بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tograk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-5 13:05
لىن بياۋنى " ئىز باسار " دەپ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشنى كىم ئوتتۇرىغا قويغان ؟ جاڭ ياۋسى ( دىلمۇرات تۇنىياز تەرجىمىسى )
لىن بياۋ ئۆلگەندىن كېيىن ، لىن بياۋ نېمە ئۈچۈن " ئىز باسار " دەپ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى ؟ بۇ تەكلىپنى كىم بەرگەن ؟ دېگەن سۇئال كاللامغا كىرىۋېلىپ ، مېنى خېلى ئۇزۇنغىچە بىئارام قىلدى .
مەن يولداش ۋاڭ دۇڭشىڭدىن : " لىن بياۋنى نېمە ئۈچۈن ئىز باسار دەپ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەن ؟ بۇ تەكلىپنى كىم ئوتتۇرىغا قويغان ؟ " دەپ سۇرىسام ، ئۇ : " جياڭ چىڭ ئوتتۇرىغا قويغان " دېدى .
1968 -يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 8 - نۆۋەتلىك 11 - ئۇمۇمىي يىغىنى پارتىيە نىزامنامىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا ، جياڭ چىڭ - " يولداش لىن بياۋدا پۇرۇلتارىيات ئىنقىلاپچىلىرىغا خاس سالاھىيەت بار ، ئۇ شۇنداق كەمتەر ، ئۇنى پارتىيە نىزامنامىسىگە يېزىش كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان . ئۇ يەنە " چوقۇم يېزىش كېرەك" دەپ تەكىتلىدى .
1968 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش لاھىيەسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا ، جياڭ چىڭ " لىن بياۋ رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئىز باسارى " دېگەن ماددىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە يېزىشتا چىڭ تۇردى .
1968 - يىلى 4 - ئايدا مەركەز پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش ھەققىدە يىغىن ئاچقاندا ، جياڭ چىڭ : " لىن بياۋنىڭ ئىسمىنى يەنىلا يېزىش كېرەك ، يازساق باشقىلار تەمە قىلمايدۇ ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى خاتىرجەم بولىدۇ " دېگەن .
جاڭ چۈنچياۋ بىرىنچى بولۇپ قوللىغان . ئۇ : " شۇنداق پارتىيە نىزامنامىسىگە يېزىلسا خاتىرجەم بولىمىز " دېگەن .
كاڭ شېڭ جېنىنىڭ بېرىچە لىن بياۋنى ماختاپ : " 8 - نۆۋەتلىك 11 - ئۇمۇمىي يىغىننىڭ يولداش لىن بياۋنى رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئىز باسارى قىلىپ بېكىتكەنلىكى ، پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەقدىرىگە ، دۆلىتىمىز ئىنقىلابىى ۋە دۇنيا ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ، يولداش لىن بياۋ ئىنتايىن كەمتەر ، ئۇ پارتىيە نىزامنامىسى لاھىيەسىدىكى ئۆزى توغرىلىق يېزىلغان ئاشۇ بىر ئابزاسنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى . مېنىڭ پىكرىم ، بىز بۇ ئابزاسنى چوقۇم ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك .يولداش لىن بياۋنىڭ رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئىز باسارى ئىكەنلىكى يىغىندا ئىتىراپ قىلىنغان ، ئۇ شۇنداق بولۇشقا مۇناسىپ" دېدى . ئۇ يەنە : " مېنىڭچە يولداش لىن بياۋنىڭ رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئىز باسارى ئىكەنلىكىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە يېزىش كېرەك " دېدى .
شۇنىڭدىن كېيىن ، دوكلادنى يازغان كىشىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە رەئىس ماۋزېدۇڭغا يالغان ئېيىتقان . ئۇ رەئىسكە : " كۆپ سانلىق يولداشلار لىن بياۋنىڭ ئابرۇيىنى تېخىمۇ يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، ئۇنى رەئىسنىڭ ئىز باسارى دەپ پارتىيە نىزامنامىسىغا ، 9 - قۇرۇلتاينىڭ دوكلادى ۋە قارارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشتى" دېگەن .
كاڭ شېڭ لىن بياۋنى ماختىغاندا ، كۆڭلىدە ناھايىتى بىئارام بولدى . چۈنكى دەسلىپىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نامزاتلار ئىچىدە كاڭ شېڭمۇ بار ئىدى . ئەمما يوشۇرۇن ئاۋاز بەرگەندە ، كاڭ شېڭغا بىر نەچچە بېلەت كەم بولۇپ قالغان ، شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ۋاڭ دۇڭشېڭدىن بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرگەن . ۋاڭ دۇڭشېڭ : " كىمنىڭ بېلەت تاشلىمىغانلىقىنى مەن نەدىن بىلەي ؟ " دېگەن .
لىن بياۋنىڭ ئىسمىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈش ، كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدىكى مەسىلىنى رەئىس بىر ئاخشام ئويلۇنۇپ ، ئاخىر " كۆپچىلىك يولداشلار قوشۇلغان بولسا ، ئۇنداقتا لىن بياۋنى يېزىپ كىرگۈزۈڭلار " دېگەن .
رەئىس ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشنى ئاشۇ بىر نەچچىسىنىڭ قىلىپ يۈرگەن پەتۋاسى ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلسۇن ! بەزى يولداشلار ئاغزىدا قوشۇلغان بولسىمۇ ، كۆڭلىدە ئانچە قوشۇلۇپ كەتمەيتتى ، لىن بياۋنى ئىز باسار قىلىپ بېكىتىشنى رەئىس ئوتتۇرىغا قويغاچقىلا ئامالسىز قوشۇلغان . شۇنىڭدىن كېيىن ، جياڭ چىڭ بىلەن لىن بياۋنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇقۇپ بولغىلى بولمىدى .
چۈنكى جياڭ چىڭ كۆپ ئىشلاردا لىن بياۋغا تايانماي تۇرالمايتتى . ئەمما لىن بىياۋ بىر مۇنچە سورۇنلاردا جياڭ چىڭنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ تۇرسىمۇ ، كۆزىنى يەنىلا رەئىس تەرەپكە تىكىپ تۇراتتى . ئۇمۇمەن بۇ ئىككۆيلەن " بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ" ئۆز ئارا پايدىلىناتتى .
كۆپ يىللاردىن بۇيان لىن بياۋ ئۈزۈندە ، شوئارلار ۋە " تالانت" بىلەن رەئىس ماۋزېدۇڭنى كۆككە كۆتەردى ھەم يې چۈن بىلەن بىرلىشىپ ھەر خىل يىغىنلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە جياڭ چىڭغا يوقىرى باھا بېرىپ ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن تاج كەيدۈردى . بۇ مۇئاۋىن رەئىس بولۇشنى ئارزۇ قىلغان جياڭ چىڭغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا تەلەپ قىلىپمۇ ئېرىشكىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە رەئىس ئۇنى مۇئاۋىن رەئىس قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيىتقاچقا ، ئۇ لىن بياۋ بىلەن يې چۈننىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىناۋەت تىكلەپ بېرىشىگە تولىمۇ مۇھتاج ئىدى . ئەمما لىن بياۋ ئۈچۈن ئېيىتقاندا ، جياڭ چىڭ ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى ، پەقەت رەئىسنىڭ يۈز خاتىرىسى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىۋاتاتتى .
گەپنىڭ راستىنى ئېيىتقاندا ، جياڭ چىڭ ھەرگىزمۇ لىن بياۋنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇشنى خالىمايتتى ، ئەپسوسكى ئۇ يەنىلا بولدى . شۇڭا كۆپ سورۇنلاردا لىن بياۋنى قوللىماي ئىلاجى يوق ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ قەلبى يەنىلا زىددىيەتلىك ئىدى .
جياڭ چىڭ بىلەن لىن بياۋنىڭ مۇناسىۋىتى ئەنە شۇنداق سىرلىق مۇناسىۋەت ئىدى . جياڭ چىڭ بىلەن لىن بياۋ گەرچە بىر بىرىنى قوللاشسىمۇ ، ھەر ئىككىلىسى ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلىمايتتى .
جياڭ چىڭنىڭ قولىدىن ياخشىلىقمۇ كېلەتتى ، ئەمما ئەسكىلىك قىلىدىغان بولسا قولىدىن ھەر بالا كېلەتتى . لىن بياۋ ئۇنىڭ موشۇ تەرەپلىرىدىن ناھايىتى قورقاتتى .
ئۇنداقتا چېن بودانىڭ لىن بياۋ بىلەن جياڭ چىڭنىڭ مۇناسىۋىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىچۇ ؟ چېن بودا " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىى" نىڭ باشلىقى ، جياڭ چىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى ، ئۇلار ھەر كۈنى بىرگە بولغاچقا ، جياڭ چىڭنى بەش قولدەك بىلەتتى . ئۇنىڭ دەسلىپىدە جياڭ چىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق ئىدى ، ئەمما جياڭ چىڭنىڭ دائىم كىشىلەرگە غالجىرلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن ، چېن بودا ئۆزىنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، لىن بياۋ تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن ، لىن بياۋ بىر " ئەدىپ" كە مۇھتاج بولغاچقا ، لىن بياۋ بىلەن چېن بودا ناھايىتى تېزلا بىرلىشىپ كەتكەن .
چېن بودا گەرچە لىن بياۋنى ئۆزىگە يۆلەنچۈك قىلىۋالغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ نەدىمۇ جياڭ چىڭنڭ رەقىبى بولالىسۇن .
رەئىس ئەسلى 9 - قۇرۇلتاينىڭ سىياسى دوكىلاتىنى چېن بودا ، جاڭ چۈنچياۋ ، ياۋ ۋېنيۇەن ئۈچىيلەن بىرلىكتە يازسۇن دەپ يوليۇرۇق بەرگەن ئىدى . ئەمما جاڭ چۈنچياۋ ، ياۋ ۋېنيۇەنلەر جياڭ چىڭ بىلەن قەلبداش بولغاچقا ، " ئۆز ئارا ئورتاق تىل ھاسىل قىلالماي" ، چېن بودا بىراقلا يېتىم ھالغا چۈشۈپ قالدى .
ئەمما چېن بودامۇ تەن بەرمەيتتى ، ئۇنىڭ " قەلىمى ئۆتكۈر " بولغاچقا سىياسىي دوكلاتنى جاڭ چۈنچياۋ ۋە ياۋ ۋېنيۇەنلەردىن تېز يېزىپ چىقتى . گەرچە جاڭ چۈنچياۋ ، ياۋ ۋېنيۇەنلەر دوكلاتنى كاڭ شېڭ بىلەن بىرلىشىپ يازغان بولسىمۇ ، ئەمما رەئىسنىڭ ئالدىغا ئاپىرىشتا يەنىلا بىر قەدەم كېچىككەن ئىدى .
شۇ كۈنى كەچتە چېن بودا سىياسىي دوكلاتنى رەئىسكە ئاپىرىپ بەردى . رەئىس شۇ ۋاقىتتىلا بىر قىسىم تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . چېن بودا ياندا ئولتۇرۇپ بىرمۇ بىر خاتىرىلىۋالدى .
چېن بودا رەئىسنىڭ يېنىدىن چىققاندا ناھايىتى كېرىلىپ كەتتى . ئۇ رەئىسنىڭ پىكرىنى جۇ ئېنلەيگە دوكلات قىلدى . بىراق جياڭ چىڭ ، جاڭ چۈنچياۋ ، ياۋ ۋېنيۇەنلەرگە بىر ئېغىزمۇ تىنمىدى .
شۇنىڭ بىلەن جياڭ چىڭ بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ چېن بوداغا ئوت ئاچتى ۋە ئۇنىڭغا " رەئىسنىڭ ئاۋازىنى قامال قىلىۋالدى" دەپ قارا چاپلاپ ، ئۇنى ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىدى .
كېيىن رەئىس جاڭ چۈنچياۋ ، ياۋ ۋېنيۇەنلەر يېزىپ چىققان دوكلاتنى ئىشلەتتى .
چېن بودا گەرچە دوكلاتنى رەئىسنىڭ پىكرى بويىچە ئۆزگەرتىپ رەئىسكە ئاپىرىپ بەرگەن بولسىمۇ ، ئەمما رەئىس كونۋېرتنى ئېچىپمۇ قويماي ، ئۈستىگە " چېن بوداغا قايتۇرۇلسۇن ، ماۋ زېدۇڭ " دەپ تەستىق سالدى .
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، چېن بودا قايتۇرۇلغان ئارگىنالنى ئېلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىمىش .
رەئىس ماۋ زېدۇڭ : " چېن بودا قاملاشمىغان ئىش قىلدى . نېمىشقا يالغۇز ئىشلەيدۇ ، بۇ ياخشى ئەمەس ! " دېگەن .
1970 - يىلى چېن بودا لۇشەن يىغىنىدا لىن بياۋنى كۈچەپ كۆككە كۆتۈرگەندە ، رەئىس : " بۇ ئادەم ئىشنى غەرەزلىك قالايماقان قىلىۋەتمەكچى . لىن بياۋ كۈندۈزى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلسا ، چېن بودا كېچىسى ھۇجۇم قىلىدىكەن . ئۇلارنىڭ زادى نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ" دېگەن .
چېن بودا تەختتىن چۈشىۋىدى ، جياڭ چىڭ خۇش بولۇپ كەتتى .
" رەئىسنىڭ ئاۋازىنى قامال قىلدى" دېگەن مەسىلىدە ، جياڭ چىڭ چېن بودانى ئاغدۇرالمىغان ئىدى ، چېن بودا يەنىلا 4 - ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى . ئەمما بۇ قېتىم چېن بودانىڭ ھېچنىمىسى قالمىدى . جياڭ چىڭ روھلۇنۇپ تەرەپ - تەرەپتىن مېھمان چاقىرىپ : " چېن بودانى بۇرۇنلا ئەدەپلەش كېرەك ئىدى ، ئاخىر يوقىتىلدى ، راستىنلا كىشىنى بەك خۇشال قىلىدۇ " دېدى .
1970 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ، مەركەز تارقاتقان " چېن بودانىڭ پارتىيىگە قارشى مەسىلىسى توغرىسىدىكى يوليورۇق" تا چېن بودانى " يالغان ماركىسىزمچى ، قارا نىيەتچى ، سۈيقەستچى " دەپ بېكىتتى .
لىن بياۋ چېن بوداغا ئوخشىمايتتى ، ئۇ ئىز باسار دەپ پارتىيە نىزامنامىسىگە يېزىلغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن رەئىس ئەينى چاغدا يەنىلا ناھايىتى سالماق بولغان ، لىن بياۋنى چېن بوداغا قوشۇپ تەنقىد قىلسا ، جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئادەملەر بۇنى ئاسان قوبۇل قىلالمايتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن رەئىس قايتا - قايتا ئويلۇنۇپ ، " لىن بياۋنى قوغداپ چېن بودانى تەنقىد قىلىش" نى قارار قىلغانىدى . پارتىيە ئىچىدىكى چېن بودانى تەنقىد قىلىپ ئىستىلنى تەرتىپكە سېلىش ھەركىتىدىمۇ رەئىس لىن بياۋنىڭ مەسىلىسىنى ناھايىتى ئاز تىلغا ئالدى . ئەمما رەئىس لىن بياۋنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن قېلىچ بۆلەپ ، رەئىسكە قەست قىلىش ئۈچۈن سىياسىي ئۆزگۈرۈش قىلىش سۈيقەستىنى باشلىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغانىدى .
رەئىسنىڭ ئەينى چاغدا " لىن بياۋنى قوغداپ چېن بودانى تەنقىد قىلىش" نى قارارىنى چىقىرىشتىكى مۇددىئاسى ناھايىتى ئېنىق ئىدى .
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ، جياڭ چىڭ لىن بياۋنىڭ ئورنىنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى ، ئۇنى پارتىيە نىزامنامىسىگە يېزىشنىڭ پايدىسى بارلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ لىن بياۋنىڭ رەئىسنىڭ ئەسىرىنى ئۆگىنىۋاتقان رەسىمىدىن بىر پارچە تارتىپ ، " خەلق رەسىملىك ژۇرنىلى" نىڭ قوشما سانلىرىدا " ئىجتىھات" دېگەن تېمىدا ، "چوققا " دېگەن تەخەللۇس بىلەن ئېلان قىلدى .
لىن بياۋ قاچقاندىن كېيىن ، جياڭ چىڭ بىر ئۆرۈلۈپلا لىن بياۋنى تەنقىد قىلىشنىڭ ئاۋانگارتى بولۇۋالغاچقا ، لىن بياۋ ، چېن بودانىڭ دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بىرى قىلىپ تەيىنلەندى . ئورنىمۇ بىردىنلا يوقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئىچىدە 4 - ئورۇنغا ئۆتۈپ ، جۇ ئېنلەي ،كاڭ شېڭدىنلا كېيىن تۇردى .
1971 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ، مەركىزى كومىتېت لىن بياۋ ، چېن بودا پارتىيەگە قارشى گۇرۇھىنىڭ مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئېنىقلاش ئۈچۈن ، مەخسۇس دېلۇ گۇرۇپپىسى قۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلدى . مەركىزى كومىتېت مەخسۇس دېلۇ گۇرۇپپىسى جۇ ئېنلەي ، كاڭ شېڭ ، جياڭ چىڭ ، جاڭ چۈنچياۋ ، ياۋۋېنيۇەن ، جى دىڭكۈي ، لى دېشىڭ ، ۋاڭ دۇڭشىڭ ، ۋۇدې ، ۋۇجۇڭ قاتارلىق 10 كىشىدىن تەركىپ تاپتى . مەخسۇس دېلۇ گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەخسۇس خىزمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىپ ، كۈندۈلۈك خىزمەتلەرگە جى دىڭكۈي ، ۋاڭ دۇڭشىڭ قاتارلىق ئىككى يولداش مەسئۇل قىلىندى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مەركىزى جايلار ھەر قايسى جايلار ، ئورۇنلارغا مەركەزگە يوللىماقچى بولغان لىن بياۋ ، چېن بوداغا مۇناسىۋەتلىك پاش قىلىش ماتىرىياللىرىنى بىردەك مەخپىي ئالاقە سۈپىتىدە مەركىزى كومىتېت مەخسۇس دېلۇ گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىش ھەققىدىكى ئۇختۇرۇشنى تارقاتتى .
بۇ خىزمەتلەرنىڭ سالمىقى ناھايىتى ئېغىر ئىدى .
لىن بياۋنىڭ بىر تۈركۈم شايكىلىرى تۇتۇلغاندىن كېيىن ، مەن رەئىسنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بۇرۇنقىغا يەتمەي قالغانلىقىنى ، بىراقلا قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالغانلىقىنى ، لىن بياۋنى ئىز باسار قىلىپ تاللىغانلىقىغا ، تەقدىرىگە نىسبەتەن ئازابلىق خىيال سۈرەتتى .
ئۇنىڭ ئاق چاچلىرى روشەن كۆپەيگەن بولۇپ ، بىز رەئىسنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ قالدۇق .
ئەمما جياڭ چىڭ بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ، ھەممە يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىپ ، كۆرەڭلەپ كەتتى . 9 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدىلا ئۇنىڭ مۇئاۋىن رەئىس بولغۇسى كەلگەن ، بۇ قېتىم نۆۋەت ئۇنىڭغا كېلىپ قالغاندەك قىلاتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ، لىن بياۋنى ئەيىپلىگەندە : " بۇ بىر نەچچە يىلدا ، ئۇ خىلمۇ - خىل سۈيقەستلىك ، زەھەرلىك ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ مېنى يوقاتماقچى بولدى " دېدى . ئۇ يەنە : " مەن لىن بياۋ بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ۋە كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئۇنى ئاستا - ئاستا چۈشۈنۈپ يەتتىم " دېدى .
جياڭ چىڭ گويا لىن بياۋنى ئىز باسار دەپ پارتىيە نىزامنامىسىگە يېزىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى . بۇنى ئۇ ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى . ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگۈرۈشكە ماھىر ، ئۆز گېپىنى يورغۇلۇتۇشقا ئۇستا ئادەم ئىدى .
" ئەدەبىي تەرجىمىلەر" دىن ئېلىندى
" باغداش تورى" غا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ . |