قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4623|ئىنكاس: 34

تۈركىيە ئاماسسىيادىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى (سۇرەتلىك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

1

دوست

919

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 99
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 17:31:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
تۈركىيە ئاماسسىيادىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى

«شاھزادىلەر شەھىرى» تۈركىيەدىكى ئاماسسىيا

«ئاماسسىيا شەھرى» تۉركىيەنىڭ ئوتتۇرا قارا دېڭىز رايۇنىغا جايلاشقان، ئاماسسىيا شەھرىدە ئۇيغۇر نايىسى دەيدىغان بىر ناھىيىسى بار, تۈرك تارىخى مەنبەلەردە بۇ ناھىيىدە ياشاۋاتقان كىشىلەنىڭ بۇندىن 700يىل ئاۋۋال يەنى ئەرەتنا ئۇيغۇر بەگلىگى مەزگىلىدە بۇ رايۇنغا كوچۇرۈپ كىلىنگەن ئۇيغۇر لارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىگىنى ئىلگىر سۈرۈدۇ, ئانداقتا 7مىڭ يىللىق تارىخىقا ئىگە ئاماسسىيا شەرىگە ئۇيغۇرلار 700يىل ئىلگىرى قانداق بولۇپ كىلىپ قالغان؟   
ئاماسسيا شەھرى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقان ۋىلايەتلىرىدىن بىرى. ئاماسيا شەھىرى بولسا ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەن يېشىل دەرياسى بويىغا جايلاشقان ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر شەھەر 134 مىڭ نوپۇسقا ئىگە كىچىك شەھەر بولسىمۇ، ئەمما ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ كۆپى پادىشاھ بولۇشتىن بۇرۇن بۇ يەردە ۋاليلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن بولغاچقا كىشىلەر بۇ شەھەرنى «شاھزادىلەر شەھىرى» دەپ ئاتايدۇ.ئىستانبۇلنى بېسىۋالغان فاتىھ سۇلتان مەمەتمۇ (مۇھەممەتمۇ) بۇرۇن ئاماسسىيەگە ۋالى بولغان.
        تۈركلەر 7 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان ئاماسسيانى 1075-يىلىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ قولغا چۈشۈرگەن شەھەردۇر. 1243-يىلى موڭغۇللار سەلجۇقىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئاماسسيانى ئىشغال قىلغان. تارىخى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شەھەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىشى 1243-يىللارغا توغرا كېلىدىكەن، چۈنكى چىڭگىزخان ئارمىيىسىدىكى باش قوماندانلار، مەسلىھەتچىلەر ئۇيغۇر ئىكەن. 1341-يىلىدا ئاماسسيا شەھىرى ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسا، 1386-يىلى شاھزادە يىلدىرىم بايېزىد تەرىپىدىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن .
ئاماسسىيادا ئوسمانلى شاھزادىلىرىدىن يىلدىرىم بايېزىد، چەلەبى مەھمەت، فاتىھ سۇلتان مەمەت، ئىككىنچى بايېزىد، ياۋۇز سۇلتان سېلىم، ئۈچىنچى مۇرات قاتارلىق شاھزادىلەر بىر مەزگىل ئاماسيادا ۋالىيلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەندىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى بولۇپ تەختكە ئولتۇرغان ئىدى.
        تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا ئۇ مەزگىلدە ئوسمانلى ئوردىسىدىكى پەرمانلار ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلغان بولۇپ، تارىخى مەنبەلەردە 1327-يىلىدىن 1381-يىلىغىچە ئاماسسيا ۋە ئاماسسيا بىلەن چېگرىداش بىر قانچە ۋىلايەت ئەراتنا ئۇيغۇر بەگلىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان، بۇ مەزگلىدە ئەراتنا دۆلىتى بۇ رايونلارغا كۆپ ساندا ئۇيغۇر لارنى ئېلىپ كېلىپ يەرلەشتۈرگەن ئىكەن بۇلارنىڭ ئورپە ئادەتلىرى يىمەك ئىچمەك لىرىمۇ ھېلىھەم ئاز ساندا ساقلىنىپ قەپتۇ ھازىرقى ئىنىقلاشلارغا قارىغاندا ئاماسسىيادا ئۇزى ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمىسىمۇ ئۇزۉنى مەن ئۇيغۇر دەپ ھىساپلايدىغان 7380 كىشى باركەن
        ئاماسسيا شەھىرىگە 32 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ شۇ ۋاقىتلاردا بۇ يەرلەرگە يەرلەششتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەن بەزى تارىخچىلار تۈركىيىدە يەنە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۇرمەكتە.

