قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4644|ئىنكاس: 89
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قاسىم سىدىق:سېستىما تۆزۆلىشى،ھەركەت شەكىللىرى،مۇلاھىزىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   99.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2597
تۆھپە : 12930
توردىكى ۋاقتى: 6380
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 10:02:34 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
سېستىما تۈزۈلىشى،ھەركەت شەكىللىرى،ئەركىن
مۇلاھىزىلەر
___ مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئالەم ۋە ئالاقىدار بىلىش،ئىپادىلەش مىتوتلىرى

ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
    مەن بۇ تېمىدا«ئېن»دنى يادىرۇ قىلغان ماددى مەۋجۈتلۇقىنىڭ ھەر خىل تۈزۈلۈشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۈپ ھەركەت شەكلى ئۈستىدىكى قاراشلىرىمنى،كېڭىيىپ- تارىيىپ ئىزچىل دەۋرى قىلىدىغان "فىزىكىلىق ئالەم" ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى چامىمنىڭ يېتىشىچە ئىخچام ۋە چۈشۈنۈشلۈك بايان قىلىشقا تىرىشىمەن.مەخسۇس كەسىپ ئەھلى بولمىغانلىقىم ئۈچۈن سەھۋە-خاتالارغا يول قويۇپ قۇيۇشتىن ساقلانمىقىم قىيىن،ئۇستازلارنىڭ ،دۇسىتلارنىڭ سەھۋە -خاتالىقلارنى كۆرسۈتۈپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

1.سېستىما تۈزۈلىشى

     شەكىل نەزەريىسىدە «فىزىكىلىق ئالەم»دىكى تۈزۈلۈشكە ئىگە زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ھەممىسى تۈزۈلۈشكە ئىگە بولمىغان،ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچەلەر نىڭ پۈتۈن سان ھەسسىلىگى بۇيىچە تۈزۈلگەن بولىدۇ.دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق ماددى ئالەمنى بەرپا قىلغۇچى ئىلىمىنتار زەررىچىگە ئېينىشتېيىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن«ئېن»دەپ نام بېرىلگەن.بۇنداق ئېنلارنىڭ ئالەمدىكى سانى چەكلىك بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەجىمىنىڭ يىغىندىسى پۈتۈن ئالەمدىكى ماسسا - ئىنىرگىيىسىنىڭ ھەجىمىنى،يەنى "مۇتلەق ھەجىم"ىنى كۆرستىدۇ.بۇ بىر تۇراقلىق مىقدار."ئېن"لارغا ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى بارلىق مىقدارلار تەقسىملەنگەن بولۇپ،ئېنلار بۇ ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى مىقدارلارنىڭ ئىلىمىنتار بىرلىكلىرىدىن ئىبارەت.


     يۇقارقى رەسىم بىزدە "ئېن"ۋە ئۇنىڭدىن تۈزۈلگەن زەررىچە ۋە جىسىملار ھە ققىدە ئوبرازلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىدۇ.بۇ ھەقتە تېخىمۇ كەڭرەك چۈشەنچە ھاسىل قىلماقچى بولسىڭىز مىنىڭ«ئىلىمىنتار شەكىل»،«ھاسىلى شەكىل»...قاتارلىقلار_ دىگەن بۇ يازمامنى كۇرسىڭىز بولىدۇ.
     يۇقارقى سۈرەت پەقەت ماددى ئالەمنىڭ «ئېن»دىنى تۈزۈلىدىغانلىغىنىلا چۈشەندۈرۈش زۈرۈرىيىتىدىن  سىزىلغان ،كونكىرىت،ئەمىلى تۈزۈلۈش ۋە شەكىللەر ھەققىدە ئايرىم توختۇلۇشقا توغرا كىلىدۇ.«ئېىن» ھېچقاچان يۇقۇردىكى سۈرەتتىكىدەك،بىر -بىرىگە ئۇرۇنغان ھالەتتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرالمايدۇ،سەۋەبى ئۇلارنىڭ بۇلۇڭلۇق ۋە سىزىقلىق ھەركەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن مۇئەييەن ئارىلىق كىرەك بولىدۇ.«ئېن»لارنىڭ سوقۇلىشى ئىنتايىن قىسقا بىر پەيىتلىك جەريان،ئەلۋەتتە.ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭ پارتىلاشنى مۇشۇنداق ئېنلارنىڭ سوقۇلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.



"ئىلىم -پەن "تورىدا بۈگۈن ئېلان قىلىغان خەۋەر:ئىلىكتىرونلوق مىكراسكوپتا كۈزىتىلگەن ئەينەك ئاتوملىرىنىڭ تىزىلىشى





图3:这是81年前威廉-霍尔德-扎查里森描绘的玻璃结构,图中红色圆点是氧原子,黄色圆点是硅原子

بۇ بىر يىل ئىلگىرى بىرەيلەن تەسۋىرلىگەن ئەينەكنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدىكى تەسۋىرى رەسىىم ئىكەن.

          شەكىل نەزەريىسىدە ھەقىقى مەنىدىكى ئىچكى تۆزۆلۆشكە ئىگە بولمىغان ۋە ئەسلا پارچىلانمايدىغان ئىلىمىنتار زەررىچە _""ئېن"نىڭ ئۈچ تۆرى بار،دەپ قارىلىدۇ.ئۇلار مۇسبەت زەرەتلىك ئېن،مەنفى زەرەتلىك ئېن ۋە زەرەتسىز،نىترال ئېندىن ئىبارەت.ئۇلارنى بىزمودىل تۇرغۇزۇشتا ئايرىم -ئايرىم ھالدا 3 رەڭ بىلەن ئىپادىلىسەك بولىدۇ.


     ھازىرقى زامان فىزىكىسى ئوخشاش زەرەتلەر تېپىشىدۇ،ئوخشىمىغانلىرى تارتىشىدۇ،دەپ قارايدۇ.بۇنداق قاراشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىنسا شەرىتلىك ئىكەنلىگى ئاشكارە بولىدۇ،مۇتلەقلەشتۈرۈلسەتەنقىتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.پەقەت زەرەت مىقدارى بەلگىلىك چەككە يەتكەن ھالدىلا يۇقۇرقىچە ئۈنۈم كۇرىنىدۇ.مىنىڭ بۇنداق دىيىشىمگە يېقىندا بايقالغان ئوخشاش زەرەتلەرنىڭ تىپىشماي،ئەكسىچە تارتىشقانلىغى ھەققىدىكى تەتقىقات ئىلھام بېرىدۇ.بۇ تەتقىقات ۋە كۇزىتىشتە دىيىلىشىچە يىتەرلىك يېقىن ئارىلىقتا ئوخشاش زەرەتلەرمۇ تارتىشىدىكەن.

«ئېن»نىڭ 3 تۈرى بار دىگەن ئىدىيەنىڭ ئۈچ ئاساسى:
1.مۇبادا مەنفى،مۇسبەت ئىككى خىللا «ئېن»بار دەپ قارالسا ،نىترال دۇنيانىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.
2.مۇسبەت،مەنفى ئىنلار بىرىكىپ مەنفىنى شەكىللەندۈرىدۇ،دىيىلسە،بىر مۇنچە نەزەريىۋى ۋە ئەمەلى مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.مەسىلەن،ئۇلار قانداق ئايرىلغان؟.
3.مىسال ئۈچۈن بولسىمۇ، ھاسىلى شەكىللەرنىڭ زەرەتلىك بولۇش خۇسۇسىيىتىنى تورغۇزغىلى بولمايدۇ.مەسىلەن باراۋەر زەرەتلەردىن تۈزۈلگەن سېستىما بىر سېستىما بار،دەپ پەرەز قىلساق ئۇ پەقەت نىترال سېستىما بولىدۇ،بۇنداقتا ئالەم پەقەت نىترال ئالەمگىلا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۇ تېمىنىڭ سەھپە چەكلىمىسىنى كۆزدە تۇتۇپ،كونكىرىت مەسىلىلەرنى ۋە «بوۋاق»زەرەت قاتارلىق يېڭى ئۇقۇملارنى ئايرىم تېمىدا بايان قىلمەن.

2.ھەركەت شەكلى

     تۆۋەندىكى رەسمدىكى قىزىل سىتىرىلكىنىڭ سول تەرىپىدىكى سىفرال ياي 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ نۇرغۇن سىرلىرىنى بىزگە دەپ بېرىدۇ،مەن نۇرنىڭ ئىزىدىن دەل مانا مۇشۇنداق  سىفراللاردىن تۈزۈلگەن يايغا ئىرىشتىم.
         29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىسى ئۈچۈن ئازبولمىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن مۇھاكىمە ئەپەندىم سىفرال ھالەتكىلا دىققەت قىلىپ،ياي ھالىتىگە دىققەت قىلمىغاندەك قىلىدۇ.بۇ سىفرال تەركىپلىگۈچىلەرمۇ 29-تىئورمىنى قانا ئەتلەندۈرىدۇ،لىكىن ،مۇكەممەل ئەمەس.مۇھاكىمە ئەپەندىم "پەقەت بىر دولقۇن ئۇزۇنلىغى دائىرىسىدە 29-تىئورمىچە ئېغىش بار"دىگەندەك قىلدى.ماھىيەتتە بۇ سىفرال ھالەتلەر بىر پۆتۆن ياينىڭ تەركىپلىگۈچىلىرىدىن ئىبارەت.بۇ سىفراللار نىڭ ئۇزىمۇ 29-تىئورمىنى قوللايدۇ،لىكىن29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق تەسۋىرىدە ئاۋۇ يايمۇ بىرلىكتە نەزەرگە ئىلىنمىسا ھەرگىز بولمايدۇ.،چۈنكى سىفراللاردىن تۈزۈلگەن بۇنداق يايسىمان ھالەت بولمىسا شەكىل نەزەريىسى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ.بىز بۇنداق ھەركەت شەكىللىرىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ،ئويلىمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۆرەلەيمىز.مەن ماي قەلەمنى ئۇچ قىلىپ ئۆزەم ياسىۋالغان نۇر(پىقىرىغۇچ)نى ئاق قەغەز ئۈستىدە ئويناپ يۈرۈپ  بىرمۇنچە موھىم نەرسىلەرنى بايقىدىم ۋە ئىلھامغا ئىرىشتىم.

يۇقۇرقى رەسىمدە ئوقىدا ئايلىنىپ سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتقان دىسكىنىڭ ئايلىنىش يۆنۈلىشى تەرەپكە ئېغىشى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتكەندىن باشقا بۇنداق ئېغىشنىڭ سەۋەپلىرىمۇ چۈشەندۆرۆلگەن.



         يۇقارقى رەسىم سول تەرەپتىكى سىفرال تەركىپلىگۈچلەردىن تۈزۈلگەن ياي،بىكھامچە توپنىڭ سىرلىرىنى بىزگە دەپ بىرىدۇ.بۇندىن باشقابۇ ياي ئوتتۇرىدىكى مېڭىپ بىرىپ قۇلۇلە قىپىسىمان ئويۇغان بۇ نۇرئىزىنىڭ بىر بۇلىكى دەپ قارىساق بولىدۇ.ئوتتۇرىدىكى نۇرنىڭ ئۇيغىچە بولغان بىر پۈتۈن جەريانى 41-تىئورمىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ بەرسە،سول تەرەپتىكى سىفرال تەركىپلىگۆچلەردىن شەكىللەنگەن ياي ئوتتۇرىدىكى نۇرئىزلىرىنىڭ بىر بولىكى بولۇش بىلەن بىرگە 29-تىئورمىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  مەن ئۈلۈشكۈن،يەنى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامرىكا جەرەن جىلغا ئونېۋېرىستىتىنىڭ مۇدىرى ،پىروپىسۇر «تاشپولات روزى مۇئەللىمگە قالدۇرغان ئىنكاس»قا مانا  تۆۋەندىكى بۇ رەسىمنىمۇ قىستۇروپ قويغان ئىدىم .بۇ رەسىم بىلەن،ئۇيغۇن ئەپەندى سىزغان نور ئويناۋاتقان يۇقۇردىكى رەسىمدىكى سىفرال سىزىقلارنىڭ ئوخشۇشۇپ كىتىدىغىنىنى تورداشلار قاراپلا ھېس قىلالايدۇ.

ئالىملار زەررىچە سۇقۇشتۇرۇش ئارقىلىق چوڭ پارتىلاشنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى نامايەن قىلدى
科学家用粒子碰撞重现宇宙大爆炸壮观景象

 

当这些粒子在一个温度低于零下271摄氏度的真空环境下发生撞击时,它们产生了非常壮观的光影展、许多热量和形状复杂的运动模式



      يەرشارى ئوقىدا ھەركۈنى  بىرقىتىم ئايلىنىپ ئوربىتىسىدا ئەنەشۇنداق بىردانەسىفرال تەركىپلىگۈچنىڭ ئىزىنى قالدۇرىدۇ. ئەنە شۇنداق سىفرال ئىزلاردىن يىلدا 365دانىسى قالىدۇ،يەرشارىنىڭ قوياشنى ئايلىنىشىدىن بولسا ياي ئىزى قالىدۇ.،فۇتونمۇ ئوخشاشلا شەكىللەرنى قالدۇرىدۇ."دولقۇن"ماھىيەتتە ئەنە شۇنداق سىفرال ئىزدىن ئىبارەت.فۇتۇن بولسا ئىزچىل ھالدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىپ ياي ياسايدۇ.

     قوياش ئەزالىرىنى يىتلەپ سامان يولى سىستىمىسىنى ئايلىنىپ يەنە شۇنداق ئوخشاش ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.سامان يولى سىستىمىسى سىزىقلىق ھەركەتكە ئىگە بولسىلا ئومۇ ئوخشاشلا ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.ئالەمنىڭ كېڭىيىش-تارىيىش،دەۋرى قىلىش جەريانلىرىنى مانا مۇشۇنداق تۈپ ئىككى ھەركەت شەكلىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.مانا مۇشۇنداق ھەركەت شەكلى بولغاندىلا دەۋرى ئالەم مۇدىلىغا ئىرىشكىلى،ساقلىنىش قانۇنلىرىنىڭ مەڭگۈ ئورۇنلۇقلىغىنى قانائەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.كېڭەيگەنچە زىچلىق كېمىيىپ،فىزىكىلىق ئالەمنىڭ دىيامىتىرى ئۇزۇرايدۇ،تارايغانچە زىچلىق ئارتىپ دىيامىتىرى قىسقىرايدۇ.كېڭىيىشكە سىزىقلىق ھەركەت مىقدارىنىڭ ئارتىپ،بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىنىڭ كېمىيىشى سەۋەپ بولسا،تارىيىشقا بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىنىڭ ئارتىپ سىزىقلىق ھەركەت مىقدارىنىڭ كېمىيىشى سەۋەپ بولىدۇ.

بۇ ئىككى خىل ھەركەت شەكلى (سىفرال ۋە ياي) __ "ئېن"دىن تارتىپ پۈتكۈل "فىزىكىلىق ئالەم"نىڭ تۈپ ھەركەت شەكلى.

3.مىتوت

        فۇتۇننىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىغىدىن پايدىلىنىپ  ئۇنىڭ ئومومى مۇساپىدە قانچە دانە سىفرال ئىز ياسىغانلىغىنى ھېساپلاپ چىقارغىلى بولىدۇ.يەرشارى قاتارلىقلارنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ سىلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق فۇتۇن قاتارلىق مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭ ھەجىمىنى تاپقىلى بولىدۇ.مەيلى مىكرۇ زەررىچىلەرياكى ماكرۇ جىسىملار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەجىملىرى ئۇلارنىڭ ماكاندا قالدۇرىدىغان يايلىرىنىڭ كەڭلىگىنى بىزگە دەپ بىرىدۇ.ئىلىكتىروننىڭ ھەجىمى بىرىلگەن،ئۇنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىغى سىفرال ئىزى،قالدۇرغان ياي قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ سىلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەجىمى بىرىلمىگەن زەررىچىلەرنىڭ ھەجىمىنى تاپقىلى بولىدۇ.بۇ ئۇسۇللار شەكىل نەزەريىسىنىڭ "قاپلاش"ئۇقۇمى ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىك.

       قوياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلارنىڭ بىرقىتىملىق قوياشنى ئايلىنىپ چىقىش جەريانىدا قانچە دانە سىفرال قالدۇرىدىغانلىغىغا دىققەت قىلىش كىرەك.دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئۆزگەرمىدى دىگەن شەرىت ئاستىدا سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق مۇشۇ سىفرال سانىنىڭ مىقدارى تۇراقلىق بولسا پىلانىتلار قوياش بىلەن مۇقىم ئارىلىقنى ساقلاۋىتىپتۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ،كېمەيسە قوياشقا يىقىنلاۋىتىپتۇ،دىسەك بولىدۇ،ئارتىپ كەتسە قوياشتىن يىراقلاۋىتىپتۇ،دەپ قارىساق بولىدۇ.ھەربىر دولقۇن مىقدارىنىڭ كېمىيىشى قوياشقا يىقىنلاشقانلىقتىن ،ئارتىشى يىراقلاشقانلىقتىن دىرەك بىرىدۇ.مۇقىم بولسا قوياش بىلەن بولغان ئارىلىق ئۆزگەرمىدى ،تۇراقلىق دەپ قاراش كىرەك.بىر قىتىملىق دەۋرىلىكتە قالدۇرغان سىفرال ئىزنىڭ سانى پۈتۈن سان ھەسسىلىگى بۇيىچە بولمىسا ۋە بۇنداق ھالەت تۇراقلىق بولمىسا بۇپىلانىت قوياشتىن يىراقلىشىۋاتقان ياكى يېقىنلىشىۋاتقان بولىدۇ.مەنپى تەرەپكە قاراپ سۈرۈلسە يېقىنلىشىۋاتقان،مۇسبەت تەرەپكە قاراپ سۈرۈلسە قوياشتىن يېراقلىشىۋاتقان بولىدۇ.زەررىچە ياكى جىسىملارنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى قىسقىراپ كەتسە بۇ ھال زەررىچە ياكى جىسىملارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكىنىڭ ئاشقانلىغىدىن ،دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئۇزۇراپ كەتسە  كېمەيگەنلىگىدىن دىرەك بېرىدۇ.باشقىچە ئىتقاندا دولقۇن ئۇزۇنلۇغى قىسقا زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى يۇقۇرى،دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئۇزۇن زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى ئاستا دەپ قاراش كىرەك.بۇ خىل ھېساپلاش ئۇسۇلىنى "ئېن"دىن تارتىپ پۈتكۈل فىزىكىلىق ئالەمگە قوللۇنۇپ ،نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ.بۇ تەشەببۇس ۋە ئىدىيەلەر بىلەن دوپلىر ئىففىكىتىنىڭ مۇناسىۋىتى بار- يوقلىغىنى ،مۇناسىۋىتى بولسا قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى ئويلۇشۇش كېرەك.
        ئادەتتە دولقۇن ئۇزۇنلۇغى ئىككى دولقۇن چوققىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ تۈز سىزىقلىق مىقدارى دەپ قارىلىدۇ.بىز ئىككى دولقۇن ئويمىنى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىمۇ دولقۇن ئۇزۇنلىغى،دەپ قارىماسلىققا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق.بىز بۇلارنى دولقۇن ئۈستى ئوزۇنلىغى،دولقۇن ئاستى ئوزۇنلىغى،دەپ ئاتاپ پەرىقلەندۈرسەكمۇ بولىدۇ.ئەسكەرتىش كېرەككى،مەيلى قايسى دولقۇن ئۇزۇنلىغى بولسۇن،ئۇ ھەرگىز شۇ دولقۇننى شەكىللەندۈرگەن زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ ئەمىلى تىرايىكتۇرىيىسى ئەمەس،پەقەت،ئۇ ئىككى دولقۇن چوققىسى ئارىلىقنىڭ مىقدارىنى تۈز سىزىقلىق ھالەتتە ئۆلچەش،بىلىش،ئىپادىلەشنىڭ بىر قورالىدىن ئىبارەت.ئەمەلى،رىيال زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ئىزى بولسا تەكشىلىكتە سىنوس ئەگرى سىزىغى ،بوشلۇقتا سىفرال ھالەتتە بولىدۇ.
      دولقۇننىڭ ئاستى،ئۆستى ئوزۇنلۇقلىرىنىڭ مىقدارى تەڭ،سىممىتىرىك بولمىسا بۇنداق دۇلقۇن شەكلىدە ھەركەت قىلىدىغان زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ھەركىتى ئەسلا تۈز سىزىقلىق ھەركەت بولمايدۇ،بۇنداق زەررىچە ياكى جىسىم ھامان دولقۇن ئۇزۇنلىغى قىسقا تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.مانا بۇ 29-41-تىئورمىلارنىڭ لوگىكىلىق ئاساسلىرىنىڭ بىرى.

ئەمدى ئاستى -ئۈستى دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرى باپ -باراۋەر بولسا  قانداق بولىدۇ؟
      بۇ ھالدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكى سېنوس ئەگرى سىزىقىنى،زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ بوشلۇقتا قالدۇرغان ئىزىنىڭ تەكشىلىكتىكى ئىپادىسى دەپ قارىساق تەركىپلىگۈچىلىرى ئەگرى سىزىقلاردىن شەكىللەنگەن سىلىندىر سىفرالى ھاسىل بولىدۇ:


ئەسكەرتىش:باشقا مەنبەدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن رەسىم.ئاستى-ئۈستى دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرى باراۋەر دەپ چۈشۈنۈڭ..

     يۇقۇرقىدەك ھەركەت شەكلىنىڭ ئۆمرى ۋە مۇمكىنلىك دەرىجىسى زادى قانچىلىك،بۇ ئەستايىدىل ئويلونۇشقا تېگىشلىك نۇقتا. كىچىككىنە بىر تەسىرمۇ بۇنداق شەكلدە ھەركەت قىلىۋاتقان زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ئاستى -ئۆستى دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرىنىڭ سىممىتىرىكلىگىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.بۇنىڭ بىلەنلا قالماي29-تىئورمىچە ئېغىش ئىزچىل سېلىندىر سىفرالى بولۇشقا يول قويمايدۇ،يەنى بۇنداق ئېغىش يۇقۇرقىچە ھالەتنى شەرىتلىرىگە ئاساسەن بىر پۈتۈنلۈكتە دەۋرى كونۇس سىفرالى ھالەتتە داۋام قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

       بۇنىڭدىن باشقا ئاستى- ئۆستى دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرى باراۋەر،سىممىتىرىك بولغان يۇقۇرقىچە دولقۇنلارنىڭ ئۆزىمۇ ھەر بىر كونكىرىتلىقتائوخشاشلا 29-تىئورمىچە ئېغىشنى قانائەتلەندۆرگەن ،ئىپادىلىگەن بولىدۇ.

    يۇقۇرقى سىلىندىر سىفرالى زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ ئايلىنىش ئوقى بىلەن،سىزىقلىق ھەركەت يۆنۆلىشى بىر سىزىق ئۆستىدە ئىزچىل ياتقانلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.بۇنداق ئىزچىللىق بۇنداق سىفرالنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ.ئۇنىڭ ئۆستىگە بۇ خىل ھەركەت شەكلىنى ساقلاش ئۈچۈن بۇلۇڭلۇق تىزلىك بىلەن سىزىقلىق تىزلىك قەتئى ئۇزگەرمەسلىكى كېرەك.كۇرۇۋىلىشقا بولىدۇكى."تۈز"لۆكنىڭ شەرىت ۋە كۈشەندىلىرى مانا مۇشۇنداق كۆپ.

       41-تىئورمىدىن مەلۈمكى،سىزىقلىق تىزلىك ئېشىپ بارغانچە،بۇلۇڭلۇق تىزلىك كېمىيىپ بارىدۇ،بۇنىڭ مۇقەررەرنەتىجىسى كونۇس سىفرالىدىن ئىبارەت.بۇلۇڭلۇق تىزلىك ئاشقانچە سىزىقلىق تىزلىك كېمىيىپ بارىدۇ،بۇنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىمۇ كونۇس سىفرالى.پەرقى شۇكى،ئالدىدىكىسىنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشى كونۇسنىڭ چۇققىسىدىن ئاساسىغا قاراپ يۆنەلگەن بولسا،كەينىدىكىسىنىڭ كونۇس ئاساسىدىن كونۇس چوققىسىغا قاراپ يۆنەلگەن بولىدۇ.
    2009-يىلى 12-ئايدا نورۋىگىيە ئاسمىنىدا كۇرۇلگەن غەلىتە يورۇقلۇق ھادىسىسىنىڭ سۇرىتىدىن بۇ تەشەببۇسلارنى ئوبرازلىق چۈشەندۆرۈشتە پايدىلىنىشقا بولىدۇ.تۇۋەندىكىسى شۇ سۈرەت بولۇپ،ئاق رەڭلىك يورۇقلۇق سىفرالىنى كونۇس چوققىسىدىن كونۇس ئاساسىغا قاراپ يۆزلەنگەن سىفرال،ئاق رەڭلىك كونۇس سىفرالى مەركىزىدىن قويۇپ بىرىلگەن يىشىل رەڭلىك سىفرالنى كونۇس ئاساسىدىن كونۇس چۇققىسىغا قاراپ سىلجىلۋاتقان سىفرال،دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.


رەسىمدىكى يىشىل سىفرال يوروقلۇق دەستىسى ئاۋۇ  قاينامىسىمان يورۇقلوق مەركىزىدىن چىقىدىكەن.ھەر ئىككىسى كونۇس سىفرالى،لىكىن يۆنىلىشى ئوخشىمايدۇ.

http://tech.sina.com.cn/d/2009-12-11/08083669286.shtml

    بىز شەكىل نەزەريىسىنىڭ 41-تىئورمىسىدىن پايدىلىنىپ يۇقۇردىكى ئاق رەڭلىك سىفرالنى بۇلۇڭلۇق تىزلىك تەدرىجى كېمىيىپ،سىزىقلىق تىزلىك تەدرىجى ئاشقانلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ چۈشەندۈرسەك،يىشىل سىفرالنى بۇلۇڭلۇق تىزلىك تەدرىجى ئېشىپ ،سىزىقلىق تىزلىك تەدرىجى كېمەيگەنلىكنىڭ نەتىجىسى دەپ چۈشەندۈرەلەيمىز.

        بۇ تەشەببۇسنى ئوبرازلىق چۈشىنىش ئۈچۈن قۇيۇننى مىسالغا ئالساقمۇ بولىدۇ.مەيلى قۇرۇقلۇقتا ياكى سۇ يۇزىدە مەيدانغا كەلگەن قۇيۇن بولسۇن،ئۇنىڭ ئومۇمى شەكلىنىڭ كونۇس سىفرالى ئىكەنلىگى ھەممىمىزگە ئايان.قۇيۇن تەركىۋىدە يۇقۇرى كۇتۇرۇلىگەن زەررىچە ياكى كۇرۇنىدىغان جىسىملارنىڭ ئايلىنىش ئوقىنىڭ قۇيۇننىڭ يۇقۇرىغا يۇزلەنگەن يۇنىلىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى بايقايمىز ياكى پەرەز قىلالايمىز.
      قۇيۇننىڭ يەر ياكى سۇ يۆزىدىكى قىسمىنىڭ ئايلىنىش تىزلىكى ھەرقاچان ،ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۇستىدىكى قىسمىنىڭ ئايلىنىش تىزلىكىدىن يۇقۇرى بولىدىغانلىغىنى كۇرۇپ ئالماق تەس ئەمەس.مۇبادا ئايلىنىش تىزلىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردا باراۋەر بولغان بولسا،قۇيۇن كونۇسسىمان ئەمەس،سىلىندىرسىمان بۇلارئىدى.

            


بىز يۇقۇرقى ئۇقۇم ،ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ھەركەت شەكلى ۋەئۇنىڭ سەۋەپلىرىگە ئالاقىدار ئاز بولىغان فىزىماتلىق ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيمىز.ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمىز.



4.مۇھاكىمە

            ئېھتىمال بەزىلەر «تۈز سىزىقلىق ھەركەت زادىلا مەۋجۈت ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن.بۇنىڭ توغرا جاۋابى،بىزنىڭ تۈز سىزىققا نىمە دەپ ئىنىقلىما بىرىشىمىز ۋە بۇ ئىنىقلىمنى فىزىكىلىق،خىمىيىلىك،بىئولۇگىيىلىك رىياللىقلارنىڭ قانچىلىك قوللىشىغا باغلىق.نوقۇل ماتىماتىكىلىق مەنىدىكى «تۈز سىزىق»بىلەن ،ئوبىكتىپ تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈز سىزىقنىڭ پەرقى بار.ئېۋكىلىتنىڭ تۇز سىزىغىنى بىز ئادەتتە بىر ئۆلچەملىك رىياللىق دەپ قارايمىز.لىكىن،ئوبىكتىپ ماددى ئالەمدە بىر ئۆلچەملىك رىياللىق مەۋجۈت ئەمەس،«نۇقتا»غا نىسبەتەنمۇ دەل شۇنداق.ھەرقانداق فىزىكىلىق مەناغا ئىگە نۇقتا ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ.باشقىچە ئىتساق ھەرقانداق زەررىچە ۋە جىسىم ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ.ئۈچ ئۆلچەملىك رىياللىقنىڭ بوشلۇقتا قالدۇرىدىغان ئىزىمۇ(ھەركەت شەكلىمۇ) تەبىئى ۋە مۇقەررەر ھالدا ئۈچ ئولچەملىك بولىدۇ.نوقۇل ماتىماتىكىلىق مەناغا ئىگە تۇزسىزىق چەكسىز بولىدۇ ،دەپ قارىلىشىدىن قەتئى نەزەر،فىزىكىلىق مەنەغا ئىگەئاتالمىش «تۈز سىزىق»مەۋجۈت بولمايدۇ.بىردانە سىلىندىرنى ئالساق ،ماتىماتىكا بۇ بىردانە سىلىندىرنى «چەكسىز»ئۇزۇن دەپ پەرەز قىلالايدۇ،فىزىكا ھەرگىز بۇنداق پەرەز قىلمايدۇ ۋەقىلالمايدۇ.چۈنكى فىزىكا ساقلىنىش قانۇنلىرىنىڭ،تۇراقلىق مىقدارلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.زەررىچە ۋە جىسىملار ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەر(ئېن)دىن تۈزۈلگەن،ئالەمدىكى ئېن سانى چەكلىك بولىدۇ،دەپ قارايدىغان تەپەككۆر،ئاتالمىش چەكسىز ئۇزۇنلۇقتىكى سىلىندىرنىڭ مەۋجۈت بولىشىغا ياكى بۇنداق سىلىندىرنىڭ چەكسىز داۋاملىشىشىغا يول قويمايدۇ.سەۋەپ:

1. چەكلىك ئېن سانى چەكسىز سىلىندىر ياساشقا يەتمەيدۇ.
2.تۈز سىزىقلىق ھەركەت تۈزۈلۈشكە ئىگە زەررىچە ۋە جىسىملار نىڭ شەكىللىنىشىگە يول قويمايدۇ.ھالبۇكى،بىز ۋە بۇنداق جىسىملار مەۋجۈت بولۇپ تورۇپتۇق.
3.چەكسىز ئېن مەۋجۈت دەپ قارالسا،بۇھالدا ھەركەتنىڭ تاشقى شەرتى - سەھنىسى بولغان ماكان غايىپ بولىدۇ،ھەركەت مۇمكىن بولمايدۇ.كۋانىت نەزەريىسى قوۇرۇق گەپ بولىدۇ.چەكسىز زىچلىق سەۋەبىدىن ھاياتلىق ۋە يەككىلىك ئەسلا مەۋجۈت بولمايدۇ.

يۇقۇرقى ئۈچ مەنتىقى يەكۈندىن بىز فىزىكىلىق ھەركەتنىڭ ئۆزى تۈپ خارەكتىر جەھەتتىن ئەگرى بولىدىغانلىغىنى پەرەز قىلالايمىز.

    ماكان ئەگرى شۇ سەۋەپتىن ھەركەت ئەگرى ،دەپ قارايدىغان ئىدىيە ئالەمنىڭ كېىڭيىشىگە يول قويمايدۇ.شۇڭا ئېينىشتېيىن ئەينى ۋاقىتتا تۇرغۇن ئالەم مودىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ ھوببىلى ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىغىنى بايقاشتىن بۇرۇنقى ئىشلار بولۇپ،مىنىڭ قارىشىمچە ماكان ئەگرى ئىدىيىسىدىن ھوببىلىنىڭ ئىختىراسىدىن كىيىنلا ۋاز كېچىش كېرەك ئىدى.ھالبۇكى ئىنسانىيەت ھازىرغىچە «زامان -ماكان ئەگرى»دىگەن بۇ ئېزىتقۇ سارىيىدا ئېزىپ يۆرمەكتە.


پايدىلانمىلار:





2013.9.16

66

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   99.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2597
تۆھپە : 12930
توردىكى ۋاقتى: 6380
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 18:24:23 |ئايرىم كۆرۈش

ھازىر ئالەم قاينامىسىمان ھەركەت قىلىدۇ،دەيدىغان قاراش خېلى ئومۇمىلاشقان قاراشقا ئايلاندى.بۇنداق قاينامىسىمان ھەركەتنى شەكىللەندۆرۆشتە 29-41-تىئورمچە ئېغىش كەم بولسا بولمايدۇ.
*تۇۋەندىكسى ،ياپۇنىيە،جۇڭگۇ ئالىملىرىنىڭ،ئالەم نۇرلىرىنىڭ سامان يولىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغانلىغى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ خەۋىرىكەن.

*


يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   99.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2597
تۆھپە : 12930
توردىكى ۋاقتى: 6380
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 18:57:28 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-6 19:11  

سامان يولى سېستىمىسى ئوقىدا 254كىلومىتىر سىكونىت تىزلىكتە ئايلىنىدىكەن،ئالاقىدار خەۋەر مانا:
*
*
但最新一项研究发现彻底颠覆了这种看法,因为实际情况是银河系比仙女座星系更大、更重、旋转速度更快。初步研究表明:银河系的旋转速度比以前预计的更快,以前认为是220公里/秒,现在估计约254公里/秒
*

http://chro.cpst.net.cn/xxkd/2010_05/273387611.html
*
*مۇشۇنداق تىزلىكتە ئايلانغان سېستىما يەنە سىزىقلىق ھەركەتمۇ قىلسا ئۇنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغمىغىنىنى بىر كۇرەي!.

66

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   99.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2597
تۆھپە : 12930
توردىكى ۋاقتى: 6380
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 19:26:16 |ئايرىم كۆرۈش
سامان يولى سېستىمىسى يەنە 600كىلومىتىر سىكونىت تىزلىك بىلەن قۇشنا سېستىمىلارغا نىسبەتەن سىزىقلىق ھەركەت قىلىپ يۆتكىلىدىكەن.
*
*
许多天文学家相信银河以每秒600公里的速度相对于邻近被观测到的星系在运动

http://zh.wikipedia.org/wiki/%E9 ... 4.E9.80.9F.E5.BA.A6
*

سامان يولى سېستىمىسىنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يونىلىشى بىلەن ئايلىنىش ئوقى بىر تۆز سىزىق ئۆستىدە ياتمىسا،ئونىڭ ئۇزىنى ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغمىغىنىنى بىر كۇرەي!.

7

تېما

3

دوست

4923

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1377
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 20:12:56 |ئايرىم كۆرۈش
بىر كۆرەي ناملىق شېئىر يېزىۋاتامسىز نېمە ؟ قاسمكامنىڭ ئىلىم پەن،ئۇچۇر خەۋەرلىرى بىلەن بىزلەرنى خەۋەرلەندۇرۇپ تۇرغانلىقىغا كۆپلەپ رەھمەت ئېيتمەن.

7

تېما

3

دوست

4923

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1377
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
6#
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 20:31:52 |ئايرىم كۆرۈش
يىڭى كۆز قاراش،يېڭى ئىديىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلنشىغا ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىكەن، ھىگگىس زەرىچىلىرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتىلنشى يېرىم ئەسردىن كېيىن بولغانلىقىدەك  تالاي  كېچىكىش لەر بىزگە ئالىملارنىڭ خۇددى نىيۇتون ئيېتقاندەك باشقىلارنىڭ مۈرىسگە دەسسەپ يىراقنى كۆرۇپ  تۇرالغانلىقىدەك سەۋرلىك ۋە دانالىقىنى تېخىمۇ روشەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيسى ۋە ئۇنىڭ بىر يۈرۈش ئىدىيە كۆز قاراشلىرنىڭ
ئۇيغۇر ئالىمىدە چۈشنشمەسلىككە يولۇقسىمۇ لىكىن ئىلىم پەنننىڭ دۆلەت مىللەت چىگىرسى بولمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەت ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنشى كېرەكلىكىنى ئۇنىڭ فىزىكا ساھەسدىكى باشلىغان يولنىڭ ئەمدىلاتىن ئېچىلۋاتقانلىقىنى بۇ يولنىڭ خۇددى ئۇ ئۇمىد قىلغاندەك ھازىرقى ۋە كەلگۈسدىكى ياشلارنىڭ مېڭشنى كۈتمەكتە.
زامان تەرەققىياتىغا باقمىغان ئىجتمائىي سېستملىق ئىلىم پەن كۆز قارشى ئۇزاقتىن ھۆكۈم سۈرگەن،ھېسسى،شېئىرى بىلشكە كۈنۈپ ،گۈزەللىك قىممەت قاراشلىرىمىز پەلسەپىۋى لوگىكىلىق تەپەككۇر يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلمەي تۇرۇپ قاينام شەكىللىك قۇيۇنغا ئوخشاش رەڭگارەڭ مەدەنىيەت دۇنياسىدا مەۋجۇتلۇقىمىزنى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ. تەبئىي پەننى نوقول قورال پەن دەپ قارايدىغان،ئۇنىڭ ئىنسانىيەت جۈملىدىن تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ ئىدىيە سېتسىمى بەرپا قىلشقا كۆرسەتكەن زور يېتەكچلىك رولنى تەكتىلمەسلىك،پۈتۈنلەي ئاۋامى مەدەنىيەتنى چىقىش قىلغان ئويغۇتۇش پىكىرلىرى بىلەن  گېزىت ژورناللارنىڭ بەتلىرنى ئىسراپ قىلىپ ھەقىقى ئەقىلليلەشكەن دەۋرنىڭ ئالدىغا چىقارغىلى بولمايدۇ.
شۇڭلاشقا تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان تەبئىي پەن ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى تەشەببۇسلىرى تور ۋاستسى ئارقىلىق بىزگە تەسىر كۆرسەتتى. بىزدىكى ئىلىم پەن ژورنال مەجمۇئەنلەرنىڭ ئېتىبارغا ئېرشمەسلىكىگە يارىشا توردىن ئىبارەت زامانىۋى قورالغا ئۇلىشالىغانلىقىمىزنىڭ ئۆزى تەبئىي پەننىڭ ئۆزنىڭ غىمنى ئۆزى ئورۇندالايدىغان كۈچنى نامايەن قىلالىدى چۈنكى تور ئېنتىرنىت ماھىيەتتە تەبئىي پەننىڭ مەھسۇلى ئىدى.

66

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   99.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2597
تۆھپە : 12930
توردىكى ۋاقتى: 6380
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
7#
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 21:19:55 |ئايرىم كۆرۈش
kuxlan يوللىغان ۋاقتى  2013-10-6 20:12
بىر كۆرەي ناملىق شېئىر يېزىۋاتامسىز نېمە ؟ قاسمكامنىڭ  ...

راسىت،شۇنداق شېئىر يازسىمۇ بولغىدەك:

بىر تەرەپكە نۇر كەبى ئايلانمىغاننى بىر كۇرەي،
تاكى ئايلانغان تامان قېيسايمىغاننى بىر كۇرەي.

«تۇز بولۇر ھەركەت»دىبان ،كاج تالاشقانلار تېخى،
ماڭلىيىنى مۇشتلۇشۇپ،ئويلانمىغاننى بىر كۇرەي.

ئايلىنور چەرخى پەلەك،كۇللى كەۋكەپ،زەررىچە،
ئۇشبۇ قاينامدا ھامان قايمىغاننى  بىر كۇرەي.

بىر ئىلاھى زەررىنىڭ ئىلتىپاتى بارچىسى،
نامى «ئېن»دىن ئۇزگىسى جايلانمىغاننى بىر كۇرەي.

ئۇشبۇ قانونغا گۇۋاھ تۇرسا لەۋھۇل مەھپۇزى،
قايسى ناھەق ،قايسى ھەق ،ئايرالمىغاننى بىر كۇرەي!....

  _ قاسىم سىدىق
2013.10.6

2

تېما

3

دوست

3190

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 917
توردىكى ۋاقتى: 447
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
8#
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 22:00:28 |ئايرىم كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2013-10-6 21:19
راسىت،شۇنداق شېئىر يازسىمۇ بولغىدەك:

بىر تەرەپكە نۇر ...

قالتىس كەلتۇرۇپلىغۇ قاسىمكا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )