«ھىگگىس زەررىچىسى» ئاتا قىلغان خىياللار
قاسىم سىدىق
ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
بۇگۇن پىروپىسور تاشپولات روزى مۇئەللىم "باغداش"مۇنبىرىدە"ھىگگس (Higgs) زەرىجىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلاندى"دىگەن خەۋەرنى ئېلان قىلدى.مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى بۇنداق يېڭى ئۇچۇردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغان تاشپولات مۇئەللىم ۋە "باغداش"مۇنبىرىگە ئالاھىدە رەھمەت ئوقۇيمەن.
ھىگگىس زەررىچىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۆرىلىشى دەرۋەقە تاشپولات مۇئەللىم يازغاندەك"ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بايقاشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولۇپ، ئالەمنىڭ پەيدا بۆلىشىنى، قارا ئۆڭكۈرنى، قارا جىسىمنى بىلىشتە ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشىدۇ!".
بۇنىڭدىن باشقا بۇ بايقاش بىزنىڭ ئەنئەنە تۈسىنى ئالغان بەزى قاراشلىرىمىز ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.مەن بۇ تېمىدا بۇ خەۋەر مەندە دەسلەپتىلا پەيدا قىلغان قاراشلارنى"تىز سىزما"سۈپىتىدە يېزىپ چىقتىم.توغرا بولۇپ كىتىشى ناتايىن،توغرا ياكى خاتالار ئىلمى مۇھاكىمە -مۇنازىرىلەر جەريانىدا ئايرىلغۇسى.مەن كەسىپ ئېگىلىرىنىڭ،ياشلارنىڭ ئاددى،باشلانغۇچ سەۋىيەدە بولسىمۇ تەبىئەت پەنلىرى ئوبزورچىلىغىغا كىرىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.نەتىجىسى نۇرانە،كاتتا بولغان سەپەرلەردەم-دەم قەدەملەردىن باشلانغان.
ئۇلچەملىك مودىل «ماسسا»نىڭ كېلىپ چىقىشىنى ھىگگىس زەررىچىسىدىن باشلىنىدۇ،دەپ قارايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ مىكرۇ قاتلامغا ئىگە زەررىچىلەرنىڭ ،يەنى «ماسسىسى يوق زەررىچىلەر»نىڭ مەۋجۆتلىگىنى ئىنكار قىلمايدۇ.«ماسسىسى0 بولغان زەررىچە»دىگەن مۇشۇ گەپنى ئاڭلىساملا گاڭگىراپ قالىمەن.چۈنكى ئادەتتە ماسسىغا «ماسسا -بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى ماددا سانى»دەپ ئىنىقلىما بېرىلىدۇ.«ماسسىسى 0زەررىچىلەر»دىگەن بۇ گەپ بۇنداق زەررىچىلەرنى «ماددا» كاتىگۇرىيىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇدۇ.
ھىگگىس زەررىچىسىدىن تۆۋەن تۆزۆلۈشكە ئىگە دۇنيادا ماسسا مەۋجۈت ئەمەس،دىگەن بۇ گەپ بۇ دۇنيا بىز ئادەتتە چۈشۈنۈپ كېلىۋاتقان كۈچ -مەيدان ئۇقۇملىرى بىلەن تەسۋىرلەنمەيدۇ،دىگەن يەكۈنگە ئېلىپ بارىدۇ.بۇنداق يەكۆن «ھە»دىگەندىلا شەكىل نەزەريىسىنىڭ قۇلىقىغا خۇش ياققىنى بىلەن،بۇنداق دۇنيانى غەيرى ماددى دۇنيا،دىگەن پەرەزگە باشلايدۇ.بۇ بىر خەتەرلىك پەرەز.بۇيەردە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ مەن ئويلىغان بىر چارىسى، ماسسا ئەسلىدىلا بار بولۇپ،پەقەت ھېككىس زەررىچىسى ياكى مەيدانىغا كەلگەندە ئاندىن ئىپادىلىنىدۇ،دەپ پەرەز قىلىش.بۇنداق قارىغاندىلا نەزەريە جەھەتتىكى زىدىيەتلەردىن خالى بولالايمىز.بۇ گۇيا ھەرىپلەر يەككە ھالدا ھېچقانداق لېكسىكىلىق مەناغا ئىگە بولمىسمۇ،لىكىن ئۇز ئارا بىرىكىپ يىتەرلىك باسقۇچقا يەتكەندە ئاندىن سۇزلۇككە ئايلانغاندەكلا بىر ئىش.
ھىگگىس زەررىچىسىدە كۇزدە تۇتۇلغان ماسسائېغىرلىق كۈچ ماسسىسى.ئىنىرىتسىيىلىك ماسسا ئەمەس.دىمەك بۇ ھالدا بىز ھىگگىس زەررىچىسىدىن مىكرو بولغان زەررىچىلەرنى ھەرگىز ئىنىرىتسىيىلىك ماسسىغا ئىگە ئەمەس دىيەلمەيمىز.بۇنىڭدىن قانداق يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ؟:
يەكۈن شۇكى،ئىنىرىتسىيىلىك ماسسا بىلەن تارتىش كۈچى ماسسسى تەڭ ئەمەس.ھىگگىس زەرىچىسدىن مىكرو بولغان قاتلام ئىنىرىتسىيىلىك ماسسا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۇنيادىن ئىبارەت،ھىگگىس زەررىچىسىنى باشلىنىش قىلغان تارتىش كۈچى ماسسىسى ئىنىرتسىيىلىك ماسسىنىڭ بەلگىلىك شەرىتلەر ئاساسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى «كەشپىياتى»بولۇپ،تارتىش كۈچى ماسسىسى ئىنىرتسىيىلىك ماسسىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنىڭ بىرى.ئىنىرىتسىيىلىك ماسسا كائىنات تارىخىنىڭ ھەرقانداق پەيتىدە ئىزچىل ۋە شەرىتسىز ساقلىنىدۇ ۋە ھەرخىل شەكىللەردە ئىپادىلىنىدۇ.ھالبۇكى تارتىش كۈچى ماسسىسى بولسا بۇنداق ئىزچىل ئەمەس ۋە شەرىتلىك.بىز"ئىنىرىتسىيە"نىڭ ئىنىقلىمىسى مەيدانىدا تۇرۇپ،"ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ"نىڭ ئىنىقلىمىسى مەيدانىدا تۇرۇپ يۇقۇرقى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تامامەن ھەقلىقمىز.
ھىگگىس زەررىچىسىنىڭ تىپىلغانلىغىنىڭ مۇ ئەييەنلەشتۆرىلىشى بىزنىڭ "ماسسا"،"كۈچ"ئۇقۇملىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشىمىزنى،زىدىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئۇستازلارنىڭ،كەسىپ ئىگىلىرنىڭ سەھۋە - خاتالارنى كۇرسۇتۆپ بېرىشىنى،مۇھاكىمە،مۇنازىرىگەقاتنىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
2013.10.5 |