىلەتتىن بارلىققا كېلىشكە ۋە تەرەققى قىلىشقا باشلىغان، ئىقتىسادى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ئەمەس. يېڭىدىن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ.  

ئىككىنچى، مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى تاشقى مۇڭغۇلىيە

         تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىل بولۇش تارىخىنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، چىڭ دەۋرىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى مۇڭغۇلىيە رايونىدا ئالىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنى يولغا قويغان، 1901 - يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى يېڭى سىياسەت يولغا قويۇپ، مۇڭغۇلىيە رايونىدا ئەسلىدىكى ئالىي ئاپتونومىيەنىڭ ئورنىغا مەمۇرى ئۆلكە تۈزۈمىنى دەسسەتكەن، بۇ سىياسەت ئېنىقكى مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن، نەتىجىدە ئۇلار ئۆز - ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ مۇستەقىللىقنى پىلانلاشقا باشلىغان، 1911 - يىلى 8 - ئايدا ئۇلار خۇلۇندا ئىتتىپاقداشلار يىغىنى ئېچىپ: «جۇڭگولۇقلارنىڭ يېڭى سىياسەتنى يولغا قويىشى مۇڭغۇللارنى ئۈزۈل - كېسىل قۇل قىلىشتۇر»دەپ قاراپ، روسىيەدىن ياردەم سوراپ خۇلۇندا قوشۇن تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. چارروسىيە ھۆكىمىتى بۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇپ:«تاشقى مۇڭغۇلنىڭ جۇڭگودىن تولۇق ئايرىلىپ چىقىش ئارزۇسى ھازىرچە ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئەمما روسىيە ھۆكىمىتى ئۇلارنىڭ  ئۆزىگە خاس تۈزۈمىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ»دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي ۋۇچاڭ قوزغىلىڭىنىڭ سىياسى بورىنى چىڭ ھۆكىمىتىنى غولىتىۋەتتى، مۇڭغۇللار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق جاكارلىدى.
ھالبۇكى مۇڭغۇللارنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشى ئورۇسلارنىڭ جۇڭگودىكى سىياسى مەنپەئەتى ئۈچۈن تازا ياخشى پېچكا بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جۇڭگو ھۆكىمىتىگە ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويدى، ھەمدە مۇڭغۇللارنى مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەېچىپ، يەرلىك ئاپتونومىيەنى قوبۇل قىلغۇزۇشقا ۋەدە بەردى، ئەمما ئۇلارنىڭ «ياخشى كۆڭلى»جۇڭگو دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.   
         مەيلى سۈن جۇڭشەن ۋەكىللىكىدىكى مىللى ھۆكىمەت بولسۇن، ياكى يۈەن شىكەي ۋەكىللىكىدىكى شىمالى مىللىتارىستلار ھۆكىمىتى بولسۇن، ھېچقايسى تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ جۇڭگودىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىمىدى، مۇڭغۇللار مۇستەقىللىقتىن قەتئىي ۋاز كەچمىدى، ھەتتا ئىچكى مۇڭغۇل، ۋە باشقا جايدىكى مۇڭغۇللارنى قۇترۇتۇپ، بۈيۈك مۇڭغۇل دۆلىتى قۇرۇش كويىدا بولدى.
        «بۆرىدىن قۇتىلىمەن دەپ يولۋاسقا تۇتۇلۇپتۇ» دېگەندەك، تاشقى مۇڭغۇل دائىرىلىرى مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقى مۇستەقىل بولالمىدى، چار روسىيە تاشقى مۇڭغۇلىيىنى قوغدايمىز، مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىمىز دېگەننى باھانە قىلىپ، تاشقى مۇڭغۇل دائىرىلىرى بىلەن يەككە تەرەپلىك كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يوقۇرى چەكتە كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ھەمدە ئۇلارنى مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇشقا قىستىدى،تاشقى مۇڭغۇل دائىرىلىرىمۇ ئامالسىز«ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەك شۇ» دېگەندەك يول تۇتتى.  