مۇناسىۋاتلىك رەسىملەر:


ئاماسسىيادىكى قەدىمقى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئايال جامائەتلەر داستىخاندا پولو يىمەكتە











بۇلار ئىستانبۇل ئەنقەرەلەردىن ئارلىقى تەخمىنەن 1500 كىلومىتىر دىن يىراق يەردە تۇرغاچقا يىمەك ئىچمەك ۋە باشقا جەھەتلەردە بەزى ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان ئوخشايدۇ





بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى: كەڭساي تورى(باقى مۇنبىرىدىن يوتكەلدى)


قارام سوپى

7

تېما

2

دوست

3257

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 160
تۆھپە : 879
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 19:15:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىكەنغۇ؟مىنىڭ ئەجدادىم تۈركىيەلىككەن.خەپ تۈركىيەگە چىقىپ قالسام تۈركلەر بىلەن بىر دەۋالاشمىسام؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

693

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21920
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 21:06:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار توغۇرسىدا  يېڭى - يېڭى بايقاشلار ئوتتۇرغا چىققىلى تۇرۇپتۇ ، بۇ بىر ياخشى ئەھۋال.

27

تېما

2

دوست

3429

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 680
تۆھپە : 611
توردىكى ۋاقتى: 273
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 21:11:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن بۇ خەۋەرنى بۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ ئەمما تېمىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن. مەندىمۇ ئىككى پارچە سۈرەت بار ئىدى ئەمما يوللىيالمىدىم.

alkANAT

0

تېما

10

دوست

3765

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 1028
توردىكى ۋاقتى: 457
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 21:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىمىغان گەپلەركەن. تۈركىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىز توغرۇلۇق قانچىلىك ئىشلارنى بىلىدىغاندۇ ھە!

13

تېما

1

دوست

919

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 99
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 21:40:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاماسيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى بارمۇ؟

    17-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيەنىڭ ئاماسيا ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ناھىيىسىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىز جەريانىدا ئاماسيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا ئىزدەندۇق. 73 ياشلىق ئالىي رىزا دۇران ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاماسيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن تىل جەھەتتىن بەزى ئوخشاشلىقلىرى بولۇپلا قالماستىن، تۈركلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر ئۆرپ-ئادەتلىرى يوق ئىكەن.
    ئالىي رىزا دۇران ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە ئاماسيا ئۇيغۇرلىرىغا خاس بىر ئۆرپ-ئادەتنىڭ قالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏   -بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىزگە خاس ئالاھىدىلىكىمىز قالمىدى. ئەلۋەتتە بەزى ئوخشىمايدىغان ئادەتلىرىمىز بار. مەسىلەن، يېنىمىزدا تاتار ۋە چەركەز يېزىلىرى بار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن بىزنىڭ ئادەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا بەزى ئوخشىماسلىقلار بار.
    73 ياشلىق ئېلى رىزا دۇران ئەپەندى ئاماسيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تاماق كۈلتۈرىدە بەزى ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
    ‏- گۆممە يەنى ئۇيغۇرلاردىكى كۆمەچ، بۆرەك ئۇيغۇرلاردىكى پۆرە، قاتمەر ۋە گۆزلەمە يەنى قاتلىما قاتارلىق تاماقلارنى ئۇيغۇرلار كۆپ قىلىدۇ. خېمىر تاماقلىرى بىزدە بەكلا كۆپ.
    ئۇيغۇر ناھىيىسى تاغ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، تاغ ئۈستىدىكى مەيداندا ئاداق يەنى نەزىر ئۈچۈن قوي سويۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ۋەدات شاھىن ئىسىملىق كىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاداق يەنى نەزىر قىلىش ئادىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

https://www.facebook.com/
مەنبە: ئەلكىن مۇنبىرى

0

تېما

0

دوست

487

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   93.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15516
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 22:29:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندىستاندىكى  قەشقەرلىك بەگلەر توغرىسىدا بىر يازما بولىدىغان شۇنى بىلىدىغانلار يوللاپ قويساڭلار بولۇپتىكەن. رەخمەت

1

تېما

4

دوست

1629

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 466
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 22:36:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلىرىمىز دۇنيانىڭ قەيېرىدە بولمىسۇن ئادەمنىڭ كۆزىگە شۇنچە تونۇش، شۇنچە يېقىن كۆرۈنىدىكەن

13

تېما

1

دوست

919

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 99
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 22:57:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghurzat يوللىغان ۋاقتى  2013-10-8 22:29
ھىندىستاندىكى  قەشقەرلىك بەگلەر توغرىسىدا بىر يازما ب ...

2011 - يىلى تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى « ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەپ تارقاتقاندىن كېيىن ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە تۈرك جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

ئارقىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە تۈرك زىيالىيلار بۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە سەنئىتى ھەققىدە تەتقىقات قىلىشقا باشلىدى. بۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىچىدە قەشقەردىن كۆچۈپ بارغان «بەگلەر» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بىز بۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن «ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسورى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەرال ئۇچماز خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: مەرال ئۇچماز خانىم سىز ھىندىستاندىكى تۈركلەر ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە ئۇلارنىڭ تارىخىنىمۇ ئاڭلىتىپسىز،ئالدى بىلەن ھىندىستاندىكى تۈركلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز.

جاۋاب: تارىخىي ھىندىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇغال دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن مەقسەت موڭغۇللار بىلەن تۈركلەرنى پەرقلەندۈرۈش. بۇنىڭ يەنە بىر مەقسىتى بولسا بۇ تۈركىي مىللەتلەرنى تۈركلەردىن پەرقلىق قىلىپ كۆرسىتىش. بۇ ھەقتە يېقىنقى يىللاردىن بېرى بەزى تەتقىقاتلارمۇ بولدى. ھىكمەت بايۇرنىڭ «ھىندىستان تارىخى» ناملىق ئۈچ توملۇق ئەسىرى بار. ئۇندىن باشقا روبېرت كانفېيلد ھىندىستاندىكى تۈركلەرنىڭ پارىسلىشىپ كەتكەن تۈركلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بەزى بىتەرەپ كۆز قاراشتىكى غەربلىك تارىخچىلار بۇلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ. ئەمما ئومۇمىي دۇنيا تارىخىدا بۇلارنىڭ ئىسمى مۇغال دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. شۇڭا مەنمۇ ھىندىستانغا بېرىشتىن بۇرۇن مۇغال دېگەن نام بىلەن ئىزدىگەن چاغدا ھىندىستاندىكى تۈركلەر ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، «بابۇرنامە» چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان، كېيىن فارسچىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم بۈگۈنكى تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىندى. «بابۇرنامە» دە ھىندىستاندىكى تۈركلەرنىڭ تۈرك قەۋمىدىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.

بۇلارنىڭ مۇغال دەپ ئاتىلىشى ئىنگلىز پادىشاھى جامۇس 1 ۋاقتىدىن باشلانغان. جامۇس 1 ھىندىستانغا ئەلچى ئەۋەتىپ بابۇر بىلەن كۆرۈشىدۇ. بابۇر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇغال دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ.

سوئال: مەرال ئۇچماز خانىم سىز ھىندىستاندىكى تۈركلەر رايونىغا بارغاندىن كېيىن قانداق بىر مەنزىرە بىلەن ئۇچراشتىڭىز؟

جاۋاب: ئۇ يەردىكى تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن. بىناكارلىق تولىمۇ تەرەققىي قىلغان ئىكەن. بۇلار تىلىنى يوقىتىپتۇ، ئەمما ئۇ يەردىكى مەنزىرىنىڭ تۈركىي قەۋىملەر ياشايدىغان ئورتا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىدىكى مەنزىرىلەر بىلەن ئاساسەن پەرقى يوق. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى، بىناكارلىق ئەسەرلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن ھىندىستاندىكى قۇتۇپ مۇنارىنىڭ دەل ئوخشىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ۋە ئۆزبېكىستانلاردىنمۇ تېپىلىدۇ. بۇ ھەم ھىندىستان بىناكارلىق سەنئىتىنى بېيىتىدۇ. بىز ئۇچراتقان كىشىلەر ۋە مەنزىرىلەر بىزنى ھەيران قالدۇردى.

سوئال: ھىندىستاندىكى تۈركلەرنىڭ قايسى تارىخىي دەۋردە قايسى تۈركىي رايونلاردىن چىققانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بارمۇ؟

جاۋاب: ھىكىمەت بايۇرنىڭ، ئەردوغان مەرچىلنىڭ، سالىم جوھچىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتىققاتلىرىغا قارىغاندا ۋە غەربلىكلەرنىڭ مۇغاللار ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ دەسلەپ 5 - ئەسىردە ئاق ھۇنلار ھىندىستانغا كېلىشكە باشلىغان. 1010 - 1187 - يىللىرى غەزنەۋىلەر مەزگىلىدە، ئاندىن دەلھى تۈرك پادىشاھلىقى مەزگىلىدە ۋە بابۇر مەزگىلىدىمۇ تۈركلەر ھىندىستانغا يەرلەشكەن. تاكى ھىندىستان ئىشغالىغىچە تۈركلەرنىڭ ھىندىستانغا كۆچۈشى ئىزچىل داۋاملاشقان
مەسىلەن، كۆلەمەنلەر، خالاچلار، تۇغلۇقلار، بابۇرىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يىلتىزى تۈركلەردۇر. بۇ كىشىلەر ھازىرغىچە كۈلتۈرلىرىنى داۋام قىلماقتا. ئىسىملىرى ئارقىلىق ئۆز كىملىكىنى نامايان قىلماقتا. ئەڭ مۇھىمى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تۈركلۈك ئېڭى بار ئىكەن.

سوئال: مەرال خانىم ئۆزلىرىنى بەگلەر دەيدىغان تۈركىي خەلق ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز. ئۇلار ھەققىدە قانداق مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇڭلار؟

جاۋاب: شۇنداق ئۇ يەردە قەشقەردىن كەلگەن بەگلەر بار ئىكەن. بۇلارنىڭ يۈزى ئاقۇش كېلىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىكەن. بۇ تۈركىي خەلقلەر قەيەردىن كەلگەن بولسا شۇ ئەسلى كەلگەن يەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قوغداپ قاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزى ياشىغان رايوننىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچراپتۇ.


رەسىمدىكىسى: نۆۋەتتە ھىندىستاندا ياشاۋاتقان ئۆزلىرىنى<< بەگلەر>> دەپ ئاتايدىغان، قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى.


بەگلەر بىزگە قەشقەردىن كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. بىز ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىملەردە ئۇلارنىمۇ سۆزلەتتۇق، قەشقەردىكى ئادەتلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئادەتلىرىنى ۋە كۈلتۈرلىرىنى بۇ يەردە قانداق داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى، بالىلىرىغا بۇنى قانداق سىڭدۈرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بەگلەر بەك ياخشى ياشاۋېتىپتۇ. زىيالىيلىرى كۆپ ئىكەن. ئوقۇمىغانلارمۇ بار ئىكەن، ئەمما يەنىلا ئوقۇغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن.

سوئال: رەسمىي بولمىغان ئىستاتېستىكىلارغا ئاساسلانغاندا ھىندىستاندا 20 مىليون ئەتراپىدا تۈركىي خەلق بار ئىكەن. سىز ئۇچراتقان تۈركلەرنىڭ ئۆز تىللىرىنى قايتا ئۆگىنىش مايىللىقى بارمىكەن؟

جاۋاب: بولمامدىغان؟! ئۇ يەردىكىلەر ھەتتا بىر پارچە خەت يېزىپ بىزنىڭ ئۇنى باش مىنىستىرغا تاپشۇرۇپ بېرىشىمىزنى ئۆتۈندى. ئۇ خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان:

«بىزمۇ تۈرك، بىزنىڭ ئاۋازىمىزغىمۇ قۇلاق سېلىڭلار. بىز بۇ يەردە ياشاۋاتىمىز، ئەمما تۈركىيە ۋە شىنجاڭ رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىزنى تاشلىۋەتتى. كۈلتۈرىمىزنى ساقلاپ قالدۇق. ئەمما تىلىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق. بىز تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ بالىلىرىمىزنىڭ كۈلتۈرلىرىنى داۋام قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز. كۈلتۈر يوق بولسا ھەممە نېمە يوق بولىدۇ. ھەتتا دىنمۇ يوق بولىدۇ.»

تەتقىقاتچى مەرال خانىم ئۇلارنىڭ تۈركىيىگە بولغان مايىللىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۈركىيىدە ئوقۇتقۇسى بار ئىكەن. ئۇلار بىزگە يا ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيىگە بېرىپ تۈركچى ئۆگەنگۈسى بارلىقىنى، يا بولمىسا تۈركىيىنىڭ بۇ يەرگە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىستان بىلەن ھىندىستان، تۈركىيە بىلەن ھىندىستان رايونىنىڭ كۈلتۈر ئالاقىسى ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار ئۆز ئالدىغا تۈركلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇپتۇ. گېزىتلەرنى چىقىرىپتۇ. رادىيوسىمۇ بار ئىكەن. تولىمۇ ئەپسۇس،ئورتا ئاسىيادىكى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ۋە تۈركىيە رايونىدىكىلەر بۇلاردىن بىخەۋەر.

سوئال: بۇ فىلىم ئىشلەنگەندىن كېيىن ھىندىستاندىكى تۈركلەر بىلەن تۈركىيىدىكى تۈركلەرنىڭ ئالاقە ئورنىتىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟

جاۋاب: چەتئەلدىكى تۈرك ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىدىن يۈزگە يېقىن ھىندىستانلىق تۈركلەرگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدىغان بولدى. 20سى تۈركىيىگە كېلىپ بولدى. ھازىر تۈركىيىدە تۈركچە ئۆگىنىۋاتىدۇ. دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ ئۇلارنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلىمەكچى، بەزى ئوقۇغۇچىلار كېلىپ بولدى. ئۇندىن قالسا يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىمۇ ئۇ يەردە شۆبە قۇردى. ئۇلار تۈركلەرگە تۈركچە ئۆگىتىدۇ. ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بۇلارغا سەۋەپ بولۇشى ھەقىقەتەن بىزنى سۆيۈندۈردى.

بۇ ماقالە ئەنئەنە بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://www.blogbus.com/anana05-logs/230999607.html



  

0

تېما

0

دوست

216

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22354
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراڭلار ئۇلارنىڭ كىيمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققى ئەنئەنۋى كىيىملرى ئاۋۇ چوڭ ئاپىللىرمىز كىيۋالغاندەك بۇلدۇ،دوپپنىڭ ئۈستىگە ياغلىق ئارتىپ،شۇنداق قىلسا دىنىغمۇ زىت كەلمەيدۇ ھەم مىللىيچە خاسلىق گەۋدىلىنىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )