قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1613|ئىنكاس: 25

كارخانا تەرەققىي قىلمىسا، مىللەت تەرەققىي قىلمايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئوغۇز قاغان پۇشتىمەن،بوۋامدەك

3

تېما

2

دوست

531

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22057
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 23:16:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زۇلپىقار ئەبەي

زۇلپىقار ئەبەي


كارخانا تەرەققىي قىلمىسا، مىللەت تەرەققىي قىلمايدۇ

     شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ئېلاۋەسى: تائاملىرىمىزدىن پەخىرلەنمەيدىغانلىرىمىز يوق، ئەمما تائاملىرىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، تائام مەدەنىيىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتىمىز دەيدىكەنمىز، دۇنيانىڭ ئىلغار تائام مەدەنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز، تائام مەدەنىيىتىمىزنى بېيىتىشىمىز، ئەڭ مۇھىمى يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشقا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك، تاماقخانىلارنى شاھ ئوردىسىدەك بېزەپ، تاماقنىڭ باھاسىنى ئامېرىكا، ياپونىيەنىڭ تاماق باھاسىغا يەتكۈزۈپ ئەمەس، بەلكى ئىلغار ئىدىيە، يېڭى پىكىر بىلەن توختىماي يېڭىلىق يارىتىپ، تائام مەدەنىيىتىمىزنى نۇرلاندۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قانداق قىلغاندا تائاملىرىمىزنى دۇنيادىكى بازارلىق تائاملار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرغىلى بولىدۇ؟ تائاملىرىمىز قانداق ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ۋە شاخلىتىپ، يېقىندا شىنجاڭ «ھەرەمباغ» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى زۇلپىقار ئەبەيدۇللا بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
شىنجاڭ ھەرەمباغ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى زۇلپىقار ئەبەي  
ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ئامالسىز مېڭىپ قالدىم
       مۇخبىر: ئەسلىدە سىز دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ بىر كارخانىدا مەمۇرىي خىزمەت قىلغانىكەنسىز، كېيىن قانداقلارچە خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىپ قالدىڭىز؟
      زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: 20 نەچچە ياشقا كىرگەن چاغلىرىم ئىدى، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن، ئېنگلىز تىلى ئۆگەندىم، چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتتۈم، چەت ئەلگە چىقىپ ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشتىم، ئەمما يول كىراسىغا كېتىدىغان 6000 ئامېرىكا دوللىرىنى غەملىيەلمەي قالدىم. 1996-يىلى 6000 ئامېرىكا دوللىرى تەخمىنەن 50 مىڭ يۈەنگە توغرا كېلەتتى، مېنىڭ ئىش ھەققىم ئاران 400 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى، ئائىلىمىزدە ئالتە بالا بولغاچقا، بانكىغا 50 مىڭ يۈەن ئەمەس، 5000 يۈەنمۇ قويۇپ باقماپتىكەن، شۇ سەۋەبتىن تونۇش-بىلىشلەردىن قەرز ئېلىپ، 50 مىڭ يۈەن غەملەش مۇمكىن بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلاندى، ھاياتىمدا پۇلنىڭ شۇ قەدەر مۇھىملىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم. پۇل تېپىش ئۈچۈن، خىزمەتتىكى بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇششاق تىجارەت قىلدىم. دەسلەپتە ئۈرۈمچىدىكى توپ سېتىش بازارلىرىدىن كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋېلىپ، كوچىدا سېتىپ ئۇششاق تىجارەت قىلدىم. كېيىنچە خىزمەتتىن ئىستېپا بەردىم. ئۈرۈمچىدىن توپ سېتىۋالغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا ئاپىرىپ توپ ۋە پارچە ساتتىم، كېرەكسىز تۆمۈر-تەرسەك تىجارىتىمۇ قىلدىم. قولۇمغا ئازراق پۇل كىرگەندىن كېيىن، ئىككى دوستۇم بىلەن شېرىكلىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ «بۇلاقبېشى» كوچىسىدا ئاشخانا ئاچتىم. مەن ئاشخانىنى چىرايلىق بېزەپ، ئاچقان بولساممۇ، ئاشخانا خېرىدارلارنى ئانچە جەلپ قىلالمىدى. ئىككى شېرىكىم ئاشخانىنى ماڭا قالدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت يولىغا ماڭدى. شۇ چاغدا ئۈچەيلەن بىرلىشىپ، بەش خىل مېتال بۇيۇملىرى دۇكىنىنى ھۆددىگە ئالغانىدۇق. بۇ دۇكاندىن زىيان چىقىپ، ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم سوتقا چۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇم، سوتتا مەن 60 مىڭ يۈەن قەرز قايتۇرۇشقا بۇيرۇلدۇم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 1996-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1998-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە پۇل تاپىمەن دەپ تىجارەت قىلىپ، ئەكسىچە 60 مىڭ يۈەن زىيان تارتتىم.
        مەن مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي، ئاشخانا ئېچىشنى داۋاملاشتۇردۇم. گەرچە بۇ جەھەتتە كەسىپ ئەھلى بولمىساممۇ، ئاشخانا تىجارىتىنى بارا-بارا ياقتۇرۇپ قالدىم. مەن ئاچقان ئاشخانا ئەتراپتىكى ئاشخانىلاردىن ئېسىل بېزەلگەن، تامىقى تەملىك بولسىمۇ، ئەتراپتىكى ئاشخانىلار توشۇپ كەتكەندە، ئاندىن مېنىڭ ئاشخانامغا خېرىدارلار كىردى، مەن شۇ چاغدا كۆپ ئويلاندىم، دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدا ئېچىلغان ئاشخانىلارنىمۇ كۆپ كۆزەتتىم، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن تەجرىبە ئۆگىنىش مۇھىم دەپ قاراپ، ئەينى چاغدىكى «گۈزەل ھايات» رېستورانىنى ئاچقان زەكىيە خانىمنى ئىزدەپ باردىم، زەكىيە خانىمدىن يول كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم. مەن كەچلىرى خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان «گۈزەل ھايات» رېستورانىغا قاراپ، ئۇزاققىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. مەن ئاشخانا ئېچىش جەريانىدا لەڭمەننى قانداق ئېتىش، كاۋاپنى قانداق پىشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئۆگەندىم، ھەتتا قىيما كاۋاپنى 0.50 يۈەندىن سېتىپ، خېرىدارلارنى جەلپ قىلماقچى بولدۇم، ئەمما خېرىدارلار يەنىلا كۆپەيمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى «ياشلار» باغچىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كوچا دوقمۇشىدا «ھەرەمباغ» تاماقخانىسىنى ئاچتىم. 2000-يىلى تۇنجى قېتىم «ھەرەمباغ» تاۋار ماركىسىنى قوللاندىم.
تاماقخانىلىرىم مېنىڭ ئەسىرىم
        مۇخبىر: سىز ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندىڭىزمۇ ياكى مۇلازىمەتكە تايىنىپمۇ؟
زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: ئون يىلدەك ئاشخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمغا يېڭىلىققا، خاسلىققا ئىنتىلىشىم سەۋەب بولدى. مەن تاپقان پۇلۇمغا ئۆيمۇ سېتىۋالالماي، ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە ئولتۇرۇپ، تاماقخانىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بېزىدىم، مۇلازىملارنىڭ كىيىمىنىمۇ جەلپ قىلارلىق لايىھەلەپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلىدىم، تۇنجى «ھەرەمباغ» تاماقخانىسىنى ئاچقاندا تاڭجاڭلار دەۋرى ئاخىرلاشقان بولۇپ، تاماقخانىلاردا خېرىدارلار بۇيرۇتقان تائام ۋە قورۇمىلارنى مۇلازىملار تىزىملايدىغان يېڭىچە تىجارەت شەكلى باشلانغانىدى، مەن تاماقخانا تىجارىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن، باشقا مۇلازىملارغا ئوخشاش مۇلازىمەتچىلىك قىلدىم، تاماق ئېتىلىدىغان ئۆينىڭ تازىلىقىغا مېھمان كۈتىلىدىغان ئۆيدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم، ئورۇننى ياخشى تاللىغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن، تاماقخانىنىڭ تىجارىتى ياخشى بولدى، خېلى كۆپ ئىقتىساد توپلىدىم، ئەڭ مۇھىمى تەجرىبە توپلىدىم. تائاملارنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مۇلازىمەتكە كۈچەيدىغان بولدۇم، مەن تاماقخانا ئاچقانسېرى تاماقخانا تىجارىتىگە بولغان مېھرىم ئاشتى، مەندە خۇددى شائىر، رەسساملار نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقانسېرى نادىر ئەسەر ياراتقۇسى كەلگەندەك، تاماقخانىنىڭ تىجارىتى ئاققانسېرى يېڭى تاماقخانا ئاچقۇم كېلىدىغان، يېڭىلىق ياراتقۇم كېلىدىغان، ئۆزۈمنىڭ تاماقخانىسىدىن ئۆزۈم ھۇزۇرلىنىپ كېتىدىغان روھىي ھالەت شەكىللەندى. مېنىڭچە، «ھەرەمباغ» تاماقخانىسىنى ئېچىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدىكى سەۋەب، تاماقلىرىمىزنىڭ تەمى باشقىلارنىڭكىدىن ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى تاماقخانىمىزنىڭ بېزىلىشى، مۇلازىمىتى باشقىلارنىڭكىدىن ياخشى بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
سېتىۋاتقىنىم تاماقلا ئەمەس، مەدەنىيەت
         مۇخبىر: كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان «جام» چايخانىسىنى ئېچىشقا قانداق ئىدىيە تۈرتكە بولغان؟
زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: مەن « ھەرەمباغ» تاماقخانىسىنى ئېچىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن تارتىپ، داۋاملىق يېڭى تاماقخانىلارنى ئاچقۇم كېلىدىغان، توختىماي يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان بولۇپ قالدىم. «جام» چايخانىسىنى ئېچىشتا ساياھەتچىلىكنى ئويلاشقانىدىم، ساياھەتچىلەرگە تاماقلا ئەمەس، مەدەنىيەت سېتىشنى مەقسەت قىلدىم. 2005-يىلى ب د ت تەرىپىدىن ئۇيغۇر 12 مۇقامى دۇنيا جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ تۈرتكىسى بولسا كېرەك، «جام» چايخانىسىنى ئاچقاندا ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا بېزەشكە ئالاھىدە كۈچىدىم، مېھمانلارنى مېھماندەك كۈتۈشكە، يەنى ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن مۇلازىملار مېھماننى ئىشىك ئالدىدا كۈتۈۋېلىش، مېھمان چايخانىغا كىرگەندە قولىغا سۇ بېرىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى مېھمان كۈتۈش ئادەتلىرىمىزنى قوللاندىم. بولۇپمۇ تاماق بىلەن مەدەنىيەتنى، جۈملىدىن مۇقامنى بىرلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچىدىم. قەدىمدىن بۇيان سازەندىلەر، مۇقامچىلار پەگادا ئولتۇرۇپ كەلگەنىدى، ئەمما مەن يېڭىلىق يارىتىپ، سازەندىلەر، مۇقامچىلارنى تۆرگە ئورۇنلاشتۇردۇم. نەتىجىدە، ساياھەتچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقامنى قەدىرلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەسىراتقا ئىگە بولدى، سازەندە، مۇقامچىلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشتى. بۇ چايخانا كىشىلەر ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلىرىنى كۈتىدىغان سورۇنغا ئايلانغانىدى. «جام» چايخانىسىنىڭ سودىسى ئوبدان بولدى، دېمەك، مەن «جام» چايخانىسىدا تاماقلا ئەمەس، مەدەنىيەت ساتتىم.
تاماقخانامدا قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىقنى ئۇچراشتۇردۇم
        مۇخبىر: «ھەرەمباغ» چايخانىسى (يەنى «ئېدىن» چايخانىسى) قەدىمكى ئۆيلەردەك بېزەلگەن بولسىمۇ، مېھمانلار چايخانىدا تورغا چىقالايدىكەن، يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قورۇمىلىرى ۋە چەت ئەل تائاملىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن. بۇنداق مەنزىرە كىشىگە خۇددى تىلسىمات كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. سىز مانا مۇشۇنداق ئۈنۈمنى قوغلاشقانمۇ؟
زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: شۇنداق، «ھەرەمباغ» چايخانىسىغا كىرگەن ئادەم خۇددى قەدىمىي ئۆيلەرگە كىرىپ قالغاندەك، قەدىمكى دەۋرگە قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەمما ھازىرقى زاماندىكى ئورۇندۇق، شىرە ھەم كومپيۇتېرلارنى كۆرۈپ، زامانىۋىلىق بىلەن ئۇچرىشىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدىكەن، مەنمۇ ھۇزۇرلىنىپ كېتىمەن. مۇشۇ كەسىپنىڭ نېنى يەۋاتقانىكەنمەن، دۇنيا ئېقىمىغا، كەسىپ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىشىم كېرەك. كىيىم-كېچەكلىرىمىز ئاللىبۇرۇن مىللەت چېگراسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسىمۇ، تاماقخانىلاردا يەنىلا ئەنئەنىۋى تائاملار يېيىلىۋاتىدۇ، باشقا ساھەلەردىمۇ ئىلغارلىشىپ كەتتۇق. بۈگۈنكى كۈندە تاللىشىمىز كەڭ دائىرىلىك، كۆپ خىللىققا يۈزلىنىۋاتىمىز. بىز يېمەك-ئىچمەكتە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، خېرىدارلارنى يېڭىچە ئىستېمالغا يېتەكلىدۇق. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى كىچىك راكنى ئۇيغۇرلار يېمەيتتى، مەن ئۆزۈممۇ يېمەيتتىم، دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىگە بارسام، ياۋروپالىقلار، ئەرەبلەر راكنى ئىستېمال قىلىدىكەن، دەسلەپتە ئۆزۈم يېيىشنى ئۆگەندىم، «ھەرەمباغ» چايخانىسىنى ئاچقاندا راك چىقاردۇق، ھەپتىدە بىر-ئىككى تەخسە سېتىلدى، كېيىنچە ياشلار راكقا كۆنۈپ كەتتى، كۈنىگە ئون نەچچە تەخسە سېتىلىدىغان بولدى، بىز ئىستېمالچىلارنى ياۋروپاچە تائاملارنى ئۆز پېتىلا ئەمەس، بەلكى ئىستېمالچىلار قوبۇل قىلىدىغان ھالەتتە چىقاردۇق، ياۋروپالىقلار قېلىن توغرالغان كالا گۆشىنى %70 تىن %80 كىچە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ، تۈرك كاۋىپىمۇ خامراق پىشۇرۇلىدۇ، ئەمما بىز قېلىن توغرالغان كالا گۆشىنى %100 پىشۇرۇپ، تۈرك كاۋىپىنى كۆيدۈرۈپرەك پىشۇرۇپ، ئىستېمالچىلىرىمىزنىڭ ئادىتىگە يېقىنلاشتۇردۇق، پىسانىمۇ گۆشنى كۆپ سېلىپ ئەتتۇق. نەتىجىدە، خەلقىمىز چەت ئەل تائاملىرىغىمۇ ئامراق بولۇپ قالدى.
       مۇخبىر: ياۋروپا، جۈملىدىن تۈركىيە تائاملىرىنى ئىستېمالچىلىرىمىزغا يېقىنلاشتۇرۇپ، تائاملىرىمىزنى بېيىتتىڭلار، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىمىزنىمۇ دۇنياغا يۈزلەندۈرگىلى بولارمۇ؟
        زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: ھازىر دۇنيانىڭ تەرەققىياتى شۇنداق تېز، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەھسۇلات شۇنداق تېز تارقىلىۋاتىدۇ، دۇنيا كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ، ئىلغار نەرسە چىقسا، پۈتكۈل دۇنيا تېزلا قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلغان جايلارنىڭ نەرسىلىرى تېز تارقىلىدىكەن، تەرەققىي قىلمىغان جايلارنىڭ نەرسىلىرى ئاستا تارقىلىدىكەن، تاماقلىرىمىز قۇۋۋەتلىك، تەملىك بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان نەرسىلەرنى ساقلاۋەرسەك، دۇنيانىڭ يۈزلىنىشىگە ئەگىشەلمەيمىز، ھازىر ئېھتىياج كۆپ خىللىشىپ كەتتى، تاماقلىرىمىز قۇۋۋەتلىك بولسىمۇ، ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك، مەسىلەن، پولۇنى ئامېرىكىدا ساتساق، ئىستېمالچىلار قوشۇقتا يەمدۇ ياكى ۋىلكا، پىچاق تىزىپ قويامدۇق؟ بۇ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئويلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چەت ئەلنىڭ بەزى يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ خادىملىرى بىز چىقارغان چەت ئەل تائاملىرىنىڭ بازىرى ئىتتىكلىكىنى ئاڭلاپ، خوتەن شەھىرىدىكى تاماقخانىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپتۇ. ئەنئەنىۋى تائاملىرىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش دېيىش ئاسان، قىلماق تەس ئىش. ئەمما ئەنئەنىۋى تائاملىرىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش بىزنىڭ نىشانىمىز، غايىمىز. ئۇيغۇر تائاملىرى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئۇيغۇر تائاملىرىنى چوقۇم دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك، خۇددى كىيىم-كېچەكلىرىمىزگە ئوخشاش دۇنياغا يۈزلەندۈرمىسەك، ھامان سىقىپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. 10  20 يىلدىن كېيىن قانداق بولار؟ ئۆزىمىزنىڭ تائاملىرىغىلا ئېسىلىۋالساق، ئۇيغۇر تائاملىرىنى ساقلاپ قالالماسلىقىمىز مۇمكىن.
كارخانا تەرەققىي قىلمىسا، مىللەت تەرەققىي  قىلمايدۇ
       مۇخبىر: «ھەرەمباغ» نىڭ سىجىل ئۆزىگە خاس كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندىمۇ؟
زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: ئالدى بىلەن كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەي. شىركەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، شىركەت تەرەققىي قىلمايدىكەن، مىللەت تەرەققىي قىلمايدۇ، شىركەت تەرەققىي قىلمىسا، دۆلەتمۇ تەرەققىي قىلمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يانفون، كومپيۇتېر، ئايروپىلان قاتارلىقلارنى دۆلەت ياسىمايدۇ، شىركەت ياسايدۇ. بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، روناق تېپىشى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق. ئىقتىسادنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئۈچۈن، كارخانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. دۇنياغا ماسلىشىپ تەرەققىي قىلغان دۆلەت، مىللەت بولىمىز دەيدىكەنمىز، كۈچلۈك كارخانىلارنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىمىز يۈكسەلمىسە، مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قالالمايمىز. «ھەرەمباغ» پەرۋىش قىلىشقا تېگىشلىك بالا كارخانا، شىركەت بولۇپ قۇرۇلغىنىغا ئاران ئون يىل بولدى.
--------------------------------------------------------------------------------
       شىركەت، كارخانا قانداق بولۇشى كېرەك؟ خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ قائىدە-نىزاملىرى قانداق بولىدۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئەمدىلىكتە چۈشىنىشكە باشلىدۇق. خەلقئارادىكى كارخانىلار شىركەت ئۇقۇمىنى ئاللىقاچان شەكىللەندۈرۈپ بولغاندا، بىز شىركەت ئۇقۇمىنى چۈشىنىشكە باشلىدۇق، مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، شىركەت ئۇقۇمىنى ئەمدى چۈشىنىشكە باشلىدىم. ھازىر ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان يەككە ئىگىلىكتىن شىركەتلىشىشكە يۈزلىنىۋاتىمىز، شىركەت ئېڭىم ئائىلىۋى، شەخسىي شىركەت ئېڭىدىن ھالقىپ كەتتى. «ھەرەمباغ» شىركىتى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يولىنى تاللىدى، تاماقخانىمىز پاي قوشۇش شەكلىدە قۇرۇلدى، ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن شەھەرلىرىدە ئون پايچىكىمىز بار. ھازىر ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا بولۇپ جەمئىي يەتتە تاماقخانىمىز بار، تۆھپىسى چوڭ خادىملىرىمىزغا پاي ئايرىپ بېرىۋاتىمىز، ھەر بىر تاماقخانىمىزنىڭ ئايرىم پايچىكلىرى بار، مىليونېرغا ئايلانغان دىرېكتورلىرىمىز بار، بەزىلىرى بىر نەچچە تاماقخانىنى باشقۇرۇۋاتىدۇ، قەشقەردە پاي تۈزۈمىدە قۇرۇلغان ئۈچ تاماقخانىمىز بار، يەنە بىر تاماقخانا ئاچىمىز، يەنە ئۈچ پايچىكنى كۆپەيتمەكچى بولۇۋاتىمىز. شىنجاڭدىكى تەرەققىياتى تېز شەھەرلەردە «ھەرەمباغ» تاماقخانىسىدىن بىر نەچچىنى ئاچقاندىن كېيىن، شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشنى توختىتىمىز، بەش يىلغىچە ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ بازارلىرىغا كىرمەكچى بولۇۋاتىمىز، تيەنجىن شەھىرىدە تاماقخانا ئېچىپ باقتۇق، تىجارىتى خېلى يامان ئەمەس بولدى، بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بازارلىرىغا كىرىشتە خۇددى ناپاليون جەڭگە ئاتلانغاندا چېكىنىش يولىدىكى «كۆۋرۈك» لەرنى چۇۋۇۋېتىپ ماڭغاندەك بىزمۇ چېكىنىش يولىمىزنى ئۈزۈۋېتىپ كىرىمىز. پاي چېكى بازارغا سېلىنغان، ھەقىقىي رىقابەت كۈچى بار شىركەت قۇرۇشقا تىرىشىمىز.
       مۇخبىر: ياشلار «ھەرەمباغ»دا ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى تاپالامدۇ؟
       زۇلپىقار ئەبەيدۇللا: بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار، قوللايدىغانلارغا ئىشىك يېپىق ئەمەس، سېپىمىزگە قوشۇلۇڭلار دەپ تونۇش-بىلىش، دوست-بۇرادەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز، ئەمما قوشۇنىمىز ئاجىز، بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ كۆپى مەمۇرىي ئورۇنلارغا يىغىلىپ قالغانىكەن. بەزىدە ياشلار نېمىشقا كارخانىمىزنى تاللىمايدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ كېتىمەن. ئەمەلىيەتتە جەمئىيىتىمىزدە پۇقراۋى كارخانىلارغا بىر تەرەپلىمە قاراش مەۋجۇت ئىكەن. ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىسە خاتىرجەم بولىدىكەن، ياشلار ئاتا-ئانىلارنىڭ رايى بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان، ئاتا-ئانىلارغا تايىنىۋالىدىغان ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت. ياشلار ئازراق مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىسا، بۈگۈنكى كۈندە كۆپرەك ئىستىقبال تاپالايدۇ. چۈنكى، ھازىر دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىپ كەتتى، ياۋروپالىقلار ئامېرىكىدا، ئامېرىكىلىقلار ياۋروپادا ياشايدىغان، مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشايدىغان دەۋر كەلدى، ھەممىمىز بىر يەرگە توپلىشىۋالساق، ئارقىدا قالىمىز، بۇ سەۋەنلىكنى ئۆزىمىز ھەل قىلىشىمىز كېرەك، ئەڭ ئاۋۋال توغرا دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇشىمىز، دۇنيانى چۈشىنىشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، مۇھىمى ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بىز مۇلازىمەتچىلەرنى توغرا دۇنيا قاراش، غايە، ئارزۇ-ئىستەك تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، بەزى جەمئىيەت سەرخىللىرىنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ھەپتىدە ئىككى قېتىم دەرس سۆزلەتكۈزۈۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى بازار دۇنيا بازىرى بولۇپ كېتىدۇ، ھازىر تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق كارخانىلىرى بازىرىمىزغا كىرىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەكلىرى سېتىلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمىز قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ بۇمۇ بىر مەسىلە. كەلگۈسىدە دۇنيا مەمۇرىي خادىمنى تونۇمايدۇ، پەقەت ئىقتىدارلىقلارنى تونۇيدۇ. بىز «ھەرەمباغ»دىكى مۇلازىمەتچىلەردىن تارتىپ دىرېكتورلارغىچە ھەممەيلەننى پەرزەنتلىرى «ھاياتىڭدىن مەمنۇن بولغۇدەك نېمەڭ بار؟» دەپ سورىسا، ئۇلارغا پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بېرەلىگۈدەك تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز. جەمئىيەتتىكى بەزى ياشلىرىمىز ھارۋا سۆرەپ يۈرۈپ مېۋە-چېۋە سېتىپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇنداق قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئەمدى بەكمۇ تەس، بىز غايىلىك، ئىرادىلىك ياشلارنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلۇپ، بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
پىلانلىغۇچىلار:
دىلشات تۇرسۇن، مۇھەممەد يونۇس
مۇخبىر: قەيسەر ساۋۇت
(سۈرەتنى ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غۇجا ئەھمەد ئىدرىسى تارتقان)
مەنبە: ھەرەمباغ تور بېكىتى

0

تېما

1

دوست

921

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21674
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 16:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ھەممە ئادەم دىگىننى قىلالىغان بولسا ئىدى ، يەر شارى ئاللىقاچان كۈمپەيكۇم بوپكەتكەن بولارتى .
ياشاش ئۈچۈن يەيمەن ، يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن .....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

0

دوست

2114

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21727
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 17:37:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقتىسادى تايانچىسى بولمىغان مىللەت ھامان باشقىلارغا قۇل بولىدۇ،مەنىۋى مەدىنىيەتنى ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ھالدا زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئەۋلادلارنى ياراملىق تەربىيلەش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساس بولىشى كىرەك

0

تېما

2

دوست

5445

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1648
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 18:48:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تائام مەدەنىيىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش دېگەن ئىدىيىنىڭ خاتاسى يوق .  دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ئىچكىرىگە يۈزلەندۇرسەك تېخىممۇ نەتىجىلىك بولامدىكىن دەيمەن.چۈنكى ،1مىليارت 300مىليون ئادەمنىڭ گېلىمۇ كىچىك  بازار ئەمەس .
ئۇندىن باشقا ، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلىرىمىزدىن  قەلەيچىلىك ، تۆمۈرچىلىك قاتارلىق كەسىپلىرىمىزنى زامانىۋىلىشىشىقا يۈزلەندۇرۇپ ،گۇرجەك ، كەتمەن ،تاقا ۋە تاقا مىقى ياساشتىن ، تۇرمۇشقا كېرەكلىك ھەممە بۇيۇمنى ياساشقا تەرەقىي قىلغان بولساق ،ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى  بىزنى ھەرگىز نائۈمۈتتە قويمايتتى دەپ ئويلايمەن ..........

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

59

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4472
توردىكى ۋاقتى: 813
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 19:59:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغۇ ياخشى كىتىۋاتىدۇ .
لېكىن بىزدىمۇ ئېغىر - يىنىك سانائەت كارخانىلىرى كۆپلەپ قۇرۇلىشى زۆرۈر ئىدى . ھەييييييييي.................................

3

تېما

0

دوست

1417

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21742
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 416
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 20:00:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرمباغ  يىمەك -ئىچمەك شىركىتى مىللىتمىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى ئارتۇقچىلىقىنى ئىقتىسادى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ خەلىققە -دولەتكە ۋە ئوزىگە پايدىلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرمەكتە ،ھەرەمباغ يىمەك ئىچمەك شىركىتىنىڭ غۇلجىدىكى تارمىقى جەنۇبى رايۇن مىللى ئورىب-ئادەت مەھەللىسىدە ئىچىلىپ نەچچە يۇز ئىشسىز بالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى غۇلجىنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا ھەسسە قۇشتى مانا بۇ ئەڭ چوڭ توھپە..

3

تېما

0

دوست

1417

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21742
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 416
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 20:36:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز يىمەك -ئىچمەك ،ساياھەت  ساھەسىدە مەملىكەت ئىچى سىرتىدا باشقىلارنى بىسىپ چۇشىدىغان زۇر ئەۋزەللىككە ئىگە، تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەنمىز، ئوزىمىزدىكى ئالاھىدىكلەرنى ،بايلىقنى تولوق تۇنۇپ ۋە قىزىپ بۇ ئەۋزەللىكنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئىقتىسادى جەھەتتىن قەد كوتىرشىمىز كىرەك.
ھەرامباغ يىمەك ئىچمەك شىركىتى رايۇنىمىزدا يىمەك -ئىچمەك ساھەسىدە بۇسوپ چىققان شىركەتلەرنىڭ بىرىدۇر ،بۇ شىركەتنىڭ يىقىندا غۇلجا شەھەر قازانچى مەھەللە مىللى ئورىب-ئادەت كوچىسىدا شۇبە ئونۋىرىسال تاماقخانىسى ئىچىلدى ۋە نەچچە يۇز ئىشسىز ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە غۇلجىنىڭ يىمەك -ئىچمەك ،ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەقىياتى ئۇچۇن زۇر ھەسسە قوشتى .ھەرامباغ يىمەك ئىچمەك شىركىتىنىڭ تىخمۇ تەرەققى قىلىپ دولەت -ئىچى سىرتىدا زۇر شان شەرەپ قازىنىشىغا تىلەكداشمىز .

0

تېما

2

دوست

5663

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11691
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 445
تۆھپە : 1388
توردىكى ۋاقتى: 344
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 22:00:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوقۇقنىڭ قوللىشى بولمىسا بىكار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )