- تىزىملاتقان
- 2013-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-1-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2150
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
ئۆسۈش
5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا doqmush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-8 17:40
hokumran يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 00:40
ھەي ئىسسىت، بەزى ئىنكاسلارغا نېمە دەي ئەمدى.
ئىسسىت نا ...
سىزگە نېمە دېيىشنى بىلمىدىم، كىم غەيۋەت قىلىپتۇ، گەپنىڭ بېشىدىلا غەيۋەت قىلماي، ئىلمىي مۇلاھىزە قىلايلى دەپ ئەسكەرتىلدى، سىزنىڭ خەلق دېگىنىڭىز قايسى خەلق، كۈلگىنى كىم؟ قايسى خەلق، نېمىشقا كۈلدى، قاچانغىچە كۈلدى، كۈلگىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلەمدۇ؟ بۇ يەردە مەرسىيە ئېيتىلىۋاتقان كىشى غۇلجىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن تەبىئىيكى ئىنكاسلارمۇ شۇ نۇقتىدىن يېزىلىۋاتىدۇ. ھەرگىزمۇ پۈتۈن غۇلجا چاقچاقلىرىغا قارىتىلغان قارشى پوزىتسىينى ئىپادىلىمەيدۇ. يۇمۇرستىك بولۇش ياخشى ئىش، ھەممىمىز بىلىمىز يۇمۇرستىك خاراكتېر غۇلجىلىق قېرىنداشلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، لېكىن بەزى ئالاھىدىلىكلەر ئۆز ئورنىنى تاپالمىسا قانداق بولىدۇ؟
مەسىلەن: قاسىم سىدىقكام بىر فىزىكا ھەۋەسكارى، ئىزدەنگۈچى. ناۋادا مەندە فىزىكىغا قىزىقىش بار، تەبئىي پەنگە ئالاقىدار تالانت بار دەپلا ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر بىر شەيئىگە فىزىكا نەزەرىيىسىنى تەتبىقلىسا ياكى فىزىكىدىن دەرس سۆزلەپلا يۈرسە ئۇ چاغدا فىزىكىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ پەن ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالمامدۇ؟ ھەر ئىشنىڭ ئورنى بار، كۈلىدىغان يەردە كۈلگۈلۈك، يىغلايدىغان يەردە يىغلىغۇلۇق... قانداق كۈلۈشنى بىلگەندەك قاچان كۈلۈشنى، قانچىلىك كۈلۈشنى بىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، مەن يەنە تەكىتلەيمەنكى، يۇمۇرۇستىك خاراكتېر ھەقىقەتەن بىر تالانت ئەمما، قەيەردە، قانچىلىك، كىمگە ئىشلىتىش، ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا تەڭشەپ ئىشلىتىش بۇ ماھارەت ... شۇڭا بىزنىڭ بۇ يەردىكى مۇھاكىمە تىمىمىز نوقۇللا ھىسام قۇربان بولۇپ قالماستىن ئومۇمىيۈزلۈك مۇشۇ ساھە كىشىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ... سىزمۇ خەلقنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە باھا بېرەلىگىنىڭىزدەك بىزمۇ خەلقنىڭ بىر تەركىۋى سۈپىتىدە ئېتىراز يەتكۈزەلەيمىز، پىكىر-تەلەپ قاتناشتۇرالايمىز... شۇڭا مەيلى كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئىلمىي، قائىدىلىك مۇنازىرە قىلىڭ، قانداق سۆزلەشنى بىلگەندەك قانداق ئاڭلاشنى، قانداق چۈشىنىشنى بىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم... |
|