- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-7-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1757
- نادىر
- 0
- يازما
- 109
ئۆسۈش
75.7%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-17 13:43
غۇلجا چاقچاقلىرنىڭ ھەممىسى ئۇنداق قارا قۇساقلارچە ئاجىزلارنى مەسخىرە قىلمايدۇ،بۇلۇپمۇ ھىسامكام ۋە ئۇنىڭ غوللۇق شاگىرىتلىرى،ئۇلارنىڭ چاقچاقلىرنىڭ ئارقىسىغا پارىخور ،ئالدامچى،.......قاتارلىقلانى قامچىلايدىغان ئىدىيلەر سىڭگەن.ئۇنداق بولمىغانلىرى بولسا دوراش سەنئىتى ياكى باشقا ئىلمىي بولغان كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلغان.مەرھۇم ھايات ۋاختىدا مىسكىن كۈڭۈللەرگە كۈلكە ئارقىلىق روھى ئۇزۇق بەرگەن ،تەڭرى تاغنىڭ شىمالىدىىن تارتىپ جەنۇبىغىچە ئۇنىڭ لەتىپىلىرى ئېغزدىن -ئېغىزغا كۈچۈپ مىللىتىمىزنىڭ جاپا مۇشەقەتلىرنى ئۇنتۇلدۇردى،غەش كۆڭۈللەرنى ئېرىتتى. ھازىرقى زامان تارىخىدا خەلقىمىز كۆ ڭلىدىن مەرھۇمدەك ئورۇن ئالالىغانلا كۆپ ئەمەس ،مەرھۇمنىڭ ئىز باسارلىنىڭ ئۇستازنىڭ چىرىقىنى ياندۇرشىنى ، مىسكىن كۈڭۈللەرگە ئاز بولسىمۇ روھى ئۇزۇق بىرىشنى داۋاملاشتۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن.مەرھۇمنىڭ نامى ئۇيغۇر خەلقىلا مەۋجۇت بۇلدىكەن مەڭگۈ ئۆچمىگۈسى.مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.
غۇلجىدا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈردىغان ئۆزىنى چاقچاقچى ئاتىۋالغان بىر قىسىم ئادەملەرمۇ بار،بىر جايغا بېرىپ ئىشەكنىڭ سۈيدۈكىنى ئالدىغا تىكلىۋېلىپ،ئاغىزنىڭ شالىسنى ئېقىتپ تۇرۇپ بىر بىرنى ئېغىزغا ئالغۇسىز پاسكىنا گەپلەر بىلەن مەسخىرە قىلىدۇ،ئەيىبىنى باشقىلار ئالدىدا ئاچىدۇ،تېخى ئىزا تارتماستىن ئاشۇ كۆرىنىشلەرنى سىنغا ئېلىپ پىلاستنىكا چىقارغۇزىدۇ،بۇنى ئەلۋەتتە ئائىلىدە،چوڭلار،كىچىكلەر بار يەردە كۆرگىلى بولمايدۇ.بۇلارنى ھەرگىزمۇ تالانتلىق ئادەم،چاقچاقچى دىگىلى بولمايدۇ،باشقا بىر مىللەت ئۇلارنىڭ مۇشۇ تېتىقسىز نەرسىلىرنى كۆرسە ئۇيغۇر نىڭ يۈزى چۈشىدۇ،ئۇلار پەقەت ھىسامكام ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى غۇلجا دىيارىدىن بۇلۇپ قالغاچقا ئۇلارنىڭ نامىنى سايە قىلىپ ئۆزىنى چاقچاقچى ئاتىۋالغانلار خالاس.ئۇلار غۇلجا چاقچاقلىرىغا ھەرگزمۇ ۋەكىل بۇلالمايدۇ. |
|