ئۈچىنچى، سىياسى مەنپەئەتنىڭ كېسىشىش نوقتىسىدىكى كوزىر ــــ تاشقى مۇڭغۇلىيە

         تاشقى مۇڭغۇلنىڭ بۇزۇلىشى جۇڭگو دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلدى، روسىيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتىلىغان پۈرسەتتىن پايدىلانغان شىمالى مىللىتارىستلار ھۆكىمىتى قوشۇن ئەۋەتىپ تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئاپتونومىيسىنى بىكار قىلدى، ئەمما «يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ»دېگەندەك ئۇزاق ئۆتمەي تاشقى مۇڭغۇلىيىدە سوۋېت ھۆكىمىتىنىڭ قوللىشىدىكى ئىنقىلابى قوراللىق كۈچ، ئاق باندىتلار قوراللىق كۈچلىرى پەيدا بولۇپ، جۇڭگونىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى قوغلاپ چىقاردى.  ھەتتا ياپونلارمۇ قول تىقىشقا ئۈلگۈرۈپ، تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ، ھەرخىل مەنپەئەت كۈچلىرى تىركىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى،
         تاشقى مۇڭغۇلىيە ياپونىيە، جۇڭگو ۋە روسىيەنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ئدى، سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ تاشقى مۇڭغۇلىيەدە سوۋېتپەرەس ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇت بولىشىنى، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان سىياسى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدە بىر كوزىر بولىشىنى خالايتتى، شۇڭا سوۋېت ھۆكىمىتى«زىقمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان» ئىككى يۈزلىمىلىك سىياسەت قوللۇنۇپ، جۇڭگو ھۆكىمىتىنىڭ تاشقى مۇڭغۇلغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن تاشقى مۇڭغۇل ھۆكىمىتىنى قوللىدى. 1921 – يىلى 7 – ئايدا سوۋىت قىزىل ئارمىيىسى تاشقى مۇڭغۇلغا كىردى،ھەمدە ئاق باندىتلارنى ۋە باشقا ئۆكتىچى كۈچلەرنى يوقاتتى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ تاشقى مۇڭغۇلىيە ئىنقىلابى ھۆكىمىتى قۇرۇلدى، مەزكۇر ھۆكىمەت جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى، ھەمدە ئاپتونومىيە نامى ئاستىدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەردى. بۇنىڭغا قارىتا شىمالى مىللىتارىستلار ھۆكىمىتى تۈكرۈكلىرىنى چاچىرىتىپ قاۋاپلا قالدى خالاس.
       1921 – يىلدىن باشلاپ تاشقى مۇڭغۇلىيە ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل جۇڭگو ھۆكىمىتى ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى، دۆلىتىمىزدە ئىچكى ئۇرۇش ۋە ياپونغا قارشى ئۇرۇش سەۋەبىدىن تاشقى مۇڭغۇل مەسىلىسى 1945 – يىلغا قەدەر ئىزچىل بىر ياققا قايرىپ قويولدى.
      1945 – يىلىنىڭ بېشىدا دۇنيا فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلبە مېۋىسى كۆزگە كۆرۈنۈپلا قالدى، شۇ يىلى 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، سوۋېت رەھبەرلىرى يالتا يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۈچ كاتتىۋاش دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىدى، بۇ يىغىندىكى مەخپى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئەينى چاغدىكى جۇگگونىڭ ئالى رەھبىرى ھېسابلانغان جىياڭ جىيېشىمۇ ئۆز ۋاقتىدا بىلەلمىدى، پەقەت 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنىگە كەلگەندىلا ئاندىن سوۋىتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېتىروف ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان «جۇڭگو سوۋىت دوستلۇق شەرتنامىسى تۈزۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى(بەش تۈرلۈك بولۇپ، 4 – شەرتتە تاشقى مۇڭغۇلنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان)» دىنلا بۇ مەخپى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولغان ئىدى.
        يالتا يېغىنى ئېچىلغاندا جىياڭ جىيېشى يوقارقى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىنى سېتىۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەن، ھەمدە جۇڭگو دېپلوماتىيەسىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپىنى بەلگىلەپ، دۆلەتنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن، ئەمما تاشقى مۇڭغۇل مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى زىنھار خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.
        ھالبۇكى بۇ چاغدا«مۇشتۇمزورنىڭ گېپى ئوڭ»بولۇپ، خىش ئاللىقاچان قېلىپتىن چىقىپ بولغان ئىدى، ئۈچ كاتتىۋاش دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ بولغان ، يالتا كېلىشىمىدە تاشقى مۇڭغۇلنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش بېكىتىلگەن، جۇڭگو ھۆكىمىتىنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى سۇڭزىۋېن موسكىۋاغا سىتالىن بىلەن سۆھبەتلەشكىلى بارغاندا، سىتالىن قىلچە يوشۇرماي بۇ ئىشنىڭ يالتا يىغىنىدا بېكىتىلىپ بولغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىدە چوقۇم يالتا كېلىشىمنى ئاساس قىلىش كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭدىن ئارتۇق گەپلەرنىڭ ئېشەككە يۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەينى ۋاقىتتا سىتالىننىڭ پوزىتسىيىسى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، ئۇ تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقلىقىنىڭ سوۋىتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ جۇڭگوغا ياردەم بېرىپ شەرقى شىمالدىكى ياپونلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغانلىقى، شۇڭا سوۋېتنىڭ تەلىپىنى چوقۇم قاندۇرمىسا   بولمايدىغانلىقىنى، خەققە يېلىنغان ئىكەن چوقۇم بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى، ئەگەر رازى بولمىسا، خەققە يېلىنماي ئۆزى بىر تەرەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى، كېلىشىم دېگەن بىر ۋاراق قەغەز ئىكەنلىكىدەك گەپلەرنى قىلغان.
        سىتالىننىڭ كەسكىن پوزىتسىيىسى ئالدىدا سۇڭزىۋېن ۋە جىياڭ جىڭگو ئامالسىز جىياڭ جىيېشىدىن يوليۇرۇق سورىغان، جىياڭ جىيېشى ئۇلارغا يوليۇرۇق بېرىپ: ئەگەر شەرقى شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ۋە شىنجاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولسا، كومپارتىيە مەسىلىسىدە بىزگە يول قويسا، تاشقى مۇڭغۇل مەسىلىسىنى ئومۇمى خەلق بېلەت تاشلاپ قارار قىلىش شەكلى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ، دەپ يوليۇرۇق بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 1945 – يىل 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى سوۋېت بىلەن«جۇڭگو روسىيە دوستلۇق ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى» ئىمزالايدۇ، ھەمدە ياپونىيىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، تاشقى مۇڭغۇل خەلقى بېلەت تاشلاپ بۇ ئارزۇسىنى ئىپادىلىسە، جۇڭگو ھۆكىمىتى ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، ھەمدە ھازىرقى چېگرىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ جىياڭ جىيېشى ھۆكىمىتى شەرقى شىمال، شىنجاڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاشقى مۇڭغۇلىيىنى ئالماشتۇرىدۇ.  

تۆتىنچى، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تاشقى مۇڭغۇلىيە

       «جۇڭگو روسىيە دوستلۇق ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن تاشقى مۇڭغۇلىيەنى ھەقىقى مۇستەقىل بولدى، دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئومۇمى خەلق بېلەت تاشلاپ ئاۋازغا قويغاندا كۆپ قىسىم خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنداق قىلىپ تاشقى مۇڭغۇلىيە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھامىيلىقىدىكى مۇستەقىل سوتسىيالىستىك دۆلەتكە ئايلاندى.
       يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھۆكىمىتىمىز تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەمدە خەرىتە ئالماشتۇردى. ئۇندىن كېيىنكى دەۋرىلەردە تاشقى مۇڭغۇلىيە ئاكىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان ئىسسىق سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈردى،
      1991 – يىل 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بايرىقى كېرىمىل سارىيى ئۈستىدىن چۈشۈرۈلۈپ، ئورنىغا روسىيەنىڭ بايرىقى جەۋلان قىلىپ، سوۋىت ئىتتىپاقى رەسمى تارىخقا ئايلاندى، ئۇنىڭ ھامىيلىقىدىكى ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەر ئارقا – ئارقىدىن مۇستەقىل بولۇپ، تەدرىجى ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆز قوللىرىغا ئېلىشقا باشلىدى. تاشقى مۇڭغۇلدىمۇ سىياسى ئىسلاھاتلار بولۇپ، كۆپ پارتىيە تۈزىمى يولغا قويۇلدى، بۇ يىل ئۇلانباتۇر خەلق مەيدانىدىكى لېنىننىڭ ھەيكىلى ئاغدۇرۇلۇپ، خەلق ھەيكەلگە چۇخەيلىرىنى ئېتىپ تەنتەنە قىلىشتى.

بەشىنچى، تاشقى مۇڭغۇلىيىدىكى ۋەتەننىڭ قوينىغا قايتىش سادالىرى

        تاشقى مۇڭغۇلىيە مۇستەقىل بولۇپ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ ئۆز تەقدىرىنىڭ تىزگىنىنى ئۆز قولىغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ نوپۇسى ئاز، تېخنىكىسى قالاق بولغاچقا، بار بولغان بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنالمىغاچقا ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئېلىمىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئارقىدا قالدى ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك يوقۇرى كۆتۈرۈلمىدى، شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ، بىر قىسىم كىشىلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدا جۇڭگونىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىش سادالىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭغا قارىتا دۆلىتىمىزدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، «مۇساپىر بالا» ئۆيىگە كۆنەلمىگەندەك ، تاشقى مۇڭغۇلنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشى ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەسلىكى مۇمكن. مۇبادا قايتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، قانداق شەكىلدە قايتىپ كېلىدۇ، قانداق ئورۇنلاشتۇرىمىز.... دېگەندەك مەسىلىلەر بېشىمىزنى ئاغرىتىپ، يۈك بولىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىشىنى ۋاقىت بەلگىلىگىسىدۇر.  
       خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىل بولىشى مۇرەككەپ تارىخى جەريان بولۇپ، بۇ تارىخى رىئاللىققا قارىتا ھەر كىم ھەر نېمە دېدى، ھەمدە جىياڭ جىيېشى جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلاردا، تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان، شۇڭا بۇ ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى جىياڭ جىيېشى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك، دەپ قارالدى، بىزمۇ مۇشۇ خۇلاسىنى ئېتىراپ قىلىمىز. ئەمما كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىگە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

ئاپتۇر:شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ مەمۇرى باشقۇررۇش كەسپى ماگىستىر ئاسپىرانتى.
ئاپتۇرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن باغداش مۇنبىرىگە يوللاندى،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ .

0

تېما

2

دوست

6453

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16890
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1956
توردىكى ۋاقتى: 625
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 04:38:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشقى مۇڭغۇلىيە مۇستەقىل بولۇپ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ ئۆز تەقدىرىنىڭ تىزگىنىنى ئۆز قولىغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ نوپۇسى ئاز، تېخنىكىسى قالاق بولغاچقا، بار بولغان بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنالمىغاچقا ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئېلىمىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئارقىدا قالدى ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك يوقۇرى كۆتۈرۈلمىدى، شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ، بىر قىسىم كىشىلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدا جۇڭگونىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىش سادالىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭغا قارىتا دۆلىتىمىزدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، «مۇساپىر بالا» ئۆيىگە كۆنەلمىگەندەك ، تاشقى مۇڭغۇلنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشى ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەسلىكى مۇمكن. مۇبادا قايتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، قانداق شەكىلدە قايتىپ كېلىدۇ، قانداق ئورۇنلاشتۇرىمىز.... دېگەندەك مەسىلىلەر بېشىمىزنى ئاغرىتىپ، يۈك بولىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىشىنى ۋاقىت بەلگىلىگىسىدۇر


قىززىق گەپكەن بۇ ھە .... ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

2260

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14467
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 57
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 09:22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتىپ كەلگۈسى بارلارنى قايتۇرۋالسا بوممامدۇ دەۋلىتىمىز
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1817

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   81.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12975
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 529
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 11:12:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن

0

تېما

0

دوست

1817

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   81.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12975
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 529
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 11:12:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )